تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版

ئىگىسى: 1233651

بىر كىتاب بىر ئالەم پروگراممىسىنى ئەلكۈيىدە كۆرۈڭ     [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
14498
يازما
150
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
840
تىزىملاتقان
2011-8-30
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-30
توردا
215 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-7 19:21:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
eqil
پىروگىرامما ياخشى، ئەمما رىياسەتچى تازا ياقمايدۇ ماڭا. سۆز-نۇتىقى غەلىتىلا بىلىنىدۇ...

ـــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ
بۇ تورداش راس دەيدۇ،رىياسەتچى ماڭىمۇ تازا ياقمايدۇ،‹‹مەدەنىيەت بوستانى››پىرۇگراممىسىدا رىياسەتچىلىك قىلىدىغان  ئابلەت ئابدۇرېھىم ئادەمنى چىقارغان بولسا،بەك ياخشى چىقاتتى ئەسلى.بۇ ئادەممۇ بولىدىكەن،لېكىن،ئابلەت  ئابدۇرېھىم ئەپەندىدەك  قىلالمايدىكەن،ھازىرقى بۇ پىرۇگراممىدىكى بۇ ئادەمنىڭ سۆز قىلىش ئۇسۇلى بولىدۇ،سوئال سوراش ئۇسۇلىمۇ بولىدۇ.بۇ ئادەمدە ئازراق كەمچىللىك بار.
ئاۋازىدا ئازراق شاۋقۇن چىقىۋالدىكەن،سوئالنى بەك ئاستا سوراپ قويدىكەن،گەپنىڭ پوسكالىسىنى بەك سۇزۇپ دەيدىكەن،ئاۋازى باشقا رىياسەتچىلىگە قارىغاندا،ئازراق تۆۋەن....سوئال سورىغاندا،بەك ئاستا گەپ قىلىدىكەن،مېنىڭچە،سوئالنى ئازراق تېز-تېز سورىغىنى ياخشى.ئۈزۈپ-ئۈزۈپ دېگەندەك.....
بۇ ئادەمنىڭ ئاتۇقچىلىق يېرى،كىتابنى بەك ياخشى ئۇقۇيدىكەن،سوئال سوراش ئىشىدىمۇ سورالغان سوئالى ئەتراپلىق،خېلى ۋەزنىلىك سوئال سورايدىكەن.بۇ ئارتۇقچىلىقى تەرىپلەشكە ئەرزىيدۇ.
كۆرسەتكەن كەمچىللىكىنى توردا كۆرۈپ قالسا،ئاز-تولا بولسىمۇ پايدىسى بوپ قالار.رىياسەتچىنىڭ ئازراق نۇقسانلىرىنى دەپ بەرسەك،يامان كەتمەيدۇ مەنچە،ئۆزى ھېس قىلالمىغان ئىشلارنى ۋاقتىدا تۈزىتۋالايدۇ.
ــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ
ـــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ

ھاجى مىرزاھىد كېرىمى ،جالالىدىن بەھرام ئاكىمىزغا، قاچان كېلەر بۇ سانغا چىقىش نۆۋىتى؟

باھا سۆز

dastann  كىرىپ چىقالىسۇن، شۇڭا ئالاھىدە تەكلىپ قىلغان بۇ رىياسەتچىنى...  يوللىغان ۋاقتى 2012-6-19 19:08:27
dastann  كىتابنى تۈگىتىپمۇ ئوقۇمايدىغانلار تۇرسا قانداقمۇ بۇ پىرگراممىغا مەيدە  يوللىغان ۋاقتى 2012-6-19 19:08:08
dastann  بۇ پروگراممىغا ساپا كىتىدۇ ساپا، ئۇ سىز تىلغا ئالغان رىياسەتچىلەر بىرەر  يوللىغان ۋاقتى 2012-6-19 19:07:40
dastann  ئوقۇپ ئاندىن مۇناسىۋەتلىك سۇئالدىن بىرنى تېپىپ چىقالايسىلەر...  يوللىغان ۋاقتى 2012-6-19 19:07:13
dastann  بۇ پروگراممىدا تونۇشتۇرىلىۋاتقان كىتابلارنى قېنى قايسىڭلار بىر بىرلەپ  يوللىغان ۋاقتى 2012-6-19 19:06:53

UID
34382
يازما
1
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
1
تىزىملاتقان
2012-4-3
ئاخىرقى قېتىم
2012-4-13
توردا
2 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-7 19:27:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن داۋاملىق ئەلكۈيى تورىنى زىيارەت قىلىپ تۇرىمەن،قەيەردە يېڭىلىك بولسا ئەلكۈيى تورىدىن كۆرىمەن،بىر كىتاب بىر ئالەم پرۇگراممىسى مەن ياقتۇرۇپ كۆرىدىغان پىرۇگراممە ئىدى ،مەن گۇاڭجۇدا ئوقۇۋاتقاچقا كۆرەلمىگەن ئىدىم،ئەلكۈيى تورىنىڭ بارلىق خىزمەتچىللىرىگە كۆپ رەھمەت .ئەگەر مومكىن بولسا كىينكى سانلىرىنىمۇ يوللاپ تۇرساڭلار.ئاخىردا ئەلكۈيى تورىنىڭ تېخىمۇ گۈللىنىشىگە تىلەكداشلىق بىلدۈرىمەن.

UID
2459
يازما
41
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
1181
تىزىملاتقان
2010-6-2
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-23
توردا
6 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-7 19:47:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چۈشۈرگىلى بولغان بولسا بەك ياخشى بولاتتى؛

باھا سۆز

1233651  youku تورىدىن چۈشۈرۋالسىڭىز بولىدۇ  يوللىغان ۋاقتى 2012-4-8 03:35:08

UID
34581
يازما
8
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
8
تىزىملاتقان
2012-4-6
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-21
توردا
4 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-7 20:29:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نىمىدېگەن ياخشى، بىزدەك سەرگەردانلارغىمۇ بۇ پروگىراممىنى تولۇق كۆرۈش نىسىپ بوپتۇ، تېما ئىگىسىنىڭ ئەجرىگە رەھمەت. بەزى تورداشلار رىياسەتچىنىڭ ئاۋازى يىقىملىق ئەمەس دەپتۇ، مەن ئۇنداق ھىس قىلمىدىم،ئەكىسچە ئۇ ئادەمنىڭ قورسىقىدا خىلى بىلىمى باركەن دەپ قالدىم، رىياسەت جەريانىدا سورىغان سۇئاللىرى قارشى تەرەپنى خىلى ھالسىرىتىپ قويىدىكەن! بۇ پروگىراممىنى شىنجاڭ تېلىۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ نادىې پروگېاممىلىرىدىن بىرسى دەپ قارايمەن.

تولۇقلىما مەزمۇن (2012-4-7 20:30):
نادىر پروگىرامما    خاتا بوپ قاپتۇ، ئەپۇ سورايمەن.

باھا سۆز

1233651  قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت  يوللىغان ۋاقتى 2012-4-8 03:35:53

UID
34655
يازما
2
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
2
تىزىملاتقان
2012-4-7
ئاخىرقى قېتىم
2012-4-7
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-7 21:11:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت ئەجرىڭلەرگە مىڭنى بەرگەي!!!

باھا سۆز

1233651  ئىنشائاللاھ،دىگىنىڭىز كەلگەي  يوللىغان ۋاقتى 2012-4-8 03:36:48

كۆيۈمچان ئەزا

پاكىز  قەلبتىن 

UID
10275
يازما
14
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
1814
تىزىملاتقان
2011-3-21
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-9
توردا
26 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-7 23:17:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىسىل رومان__<<ھايات شاماللىرى>>

<< ھايات شاماللىرى>>ناملىق تۆت توملۇق بۇ رومان ماۋزوسى ئادەتتىكىچە بولغانلىقتىنمۇ ياكى مۇقاۋىسى جەلىپ قىلارلىق بولمىغانلىقتىمۇ قىرائەتخانىمىزغا كەلتۈرۈلگەن شۇنچە ۋاقىت ئىچىدە ھېچكىم  ئارىيەت ئېلىپ ئوقۇپ باقمىغان ئىدى.بۇ روماننىڭ ئاپتورى سەمەت دوگايلىنىڭ ئۆسمۈرلۈك ۋاقتىمدا ئوقۇغان<<كىچىك لەقۋا>>ناملىق پوۋىستىنىڭ كاللامدا قالغان تەسىرى ھېلىھەم بولغاچقا بۇ يىل قىشلىق تەتللىك يېڭى دەرس تەربىيسىگە ماڭغاندا دەرستىن سىرتقى ۋاقىتلاردا ئوقۇيمەن دەپ بۇ رومانلارنى ئېلىۋالغان ئىدىم.تۇنجى كۈنى دەرستىن چۈشكەندە ئوننەچچە بەت ئوقۇپلا بۇ كىتابقا مەپتۇن بولۇپ قالدىم.ئارىدا ياتاقداشلىرىمغا بىرنەچچە بەتنى ئۈنلۈك ئوقۇپ بېرىۋېدىم،تۇرۇپلا ياتاقداشلىرىممۇ بۇ كىتابقا  قىزىقىپ قالدى.شۇنداق قىلىپ يىگىرمە كۈن جەريانىدا تۆت توملۇق بۇ روماننى قولدىن قولغا ئۆتكۈزۈپ تۆت ئادەم ئوقۇپ بولۇپتىمىز.
تۆت-بەش ئايدىن بۇيان بۇ روماندىكى ئوبرازلار خىيالىمدىن ھېچ كەتمەيدۇ.لېكىن ھېچبىر مەتبۇئاتتا بۇ رومان ھەققىدە ماقالە،ئوبزور ياكى تەسىرات كۆرمىدىم.قارىغاندا مۇقاۋا ۋە ماۋزوسى جەلىپ قىلارلىق بولمىغان بۇ روماننى ئوقۇپ باغقانلار ئاز ئوخشايدۇ.ھەر-بىر قىسىمىدىن قىسقىچە ئۇچۇر بېرەي.

1-قىسىم:<<قەشقەر،ئېسىمدە قالدىڭ>>دا <<مەن>>(مىربىلال)بىلەن بۈۋىسارەنىڭ مۇھاببەت كەچمىشى تەسۋىرلىنىپتۇ.مەن ھازىرغىچە ئوقۇغان نەچچە يۈز پارچە كىتابلار ئىچىدە بۇ كىتابتەك ئېسىل يېزىلغان مۇھاببەت تەسۋىرلىندىغان كىتابنى ئوقۇپ باقماپتكەنمەن.1-قىسىمنى شىنخۇا كىتابخانىلىرىنىڭ ھېچقايسىدا كۆرمىدىم.تاپالىساڭلار ھەم 15-20بەت ئوقۇپ باقساڭلارلا بۇ كىتابقا كىرىشىپ كېتىسىلەر.

2-قىسىم:<<سەرسانلىق>>تا<<مەن>>(مىربىلالقارى)قەشقەر شەھرىدىن قېچىپ چىققاندىن كېيىنكى تىلەمچىلەر سېپىدىكى ۋە تۇتقۇنلىقتىكى كەچمىشى تەسۋىرلىنىپتۇ.

3-قىسىم:<<قىساس>>تا<<مەن>>(ساقال-مىربىلال)نىڭ مەجبۇرىي ھالدا چېرىكلىككە تۇتىلىشى ۋە دوستى بىلەن چېرىك باشلىقىنى ئۆلتۈرۈپ ئوسمان قىرغىزنىڭ سېپىگە قوشۇلىشى،بۇ ئەسكەرلەرنىڭ ھۆكۈمەت چىرىكلىرىنى ئۆلتۈرۈپ،پىدائىيى ئەسكەر ئېلىپ تەدرىجىي كۈچىيىپ قەشقەر شەھرىنى ئېلىشى،ئوسمان ئېلىنىڭ<<سىجاڭ>>دەپ ئاتىلىشى،تۆمۈر سىجاڭنىڭ قەشقەرگە كىرىشى ۋە ئوسمان سىجاڭ،تۆمۈر سىجاڭ،مازىخۇي(تۇڭگان)لار ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەتلەر ناھايىتى ئىنىچكە ۋە جانلىق تەسۋىرلەنگەن.بۇ قىسىمنى30-يىللاردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ جەڭنامىسى دېسىمۇ بولغۇدەك.

4-قىسىم:<<تۇيۇق يوللار>>دا خەلق قوزغىلىڭىنىڭ تۇيۇق يولغا كىرىپ قېلىشى يەنى تۆمۈر سىجاڭنىڭ ئىزچىل ھالدا تۇڭگانلار ۋە ۋە قانخور ھۆكۈمەت چېرىكلىرنىڭ كۈچىيشىنى قوللاپ ئوسمان سىجاڭ ۋە خوتەن پىدائىيلىرىدىن خەۋپسىرىشى،خوتەنگە يۈرۈش قىلىپ خوتەن پىدائىيلىرىنى قىرغىن قىلىشى،مازىخۇي بىلەن ئوسمان سىجاڭنى ياراشتۇرۇپ قويىمەن دەپ قەشقەر شەھىرىنى قايتىدىن مازىخۇ بىلەن ھۆكۈمەت چېرىكلىرىگە ئېىلىپ بىرىشى،ئوسمان ئېلىنىڭ بىر بۆلەك ئەسكەرلىرىنى باشلاپ تاغقا چىقىپ كىتىشى،تۆمۈر ئېلىنىڭ ئۆزى تاغدەك ئىشەنگەن تۇڭگانلار تەرپىدىن ئۆلتۈرلىشى،...قاتارلىقلار تەسۋىرلەنگەن.

مەن روماننىڭ يەنە نەشىر قىلىنمىغان 5-قىسىمى بارمىكىن دەپ ئويلىدىم.چۈنكى باش قەھىرمان مىربىلال ئىزدەۋاتقان مەھبۇبىسى بۈۋىسارەنىڭ ئىز-دېرىكى روماننىڭ2-3-4-قىسىملىرىدا تېخى تېپىلمىدى.<<مەن>>ئوسمان سىجاڭنىڭ بۇيرۇقى بۇيىچە جەڭگە چىقىپ تۇڭگان قوشۇنلىرىنىڭ قورشاۋىدا قېلىپ ئېغىر يارىلىنىپ رومان ئاخىرلىشىپ قالدى.

قىسقىسى،بۇ روماننىڭ3-4-قىسىملىرىدىكى ئۇچۇرلار<<ئويغانغان زېمىن>>رومانىدىكى تارىخىي ئۇچۇرلاردىن نەچچە ھەسسە مول ۋە تەپسىلى ئىكەن.تۇرغۇن ئالماسنىڭ<<قەشقەر بورانلىرى>>
دېگەن رومانى مۇشۇ شۇمىدۇ-يا دەپمۇ ئويلاپ قالدىم.

باھا سۆز

1233651  مەزكۇر تېمىغا مۇناسىۋەتلىك نادىر ئىنكاس  يوللىغان ۋاقتى 2012-4-8 03:37:30

كۆيۈمچان ئەزا

پاكىز  قەلبتىن 

UID
10275
يازما
14
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
1814
تىزىملاتقان
2011-3-21
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-9
توردا
26 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-7 23:29:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رىياسەتچىبىزنىڭكى ‹‹چاھار دىۋان››دېگەن ئەسەر بار دەپ خاتا ئېيتتى ئۇ ‹‹ئۇ ئەسەرنىڭ ئىسمى ‹‹چاھار دىۋان ››ئەمەس ‹‹چاھار دەرۋىش››(تۆت دەرۋىش)ھېكاينىڭ ئىچىدىن ھېكايە چىقىدىغان ئاجايىپ قىزقارلىق ئەسەر ئوتتۇز يىل ئىلىگىرى ئوقۇغان ئىدىم.

باھا سۆز

dastann  مۇمكىن  يوللىغان ۋاقتى 2012-6-19 19:11:17
dastann  لسۇن، شۇڭا سىز قايتا بىر تەكشۈرۈپ بېقىڭ ...ئېسىڭىزدە خاتا قالغان بولۇشى  يوللىغان ۋاقتى 2012-6-19 19:11:12
dastann  تاسقىلىپ ئاندىن مەيدانغا چىقىدىغان تۇرسا ئۇ خاتالىققا قانداقمۇ يول قويۇ  يوللىغان ۋاقتى 2012-6-19 19:10:32
dastann  خاتالىق يوق، بۇ پروەراممىلار ئەلگەكتىن ئۈتۈپ ، مۇھىم ، ھالقىلىق يەرلىرى  يوللىغان ۋاقتى 2012-6-19 19:10:10

UID
33589
يازما
1
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
1
تىزىملاتقان
2012-3-27
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-22
توردا
1 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-8 01:58:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
eqil يوللىغان ۋاقتى  2012-4-7 11:35
پىروگىرامما ياخشى، ئەمما رىياسەتچى تازا ياقمايدۇ ماڭا ...

رىياسەتچىدە نىمە گۇناھ؟ يا سىز چىقىپ قىلماپسىز

باھا سۆز

dastann  ئۆزىمىزدە ، قەدىردىننىڭ گېپىگە قوشۇلىمەن  يوللىغان ۋاقتى 2012-6-19 19:13:46
dastann  مەسىلە ، چولپانلارغا مەپتۇن بوپ كىتىپ ، بىلىمگە ھۆرمەت قىلمايۋاتقان  يوللىغان ۋاقتى 2012-6-19 19:13:30
dastann  بۇ مۇنداقلا ئىشلىنىپ قالغان پروگرامما ئەمەس ،رىياسەتچىدە مەسىلە يوق  يوللىغان ۋاقتى 2012-6-19 19:13:05
dastann  لەردىن قايسى بىرى بىر كىتابنى ئوقۇپ باققان كىم بىلىدۇ  يوللىغان ۋاقتى 2012-6-19 19:12:36
dastann  شۇنى دەيمەن، بۇ رىياسەتچىنى تەكلىپ قىلغان ، شۇنچە داڭلىق رىياسەتچى  يوللىغان ۋاقتى 2012-6-19 19:12:12

UID
7170
يازما
29
تېما
3
نادىر
1
جۇغلانما
304
تىزىملاتقان
2010-11-10
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-24
توردا
9 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-8 03:45:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

مېنىڭچىمۇ رىياسەتچىنىڭ ئاۋاز جەھەتتىن ياكى رىياسەتچىلىك قىلىش جەھەتلىرىدە چوڭ مەسىلە يوق ، بۇ تۈردىكى يۇقىرى بىلىم سەۋىيە تەلەپ قىلىدىغان پروگراممىغا شۇنىڭغا لايىق ئادەمنىڭ چىققىنى ياخشى بوپتۇ. ئاۋازى ياخشىكەن دەپلا بۇ پروگراممىغا رىياسەتچى قىلىپ قويسا تېخىمۇ ئېغىر مەسىلە كىلىپ چىقىشى مۇمكىن. دەسلىۋىدە مەن تۇنجى كۆرگىنىمدە رىياسەتچىنىڭ ئاۋازى سەل بىرخىل ئاڭلانغان،ئەمما ھەممە قىسىملىرىنى كۆرۈش جەريانىدا رىياسەتچىگە بارا-بارا قايىل بولدۇم.
يەنە كىلىپ مەزكۇر پروگرامما تېخى يېڭىدىن يولغا قويۇلدى ، 10 سان جەريانىغا نەزەر سالساقمۇ رىياسەتچىنىڭ كەمچىل تەرەپلىرىنىڭ بارا-بارا ياخشىلىنىپ كېتىۋاتقانلىقىنى بىلەلەيمىز. ئىشىنىمەنكى بۇندىن كىيىن تېخىمۇ ياخشى بولۇپ كېتىدۇ!
ئۇيغۇر تىلىدا پروگراممىلاردىن ‹‹مەدەنىيەت بوستانى›› ۋە ‹‹بىر كىتاب بىر ئالەم›› پروگراممىلىرى ھەقىقەتەن  ياخشى پروگراممىلاردۇر ،  ھەممىمىزنىڭ قوللىشىغا ، ياقتۇرۇپ كۆرۈشىمىزگە ئەرزىيدۇ.

باھا سۆز

dastann  بەك نادىر ئىنكاس بوپتۇ ، ئەلنىڭ كۆزى ئەللىك ...مەنمۇ مۇشۇ پىكىردە  يوللىغان ۋاقتى 2012-6-19 19:14:21

UID
33442
يازما
2
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
2
تىزىملاتقان
2012-4-8
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-13
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-8 06:57:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشىكەن مەن بەك ياتۇردۇم

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش