中共中央在认真研究了新疆分局上报的《新疆省民族区域自治实施计划》之后,于1953年4月13日作出重要批复。为了贯彻党中央的指示精神,新疆分局6月1~9日召开了扩大会议,就省级自治区的名称等问题进行了座谈讨论,并形成了共识。鉴于新疆省级自治区的名称若冠以“维吾尔斯坦”一词,既容易同历史上民族分裂分子在新疆所搞的“东突厥斯坦”相混淆,又不能同国际上某些国名中使用“斯坦”一词的独立国家相区别,而且也不符合新疆各民族聚居的实际情况,更不利于各民族之间的团结,故此“维吾尔斯坦”一词不宜使用。而“新疆”则是清朝政府在新疆建省后就一直使用的名称,含有“故土新归”的意思,其政治含义早已被各族群众和国内外普遍接受,因而继续使用有利于维护祖国统一和民族团结。由于在对省级自治区是否冠以维吾尔族族名这个问题的讨论中,存在着主张冠和不主张冠两种意见,考虑到这两种意见都有它一定的道理,为此新疆分局决定就此问题在各民族群众中继续进行酝酿和讨论。
جۇڭگو كومپارتىيىسى مەركەزنىڭ شىنجاڭ بۇيرۇسى تەرىپىدىن پىلانلانغان «شىنجاڭ ئۆلكىسىدە مىللىي ئاپتونومىيىنى يۈرگۈزۈش لايىھەسى»نى ئەستايىدىل مۇنازىرە قىلغاندىن كېيىن، 1953-يىلى 4-ئاينىڭ 13-كۈنى مۇھىم كۆرسەتمىنى بەردى. پارتىيە مەركىزى كومىتتىتىنىڭ كۆرسەتمىسىگە ئاساسەن شىنجاڭ بۇيرۇسى 6-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 9-كۈنىگىچە مۇھىم يىغىننى ئېچىپ «شىنجاڭ ئاپتونۇم رايۇنى»نىڭ ئىسمىنى قانداق قۇيۇش ھەققىدە مۇلاھىزىلەرنى قىلىشتى. 1954-يىلى 7-ئاينىڭ 31-كۈنى چاقىرىلغان يىغىندا ئاساسلىق ھالدا بۇ يېڭى ئاپتونۇم رايۇننىڭ نامى مۇلاھىزە قىلىندى. يىغىنغا قاتناشقانلارنىڭ تەكلىپلىرى بولسا شىنجاڭ ئاپتونوم رايونى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى، ئۇيغۇرىستان(ئەينى چاغدا ئۇيغۇر ۋەكىللەر مۇشۇ نامدا خېلى چىڭ تۇرغان) قاتارلىق ناملار بولغان. دۆلەتنىڭ رەھبەرلىرى «ئۇيغۇرىستان» بۇ نامدىكى «-ئىستان» سۆزىنىڭ نورمالدا نۇرغۇن مۇستەقىل دۆلەتلەرنىڭ ئىشلىتىۋاتقانلىقىنى، «ئۇيغۇرىستان» دەپ نام بىرىلسە بىر قىسىم مىللىي بۆلگۈنچىلەرگە شۇنداقلا جاھانگىرلەرگە بوپ بىرىدىغانلىقىنى، ئۇنىڭ ئۈستىگە شىنجاڭدىكى باشقا مىللەتلەرنىڭ نارازىلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا زىيان يىتىدىغانلىقىنى ئېيتىشىپ بۇ نامنى مۇزاكىرە گۇرۇپپىسىنىڭ مۇلاھىزە قىلىشىدىن چىقىرىۋەتكەن. بەزى ۋەكىلللەر شىنجاڭدا ئۇيغۇرلارنىڭ پەقەت شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ بىرى بولغانلىقىنى، شۇڭا «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى» دەپ نام قۇيۇلسا باشقا مىللەتلەرگە ئادالەتسىز بولىدىغانلىقى ئېيتىشقان.
شىنجاڭلىق ۋەكىللەرنىڭ «ئۇيغۇرىستان» دېگەن نامدا چىڭ تۇرۇۋالغانلىقىنى ئاڭلىغان جۇئىنلەي مۇنداق دېگەن:
«ئازادلىقتىن بۇرۇنقى شەرقىي تۈركىستان دېگەن نام جاھانگىرلارنىڭ شۇنداقلا مىللىي بۆلگۈنچىلەر تەرىپىدىن پايدىلىنىپ قوللىنىلغان نام، شىنجاڭنى ئىچكى مۇڭغۇل، تىبەت دېگەن رايۇنلارغا سېلىشتۇرغىلى . بۇ رايون نامى ھەم جاي نامى بىلەن، ھەم مىللەت نامى بىلەن ئاتالغان، ئۆزگەرتىشكە ئامالسىز. ئەمما شىنجاڭ بولسا بۇرۇندىن تارتىپلا غەربىي يۇرت دەپ ئاتىلىپ كەلگەن، ھازىرقى نامى بولسا كونا تۇپراق دېگەن مەنىدە، ھەرگىزمۇ مۇستەملىكە قىلىنغان جاي دېگەن مەنىدە ئەمەس. شىنجاڭنى ئۇيغۇرىستان دەپ ئاتىساق، ئۇيغۇرلاردىن باشقا يەنە 12 مىللەت بار، ئۇلارغىمۇ 12 ئىستان قۇرۇپ بەرگىلى بولمايدۇ ».
كېيىن، شىنجاڭلىق ۋەكىللەرنىڭ «شىنجاڭ ئۇيغۇر مىللىتى ئاپتونۇم رايۇنى»(新疆维吾尔族自治区)دېگەن نامداچىڭ تۇرۇۋېلىشى بىلەن، شۇ چاغدىكى مىنىستىر جۇئىنلەي بۇ نامدىكى «مىللىتى»دېگەن سۆزنىڭ ئارتۇقچە ئىكەنلىكىنى، بۇ نامنى ئېلىۋېتىپ «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنى»(新疆维吾尔自治区) دېگەن نامنى ئىشلەتسەك «ئۇيغۇر دېگەن قالپاقنىڭ شىنجاڭلىق ۋەكىللەرنىڭ تەلىپىنى قاندۇرغىلى بولىدىغانلىقىنى، شۇنداقلا بۇ رايوننىڭ ئۇيغۇر مىللىتىنى ئاساس قىلغان باشقا مىللەتلەرنىڭمۇ ئاپتونۇم رايونى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىغىلى بولىدىغانلىقى»نى ئېيتىپ«شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنى»نى سەيپىدىن ئەزىزىنىڭ تاللىشىغا قويۇپ بەرگەن، سەيپىدىن ئەزىزى بۇ نامغا قوشۇلغان، قالغان ئىشلار...بىلگىنىڭلاردەك. مەنبە:
http://www.hxlsw.com/html/baike/2009/0707/36237.html
http://www.xjkunlun.cn/dswx/jjds/2012/2288671.htm
http://www.people.com.cn/item/zel/newfiles/xia/A125.html