تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版

ئىگىسى: 1233651

بىر كىتاب بىر ئالەم پروگراممىسىنى ئەلكۈيىدە كۆرۈڭ     [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
7170
يازما
29
تېما
3
نادىر
1
جۇغلانما
304
تىزىملاتقان
2010-11-10
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-24
توردا
9 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-11 20:58:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
nasmi يوللىغان ۋاقتى  2012-4-11 19:29
بولسا تور ئادىرسىنىمۇ قوشۇپ يوللاپ قويغان بولسىڭىز.چۈ ...


يوۋكۇ فىلىم تورىغا كېرىپ چۈشۈرۈش قورالىنى كومپىيوتېرىڭىزغا قاچىلىغاندىن كىيىن چۈشۈرىۋالسىڭىز بولىدۇ ، يوۋكۇدىكى فىلىم قانىلىمىزنىڭ ئادېرىسى : http://u.youku.com/UyghurCC
كۆڭۈلدىكى سۆز ، بىر كىتاب بىر ئالەم ۋە باشقا پروگراممىلارنىڭ ھەممىسى مۇشۇ قانالغا يوللىنىلىدۇ.

يۇقارقى ئۇسۇلنى مۇرەككەپ ھىس قىلسىڭىز تۆۋەندىكى روھلان تورى تەمىنلىگەن چۈشۈرۈش ئۇلانمىسىغا كىرسىڭىز مەزكۇر تېمىدىكى 10 پروگراممىنىڭ ھەجىمى كىچىكلىتىلگەن نۇسقىسىنى چۈشۈرەلەيسىز:
http://soft.rohlan.biz/Download. ... d=maarip&Id=718

UID
21733
يازما
10
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
10
تىزىملاتقان
2012-2-8
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-23
توردا
3 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-12 15:20:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن ئادەتتە تىلۋىزۇر كۆرمەيمەن،باشقا قىسىملىرىنىمۇ داۋاملىق مۇشۇ يەرگە يوللاپ قويغان بولسىڭىز،ئىلگىرى بىر ساننىلا كۆرۈپتىكەنمەن،يوللىغۇچىغا كۆپ رەھمەت.

UID
35422
يازما
9
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
9
تىزىملاتقان
2012-4-14
ئاخىرقى قېتىم
2012-4-29
توردا
2 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-14 18:45:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ پىروگىراممىنى تولۇق كۆرۈپ بولالمايۋاتقىنىمدىن ئەپسوسلىنىۋاتاتتىم ، بۈگۈن ھەممىسىنى تولۇقلاپ كۆرۈۋالدىم . تېما ئىگىسىگە رەھمەت !

UID
7170
يازما
29
تېما
3
نادىر
1
جۇغلانما
304
تىزىملاتقان
2010-11-10
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-24
توردا
9 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-15 00:28:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كىتاب ـــ ئىنسان روھىنى يورىتىدىغان چىراق. «بىر كىتاب بىر ئالەم» شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ يېڭىدىن تەسىس قىلىنغان پروگرامما. ئۇنىڭدا نادىر كىتابلار ۋە شۇ كىتابلارنىڭ يازغۇچىلىرى بىلەن تونۇشۇش مەزمون قىلىنغان. كىشىلەرنىڭ كىتاب تاللاشتىكى يولباشچى.

‹ بىر كىتاب بىر ئالەم ›پروگراممىسى 11-سانىدا  ‹ئاياللىققا قايتىش› ، ‹قەلىب تىۋىشى› ، ‹ئۆزلۈكنى تونۇش ۋە كىلەچەك› ناملىق كىتابلار ھەققىدە ئەسەر يازغۇچىسى گۈلنار تىيىپ ، تونۇلغان پىسخىك ئوقۇتقۇچىسى زىۋىدە كېرەم ۋە پەن-تېخنىكا نەشىرياتىنىڭ مۇھەررىرى باھارگۈل تۇرداخۇن خانىملار بىلەن ئائىلە - پەرزەنت تەربىيىسى ، ئۇيغۇر جەمئىتىدىكى ئەر-ئاياللاردا ساقلىنىۋاتقان مەسلىلەر ۋە ئۇلارنىڭ مەسئۇلىيەت-مەجبۇرىيەتلىرى ، يۇقارقى ئۈچ كىتابنىڭ رىئال جەمىئەتتىكى ئەھمىيىتى قاتارلىق تېمىلاردا ئەسەرنىڭ مەزمۇنىنى ئاساس قىلغان تەرتىپتە سۆھبەت ئىلىپ بېرىلغان بولۇپ ياشلىرىمىز ۋە كەلگۈسىدا ئاتا-ئانا بولغۇچى بىزلەرنىڭ بىر كۆرۈپ چىقىشىمىزغا ئەرزىيدۇ. تېلۋىزوردىن ۋاقتىدا كۆرۈش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشەلمىگەن تور ئاممىسىنى چىقىش قىلىپ ئەلكۈيى مۇنبىرىگە مەزكۇر سۆھبەتنىڭ فىلىمى يوللاندى ، تورداشلارنىڭ سۆھبەتنى كۆرۈپ چىقىشىنى ھەمدە يۇقارقىي كىتابلارنى ئوقۇپ باققان دوستلىرىمىزنىڭ كىتاب ھەققىدە مۇلاھىزە ، پىكىر يۈرگۈزۈپ بېقىشىنى ئۈمۈد قىلىمىز.


11-سان : ‹ئاياللىققا قايتىش›



UID
28222
يازما
54
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
54
تىزىملاتقان
2012-1-31
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-27
توردا
20 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-15 17:51:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ بەك ئامراق بۇلۇپ قالدىم بۇ پىروگىراممىغا !ئەجىرىڭىزگە تەشەككۈر .
مۇنبەرداشلارغا بىر ئىلتىجايىم بار ،مەن «ھايات شاماللىرى »نامىلىق رۇماننىڭ 1-قىسىمىنى نۇرغۇن كىتابخانا ۋە كىتاب يايمىللىرىدىن ئىزدەپ تاپالمىدىم ،ئۇچۇرىنى بىلىدىغان مۇنبەرداشلارنىڭ 1556087582غا خەۋرىنى بىرشىنى ئىلتىجا قىلىمەن !

UID
35581
يازما
1
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
1
تىزىملاتقان
2012-4-17
ئاخىرقى قېتىم
2012-4-23
توردا
1 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-17 17:51:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
      مەنمۇ بەك ياقتۇرىمەن. قارىسام ،ياقتۇرۇپ كۆرىدىغانلارمۇ ئاز ئەمەسكەن. ناۋادا رىياسەتچىنىڭ باشقۇرۇشى ئۆلۈك،سوئاللىرى چۇۋالچاق،بىلىم دائىرىسى تار بولغىنىدا بۇنداق سالمىقى زور پىرۇگىراممىنى شۇنچە نۇرغۇن كۆرۈرمەنلەر ياقتۇرۇپ قالمايتتى.مانا بۇ دەل رىياسەتچىنىڭ مۇۋاپپىقىيىتىدۇر.مېنىڭچە،رىياسەتچىنىڭ بىلىم قۇرۇلمىسى خېلى مۇكەممەل،پىرۇگىراممىغا تەييارلىقى بەك ئەتراپلىق. مەن بۇ كىشىنى زىيارەت ئوبىكتى بولغان كىتابنى ئاز دېگەندىمۇ ئىككى-ئۈچ قېتىم ئوقۇپ چىقامدىكىن دەپ قالدىم. ئۇنىڭ ئۈستىگە،كىمدىن قايسى سوئالنى سورىسا تېخىمۇ يۇرۇق نۇقتىغا يىقىنلىشىدىغانلىق ھەققىدە ئەستايىدىل ئىزدىنىدىكەن. دەل مۇشۇنداق ئادەم بۇ پىرۇگىراممىغا رىياسەتچى بولسا جايىغا چۈشكەن بولىدۇ.‹‹باھادىرنامە››نى تەھلىل قىلغاندا مەن تېخىمۇ قايىل بولدۇم بۇ كىشىگە.

UID
7170
يازما
29
تېما
3
نادىر
1
جۇغلانما
304
تىزىملاتقان
2010-11-10
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-24
توردا
9 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-21 11:59:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


بىر كىتاب بىر ئالەم پروگراممىسىنىڭ 12- سانىدا يازغۇچى ، شائىر بۇغدا ئابدۇللا ئاكىمىزنىڭ ‹تارىم قەدىمىيەتلىرى›ناملىق كىتابى ھەققىدە سۆھبەت ئىلىپ بېرىلدى . سۆھبەتنىڭ تەپسىلاتىنى تۆۋەندىكى فىلىمدىن كۆرۈڭ:



مەزكۇر پروگراممىنىڭ تولۇق 12 سانىنى تۆۋەندىكى ئۇلانمىدىن كۆرۈڭ ياكى چۈشۈرۋىلىڭ:



http://www.youku.com/playlist_show/id_17324622.html



كىيىنكى سانلىرىمۇ ھەر ھەپتىسى يوللۇنۇپ مېڭىلىنىدۇ.


UID
7170
يازما
29
تېما
3
نادىر
1
جۇغلانما
304
تىزىملاتقان
2010-11-10
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-24
توردا
9 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-24 19:47:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش



  ‹‹بىر كىتاب بىر ئالەم›› 13-سانىدا ‹‹ئۇيغۇر ھازىرقىي زامان لۇغىتى››توغرىسىدا سۆھبەت ئىلىپ بېرىلدى ، تۆۋەندە سۆھبەت خاتېرىسى ھوزورۇڭلارغا سۇنۇلدى :



تۆۋەندىكى ئۇلانمىغا كېرىپ بارلىق سۆھبەت خاتېرىلىرىنى كۆرەلەيسىز :
http://www.youku.com/playlist_show/id_17324622.html


UID
18583
يازما
4
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
4
تىزىملاتقان
2011-12-20
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-27
توردا
13 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-3 10:18:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
14- ساننى تېخىچە يوللانماپتۇغۇ؟ بىلىدىغانلار بولسا يوللاپ قويغان بولساڭلار، كۆپ خۇرسەن بولار ئىدۇق.

UID
7170
يازما
29
تېما
3
نادىر
1
جۇغلانما
304
تىزىملاتقان
2010-11-10
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-24
توردا
9 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-5 18:09:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
putukqi يوللىغان ۋاقتى  2012-5-3 10:18
14- ساننى تېخىچە يوللانماپتۇغۇ؟ بىلىدىغانلار بولسا يول ...



بىر كىتاب بىر ئالەم پروگراممىسىنىڭ 14-سانىدا يازغۇچى ئايشەم ئەخمەت خانىمنىڭ «مۇھەممەت بېشىر چىڭۋاڭ» ناملىق كىتاب ئۈستىدە سۆھبەت ئىلىپ بېرىلدى ، تەپسىلاتىنى تۆۋەندىكى فىلىمدىن كۆرۈڭ:




http://player.youku.com/player.php/sid/XMzkxNjg0NDEy/v.swf




كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش