840-يىللاردىن ئىلگىرى جەنۇبىي شىنجاڭ زېمىنىدا كىملەر ياشىغان؟
(تۇدى توختى)
ئۇيغۇرلار قەدىمقى مەدەنىيلىك مىللەت بۇلۇش سۈپىتى بىلەن ئۇزۇن يىللىق شانلىق تارىخقا ئىگە مىللەتدۇر.ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئۆزىنىڭ مەدەنىيىتى شۇنداقلا ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىنى تەرەققى قىلدۇرۇشتا قوشقان تۆھپىسى،ھەرگىزمۇ ئېلىمىزدىكى باشقا مىللەتلەردىن قېلىشمايدۇ.ئۇنىڭ مىللەت بۇلۇپ شەكىللىنىش تارىخىنىڭ قەدىمىيلىكىمۇ ئېلىمىزدىكى باشقا مىللەتلەرنىڭكىدىن ھەرگىزمۇ كام ئەمەس.بۇنىڭ مىسالى ئېلىمىزنىڭ ئەڭ قەدىمقى سۇلالىلەردىن تارتىپ ئاخىرقى سۇلالە چىڭ سۇلالىسى ۋاقىتلارغىچە بولغان، ئىنتايىن ئۇزۇن تارىخىي شارائىتتا، ئېلىمىزنىڭ غەربىدە يەنە بىر سىياسى كۈچنىڭ مەۋجۇت بۇلۇپ تۇرغانلىقىنى ئېتىراپ قىلىشتۇر.غەربتىكى بۇ كۈچلەر ئېلىمىزدىكى خۇاشيا مىللىتىنىڭ روناق تېپىشىدىنمۇ ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينىغان.بۇ ھەقتە يازغۇچى جياڭ رۇڭ مۇنداق دەپ يازىدۇ<<ئەگەر يايلاقتا بۆرىلەر بولمىغان بولسا،يايلاق مىللەتلىرىنىڭ روھى يىگىلەپ،لۆم-لۆم بىر مىللەتكە ئايلىنىپ قالار ئىكەن،نەتىجىدە بۇ ئەھۋال ئوتتۇرا تۈزلەڭلىككىمۇ تەسىر كۆرسىتىپ،ئۇ يەردىكى خۇاشيا مىللەتلىرى سەددىچىنى ياسايمىز دەپ يارماس ئىكەن،ئاخىرىغا بېرىپ،ئۇلار دۈشمەننى يوق،ئۆلۈكتەك جىمجىتلىق ئىچىدە ئۈزۈل-كېسىل يوقىلار ئىكەن>>[1] يازغۇچىنىڭ بۇ ھەكىمىدىن، ئەگەر يايلاق مىللەتلىرى خۇاشيا مىللەتلىرىگە <كۈشەندە>>بۇلۇپ،ئۇلارنى سەگىتىپ قۇيۇپ تۇرمىغان بولسا، خۇاشيا مىللىتىنىڭ بۇگۈنكى مەدەنىيەت دەۋرىگە ئۇلىشىپ،مەدەنىيىتىنى ئۈزۈپ قويمىغان بىر مەدەنىيەتلىك قەدىمقى مىللەت بۇلۇپ چىقالىشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى دېگەن خۇلاسىگە ئېرىشەلەيمىز.يۇقىرىدىكى ھۆكۈمىمىزنى يەنە ھەبىبۇللا خوجا لەمجىنىنىڭ<<قەدىمقى شىنجاڭنىڭ تېررىتورىيىسىدە:ساكلار،ئۇيسۇنلار،ياۋچىلار(تۇخرىلار)،سوغدلار،خەنزۇلار،تۈركلەر،موڭغۇللار،تۈبەتلەر،چاڭلا ۋە باشقا قەبىلە خەلقلەر ياشىغان.بۇ قەبىلە ۋە خەلقلەر نەچچە مىڭ يىللىق تارىخي تەرەققىيات جەريانىدا ئۆز ئارا قوشۇلۇپ،سىڭىشىپ،بىرى-بىرىگە يۇغۇرۇلۇپ،ئاخىرقى ھېسابتا بۈگۈنكى ئۇيغۇر مىللىتىنى ۋە باشقا مىللەتلەرنى شەكىللەندۈرگەن>>[2] دېگەن خۇلاسىسىدىنمۇ ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ قەدىمقى ھەم تارىخىنىڭ نەچچە مىڭ يىلغا تۇتىشىدىغان مىللەت ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋېلىش تەس ئەمەس.بۇنى يەنە لەمجىنىنىڭ<<ئالىملارنىڭ كۆپچىلىكى ھونلارنى تۈركىي تىللىق قەبىلىلەر ئىدى دىسە،بىر قىسىم ئالىملار ھونلارنىڭ ئېتىنىڭ جەھەتتىن مۇرەككەپ بولغان چوڭ بىر قەبىلىلەر ئىتتىپاقى ئىدى.بۇ قەبىلىلەر ئىتتىپاقى ئىچىدە ئۇيغۇرلار ئاساسلىق رول ئوينىغان دەپ ھېسابلايدۇ>>[3] دېگەن ئۆزلەشتۈرمە خاراكتېرىدىكى ھۆكۈمىمۇ تۇلۇق ئىسپاتلاپ بېرەلەيدۇ.بۇ مەسىلىنى يانا ئابدۇقەييۇم خوجا<<...بۇ ئېسىل يادىكارلىقلار تارىم ۋە چەرچەن تەۋەسىدە بۇنىڭدىن 3000يىللار ئىلگىرى ياشىغان ئەجدادلارنىڭ ئۆزىگە خاس يۇڭ توقۇمىچىلىق ھۈنەر سەنئىتى،كىيىم كېچەك مەدەنىيىتىنى ئالەمگە نامايان قىلدى>>[4]دەپ يېزىپ ئەجدادلىرىمىزنىڭ قەدىمدىن تارتىپلا شىنجاڭ زېمىنىدا ياشاپ كەلگەنلىكىدىن ئىبارەت بىر يىپ ئۇچى بىلەن بىزنى تەمىنلەيدۇ.ئاپتور،تېپىلغان مەدەنىي يادىكارلىقلارنى قىممەت باھالىق،ئاز ئۇچرايدىغان دېيىش بىلەن بىرگە يانا بىزگە مۇنداق بىر مەلۇماتنىمۇ بېرىدۇ << بۇلار كەم ئۇچرايدىغان،ئېسىل،رەڭدار يۇڭ رەختلەر ئىدى>>[5]دېيىش ئارقىلىق ئەجدادىمىزدىن مەدەنىيەت تارىخنى بىزلەرگە يەتكۈزۈپ،بەزى تارىخچىلارنىڭ<<ئۇيغۇرلار دۆلىتىمىز سوتسىيالىستىك دەۋرىگە قەدەم قويغاندا قۇللۇق تۈزۈمدىكى قالاق ھالەتتە ئىدى>>دېگەن سەپسىتىسىگە كۈچلۈك رەددىيە بەرگەن.
يۇقىرىدىكىدەك رېئاللىق ئاستىدا يانا بەزى كىشىلەر ئۇيغۇرلار تارىم ئويمانلىقىغا(جەنۇبىي ۋە شەرقىي شىنجاڭلارغا) مىلادى 840-يىلى كۆچۈپ كەلگەن دېگەن قاراشنى ئوتتۇرىغا قۇيۇپ،ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجدادلىرى ياشىغان كەڭ زىمنىلارنى تولىمۇ تار دائىرىدە،ئۇيغۇرلارنىڭ تەڭرى تېغىنىڭ جەنۇبىدىكى نەچچە مىڭ يىللىق تارىخىنى قىسقىغىنە مىڭ نەچچە يۈز يىل ئەتراپىغا يىغىنچاقلاپ،ئۇيغۇرلارنىڭ بىر پۈتۈن تارىخىغا باشقىچە پۇزۇتسىيەدە بولىۋاتىدۇ.بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ بىر پۈتۈن تارىخىغا قىلىنغان ھاقارەت.
ئۇيغۇرلار راستلا 840-يىلدىكى زور تەبىئىى ئاپەت ۋە قىرغىزلارنىڭ زەربە بېرىشى ئارقىسىدا تارىم ئويمانلىقىغا كۆچۈپ كېلىپ،ئۆزىنىڭ ھاياتلىق پائالىيىتىنى مۇشۇ زېمىندا باشلىغانمۇ؟ئۇنىڭدىن ئىلگىرى بۇ زېمىنىدا كىملەر ياشىغان؟
يۇقىرىدىكى مەسىلىلەرنى ئايدىڭلاشتۇرۇۋېلىش بولسا ماركىسزملىق تارىخىي قاراشنىڭ مۇھىم پرىنسىپلىرىنىڭ بىرسى بۇلۇپ ھېسابلىنىدۇ.ماۋزېدۇڭ<<تارىخنى ئۇنتۇش، ئاسىلىقتىن دېرەك بېرىدۇ>>دەپ ناھايىتىمۇ توغرا ئېيتقان.
يۇقىرىدىكى مەسىلىلەرگە جاۋاپ بېرىشتە تۆۋەندىكى مەنبەلەرگە مۇراجىئەت قىلىپ،تۆۋەندىكى نۇقتىلار ئارقىلىق 840-يىلدىن ئىلگىرى ئوتتۇرا ئاسىيادا ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجدادىنىڭ ياشىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ چىقىمىز.
بۇ كەڭ زېمىنىنىڭ(تارىم ۋادىسى-ئوتتۇرا ئاسىيا) ئەسلىدىكى ئىگىلىرىنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاشتا ،ئالدى بىلەن بۇ كەڭ زېمىنىنىڭ تىرىتورىيەسىنى سىزىپ چىقىشقا توغرا كېلىدۇ.بۇ زېمىننىڭ ئىگىسى ۋە زىققىنىڭ دائىرىسىنى بېكىتىپ چىقىش ،شۇ مىللەت ئەجدادلىرىنىڭ پائالىيەت قىلغان،ھاياتلىقنى داۋاملاشتۇرغان بىر پۈتۈن تارىخىنىڭ ھەقىقى ئىسپاتى بۇلۇپ قالىدۇ.
1-ئىسپات: تېررىتورىيە مەسىلىسى(ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ دائىرىسى)
ئەجدادلىرىمىزنىڭ ياشاپ كەلگەن زېمىنى توغرىسىدا ئۇيغۇر مەنبەلىرىنىڭ قارىشى ئاساسەن ئوخشا بۇلۇپ،ئۇلار بىردەك ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمدىن تارتىپ،ئەۋلاتتىن -ئەۋلادقا مۇشۇ زىمىن(ئوتتۇرا ئاسىيا) دا ياشاپ كەلگەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بېرىدۇ.دۇنيانىڭ ھازىرقى مەمۇرىي رايونلار خەرتىسىدىن قاراپمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمقى ئەجدادلىرىنىڭ ياشىغان زىمىن خەرىتىسىنى تۆۋەندىكىچە پەرەز قىلىشقا تامامەن بولىدۇ دەپ قارايمەن.
يەنى-ئىران-ئاۋغانسىتان-كەشمىر-ھىندىستاننىڭ غەربىي شىمال ۋە شەرقى شىمال قىسىمى-شىزاڭ-خېشى كارىدورى-خۇاڭخې دەرياسىنىڭ باش بۆلىكى-تاشقى موڭغۇلىيە-غەربى جەنۇبىي سىبىرىيە-ھازىرقى قازاقىستان-تۈرۈكمەن ئىستان قاتارلىق دۆلەت رايونلارنىڭ ئىچكى گىرۋىكىدىكى كەڭ رايونلار(ئىچكى ئاسىيا) دىيىشكە بولىدۇ.(ئۆزەمنىڭ قارىشى).
يۇقىرىدىكى زىمىن مەسىلىسىنى تۆۋەندىكى دەلىللەر ئارقىلىق ئىسپاتلىغىلى بولىدۇ.ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن،بۇ زېمىننىڭ ئىچكى چەمبىرىنى<< غەربىي جەنۇبىي سىبىرىيە،دەشتى قىپچاق،يەتتە سۇ،مۇڭغۇل دالاسى ۋە ئوردىستىن قاش قۇۋۇققىچە بولغان جايلار ۋە شىنجاڭ رايونى بىلەن خارەزىمنى،شۇنداقلا پەرغانە ۋادىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ماۋارائۇننەھر زېمىنلېردىن تەشكىل تاپقان>> دەپ قارايدۇ[6].
تارىخچى ۋاڭ جىلەي ،گېرمانىيەلىك جۇغراپىيە شوناس ئالېكساندىر ۋون ھوبولدنىڭ كىتابىدىن ئېلىنغان نەقىلىدە مۇنداق دىيىلىدۇ.<<ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ جۇغراپىيىلىك دائىرىسى-غەربتە كاسپىي دېڭىزدىن باشلىنىپ،شەرقتە ئالتاي تاغلىرىغىچە،جەنۇبتا ھىدىقۇش تېغىدىن شىمالدا غەربىي سىبىرىيىگىچە>>[7]
يۇقىرىدىكى ماتېرىياللار ئاساسى جەھەتتىن بىرى-بىرىنى تولۇقلاپ ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ زىمىن خەرىتىسىنى سىزىشىمىز ۋە بىلىشىمىزگە ياردەم بېرىدۇ.بىز يۇقىرىقى پاكىتلار ئاساسىدا ئوتتۇرا ئاسىيا زېمىنىنىڭ ھەقىقى دائىرىسىگە ئىگە بولالايمىز.
2-ئىسپات:ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتىنىك مەنبەسى
ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتىنىك مەنبەسى مەسىلىسىنى ئېنىقلاشمۇ يۇقىرىدىكى سوئالنىڭ جاۋابىنى ئىزدەشتە ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.
<< ئۇيغۇرلار كېلىپ چىقىشى جەھەتتىن، تۇرالارنىڭ ئەۋلادى بولۇپ، ھونلار، تۈركلەر بىلەن قان قېرىنداش ئىدى. ئۇلار تىل جەھەتتىن ئالتاي تىل سىستېمىسىدىكى تۈرك تىللىرى گۇرۇپپىسىغا كىرىدۇ...دېيىلگەن نۇرغۇنلىغان تارىخى ماتېرىياللاردا .بۇنىڭدىن ئۇيغۇرلارنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا-تۇران زېمىنىنى مەركەز قىلىپ ياشىغان ھونلار ۋە تۈركلەر بىلەن بىر تۇققان،قان -قېرىندىشى بولغان بىر قەدىمىي مىللەت ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.يەنە باشقىچە چۈشەندۈرسەك ھونلار ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجدادلىرى بۇلۇپ،تارىختا ئۆچمەس ئىز قالدۇرغان،تىللاردا داستان بولغۇدەك ئات ئۈستى مەدەنىيەتنى ياراتقان ئەرلىك خۇسۇسىيىتىگە ئىگە مىللەت.>>[8] بۇ قۇرلاردىن ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتىنىك مەنبەسىنى دەسلەپكى قەدەمدە ھېس قىلىش تامامەن مۇمكىن.
يەنىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا چۈشەندۈرۈشكە توغرا كەلگەندە،تارىخچى ھاجى نۇرھاجىنىڭ<<ئۇيغۇرلارنىڭ ئاساسلىق ئېتىنىك مەنبەسى ئىككى بىرى مىلادىيە 840-يىلى ئۇيغۇرلار غەربكە كۆچۈشتىن بۇرۇن تارىم بوستانلىقى ئەتراپىدىكى رايونلاردا قەدىمدىن بىرى ئولتۇراقلاشقان بىر قىسىم يەرلىك ئۇيغۇر مىللىتى.ئىككىنچىسى،ئېلىمىزنىڭ خەنزۇچە تارىخنامىلەردە خاتىرلەنگەن خۇيخې(خۇيخۇ)لاردۇر>>[9] دېگەن يەكۈننى مىسالغا ئېلىش تامامەن مۇمكىن.بۇنىڭدىن ئۇيغۇرلارنىڭ كېلىپ چىقىشىنىڭ تارىم ۋادىسى،ئوتتۇرا ئاسىيا رايونلىرى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى چۈشىنىش ئانچە تەس ئەمەس.
بۇ نۇقتىنى يانا ھەبىبۇللا خوجىنىڭ تارىخچى گۇ باۋ نىڭ ئەسىرىدىن مىسال ئالغان مۇنۇ جۇملىسىدىنمۇ ئىسپاتلاش تامامەن مۇمكىن.گۇ باۋ مۇنداق دەپ يازىدۇ<<840-يىلدىن كىيىن ئۇيغۇرلارنىڭ بىر قىسىمى تۇرپان،جىمىسار،قارا شەھەر،كۇچا رايونلىرىغا قىسقىسى<تۇرپان ئويمانلىقى ۋە تارىم ئويمانلىقىدىكى يېقىن تۇغقانلىرىنىڭ قېشىغا>كۆچۈپ كېلىشى...ئۇيغۇرلىشىشنى تېخىمۇ ئىلگىرى سۈردى... ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتىنىك مەنبەسى دىڭ لىڭ،تېلى،خۇي خېلاردىنلا ئىبارەت بۇلۇپ قالماي يانا ئۇيغۇرلار قوشۇۋالغان ھەرقايسى قەبىلىلەرمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتىنىڭ مەنبەسىدۇر>>[10]
يۇقىرىدىكى پاكىتلاردىن ئۇيغۇرلارنىڭ كېلىپ چىقىشىنىڭ ئاساسىغا ئىگە بۇلۇش بىلەن بىرگە يانا ئۇيغۇرلارنىڭ ياشاش تەرەققى قىلىش جەريانىمۇ ھېس قىلىش،ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتىنىڭ مەنبەسىنى توغرا شەھرىلەشتە ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.ھەرقانداق بىر زات،ئۇيغۇرلارنىڭ كېلىپ چىقىشى توغرىسىدىكى ئۆزىنىڭ سۇبيېكتىپ ئېڭىنى ،ئۇيغۇرلارغا تاڭماقچى بولسا،ئۇ مىللەتلەر تارىخى تەرەققىياتىغا ھەقىقى توسقۇنلۇق قىلىپ،تارىخىمىزنى ئاستىن-ئۈستۈن قىلىۋاتىدۇ.بۇ ھال مىللەتلەرنىڭ بىر بىرىگە بولغان ئىشەنچىسىنى سۇسلاشتۇرۇپ قۇيىدۇ.
3-ئىسپات:قەدىمقى ئۇيغۇرلارنىڭ ئولتۇراقلاشقان زېمىنى
ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئېتىنىڭ مەنبەسىنى ئېنىقلاش جەريانىدىمۇ ئەجدادلىرىمىزنىڭ قەدىمدىن تارتىپ،ئوتتۇرا ئاسىيا زېمىنىدا جۈملىدىن تارىم،تۇرپان ۋادىلىرى ۋە ئورخۇن-يەنسەي ۋادىلىرىدا ياشاپ كەلگەنلىكىنى چۈشىنىپ يەتتۇق.بۇ قارىشىمىزنى تېخىمۇ ئىسپاتلاش ئۈچۈن ئالىملىرىمىزنىڭ بىر قىسىم ھۆكۈملىرىنى دەلىل سۈپىتىدە كۆرسىتىپ ئۆتۈشكە توغرا كېلىدۇ.
ئاتاقلىق تارىخچى ھاجى نۇر ھاجى ئۆزىنىڭ زور ھەجىملىك ئىلمىي،تارىخىي ئەسىرى <<قەدىمقى ئۇيغۇرلار ۋە قاراخانىيلار>>دا تارىخچى گۇ باۋ نىڭ مۇنداق ھۆكىمىنى مىسالغا ئالىدۇ.<<مەن شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىمەنكى:مىلادى vئەسىردىن باشلاپ جەنۇبىي شىنجاڭغا دىڭلىڭلار يەنى قەدىمقى ئۇيغۇرلار ھۈكۈمرانلىق قىلىپ كەلگەن.جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ خېلى كۆپ جايلىرى مۇشۇ مەزگىلدە ئۇيغۇرلىشىپ كەتكەن>>[11]دەپ يېزىپ 840-يىلدىن ئىلگىرىلا بۇ زېمىنىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ياشاپ كەلگەنلىكىنى قەتئىي ھالدا دەلىللىگەن.
ھاجى نۇر ھاجى يۇقىرىقى كىتابىدا يەنە كەسكىنلىك بىلەن مۇنداق دەپ يازىدۇ<<كۆنچى دەرياسى بويىدىكى قەدىمقى قەبرىلەردىن تېپىلغان بۇغداي ئەۋرىشكىسىدىن قارىغاندا ئەجدادلىرىمىز تارىم بوستانلىقىدا دېھقانچىلىق قىلغان ۋاقتىنىڭ 3800-4000يىلدىن ئارتۇق ئىكەنلىكىنى،تارىم بۇغداي سورتنىڭ ئەڭ قەدىمىيلىكىدىن تاللانغان بۇغداي ئورۇش،تېرىپ ئۆستۈرۈش تارىخىنىڭ ئەڭ قېدىمىيلىكىنى ئىسپاتلايدۇ>>[12].بۇ پولاتتەك پاكىتلار ئوتتۇرا ئاسىيادا قەدىمدىن تارتىپلا ئەجدادلىرىمىزنىڭ ھاياتلىق پائالىيىتىنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن،كىندىك قېنى ئەڭ ئاۋۋال مۇشۇ زېمىنغا تۆكۈلگەن كىشىلەر ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ،ئوتتۇرا ئاسىيا دېگەن ئۇقۇمنى ئۇيغۇر بىلەن بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ چۈشەندۈرۈش بولسا ئۇيغۇر تارىخنى تەتقىق قىلىشنىڭ باشتىن ئاخىرغىچە سىڭدۈرۈلۈشى،شۇ ئاساستا ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخى ۋە ئۇيغۇرلار تارىخىنى ھەقىقى،توغرا تەتقىق قىلىش بۇ زېمىنىغا قىلىغان ئىنسانىيەتنىڭ بىر بۇيۈك ھۆرمىتىدۇر.
بۇ نۇقتىدا يەنە تەتقىقاتچى ئىقبال تۇرسۇن ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇيغۇرلىرىنىڭ مۇشۇ ئېزىز زېمىندا ياشاش جەريانىدا بۇنىڭدىن نەچچە مىڭ يىل ئىلگىرىلا مەدەنىيەت دەۋرىگە قەدەم قۇيۇپ،بۇ ئېزىز زېمىندا ئۇنتۇلغۇسىز نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىنى تۆۋەندىكى قاراشلىرى بىلەن ئىپادىلەيدۇ.
<<قەدىمقى تارىملىقلار سۈيى ئەلۋەك،ئۆت-چۆپلىرى مۆل،ھاۋاسى تىرىكچىلىككە ماس كېلىدىغان بوستان ئوتلاقلار،قار مۇزلۇق دەريا ئېقىنلاردا ياشاپ كەلگەن بۇلۇپ،ئۇلار مۇشۇ بىپايان كەڭرى ماكاندا پائالىيەت ئېلىپ بارغان.بۇ زىمىن ئۇلارنىڭ ھەممە بەخت،كۈلپەتلىرىنى قوينىغا ئېلىپ كەلگەن.مىلالىدىن ئىلگىركى 2000-يىللاردىن تارتىپ،بۇ جايدا ياشاپ پائالىيەت ئېلىپ بارغان ئەجدادلار مىلالىدىن ئاۋۋالقى Vئەسىرلەردىن تارتىپ،مۇئەييەن يېزىق بەلگىلەر ئارقىلىق ئۆز تىلىنى خاتىرلەپ ۋە ئۇنى تەرەققى قىلدۇرۇپ،بىر قاتار قەھرىمانلىق ئىپوسلىرى،ھۈنەر سەنئەت مەدەنىيىتى ھەم كۆپ خىللاشقان خەلق سەنئىتى ئارقىلىق مەرىپەت دەۋرىنى كۈتۈۋالغان...>>[13]
بۇ ھۈكۈملەردىن ئەجدادىمىزدىن مۇشۇ ئەزىزى زېمىننىڭ ھەقىقى خوجايىنلىرى ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋېلىش تەس ئەمەس.
4.ئىسپات:سوبيېكتىپ تەھلىللەر
ئۇيغۇرلارنىڭ 840-يىلىدىن ئىلگىرىكى ياشىغان ماكانىدىن كەڭ تارىم ۋادىسى ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا ۋادىسىنى چىقىرىپ تاشلاش،ئەمەلىيەتتە ئىنسانىيەتكە بولۇپمۇ ئۇيغۇر قەدىمقى زامان تارىخىغا قىلىنغان ئەڭ چوڭ ھاقارەت.بۇنى ھەبىبۇللا خوجا لەمجىنىنىڭ<<مىلادى 840-يىلدىن ئىلگىرى ئۇيغۇرلار شىنجاڭدا يوق ئىدى دەيدىغان قاراشنىڭ تېخىمۇ ئىلمىي ئاساسى يوق.ئۇيغۇرلار ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزنىڭ بىپايان غەربىي شىمال زېمىنىدا،قەدىمقى زاماندىن تارتىپلا ياشاپ،تىرىكچىلىك قىلىپ،غەربىي شىمالنى گۈللەندۈرۈشكە تىگىشلىك ھەسسە قوشقان،بۇنى ۋېتىنىمىزدىكى قەدىمقى خەنزۇچە تارىخ كىتابلىردىكى ئالاقىدار پۈتۈكلەر،ھەتتا ئۇنىڭ كەمتۈكلىكىنى تۇلۇقلايدىغان ئارخېئولوگىيىلىك ماتىرياللارمۇ تەستىقلايدۇ>>[14] دېگەن ھۆكۈمنى ئوتتۇرىغا قۇيۇپ،ئەجدادلىرىمىزنىڭ تارىم ۋادىسىدا ئەزەلدىنلا ياشاپ كەلگەن بىر قەدىمىي مەدەنىيلىك مىللەت ئىكەنلىكىنى كۈچلۈك دەلىللەر بىلەن دەلىللەپ بەرگەن بولسا،ئىقبال تۇرسۇن يانا مۇنداق ھۈكۈملەرنىمۇ ئوتتۇرىغا قۇيۇپ،ئەجدادىمىزدىن يىلتىزىنىڭ تارىم ئويمانلىقى،شۇنداقلا تەڭرى تېغىنىڭ شەرقى،شىمالى ،جەنۇبىي تەرەپلىرى بىلەن تومۇرداش ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دەپ يازىدۇ<<قەدىمقى ئۇيغۇر خانلىقى مۇنقەرز بولغاندىن كىيىن،ئۇرخۇن ئۇيغۇرلېرى غەرپكە-تەڭرى تاغنىڭ شىمالى،شەرقى ۋە جەنۇبىي ئېتەكلىرىگە كۆچۈپ كېلىپ،بۇ يەردە ياشاۋاتقان قان قېرىنداشلىرىنىڭ تۇرمۇش مۇھىتقا تىزلا ماسلىشىۋالدى ھەم ئايرىم-ئايرىم ھالدا قۇچۇ ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقى،قارىخانىيلار خانلىقىدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ خانلىقنى قۇردى.>>[15]
يۇقىرىدىكى ئىككى ھۆكۈمىدىن 840-يىلىدىن ئىلگىرىمۇ شىنجاڭ رايونىدا قەدىمقى ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئەۋلادمۇ-ئەۋلاد ياشاپ،مەدىنىيىتىمىز ھەم مىللىتىمىزنىڭ تارىخىنى بۈگۈنگىچە ئۇلىغانلىقىنى تېخىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا چۈشىنىۋالىمىز.شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنىڭ نېمە ئۈچۈن بېشىغا كۈن چۈشكەندە غەربىي شىمال رايونىغا جۈملىدىن مەركىزى ئاسىيا رايوننى مەركەز قىلىپ،ئۆزىنىڭ ھاياتىنى ساقلاپ قېلىشتەك ئۇلۇغ يۆتكىلىشنى تاللىغانلىقىغا ئاساسلىنىپ مۇنداق ئەقلى يەكۈن چىقىرىپ،قارىشىمىزنىڭ توغرىلىقىنى يەنىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا ئىسپاتلاپ چىقىش ئۈچۈن تىرىشىمىز.
1) ئۇرخۇن ئۇيغۇرلېرى نېمە ئۈچۈن بېشىغا كۈن چۈشكەندە باشقا رايونلارغا كۆچمەي دەل شىنجاڭنى مەركەز قىلغان ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىغا كۆچۈپ كېلىدۇ؟
بېشىغا كۈن چۈشكەندە ئۇلار ئەڭ ئاۋال ئۆزىنىڭ قېرىنداشلىرىنى يەنى بۇ رايوندا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنى يادىغا ئېلىپ،ئۆزىنىڭ قېرىنداشلىرى ئارقىلىق بۇ بۇيۈك مىللەتنىڭ داۋاملىق ياشىشىغا ئاساس سالماقچى بولغان.مۇشۇنداق قىلسىلا ئۆز قېرىنداشلىرى ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ۋەيران بولغان قېرىنداشلىرىنى ئۆزىگە سىڭدۈرۈپ كېتەلەيتتى.نىزا شەكىللەنمەيتتى.باشقا ئورۇنلارغا بۇنداق زور خەلقنى باشلاپ بارسا ئۇلارنىڭ بۇ يات كىشىلەرنى سىغدۇرۇشى مۇمكىن ئەمەس،ئۇرۇش قىلىپ بوي سۇندۇرۇشى تېخىمۇ مۇمكىن بولمايدۇ،چۈنكى تەبىئىى ئاپەت،قىرغىزلارنىڭ زور قىرغىنچىلىق ۋە زور دەرىجىدە بۆلىنىش،ئۇزاق سەپەر قاتارلىقلار ئۇلارنى بەكلا ھالسىرىتىپ قويغان ئىدى.مانا مۇشۇنداق ئەھۋال ئاستىدا كىممۇ ئۆز قېرىندىشىنى ئەسكە ئالمىسۇن.
2)غەرپكە كۆچكەن ئۇيغۇرلار بىلەن غەربتىكى ئەسىلىدە بار بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ قان بىرلىكى،پىسخىكا بىرلىكى،مەدەنىيەت بىرلىك،ئىقتىسادى قارىشى،تەشكىلى قۇرۇلمىسى جەھەتلەردىن بىردەك بۇلىشى ئىككى بۆلەك ئۇيغۇرنىڭ بىرلىشىشىنى تېزلىتىپ،ئۇلارنىڭ مۇقىم بىر قۇدرەتلىك مىللەت بۇلۇپ،شەكىللىنىشىگە ئاساس سالغان.مانا مۇشۇنداق كۈچنىڭ بىرىكتۈرۈشى بىلەن خاڭ خې دەرياسىنىڭ باش قىسىمدىن تاكى بالاساغۇن ئەتراپلىرىنى مەركەز قىلغان ئۇيغۇر خانلىقلىرى تىزلىك بىلەن قۇرۇلۇپ،مىللەتنىڭ تىزدىن روناق تېپىشىغا تۈرتكە بولغان.ئەگەر يۇقىرىدىكى بىر يۈرۈش مەدەنىيەت ھادىسىلىرى ئوخشاش بولمىغان مىللەتلەرنىڭ زېمىنغا پانا تارتىپ بارغان بولسا شۇنداق تېزلىكتە ئۇيغۇر ھاكىمىيىتىنى قۇرۇپ چىقالىشى مۇمكىن بولارمىدى؟ بۇ نېمىنى چۈشەندۈرىدۇ؟...
3) غەرپكە كۆچكەن ئۇيغۇرلار غەرپكە كۆچۈش مۇساپىسىنى بېسىپ تۈگەتكۈچە بولغان شۇنچە ئۇزۇن چاغ ۋە بېسىپ ئۆتكەن مەنزىللىرىدە قاتتىق ھەربىي قارشىلىققا ئۇچراپ باقمىغان(ئەلۋەتتە بەزى قارىشلىقلاردىن خالى ئەمەس).بۇنىڭدىكى ئاساسلىق ھالقىنى يەنىلا ئۇلار بېسىپ ئۆتكەن مەنزىللەردە ياشاۋاتقانلار شۇلارنىڭ ئۆز قېرىنداشلىرى ئىدى دەپ ئېيتالايمىز(بۇ نۇقتىنى يەنىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا تەھلىل قىلىشقا توغرا كېلىدۇ).شۇنداق بولغانلىغى ئۈچۈنلا زور كۆلەملىك ھەربى توقۇنۇش يۈز بەرمىگەن.ئەگەر بۇ زېمىندا باشقا كۈچلۈك مىللەتلەر ياشاۋاتقان بولسا،ئاجىزلاپ،ماجالى قالمىغان ئۇرخۇن ئۇيغۇرلىرىنى قانلىق باسۇرۇپ،ئۆزىنىڭ ھاكىمىيىتىنى قوغدىغان بولاتتى.
يۇقىرىدىكى تەھلىلىمىزدىنمۇ بۇ ئۇلۇغ زېمىنىدا قەدىمدىن تارتىپلا ئەجدادلىرىمىزنىڭ ياشاپ كەلگەنلىكىنى دەلىللىگىلى بولىدۇ.شۇنداق ئېيتىشقا بولىدىكى 840-يىلدىن ئىلگىرى شىنجاڭ رايونىدا ئۇيغۇرلار ياشىمىغان دېگەن قاراش ياكى بىر سەپسەتە،بولمىسا بىر سىياسى ئويۇندۇر.ئالىم ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن ئۇيغۇرلارنىڭ ياشىغان زېمىنىنى پاكىتلىق ئاساستا يەكۈنلەپ،مۇنداق خۇلاسە قىلغان.<<مەركىزى ئاسيانى شىنجاڭ بايقال-ئورخۇن ۋادىسى،ماۋارائۇننەھر ۋە غەربىي جەنۇبىي سىبىرىيە بىلەن يەتتە سۇ قىپچاق دالالىرى دائىرىسىدە تېخىمۇ ئىخچاملاش مۇمكىن.بالقان-يەنسەي،ئورخۇن -سېلىنگا ،ئىلى-يەتتە سۇ،تارىم،سىر،ئامۇ دەريالىرىنى باغرىغا بېسىپ ياتقان بۇ جۇغراپىيىلىك-ئېتنولوگىيىلىك زىمىن دەل مەركىزى ئاسىيا ئىنسان تۈركۈمىنىڭ يەنى مىلالىدىن كىيىن <تۈرۈك> ئىبارىسىدە ئومۇملاشقان >>[16]
پايدىلانغان ماتېرىياللار:[1]<<بۆرە توتېمى>>ئىككىنچى قىسىم.شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى،ئۇيغۇرچە نەشىرى751-بەتكە قاراڭ.
[2]لەمجىنىنىڭ<<جۇڭگۇ ئۇيغۇر تارىخى ۋە مەدەنىيەت تەتقىقاتى مەجمۇئە>>سىگە كىرگۈزۈلگەن<<ئۇيغۇرلارنىڭ ئانتروپولوگىيىلىك تىپى مەسىلىسى>> دېگەن ماقالىسىگە قاراڭ.شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1998-يىلى 1-كىتاپ 141-بەت
[3]لەمجىنى، يۇقىرىقى مەجمۇئە 141-،142-بەتلەر
[4]ئابدۇقەييۇم خوجا،يۇقىرىقى مەجمۇئە 148-بەت
[5] ئابدۇقەييۇم خوجا،يۇقىرىقى مەجمۇئە 148-بەت
[6]ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن<<قەدىمقى مەركىزى ئاسىيا>> شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى2002-يىلى نەشتىرى 9-بەت
[7]ۋاڭ جىلەي،<<ئوتتۇرا ئاسىيا ئومۇمى تارىخى>>قەدىمقى زامان قىسىم2010-يىلى ئۇيغۇرچە نەشتىرى بىرىنچى كىتاپ،1-بەت
[8]تۇردى توختى،<<ئۆزىنى بىلىش ئۆزىدىن ھالقىشنىڭ ئاساسى>> دېگەن ماقالىسىگە قاراڭ
[9]ھاجى نۇرھاجى<<قەدىمقى ئۇيغۇرلار ۋە قاراخانىيلار>> شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى2009-يىلى نەشىرى10-بەت
[10]لەمجىنى،يۇقىرىدىكى مەجمۇئە،132-بەتكە قاراڭ
[11]ھاجى نۇرھاجى.يۇقىرىدىكى كىتاپ،8-بەتكە قاراڭ
[12] ھاجى نۇرھاجى.يۇقىرىدىكى كىتاپ،16-بەتكە قاراڭ
[13]ئىقبال تۇرسۇن،<<ئۇيغۇرلاردا ھايات ھىكىمىتى،ئۆلۈم كۈلپىتى>>شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى2006-يىلى نەشرى75-بەتكە قاراڭ
[14] لەمجىنى،يۇقىرىدىكى مەجمۇئە،142-بەتكە قاراڭ
[15]ئىقبال تۇرسۇن،يۇقىرىدىكى كىتاپ235-بەتكە قاراڭ
[16] ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن<<قەدىمقى مەركىزى ئاسىيا>> شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى2002-يىلى نەشتىرى 9-بەت
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا مۇبارەك تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-4-30 22:15
تولۇقلىما مەزمۇن (2012-5-1 12:21):
‹‹...ئىبارىسىدە ئومۇملاشقان ››خەلقنىڭ ماكانىدۇر دەپ تۈزۈتۈپ ئۇقۇڭ