
ئەلكۈيى تورى باھار 17-كۈنى خەۋىرى: 5-ئاينىڭ 17-كۈنى چۈشتىن كىيىن ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 3:00 تە شىنجاڭ تاشئالما پۇتبول كوماندىسى يەنە بىر قېتىم غەلبە قازاندى.
باھار 17-كۈنى (پەيشەنبە) جۇڭگو ب دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسى 5-ئايلانما مۇسابىقسى خېبىي ئۆلكىسىدە ئېلىپ بېرىلدى.خېبىي ياشلار كوماندىسى ساھىبخان شىنجاڭ تاشئالما پۇتبول كوماندىسى مېھمان سۈپىتىدە ئوينالغان بۇ مەيدان مۇسابقە شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ 0 گە قارشى 2نەتىجىگە ئېرىشىش بىلەن شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ غەلبىسى ئاستىدا ئاخىرلاشتى.
بۈگۈنكى مۇسابىقە ھەر ئىككى تەرەپنىڭ مۇداپىئەسى ئاستىدا ئىنتايىن كەسكىن ئېلىپ بېرىلدى.شىنجاڭ كوماندىسى ئىزچىل ھۇجۇم ھالىتىدە توپ ئوينىدى. نەتىجىدە شىنجاڭ تاشئالما پۇتبول كوماندىسى ئالدىنقى يېرىم مەيداندا 2-نومۇرلۇق مۇستافا 1 توپ كىرگۈزۈپ نەتىجىدە ئۈستۈنلۈكنى ئىگەللىدى.توپ ئۇرۇپ بولغاندىن كېيىن تېخى ئۇلار مەيداندا ساما ئۇسۇلى ئويناپ تەبرىكلىدى.

بۈگۈنكى جۇڭگو ب دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسى 5-ئايلانما مۇسابىقسى خېبىي ئۆلكىسىدە ئېلىپ بېرىلغان مۇسابىقىدە تۇنجى توپنى كىرگۈزگەن شىنجاڭ تاشئالما پۇتبول كوماندىسىدىكى 2-نومۇرلۇق ماھىر بېك مۇستافا
كېيىنكى يېرىم مەيدان باشلنىپ ئۇزاق ئۆتمەيلا شىنجاڭ تاشئالما پۇتبول كوماندىسىدىن 10-نومۇرلۇق ئەخمەتجان بىر كاللا توپ ئۇرۇپ نەتىجىنى 0:2 قىلىپ ئۆزگەرتتى.

بۈگۈنكى مۇسابىقىدە 2-توپنى كىرگۈزگەن شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسىنىڭ 10-نومۇرلۇق ئەزاسى ئەخمەتجان ئەلكۈيى تورىنىڭ زىيارىتىنى قۇبۇل قىلىۋاتقان كۆرۈنۈشى نەق مەيدانغا مۇسابىقە ئەھۋالىنى كۆرگىلى بارغان شىنجاڭ توپ مەستانلىرى ھۇررا ساداسىنى توۋلاپ شىنجاڭ كوماندىسىغا مەدەت بەردى.مۇسابىقە داۋامىدا ئىچكىرى ئۆلكىلەردە تورغا چىقىۋاتقان تورداشلار ئەلكۈيى مىكرو بلوگىغا مۇسابىقە ئەمەلىي ئەھۋالىنى داۋاملىق تۈردە ئېلان قىلىپ تۇردى. مۇسابىقە جەريانىدا خېبىي كوماندىسنىڭ بىر ئەزاسى قائىدىگە ئېغىر خىلاپلىق قىلغاچقا قىزىل كارتا جازاسىغا ئۇچراپ مەيداندىن چىقىرۋېتىلدى.نەتىجىدە شىنجاڭ كوماندىسى قارشى تەرەپ مەيدانىدا يەنە ئۇتۇق قازىنىپ مېھمان مەيداندىلا ئۇتتۇرماسلىق ئەمەس، بەلكى ھازىرغا قەدەر بىرلەشمە مۇسابىقىدە ئىزچىل ئۇتتۇرماسلىقىتەك ياخشى مۇسابىقە كەيپىياتىنى داۋاملىق ساقلاپ كەلدى.

شىنجاڭ كوماندىسىغا نەق مەيداندا مەدەت بىرىۋاتقان شىنجاڭلىق پۇتبول مەستانىلىرى شىنجاڭ تاشئالما پۇتبول كوماندىسى مۇسابىقە باشلىنىپ ھازىرغىچە، ئومۇمىي نومۇردا 3 مەيدان ئۇتۇپ 2 مەيدان تەڭلىشىپ نۆۋەتتە شىمالىي رايوندا يەنىلا 1-ئورۇندا تۇرماقتا.
تولۇقلىما مەزمۇن (2012-5-18 00:00):
بايام ئەلكۈيى تورى باش بېتىدە شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسىنىڭ
تولۇقلىما مەزمۇن (2012-5-18 00:00):
بۈگۈنكى ئەڭ يېڭى خەۋىرىنى ئۇچرىتىپ چاپلاپ قويدۇم،يارايسىلەر ئەزىمەتلەر |