1955-يىل 10-ئاينىڭ 1-كۈنى 60مىڭدىن ئارتۇق ھەرساھەدىن كەلگەن ھەرمىللەت شىنجاڭ خەلقى كۆركەم كىيىملىرىنى كىيىشىپ ئۈرۈمچىنىڭ خەلق مەيدانىغا يىغىلىپ ناخشا-ئۇسۇللار بىلەن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى تەبرىكلىدى. بۇ شىنجاڭدىكى ھەرمىللەت خەلقىنىڭ ئىجدىمائىي تۇرمۇشىدىكى چوڭ بىر ئىش شۇنداقلا ئىلىمىزنىڭ رايونلار ئارا مىللىي ئاپتونومىيە سىياسىتى يۈرگۈزۈشىنىڭ زور مۇۋاپىقىيىتى.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ قۇرۇلۇشى
1949-يىلى 9-ئاينىڭ 16-كۈنى شىنجاڭ تىنچ ھالدا ئازاتلىققا ئېرىشتى ، 1949-يىلى 10-ئاينىڭ 1-كۈنى شىنجاڭ ھەرمىللەت خەلقى پۈتۈن مەملىكەت خەلقى بىلەن بىرلىكتە جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى كۈتۈۋالدى.
شۇ يىلى 12-ئاينىڭ 17-كۈنى شىنجاڭ ئۆلكىلىك خەلق ھۆكۈمىتى رەسمىي قۇرۇلۇپ شىنجاڭ يېڭى بىر تارىخى دەۋىرگە قەدەم قويدى.
1952-يىلى 8-ئاينىڭ 8-كۈنى مەركىزى خەلق ھۆكۈمىتى ‹‹خۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مىللىي رايونلار ئاپتونومىيە پىرىنسىپى ››نى تەستىقلىدى ، پىرىنسىپتا مىللىي رايونلار ئاپتونومىيە تۈزۈمىنى يۈرگۈزۈشكە ئوموميۈزلۈك بەلگىلىمىلەر چىقىرىلغان. يېرىم ئايدىن كىيىن شىنجاڭ ئۆلكىلىك مىللىي ئاپتونومىيە تەييارلىق كومىتىتى قۇرۇلدى. كىيىنكى يىلى تەييارلىق كومىتىت ‹‹شىنجاڭ مىللىي رايونلار ئاپتونومىيە يۈرگۈزۈش پىلان دەسلەپكى لايىھەسى››نى تۈزۈپ بىكىتتى.
مەركەر پارتىيەسى ئېنىق قىلىپ شىنجاڭنىڭ يەر ئىسلاھات قۇرۇلۇشى ئاساسىي جەھەتتىن ئاياغلاشقاندىن كىيىن ئاۋال ئۇيغۇر مىللىتىدىن باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەر رايونلىرىدا ئاپتونومىيە سىياسىتى يۈرگۈزۈشنى ، تەجرىبىلەرگە ئېرىشكەندىن كىيىن پۈتۈن مەملىكەت بويىچە ئاپتونومىيە رايونى قۇرۇلۇشى ئىلىپ بېرىشنى تەكىتلىگەن. بۇ كۆرسەتمىگە ئاساسەن 1954-يىلى 3-ئايدىن 11-ئايغىچە ۋاقىتتا شىنجاڭ ئىلگىرى كىيىن تەرتىپ بويىچە يەنماۋ خۇيزۇ ئاپتونوم ناھىيىسى ، چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيىسى ، مورى قازاق ئاپتونۇم ناھىيىسى ، قوبۇقسار موڭغۇل ئاپتونوم ناھىيىسى ، تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيىسى ، باركۆل قازاق ئاپتونوم ناھىيىسى قاتارلىق 6 مىللىي ئاپتونومىيە ناھىيىسىنى ۋە بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى ، بۆرتالا موڭغۇل ئاپتونۇم ئوبلاستى ، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى ، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى ، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى قاتارلىق 5 ئاپتونوم ئوبلاسىت قۇرۇلدى. بارلىق مىللىي ئاپتونوم خاراكتىرىغا چۈشىدىغان مىللەتلەر رايونلىرىنىڭ ھەممىسىدە ئاپتونومىيە يۈرگۈزۈلدى ، بۇنىڭدىن پارتىيەنىڭ مىللەتلەر سىياسىتىنىڭ شىنجاڭدا ئۈنۈملۈك ئەمىلىلەشكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئازسانلىق مىللەتلەر ئۆز ئىچكىي ئىشلىرىنى ئۆزى باشقۇرۇش ھوقوقى كاپالەتكە ئىگە قىلىندى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە شىنجاڭنىڭ سىياسەت ، ئىقتىساد ، مەدەنىيەت ۋە ئىجدىمائىي ساھەلىرى زور تەرەققىياتلارغا ئېرىشتى. كۆپلىگەن ئاز سانلىق مىللەت كادىرلىرى تەربىيەلەندى ، ئۇيغۇر مىللىتىنى گەۋدە قىلغان ئۆلكە دەرىجىلىك ئاپتونوم رايون قۇرۇشنىڭ شەرىت-شارائىتى پىشىپ يېتىلدى.
1955-يىلى 1-ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭ شۆبىسى ‹‹ئۆلكە دەرىجىلىك ئاپتونوم رايون قۇرۇش يوليورۇقى›› ئېلان قىلىپ ئۇيغۇر مىللىتىنى ئاساس قىلغان ئۆلكە دەرىجىلىك ئاپتونوم رايون قۇرۇشنى مۇھىم بىر سىياسىي ۋەزىپە قاتارىدا مۇئامىلە قىلىشنى تەكىتلىدى.
شىنجاڭغا نام بېرىش مەسلىسىدە مەركەز شىنجاڭ ئۆلكىلىك مىللىي ئاپتونومىيە تەييارلىق كومىتىتىنىڭ مۇدىرى بۇرھان شەھىدى ۋە مۇئاۋىن مۇدىرى سەيپىدىن ئەزىزلەرنىڭ پىكىرىنى ئىگەللىگەن. 1955-يىلىنىڭ بېشىدا بۇرھان شەھىدى ۋە سەيپىدىن ئەزىز بېيجىڭدا يېغىن ئېچىۋاتقىنىدا مەمۇرىي كېڭەشنىڭ كاتىپى شىجوڭشۈن ئۇلار بىلەن كۆرۈشكەن ، شىجوڭشۈن ئۇلارغا : رەئىس ماۋزىدوڭ سىلەردىن كەلگۈسىدە شىنجاڭنى ‹‹شىنجاڭ ئاپتونوم رايونى›› دەپ ئاتاش توغرىسىدا ئىككىڭلارنىڭ پىكىرىنى ئىگەللەپ بېقىشىمنى ئېيىتتى ، دىدى. سەيپىدىن ئەزىز رەئىس ماۋزىدوڭنىڭ ئۇلارنىڭ پىكىرىنى ئىلىشقا ئەھمىيەت بەرگىنىدىن ناھايىتى خۇشال بولدى ھەمدە سەمىمىي ھالدا ئۆزىنىڭ پىكىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى ، ئۇ مۇنداق دىدى : ‹ئاپتونومىيە تاغ ۋە دەريالارغا بېرىلمەيدۇ بەلكى بىر مىللەتكە بېرىلىدۇ ، شۇڭلاشقا ئۇ مىللىي رايونلار ئاپتونومىيىسى دەپ ئاتىلىدۇ ، شۇڭلاشقا ‹‹شىنجاڭ ئاپتونوم رايونى›› دەپ ئاتاش ئانچە مۇۋاپىق ئەمەس ، ‹‹شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى›› دەپ ئاتاش كېرەك › دەپ تەكلىپ بەردى. شىجوڭشۈن شۇ يەردىلا ‹بولىدۇ ، مەن پىكىرىڭىزنى رەئىس ماۋزىدوڭغا يەتكۈزىمەن› دىدى.
ئىككى كۈندىن كىيىن شىجوڭشۈن سەيپىدىن ئەزىز ۋە بۇرھان شەھىدىلار بىلەن كۆرۈشتى ھەمدە ئۇلارغا رەئىس ماۋزىدوڭنىڭ سەيپىدىن ئەزىزنىڭ پىكىرىگە قوشۇلغانلىقىنى ئېيىتتى. نەچچە كۈندىن كىيىن لىۋېيخەن(سىياسىي بيۇرو ھەيئەت ئەزاسى) سەيپىدىن ئەزىز بىلەن ئۇچراشقاندا ئۇنىڭغا شىجوڭشۈن رەئىس ماۋزىدوڭغا سىزنىڭ پىكىرىڭىزنى دوكلات قىلغاندىن كىيىن رەئىس ماۋزىدوڭ ئەستايىدىللىق بىلەن ئويلاندى. رەئىس ماۋزىدوڭ : ‹‹سەيپىدىن ئەزىزنىڭ دىگىنى توغرا›› دىگەنلىكىنى ئۇلارغا بىلدۈردى.
1955-يىلى 4-ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭ شۆبىسىگە تىلگىرامما قايتۇرۇپ شىنجاڭدا ئۆلكە دەرىجىلىك ئاپتونوم رايون قۇرۇش شۇنداقلا نامىنى ‹‹شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون››دەپ بېكىتىشكە قوشۇلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
مەركەز ئېنىق قىلىپ مىللىي رايونلاردا ئاپتونومىيە يۈرگۈزۈش جەريانىدا تەربىيەلەش خىزمىتىگە چوڭقۇر چۆكۈپ خەنزۇ كادىرلىرىنىڭ چوڭ مىللەتچىلىك ئىدىيىسىنىڭ قالدۇقىنى تازىلاشتىن سىرىت چوقۇم ئۇيغۇر كادىرلىرى بولۇپمۇ چوڭ رەھبەرلەرنىڭ چوڭ مىللەتچىلىك ئىدىيە خاھىشىنى يوقۇتۇش كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن.
مەركەز قايتا تەكىتلەپ ئۇيغۇر مىللىتى بولسا شىنجاڭ رايونىدىكى كۆپ سانلىق مىللەت ، مىللىي ئاپتونومىيە يولغا قويۇلغاندىن كىيىن باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرگە تېخىمۇ ئېتىبار بېرىپ شىنجاڭدىكى ھەرمىللەت خەلقىنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى تېخىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇپ ، شىنجاڭدىكى ھەرمىللەت خەلقىنىڭ سىياسىي ، ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىي ئىشلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.
9-ئاينىڭ 13-كۈنى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمى كومىتېتىنىڭ 21-قېتىملىق يېغىنىدا قارار چىقىرىپ گوۋۇيۈەن زوڭلىسى جوۋئېنلەينىڭ تەكلىپى ماقۇللىنىپ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلۇپ شىنجاڭنىڭ ئۆلكە تۈزۈمى بېكار قىلىندى شۇنداقلا شىنجاڭ ئۆلكىسىنىڭ مەمۇرىي رايونلىرى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مەمۇرىي رايونى قىلىپ بېكىتىلدى. بۈگۈنكى كۈندە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرىنىڭ ھەممىسى تاماملىنىپ بولۇندى.
9-ئاينىڭ 20-كۈنى شىنجاڭ 1-قېتىملىق خەلق قۇرۇلتىيى 2-ئومومىي يېغىنى ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى. 9-ئاينىڭ 30-كۈنى قۇرۇلتاي ۋەكىللىرى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ خەلق ھەيئەت كومىتىتىنىڭ ئەزالىرى سايلىنىپ چىقىلىپ رەسمىي ھالدا جۇڭخۇا خەلق جۇمھىرىيىتىنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلدى.شىنجاڭ ئۆلكە تۈزۈلمىسى ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى.
سەيپىدىن ئەزىز (ئۇيغۇر) ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ رەئىسىلىككە ، گاۋجىنچۈن ، مەمەتئىمىن.ئىمىنوف ، پاتىخان.سۇغۇربايىفلار مۇئاۋىن رەئىسلىككە سايلاندى. ھەيئەت ئەزالىرى 37 ئادەم بولۇپ ئۇيغۇر ، خەنزۇ ، قازاق ،مۇڭغۇل ،تۇڭگان ,قىرغىز ، تاجىك ، تاتار ، ئۆزبەك ، شىبە ۋە داغۇر مىللەتلىرىدىن تەشكىللەنگەن. شۇنىڭ بىلەن ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونىدىن كىيىنكى ئىككىنجى ئاپتونوم رايون قۇرۇلدى.
‹‹بىزنىڭ شىنجاڭ ياخشى جاي›› ناملىق ناخشىدا دىيىلگىنىدەك شىنجاڭ شۇنىڭدىن ئېتىبارەن مىللىي ئاپتونومىيەلىك تېز تەرەققىياتنىڭ يېڭى دەۋرىگە قەدەم باستى.
(خەلق تورى)1955-يىلى : شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ قۇرۇلۇشى:
تەرجىمە قىلغۇچى:جاھانگىر ، تەرجىمىدە خاتالىقلار بولۇشى مۇمكىن. تورداشلار تەلىم بەرگەيسىلەر.
ئالاھىدە ئەسكەرتىش : مەزكۇر تېما ئەلكۈيى مۇنبىرىگە يوللاندى ، باشقا توربېكەت ۋە شەخىسلەرنىڭ رۇخسەتسىز كۆچۈرمەسلىكىنى سورايمەن.