ئەلۋەتتە،مۇشۇنىڭغا ئوخشاش مەكتەپ مۇدىرلىرىمۇ بار،بىراق مىنىڭ قارىشىمچە بۇلار ئاز ساندا كۆپلىگەن مەكتەپ مۇدىرلىرى ئۆزىنىڭ يۈرەك قىنىنى مىللى مائارىپىمىز ئۈچۈن سەرىپ قىلىۋاتىدۇ،بۇنىڭ مىسالى ھەر يىلى ئىچكىرى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ھەرقايسى ئالى مەكتەپلەرگە ياخشى نەتىجىللىرى بىلەن ئۆتىۋاتقان ئوقۇغۇچىلاردا،بۇلارغا ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۇستازلىرىنىڭ ھەم شۇنداقلا كۆيۈمچان قابىلىيەتلىك مەكتەپ مۇدىرلىرىنىڭ ئەجرى مۇناسىپ باردۇر.
ھېلىقى قابىلىيەتسىز مائارىپچى قىياپىتىگە كىرىۋالغان «مالچى»لارغا كەلسەك ئۇلارنىڭ شۇنداق بولىۋىلىشىدا ئەلۋەتتە مائارىپ مەمۇرى تارماقلىرىدىمۇ مۇناسىپ مەسئۇلىيەت بار،تەشكىلات تارماقلىرىدىمۇ ھەم شۇنداق،
مىسالەن يىل ئاخىىرىدا ئاتالمىش ‹‹كاۋسا›› بولىدۇ نىمىشقا نەتىجىسى نەق مەيداندا ئىلان قىلىنمايدۇ؟ئېشىڭ ھالاپ بولسا كوچىدا يە دىگەن تەمسىل بار ئەمەسما ،نەخ مەيداندا ئىلان قىلىپ بىرەر‹‹مالچىنى››ئوسال قىلىنسا باشقىلار ئىبرەت ئىلىپ تۈزەلمەمدا (بولدى قاينىشىم مۇشۇ يەرگىچە بولسۇن)تىما ئىگىسىگە تەشەككۇر،قىيسىق ئىش بولسا مۇشۇنداق رەھىمسىز قامچىلاش كىرەك.
