تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版

كۆرۈش: 3305|ئىنكاس: 36

مەكتەپ مۇدىرىغا ئوچۇق خەت     [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

تىرىشچان ئەزا

توغراقجان

UID
10399
يازما
22
تېما
3
نادىر
0
جۇغلانما
622
تىزىملاتقان
2011-3-27
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-11
توردا
5 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-7 23:33:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەكتەپ مۇدىرىغا ئوچۇق خەت

ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ھۆرمەتلىك مەكتەپ مۇدىرى، ياخشى تۇردىڭىزمۇ ؟
ئەسلى بۇ خەتنى سىزگىلا قارىتىپ يازساممۇ بولاتتى، بىراق ئوچۇق خەت شەكلىدە يازسام، سىزگىلا ئەمەس، باشقا مەكتەپ مۇدىرلىرىغىمۇ پايدىسى تېگىپ قالارمىكىن، دەپ ئويلىدىم. چۈنكى، مائارىپ يالغۇز سىز بىر ئادەمنىڭلا ئىشى ئەمەس، بەلكى پۈتكۈل جەمئىيەت، مىللەت، خەلق ۋە دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشى. بولۇپمۇ سىزدەك مەكتەپ باشقۇرغۇچىلار ئۈچۈن تېخىمۇ شۇنداق. « كەلگۈسى 100 يىللىق تەرەققىيات مائارىپتىن باشلىنىدۇ » دەيدىغان شوئارىمىز بار ئەمەسمۇ.
مەن خىزمەتكە چۈشۈپلا، سىز بىلەن بىر ئىشخانىدا بىرگە ئىشلەپ كەلدىم، مۇناسىۋىتىمىزمۇ خېلى ياخشى بولۇپ كەلدى. بىراق، سىز ياش تۇرۇپلا ( خېلى بالدۇرلا دەپ قويساممۇ بولىدۇ ) مەكتەپ مۇدىرلىقىغا ئۆستۈرۈلۈپ قالدىڭىز. بۇنىڭغا سىزنىڭ ئىقتىدارىڭىز بىردىنبىر سەۋەپ بولدى، دەپ ئېيتالمايمىز، ئەلۋەتتە. چۈنكى مەكتەپتە سىزدەك ۋە سىزدىنمۇ بەكرەك ئىقتىدارلىق ئوقۇتقۇچىلار بار تۇرسا!؟ بىراق، مائارىپ ئىدارىسى رەھبەرلىكىنىڭ ھەممە ئادەمنىڭ ئىقتىدارىنى تەڭ كۆرۈپ يېتەلىشى ئەلۋەتتە مۇمكىن ئەمەس. بەلكىم بۇنىڭدا باشقا تۈرلۈك سەۋەبلەر بولۇشى مۇمكىن.
سىزنىڭ خىزمەتكە چۈشۈپلا قىلغان بىرىنچى ئىشىڭىز – مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچى، ئىشچى – خىزمەتچىلەرنى دەرىجىگە ئايرىشىڭىز بولدى. ھەقىقەتەنمۇ كۈلكىلىك. توردىكى قايسى بىر ماتېرىيالدىن « يۇەن سۇلالىسى ۋاقتىدا ئادەملەرنى تەبىقىغە بۆلۈپ، تىلەمچىلەرنى 7- تەبىقىغە، پاھىشەلەرنى 8- تەبىقىغە، زىيالىيلارنى 9- تەبىقىغە بۆلۈپتۇ. » دەپ ئوقۇغان ئىدىم ( بۇغۇ كونا گەپ ). بۈگۈنكىدەك مائارىپ يۈكسەك دەرىجىدىكى تەرەققىيات پۇرسىتىگە ئېرىشكەن دەۋردىمۇ، كىچىككىنە بىر يېزا ( بازار ) ئوتتۇرا مەكتىۋىدە ئوقۇتقۇچى، ئىشچى – خىزمەتچىلەرنىڭ دەرىجىگە ئايرىلىشى ئەقىلغە سىغمايدىغان دەرىجىدە مازاق قىلارلىق ئەمەسمۇ ؟
سىزنىڭ پۈتۈن مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچى، ئىشچى – خىزمەتچىلەر قاتناشقان چوڭ يىغىندا، سەھنىدە غادىيىپ ئولتۇرۇپ، ئايرىغان دەرىجىڭىز بويىچە بولغاندا، مەكتەپ پارتىيە ياچېيكا شۇجىسى بىلەن مەكتەپ مۇدىرى بىرىنچى دەرىجىگە، يانداش ( مۇئاۋۋىن ) مەكتەپ مۇدىرى ئىككىنچى دەرىجىگە، ئىلمىي مۇدىر، ئەخلاقىي تەربىيە مۇدىرى ۋە خوجىلىق مۇدىرى ئۈچىنچى دەرىجىگە، يانداش ئىلمىي مۇدىر ۋە ئوقۇتۇش تەتقىقات مۇدىرى تۆتىنچى دەرىجىگە، ھەرقايسى ئوقۇتۇش گوروپپا مەسئۇللىرى ۋە يىللىقلار مۇدىرى، ھەرقايسى بۆلۈم ئەزالىرى بەشىنچى دەرىجىگە، سىنىپ مەسئۇللىرى ئالتىنچى دەرىجىگە، قالغان ئوقۇتقۇچىلار يەتتىنچى دەرىجىگە، ئىشچىلار سەككىزىنچى دەرىجىگە تەۋە بولىدىكەن ( مۇشۇ بويىچە بولغاندا، مەن ئاران يەتتىنچى دەرىجىگە ئايرىلغان بولدۇممۇ ؟ ).
بىر ھەپتىگىچە سۆز – چۆچەك توختىمىدى. ھەرقايسىمىزنىڭ ئىسمى ئەمدى پالانچى مۇئەللىم ياكى پوكونچى خانىم ئەمەس، بەلكى ئانچىنچى ( ياكى مۇنچىنچى ) دەرىجىلىك بولۇپ قالدى، بۇغۇ چاقچاق گەپ. لېكىن، مەكتەپتەك بۇنداق بىلىم ئەھلىلىرى يىغىلغان ئورۇندا بۇ ھەقىقەتەنمۇ باشقىلار ئاڭلىسا مەسخىرە قىلغۇدەك ھەجۋى پاراڭ بولۇپ قالدى ( بۇ قېتىم يۆتكىلىپ بارغان مەكتىپىڭىزدىمۇ مۇشۇنداق دەرىجىگە ئايرىپ يۈرمىگەنسىز- ھە ؟! ) .
سىزنىڭ يىغىن ئېچىش ئۇسۇلىڭىز ئادەمنى تولىمۇ بىزار قىلىدۇ جانابى مەكتەپ مۇدىرى. مەكتەپتىكى جىمى ئوقۇتقۇچى – خىزمەتچىلەر يىغىن زالىغا تولۇق يىغىلىپ، بىرمۇنچە ساقلاپ زېرىككەندە، ئاندىن غادىيىپ كىرىپ، سەھنىدە ئولتۇرۇپ بولغان بىرىنچى، ئىككىنچى ۋە ئۈچىنچى دەرىجىلىك «ئەمەلدار» لارنى ئورنىدىن قوزغىلىپ، سىزگە ئورۇن بوشىتىپ بېرىشكە مەجبۇر قىلىپ تۇرۇپ، ئاندىن جايىڭىزغا ئولتۇرۇش سىز ئۈچۈن شۇنداق ھەيۋەتلىك بىلىنەمدىكەن ؟ شۇنچىۋالا كۆزلەرنىڭ سىزگە بىزارلىق تۇيغۇسىدا قاراشلىرىنى راستىنلا ھېس قىلمىدىڭىزمۇ ؟ ئۇنى ئاز دەپ بىر باشتىن ئىسىم بويلاپ يوقلىما قىلىشقا كەتكەن ۋاقىتچۇ ؟ يوقلىما قىلىشنىڭ ۋاقىت تېجەيدىغان باشقا ئۇسۇلى يوقمىكەن ؟ 150 كە يېقىن ئوقۇتقۇچى – خىزمەتچى، 2000 دەك ئوقۇغۇچى بار مەكتەپ ئۈچۈن بۇ نىمە دېگەن زور ۋاقىت ئىسراپچىلىقى !؟ ئۇنىڭ ئۈستىگە ئوقۇتقۇچىلارغا: «ئۇنى قىلمىساڭ خىزمەتتىن توختاپ، ئۆيۈڭدە ئارام ئال؛ بۇنى قىلمىساڭ مەكتەپ دەرۋازىسىدىن كىرمە، ئوينا. » دەپ كېتىشلىرىڭىزچۇ تېخى. ئالدى ئالتە يىل، كەينى ئۈچ يىل ئالىي مائارىپ تەربىيىسى ئالغان، « ئىنسان روھىنىڭ ئىنژېنېرلىرى » دەپ ئاتالغان ئوقۇتقۇچىلارغا مۇشۇنداق دېيىش نىمىگە ھاجەت بولۇپ قالدى ؟ ئۇنىڭسىزمۇ ئۇلارنىڭ تارتىۋاتقان جاپاسى ئازمىدى!؟ ئۇلارغا ئىلھام بەخش ئەتكىدەك بىرەر ئېغىز گېپىڭىزمۇ يوقمۇ ياكى ئارتۇق كېتەمدىكەن ؟ نۆۋەتچىلىككە كىچىكىپ قالغان بىر قانچە ئوقۇتقۇچىنى «سەن» لەپ تۇرۇپ ئورنىدىن تۇرغۇزۇپ قويغىنىڭىزدا، قانچىلىغان ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تېرىلىرى قۇرۇلۇپ كەتكەندۇر-ھە! چۈنكى ئۇلارنىڭ ئىچىدە سىزدىن ياشقا خېلىلا چوڭ، ھەممىدىن پىشقەدەم بىر ئايال ئوقۇتقۇچىمۇ بار ئىدى ئەمەسمۇ!
سىزنىڭ مەكتەپتە قىلغان يەنە بىر « چوڭ ئىش » ىڭىز – تۈرلۈك - تۈمەن قائىدە - تۈزۈملەرنى تۈزۈپ چىقىپ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ پۇت- قولىنى چۈشەپ قويۇش بولدى. مىسالەن ئالساق، قايسى بىر ئوقۇتقۇچى قاتتىق ئاغرىپ قالغان تەقدىردىمۇ، ئۆلۈپلا قالمىسا، مەكتەپكە كېلىپ سىزنىڭ رۇخسىتىڭىزنى ئالمىسا، داۋالىنىشىغا قەتئى رۇخسەت قىلىنمايتتى. سىزنىڭچە بولغاندا، مەكتەپتە ئادەم ئاساس قىلىنماي، قائىدە - تۈزۈم ئاساس قىلىنىشى كېرەكمۇ ؟ بۇ « ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنىڭ يادروسى – ئادەمنى ئاساس قىلىش » دېگەنگە پۈتۈنلەي خىلاپ ئەمەسمۇ ؟ سىز ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىدىن تېخىچە خەۋەرسىز ئەمەستۇرسىز- ھە ؟
سىز تۈرلۈك قائىدە – تۈزۈملەرنى تۈزۈپ چىقىپ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ پۇت – قولىنى چۈشەپ بولغاندىن كېيىن، خاتىرجەم ھالدا ئىدارىدىكى «سىز ئۈچۈن» لا ئېچىلىدىغان « تۈگىمەس » يىغىنلارغا ياكى « كاماندروپكا » لارغا كېتىۋېرىدىغان بولدىڭىز. چۈنكى بۇنداق «يىغىن» ياكى «كاماندروپكا» مەخسۇس سىزگىلا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، باشقا مەكتەپ مۇدىرلىرى ياكى مائارىپ ئىشخانا مۇدىرلىرى بارمىسىمۇ بولىۋېرەتتى. بۇنى مەكتەپتىكى « ئۇزۇن قۇلاق » لار ئاللىبۇرۇنلا ئۇقۇپ بولاتتى. مەكتەپ ماشىنىسىمۇ مەكتەپ خىزمىتى ئۈچۈن ئەمەس، مەخسۇس سىز ئۈچۈنلا چاپاتتى. شۇنىڭ ئۈچۈن مەكتەپ ماشىنىسىنىڭ پات – پاتلا ئۇيەر – بۇيەرلىرى « يېغىر » بولۇپ تۇرۇشى نورمال ئىش بولۇپ قالغان ئىدى. نومۇر تاختىيىمۇ ھەپتىلەپ « يوقاپ » كېتەتتى تېخى. يۇقۇرىدىن ماشىنىنى نەمۇ – نەگە بېرىپ ئويناپ كېلىشلىرىڭىز ئۈچۈن، مەخسۇس سىزگىلا ئاتاپ بەرگەنمىدى ؟ ھېلىقى قائىدە – تۈزۈملىرىڭىز بىرىنچى دەرىجىلىكلەردىن تۆۋەنلەرگىلا ئاتاپ تۈزۈپ چىقىلغانمىدى؟
مەكتەپ ئاشخانىسىنى كىمگە ھۆددىگە بېرىش ئىشىڭىزغا بىز ئەلۋەتتە ئارىلىشالمايمىز. بىراق تاماقنىڭ سۈپىتىگە ئەلۋەتتە دىققەت قىلىمىز. چۈنكى بۇ ئاشخانىدا تاماق يەيدىغان ئوقۇغۇچىلار بىزنىڭ بالىلىرىمىز، بىزنىڭ كەلگۈسىمىز، ۋەتىنىمىزنىڭ قۇرغۇچىلىرى تۇرسا، كۆڭۈل بۆلمەي بولامدىكەن؟
بىر قېتىم مەكتىپىمىزدە ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان « مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بويىچە زېھىن سىناش مۇسابىقىسى » نى سۈرەتكە تارتىۋاتاتتىم. يانداش مەكتەپ مۇدىرى ئاپپاراتنى ئېلىپ مەكتەپ ئاشخانىسىغا دەرھال كېلىشىمنى ئۇقتۇرۇپ ئادەم ئەۋەتىپتۇ. باردىم. نېمىنى كۆردىڭىز دېمەمسىز؟ توڭلاتقۇدا تۇرغىلى بىر يىل بولغاندەك كۆپ- كۆك كۆكىرىپ كەتكەن گۆشنى كۆرسىتىپ، يانداش مەكتەپ مۇدىرى ئاشپەزنى ھەدەپ تەنقىدلەۋېتىپتۇ. بۇمۇ تېخى يۇقۇرىدىن مەكتەپ ئاشخانىسىنى تەكشۈرۈشكە ئادەم كېلىدىغانلىقى ئۈچۈن بولۇۋاتقان تەييارلىق ئىكەن.  كۆرۈپلا كۆڭلۈم ئاينىپ، سەسكىنىپ كەتتىم. ئوقۇغۇچى بالىلار ئادەم ئەمەسمىكەن؟ شۇ ئاشخانىدا ئېتىلگەن تاماقنى ئۆيىڭىزگە ئاپىرىپ، ئارزۇلۇق قىزىڭىزنىڭ ئالدىغا قويۇپ بېقىڭچۇ، بىر قوشۇق يەپ بوغۇزىدىن ئۆتكۈزەلىسە، نېمىلا دېسىڭىز مانا مەن تەييار. مەكتەپ ئاشخانىسىنىڭ تامىقى توغرىسىدا بۇرۇنمۇ ئاڭلىغان ئىدىم، مانا ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرۈپ، ئۆز سىنىپىمدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭلا ئەمەس، ياتاقتا ياتىدىغان بارلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭمۇ سالامەتلىكىنى ئويلاپ، ئىچىم سىرىلىپ كەتتى. ياتاقتا يېتىۋاتقان ئوقۇغۇچىلاردا ئاشقازان كېسىلى ياكى قان ئازلىق كېسىلىنىڭ نىمە ئۈچۈن كۆپ كۆرۈلۈۋاتقانلىقىنىڭ سەۋەبىنى چۈشەنگەندەك بولدۇم. بىچارە ئوقۇغۇچىلار تاماقنىڭ ناچار، بەتتاملىقىدىن يېيىشكە ئامالسىز قېلىپ، ئۆيىدىن ئەكەلگەن نانلىرىنى يېيىشكە، بازاردىكى ئەرزان پۇللۇق ئەخلەت يېمەكلىكلەرنى يېيىشكە، ھەتتا ئاچ قورساق يۈرۈشكە مەجبۇر بولىدۇ. چۈنكى، يېمەك – ئىچمەكنىڭ باھاسى بارغانسېرى ئۈسۈۋاتقان بۇ كۈنلەردە، دېھقان پەرزەنتلىرىنىڭ بازاردىكى ئاشخانىلاردىن تاماق يېيىشكە قانداقمۇ قۇربى يەتسۇن. بىراق دۆلەت ياتاقتا ياتىدىغان ئوقۇغۇچىلارغا ئاجراتقان تاماق ياردەم پۇلى ئوقۇغۇچىلارنىڭ قولىغا تاماق بېلىتى شەكلىدە تارقىتىلىپ، مەكتەپ ئاشخانىسىدىن تاماق يېسۇن – يېمىسۇن، مەكتەپ ئاشخانىسىغا كىرىم بولۇپ قېلىۋېرىدۇ، بۇنىڭ شىرىنكانىسى سىزنىڭ يانچۇقىڭىزغىمۇ كىرىپ تۇرىدۇغۇ - دەيمەن، توغرىمۇ؟ بولمىسا نېمە ئۈچۈن مەكتەپ ئاشخانىسى توغرىسىدىكى پىكىرلەرگە قۇلاق سالمايسىز؟ نېمىشقا تاماقنىڭ سۈپىتى ياخشىلانمايدۇ؟ نېمە ئۈچۈن تەتىلنىڭ ئالدى – كەينىدىكى ئاي ئاخىرىغا توغرا كېلىپ قالغان بىر قانچە كۈنلۈك تاماق ياردەم پۇلى ئوقۇغۇچىلارغا تارقىتىلمايدۇ - يۇ، تاماق بېلىتى تارقىتىش جەدۋىلىگە ئوقۇغۇچىلارغا ۋاكالىتەن ئىمزا قويدۇرۇلىدۇ؟ نېمىشقا يۇقۇرىدىن ئوقۇغۇچىلارغا تاماق ياردەم پۇلى تارقىتىش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈشكە كەلسە، شۇنچە جىددىيلىشىپ، پايپېتەك بولۇپ كېتىسىلەر؟ دۆلەت ياتاقتا ياتىدىغان نامرات ئوقۇغۇچىلارغا ئاتاپ ئاجراتقان تاماق ياردەم پۇلىدا سىلەرنىڭ نىمە ھەققىڭلار بار؟
بۇ يىلقى « 1- ئىيۇن » بالىلار بايرىمىدا، دۆلەت تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان قىيىنچىلىقى  بار ئوقۇغۇچىلارغا ئاجراتقان ئوقۇش ياردەم پۇلىنى تارقىتىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى ( ئۇندىن بۇرۇنمۇ تارقىتىپ كەلگەن ئىدى ). شۇ چاغدا بىلدۇقكى، ئالدىنقى يىلى ئوقۇش پۈتتۈرگەن تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا بۇ ياردەم پۇل تارقىتىلماپتۇ. ئوقۇغۇچىلارغا ۋاكالىتەن سىنىپ مەسئۇلى تاپشۇرۇپ ئالدى. ئۆز ۋاقتىدا نىمىشقا تارقىتىلمىدى؟ دۆلەت ئۇنتۇپ قالغانمىدى؟ ياق – ياق، دۆلەت ھەرگىز ئۇنتۇپ قالمايدۇ. ھازىر دۆلەتنىڭ مائارىپ توغرىسىدىكى سىياسەتلىرى بارغانسېرى ياخشىلىنىپ، مائارىپقا ئاجراتقان مەبلىغى ھەدەپ كۆپىيىۋاتقان، ئوقۇغۇچىلارغا بېرىلىۋاتقان ياردەم بارغانچە كۆپىيىۋاتقان ۋەزىيەتتە، ئۇنچىلىك پۇلنى ئۇنتۇپ قالارمىدى؟ كېيىن بىلدۇقكى، بۇ پۇلنى سىز « ئۇنتۇپ » قالغان ئىكەنسىز. ئالدىنقى يىللىق پۇلنىلا ئەمەس، بۇ يىلقى ياردەم پۇلنىمۇ « ئۇنتۇپ » قالغىلى تاس قالغان ئىكەنسىز. ھېلىمۇ ياخشى سىنىپ مەسئۇلى تەرەپ – تەرەپتىن ئەھۋال ئوقۇشۇپ، بۇ پۇلنىڭ ئاللىبۇرۇن مەكتەپكە كېلىپ بولغانلىقىنى بىلىپ، سىزنىڭ سەمىڭىزگە سېلىپ، قايتا – قايتا سۈيلەش ئارقىلىق، سىزدىن دەككىسىنى يېيىش بەدىلىگە، بۇ پۇل ئوقۇغۇچىلارغا تارقىتىلغان ئىكەن. شۇنداقمۇ؟ ئەگەر شۇ مەسئۇلىيەتچان سىنىپ مەسئۇلى سۈرۈشتۈرمىگەن بولسا، بۇ پۇللارنى نەگە ئاپارماقچى ئىدىڭىز ؟ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەققىغە قىلىنغان خىيانەتنى قانداقمۇ كەچۈرگىلى بولسۇن !؟
مەۋسۈملۈك ئىمتىھان يېقىنلاشقاندا، بىرقانچە سىنىپنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى سىنىپقا چىقىپ، ئۆگىنىش قىلىۋاتقان ئىكەن. سىز يانداش مۇدىرنى چىقارتىپ، بالىلارنى سىنىپتىن قوغلىۋېتىپسىز (سىنىپ مۇدىرى مۇزاكىرىگە يېتەكچىلىك قىلىۋاتاتتى). سەۋەب بىرلا: »مەكتەپنىڭ توك پۇلى چىقىمى ئېشىپ كەتتى«. ياقامنى چىشلىدىم، مەكتەپتەك بىر بىلىم باغچىسىدا توك دېگەن نەرسە ئەقەللىيسى، ئوقۇ-ئوقۇتۇش ئۈچۈن، بالىلارنىڭ بىلىم ئىگىلىشى ئۈچۈن ئىشلىتىلمىسە، سىزنىڭ كېچىلىك بەزمىڭىز ئۈچۈن خىزمەت قىلىشى كېرەكمىدى؟ پارتىيە، ھۆكۈمەتنىڭ مائارىپ ئۈچۈن سېلىۋاتقان مەبلىغىنىڭ ئالدىدا، بۇنچىلىك توك پۇلى ئېغىزغا ئېلىشقىمۇ ئۇيىلىدىغان چىقىم ئەمەسمۇ؟
ئوقۇش پۈتتۈرىدىغان ئوقۇغۇچىلارغا تەكرار قىلىدىغانغا تۆۋەن يىللىقنىڭ دەرسلىك كىتابلىرى يوق، ھەتتا ئوقۇتقۇچىغىمۇ بىرەر تال تېپىلمىدى. چۈنكى، دۆلەت نامرات رايونلاردىكى ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن، يېزا مەكتەپلىرىدىكى نامرات دېھقان پەرزەنتلىرى ئۈچۈن نۇرغۇن مەبلەغ ئاجرىتىپ، ھەقسىز تەمىنلىگەن دەرسلىك كىتابلار مەۋسۈملۈك ئىمتىھان ئاخىرلىشىشى ھامانلا يىغىۋېلىنىپ، كېرەكسىز قەغەز قاتارىدا سېتىۋېتىلگەن. ھەتتا ئىلمىي بۆلۈم »كېيىنكى يىللىقتىكى ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن، يۇقۇرىلاپ ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن لازىم بولىدۇ« دەپ ئاتايىتەن ئايرىپ ئېلىپ قويغان كىتابلارمۇ قويماي سېتىۋېتىلگەن. بۇ كىتابلاردا ئانىڭىزنىڭ ياكى بالىڭىزنىڭ ھەققى بارمىدى؟ ئەمدى بالىلار قايسى كىتابلاردىن تەكرار قىلىدۇ؟ ئوقۇتقۇچىلار قايسى كىتابلاردىن تەكرار قىلىپ بېرىدۇ؟ مەكتەپنىڭ دېھقانچىلىق مەيدانىدىكى يەرلەرنىمۇ مەكتەپتىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەر قۇرۇلتىيىدا مۇزاكىرىگىمۇ سالماي، ئوننەچچە يىللىقنى بىراقلا سېتىۋەتتىڭىز، مەكتەپ مەيدانىدىكى ئوقۇغۇچىلار چېنىقىدىغان ۋە ئوينايدىغان ساپساق تەنتەربىيە ئەسلىھەلىرىنىمۇ چۇۋۇپ تاشلاپ، ئەسكى-تۈسكى قاتارىدا سېتىۋەتتىڭىز، پارتىيە، ھۆكۈمەت كەسپى مائارىپنى راۋاجلاندۇرۇش ئۈچۈن، زور دەرىجىدە مەبلەغ سېلىپ، كەسپى سىنىپلار ئۈچۈن سەپلەپ بەرگەن شۇنچىۋالا ئۈسكۈنىلەرمۇ ئىز-دېرەكسىز يوق. بۇ مەكتەپتە سىز ساتقىدەك يەنە قانداق نەرسىلەر بار ئىكەن، ئوبدانراق قاراپ بېقىڭ.
ئۆتكەن بىر يىلى ناھىيىلىك مەدەنىيەت تەنتەربىيە ئىدارىسىنىڭ تەشكىللىشىدە، ناھىيە بويىچە ياش – ئۆسمۈرلەرنىڭ ۋاسكىتبول مۇسابىقىسى ئۇيۇشتۇرۇلغان ئىدى. مەكتەپ تەنتەربىيە گوروپپىسىنىڭ مەسئۇلى مۇسابىقىغە قاتنىشىش ئىشى توغرىلىق يېنىڭىزغا كىرگىنىدە، سىز مەكتەپتە پۇل يوقلىقىنى باھانە قىلىپ، مەكتەپ ۋاسكىتبول كوماندىسىنى بۇ مۇسابىقىغە قاتناشتۇرۇشنى رەت قىلغانىكەنسىز. يېزا ئوتتۇرا مەكتەپلىرى ئىچىدە ئەڭ چوڭ مەكتەپ بولغان مەكتىپىمىزنىڭ مۇسابىقىغە قاتناشمايدىغانلىقىدىن خەۋەر تاپقان بۇ قېتىمقى پائالىيەتكە مەسئۇل يانداش ھاكىم سىزگە تېلېفون قىلىپ، راسا « دەككىڭىزنى بەرگەن » دىن كېيىن، قاتناشتۇرۇشقا مەجبۇر بولغانىكەنسىز. ھەيرانمەن، مەكتەپ ئىچىنى، جۈملىدىن ئىشخانىڭىزنى قايتا – قايتا بېزەشكە پۇل چىقىدىكەنۇ، ئوقۇغۇچىلىرىمىزنىڭ ئۆز ئىقتىدارىنى نامايەن قىلىدىغان، مەنىۋى تۇرمۇشىنى بېيىتىدىغان مۇشۇنچىلىك پائالىيەتكە ئەجەپ پۇل چىقماپتىغۇ ؟ 10 نەپەرگىمۇ يەتمەيدىغان كوماندا ئەزاسىنى ناھىيىگە ئاپىرىپ، مۇسابىقىغە قاتناشتۇرۇشقا قانچىلىك پۇل كەتمەكچىدى ؟ ئۇنىڭ ئۈستىگە، كوماندا ئەزالىرىغا توپچىلار كىيىمى ئېلىپ بېرىشنىمۇ تەلەپ قىلمىغان تۇرسا ، يىگىرمىدىن ئوشۇق كوماندا ئەزالىرىغا بىر يۈرۈشتىن توپچىلار كىيىمى ئېلىپ بېرىپ، مۇسابىقىغە قاتناشتۇرغان مەكتەپ مۇدىرلىرىنىڭ ئالدىدا يۈزىڭىز ئازراقمۇ چىمىلدىمىدىمۇ ؟ شۇنداقتىمۇ  خۇشھالمىزكى، بىزنىڭ ئاران سەككىز نەپەر ئوقۇغۇچىدىن تەركىپ تاپقان كوماندىمىز بۇ قېتىمقى مۇسابىقىدە پۈتكۈل مەيداندىكى تاماشىبىنلارنى ھاياجانغا سېلىپ، كارامىتىنى كۆرسەتتى. ھەتتا، ناھىيىلىك ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ ئىچىدە ئەڭ كۈچلۈك بولغان كوماندىنىمۇ خېلى تەمتىرىتىپ قويدى. بىراق، ئاخىرىدا ... قاراپ ھاياجاندىن ئىچىم سىرىلىپ كەتتى. ئىسىت، سىزدىن ئىلگىرىكى مەرھۇم مەكتەپ مۇدىرىمىز بولغان بولسا، بۇ چاغقا مەكتىپىمىزنىڭ تەنھەركەت پائالىيەتلىرىنى راۋاجلاندۇرۇپ، ھەرقايسى توپ كوماندىلىرىنى تەربىيىلەش – چېنىقتۇرۇش ئىشلىرىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، ناھىيە بويىچە ئالدىنقى قاتارغا ئۆتكۈزۈپ بولغان بولاتتى. شۇ تاپتا كاللامغا بىر سوئال كېلىپ قالدى، سىز زادى مەكتىپىمىزنىڭ قايسى ئىشلىرىغا بەكرەك كۆڭۈل بۆلىسىز ؟
ھە راست، مۇدىر، سىزنىڭ بالىڭىز بۇ مەكتەپتە كۆرۈنمەيدىغۇ؟ قايسى مەكتەپكە يۆتكىدىڭىز؟ ناھىيىلىك ئوتتۇرا مەكتەپكىمۇ؟ نېمىشقىمۇ يۆتكىۋەتكەنسىز. ئۆزىڭىز باشقۇرۇۋاتقان مەكتەپكە ئۆزىڭىز ئىشەنچ قىلالمىسىڭىز، باشقىلار قانداقمۇ ئىشەنچ قىلالىسۇن. بۇ يىغىپ ئېيتقاندا، يەنىلا ئۆزىڭىزنىڭ مەكتەپ باشقۇرۇش ئىقتىدارىڭىزغا ئىشەنچ قىلالمىغىنىڭىز ئەمەسمۇ؟ ئۆزىڭىزنىڭ مەكتىپىدە ئۆز بالىڭىزنى ئوقۇتالمىغان يەردە، مۇشۇنداق مەكتەپكە بالىلىرىنى بەرگەن ئاتا-ئانىلار ھەقىقەتەن ئەخمەقكەن. بولسا، شۇ ئاتا-ئانىلارنىڭ ھەممىسى بالىلىرىنى بىراقلا ناھىيىلىك ئوتتتۇرا مەكتەپكە يۆتكەپ ئەكەتكەن بولسا، سىز قۇرۇق مەكتەپكە مۇدىر بولۇپ ئولتۇرۇپ قالغان بولسىڭىز، قانداق ياخشى بولاتتى-ھە! دېمىسىمۇ، باشقا يېزىلاردىن مۇشۇ مەكتەپتە ئوقۇش ئۈچۈن كەلگەن بالىلارنى نېمە ئۈچۈن قايتۇرۇۋېتىسىز؟ ئاشۇ بالىلار سەبىي كۆڭلىگە نى ئارمانلارنى پۈكۈپ، ئاتا-ئانىلىرىنىڭ ئارزۇ-ئۈمىدىنى زىممىسىگە ئېلىپ، ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن كەلگەن تۇرسا، يەنە كېلىپ بەزىلىرى سىز ئىلگىرى مۇدىر بولغان مەكتەپتىن كەلگەن تۇرسا، ئۇلارنى قوبۇل قىلماسلىققا نېمە ئاساسىڭىز بار؟ دۆلەت تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭمۇ بارلىق خىراجىتىنى كەچۈرۈم قىلغاننىڭ سىرتىدا، يەنە ئۇلارغا ئوقۇش ياردەم پۇلى بېرىۋاتقان تۇرسا، ئۇلارنىڭ سىزگە نېمىسى ئېغىر كەلدى؟ ئۇلاردىن ھەق ئالالمايدىغانلىقىڭىز ئۈچۈنمۇ؟ بۇ مەكتەپ دۆلەتنىڭمۇ ياكى سىزنىڭ شەخسى مەكتىپىڭىزمۇ؟
مۇدىر، سىزنىڭ ھازىرغىچە بىرەر سائەت دەرس ئۆتۈپ باققانلىقىڭىزنىمۇ ئاڭلاپ باقمىدىم. بوپتۇ، «مەكتەپ بەك چوڭ، ئىشلار جىق، ۋاقتىم قىس» دەيدىغان باھانىڭىز بار، ھەقاچان. بىراق ھازىرغىچە بىرەر سائەت دەرس ئاڭلاپ باقمىغانلىغىڭىزنى، ئوقۇتقۇچىلار بىلەن پىكىرلىشىپ باقمىغانلىغىڭىزنى نېمە دەپ چۈشەندۈرىسىز؟ مەكتەپ خىزمىتىنىڭ يادروسى _ ئوقۇ-ئوقۇتۇش تۇرسا، سىز بىر سائەتمۇ دەرس ئۆتۈپ باقماي تۇرۇپ، بىر سائەتمۇ دەرس ئاڭلاپ باقماي تۇرۇپ، ئوقۇ-ئوقۇتۇش خىزمىتىگە قانداق رەھبەرلىك قىلماقچى؟ سىز مائارىپچىمۇ ياكى مائارىپچى قىياپىتىگە كىرىۋالغان «مالچى» مۇ؟
مېنىڭچە، سىز كۈندە مەكتەپ دەرۋازىسىنىڭ تۈۋىدە ئولتۇرۇپ، كېچىككەن، خىزمەت ۋاقتىدا مەكتەپ سىرتىغا چىققان ئوقۇتقۇچىلارنى نازارەت قىلىش، سوئال-سوراق قىلىش، مەكتەپكە لازىملىق تۈرلۈك لازىمەتلىكلەرنى ئۆزىڭىز بىۋاستە بېرىپ سېتىۋېلىش (مەكتەپتە كاسسىر بار) تەك ئەرزىمەس ئىشلارغا زېھنىڭىزنى چاچماي، مەكتەپ خىزمىتىنىڭ ئالدىنقى سېپى بولغان دەرسخانىغا، ئوقۇ-ئوقۇتۇش خىزمىتىنىڭ تايانچ كۈچلىرى بولغان ئوقۇتقۇچىلار ئارىسىغا، بىزنىڭ سۆيۈملۈك «دۈشمەن» لىرىمىز بولغان ئوقۇغۇچىلار ئارىسىغا كۆپرەك چۆكۈڭ. شۇندىلا مەكتەپنىڭ ئەھۋالىنى تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشىنەلەيسىز، مەكتەپ خىزمىتى ئۈچۈن ئۈنۈملۈك تەدبىر بەلگىلىيەلەيسىز، مەكتەپ باشقۇرۇش سەۋىيىڭىز ھەقىقىي تۈردە ئاشىدۇ. مەكتەپكە »ئەمەلدار« لىق نەزەر بىلەن ئەمەس، بەلكى بىر مائارىپچى، تەدبىرلىك مەكتەپ باشقۇرغۇچى نەزەرى بىلەن قاراڭ ، شۇندىلا مەكتەپنىڭ ئوقۇ-ئوقۇتۇش سۈپىتىنى ھەقىقىي تۈردە يۇقۇرى كۆتىرىپ، دۆلەت ۋە خەلق ئۈچۈن ھەقىقىي تۈردە ئەخلاقلىق، ئىنتىزامچان، ياراملىق ئەۋلادلارنى تەربىيىلەپ چىقالايسىز.


ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

UID
40211
يازما
11
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
11
تىزىملاتقان
2012-6-8
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-13
توردا
5 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-8 09:52:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى، بۇنى بارلىق مۇدىرلار بىر ئوقۇپ كۆرسۇن

UID
37224
يازما
16
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
16
تىزىملاتقان
2012-5-3
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-10
توردا
6 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-8 10:19:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇنداقلارنى نىمە ئۈچۈن تولۇق ئىسپات بىلەن يۇقۇرغا يوللىمايمىز.قورقۇپ ئولتۇرىۋەرسەك ئۇلارنىڭ خورىكى يوغىنايدۇ. ھۆكۈمەت ۋەمائارىپ تۇر بەتلىرىدىنىمۇ ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشىمىز كېرەك.دۆلەت ھۆكۈمەت توغرا سىياسەتنى يولغا قۇيۇۋاتسا،يەرلىك ئەمەلدارلار ئۇنى خالىغانچە ئۆزگەرتىۋەتسە ئەلۋاتتە بۇ قانۇنغا خىلاپلىق.ئىنتىزام تەكشۈرۈش ئورىنىدىكىلەر ئىشخانىدا بىكار ئولتۇرماس.قانۇن ئارقىلىق ئۆزىمىزنى قوغداش جەمىيەتكە قوشقان تۆھپىمىز ھىساپلىنىدۇ.

UID
6825
يازما
485
تېما
32
نادىر
0
جۇغلانما
11746
تىزىملاتقان
2010-10-28
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-16
توردا
205 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-8 11:08:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يۇقىرىدىكىدە ئېنىق پاكىتلار ئاساسىدا،ئۇنىڭ ئۈستىگە سىزنىڭ قولىڭىزدا سېسىپ كەتكەن يىمەكلىكنىڭ رېسىملىرى تۇرۇپ،سىز شۇنداق ئەمىلى پاكىتلارنى بىلىدىغان ئۇقۇتقۇچى تۇرۇپ،بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈستىدە قانچىلىك ئەمىلىي ئىش قىلدىڭىز؟دېرىجىگە ئايرىلغانلار ئۇقۇتقۇچىلارمۇ؟ - قۇللارمۇ؟نىمىشقا ئۆز ھۇقۇقىنى ئۆزى قوغدىيالمايدىغان 150دەك‹‹قۇل ئۇقۇتقۇچىلار››بىر مەكتەپكە يىغىلۋالدىڭلار؟ئۆزنىڭ ھۈقۇقىنى ئۆزى قوغدىيالمىغان كىشىلەرنىڭ باشقىلار ئالدىدا سىلەرنىڭكىدەك قەدىر-قىممىتى بولمايدۇ،يانا سىز باشقىلاردىن ئاغرىنىپ ماقالە يېزىپ ئاۋارە بولغۇچە ئەمىلى ئىش قىلسىڭىز بولمامدۇ،ھىچ بولمىسا‹‹قۇل ئۇقۇتقۇچىلارنى››بىر سائەت بولسىمۇ دەرس تاشلاشقا،مەكتەپتە كۈچ كورسۇتۇشكە ئۇيۇشتۇرۇپ ئىززىتىڭىزنى قودىسىڭىز،باشقا بىچارە قېرىدىشىلىرىمىزنىڭمۇ كۈزىنى ئېچىپ قويسىڭىز بولمادۇ.سىزدە ۋە سىزدەك-بىزدەكلەردە ئاشۇنداق جۇرئەت بولسا،سىز دىگەندەك چىرىك مۇدىر مەۋجۇت بولمايدۇ.ھىچ بولمىسا ئۇقۇتقۇچى-ئۇقۇغۇچىنىڭ رىزىقىنى قىيىپ يەيدىغان ھارامتاماق،ناجىنىس كىشلەر ئازلايدۇ...سىز دىگەن ئىشلارنى تەكشۈردىغان ئادەم چىقىدۇ ئەمەسمۇ.....ھەي روھى قۇللۇق!!!

UID
10525
يازما
296
تېما
3
نادىر
0
جۇغلانما
3506
تىزىملاتقان
2011-4-1
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-15
توردا
114 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-8 11:10:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   قارىغاندا بۇ بىر ئوقۇتقۇچىنىڭ شۇنداقلا  مۇشۇنداق پارازىتتەك ياشاپ كېلىۋاتقان مەكتەپ مۇدىرلىرىدىن جاق تويغان تالاي ئوقۇتقۇچىلارنىڭ يۈرەك ساداسىكەن . تەپسىلىي ئوقۇپ چىقتىم ، تەسىرلەندىم . مەن 15 يىلغان يېقىن مەكتەپ مۇدىرى ، مۇئاۋىن مەكتەپ مۇدىرى ، مەكتەپ سېكرىتارى دىگەندەك ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەنمەن . يۇقىرىدىكى ئوقۇتقۇچىنىڭ بىر مەكتەپ مۇدىرىغا بەرگەن باھاسىنى ، توغرىسى ئارزۇ - ئۈمىتلىرىنى ئوقۇغاچ ، ئۆزەمنى تارازىغا سېلىپ باقتىم . بەلكىم يۇقىرقىدەك مەكتەپ مۇدىرلىرى باردۇ ، بەلكىم خېلى كۆپتۇ . ئەمما مەن مائارىپ خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان 20 يىلغا يېقىن ۋاقىت جەرياندا ۋىجدانىمغا ۋەياكى ئەتراپىمدىكى ئوقۇتقۇچىلارغا ، بالىلىرىنى ماڭا ئىشىنىپ تاپشۇرغان ئاتىلارغا ، ئانىلىرىمىزغا ، جۈملىدىن كەلگۈسىمىز بولغان بالىلىرىمىزغا يۈز كېلەلمىگۈدەك ئىش قىلىپ باقمىدىم  دىيەلەيمەن .  ئىنسان باشقىلار ئۈچۈن قانچىلىك بەدەل تۆلىسە   تۆلىگەن بەدىلىگە چۈشلۇق ئىناۋەتكە ئېرىشىدۇ . ئەلنىڭ كۆزى ئەللىك . ئۇنداق بولمايدىكەن ، تويماس نەپسىنىڭ كەينىگە كىرسە ، خۇددى يۇقىرىدىكى ئۇقۇتقۇچىنىڭ يۈرەك ساداسىدەك تالاي كىشىنىڭ ئاھى تۇتىدۇ . قارغىش ئالىدۇ . قانداقتۇر جەينامازدا ئولتۇرۇپ ، ئىككى قولىنى دۇئاغا كۆتىرىپ ، باشقىلارنى قارغىسىلا قارغىش بولمايدۇ ، بىر كىشىنىڭ قىلىمىشىدىن يەنە بىر كىشى « ئۇھسىنىپ ، ئەجەپ قىلدى ........» دەپ قالسىمۇ قارغىش تېگېۋېرىدۇ ........
   « قۇش تىللىق » مائارىپ ، « مىللى خەنزۇ مەكتەپلەرنىڭ بىرلىشىشى » دىگەندەك دولقۇنلارنىڭ ئوقۇتقۇچىلىرىمىزغا ئېلىپ كەلگەن بېسىمى  يېتىپ ئاشقۇدەك ئەھۋالدا مەكتەپ مۇدىرىلىرىمىز كاللىسىنى سىلكېۋېتېشى ، ئوقۇتقۇچىلارغا خاتىرجەم ھەم كۆڭۈللۈك خىزمەت ئىشلەش مۇھىتى ھازىرلاپ بېرىش ئۈچۈن تىرىشىشى لازىم . ئوقۇتقۇچى بىر ئازادە مۇھىتقا ئېرىشكەندە ئاندىن ئۇ بالىلار ئۈچۈن ئويلىنىشقا يېتەرلىك ۋاقىت ھەم زېھنى كۈچىنى سەرپ قىلالايدۇ . ئەكسىچە بولغاندا ، بۇ خىل كۆڭۈلسىز مۇھىت ئېنىقكى ئۇقۇتۇش سۈپىتىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشىگە بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدۇ . ئۆز نۆۋىتىدە ئوقۇتقۇچىلارمۇ نازارەتچىلىك رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرىشى ، ساقلانغان مەسىلىلەرنى مۇناسىۋەتلىك مائارىپ تارماقلىرىغا تەكرار مەلۈم قىلىش ياكى ئاتا - ئانلارنى قوزغىتىپ جامائەت پىكرى توپلاش يولى ئارقىلىق مەسىلىنى ھەل قىلىشقا ياكى قىسمەن بولسىمۇ ھەل قىلىشقا تىرىشىشى لازىم . نۇرغۇن ئىشلارغا نىسبەتەن سۈكۈت ئەڭ ئاقىلانە تاللاش بولسىمۇ ئەمما مائارىپقا نىسبەتەن ئۇنداق ئەمەس . مەكتەپ مۇدىرى بىر كىشى ، 150 ئوقۇتقۇچى دىگەن بىر چوڭ جامائەت . شۇنچە چوڭ بىر جامائەت توپىنىڭ بىر پاخپاق مۇدىرنىڭ ناتوغرا قىلمىشىغا كۆزىنى پارقىرىتىپ ،شۇنچە ئىشلارنىڭ يۈز بېرىشىگە سۈكۈت قىلىشى ياكى ساقلانغان مەسىلىنى بىر تەرەپ قىلىشنىڭ چارىسىنى تاپماسلىقى نىمىنى چۈشەندۈرىدۇ ؟! بۇ جامەئەتنىڭ سىياسىيغا قاتنىشىش ئېڭىنىڭ ، ئاددىيلاشتۇرۇپ ئېيتقاندا نازارەتچىلىك ئېڭىنىڭ تۆۋەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ  . مېنىڭچە بولغاندا ، بۇ « مەكتەپ مۇدىرىغا يېزىلغان خەت »  يېزىلغىنى يېزىلغان پېتى قالسا  يەنى بىرقانچە ئون ئادەم ئەمەس ، بىرقانچە يۈز ئادەم ئىنكاس يازغان تەغدىردىمۇ ئەھمىيىتى بولمايدۇ . ئەھۋال ھەقىقەتەن يازمىغا ئېيتىلغاندەك بولسا ، ئالدى بىلەن بۇ مەكتەپ مۇدىرىنىڭ زادى كىملىگى ئاشكارىلىنىشى ، بولسا مۇشۇنىڭغا ئوخشاش مەكتەپ مۇدىرلىرىدىن يەنە بىرقانچىسى ئاشكارىلىنىشى ، تور ئەھلىنىڭ بۇ ئىشقا نىسبەتەن كۆز قارىشى جامائەت پىكرىنى شەكىللەندۈرىشى لازىم . مانا مۇشۇ جامائەت پىكرىلا يۇقىرىدىكى يازمىغا تىلغا ئېلىنغاندەك مەكتەپ مۇدىرىلىرىغا بېسىم ئېلپ كېلەلەيدۇ .

UID
26399
يازما
5
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
5
تىزىملاتقان
2012-1-30
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-12
توردا
4 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-8 11:20:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەكتەپتە پەقەت ‹‹دەرس سەتكىسى››لا يۈتمەيدۇ، پۇلغا يارىمايدۇ. پۇلغا ياراپ قالسا ئۇمۇ يتكەن بولاتتى....

تولۇقلىما مەزمۇن (2012-6-8 11:21):
ناچار كوللىكتىپ بولمايدۇ، پەقەت قابىلىيەتسىز رەھبەرلا بولىدۇ.

UID
16850
يازما
161
تېما
21
نادىر
0
جۇغلانما
611
تىزىملاتقان
2011-11-4
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-15
توردا
109 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-8 13:00:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئوقۇتقۇچىلارنىڭ بېشىغا كەلگەن مائارىپتىكى مۇستەبىتلىك ئوقۇتقۇچىلارنىڭ بىچارىلىغىنى كۆرسۈتۈپ بىرىۋاتىدۇ.  بۇنداق بىچارە ئوقۇتقۇچىلار قانداقمۇ بىچارىلىقنىڭ ئەكسىدىكى ئوقۇغۇچىلارنى تەربىيىلەپ چىقالايدىغاندۇ. ئادالەتنى ياقلىمايدىغان، توغرىلىقنى تەلەپ قىلالمايدىغان ئوقۇتقۇچىلار ئۆزلىرى تەربىيىلەيدىغان ئوقۇغۇچىلارغىمۇ شۇنداق ئىدىيە-خارەكتېرنى سېڭدۈرۈپ چىقسا، مەكتەپنىڭ نېمە رولى بولسۇن!

UID
40248
يازما
2
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
2
تىزىملاتقان
2012-6-8
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-11
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-8 16:13:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاپىرىن سىزنىڭ غەيرىتىڭىزگە !  
بەكلىم مۇشۇ يازمىنى كۆرگەن ھەر قانداق بىرەيلەن ،بۇلۇپمۇ ھەر قانداق بىر ئوقۇتقۇچى  مائارپچى سېپىگە سۇقۇنۇپ كىرۋالغان ،ئۆزنى مائارىنى باشقۇرغۇچى دەپ ئاتۋالغان ، كىينكى ئەۋلادلىرىىمىزنىڭ رىسنى يەپ ،ئۇلارنىڭ كەلگۈسى ئىستقبالنى سېتىپ خەجلەۋاتقان  بۇ مالچىنىڭ قىلمىش -ئەتمىشلىرگە ناھايىتى ئەپسۇسلىنۋاتقان ۋە  ئۇنىڭغا  ۋە ئۇنىڭ قولچوماقچىسى بولغان شۇجىغا ناھايتى غەزەپلىنۋاتقان بۇلشى مۇمكىن .
جىق گەپ قىلىشنىڭ ھاجىتى يوق بۇ دەل سېسىق نامى جاھاننى بىر ئالغان  بىزنىڭ ئاقئۆستەكدىكى ئوتتۇرا مەكتەپنى سېستىپ بۇلۇپ ،ئەمدى چىمەن بازارلىق ئوتتۇرا مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچىلارنى ئىزىش ،ئۇلارنى ئۆز -ئارا ئۆچمەنلەشتۈرۈش ئۈچۈن كەتكەن، يۇپ -تاراپ بازارغا ئاچىقسا 1 پۇڭغا ئالمايدىغان    ئەبەيدۇللا بارات ئەمەسمۇ

UID
40258
يازما
1
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
1
تىزىملاتقان
2012-6-8
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-8
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-8 18:23:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەكتەپتىكى بارلىق  ئوقۇتقۇچىلار ھەرگىزمۇ ئۇنىڭ چالغان دېپىغا ئۇسۇل ئوينىماي ،ئۆز ئارا ئىناق ،ئىجىل ئۈتۈيلى ،خىزمەتنى دەپ ئۆز-ئارا ئۇرۇشمايلى . ئىناقلىق ،ئىجىللىق بولمىغان يەردە بىرلىك ، ئىتپاقلىق بولمايدۇ .

UID
32798
يازما
29
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
29
تىزىملاتقان
2012-3-16
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-15
توردا
35 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-8 18:24:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاغرىنىشقا توغرا كەلسە مۇدېردىن ئەمەس ئاشۇ 150 نانقېپى ئوقۇتقۇچىدىن ئاغرىنىش كېرەك.  150 ئادەم دىگەن چوڭ بىر جامائەت . بەك چوڭ ئىش قىلالمىسىمۇ يىل ئاخىرىدىكى تەكشۈرۈش جەدۋىلىگە «لاياقەتسىز» دەپ يېزىۋەتسە بۇنىڭغا كۆڭۈل بۆلىدىغان ئادەم چىقىدۇ،ھۇ يارىماسلار.

باھا سۆز

burkut.  دەپ بىرىدۇ گوش شۇلارنىڭ  يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا
burkut.  بۇنداق ئشلار بەك كۆپ.مەسلەيۇقىرىدەرىجىلىك رەھبەرلەر تەكشۇرۇپ كلدىغان كۇن  يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا
geniablat  ھازىر،ئۇنىڭدىن نەچچە ھەسسە كۆپ جامائەتمۇ گەپ قىلالمايۋاتسا........  يوللىغان ۋاقتى 2012-6-8 20:04:19
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش