كۆرۇنمەيدۇ مەنزىل قىرغىقى ،
تاشقىنلايدۇ قەلبىمدە قىيان .
تىلغىسىمۇ دىلنى ھەسرەتلەر ،
يۈرەكلەردە يىلىنجار ئارمان .
ئۇتەر كۈنلەر،كىتەر ھەممىسى ،
بىز دۇنياغا تۆت كۈنلۇك مىھمان .
بەخىت ئۇچۇن ياشايدۇ ھەممە ،
بەخىتلىكمەن دىگەنلەر يالغان .
قىسمەتلەرگە تولغان دۇنيادا ،
ئىھ...كىملەرنىڭ يۈرەكلىرى قان .
كىم ئاشىقلىق ئۇتىغا دۇچار ،
كىم مۇھتاجلىق يولىدا سەرسان .
چۈشەنمەك تەس ئىنسان دىگەننى ،
كىملەر ھەققى كىملەردە قالغان .
سۆيگۈ ئىزدەپ يۇرسە بىراۋلار ،
مەن ئىزدەيمەن مەنزىلىم قايان .
2012-يىل3-ئاي 26-كۈنى .
ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم تورداشلار ؛
كەمىنە ساداقەتتىن سىلەرگە سالام ،خاتىرجەملىك سىلەر مەڭگۇ يار بولغان . يۇقارقى يازمامدا مەن ۋە مىنىڭ ئەتراپىمدىكى دوستلۇرۇم يۇلوققان ، ھەم ماڭا تەسىر قىلغان ئىشلارنى يازغان ئىدىم . ئۇستازلىرىمدىن ؛ يازغۇچى ئۆزنى يازىدۇ ، رەسسام ئۆزنى سىزىدۇ . دىگەن گەپلەرنى ئاڭلىغان ئىدىم ، بۇگۇن شۇ ئاڭلىغانلىرىمنىڭ ناھايىتىمۇ توغرىلىقىنى ھىس قىلۋاتمەن . كۆپچىلىك تورداشلار ئۆزنىڭ ياخشى تىلەكلرىنى بىلدۇرۇپتۇ سىلەرگە كۆپتىن -كۆپ رەھمەت . بەزى ئىنكاسلارنى كۆرۇپ شۇنداق خىجىل بۇلوپ كەتتىم . بۇندىن كىيىن تېخىمۇ تىرشىپ ئۇقۇيمەن رھمەت سىلەرگە...
