تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版

ئەلكۈيى مىكرو بلوگى

ئەلكۈيى مىكرو بلوگى

ئەلكۈيى مىكرو بلوگى

ئەلكۈيى مىكرو بلوگى

ئىگىسى: umidwar

شىرئەلى ئەلتىكىننىڭ ھىندىستاندا كۆرگەنلىرى     [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
39379
يازما
9
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
9
تىزىملاتقان
2012-5-28
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-2
توردا
3 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قىسقا ۋاقىتلىق زىيارەت بىلەنلام بىرەر دۆلەتنىڭ باي نامراتلىقىغا ياكى مائارىپ تۈزۈلمىسىگە باھا بىرىش بەك يىنىكلىك بوپ قالدىمۇ قانداق ، مەن تارتقان رەسىملەردىكى ئادەملەرنىڭ چىرايىغا قارسام بىر خىل ئەركىنلىكنىڭ ، ھۆرلىكنىڭ ، ئىپادىسىنى كۆرگەندەك قىلدىمغۇ ، ھىندىتان دۇنيا بويچە يۇمشاق دىتال جەھەتتە ئالدىنقى ئورۇندا ، ھىندىستان ھەقىقەتەن ئاسىيادىكى ئويغىنۋاتقان شىر ....

UID
13423
يازما
10
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
250
تىزىملاتقان
2011-7-22
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-2
توردا
5 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شىرئەلى ئەلتىكىن ئاكمىزدىن تولىمۇ سۆيۈندۈم، باشقا ناخشىچىلارمۇ تورغا چىقىپ قويۇڭلار ئازراق،

UID
12811
يازما
171
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
3471
تىزىملاتقان
2011-6-29
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-1
توردا
44 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  مەن شىر ئەلىنى نىمە دەپ ئوزىگە بۇنچە چوڭ تەحەللۇس قويىۋالعاندۇ ؟، بۇنداق تەحەللۇس تىحى ئابدۇللا ئابدۇرىھىمدىمۇ  يوق تۇرسا دەپ   سۇرە فاتىھەنى  بىلمەيدىعان ئادەم سەللە كىيۋالعاندەك ھىسسىياتتا ئىدىم . بۇ يازمىنى كورۇپ ، ئەلتىگىن تەحەللۇسنىڭ ئىگىسىنى  تاپقانلىقىنى ھىس قىلدىم . بىزدە  بۇنداق بىلىمى مول ھەرتەرەپلىمە ، ئىزدىنىش  روھىعا ئىگە ، كوپكە قادىر ،بىرگە ماھىر زىيالى ناحىشىچىلار  بەك ئاز .  شىر ئەلىنىڭ بۇندىن كىيىنكى  ئىشلىرىعا  زور ئۇتۇق تىلەيمىز .  

UID
37711
يازما
9
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
9
تىزىملاتقان
2012-5-7
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-3
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇيغۇرلار دۇنيا بىلەن ئەمدى ئۇچرىشىۋاتىدۇ. بۇنداق ئىقتىساد بىرىنجى بولغان دۇنيادا سەن كىملىكىڭنى باشقىلارغا بىلدۈرمىسەڭ ،ئۇلار كىملىكىنىڭنى سۈرۈشتۈرمەيدۇ. ئۇيغۇرلار  بىردىن ئىسلام ئەللىرىگە ،بىردىن دۇنياغا قاراپ تەرەققى قىلىشى كىرەك . تارىخ دەپ قويۇپ ئۇيۇشماي مۇشۇنداق يۇرىۋەرسەك ،ئەلۋەتتە دۇنيامۇ بىزنى ئۇنتۇپ قالىدۇ. ئۆزبىكلەر بىزدەك تارىخ ياراتمىغان بولسىمۇ ،ئۇلارنىڭ سەنئىتى ،ئەدەبىياتى دۇنياغا يۇزلىنىۋاتىدۇ. ھەتتا شاڭخەي دىكى خەنزۇلاردىن بىز جۇڭگۇنىڭ غەربىي زىمالىدا ياشايمىز ،بىز ئۇيغۇر دىسە بىشىنى لىڭىشىتقان ،پەقەت بىزنى شىنجاڭدىكى باشقا مىللەتلەر ،بىيجىڭدىكى ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىلا بىلەمدىكىن دەيمەن .لىكىن بىز ئۆزىمىزنى چۆكۈرمىدۇق ،يىڭى ئەسىردە يەنىمۇ بەك تىرىشمىساق بولمايدۇ،ئاۋال نەتىجە يارات قىنى دۇنيا سىنى يەنە يالغۇز قويامدىكى .بىز ئىسلام ئەللرىگە كىملىكىمىزنى ئاسان چۇشەندۇرىمىز ،بۇ بىز دىكى ئەۋزەللىك ،يەنە ئىنگلىز تىلى بىزنىڭ 3-مۇھىم تىلىمىز بولسىكەن دەيمەن .

UID
16850
يازما
124
تېما
12
نادىر
0
جۇغلانما
574
تىزىملاتقان
2011-11-4
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-4
توردا
98 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھازىر ئۈچۈن تارىخنى ئەسلەش ھەم ھازىر  بىلەن تارىخنى سېلىشتۇرۇش، بېرىش-كىلىش قىلمايدىغان بۇلۇپ قالغان خوشنىدارچىلىق، خوشنىدارچىلىق مۇشۇنداق ھالغا چۈشۈپ قالغان بولسىمۇ ئوخشاشتەك كۈرىنىۋاتقان جاھاندارچىلىق، پەقەت ئورۇنلاش سەنئىتى ئارقىلىقلا مىللەتنى تۇنۇشتۇرماقچى  بۇلۇش ئۇسۇلى ھەم مۇشۇنداق سەنئەت بىلەن  نان تېپىپ يىيىش يولىغا كىرىۋالغانلار ئارا سېلىشتۇرۇش...
شىرئەلى ئەلتىكىن بۇ خىزمەت زىيارەت خاتىرىسى يازمىسىنى ناھايىتى ياخشى بولغان ئەسەر قۇرۇلمىسى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ كەسپى قىممىتىدىن قانداق پايدىلىنىش ھىسسىياتى بىلەن يېزىپ چىققان بۇلۇپ، بۇ ئارقىلىق ھۆكۈمەتنىڭ كۈچى بىلەن چەتئەللەرگە تولا چىقىش  پۇرسىتىگە ئىگە بۇلىدىغان ئاز بولمىغان سەنئەتكارلارغا نىسبەتەن قانداق قىلىش كېرەكلىكى توغرىسىدا سېلىشتۇرمىنى يارىتىش ئۈچۈن ئىزدەنگەن.
خەلق سەنئەتكارى ئۆزى ئۈچۈنلا ياشايدىغان ئادەملەر ئەمەس. بىزدە ناخشا-ئۇسسۇل سەنئەتكارلىرى ئاز ئەمەس، ئەمما شىرئېلى ئەلتىكىندەك ھازىر بىلەن تارىخنى، ئۆزى بىلەن دۇنيانى سېلىشتۇرۇپ ئويلىنىدىغانلار كۆپ بولمىسا كېرەك. سەنئەتكار ئۆز كەسپىدىن نان تېپىپ يىگەن بىلەن، ئەمما ئۇنىڭغا بۇ ھۈنەرنى خەلق بەرگەن بۇلىدۇ.  سەنئەتكارلىرىمىز  ئۆز يۇرتىدا خەلقى تەرىپىدىن ئالقىشلىنىدۇ، دۆلەت ئىچىدە ئۇيغۇر سەنئەتكار دەپ ئاتىلىدۇ، دۇنيادىمۇ جوڭگۇلۇق ئۇيغۇر دەپ تۇنۇشتۇرىلىدۇ. دىمەك، ئۇلار  ئۆز مەدەنىيەت دۇنياسىدىن مۇناسىۋىتىنى ئۈزەلمەيدۇ. چۈنكى ئۇنىڭ تىلىدىن، سازىدىن چىقىۋاتقىنى بىر مەدەنىيەت ئىگىسىنىڭ بايلىغى.

UID
7483
يازما
27
تېما
5
نادىر
0
جۇغلانما
657
تىزىملاتقان
2010-11-25
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-2
توردا
11 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تەسىرات بوپتۇ، شىرئەلى ئەلتېكىننىڭ قەلىمى ياخشى ئىكەن، مۇشۇنداق ئۇنىۋېرىسال ساپاغا ئىگە سەنئەتكارلىرىمىز كىشىنى تولىمۇ سۆيۈندۈرىدۇ. خاتىرىنىڭ داۋامىغا قاراپ قالدۇق.

UID
30393
يازما
67
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
67
تىزىملاتقان
2012-2-23
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-2
توردا
50 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Yuruq يوللىغان ۋاقتى  2012-6-1 09:20
مەن رەسىمگە قاراپ گەپ قىلدىم،يازمىغا ئەمەس. ھەم بىر ن ...

‹ئۇجۇقۇپ› كەتمىگەچكە سىزگە جاۋابىنى بېرىپ قويدۇم. بىر نەرسىنى كۆرە- كۆرمەي، ئوقا- ئوقمايلا سۆزلىسە ئاشۇنداق سىزدەك تاققا- تۇققا سۆزلەيدىغان گەپ. سىزغۇ ئۇيغۇر تىلمىزدىكى سۆزلەرنىڭ مەنىسىنىمۇ چۈشەنمەيدىغاندەك تۇرسىز.

UID
28421
يازما
7
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
7
تىزىملاتقان
2012-2-2
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-1
توردا
3 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قوش بىسلىق   سەنئەتكار  

UID
32604
يازما
7
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
7
تىزىملاتقان
2012-3-14
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-1
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شئىرئەلى ئەلتىكىنىڭ ئونۋىرسال ساپاسىنىڭ يۇقىرلىقىدىن بەكمۇ سۆيۈندۇم . شئرئەلى ئەلتىكىننىڭ يۇقۇىرقى ساياھەت خاتىرسىنى ئۇقۇۋېتىپ ؛  ئەمىر تۆمۇر ، بابۇر ،ھومايۇن ، دىگەن ئىسىملارنى ئاڭلىسا   ، مائارىپ سىپىدە (شەخسەن تىل ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىللىرى ئىچىدە ، باشقىلىلىرنى دىمەيلا قوياي ) كىملىكىنى نەدەلەردە ياشاپ ،نىمە ئىشلارنى  قىلغانلىقىنى بىلەمەي ، ئاغزىنى كاكۇك تەك ئېچىپ قالدىغان ، شۇنىڭغا باقماي  ئۆزنى زىيالى  ھىسابلايدىغان ، ئاغىزىدا مىللەت سۆيدىغان  ، سۆيۈملۈك زىيالىلىرمىزنى ئىختىيارسىز ئەسلەپ قالدىم .
ئىلگىرى شئرئەلى ئەلتىكىننى بىر ناخشىچى سۇپتىدە ھۆرمەتلىگەن بولسام ، يازمىسنى ئۇقۇپ ، ئۇنى بىر زىيالى سۈپتىدە ھۆرمىتى ئاشتى .

UID
32604
يازما
7
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
7
تىزىملاتقان
2012-3-14
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-1
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم بوزقىر ئاكا ؛
سىزنى ئۇزاقتىن بىرى غايۋى(كۆڭلۇمدە)ئۇستازبىلىپ ھۆرمەتلەپ كىلۋاتمەن . يۇقارقى يازمىڭىزنى ئۇقۇۋېتىپ قەلبىم يەنە بىر قېتىم لەرزىگە كەلدى . شۇنداق ئۇلار ناھايىتى باي ، ناھايىتى  ئەركىن ، شۇنداق  خاتىرجەم كۆرۇندى ماڭا . ئۇلارنىڭ  ئېگىز-ئېگىز بىنالىرى ،ھەيۋەتلىك قەسىر سارايلىرى بولمىغان بىلەن ، بىزگە ئوخشاش بىنادىن ئۆي ئالىمەن دەپ گەدىندە بىر پاتمان قەرزى يوق . كوچىلاردا تىجارەت قىلغىنى بىلەن ، بىزگە ئوخشاش قايسى كۈنى ئىجارە ئەققى دەپ كىلەر دەيدىغان غېمى يوق .  كوچىلاردا ئۇخلاپ قالغىنى بىلەن ، ساقال-بۇرتىڭىنى ئۆستىرۋىتپ مەدەنى ئادەم بولماپسەن دەيدىغان سۇرلۇك باشلىقى يوق ، شۇنداق ئۇلار ئەڭ بولمىغاندا  ئۆزنىڭ ساقال بۇرتىغا بولسىمۇ ئىگە بولاللىغان بەخىتلىك  نامراتلار .
ئەمەلىيەتتە بىز ھەيۋەتلىك ئېگىز بىنالاردا ، مۇقىم ئىش ئورنىدا تۇرۇپ ، دىن دىگەن ئادەم زەھەرلەيدىغان ئەپيون دەپ ، باشلىقىمىزنىڭ قولدىن ئوننى دوقوسلىتىپ تۇرۇپ  بەرگەن مۇئاشنى قولمىزغا  ئالغان چاغلاردا ئۇلاردىكى بەخىتنى ، ئۇلاردىكى بايلىقنى ھىس قىلالمايمىز ، ئۇنىڭ ئەكسىچە ، ئاچاڭ بىلەن ، خۇتونىڭىنى  ئۆيۇمگە ئەكىلىپ بەر دىمگىنىگە خوشال بۇلۇپ ھاياجانلىنىپ تۇرۋاتقان ئاشۇ مىنۇتلاردا ئۇلاردىكى بەخىتنى بايلىقىنى ھىس قىلالمايمىز . چۇنكى بىزنىڭ ئۇنى ھىس قىلغۇدەك مادارىمىز  يوق .
شئرئەلى ئەلتىكىننىڭ ھىندىستان سەپرىنىڭ ئۇتۇقلۇق بولشىنى ئۇمىد قىلمەن .

باھا سۆز

bozqir  SADAQAT، دېمەكچى بولغانلىرىمنى توللۇق چۈشىەنگىنىڭىزگە رەھمەت.  يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش