- ھوقۇقى
- 1
- يازما
- 352
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 1373
- تىزىملاتقان
- 2011-4-23
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-5-27
- UID
- 10851
- يازما
- 352
- تېما
- 2
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 1373
- تىزىملاتقان
- 2011-4-23
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-5-27
- توردا
- 242 سائەت
|
ئەدلىيە ئىمتىھانى ئەلىيۇلئەلاسى——ئۇغالنىياز ئەنۋەر
دۆلەتلىك ئەدلىيە ئىمتىھانى دۆلىتىمىزدە نۇپۇزى ۋە قىيىنلىق دەرىجىسى بىر قەدەر يۇقىرى بولغان، سوتچى، تەپتىش، ئادۇۋكات، گۇۋاھلىق بەرگۈچى سالاھىيىتىگە ئېرىشمەكچى بولغانلار ئۈتۈش زۆرۈر بولغان بىر ئىمتىھان.
بۇ ئىمتىھاننىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى يۇقۇرى بولغاچقا، كىشىلەر تەرپىدىن «جۇڭگۇدىكى ئەڭ قىيىن ئىمتىھان!» دەپ ئاتالدى. ئاپتۇنۇم رايۇنىمىز تەۋەسىدە ئىمتاھان بەرگۇچىلەرنىڭ ئۇتۇش نىسبىتى نىسبەتەن توۋەن بۇلۇپ قانۇن كەسپى شۇغۇللىنىدىغان ساپالىق خادىملار ئېھتىياجنى قاندۇرالمىغاچقا، مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزنى ئوز ئىچىگە ئالغان بىر قىسىم رايۇنلاردا، ئىمتىھانغا قاتنىشىش سالاھىتى ۋە لاياقەتلىك نۇمۇر چىكى جەھەتتە ئېتىبار بېرىش، ئاز سانلىق مىللەت يېزىقچىسىدىكى سۇئالنىڭ شەكىلىنى مۇۋاپىق تەڭشەش قاتارلىق ئۇسۇللارنى يولغا قويدى.
پەخىرلىك قىزىمىز ئۇغالنىياز ئەنۋەر ئوقۇتۇش ۋە ماتىرىيال جەھەتتىكى قىيىنچىلىقلارغا باش ئەگمەي، تىرىشچانلىق كورسۇتۇپ بۇ يىلقى ئەدلىيە ئىمتىھانىدا ئاپتۇنۇم رايۇنىمىز ئەلىيۇلئەلالىقنى قولغا كەلتۇرۇپ شان-شەرەپ قۇچتى. بۇ پەخىرلىك قىزىمىزغا تېخىمۇ ئىلھام بېرىش ھەم ياشلارنى بۇلۇپمۇ قانۇن كەسپىدە ئۇقۇۋاتقان ئوقۇغىچىلارنى پەخىرلىك قىزىمىزنىڭ شانلىق ئىش ئىزلىرىدىن خەۋەردار قىلىش مەقسىدىدە تەرجىمىھالىنى سۇندۇم.
«مىنىڭ تەرجىمھالىم»
مەن شىنجاڭ ئۇنۋېرىستىتى قانۇنشۇناسلىق ئىنىستىتوتى2007- يىللىق 2-سىنىپتىن ئۇغالنىياز ئەنۋەر. مەن 1990-يىلى 7-ئاينىڭ 12-كۈنى خوتەن ۋىلايىتى قاراقاش ناھيىسى قاراساي يېزىسى تېرىم كەنتىدە دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1990-يىلىدىن 1996-يىلىغىچە ئائىلە تەربىيىسىدە بۇلۇپ 1996-يىلىدن 2001–يىلىغىچە تەتىكۆل باشلانغۇچ مەكتەپتە ئۇقۇدۇم. بۇ بەش يىل جەريانىدا ئىزچىل سىنىپنىڭ ئۆگىنىش ھەييىىتىلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتىدىم . 2001–يىلىدىدىن 2004– يىلىغىچە قاراساي يېزا 1-ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇدۇم. بۇ ئۈچ يىل جەريانىدا نەتىجەم ئۇدا ئالدىنقى ئۈچنىڭ ئىچىدە بۇلۇپ كەلدى، ئىكىكى قېتىم مەكتەپ بۇيىچە ئۈچتە ياخشى ئۇقۇغۇچى بۇلۇپ باھالاندىم. 2004-يىلىدىن 2007-يىلىغىچە قاراقاش ناھىيىلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپتە ئۇقۇدۇم. بۇ ئۈچ يىل ئىچىدىكى نەتىجەممۇ سىنىپ بۇيىچە ئالدىنقى ئۈچنىڭ، مەكتەپ بۇيىچە ئالدىنقى ئوننىڭ ئىچىدە بۇلۇپ كەلدى. بۇ ۋاقىتتا بىزنىڭ مەكتەپتە، ئەگەر نەتىنجىسى سىنىپ بۇيىچە ئالدىنقى ئۈچنىڭ ئىچىگە كىرسە ئۇقۇش پۇلىنى كەچۈرۈم قىلىدىغان، مەكتەپ بۇيىچە ئالدىنقى ئۈچنىڭ ئىچىگە كىرسە ئۇقۇش پۇلى كەچۇرۇم قىلىنغاندىن سىرت 500يۇەن بىلەن مۇكاپاتلىناتتى. شۇنداق قىلىپ مەن تۇلۇق ئوتتۇرىنى ئۇقۇش پۇلى تۆلىمەي، ئاتا –ئانامغا ئۇنچە بەك ئېغىرىمنى سېلىپ كەتمەي ئۇقۇدۇم. 2007-يىلى ئېلىنغان ئالى مەكتەپ ئىمتىھانىدا 444 نۇمۇر بىلەن شىنجاڭ ئۇنۋېرىستىتى قانۇنشۇناسلىق ئىنىستىتوتىغا قۇبۇل قىلىندىم. 2007-يىلى 9-ئايدىن 2008-يىلى 9-ئايغىچە مەكتىۋىمىزنىڭ شىمالى مەكتەپ رايۇنىدا بىر يىل تەييارلىق سىنىپتا ئۇقۇدۇم. 2007-يىلى 9-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا مەكتەپ بىزدىن ئىمتىھان ئېلىش ئارقىلىق سىنىپلارغا بۆلدى. مىنىڭ خەنزۇ تىلى سەۋىيەم ياخشى بولمىغانلىقتىن ئاستا يىتىشتۈرىلىدىغان سىنىپقا (慢班) بۆلۈندۈم. بۇ بىر يىل جەريانىدا ئۆزەمنىڭ بىلىش دائىرەمنىڭ ئىنتايىن تار ئىكەنلىكىنى، نۇرغۇن بىلىملەرنى ئۆگىنىش كېرەكلىكىنى ھېس قىلدىم. شۇنىڭ بىلەن ئۆزۈمگە مۇشۇ بىر يىل جەريانىدا چۇقۇم خەنزۇ تىلىنى ياخشى ئۆگىنىپ 8-دەرىجدىن ئۆتۇشنى ۋەزىپە قىلدىم. بۇ ۋەزىپەمنى ئۇرۇنداش ئۇچۇن شۇنداق كۈچىگەن بولساممۇ بىراق 2008-يىلى ئېلىنغان سەۋىيە سىناش ئىمتىھانىدا 7-دەرىجگە ئېرىشتىم. بۇ ئوقۇش ۋەزىپەمنى بىر مەۋسۇمدىن كىيىن تاماملىدىم. 2008- يىلى 9-ئايدىن باشلاپ كەسپى دەرىسلەرنى ئۇقۇشقا كىرىشتۇق. دەسلەپتە كەسپى دەرىسلەرنى تازا چۈشىنىپ كىتەلمىدىم، كىيىن ئۆگىنىش ئارقىلىق قانۇندىن ئىبارەت بۇ كەسىپنى چۈشىنىشكە باشلىدىم ۋە ئۆزۈمنىڭ بۇ كەسىپنى ھەقىقەتەن توغرا تالىلىغانلىقىمنى ھېس قىلدىم. شۇنىڭدىن باشلاپ كەسپىمنى تېخىمۇ تىرىشىپ ئۆگىنىشكە كىرىشتىم. ئۆگىنىش نەتىجەممۇ ياخشى بۇلۇپ كەلدى. ئۆزۈم ئويلىغاندەك مۇكاپاتلارغىمۇ ئېرىشتىم. ئىلگىرى–كىيىن بۇلۇپ 2008—2009-ئۇقۇش يىلى، 2009—2010- ئۇقۇش يىلى دۆلەت رىغبەتلەندۇرۇش مۇكاپاتىغا، 2010—2011- ئۇقۇش يىلى دۆلەت ئۇقۇش مۇكاپاتىغا ئىرىشتم .
قانۇن كەسپى ئۇقۇغانلار شۇنداقلا قانۇن كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلار ئۈچۈن قىيىنلىقى بىلەن نام چىقارغان دۆلەتلىك ئەدلىيە ئىمتىھانى چۇقۇم ئۆتمىسە بولمايدىغان بىر مۈشكۈل سىناق بۇلۇپ، ئۆتۈش ئۆتكەلدىن بۇ قانۇن كەسپى بىلەن شۇغۇللىنشنىڭ ئالدىنقى شەرتى ھېساپلىندۇ بولۇپ. 2011-يىلى9-ئايدىكى بۇ مۈشكۈل سىناقتىن ئۇڭۇشلۇق ئۆتۇش ئۈچۇن، تەتىلىلىك دەم ئېلىش ۋاقتى، ئىسسىق ئۆي،ياخشى تاماقنىڭ مىھرىدىن كىچىپ، 2011-يىلى 1-ئايدىن باشلاپ شىنجاڭ ئونىۋېرسىتىتى قانۇن ئىنىستىتوتى ئاچقان ئەدلىيە ئىمتىھانى تەربىيلەش كۇرسىغا قاتناشتىم .شۇنىڭدىن باشلاپ ئەدلىيە ئىمتىھانىدىن ئىبارەت بۇ مۇشكۇل جەڭدە يىڭىپ چىقىش ئۈچۈن ئوگىنىشنى باشلىۋەتتىم.
ئوقۇتقۇچىلىرىمنىڭ ھاردىم –تالدىم دىمەي، ھەتتا دەم ئېلىش كۈنلىرىنىمۇ قۇربان قىلىپ، ئۆزىنىڭ بارلىق قان-تەرىنى سەرىپ قىلىپ تەكرار قىلىپ بىرىشى، ئاتا-ئانام ۋە دوستلىرىمنىڭ قوللاپ قۇۋەتلىشى، شۇنداقلا ئۆزۈمنىڭ بوشاشماي تىرىشىشى ئارقىسىدا، بۇ يىللىق دۆلەتلىك ئەدلىيە ئىمتىھانىدا 437 نۇمۇرغا ئېرىشىپ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى بۇيىچە ئەلىيۇلئەلا بولدۇم. مىنىڭ مۇشۇنداق ياخشى نەتىجىگە ئىرىشىشىمگە تۈرتكە بولغان ئامىللار بىر قانچە تۇرلۇك بولسىمۇ، بۇنىڭ ئىچىدە ئەڭ مۇھىمى تۈۋەندىكى ئۇچ تەرەپتىن دەپ ئويلايمەن:
1. قىزغىنلىق ۋە ئىرادە. مەن قانۇندىن ئىبارەت بۇ كەسىپكە بەكلا قىزىقىمەن. ئۆزۇمنىڭ مۇشۇ كەسىپكە بولغان قىزىقىشىم ئارقىسىدا بىلىمنى چىڭ باغلاپ چوڭقۇر ئشتىياق بىلەن ئۇگىنىشكە كىرىشتىم. مەن بۇ جەرياندا تۇرمۇش، ئۆگىنىش ۋە سالامەتلىك قاتارلىق تەرەپلەردە نۇرغۇن قىيىنچىلىق ۋە ئازبولمىغان رىيازەتلەرنى چەكتىم. بۇجەھەتتە، قىشلىق ۋە يازلىق تەتىلدە ئىجارىگە ئالغان ئوي شارائىتىنىڭ ياخشى بولماسلىقى، تاماقتىن قىينىلىش، ئۆگىنىش جەريانىدا ئۇچۇرىغان بېسىم قاتارلىق مەسىللەر مىنىڭ ھەر بىر قەدىمىمنى قىيىنلاشتۇرغان بولسىمۇ، مەن ئوز-ئۇزەمگە قاتتىق تەلەپ قويۇپ، مۇشۇنداق ناچار شارائىتتىمۇ قىلچە شارائىتلاردىن ۋايسىماي، بولدىلا دەپ تاشلاپ قويماي، بىر تەرەپتىن كىتاپ كورۇپ ئىزدىنىش، يەنە بىر تەرەپتىن مۇئەللىملەردىن سوراش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن بۇشاشماي تىرىشىپ ئوگەندىم. بىزدە «بەخىت نەدە، پىشانەڭدىكى تەردە.»دەيدىغان گەپ بار. غەلبە ھەرقاچان جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرلىگەن كىشىلەرگە قوينىنى كەڭ ئاچماي قالمايدۇ. مەن باشتىن-ئاخىر «ئىرادە ھەممىنى ئىدارە قىلۇر.» دىگەن ئىبارىنى ھەر ۋاقىت ئىسىمدىن چىقارمىدىم.
2. ئىزچىل تەكرار قىلىش ،بۈگۈنكىنى ئەتىگە قويماسلىق. مەن ئىزچىل ھەر كۇنى ئۆتۈلگەن دەرىسلەرنى شۇ كۈنىنىڭ ئۆزىدە تەكرارلاپ ماڭدىم. شۇنىڭغا ماس ھالدا مۇناسىۋەتلىك قانۇن ماددىلىرىنى كۆردۈم ۋە ھەر يىللىق ئەدلىيە ئىتىھانىنىڭ سۇئاللىرىنى ئىشلىدىم. ھەتتا كۈندىلىك ئۆتۈلگەن دەرىسلەرنى شۇ كۈنىنىڭ ئۆزىدە تەكرارلايمەن دەپ كىچە سائەت ئىككى، ئۈچلەرگىچە ئۆگىنىپ ئەتىگىنى جۆيلۈپ كەتكەن كۈنلىرىممۇ ئاز ئەمەس. ئەمما ئۆزۇمنىڭ تەن سالامەتلىكىگە كۈڭۈل بولگەن ئاساستا،دەم ئېلىش ۋاقتىمنىمۇ مۇناسسىپ ئورۇنلاشتۇردۇم. چۇنكى ئارام ئېلىشنى بىلمىگەن كىشى ئۆگىنىش قىلىشنىمۇ بىلمەيدۇ.
3. ئۇقۇتقۇچى-ئۇستازلىرىمنىڭ قىلچىمۇ ھاردىم –تالدىم دىمەستىن، ھەتتا ئۆزىنىڭ دەم ئېلىش كۈنلىرىنىمۇ قۇربان قىلىپ، بارلىق قان تەرىنى سەرىپ قىلىپ تەكرار قىلىپ بىرىشى، مەسىلىلەرنى زىرىكمەي سەۋىرچانلىق بىلەن چۈشەندۈرىشى، ئاتا-ئانام ۋە دوستلىرىمنىڭ قوللاپ قۇۋەتلىشى ۋە ئىلھام بىرىشى ئارقىسىدا يۇقارقىدەك نەتىجىلەرگە ئېرىشتىم.
مەن بۇ ئازغىنە نەتىجىلىرىم بىلەنلا قانائەتلىنىپ قالماستىن، بۇنىڭدىن كىيىنكى ئۆگىنىش مۇساپەمدە داۋاملىق ئىلگرلەپ، جەمىيىتىمىز ئۈچۈن بۇلۇپمۇ قانۇن ساھەسى ئۈچۈن بىر كىشىلىك ھەسسەمنى قۇشۇش ، ئاتا-ئانامنىڭ ئۇمۇدىنى ئاقلاش، شۇنداقلا ئارزۇلىرىمنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۇچۇن توختىماستىن تىرىشىمەن ۋە تىرىشماقتىمەن!
|
|