تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版

ئىگىسى: umidwar

شىرئەلى ئەلتىكىننىڭ ھىندىستاندا كۆرگەنلىرى     [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
22356
يازما
138
تېما
5
نادىر
0
جۇغلانما
138
تىزىملاتقان
2012-1-4
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-24
توردا
146 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-31 19:51:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم پەخىرلىك ناخشىچىمىز شىرئەلى ئەلتېكىن، بۇ ساياھەت خاتىرىڭىزنى تەپسىلى ئوقۇپ چىقىپ سىزگە بولغان ھۆرمىتىم ھەسسىلەپ ئاشتى. بۇرۇن سىزنى نوقۇللا بىر تالانتلىق ناخشىچى، يېتىشىۋاتقان مۇنەۋۋەر مۇقامچى دەپ بىلەتتىم. لېكىن ساياھەت خاتىرىڭىزنى ئوقىغاندىن كېيىن سىزنىڭ بىر مۇنەۋۋەر ناخشىچىلا ئەمەس، راۋرۇس بولغان ئۇنۋېرسال بىلىمگە، مول ئىچكى ساپاغا ئىگە بىر زىيالىي ئىكەنلىكىڭىزنى شۇئان بىلدىم. بۇ ساياھەت خاتىرىڭىز راۋرۇس يېزىلىپتۇ، بەك سۆيۈندۈم ھەم سىزگە ئوخشاشلا قەلىمى كۈچلۈك بولغان مەۋلان نىياز قاتارلىق يۇقۇرى ساپالىق ئارتىستلىرىمىزغا بارىكاللا ئېيتقۇم كەلدى.
سەپەردىن كۆڭۈللۈك ۋە تېنچ-ئامان قايتىپ كېلىشىڭىزنى ئاللاھتىن تېلەيمەن.

UID
30393
يازما
87
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
87
تىزىملاتقان
2012-2-23
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-5
توردا
75 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-31 19:56:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Yuruq يوللىغان ۋاقتى  2012-5-31 18:33
سىزمۇ بىر ھۆكىمەت ئاخبارات ۋاستىللىرىدەك تەشۋىق قىلما ...

باي يەرلەرنى ھىندىستان كىنولىرىدىن تازا كورىۋالغانسىز. ئەمەلىيەتنى تارتىپتىغۇ؟ بىر ئادىمىمىز توغرىلىق بىر گەپ بۇلۇپ بولغىچە چىقىردىغان قۇسۇرلار دىگەن تەيياركەن ھە؟

باھا سۆز

guzalnura  پىكىرىڭىزگە قوشۇلىمەن  يوللىغان ۋاقتى 2012-6-22 21:25:58

UID
37362
يازما
8
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
8
تىزىملاتقان
2012-5-4
ئاخىرقى قېتىم
2012-5-31
توردا
3 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-31 21:02:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماشائاللاھ شىرئەلى، سىز ئىيتقان مۇقاملارمۇ قۇلاققا شۇنداق يىقىملىق ئاڭلىناتتى، يازمىلىرىڭىزمۇ ياخشى چىقىپتۇ، تارىخ ھەققىدىكى بىلىملىرىڭىزمۇ خىلى بار ئوخشايدۇ.
يىنىغا كەلسە ئۇپا- ئەڭلىكتىن باشقىنىڭ گىپىنى قىلالمايدىغان ئارتىسلاردىن ئەمەستەك تۇرىسىز...
ئاللاھ سەپىرىڭزنى تىخىمۇ بەرىكەتلىك قىلغاي!!! سالامەت بولۇڭ، يازمىلىرىڭىزنىڭ ئاخىرىغا تەشنامىز

كۆيۈمچان ئەزا

ئەتىكى مائارىپ ئۈچۈن داۋاملىق

UID
3725
يازما
324
تېما
8
نادىر
0
جۇغلانما
8345
تىزىملاتقان
2010-7-26
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-4
توردا
45 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-31 21:28:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يەنە ئېسىل بىر تېما .ماڭا مۇشۇنداق ساياھەت خاتىرلىرى ئەجەپ ياقىدۇ .چولپانلىرىمزنىڭ ئويۇننى غەلبىلىك تۈگىتىپ دىيارىمىزغا قايتىپ كەلگەنلىگىنى تەبرىكلەيمەن.

UID
9514
يازما
24
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
444
تىزىملاتقان
2011-2-18
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-26
توردا
10 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-31 21:42:45 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەپەككۇرۇڭىز  تولىمۇ جانىق ئىكەن ...   خەلىقنىڭ غېمىنى يىيىش مۇشۇنداق ئەتراپلىك تەپەككۇردىن كېلىدۇ .يېزىقچىلق جەھەتتىكى قابىليىتىڭىزگە سەل قاراشقا بولمايدىكەن .ئاۋامنىڭ غېمىنى يىگەنلەرگە اللەنىڭ سالامى بولسۇن !!

UID
22218
يازما
88
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
88
تىزىملاتقان
2012-2-4
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-2
توردا
34 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-31 21:55:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن سەنئەتچىلەرنىڭ بارغانلىغىنى .ئاڭلىغانتىم لىكىن ھىندىستان تەسراتىنى شۇنداق سورغۇم بارتى ئۇلاردىن ئەمدى ئۇقۋالدىم شىر ئەلىگە رەخمەت  ھىندىستاندىن ئالغاچ كەلگىنىڭزگە

UID
11056
يازما
66
تېما
5
نادىر
0
جۇغلانما
1826
تىزىملاتقان
2011-5-6
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-20
توردا
4 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-31 21:56:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توردا  كۆرگەن يەنە بىر ئىسىل يازما بوپتۇ،شىرئەلي ئەلتىكىن مەن بىلىدىغان ناخشىچىلار ئىچىدىكى كىچىك پىئىل،خۇشچاقچاق،كىتاپ ئوقۇشقا ھىرىسمەن ناخشىچىلارنىڭ بىرى.ئۇنىڭ بىلەن دەرقەم ئولتۇرۇپ پاراڭلىشىپ باقمىغان بولساممۇ،ناگان-ناگانلاردا ئۇچراپ قالىدۇ.يېقىندا ئۇنىڭ چەتئەلدە ئويۇن قويۇپ كىرگەنلىكىنى ئاڭلىغان ئىدىم،ھالا بۈگۈنگە كەلگەندە ئەلكۈيى شاپائىتىدە ناخشىچىمىزنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن ئۇنىڭ ئۆز ئاغزىدىن ، قەلىمىدىن چەتئەل تەسىراتلىرىغا ئورتاقلىشىپ ئولتۇرۇپتىمىز.كىچىك پىئىللىق بىلەن ئويلىغانلىرىنى قەلەمدە بايان ئىتىش بىزنىڭ سەنئەتكارلىرىمىزدىن كۈتىدىغان يەنە بىر تەلىپىمىز ئىدى،ئۇيغۇر سەنئەتكارلىرى، ناخشىچىلىرى قەلەم بىلەن ئەلەمدە كامال تاپقاندىن كىيىن ئىشىنىمەنكى خەلقىمىزنىڭ تېخىمۇ ئىتىراپ قىلىشىغا،ھۆرمەتلىشىگە نائىل بۇلالايدۇ.
ھىندىستان ھەققىدە شىرئەلىنىڭ ئوي خىياللىرى بىلەن مىنىڭ ئوخشاپ كىتىدىكەن،مەنمۇ ھىندىستاننى شارولخاننىڭ ، ئامىرخاننىڭ ،راج مالاتوراخانلارنىڭ كىنولىرىدىن ، تولغىما ئۇسۇل -دىسكولىرىدىن تونىغان بىلگەن.ئەمما شىرئەلىنىڭ كۆزىدىكى يېڭى دىھلى..قاتارلىق جايلار بىلەن قەشقەرنى ، خوتەننى،ئىككى زىمىن ئارىسىدىكى كىشىلەرنى باغلاپ تەسەۋۋۇر قىلىش ھەم ئەجداتلىرىمىزنى ئويلاش بىزگە ئۆزىمىزنى يەنە بىر قېتىم ئويلاندۇرۇپتۇ،تارىختىكى سەلتەنىتىمىزنى ئىسىمىزگە ساپتۇ.
بابۇر بوۋىمىز ئەينى زامانلاردا بىزنىڭ نۇرغۇن ياشلىرىمىز ئىنتىزار بولغان ئاشۇ ھىندىستاننى ئۆز ئەمەلىي كۈچى ۋە باتۇرلىقى بىلەن سورىغان ئىكەن،ئەكبەرمۇ ئۆز باتۇرلىقى بىلەن ئادىللىقى بىلەن ھىندىستان دۆلىتىدە ھۆرمەت سازاۋەرگە ئىگە پادىشاھ بوپتىكەن،كۈچلۈك سەلتەنەت ئاستىدىكى ئاشۇ ھىندىستاننىڭ ئوردۇ تىلى بىلەن ئۇيغۇر تىلىدا ئوخشاشلىق بارلىقىنى ھىندىستان ناخشىلىرىنى ئاڭلىغۇچىلار ئادەتتە ھىس قىلالايدۇ.شەھەرلەردىكى ئوخشاشلىق بەلكىم تارىختىكى يىلتىز بىلەن بىر تۇتاش بۇلىشى مۇمكىن.

UID
10525
يازما
311
تېما
3
نادىر
0
جۇغلانما
3521
تىزىملاتقان
2011-4-1
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-5
توردا
126 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-31 22:14:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  يازمىڭىزدىكى راۋان بايانلاردىن سۆيۈنگەنلىكىمنى ئېيتىش بىلەن بىرگە ئەل سۆيگەن ، ئەلنى سۆيگەن سەنئەتكەرلىرىمىز بولغان ھەر بىرىڭلاردىن سەمىمىي ئۈمۈدۈم ، بۇندىن كېيىنكى ساياھەتلىرىڭلاردا ، ئۇچاڭلاردا بىزنى سۆيۈندۇرىدىغان مىللىيچە كىيملىرىڭلارنى كۆرگەن بولساق ، شۇ يات ئەللەردە ئۆزۈڭلارنىڭ مىللىي كىملىكىڭلارنىڭ يەنە بىر بەلگىسى بولغان دوپپا ، كانۋاي  كۆينەك ، ئەتلەسلەرنى جۇلالاندۇرغان بولساڭلار سىلەردىن جۈملىدىن سىزدىن يەنىمۇ  مىننەتدار بولغان بولاتتۇق !

UID
13209
يازما
13
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
283
تىزىملاتقان
2011-7-14
ئاخىرقى قېتىم
2012-5-31
توردا
3 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-31 22:26:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   بىر مىللەتنىڭ سەنئەتكارى  بولغان ئادەم  چوقۇم ئۆزىنىڭ مىللى  ئالاھىدىلىكىگە ۋە ئىتقاد - ئەخلاقىغا قاتتىق ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك،چۈنكى ئۇ بىر نەچچە ئەمەس  بەلكى بىر قەۋم ياكى بىر مىللەتنىڭ ئىدىلوگىيىسىگە ۋە ئوبرازىغا تەسەر قىلىدۇ.سەنئەتكار   كەسپى  بىلىم بىلەن بىرگە مەدەنىيەت،ۋە ئەخلاق جەھەتتە ئوخشاش يىتىلسە خۇددى  ئالتۇن ئۆزۈككە  ياقۇت  كۆز  قۇيغاندەك  بولىدىكەن.
     مەن بۇ  تېما ئارقىلىق ياش ناخشىچىمىز شىرئەلى ئەلتېكىننىڭ يۈرىكىدە مىللىتى، ۋۇجۇدىدا ئىمانى بار ئالىجاناپ سەنئەتكارلىقىنى ھەقىقى ھىس قىلدىم، سەنئەت ئەركىنلىگى مىللەتنىڭ ئىتقادىنى سۇسلاشتۇرىۋاتقان بۈگۈنكى  كۈندە  مىللىتى  ۋە ئىسلامدا تۇرۇپ قەلەم تەۋرىتىدىغان ،ھەم ئەمەل قىلالايدىغان  سەنئەتكار -ئارتىسلار كەمدىن - كەم ئۇچرايدۇ.
   شىر ئەلىگە سالامەتلىك  ۋە بەخىت تىلەيمەن.

UID
37888
يازما
19
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
19
تىزىملاتقان
2012-5-9
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-2
توردا
33 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-31 22:36:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى ؛
يىزىش -پەقەت يازغۇچىلانىڭلا ئىشى ئەمەس ؛ئەلتىكىنمۇ يىزىپتۇ مانا ،سۆيۈندۇق ،سەنئەتچىلەرگە بىتەرەپلىمە باھا بىردىغان بۇرادەرلەر بۈگەن تورغا كىرمىگەن ئوخشايدۇ،شۇلار بىر كۆرۈپ كۆزىنى ئىچىۋالسا بولاتتى،
بىلىپ قىلىڭكى ؛شاھانە توننىڭ ئىچىدىمۇ ئادەم بار .سەنئەتكار لارنى تۆۋەن چاغلىمايلى،
قىقىسى مەنمۇ سۆيۈندۈم،

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش