- ھوقۇقى
- 1
- يازما
- 158
- نادىر
- 2
- جۇغلانما
- 1158
- تىزىملاتقان
- 2011-5-11
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-3-12
- UID
- 11145
- يازما
- 158
- تېما
- 38
- نادىر
- 2
- جۇغلانما
- 1158
- تىزىملاتقان
- 2011-5-11
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-3-12
- توردا
- 59 سائەت
|
مۇسابىقە كۆرۈش جەريانىدا سىرگىينى تىخى كەلمىگەن چىغى دەپتىمەن، توردا قارىسام ئۇنىڭ رەسىمى، توۋۋا دەۋەتتىم، بۇ تىرنىر نىمە ئۈچۈن 2- مەيداندا چارە قوللانمايدۇ؟ نىمە ئۈچۈن ھۇجۇم سىپىنىڭ 3 مەيداندا 2 توپ ئۇرغانلىقىدەك ھەقىقەتنى كۆرۈپ تۇرۇپ ئابدۇغەنىنى ئاساسلىق ئەزا قىلمايدۇ؟ مۇسابىقە مەيدانىغا بارغانلار بىردىنبىر قايىل بولغان پۇتبولچى دەل ئابدۇغەنى دەپ ئويلايمەن،
مەن بۇرۇن مۇشۇ بالىلارنىڭ مۇسابقىسىنى كۆرگەن ، خاتالاشمىسام 10-نومۇر ئەخمەت دەل ئالدى بەل ئويناپ بارلىق ھۇجۇمغا مەسئۇل بولاتتى، ئۇنىڭ ئادىدا شاۋكەت بار ئىدى، ئىككى يان شۇنداق ماسلىشىپ ھۇجۇم تەرتىپىنى ئالماشتۇراتتى، چۈنكى ئەخمەتنى مەركەز قىلىپ ئويناش ئۇنىڭ خالىغانچە ھۇجۇم يۆلىنىشىنى ئۆزگەرتىشىگە كاپالاتلىك قىلاتتى، ماڭا بۇ بالا بەك ياخشى تەسىر قالدۇرغان،لىكىن بۇ قىتىملىق مۇسابىقىدە ئۇ ئوتتۇرا ھۇجۇمچى بولۇپ ئوينىدى(سەۋەبى شەۋكەت يوق) بىراق ئۇنىڭغا ئوتتۇرا يولدىن بىرەر ئۈنۈملۈك پاس كەلمىدى،
1. ئالدىنقى مەيداندا مۇستافا ھۇجۇم تەشكىللىدى. ئۇ سول تەرەپتىن توختىماي كىردى، بىراق 9- نومۇر بىلەن بولغان ماسلىشىش بەك ئاز، پەقەت توپ ئۇرۇشنىلا ئىستەپ، ئوتتۇرا يولدىكى ئەخمەتكە قارا قويۇق توپ تاشلاپ بەردى، نەتىجىدە ئۆزىنىڭ كۈچۈنى خورىتىپ 2- مەيداندا بولۇڭ توپنىمۇ تاشلىيالمىغۇدەك دەرىجىدە ھىرىپ كەتتى.
2. ئوڭ بىك نۇرمەمەت ئالدىنقى مەيداندا ئاساسەن مۇداپىئە ھالەتتە ئوينىدى. دىمەك ئوڭ ھۇجۇمدىكى ئاساسلىق بىسىم كىرايغا يۈكلىنىپ قالدى، شۇ سەۋەپ ئوتتۇرا مەيدان ئويناۋاتقانلار، ئوڭ تەرەپنى تاشلاپلا قويدى.
3. مەيداندا بارلىق ئەزالار ئۆز ئالدىغا ئوينىدى، مەركەزلىك ئويناش ئاساسەن يوق. چۈنكى ئوتتۇرا مەيدان تەشكۇللىگۈچى يوق.(مۇسابىقە كۆرگەنلەرگە بۇ تەرەپ ناھايىتى ئىنىق)
4.مۇسابىقە تەجرىبىسى مول بولغان پەرھات بۇ مەيداندا بۇرۇنقى ھەيۋىسىنى يوقۇتۇپ قويدى. مەن ئۇنىڭ نوقتا توپ تالاشقاندىن باشقا ۋاقىتتا ۋارقىرىغىنىنى كۆرمىدىم. بەلكىم ئۇ بۇ شاكىچىكلەرگە بىسىم قىلماي دىگەندۇ، ئاساسەن ئۆزىنىڭ مۇداپىئە ۋەزىپىسىنى ئۆتىدى خالاس. مىنىڭچە بۇ مەيدان ئۇنىڭ سۈر-ھەيۋە قىلىشىغا، ئوتتۇرا مەيدان ئەزالىرىنى تىللاپ تۇرىشىغا مۇھتاج ئىدى، بولۇپمۇ ئۇ سۈر-ھەيۋە قىلمىغانلىقنىڭ نەتىجىسىنى نوقتا توپتا كۆردى. (ئۆزۈڭلار چۈشىنىۋىلىڭلار بۇ يەرنى.)
5. ئوتتۇرا مەيداندىكى ئۈچ يىگىت بەكلا تەمتىرەپ قالدى، نىمە قىلىش كىرەكلىكىنىمۇ بىلمىدى. بۇ ئاخىرىدا پۇتۇن يىگىتلەرنىڭ جەڭگىۋارلىقىغا تەسىر يەتكۈزدى. بولۇپمۇ ئىككى ئارقا بەل مۇداپىئە ئۇلارغا مۇھتاج بولمىغان ئەھۋال ئاستىدىمۇ ھۇجۇمغا ئاكتىپ قاتناشمىدى،. بىر كۆزى كەينىدىلا ئوينىدى.
بۇ مىنىڭ مۇسابىقە تەسىراتىم،... شاكىچىكلەردىن رەنجىشكە ھەققىمىز يوق،. بولۇپمۇ نوقتا توپنى تىلغا ئىلىپ ئۇلارغا بىسىم قىلمايلى. مۇسابىقە كۆرۈش جەريانىدا شەۋكەت ئىنىمىزنى سىغىنىپ قالدىم.
|
|