ئىگىسى: 0991sumruh

«ھەقىقىي ئايال» ۋە رېئال تۇرمۇش   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
10525
يازما
313
تېما
3
نادىر
0
جۇغلانما
3523
تىزىملاتقان
2011-4-1
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-6
توردا
130 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-9 11:20:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
muratxah يوللىغان ۋاقتى  2012-3-8 17:05
توغرا دەيسىز  ئەمما يەنىلا شۇنداق ئەركەكلەرنى قانداق ...

   سەمىڭىزدە بولسۇن قېرىندىشىم ، يارالمىشىدىن تارتىپ ئەرلەر ھەتتا « تاللاش » جەھەتتىمۇ ئاياللاردىن ئۈستۈنلىككە ئىگە . ئەگەر بىز تاللىۋالغۇدەك شۇنچە كۆپ مۆئىمىن ئەرلەر بولغان بولسا جەمىيەت بۈگۈنكىدەك بۇزۇلۇپ كەتمىگەن بولاتتى . بىز ئەزەلدىن ئاياللارنىڭ زىممىسىدىكى مەسئۇلىيەتنى بەك تەكىتلەپ كەتكەچكە ، خۇددى « سۇمرۇغ » يوللىغان يازمىدا ئېيتىلغاندەك  نۇرغۇن ئاياللىرىمىز خۇددى ئەبجەخ ماشىنىغا ئوخشاپ قېلىپ ھالاللاپ نىكاھلاپ ئالغان ئەرلىرىمۇ ياراتمىغۇدەك ھالغا چۈشۇپ قېلىۋاتىدۇ . ھالىدىن كەتكەن نۇرغۇن ئاياللار ئەرلىرىنى قانداق تۇتۇپ قېلىشنىڭ كويىدا ، ھاياتىنىڭ داۋامى بولغان پەرزەنتلىرىگە يېتەرلىك ۋاقىت ئاجرىتالمايۋاتىدۇ . ئەۋەتتە ، بۇنداق دىيىش ئارقىلىق ، پەرزەنت تەربىيەلەش جەھەتتىكى ئانىنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيتىنىڭ ئاتىلارغا قارىغاندا ئېغىر بولىدىغانلىقىنى چەتكە قاقماقچى ئەمەسمەن . ئەمما شۇ بىر نازۇك  نۇقتا سەمىمىزدە بولسۇنكى ، خۇددى نۇرمۇھەممەت ئۆمەر ئۇچقۇن « كۆزۇڭنى ئاچ ، ئۆزۈڭنى تاپ ئەركەكلەر » دىگەن كىتاۋىنىڭ خاتىمىسىدە ئوتتۇرىغا قويغاندەك :
   ئەرلىك ئىنتايىن چوڭ مەجبۇرىيەتتۇر ، بىر جەمىيەتنىڭ ساغلاملىقى ، بىر مىللەتنىڭ راۋرۇس مەۋجۇت بولۇپ تۇرىشى ، ئايال كىشىنىڭ تەربىيىلىك ، مەرھەمەتلىك مەلىكە ، خوتۇن - خانىشقا ئايلىنىپ ، ئەرنىڭ ئىتائىتىدىكى پازىل ئايال ، مېھىرلىك خوتۇن ، لاياقەتلىك ئانا ، ساپالىق پۇقرا بولۇشى ، پەرزەنتلەرنىڭ زامان زالالەتلىرى ئالدىدا تەمتىرىمەي ، ھودۇقماي ، ئازماي ، ساغلام ، دادىل چوڭ بولىشىدا ئەرنىڭ ، ئەرلەرنىڭ مەجبۇرىيىتى ئەڭ چوڭ . ئەرلەر ، زاتى ئەركەكلەر قېنى سىلەر ؟ ........جاھانغا ئەردەك ئەر كېرەك ! كۆزۈڭنى ئاچ ، ئۆزۈڭنى تاپ ! كامالەت يوللىرى سېنى ئىزدەپ ئاھسنىپ ياتىدۇ ...
   ئەلۋەتتە ، بۇ بىر كىشىنىڭ ئوتلۇق خىتاۋى ، بىر كىشىنىڭ ئىستىگى ، ئەمما بۇ بىزنىڭ ئاقىلانىلىق بىلەن ئويلىشىپ بېقىشىمىزغا ھەقىقەتەن ئەرزىيدۇ .
   مېنىڭ ئەنە شۇ ئاياللار ئانداق بوپكەتتى يەي ، قىزلار مۇنداق بوپ كەتتى يەي دىگۈچىلەرگە شۇنداق دىگۈم كېلىدۇ : «  ئاياللار جانابى ھەقنىڭ ئەرلەرگە تاپشۇرغان ئامانىتى .قىيامەتتە مونكىر - نەكىرلەر ياقىسىدىن تارتىپ بۇ ئامانەتنىڭ ھېساۋىنى ئالدى بىلەن ئەرلەردىن ئالىدۇ . دېمەككى ، ئەر بولغۇچى ئالدى بىلەن ئۆزىنى كامىللاشتۇرۇپ ، ئايالىنى ھىمايىسىگە ئالمىقى لازىمدۇر ! ئەر بولغۇچى ئايالىنىڭ قەلپ سۇلتانلىقىنىڭ يىگانە شاھىنشاھىغا ئايلانغاندا ، بۇ ئايالدىن ، بۇ ئانىدىن سالىھ پەرزەنتلەر تۇغۇلىدۇ . »

باھا سۆز

چالىھقۇشى  بەك ياخشى ئىنكاس، مېنىڭ ئويلايدىغانلىرىمنى دەپسىز....  يوللىغان ۋاقتى 2012-4-4 16:40:08

UID
3644
يازما
12
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
42
تىزىملاتقان
2010-7-23
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-14
توردا
33 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-10 18:03:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
. شۇ چاغلاردىكى مېھرى ئاتەش ئانىلار ئىگىلىك تىكلەپ خام خۇرۇچ تېپىشنىڭ غېمىدە پالاقلىماستىن، ئەكسىچە ئېرى تېپىپ بەرگەن خۇرۇچلاردىن مەززىلىك تائاملارنى تەييارلاپ، ئۆزىنى گۈلدەك ياساپ، ئۆينى پاكىز تازىلاپ، بالىلىرىغا گۈزەل ئەپسانە، چۆچەكلەرنى ئېيتىپ بېرىپ، ئېرىغا ئائىلىنىڭ بەختىيارلىقىنى ھېس قىلدۇرۇپ، ئانىنىڭ ئائىلىدىكى قۇياشتەك ئورنىنى تىكلەپ بەرگەنىدى. چاچلار ئاقىرىپ، ماڭلايلار قورۇلسىمۇ، شېرىن پىچىرلاشلار، تاتلىق كۈلۈمسىرەشلەر، مۇھەببەتلىك بېقىشىشلار ئائىلىنىڭ ئەڭ زور بايلىقى سۈپىتىدە ...

كۆيۈمچان ئەزا

ئىچىڭدىكى ئىچىڭ

UID
1997
يازما
72
تېما
21
نادىر
0
جۇغلانما
2262
تىزىملاتقان
2010-5-26
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-3
توردا
8 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-10 18:21:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قىلىچ تۇتقان سەركەردىدىن يىڭنە تۇتقان ئايال ئارتۇقتۇر. (شەرق ھېكمەتلىرىدىن)

UID
4470
يازما
185
تېما
3
نادىر
0
جۇغلانما
3245
تىزىملاتقان
2010-8-11
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-4
توردا
57 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-11 09:40:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئايال بولۇپ ياشاپ باققۇم بار،ھەقىقىي ئايال.
          ئايسىمە . ئىدرىس


ئايال بولۇپ ياشاپ باققۇم بار ،

ھەقىقى ئايال .

ئۇزۇن ، ئۆرۈم چاچلىرىم بىلەن ،

چىمەن دوپپا كىيسەم چىرايلىق ،

ئاماننىساخان ، نۇزۇگۇم ،

رازىيەلەر كىيگەن كىيىمنى ،

كىيىپ باقسام ئۇيغۇرغا لايىق .

جىلۋىلەنسە ئوسما قىشىمدا ،

يىلىم ئوماق كۈلسە چىچىمدا ،

چاچتەڭگىلەر جىرىڭلاتسام ،

نازاكەتلىك سۆزلەر ئاچسام ،

قوشاقلار تۆكۈلسە لىۋىمدىن ،

داستانلار پۈتۈلسە تىلىمدىن ،

تەھسىل قىلسام قانغۇچە ئىلىم ،

مۇزىكىغا لىق تولسا دىلىم ،

تارىخ بىلەن چىڭ چىرمىشىپ ،

تاپمىسام مەڭگۈ تىنىم .



ئايال بولۇپ ياشاپ باققۇم بار ،

ھەقىقى ئايال .

تاختا - نوغۇچ كۈلسە مەن بىلەن ،

قازان - قومۇچ كۈلسە مەن بىلەن ،

تەملىك بولۇپ ئوخشىسا تاماق ،

مەيلى ئىدى ئوتۇن تەرسەممۇ ،

ئوماققىنە بالىلىرىمنى ئەگەشتۈرۈپ ،

مەيلى ئىدى چامغۇر يۇلساممۇ .

تۇزۇم كەملىسە ،

قوشنىلاردىن سورىسام ئازراق ،

ھەققىگە

سۇنۇپ بەرسەم بىر قاچا تاماق ،

ھورى كۆتۈرۈلۈپ تۇرغان ئاش ،

ئىللىقلىققا بولغانچە ئاداش ،

< ئايالىم ئەجەپ كۆيۈمچان > دەپ ،

ئېرىم قەلبىنى كۆيدۈرسە ،

ھاياجاندىن چىقسا ئوخچۇپ ،

مەمنۇنلۇقتا كۆزلىرىمدىن ياش .

< ئانا ، ئاش ،

ئانا ، ئاش ... >

< تۇزى سەل كەم ،

تىتىپتۇ ئوتياش >

ئىھ ، سۆيۈملۈك ، سۆيۈملۈك

سۆزلەر ،

ئاياللىقىمنى تونۇتقان سۆزلەر ،

مۇھەببەتكە باشلىغان سۆزلەر ،

يۈرەكلەرنى ياشناتقان سۆزلەر .



ئايال بولۇپ ياشاپ باققۇم بار ،

ھەقىقى ئايال .

ئوغۇز سۈتى بىلەن ئوغلۇمنى ،

كۈچ - قۇۋۋەتكە تولدۇرۇش راھەت ،

تامشىپ - تامشىپ ئەمسە سۈتۈمنى ،

ساپساق ئىككى يىل ،

ئۇ مەن ئۈچۈن بەخت ھەم ئامەت .

ئانا سۈتى ئۇلۇغ ، مۇقەددەس ،

ئۇ بالىنى قىلار زەبەردەس ،

ئانا ئۈچۈن بالا ئىمىتىش ،

ئۇ بىر پەرز ، ئۇ بىر پەرز بەس !

پەرزلەرنىڭ ۋەزنى بەك ئىغىر ،

ئۇ پەرزەنتنىڭ ھەققى - دەۋاسى ،

پەرزەنت بىلەن ئاتىلار < ئانا >

< ئانا ئۇلۇغ ، ئىنسان رەناسى .>

ئاق سۈت ھالال ، ھالال سۈتۈمدە ،

ئەقىل بەرسەم ، كۈچ - قۇۋۋەت بەرسەم ،

ئەدەپ -ئەخلاق ئۇرۇقلىرىنى ،

ئاق سۈت بىلەن قەلبىگە تەرسەم .

قىزىم بولسا شەرمى - ھايالىق ،

ئوغلۇم بولسا باتۇر - مەنالىق ،

< ئانا > دىگەن سۆزگە مۇناسىپ ،

بولالىسام چىقاتتى ھاردىق .



ئايال بولۇپ ياشاپ باققۇم بار ،

ھەقىقى ئايال .

چولپان بىلەن بەسلىشىپ ،

سەھەر تۇرسام بەك سەھەر .

ھويلا - ئارام ، ئۆيلەرنى ،

تازىلىسام تېز - چەپەر .

تەييارلىسام قىزىق چاي ،

ئىچسەك بىللە ئولتۇرۇپ ،

قوپالمىسا بالىلىرىم ،

ئويغاتسام مەن كۈلدۈرۈپ .

گەر چىقمىسا دادىسى ،

ئويغىنالماي ئۇيقۇدىن ،

ئاستا كىرسەم يىنىغا ،

پىچىرلىسام بەك شېرىن .

< تاڭ ئاتمىسا يىنىمدا ،

ئۇخلىساڭ ئەي ئامرىقىم ،

سەھەر تۇرۇپ بۈگۈنمۇ ،

ئىشلەپسەندە بېتىنىم .

جاپا تارتتىڭ بىز ئۈچۈن ،

رەنجىمىگىن قىلچىمۇ ،

مانا ھازىر چىقىمەن ،

سوۋۇغىچە چىيىممۇ  . >

جاپا نىمە بىلىنمەس ،

يۈرەك تولۇپ سۆيگۈگە  ،

ئىشقا ماڭسا ھەممىسى ،

ئۇزاتسام مەن ئىشىكتە .



ئايال بولۇپ ياشاپ باققۇم بار ،

ھەقىقى ئايال .

ئاي كۈلگەندە ئاسماندا ،

چۆچەكلىرىم باشلانسا ،

يۇلتۇزلارنى قېشىغا ،

پەرزەنتلىرىم ئاتلانسا .

ئۇچۇپ كەلسە پەرىشتە ،

بەخت گۈلى تەرگىلى ،

< ئالتۇن كەش > نى قىزىمىز

ئىلىپ قاچسا كىيگىلى .

يەنە < ئا ، ب ، س > نىمۇ ،

ئۆگەتسەمكەن ھەر كۈنى .

ھېساب ، تارىخ ، تەبىئەت ،

بىلسە مەندىن كۈن - تۈنى .

بولۇپ ئۆيدە مۇئەللىم ،

بىلمىگەننى بىلدۈرسەم ،

بىلىم - ئەقىل گۈلىنى ،

يۈرىكىگە ئۈندۈرسەم .

تولسا ئىللىق ئۆيىمىز ،

خۇشال ، قايناق كۈلكىگە ،

دادىسىمۇ بەختىنى

تىزسا قەلب تۆرىگە .

قاتار چاينىڭ مىھرىدىن ،

كىچەلىسەك ئىككىمىز ،

ئىشىك ئوچۇق خاتىرجەم

كىرسە ئۆيگە بالىمىز .



ئايال بولۇپ ياشاپ باققۇم بار ،

ھەقىقى ئايال .

ئايال بولۇپ ياشاپ باققۇم بار ،

مۇھەببەتكە مەڭز ياققۇم بار ،

يۈرىكىمنى بېرىپ ئۆزۈمگە ،

سۆيگۈدىن كۆپ مېغىز چاققۇم بار ،

< ئانا > بولسام ئانىغا لايىق ،

< ئايال > بولسام نازۇك ، زىبالىق ،

خىزمىتىمدە قازىنىپ ئۇتۇق ،

شان - شەرەپكە ئىرىشسەم لايىق .

قوغلاشمىسام خىيالى ئامەت ،

رېئاللىقتا يۈرسەم داۋامەت ،

مەنا ئىزدەپ ھايات يولىدىن ،

جاپالارغا يوللىسام تاقەت .

ۋاقىت مىنى قوغلىسا تىنماي ،

ئۆتسەم يىللار باغرىغا قانماي ،

لۇتپۇللادەك ئەتىكى كۈنگە ،

ئىرادىنى ئاتىسام تالاي .

تېرىشچانلىق قىيىقلىرىغا ،

پەرزەنتىمنى بىللە چىقارسام ،

پەزىلىتىم - ۋىجدانىم بىلەن

ئاھ ، ئۇلارنىڭ

يۈرىكىدە قايتا ياشارسام ....


UID
10525
يازما
313
تېما
3
نادىر
0
جۇغلانما
3523
تىزىملاتقان
2011-4-1
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-6
توردا
130 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-11 14:40:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    مەن ئالدىنقى يازما يوللانغان چاغدىلا بۇ شېئىرنى بىر كۆرۈپ باقسام دىگەن ئىستىگىم بار ئىدى . كۆپ تەشەككۈر !

باھا سۆز

hikmet  سىزنىڭ ئائىلىڭىزئۇچۇن قىلغانلىرىڭىزغا اللە كوپ ئەجىرلەر بەرگۇسى!  يوللىغان ۋاقتى 2012-3-13 03:21:32

UID
32280
يازما
2
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
2
تىزىملاتقان
2012-3-11
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-11
توردا
9 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-11 23:15:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نىمە دىگەن ياخشى يېزىلغان  شېئىر ھە!

UID
31144
يازما
21
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
21
تىزىملاتقان
2012-2-29
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-9
توردا
5 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-13 12:01:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناھايىتى ياخشى يىزىلىپتۇ ،رىئال تۇرمۇش ئەكىس ئەتتۇرلىپتۇ،مەن توي قىلغىلى 2يىل بولدى،بىر ئوغلۇم بار،تۇرمۇشنىڭ ئېغىرلىقىدىن بەك بىسىم ھىس قىلىمەن .راسىت گەپنى قىلغاندا تۇگمىگەن ئادامگەرچىلىك ،خىزمەت ،بالنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش ،ئاتا-ئانىنڭ ھالىغا يىتىش،ئىرىنىڭ كۇتكەن يېرىدىن چىقىش،ئوينى پاكىز تۇتۇش ،تاماقنى ۋاقتى ۋاقتىدا ئېتىپ تۇرۇش ،ئۆزىمىزنىڭ گۇزەللىكى ،سالامەتلىكى ئۇچۇن ۋاقىت چقىرىش،مىنى ھادۇرۇپ ھالسىرتىپ قۇيدى.قىىيىن ئاپا ۋە قىيىن ھەدە مۇناسىۋىتىنى ياخشى ھەل قىلمىسىڭىز تىخى!!

UID
17644
يازما
154
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
154
تىزىملاتقان
2011-11-23
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-7
توردا
56 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-15 23:34:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
0991sumruh يوللىغان ۋاقتى  2012-3-11 09:40
ئايال بولۇپ ياشاپ باققۇم بار،ھەقىقىي ئايال.
          ئايس ...

    شىئېر، ھەقىقى شىئېر، مەناسى چۇڭقۇر، ئىدىيىسى ساپ.............

UID
32626
يازما
6
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
6
تىزىملاتقان
2012-3-14
ئاخىرقى قېتىم
2012-3-27
توردا
3 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-16 18:04:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توغرا دەيسىز  ئەمما يەنىلا شۇنداق ئەركەكلەرنى قانداق  ئۇچراش مەسىلىسى قىزلارنى زىممىسىدا  سىزلەرنىڭمۇ تاللاش ھوقۇقۇڭلاربار مۆئمىن ئاياللار مۆئمىن ئەرلەرگە لايىقتۇر

UID
32626
يازما
6
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
6
تىزىملاتقان
2012-3-14
ئاخىرقى قېتىم
2012-3-27
توردا
3 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-16 18:11:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇرەت تاش سىزنى سۆككۈنۈم ئەمەس ، سىز ئاغزىڭىزدا ئىسلام دىنىنى تەشۋىق قىلىسىز-يۇ يەنە يۇقارقىدەك تۇتۇرۇقسىز گەپنى قىلىسىز ، بىزنىڭ ئىسلام ئاياللىرى ئۈزىگە ئەر تاللاپ باققانمىدى ، سىزنىڭ سۈزىڭىزگە نىسپەتەن تاللىسا بۇلامدۇ؟ ئەجىبا قىلىۋاتقان گەپ - سۆزلىرىڭىزنىڭ بىر-بىرىگە زىت ئىكەنلىكىنى ئويلىمىدىڭىزمۇ؟

تولۇقلىما مەزمۇن (2012-3-16 18:19):

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش