ئىگىسى: turditohti

ئەجداتلىرىمىز ياشىغان زېمىن     [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
14972
يازما
25
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
385
تىزىملاتقان
2011-9-9
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-31
توردا
15 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-1 11:29:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىزنىڭ ئەجدادلىرىمىز يىراق قەدىمى زامانلاردىن  بۇيان تارىم ۋادىسىدا ياشاپ كەلگەن. ھەرگىز باشقا يەرلەردىن كۆچۈپ كەلگەن ئەمەس. كىم كىرورەن گۈزىلىنى بىزنىڭ ئەجدادىمىز ئەمەس دىيەلەيدۇ؟ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئاتالغۇسى بىلەن قەدىمى ئۇيغۇر ئاتالغۇسى ھەرگىز تەڭداش ئەمەس.ئالدىنقىسى پۈتۇن بىر مىللەتنىڭ نامى بولسا،كېيىنكىسى مەلۇم قەبىلىلەر توپىنىڭ نامى.840-يىلىدىن بۇرۇن ئۇيغۇر قەبىللىرى  دىيارىمىزغا كۆچۈپ كەلمەستىن بۇرۇنلا،ئەجدادلىرىمىز دىيارىمىزدا شانلىىق مەدىنىيەتلەرنى ياراتقان. 840-يىللاردىن كېيىن موڭغۇل دالاسىدىن كۆچۈپ كەلگەن ئۇيغۇر قەبىللىرى غەرپكە يۈرۈش قىلىپ، دىيارىمىزدىكى ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئىچكى نىزاھىدىن پايدىلىنپ،يەرلىك ھاكىمىيەتنى ئاغدۇرۇپ ،دىيارىمىزدائۇيغۇر خانلىقنى قۇرغان ،ئاخىرىدا يەرلىك خەلق بىلەن سىڭىشپ كەتكەن.  تارىختا قارار قىتانلارمۇ،موڭغۇللارمۇ  غەرپكە يۈرۈش قىلىپ، دىيارىمىزدىكى ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئىچكى نىزاھدىن پايدىلىنپ،دىيارىمىزدا  ئۆز خانلىقنى قۇرغان.  ئاقىۋەت بۇلاريەرلىك ئەجدادلىرىمىز تەرىپىدىن ئاسمىلىىياتسىيە قىلىنغان.دىمەك 840-يىللاردىن كېيىن موغغۇل دالاسىدىن كۆچۈپ كەلگەن ئۇيغۇر قەبىلىسى ھازىرقى زامان ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئاساسلىق تەركىبى بولماستىن،بەلكى قىسمەن تەركىبى خالاس.

تولۇقلىما مەزمۇن (2012-5-1 11:36):
قارار قىتان ئەمەس،قارا قىتان دەپ تۈزۈتۈپ ئوقۇغايسىلەر!

تولۇقلىما مەزمۇن (2012-5-1 19:43):
مۇشۇ مەنىدىن ئېييتقاندا" ئۇيغۇر "،"قارا قىتان"،"موڭغۇل" ئاتالغۇلىرىنىڭ ھازىرقى زامان "ئۇيغۇر"ئاتالغۇسىدا ئىگىلەيدىغان سالمىقى ئاساسەن ئوخشاش.


UID
37026
يازما
2
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
2
تىزىملاتقان
2012-4-30
ئاخىرقى قېتىم
2012-5-1
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-1 15:12:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى  تېما  ئىكەن

UID
18315
يازما
71
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
101
تىزىملاتقان
2011-12-14
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-14
توردا
44 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-1 15:30:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  
بەزىلەر ئۇيغۇرلانىڭ تارىخنى قىسقارتىش ، ئويدۇرۇپ چىقىرىش ئارقىلىق بىزنىڭ نۇرغۇن مەدەنىيەت بايلىقلرمىزغا قول ئۇزاتماقچى ، مەتبۇئات  تېخنىكىسىنىمۇ ئەڭ بۇرۇن ئۇيغۇرلار كەشىپ قىلغان .

باھا سۆز

Gz520  كىيىن بۇلار كۇرۇپ نىمىشقا بۇنداق دەيسە دىسە پاكىت تاپالىسىڭىز ياخشى .  يوللىغان ۋاقتى 2012-6-12 10:33:53
Gz520  بۇنىڭغا بۇ خەق يىزىلمىلارغا قارايدۇ. ئۇزىڭىزنى قوغداشنى بىلىڭ .  يوللىغان ۋاقتى 2012-6-12 10:33:02
Gz520  بۇ گەپقۇ بوپتۇ لىكىن پاكىت بىلەن دىمىسىڭىز جۇڭگۇدا بىشىڭىز كىتىدۇ .  يوللىغان ۋاقتى 2012-6-12 10:32:06

UID
35033
يازما
1
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
1
تىزىملاتقان
2012-5-1
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-11
توردا
2 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-1 15:53:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاپتور بۇ تېمىنى ياخشى يىزىپتۇ. ''تارىخنى ئۇنتۇش، ئاسىلىقتىن دېرەك بېرىدۇ ''دىگەنگە ئوخشاش ،ئەجدادىلارنڭ ئزىنى ئزىدەش بىز ئەۋلادىلارنىڭ مەڭگۈلۈك بۇرچىمىزدۇر. مىللەت روھنى يات خەلقلەر ئارسىدا ئاھانەتكە قويماسلىق ئەڭ ئاددىي باشلىنىش .....ئۇيغۇر تارىخىنىڭ پاك سىمايىغا داغ تەگگۈزۈگەنلىك ئەجدادىلارغا ۋە ئەۋلادىلارغا قىلىنغان ھاقارەت.

UID
29309
يازما
141
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
141
تىزىملاتقان
2012-2-11
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-26
توردا
9 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-1 16:32:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھازىرقى ئوتتۇرائاسىيا رايونىدىمۇ ئۇيغۇرلار ياشاپ ئۆتكەن، سەمەرقەندنى قاراخانىيلار ئىككى  يۈزيىل  باشقۇرغان. قاراقىتانلار شەرقتىن كېلىشتىن ئىلگىرى ئىنتايىن كەڭ رايوننى قاراخانىيىلار سورىغان، خارەزم شاھىنىڭ ئانىسىمۇ قاراخانىيىلار ئەۋلادىدىن . بىز ئەسلىدىن بۇزېمىننىڭ ئىگىسى،

UID
37074
يازما
4
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
4
تىزىملاتقان
2012-5-1
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-22
توردا
2 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-1 17:27:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۇردى توختى مۇئەللىمنىڭ ئىزدىنىش، ۋە پاكىت ئاساس قىلىنغان ئەسەرلىرى بىزنى نۇرغۇن ياخشى ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلەپ كېلىۋاتىدۇ . قەلىمىگە بەركەت ، تېنىگە سالامەتلىك يار بولغاي!
ئالدىنىقى كۈنى تېلۋۇزوردا ۋېن جيا بوۋنىڭ سىرتقى دۆلەتلەردە زىيارەتتە بولغانلىقىنى كۆرسەتتى. ئۇنىڭ شۇ يەردە دېگەن بىر ئېغىز سۆزىنى يېزىۋالغان ئىدىم ؛« تارىخنى بىلگەنلەرلا ،گۈزەل كەلگۈسىگە يۈزنىلەليدۇ.» نېمداق ئەقىللىق رەھپىرىمىز بۇ ! دەپ ئولتۇرۇپ خەۋەرنىڭ كەينىنى كۆردۈم . دۆلىتىمىز سۆزگە ئەڭ باي دۆلەتلەرنىڭ بىرى  ،شۇنداقلا ماتىريال ئەڭ كۆپ يېزىلىدىغان دۆلەتلەرنىڭ بىرى . ھەر قايسى ئورگانلاردا مەخسۇس خەۋەر يازىدىغان بۆلۈملەر بار . بۇ خەۋەرلەرنى كۈنلەرنىڭ ئۆتىشى بىلەن تارىخ بولمايدۇ دىيەلەيمىزمۇ؟  دۆلىتىمىز بۇ تۈرلەرنى ياخشى تۇتۇش بىلەنبىز شەخسلەرمۇ  قالەم تەۋرىتىش ، پىكىر قىلىش ، يېزىش ئانا  تىلىدىكى يازمىلارنىڭ سالمىقىنى ئاشۇرۇش، مۇھىمى بۇنى كىتاب ،دەپتەرلەرگىمۇ خاتىرلەش بەك مۇھىم....
بىز كىتابلىرىمىزدا «بەش بالىق » ئاتالغۇسىنى جىمسار دەپ يېشىپ كەلگەن ئىدۇق . «بەش + بالىق » «بەش + شەھەر » راستلا جىمسارمۇ ؟ .ئۇنداقتا بەش بالىق زادى قەيەرلەرنى كۆرسىتىدۇ؟ دېگەندەك ئىنچىكە نۇقتىلار، ئىسىمنىڭ قوللىنىشىدىكى ساپ ئويغۇرچە ئاتالغۇلاردىنمۇ  نۇرغۇن نەرسىلەرنى قىياس قىلماق تەس ئەمەس .
ھازىر گەنسۇ ئۆلكىسىنىڭ سۇنەن ناھىيىسىدە ياشايدىغان سېرىق ئويغۇرلار ئىچىدە« ياغلاقار » دېگەن ئىسىم ساقلىنىپ قالغان . ..
قىسقىسى ؛ئۆگۈنىش - پەرز!

UID
6825
يازما
501
تېما
34
نادىر
0
جۇغلانما
11762
تىزىملاتقان
2010-10-28
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-9
توردا
228 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-1 18:11:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
karayamgur
ياخشىمۇ سىز؟
ئىلھاملاندۇرغانلىقىڭىزغا رەھمەت،سىز دىگەندەك ئۆزىمىزنىڭ تارىخىنى ،نام-جاي-ئىسىملىرىنى،مەدىنىيەت ئىزنالىرىمىزنى قېزىپ چىقىپ،قېرىنداشلىرىمىزغا سۇنۇش،ھەمىمىزنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان بۇرچى.بۇ نوقتىدا ھەمىمىز ئىزدىنىپ بېقىشىمىز كېرەك،يىپەك يۇلىدىكى بايقاشلاردىن بىزنىڭ ئالدىمىزغا ھەقىقىسىنى ئۇچراپ قالمايدۇ دىگىلىمۇ بولمايدۇ.
سىزگە سالاملار بولسۇن!

باھا سۆز

Gz520  رەخمەت سىزگە  يوللىغان ۋاقتى 2012-6-12 10:38:00
uyghurzuwan  تېمىڭىزنى ساقلىۋاىمەن، نادىر تېما  يوللىغان ۋاقتى 2012-5-2 01:36:36

UID
12209
يازما
54
تېما
5
نادىر
0
جۇغلانما
1134
تىزىملاتقان
2011-6-13
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-14
توردا
13 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-1 19:12:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەجرىڭىزگە رەخمەت قېرىندىشىم،يازمىڭىزنى چوڭقۇر ئىزلىنىش ئاساسىدا خېلى پاكىتلىق قىلىپ يېزىپسىز.مەنمۇ بىر تارىخ ھەۋاسكارى،سىزنى يازمىڭىز مەن ئۈچۈن يەنە بىر قىممەتلىك تارىخ ماتىرىيالى بولۇپ قالدى.
ئىلگىرىكى «ئۇيغۇر»ئاتالمىسى بىلەن ھازىرقى«ئۇيغۇر»ئاتالمىسى ھەقىقەتەن تەڭداش مەنىدە ئەمەس(ئالماس بۇ نۇقتىنى ناھايىتى توغرا ئېيتقان)،ئەگەردە سابىق سوۋېت ئىتپاقى كومپارتىيەسىنىڭ سىياسىي مەقسەدلېرى رول ئوينىمىغىنىدا ئىدى،ئۇ ھالدا ئۇيغۇر،قازاق،ئۆزبېك،تاتار...قاتارلىق ئاتالمىش ھازىرقى مىللەتلەرنىڭ تارىخىنى ئايرىم-ئايرىم تەھلىل قىلىشمۇ بەلكىم بولمىغان بولاتتى.ھونلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر پۈتۈن تۈركنىڭ تارىخى دەل ئۇيغۇر(ئۆزبېك،قازاق،تاتار،تۈركمەن،قىرغىز....)نىڭ تارىخىدۇر.بىر پۈتۈن تۈرك مىللىتىنى بىر-بىرىدىن پارچىلاپ،بىر-بىرىگە قارىمۇ-قارىشى قويۇپ تەتقىق قىلىش جاھانگىرلىكتىن باشقا نەرسە ئەمەس!
ئاخىرىدا تۇردى توختى قېرىندىشىمنىڭ يەنىمۇ ياخشى يازمىلارنى بىزلەرگە يوللاپ تۇرۇشىنى ئۈمۈد قىلىمەن،ئاللاھ سىزگە سالامەتلىك ئاتا قىلغاي!

UID
12209
يازما
54
تېما
5
نادىر
0
جۇغلانما
1134
تىزىملاتقان
2011-6-13
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-14
توردا
13 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-1 19:14:29 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
«سىز يازمىڭىز»نى سىزنىڭ يازمىڭىز دەپ تۈزۈتۈپ ئوقۇغايسىلەر.

UID
27713
يازما
17
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
17
تىزىملاتقان
2012-1-26
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-19
توردا
6 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-1 20:18:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇ مەنىدىن ئېييتقاندا" ئۇيغۇر "،"قارا قىتان"،"موڭغۇل" ئاتالغۇلىرىنىڭ ھازىرقى زامان "ئۇيغۇر"ئاتالغۇسىدا ئىگىلەيدىغان سالمىقى ئاساسەن ئوخشاش.
_ يۇقارقى ھۆكۈمنىڭ ئاساسى ئانچە چىڭ ئەمەسمىكىن، قېرىندىشىم؟

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش