بىزمۇ ئالىي مەكتەپگە ئىمتاھان بەرگەندە كۆز ئالدىمىزدا زامانىۋىي ئوقۇتۇش ئۈسكۈنىلىرى سەپلەنگەن رەت - رەت ئوقۇتۇش بىنالىرى ، شۇ بىنالاردىن قوللىرىدا نۇرغۇن كىتاپلارنى كۆتۈرۈپ چىقىۋاتقان ئوقۇغۇچىلار ، ھەممە شارائىتلىرى تولۇق ياتاقلار پەيدا بولاتتى ، ئىمتاھاننىمۇ بېرىپ ئاخىرى ئۆزىمىز كۈتكەن ئالىي مەكتەپنىڭ چاقىرىقىنى تاپشۇرۇپ ئالدۇق ۋە مەكتەپ بوسۇغۇسدىن تۇنجى قەدىمىمىزنى شۇنچىلىك ئىپتىخارلىق ۋە ھاياجان ئىلكىدە ئالدۇق . ئەمما بەزى شارائىتلار بىزنىڭ خىيال قىلىپ يۈرگەنلىرىمىز بىلەن ئوخشاش چىقمىدى ، لېكىن بۇ ھەرگىزمۇ بىزنىڭ غايىمىزنى ،بىزنىڭ ئىرادىمىزنى بوشاشتۇرمىدى ... قېيىنچىلىق ئارقىلىق ئادەم تاۋلىنىپ چىقىدۇ ،سىز ئەنە شۇنداق كۆڭۈلسىزلىكلەر ئارقىلىق ، ئەنە شۇ قىيىنچىلىقلار ئارقىلىق تاۋلىنىپ چىقىسىز .ئالىي مەكتەپلەردە سىز ئۇچرىغان شۇ ناھەق ئىشلار يوق ئەمەس ، لېكىن ئوقۇغۇچىلارنىڭ تىرىشچانلىقنى ، تارتقان جاپالىرىنى ھەقىقىي تونۇپ يىتىدىغان ۋىجدانلىق ئوقۇتقۇچىلار يەنىلا كۆپ سانلىقنى ئىگەللەيدۇ دەپ قارايمەن ، شەخسەن مېنىڭ ئالىي مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچىلىرىم شۇنداق .
يىرىم چىلەك سۇ بەك چايقىلىدۇ ، ئۇلار دەل شۇ يىرىم چىلەك سۇغا ئوخشايدۇ ،سىز ھەرگىزمۇ ئۇلارنىڭ تەسىرىدە ئۆز قىزغىنلىقىڭىزنى بوشاشتۇرۇپ قويماڭ ، ھەم ئەتراپڭىزدىكىلەرگە ئالىي مەكتەپنىڭ مۇشۇنداق بىر تەرىپىنى ئەمەس بەلكى كىشىگە قانداق ئادەم بولۇشنى ئۈگىتىدىغان ياخشى بىر سورۇن ئىكەنلىكىنى ، ئۇيەردە نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ تىنىمسىز ئىزدىنىۋاتقانلىقىنى بۇ ئارقىلىق جەمىيەتتە ياخشى بىر ئورۇنغا ئېرىشىۋاتقانلىقىنى كۆپرەك چۈشەندۇرۇڭ.
ئېسىڭىزدە بولسۇن : تۆشۈك مۇنچاق يەردە قالماس ، يەردە قالسىمۇ توپا باسماس .
سىزنىڭ ئالىي مەكتەپتە سىزنىڭ نەزىرىڭىزدىكى ئەڭ ئەرزىمەس بىر بىلىم جەمئىيەتكە چىققىنىڭىزدا سىزگە بىر چىقىش يولى تېپىپ بېرىشى مۇمكىن .
