شىنجاڭ غەربىي يۇرت تاشئالما پۇتبول كوماندىسى بىلەن تيەنجىن پاراۋۇز كوماندىسى ئۈرۈمچىدە 5-ئاينىڭ 12-كۈنى ئوينىغان مۇسابىقە ئەھۋالى ھەققىدە ئەلكۈيى تورى ئىشلىگەن نەق مەيدان زىيارىتى
ئەسسالامۇئەلەيكوم ھۆرمەتلىك تورداشلار ئالدى بىلەن مۇشۇنداق ھاياجانلىق ئىشلارنى ھەممىڭلار بىلەن بىرلىكتە ئورتاقلىشالىغانلىقىمىزدىن ئىنتايىن خۇرسەنمىز ۋە ھەر بىر تورداشقا شىركىتىمىز شۇنداقلا تورىمىزدىكى بارلىق خىزمەتچى _ خادىملار نامىدىن قىزغىن سالام يوللايمىز.

ئەلكۈيى تورى رىياسەتچىسى تەنتەنە تەلئەت مۇسابىقە باشلانغان دەقىقىلەردە مۇسابىقە مەيدانى ئىچىدە تورداشلارغا خەۋەر بەرمەكتە 2012-يىلى 5-ئاينىڭ 12-كۈنى جۇڭگو B دەرىجىلىكلەر بىرلەشمە پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ 4– ئايلانما مۇسابىقىسى ئېلىپ بېرىلدى. شىنجاڭ كوماندىسى شىنجاڭ تەنتەربىيە مەركىزى تەنھەرىكەت مەيدانىدا ساھىبخان سۈپىتىدە تىيەنجىن پاراۋۇز كوماندىسى بىلەن بىر مەيدان كەسكىن مۇسابىقە ئېلىپ باردى.
بۇ قېتىمقى مۇسابىقە ھازىرغا قەدەر جۇڭگودا ئۆتكۈزۈلگەنB دەرىجىلىكلەر بىرلەشمە پۇتبول مۇسابىقىسى ئىچىدىكى ئەڭ يېڭى تارىخى رېكورتنى ياراتقان بولۇپ،مۇسابىقە مەيدانىغا جەم بولغان 35مىڭدىن ئارتۇق شىنجاڭلىق پۇتبول مەستانىلىرى مۇسابىقە مەيدانىنى چاڭ كەلتۈرۋەتتى.مۇسابىقە مەيدانىدىن ئالقىش -سادالار،بىردەممۇ ئۈزۈلۈپ قالمىدى.جۇڭگودىكى ئەڭ نوپۇزلۇق كەسپىي ئەربابلار ۋە نوپۇزلۇق تاراتقۇلار شىنجاڭ پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ بۇ قەدەر قىزغىن ئەھۋالىنى كۆرۈپ ھەقىقەتەن ھەيران قالدى،ئۇلار: جۇڭگو پۇتبولچىلىقىنىڭ ئالتۇن پەسلى يېقىنلاپ قاپتۇ.دىيىشتى.

ئەلكۈيى تورى رىياسەتچىسى تەنتەنە تەلئەت مۇسابىقە باشلانغان دەقىقىلەردە مۇسابىقە مەيدانى ئىچىدە تورداشلارغا خەۋەر بەرمەكتە شىنجاڭ پۇتبولچىلىقىنىڭ كىيىنكى تەرەققىياتى ۋە شىنجاڭ كوماندىسىدىكى بارلىق ئەزىمەتلىرىمىزنىڭ غەلبە قازىنىشى شۇنداقلا ئەلكۈيى تورىدىكى نەچچە يۈزمىڭلىغان تورداشلارنى مۇسابىقە ئەمەلىي ئەھۋالىدىن خەۋەردار قىلىش مەقسىتىدە بىز ئەلكۈيى تورىدىكى خىزمەتچىلەر ‹‹شىنجاڭ پۇتبولچىلار جەمئىيتى›› تەشكىلىي كومىتېتىنىڭ تەكلىپى بىلەن 12-ماي مۇخبىر ۋە رىياسەتچىلىرىمىزنى باشلاپ مۇسابىقە نەق مەيدانىغا يىتىپ بېرىپ، تورداشلارغا ئەلكۈيى مىكرو بلوگى ئارقىلىق مۇسابىقە جەريانىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىنى يوللاپ تۇردۇق ۋە بىر بىر تەرەپتىن مۇسابىقە پۈتۈن جەريانىنى تولۇق سۈرەتكە ئېلىش بىلەن بىرگە شىنجاڭ كوماندىسىدا مۇسابىقە ئويناۋاتقان ئەزىمەتلىرىمىز ۋە شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ مەشقاۋۇللىرى ھەمدە مۇسابىقە مەيدانىدىكى توپ مەستانىلىرى بىلەن بۈگۈنكى مۇسابىقە ھەققىدە مەخسۇس زىيارەت فىلىمى ئىشلەپ تورداشلارنىڭ ھۇزۇرىغا سۇندۇق.شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسىدىكى ئەزىمەتلىرىمىز بىلەن ئەلكۈيىدە سۆھبەت(1)نى بۇ يەردىن كۆرۈڭ:
ئېنىقلىقى يۇقىرى،ئاۋاز ۋە سۈرەت سۈپىتى ياخشى ھالىتىنى كۆرمەكچى بولسىڭىز بۇ يەردىن كۆرۈڭ مۇسابىقە نەق مەيدانىدىكى ھەرقايسى مۇناسىۋەتلىك رەسىملەر ۋە زىيارەتلەر داۋاملىق تورغا يوللىنىۋاتىدۇ 
شىنجاڭ كوماندىسى مۇسابىقە مەيدانىغا كىردى 
شىنجاڭ كوماندىسى ھۇجۇم قىلماقتا 
شىنجاڭ كوماندىسى ھۇجۇم قىلماقتا 
مەيداندا مۇسابىقە كۆرىۋاتقان پۇتبول مەستانىلىرى

‹‹شىنجاڭ پۇتبولچىلار جەمئىيتى››نىڭ باشلىقى ئابلەت ئەپەندىم ئەلكۈيى تورىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلماقتا 
شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسىنىڭ 7-نومۇرلۇق ھۇجۇمچىسى ئەسقەر مۇسابىقە ئاخىرلىشىپلا ئەلكۈيى تورىنىڭ زىيارىتىنى قۇبۇل قىلماقتا 
شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسىنىڭ 10-نومۇرلۇق ئەزاسى ئەخمەتجان ئەلكۈيى تورىنىڭ زىيارىتىنى قۇبۇل قىلماقتا 
شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ 18-نومۇرلۇق ئەزاسى مەخمۇتجان ئەلكۈيى تورىنىڭ زىيارىتىنى قۇبۇل قىلماقتا 
شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ تېرىنىر ياردەمچىسى ئەلكۈيى تورى قاتارلىق تاراتقۇلارغا كوماندا ئەزالىرىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى ھەققىدە سۆزلەپ بەرمەكتە
مۇسابىقە ئەھۋالىنى نەق مەيداندىن مەركىزىي تېلىۋىزىيە ئىستانسىسى CCTV-1قانىلى ،CCTV-5قانىلى، CNTVتەنتەربىيە قانىلى،شىنجاڭ تېلىۋىزىيە ئىستانسىسى،شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى،تيەنجىن تېلىۋىزىيە ئىستانسىسى، شۇنداقلا دۆلىتىمىزدىكى خەنزۇچە داڭلىق تور بېكەتلەردىن شىنخۇا تورى ، تېڭشۈن تورى،سۇمرۇغ تورى ۋە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىدىكى باشلامچى تور بېكەت ھېسابلىنىدىغان ئەلكۈيى تورى ..قاتارلىق 20دىن ئارتۇق مەملىكەت ئىچىدىكى ئەڭ داڭلىق نوپۇزلۇق تاراتقۇلار نەق مەيداندا مۇسابىقە ئەمەلىي ئەھۋالى ھەققىدە مەخسۇس خەۋەر بەردى ۋە تور - تېلىۋىزىيە زىيارىتى ئېلىپ باردى.

دۆلەت ئىچى ۋە رايونىمىزدىكى داڭلىق تاراتقۇلارىڭ مۇخبىرلىرى رەسىمگە تارتماقتا مەركىزىي تېلىۋىزىيە ئىستانسىسى CCTV-5قانىلى «پۇتبول كىچىسى» پروگراممىسىنىڭ مۇخبىرى ۋاڭ تاۋ ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلگەن بۇ قېتىملىق مۇسابىقە ھەققىدە توختىلىپ ئەلكۈيى تورى مۇخبىرىغا مۇنداق دېدى: « شىنجاڭ كوماندىسى بىلەن تىيەنجىن كوماندىسىنىڭ بۇ قېتىمقى مۇسابىقىسى تېخى باشلانماستىلا مەيدان 20 مىڭدىن ئارتۇق پۇتبول مەستانىسى بىلەن ئاۋاتلىشىپ كەتتى، مۇسابىقە باشلىنىپ 20 مىنۇتتىن كىيىنلا مەيداندىكى ئادەم سانى 35مىڭدىن ئېشىپ كەتتى، مۇسابىقە ئاخىرلاشقۇچە بولغان ئارىلىقتا مەيدانغا كىلىدىغان ئادەمنىڭ ئىزچىل ئايىقى ئۈزۈلمىدى. بۇ ئەھۋال شىنجاڭ پۇتبولچىلىقى ۋە شىنجاڭ پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ پۇتبولغا بولغان قىزغىنلىقىنى سىرتقى دۇنياغا باشقىدىن تونۇتىۋەتتى.

شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ ئەزاسى مەيدانغا كىرمەكتە مەيدانغا كىرگەن 35مىڭدىن ئارتۇق پۇتبول مەستانىسىنىڭ ھۇررا ساداسى پۈتكۈل مەيداننى قاپلاپ، مۇسابىقە مەيدانىنى ئىنتايىن قىزغىن ۋە كەسكىن تۈسكە كىرگۈزگەن بۇلۇپ،پۇتبول كەسپىي خادىملىرى بۇ مەنزىرىنى كۆرۈپ جۇڭگو پۇتبولچىلىقىنىڭ ئالتۇن دەۋرىنىڭ ئانچە يىراقتا ئەمەسلىكىگە چىن پۈتتى.




مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ ستاتىستىكا قىلىشىچە، 2012-يىلى 4-ئاينىڭ 21-كۈنى شەنشىدە شەنشى كوماندىسى بىلەن شىىنجاڭ كوماندىسى ئوتتۇرىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن ب دەرىجىلىكلەر مۇسابىقىسىدە مەيدانغا كەلگەن 25مىڭ 300 توپ مەستانىسى شۇ چاغقىچە جۇڭگو ب دەرىجىلىكلەر مۇسابىقىسى ئىچىدىكى تاماشىبىن سانى ئەڭ كۆپ بولغان بىر مەيدان مۇسابىقە بۇلۇپ قالغان( ئىلگىرىكى ب دەرىجىلىكلەر مۇسابىقىسىدە توپ مەستانىلىرىنىڭ سانى 10مىڭ ئادەم ئەتراپىدا بولىدىكەن.) لىكىن كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغىنى شۇكى، ئارىدىن 21كۈن ئۆتۈپلا، شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ مۇسابىقىسىدە قىزغىنلىققا تولغان ئۈرۈمچىدىكى شىنجاڭ توپ مەستانىلىرى بۇ رىكورتنى يىڭىلىدى.

مۇسابىقە ئاخىرلاشقاندىن كىيىن شىنجاڭ كوماندىسى ئەزالىرى پۇتبول مەستانىلىرىغا سالام بەرمەكتە 

مۇسابىقە باشلانغاندىن كېيىن، مەيداندىكى 35مىڭ پۇتبول مەستانسىى بىرلىكتە ‹‹ شىنجاڭ ھۇررا! شىنجاڭ ھۇررا! ›› دەپ توۋلاشقا باشلىدى،ھۇررا ساداسى پۈتكۈل مەيداننى قاپلاپ، مۇسابىقە مەيدانىنى ئىنتايىن قىزغىن ۋە كەسكىن تۈسكە كىرگۈزگەن بۇلۇپ، مۇسابىقىلىشىش ئالدىدا تۇرىۋاتقان ھەر ئىككى كوماندىدىكى ياش ئەزالارنى جىددىيلەشتۈرۈپ قويدى، بىراق ۋاقىتنىڭ ئۆتىشى بىلەن شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ ئەزالىرى جانلىنىپ توختىماستىن ھۇجۇم قوزغىدى، ۋاراتارغا ئۇرۇلغان ھەربىر توپ دەھشەتلىك چۇقان–سادا قوزغىدى. گەرچە توپچىلارنىڭ سەۋىيىسى جۇڭگو دەرىجىدىن تاشقىرىلار بىرلەشمە پۇتبول مۇسابىقىسى توپچىلىرى بىلەن سېلىشتۇرغىلى بولمىسىمۇ، بىراق بۇنداق دەھشەتلىك ‹‹ئالۋاستى مەيدان›› ھەر قانداق يۇقىرى دەرىجىلىك توپ كوماندىلىرىنى تەمتىرىتىپ، پۇتبول ساھەسىگە مەبلەغ سېلىۋاتقان كارخانىلارنى ھەيران قالدۇرىدۇ.

10-نومۇرلۇق ئەخمەتجان ھۇجۇم باسقۇچىدا 
تيەنجىن پاراۋۇز كوماندىسىنىڭ ئەزاسى يارىلاندىم دەپ يېتىۋالدى 
شىنجاڭ كوماندىسى ئالدىنقى يېرىم مەيدان ۋە كىيىنكى يېرىم مەيدان مۇسابىقىدە ئىزچىل ھۇجۇم ھالىتىدە پۈتكۈل مەيداننى ئىگىلەپ ماڭغان بولسىمۇ،بىراق قارشى تەرەپ ۋارتارسىغا توپ كىرگۈزەلمىدى،كىيىنكى يېرىم مەيداندا شىنجاڭ كوماندىسى بىر نوقتا توپ تىپىش پۇرسىتىگە ئېرىشتى ئەمما بەختكە يارىشا بۇ نوقتا توپ دەل جايىغا كىرەلمەي، 0-0 نەتىجە بىلەن تەڭلىشىپ مۇسابىقە ئاخىرلاشتى،بىراق مەيلى شىنجاڭنىڭ پۇتبول مەستانىلىرى بولسۇن مەيلى پۇتبول ئەزىمەتلىرىمىز بولسۇن روھىي ناھايتى ئۈستۈن ۋە كۈتىرەڭگۈ ھالدا كىلەركى مەيداندا ئەڭ ياخشى نەتىجە قازىنالايدىغانلىقىغا ئىشەندى ۋە مەيداندا ئوزاققىچە ھۇررا ساداسى ئۈزۈلمىدى.

شىنجاڭ كوماندىسىدىكى ئەزىمەتلىرىمىز تيەنجىن كوماندىسى ۋارتارسىغا ھۇجۇم قىلىپ توپ ئۇرماقتا 
مۇسابىقە نەق مەيدانىدىن كۆرۈنۈش 

ئۇيغۇر پۇتبول مەستانىلىرى 
مۇسابىقە نەق مەيدانىدا خەۋەر بىرىۋاتقان ئەلكۈيى شىركىتىدىكى خىزمەتچى_خادىملار 

شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسىدىكى ئەزالار بىلەن خاتىرە رەسىم قالدۇرۇلدى بىز ئاخىرىدا ئەلكۈيى تورى ۋە ئەلكۈيى تورىدىكى بارلىق تورداشلار نامىدىن شىنجاڭ كوماندىسىدىكى بارلىق ئەزىمەتلىرىمىزگە ئەڭ زور تىلەكلەرنى تىلەيمىز شۇنداقلا ئۇلارنىڭ چوقۇم جۇڭگو پۇتبولچىلىقىنىڭ ئالتۇن باھارىنى يارىتالايدىغانلىقىغا شەكسىز ئىشىنىمىز.ئەزىمەتلىرىمىز جاپا چەكتىڭلار،تېخىمۇ تىرىشىڭلار،غەلبە ۋە ئامەت سىلەرگە يار بولسۇن ! بىز سىلەرنى مەڭگۈ قوللايمىز! سىلەرنىڭ جۇڭگو پۇتبول مەيدانلىرىدىلا ئەمەس دۇنيا پۇتبول مەيدانلىرىدىمۇ شىنجاڭ پۇتبولچىلىقىنىڭ ئالتۇن باھارىنى يارىتىشىڭلارنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز.
كامالىي ئېھتىرام بىلەن :
ئەلكۈيى تور تېخنىكا چەكلىك شىركىتى ئەلكۈيى تور بېكىتى 2012-يىلى 5-ئاينىڭ 12-كۈنى |