كۆرۈش: 8276|ئىنكاس: 37

«ھەقىقىي ئايال» ۋە رېئال تۇرمۇش   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
4470
يازما
185
تېما
3
نادىر
0
جۇغلانما
3245
تىزىملاتقان
2010-8-11
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-4
توردا
57 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-7 10:24:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   شائىرە ئايسىمە ئىدىرىسنىڭ «ھەقىقىي ئايال بولۇپ ياشاپ باققۇم بار» ناملىق شېئىرى ئويغاتقان ھېسلار
                                                 ئادالەت ئابدۇرېھىم
   
ئەرنى رازى قىلىپ ئۆينى ئۆيدەك تۇتۇپ تۇرۇش بۈگۈنكى زامان ئاياللىرى دۇچ كېلىۋاتقان نۇرغۇن بېسىملارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ ئېغىر بېسىم. ئاياللار بىر كۈننىڭ ئەڭ ياخشى پەيتلىرىنى سەككىز سائەتلىك ئىش ۋاقتى ئۈچۈن سەرپ قىلىپ خىزمەتنىڭ ھۆددىسىدىن تولۇق چىقىشى كېرەك، بولمىسا ئائىلىنىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتىكى يۈكىنى ئەرلەر يالغۇز كۆتىرىپ بولالمايدۇ. ئاياللار يەنە ئائىلىدە گۈزەل، چېۋەر، پەزىلەتلىك ئايال بولۇپ ئېرىنىڭ بارلىق ئېھتىياجىدىن چىقىش ئۈچۈن ھەرۋاقىت تەييار تۇرۇشى، ئۆينى پاكىز، رەتلىك تۇتۇپ، تاماقنى ۋاقتى–ۋاقتىدا لەززەتلىك قىلىپ ئېتىشى، گۈزەل تۇرق، لاتاپەتلىك خۇلق–مىجەزى بىلەن ئېرىنى ئۆزىگە باغلاپ تۇرۇشى كېرەك. بولمىسا ئەر ئۆينى تاشلاپ كۆڭلى خۇش بولىدىغان جايلارغا يۈگرەيدۇ. ئۇ چاغدا ئاجرىشىپ كەتسىڭىز بالىڭىز يېتىم بولىدۇ، ئەلەمنى ئىچىڭىزگە يۇتۇپ ئۆيىڭىزنى تۇتسىڭىز يۈرىكىڭىز ئازابتىن قاماپ كېتىدۇ. ئاياللار بۇنىڭدىن باشقا يەنە ياخشى كېلىن، ياخشى پەرزەنت بولۇشى، پەرزەتلىرىگە ياراملىق تەربىيىچى بولۇشى كېرەك. بۇنىڭدىن باشقا، تۈرلۈك باردى–كەلدى، ئادەمگەرچىلىكلەرمۇ ئاياللارنى كۈتۈپ تۇرىدۇ. ئاياللار خۇددى ئەبجىقى چىقىپ كەتكەن بولسىمۇ ئارام ئالالماي ئۈچ–تۆت ئادەمنى ئۇيان–بۇيان توشۇيدىغان كونا ۋېلىسىپىت. گويا ئۈستىگە شاخ–شۇمبا قالماي بېسىلىپ، تاملىرى سىڭايان بولۇپ قالغان، قۇرت يېگەن ياغاچلىرى سۇنغان، تورۇسلىرى ئۆتمە–تۆشۈك بولۇپ كەتكەن كەپە.

ئايال بولۇش تەبىئەتنىڭ يېرىم دۇنيا ئۈچۈن ئاتالغان جازا لاگېرىغا بەخشەندە بولۇش ئەمەس، بەلكى ئەڭ گۈزەل، ئەڭ نازۇك، لاتاپەت بىلەن بېزەلگەن ئىستەك دۇنياسىغا قەدەم ئېلىشتۇر. ئەرلىك قانچىلىك يۇقىرى شۆھرەتكە، ئىناۋەتكە، مەرتىۋىگە ئىگە بولۇشقا لايىق بولسا، ئاياللىقمۇ شۇنىڭغا ئوخشاشلا شۆھرەتكە، ئىناۋەت ۋە مەرتىۋىگە ئىگە بولۇشقا تامامەن ھەقلىق. ئايال بولماق تەس. ئايال بولماقنىڭ تەسلىكى ئاياللارنىڭ زىممىسىگە يۈكلەنگەن مەسئۇلىيەتنىڭ ئېغىرلىقى ۋە مۇقەددەسلىكىدە. بىر ئائىلىنىڭ ئائىلە بولۇپ تۇرالىشىدا مەسئۇلىيەت مۇھەببەتتىن خېلىلا ئۈستۈن تۇرىدۇ. ئائىلىۋى مۇھەببەت ئەمدىلا بالاغەتكە يەتكەن قىز–يىگىتلەرنىڭ رومانتىك ھېسسىياتىدەك مۇھەببەت ئۈستىگە قۇرۇلماستىن، ئائىلىگە مۇناسىۋەتلىك بولغان بارلىق ئېغىر–يېنىك يۈكلەرنىڭ ئۈستىگە قۇرۇلغان بولىدۇ. مانا مۇشۇنداق ئېغىر يۈكلەرنى دادىللىق بىلەن زىممىسىگە ئالالىغان ۋە قىيىنچىلىقلارنى كۆتىرىشكە جۈرئەت قىلالىغاندىلا، ئەر بىلەن ئايال ئوتتۇرىسىدىكى سىرلىق ۋە مۇقەددەس مۇھەببەتنى ساقلاپ قالغىلى بولىدۇ. تويدىن بۇرۇنقى ئوتلۇق مۇھەببەتنى ساقلاپ قېلىشتىكى بارلىق مەسئۇلىيەتنى جورىسىنىڭ ئۈستىگىلا يۈكلەپ قويۇپ، ئۆزى تېگىشلىك مەسئۇلىيىتىنى ئۆتەشتىن باش تارتقاندا، ئائىلىۋى مۇھەببەت بۆھرانغا دۇچ كېلىدۇ.

ئانا بولۇش زور شەرەپ. بىراق بۇ خىل شەرەپ بىر ئايالنىڭ ئائىلىسى، ئېرى ۋە پەرزەنتلىرى ئالدىدىكى مىننەتسىز، تەمەسىز ئەجىر–مېھنىتى، شەخسىيەتسىز بەدەللىرى ھېسابىغا رويابقا چىقىدۇ. ئەگەر ئايال «مەنمۇ ساڭا ئوخشاشلا ئادەم، قانۇندا ئەر–ئاياللار باراۋەر، دەپ ئېنىق بەلگىلەنگەن، شۇڭا ئائىلىدىكى جاپانىمۇ تەڭ تارتىشىمىز كېرەك» دەپ چاپاننى تەتۈر كىيسە، ئۇ قانداقمۇ «ئانا» دېگەن شەرەپلىك نامغا مۇناسىپ ئىش قىلغان ھېسابلانسۇن؟ ئانىنىڭ ئۇلۇغلۇقى دەل مىننەتسىز ئەجىر قىلىشتا، تۆھپە تەلەپ قىلمايدىغان بەدەل تۆلەشتە. بۇ ھەرگىز ئاياللارنىڭ يېرىم دۇنيالىق ئورنىنى ئىنكار قىلىپ ئۇلارنى مۇشەققەتلىك ھايات قوينىغا ئىتتىرىش ئەمەس، بەلكى ئاياللىقنىڭ تەبىئەت تەرىپىدىن بەلگىلەنگەن مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش شەكلىنى ئىزاھلاشتىنلا ئىبارەت.

ئايال مۇھەببەت دۇنياسى، بۇ يەردىكى مۇھەببەت ئوخشىمىغان جىنىسلار ئوتتۇرىسىدىكى تار ئۇقۇمدىن ھالقىپ كەتكەن مۇھەببەتتۇر. ئايال خىلمۇ خىل مۇھەببەتلەرنىڭ مەركىزىدە ياشايدۇ. خۇددى كائىناتتىكى بارچە شەيئى قۇياشنىڭ خاسىيەتلىك نۇرى ئاستىدا ئېھتىياج ئۇرۇقلىرىنى بىخلىتىپ، چېچەكلىتىپ مېۋە بەرگىنىدەك. ئايالنىڭ ئەتراپىدىكى ھەممە نەرسە ئۇنىڭ مۇھەببىتىدىن كېچە–كۈندۈزلەپ بەھرىلىنىدۇ، ياشنايدۇ، كۈچىيىدۇ. ئۇ ھەر كۈنى ئىشتىن ھېرىپ–ئېچىپ كەلگىنىگە قارىماي، ئېرىنىڭ كۈندىلىك ئىشلىرىغا، كەيپىياتىغا، ئېھتىياجىغا كۆڭۈل بۆلىدۇ، ئاش–تامىقىنى ئېتىدۇ، كىر–قاتلىرىنى يۇيىدۇ. كېچىلىرى شېرىن ئۇيقۇسىدىن ۋاز كېچىپ بالا ئېمىتىدۇ، بالا باقىدۇ. مەكتەپ يېشىدىكى بالىلىرىنىڭ ئۆگىنىشىگە، تۇرمۇشىغا، ئويۇنلىرىغا، ئارىلىشىۋاتقان دوستلىرىغا، قىزىقىشىغا...ھەممە–ھەممىگە دىققەت قىلىدۇ، ئارىلىشىدۇ. ئىككى تەرەپ ئۇرۇق–تۇغقانلىرىنىڭ ھالىغا يېتىدۇ، دەردىگە دەرمان بولىدۇ. قىسقىسى، تاڭ سۈزۈلگەندىن ئەل ياتقۇغۇچە تىنىم تاپمايدۇ.

دېمەك، ئاياللىق قۇربان بېرىش، بەدەل تۆلەش ھېسابىغا كېلىدىغان ئونۋان.
ياش شائىرە ئايسىمە ئىدرىسنىڭ «ھەقىقىي ئايال بولۇپ ياشاپ باققۇم بار» دېگەن شېئىرىدىكى ئايال باش قەھرىمان تاشقى قىياپىتى ۋە خۇلق– مىجەزىدىن ئاياللىق نازاكىتى بالقىپ تۇرىدىغان، ئاياللىق لاتاپىتى بىلەن ئائىلىسىگە خۇشاللىق ۋە بەختىيارلىقنىڭ ئۇرۇقلىرىنى چاچىدىغان بىر ئاددىي ئايال بولۇپ ياشاشنى گۈزەل ئارمانلىرى بىلەن كۈتىدۇ. چىمەن دوپپا كىيىپ، ئوسما قويۇپ، چاچلىرىدا چاچتەڭگىلەرنى جىرىڭلىتىپ يۈرۈپ ئائىلىۋى ئىلىم تەھسىل قىلىشنى؛ ئۆز ئەجىر–مېھنىتى بىلەن ئۆينىڭ خۇشاللىق مەركىزى بولغان ئاشخانا، تۆشەككە جان كىرگۈزۈپ، مەززىلىك تاماقلىرى بىلەن بايرام كەيپىياتى پەيدا قىلىشنى ئويلايدۇ...بۇ شېئىردىكى ئايال باش قەھرىماننىڭ بۇ خىل كۈچلۈك تەلپۈنۈشى ماھىيەتتە نۇرغۇن ئاياللارنىڭ قەلب ساداسى، نۇرغۇنلىغان ئاياللارنىڭ ئورتاق تەلپۈنىشى. ئاپتور بۇ خىل ئىدىيىۋى ھېسسىياتىنى خىيال، تەسەۋۋۇر ۋە سەكرەتمە ھېسسىياتلارنىڭ ياردىمىدە گۈزەل شېئىرىي ئىبارىلەر بىلەن يارقىن يورۇتۇپ بەرگەن.

ئەمەلىيەتتە، بۇ گۈزەل ئارزۇ بۈگۈنكى تۇرمۇش رېئاللىقىدا ئېرىشكىلى بولمىغۇدەك دەرىجىدىكى غايىۋى نەرسىمۇ ئەمەس، ھەرقانداق ئائىلىدە ئائىلە ئەزالىرىنىڭ ئۆز ئائىلىسىگە مېھىر–مۇھەببىتى بولسىلا، ئىستىخىيىلىك ھالدا ۋۇجۇدقا چىقىدىغان، ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئايلانسىلا مۇھەببەت نۇرلىرى بىلەن ئائىلە ئەزالىرىنى ياشنىتىدىغان رېئالنى ئىنتىلىش. كىشىلەر تىرىشسىلا بۇ لىرىك پېرسوناژنىڭ گۈزەل غايىلىرىنى ئۆز رېئاللىقى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ بەخت ھۇزۇرىغا چۆمۈلەلەيدۇ.

بىراق بىزنىڭ شەھەرلىشىش، مەدەنىيلىشىش ئېڭىمىز ۋە تەرەققىياتقا توغرا تۇرىۋالغان روھىي دۇنيارىمىز بىلەن قارىغاندا ئايال بولۇش، بولۇپمۇ ئەرنىڭ كۆڭلىدىكىدەك ئايال بولۇش ھەقىقەتەن تەس. بۇ گۈزەل شېئىردىكى ئارمانلار بىلەن ھازىرقى تۇرمۇش رېئاللىقىمىز ئارىسىدا خېلى چوڭقۇر ھاڭ بار. ئىجتىمائىي مۇھىتنىڭ ھەر خىل توزانلىرى ئاشۇ ئاددىي غايىلىرىمىزنى قويۇق قارا تۇمان ئىچىدە بۇرۇقتۇم قىلغان. شۇنچىلىك ئاددىي، ئەقەللىي پىكىرلەرنى ھېس قىلىدىغان يۈرەكلەر ھېسسىز گۆشكە ئايلىنىپ قالغان. گۈزەل رېئاللىق يېقىنلا يەردە كۆرۈنۈپ تۇرسىمۇ ھېسسىي مۇھىتتىكى ئۆتكۈر چىشلىق زەنجىر –توساقلار سەزگۈمىزنى ئورىۋالغان.

ئەمەلىيەتتە، بۇ گۈزەل ئارزۇ بۈگۈنكى تۇرمۇش رېئاللىقىدا ئېرىشكىلى بولمىغۇدەك دەرىجىدىكى غايىۋى نەرسىمۇ ئەمەس، ھەرقانداق ئائىلىدە ئائىلە ئەزالىرىنىڭ ئۆز ئائىلىسىگە مېھىر–مۇھەببىتى بولسىلا، ئىستىخىيىلىك ھالدا ۋۇجۇدقا چىقىدىغان، ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئايلانسىلا مۇھەببەت نۇرلىرى بىلەن ئائىلە ئەزالىرىنى ياشنىتىدىغان رېئالنى ئىنتىلىش. كىشىلەر تىرىشسىلا بۇ لىرىك پېرسوناژنىڭ گۈزەل غايىلىرىنى ئۆز رېئاللىقى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ بەخت ھۇزۇرىغا چۆمۈلەلەيدۇ.

بىراق بىزنىڭ شەھەرلىشىش، مەدەنىيلىشىش ئېڭىمىز ۋە تەرەققىياتقا توغرا تۇرىۋالغان روھىي دۇنيارىمىز بىلەن قارىغاندا ئايال بولۇش، بولۇپمۇ ئەرنىڭ كۆڭلىدىكىدەك ئايال بولۇش ھەقىقەتەن تەس. بۇ گۈزەل شېئىردىكى ئارمانلار بىلەن ھازىرقى تۇرمۇش رېئاللىقىمىز ئارىسىدا خېلى چوڭقۇر ھاڭ بار. ئىجتىمائىي مۇھىتنىڭ ھەر خىل توزانلىرى ئاشۇ ئاددىي غايىلىرىمىزنى قويۇق قارا تۇمان ئىچىدە بۇرۇقتۇم قىلغان. شۇنچىلىك ئاددىي، ئەقەللىي پىكىرلەرنى ھېس قىلىدىغان يۈرەكلەر ھېسسىز گۆشكە ئايلىنىپ قالغان. گۈزەل رېئاللىق يېقىنلا يەردە كۆرۈنۈپ تۇرسىمۇ ھېسسىي مۇھىتتىكى ئۆتكۈر چىشلىق زەنجىر –توساقلار سەزگۈمىزنى ئورىۋالغان...

جەمئىيەت تەرەققىي قىلغانسېرى، ئەرلەرنىڭ ئاياللارغا قويىدىغان تەلىپىمۇ كۈچىيىپ كەتتى. بۇرۇن كۈندە ئىككى ۋاق تاماق ئېتىپ، ئائىلە ئەزالىرىنىڭ كىيىملىرىنى 3–4 كۈندە بىر قېتىم يەڭگۈشلەپ تۇرىدىغان ئاياللار چېۋەر ئايال سانالغان بولسا، ھازىر ئەتىگەنلىك چايغا تەييارلىنىدىغان نەچچە خىل تائاملاردىن تارتىپ كەچلىك تاماقتا يېيىلىدىغان سالامەتلىككە پايدىلىق تائاملارغىچە تۈجۈپىلەپ ئېتىش، ئۆيدىكىلەرنىڭ كۈندە بىر ۋاخ كىيىم يەڭگۈشلىشىگە كاپالەتلىك قىلىش ئادەتتىكى ئىشقا ئايلىنىپ قالدى. ئۆيلەردە قۇسۇر ئىزدەش جېدىلى ئاۋۇغىلى تۇردى. بۇنى ئاز دەپ ئائىلە، بالا دېگەننىڭ نېمىلىكىنى چۈشەنمەيلا «تەييارغا ھەييار بولۇش» نى ئىستەيدىغان بىر قىسىم ئۈچىنچى شەخسلەر ياشلىقى، شوخ، جۇشقۇنلۇقى بىلەن ئاياللارغا تەھدىت سېلىشقا باشلىدى... شۇنىڭ بىلەن ئاياللار روھىي ۋە جىسمانىي جەھەتتىن تەڭلا ھالسىراپ، ھېرىپ –چارچاپ ھالىدىن كەتكەن قوتۇر ئېشەكتەك كۈنگە قالدى. ئەمما ئۇلار ئۆيلىرىدىكى تاتلىق پەرزەنتلىرىنىڭ ئانىسى بولۇپ قالغانلىقى ئۈچۈن قۇشقۇندىن چىقىۋالالمايتتى، ئۇلار ئانىلىق مېھرى بىلەن ئائىلىنى ئىسسىتمىسا، بالىلىرىغا ھاياتنىڭ ئەگرى– توقاي يوللىرىدا رۇس مېڭىشنى ئۆگەتمىسە بولمايتتى. شۇڭا ئاياللار ئۆز ئۆيىدە دانلاپ خەقنىڭ ئۆيىدە كاكىلاپ يۈرىدىغان ئەرلىرىنىڭ ئاچ يولۋاستەك ھۆركىرەشلىرىنى، گۆدەك بالىلىرىغا ساراڭلاردەك چالۋاقاشلىرىنى ئاڭلىسىمۇ ئاڭلىماسقا سېلىپ ئۆتۈشى، يەنە بەزى ئىشلارنى بىلمەسكە سېلىشى كېرەك.

ئاياللارنىڭ ئەتراپىدىكى مۇھىتنىڭ ئاستا– ئاستا ئۆزگىرىشى بىر قىسىم ئاياللارنىڭ مىجەزىگە تەسىر كۆرسىتىپ، ئۇلارنى ئەرلىرىنىڭ قۇسۇرچىلىقىدىن ئەندىكىپلا ئۆتىدىغان، دېيىشكە تېگىشلىك گەپلىرىنىمۇ دېيەلمەيدىغان ياكى دېيىشنى خالىمايدىغان قىلىپ قويىدۇ، شۇنىڭ بىلەن تۇرمۇشقا بولغان قىزغىنلىقى بارا–بارا سۇسلاپ، تىمىسقىلاپ ماڭالىغىنى بىلەن ئوي –چوڭقۇرنى ئانچە پەرق ئېتىپ كېتەلمەيدىغان، گەپ قىلالىسىمۇ پىكىر قىلالمايدىغان، كۆزى كۆرسىمۇ ياخشى– ياماننى پەرق ئېتەلمەيدىغان ئادەمگە ئايلىنىپ قالىدۇ. ئاخىرى خېلى يۇقىرى مەلۇماتى بار ئاياللارمۇ ئاران ساۋادى بار كىشىلەر تەرىپىدىن كەمسىتىلىدىغان تەقدىرگە دۇچار بولىدۇ. ئەمما ئۇ نېمىمۇ قىلالىسۇن؟ بۇرۇنقىدىنمۇ بەكرەك بوزەك بولۇپ، بەكرەك خورلىنىپ، بۇرۇنقىدىنمۇ بەك جاپا تارتىپ ياشىغاندىلا ئۆز ھاياتىنىڭ كۆكىنى سېتىپ كۆكەرتكەن بۇ ئۆيدە ئولتۇرۇش ئىمتىيازىغا ئېرىشەلەيدىغانلىقىنى ئۇ ئېنىق ئۇققاچقا ‹‹ئېرى يوقنىڭ جېنى يوق›› دېگەن سەپسەتىگە ئىشىنىپ ياشاۋېرىدۇ. بۇ خىل روھىي ھالەت ھايات لەززىتىدىن پەرزەنتلىرى ئۈچۈن ۋاز كېچىپ، ئۆزىنى قۇربان قىلىپ ياشاۋاتقان بىر قىسىم ئاياللارنىڭ ئومۇمىي كەچۈرمىشى. ئايسىمە ئىدرىسنىڭ شېئىرىدىكى گۈزەل تۇيغۇ بۇنداق چۈشكۈن روھىيەت دۇنياسىدا نېمە قىلسۇن؟

ئەمەلىيەتتە، بۇ گۈزەل ئارزۇ بۈگۈنكى تۇرمۇش رېئاللىقىدا ئېرىشكىلى بولمىغۇدەك دەرىجىدىكى غايىۋى نەرسىمۇ ئەمەس، ھەرقانداق ئائىلىدە ئائىلە ئەزالىرىنىڭ ئۆز ئائىلىسىگە مېھىر–مۇھەببىتى بولسىلا، ئىستىخىيىلىك ھالدا ۋۇجۇدقا چىقىدىغان، ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئايلانسىلا مۇھەببەت نۇرلىرى بىلەن ئائىلە ئەزالىرىنى ياشنىتىدىغان رېئالنى ئىنتىلىش. كىشىلەر تىرىشسىلا بۇ لىرىك پېرسوناژنىڭ گۈزەل غايىلىرىنى ئۆز رېئاللىقى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ بەخت ھۇزۇرىغا چۆمۈلەلەيدۇ.

بىراق بىزنىڭ شەھەرلىشىش، مەدەنىيلىشىش ئېڭىمىز ۋە تەرەققىياتقا توغرا تۇرىۋالغان روھىي دۇنيارىمىز بىلەن قارىغاندا ئايال بولۇش، بولۇپمۇ ئەرنىڭ كۆڭلىدىكىدەك ئايال بولۇش ھەقىقەتەن تەس. بۇ گۈزەل شېئىردىكى ئارمانلار بىلەن ھازىرقى تۇرمۇش رېئاللىقىمىز ئارىسىدا خېلى چوڭقۇر ھاڭ بار. ئىجتىمائىي مۇھىتنىڭ ھەر خىل توزانلىرى ئاشۇ ئاددىي غايىلىرىمىزنى قويۇق قارا تۇمان ئىچىدە بۇرۇقتۇم قىلغان. شۇنچىلىك ئاددىي، ئەقەللىي پىكىرلەرنى ھېس قىلىدىغان يۈرەكلەر ھېسسىز گۆشكە ئايلىنىپ قالغان. گۈزەل رېئاللىق يېقىنلا يەردە كۆرۈنۈپ تۇرسىمۇ ھېسسىي مۇھىتتىكى ئۆتكۈر چىشلىق زەنجىر –توساقلار سەزگۈمىزنى ئورىۋالغان...

جەمئىيەت تەرەققىي قىلغانسېرى، ئەرلەرنىڭ ئاياللارغا قويىدىغان تەلىپىمۇ كۈچىيىپ كەتتى. بۇرۇن كۈندە ئىككى ۋاق تاماق ئېتىپ، ئائىلە ئەزالىرىنىڭ كىيىملىرىنى 3–4 كۈندە بىر قېتىم يەڭگۈشلەپ تۇرىدىغان ئاياللار چېۋەر ئايال سانالغان بولسا، ھازىر ئەتىگەنلىك چايغا تەييارلىنىدىغان نەچچە خىل تائاملاردىن تارتىپ كەچلىك تاماقتا يېيىلىدىغان سالامەتلىككە پايدىلىق تائاملارغىچە تۈجۈپىلەپ ئېتىش، ئۆيدىكىلەرنىڭ كۈندە بىر ۋاخ كىيىم يەڭگۈشلىشىگە كاپالەتلىك قىلىش ئادەتتىكى ئىشقا ئايلىنىپ قالدى. ئۆيلەردە قۇسۇر ئىزدەش جېدىلى ئاۋۇغىلى تۇردى. بۇنى ئاز دەپ ئائىلە، بالا دېگەننىڭ نېمىلىكىنى چۈشەنمەيلا «تەييارغا ھەييار بولۇش» نى ئىستەيدىغان بىر قىسىم ئۈچىنچى شەخسلەر ياشلىقى، شوخ، جۇشقۇنلۇقى بىلەن ئاياللارغا تەھدىت سېلىشقا باشلىدى... شۇنىڭ بىلەن ئاياللار روھىي ۋە جىسمانىي جەھەتتىن تەڭلا ھالسىراپ، ھېرىپ –چارچاپ ھالىدىن كەتكەن قوتۇر ئېشەكتەك كۈنگە قالدى. ئەمما ئۇلار ئۆيلىرىدىكى تاتلىق پەرزەنتلىرىنىڭ ئانىسى بولۇپ قالغانلىقى ئۈچۈن قۇشقۇندىن چىقىۋالالمايتتى، ئۇلار ئانىلىق مېھرى بىلەن ئائىلىنى ئىسسىتمىسا، بالىلىرىغا ھاياتنىڭ ئەگرى– توقاي يوللىرىدا رۇس مېڭىشنى ئۆگەتمىسە بولمايتتى. شۇڭا ئاياللار ئۆز ئۆيىدە دانلاپ خەقنىڭ ئۆيىدە كاكىلاپ يۈرىدىغان ئەرلىرىنىڭ ئاچ يولۋاستەك ھۆركىرەشلىرىنى، گۆدەك بالىلىرىغا ساراڭلاردەك چالۋاقاشلىرىنى ئاڭلىسىمۇ ئاڭلىماسقا سېلىپ ئۆتۈشى، يەنە بەزى ئىشلارنى بىلمەسكە سېلىشى كېرەك.

ئاياللارنىڭ ئەتراپىدىكى مۇھىتنىڭ ئاستا– ئاستا ئۆزگىرىشى بىر قىسىم ئاياللارنىڭ مىجەزىگە تەسىر كۆرسىتىپ، ئۇلارنى ئەرلىرىنىڭ قۇسۇرچىلىقىدىن ئەندىكىپلا ئۆتىدىغان، دېيىشكە تېگىشلىك گەپلىرىنىمۇ دېيەلمەيدىغان ياكى دېيىشنى خالىمايدىغان قىلىپ قويىدۇ، شۇنىڭ بىلەن تۇرمۇشقا بولغان قىزغىنلىقى بارا–بارا سۇسلاپ، تىمىسقىلاپ ماڭالىغىنى بىلەن ئوي –چوڭقۇرنى ئانچە پەرق ئېتىپ كېتەلمەيدىغان، گەپ قىلالىسىمۇ پىكىر قىلالمايدىغان، كۆزى كۆرسىمۇ ياخشى– ياماننى پەرق ئېتەلمەيدىغان ئادەمگە ئايلىنىپ قالىدۇ. ئاخىرى خېلى يۇقىرى مەلۇماتى بار ئاياللارمۇ ئاران ساۋادى بار كىشىلەر تەرىپىدىن كەمسىتىلىدىغان تەقدىرگە دۇچار بولىدۇ. ئەمما ئۇ نېمىمۇ قىلالىسۇن؟ بۇرۇنقىدىنمۇ بەكرەك بوزەك بولۇپ، بەكرەك خورلىنىپ، بۇرۇنقىدىنمۇ بەك جاپا تارتىپ ياشىغاندىلا ئۆز ھاياتىنىڭ كۆكىنى سېتىپ كۆكەرتكەن بۇ ئۆيدە ئولتۇرۇش ئىمتىيازىغا ئېرىشەلەيدىغانلىقىنى ئۇ ئېنىق ئۇققاچقا ‹‹ئېرى يوقنىڭ جېنى يوق›› دېگەن سەپسەتىگە ئىشىنىپ ياشاۋېرىدۇ. بۇ خىل روھىي ھالەت ھايات لەززىتىدىن پەرزەنتلىرى ئۈچۈن ۋاز كېچىپ، ئۆزىنى قۇربان قىلىپ ياشاۋاتقان بىر قىسىم ئاياللارنىڭ ئومۇمىي كەچۈرمىشى. ئايسىمە ئىدرىسنىڭ شېئىرىدىكى گۈزەل تۇيغۇ بۇنداق چۈشكۈن روھىيەت دۇنياسىدا نېمە قىلسۇن؟

يەنە بىر تۈركۈم ئاياللار ئېرىنىڭ زوراۋانلىقلىرى، قوپاللىقلىرى ۋە ھەددىدىن ئاشقان بېسىملىرىغا نىسبەتەن قايتۇرۇپ ئاتاكىغا ئۆتۈپ، بىشەملىشىپ، ۋاقتى–ۋاقتىدا قورساق كۆپىكىنى چىقىرىپ، ئېرى بىرنى دېسە ئىككىنى دەپ ئۆتىدۇ. بۇنداق ئاياللار تاياق يېيىشكە، ھاقارەتلىنىشكە، ئائىلىسىنىڭ ۋەيران بولۇشىغا رازى بولۇدىكى، ئاغزىدىن يانمايدۇ. ئېرىنىڭ ئۆزىگە قىلغانلىرى ئۇنتۇلۇپ كەتمىگەن بولغاچقا، ئاشۇنداق ئۇسۇللار ئارقىلىق ئۆچ ئالماقچى ۋە ئورنىنى قايتىدىن تىكلىمەكچى بولىدۇ. يەنە بەزى ئاياللار چېچىنى سۈپۈرگە، قولىنى كۆسەي قىلىپ تۇتقان ئۆيلىرىنىڭ، يىغقان مال– بىساتلىرىنىڭ رۇمكا–قەدەھلەر، قارتا– ئوشۇقلار ئارىسىدا سورۇلۇپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، جېدەلدىنمۇ پايدا تاپالمىغاندىن كېيىن، مانا ئەمىسە، دەپ مەسئۇلىيىتىنى قايرىپ قويۇپ، رېستوران، تانسىخانىلارغا بېرىپ ئويۇن– تاماشا بىلەن قاغجىراپ كەتكەن مەنىۋى دۇنياسىنى ئاز–تولا ئارام تاپقۇزىدۇ. ئېسىل دەپ قارالغان قىممەت باھالىق كىيىملەرنى كىيىدۇ، زىننەت بۇيۇملىرىنى تاقايدۇ. ئېرى بىلەن بۇزۇپ– چېچىش مۇسابىقىسىغا چۈشۈش ئارقىلىق قەلب يارىسىغا مەلھەم تاپماقچى بولىدۇ.

يەنە بىرقىسىم ئاياللار دەۋر ئېقىمىنىڭ رەڭگارەڭ چىراغلىرى ئاستىدا قەلبى ئۆڭۈپ كەتكەن ئۇنداق ئەرلەر بىلەن ياشاشنى ئەخمىقانىلىق ۋە نادانلىق دەپ قاراپ، چۆچۈرىدەك بالىلىرىنىڭ بىر ئۆمۈر بويۇن قىسىپ قالىدىغانلىقىدەك رېئاللىققا تەن بېرىپ، ئىلگىرى قەدرىگە يەتمىگەن ئەركىن ھاياتقا قايتىش ئۈچۈن ئۈزەڭگىنى ئۈزىدۇ. مانا بۇلار 30پىرسەنت ئائىلىلەرنىڭ ۋەيران بولۇپ كېتىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەب. ئايسىمە ئىدرىسنىڭ شېئىرىدىكى گۈزەل ھايات بۇنداق ئائىلىلەر ئۈچۈن چۈش بولۇپلا قالىدۇ، خالاس.

بىر– بىرىگە ئىشەنچ، سەمىمىيەت، مېھىر– مۇھەببەت دېگەنلەردىن ئەسەرمۇ قالمىغان ئائىلە قورغىنى گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈپ، سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى قەلبلەرنى زەردابقا تولدۇرغاندا، ئائىلىدىن ئىبارەت مۇقەددەس ئىمپېرىيىنىڭ تاھىر–زۆھرەلىرى خوجايىنلىق ئورنىدىن ئايرىلىپ قېلىپ، قاغجىراپ كەتكەن جازا لاگېرىدىكى بىچارە بايقۇشلارغا ئايلىنىپ قالىدۇ. ئۆزلىرىنىڭ كۈندىن–كۈنگە زورىيىۋاتقان مەنىۋى ئېھتىياجىنى قاندۇرالمىغان، بىر–بىرىگە مىخ بىلەن زىختەك سانجىلىپ تۇرغان، تاغ تۇرۇپ تاشچە بولالمىغان، باغ تۇرۇپ بىر تۈپ دەرەخچە سايە بېرەلمىگەن بۇنداق ئاتا–ئانىلار ۋە كۆڭۈلسىز ئائىلىدىن بالىلارنىڭمۇ رايى قايتىدۇ.

ئەقىل تېپىۋاتقان بەزى ئاياللار ئۈچۈن ئېيتقاندا كاستۇم– بۇرۇلكىنى قاتۇرۇپ كىيىپ، ھېچ ئىشنى باشقا ئېلىپ چىقالمايدىغان بەزى ئەرلەردىن ئاياللىرىنى ئۆيدە ئولتۇرغۇزۇپ قويۇپ، تاغ– دالىلاردا ئىشلەپ پۇل تېپىپ خوتۇن، بالىلىرى ئۈچۈن بەختلىك تۇرمۇش مۇھىتى يارىتىپ بېرىدىغان بۇرۇنقى زامان ئەرلىرى سۆيۈشكە بەكرەك ئەرزىيدىغاندەك تۇيۇلىدىغان بولۇپ قالدى. شۇ چاغلاردىكى مېھرى ئاتەش ئانىلار ئىگىلىك تىكلەپ خام خۇرۇچ تېپىشنىڭ غېمىدە پالاقلىماستىن، ئەكسىچە ئېرى تېپىپ بەرگەن خۇرۇچلاردىن مەززىلىك تائاملارنى تەييارلاپ، ئۆزىنى گۈلدەك ياساپ، ئۆينى پاكىز تازىلاپ، بالىلىرىغا گۈزەل ئەپسانە، چۆچەكلەرنى ئېيتىپ بېرىپ، ئېرىغا ئائىلىنىڭ بەختىيارلىقىنى ھېس قىلدۇرۇپ، ئانىنىڭ ئائىلىدىكى قۇياشتەك ئورنىنى تىكلەپ بەرگەنىدى. چاچلار ئاقىرىپ، ماڭلايلار قورۇلسىمۇ، شېرىن پىچىرلاشلار، تاتلىق كۈلۈمسىرەشلەر، مۇھەببەتلىك بېقىشىشلار ئائىلىنىڭ ئەڭ زور بايلىقى سۈپىتىدە ھاياتلىقنىڭ مەنىسىنى بەرپا قىلغانىدى. ھازىرقىدەك بىرەر چاي سورۇنىغا بارسا ھەدەپ سائەتكە قاراپ ئەندىكىشلەر، چوڭ–كىچىك، قېرى –ياش جەم بولۇپ ئورتاق غىزالىنىشنىڭ ئورنىغا ئۇدۇل كەلگەن ئاشخانا–رېستۇرانلاردا ئالدىغا كەلگەن تاماقنى يەپ دۇئاسىز كېتىپ قېلىشلار ئۇلار ئۈچۈن يات ھېساپلىناتتى. ھازىر بىر قىسىم ئاياللار تۇرمۇش كەچۈرۈش زۆرۈرىيىتىدىن ئاياللىق سالاپىتى، مەسئۇلىيىتىنى ئۇنۇتقان ھالدا پۇل ئۈچۈن پالاقلاپ، ئاياللارغا خاس نازاكىتى، خۇلق–مىجەزىدىن مەھرۇم قېلىپ، ئەرلىرىنىڭ كۆڭلىنى ئۇتالمايدىغان بولۇپ قالدى. دەۋر قەدىمىنىڭ تېزلىكى ئاياللىق قەلبكە خىرس ئېلىپ كەلدى. ئاياللارنىڭ قەلب ئېتىزى ئۇزۇن يىللاردىن بېرى زىرائەت تېرىلىۋېرىپ قۇياش نۇرىدىن تولۇق بەھرىمەن بولالمايۋاتقان، ھوسۇلسىز، قاغدالما يەر بولۇپ قالدى...

ھەقىقىي ئايال بولۇپ ياشىغۇسى بار ئاياللار ناھايىتى نۇرغۇن، پەقەت ۋۇجۇدىنى تىتما–تالاڭ قىلىدىغان ھېسسىيات–زەنجىر كىشەنلىرى ئۇلارنىڭ روھ سېپىلىنى ۋەيران قىلمىسىلا...



بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مۇبارەك تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-3-7 15:43  


ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

ئۈمىدلىك ئەزا

سْـــــــــــــ

UID
16841
يازما
12
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
102
تىزىملاتقان
2011-11-3
ئاخىرقى قېتىم
2012-3-20
توردا
4 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-7 16:40:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇنداق ياخشى تىمىنى تۇنجى بولۇپ كۆرۈپ ئىنكاس يازالىغىنىمغا بەك خوش بولدۇم.گەرچە ھازىر توي قىلمىغان بولساممۇ ئاياللارنىڭ يۈكىنىڭ نەقەدەر ئېغىرلىقىنى، ھەقىقىي ئايال بولۇپ ياشاشنىڭ تىخىمۇ تەسلىكىنى  يەنە بىر قىتىم چوڭقۇر چۈشىنىپ يەتتىم.رەھمەت سىزگە.

تىرىشچان ئەزا

ئارىسلان مەمەت

UID
29822
يازما
613
تېما
4
نادىر
0
جۇغلانما
613
تىزىملاتقان
2012-2-17
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-9
توردا
228 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-7 19:23:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەقىل تېپىۋاتقان بەزى ئاياللار ئۈچۈن ئېيتقاندا كاستۇم– بۇرۇلكىنى قاتۇرۇپ كىيىپ، ھېچ ئىشنى باشقا ئېلىپ چىقالمايدىغان بەزى ئەرلەردىن ئاياللىرىنى ئۆيدە ئولتۇرغۇزۇپ قويۇپ، تاغ– دالىلاردا ئىشلەپ پۇل تېپىپ خوتۇن، بالىلىرى ئۈچۈن بەختلىك تۇرمۇش مۇھىتى يارىتىپ بېرىدىغان بۇرۇنقى زامان ئەرلىرى سۆيۈشكە بەكرەك ئەرزىيدىغاندەك تۇيۇلىدىغان بولۇپ قالدى. شۇ چاغلاردىكى مېھرى ئاتەش ئانىلار ئىگىلىك تىكلەپ خام خۇرۇچ تېپىشنىڭ غېمىدە پالاقلىماستىن، ئەكسىچە ئېرى تېپىپ بەرگەن خۇرۇچلاردىن مەززىلىك تائاملارنى تەييارلاپ، ئۆزىنى گۈلدەك ياساپ، ئۆينى پاكىز تازىلاپ، بالىلىرىغا گۈزەل ئەپسانە، چۆچەكلەرنى ئېيتىپ بېرىپ، ئېرىغا ئائىلىنىڭ بەختىيارلىقىنى ھېس قىلدۇرۇپ، ئانىنىڭ ئائىلىدىكى قۇياشتەك ئورنىنى تىكلەپ بەرگەنىدى.

مۇشۇنداق ئەقلىنى تاپقان ئاياللار كۆپرەك بولسىچۇ !

UID
12515
يازما
45
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
135
تىزىملاتقان
2011-6-19
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-30
توردا
58 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-7 20:37:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
                                          ئابدۇرېھىم.گۇرىننىڭ نۇتىقى  
مەن ئىنتايىن مۇھىم، كىشىلەرنىڭ ئاغزىغا ئېلىنىۋاتقان، خىيالىدىن كەتمەيدىغان بىر مەسىلىنى سۆزلىمەكچىمەن.  بۇ مەسىلە بىزنىڭ ئىسلام دىنىمىز تەرىپىدىن تەشەببۇس قىلىنمىغان .ئىسلام دىنىمىزنى ئەيىبلەش ئەمىلىيەتتە بىزنىڭ دىنىمىزغا بۆھتان چاپلىغانلىق بولىدۇ، يەنى ئىسلام دىنى ئاياللارنى ئېزىدۇ دەپ جاكارلاش.  ئەمىلىيەتتە بىزنىڭ كۆرىدىغىنىمىز قايسى كىشىلەرنىڭ، قايسى مىللەتنىڭ، قايسى ئېدىئولوگىيەدىكىلەرنىڭ  ھەقىقىي ھالدا ئاياللارنى ئېزىش دىگەن بۇ ئەمىلىيەتكە مەسئۇل بولۇشىدۇر. سىز كىشىلەر بىلەن مۇلاھىزە قىلىۋاتقان ۋاقتىڭىزدا، ئۆز كۆز-قاراشلىرىڭىزنى بايان قىلىشىڭىز ئىنتايىن مۇھىم. قاراشلىرىڭىزنى بايان قىلىپ ئۆزىڭىزنىڭ زادى نېمە دېمەكچى بولغانلىقىڭىزنى چۈشەندۈرۈڭ. سىز ئىسلام دىنى ئاياللارنى ئېزىدۇ دېگەن ۋاقىتتا، بىز بۇ سۆزنى چۈشىنىپ باقايلى، سىلەرنىڭ «ئايال» دېگەن بۇ سۆزنى چۈشىنىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن. قانداقلا بولمىسۇن، بىز بۈگۈن سۆزلىمەكچى بولغان سۆز «ئېزىش»تۇر. ئېزىش نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟  بىز ئازراق ۋاقىت چىقىرىپ، «ئېزىش» دىگەن بۇ سۆزنىڭ مەنىسىدىن تولۇق خەۋەردار بولۇپ باقايلى، ئېنىقلىما بېرىپ باقايلى. ئۇنىڭ مەنىسى نېمە ؟ ئۇ تۇرمۇشىمىزدا قانداق ئەھمىيەتكە ئىگە؟ بۇ ئىنتايىن مۇھىم. شۇڭلاشقا بىز «ئېزىش» دېگەن بۇ سۆزگە ئېنىقلىما بېرىپ باقايلى. ئالدى بىلەن شۈبىھسىزكى، ئېزىش ھەممە ئادەمنى يىرگەندۈرىدۇ ۋە كەمسىتىدۇ، ھىچكىم ئېزىشنى ياقتۇرمايدۇ. ئېزىش دىگەن بۇ سۆز سەلبى مەنىدە ئىشلىتىلىدۇ. پەيغەمبىرىمىز مۇنداق دېگەن:  ئېزىش ھېساب بېرىدىغان كۈندە زۇلمەت ئىچىدە بولىدۇ. ئاللاھ «قۇرئان»دا زالىملارنى ياخشى كۆرمەيدىغانلىقىنى ئېيتقان. «قۇرئان» دىن شۇنى ئېنىق كۆرۈۋالالايمىزكى، ئىسلام دىنى ئەسلىدىلا ئېزىشنى ئەيىبلەيدۇ. ئېزىشنى ئېسل ئېتىقاد ئەيىبلىگەن، پۈتكۈل ئىنسانىيەت ئۆچ كۆرگەن. خالىغانچە «ئېزىش» دېگەن بۇ سۆزنىڭ زادى نېمە مەنىدە ئىكەنلىكىگە ئېنىقلىما بېرىپ باقايلى. ئاددىي قىلىپ ئېيتقاندا ئېزىش دىگەن بۇ سۆزنىڭ مەنىسى ئادەم ۋە شەئىيلەردە بولۇشقا تىگىشلىك ھوقوقنى ئىنكار قىلىشتۇر. ھازىر بىز ھوقوق توغرىسىدا نۇرغۇن تېمىلارنى ئاڭلاپ ئادەتلىنىپ كەتتۇق، بولۇپمۇ كىشىلىك ھوقوق توغرىسىدا. بىز دائىم كىشىلىك ھوقوقنىڭ دائىم دەپسەندە بولغىنىنى ئاڭلاپ تۇرىمىز، يەنە ھايۋاناتلار ھوقوقى توغرىسىدىمۇ دائىم ئاڭلاپ تۇرىمىز،ئۇنىڭ ئۈستىگە ئوخشاش بولمىغان گۇروھلار ئوخشاش بولمىغان  ھوقوققا ئىگە بولىدۇ. شۇڭا بىز ئېزىشنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلىش ئۈچۈن ،بىز چوڭقۇر چۈشىنىۋالايلى، ئۇ نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ. بىز بەلكىم كىشىلەر ھوقوقى توغرىسىدا مۇلاھىزە قىلىشىمىز، ياكى مەلۇم شەئىيلەرنىڭ ھوقوقى توغرىسىدا. ياخشى، مەلۇم شەئىينىڭ ھوقوقى ئۇنىڭ تەبىئىي خۇسۇسىيىتىگە ماس كېلىدىغان نەرسىلەرنى كۆرسىتىدۇ. شۇڭا ھوقوق شۇنىڭدىن بىشارەت بېرىدۇ، شۇنداقلا ئەسلى مەنىسىدىنلا ئۇ تەبىئىي خۇسۇسىيەتنىڭ بىر قىسمى دەپ چۈشۈنىلىدۇ. تەبىئىي خۇسۇسىيەت بۇنى بەلگىلەيدۇ.بىز بىر مىسال ئېلىپ باقايلى: « سۇ پەرىسى چۆچىكى» نى كۆرۈپ باققانلار بارمۇ؟ ئۇ سىزنى يىغلاتتىمۇ؟ سىز ياش تۆكتىڭىزمۇ؟ ھەقىقەتەن مېنى يىغلاتتى. ياخشى، ئەگەر سىز كۆرمىگەن بولسىڭىز، «سۇ پەرىسى چۆچىكى»دە ناھايىتى يوغان بىر يىرتقۇچ كىت سۆزلىنىدۇ. بۇ يوغان چىرايلىق يىرتقۇچ كىت، بىر كىچىك سۇ  كۆلچىكىگە سولانغان بولۇپ، كىشىلەرنىڭ كۆڭلىنى ئېچىش ئۈچۈن، ئەلۋەتتە مەن سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا كۆرۈپ باققانلارنىڭ بار يوقلىقىنى بىلمەيمەن، يىرتقۇچ كىت  ياكى دېلفىن سۇ كۆلچىكىگە قويۇلۇپ كۆرگەزمە قىلىنىدۇ. ئۇلار سەكرىگەندە ياكى تۆمۇر چەمبىرەكتىن ئۆتكەندە، كىچىك بالىلار ئەلۋەتتە ئۇ يەرگە بېرىپ كۆرىدۇ، ناھايىتى قىزىقئارلىق، ھەمدە كارامەت. بىراق چوقۇم نۇرغۇن كىشىلەر كېتىدىغان ۋاقىتتا ئويلايدۇ، بىر ھايۋاننى قانداقمۇ، بۇنداق چىرايلىق ھايۋاننى كىچىككىنە بوشلۇققا سولاپ قويسا قانداق بولىدۇ؟ ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇنىڭ تەبىئىي خۇسۇسىيىتى چوقۇم بىپايان دېڭىز-ئوكياندا بەھۇزۇر ئۈزۈشى كېرەك. شەك شۈبھىسىزكى نۇرغۇن ئادەملەر بۇنى تونۇپ يەتكەن. بۇ بىر خىل ئېزىش، بۇ خىل ھايۋان ئېزىلدى، نېمىشقا؟ چۈنكى ئۇ ئۆزىگە ماس كېلىدىغان مۇھىتتىن ئېلىپ كېتىلدى، ئۇ تۇغما بار بولغان ئەركىنلىكىدىن مەھرۇم قىلىندى، شۇڭا بۇ بىر خىل ئېزىش. يەنە بىر ئېزىشقا دائىر مىسال بار، مەن بۇنى كۆپچىلىك ئاسان چۈشىنەلەمدۇ يوق بىلمەيمەن، بۇ بىر ئىشچىنىڭ ھوقوقى، ئەگەر سىز بىرسىگە ئىشلەپ بەرسىڭىز، سىز ياللانغان بولىسىز، ئىشچى بولغاندىكىن قىلغان ئەمگىكىڭىزگە ئالماشتۇرۇلغان ھەقنى ئېلىشىڭىز كېرەك، ئەگەردە ياللىغۇچى سىز ئېلىشقا تېگىشلىك بولغان ھەقنى بەرمىگەن بولسا، شۈبھىسىزكى بىز بۇنىڭ ئېزىش ئىكەنلىكىگە قوشۇلىمىز. بىز ھوقوقىمىزدىن مەھرۇم قالدۇرۇلدۇق. مەن ئىشلىسەم، مېنىڭ ھوقوقۇم مائاشىمنى ئېلىش بولىدۇ، ئەگەر بىرسى مېنى ھوقوقۇمدىن مەھرۇم قىلسا، مەن ئېزىلگەن بولىمەن. ياخشى، شۇڭا مەن بىزنىڭ ئېزىشنىڭ مەنىسىنى چۇشىنىپ بولغان بولىشىمىزنى ئۈمىد قىلىمەن. ئېزىش دېگىنىمىز مەلۇم نەرسىنى ھوقوقىدىن مەھرۇم قالدۇرۇش، بۇ مەلۇم شەئىيلەرنىڭ تەبىئىي خۇسۇسىيىتىدە بولۇشقا تىگىشلىك نەرسىدىن مەھرۇم قالدۇرۇشنى كۆرسىتىدۇ. شۇڭا بىز باشتىكى نۇقتىنەزەرگە قايتساق، ئىسلام دىنى ئاياللارنى ئېزەمدۇ؟ بۇ بىزنى يەنە بىر قېتىم ئېنىقلىما مەسىلىسىگە باشلاپ كىرىدۇ. ئىسلام دىنى ئاياللارنىڭ ھوقوقىنى ئىنكار قىلامدۇ؟ ئىسلام دىنى ئاياللارنى ئەسلىدىلا ئۇلارنىڭ تەبىئىي خۇسۇسىيىتىگە تەۋە بولغان نەرسىلەردىن مەھرۇم قىلدىمۇ؟ ئىسلام دىنى ئۇلارنى تەبىئىي خۇسۇسىيىتىدىن يىراقلاشتۇردىمۇ؟ ئىسلام دىنى ئۇلارنىڭ تەبىئىي خۇسۇسىيىتىگە تەۋە بولغان نەرسىلەردىن مەھرۇم قىلدىمۇ؟ دىگەن مەسىلە. ئەلۋەتتە بۇ سوئاللارغا جاۋاب بېرىمىز. بىز باشتىكى سوئاللارغا جاۋاب بېرىپ باقايلى: ئاياللارنىڭ تەبىئىي خۇسۇسىيىتى نېمە؟ زادى نېمە ئۇلارنىڭ خۇسۇسىيىتى بولىدۇ؟ بىز پەقەت ئاياللار ئېزىلەمدۇ يوق شۇنى مۇھاكىمە قىلىمىز. بىز ئاياللارنىڭ تەبىئىي خۇسۇسىيىتىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلىپ، ئاندىن ئىسلام دىنى ئاياللارنى تەبىئىي خۇسۇسىيىتىدىن مەھرۇم قىلدىمۇ؟ ئىسلام دىنى ئۇلارنىڭ تەبىئىي خۇسۇسىيىتىگە ماس كېلىدىغان ھوقوقتىن مەھرۇم قىلدىمۇ؟ ئۇلارنىڭ تەبىئىي خۇسۇسىيىتىگە ماس كېلەمدۇ؟ قاتارلىق سوئاللارغا جاۋاب بېرىمىز.

UID
12515
يازما
45
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
135
تىزىملاتقان
2011-6-19
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-30
توردا
58 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-7 20:38:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاندىن بىز گەپ يوق چۈشىنىمىز، ئىسلام دىنىنىڭ ئاياللارنى ئېزىشى مۇمكىن ئەمەس. چۈنكى ئەمىليەتتە، ئىسلام دىنى ئاياللارنىڭ تەبىئىتىنى تەستىقلايدىغان دىن، چۈنكى ئۇ ئاياللارنى ياراتقان ئىگىسى تەرىپىدىن كەلگەن، ئالەملەرنى ياراتقۇچى تەرىپىدىن كەلگەن. ئۇ بىزنى ئۆزىمىزدىنمۇ بەكرەك چۈشىنىدۇ، ئۇ بىزگە جان تومۇرىمىزدىنمۇ يېقىن، ئۇ بىزنىڭ مەۋجۇتلىقىمىزدىكى ھەر بىر ھالقىنى چۈشىنىدۇ. ئاللاھ، ئۇ ھەممىنى بىلگۈچى زاتتۇر. ئۇ ھەربىر سىرلىقنى كۆزەتكۈچى زاتتۇر. ئىسلام دىنى ئاللاھ ۋەھيى قىلغىنىدەك ئاللاھ ئەر ئاياللار ئوتتۇرىسىدىكى ئوخشىماسلىقنى ھەممىدىن بەك بىلگۈچىدۇر. شۇڭا بىز ئىسلام دىنىدا بايقىغىنىمىزدەك ئىسلام دىنى نەمۇنە كۆرسەتتى. ئىسلام دىنى ئەر-ئاياللارغا ئېنىقلىما بەردى، بىزنىڭ تەبىئىي خۇسۇسىيىتىمىزگە ئاساسەن ھەرگىزمۇ مەلۇم بىرخىل ئېدىئولوگىيىگە ئاساسەن ئەمەس. ھەم خالىغان يوسۇندا ئەمەس، مەسىلەن: «مۇنداق بولغان بولسا تېخىمۇ ياخشى بولاتتى»،«ئۇنداق بولغان بولسا تېخىمۇ ياخشى بولغان بولاتتى»،ئەمىليەتتە بۇ خىل ئويلار رېئاللىقتىكى كىشىلەرنىڭ تەبىئىي خۇسۇسىيىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئەمەس. دەرۋەقە، بىزنىڭ بايقىغىنىمىز، ئۆتۈپ كەتكەن 60 يىلدا، ياۋروپا ئۆز خەلقىگە چوڭ دائىرىدە تەجرىبە ئىشلىگەن. ئۇلار بۇ چوڭ دائىرىلىك تەجرىبە ئارقىلىق ئادەمنىڭ تەبىئىي خۇسۇسىيىتىنى سىناپ كۆردى. مەن ئىشىنىمەن بىز ياۋروپادا كەڭ ئومۇملاشقان ئىدىيەلەرنى پىششىق بىلىمىز. بۇخىل ئىدىيەلەر بىزگە ئەر بىلەن ئايالنىڭ ئوخشىمايدىغانلىقىنى ئەمەس بەلكى ئوخشاش ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ بېرىدۇ، ئەر بىلەن ئايالنىڭ پەرقى يوق. بەلكى ئۇلار شۇنداق جاكارلايدۇ: ئەر ئاياللار ئوتتۇرىسىدىكى ئوخشىماسلىق كېيىنكى مۇھىتنىڭ تەسىرىدىن كېلىدۇ. بۇ بىر تۇغما ۋە كېيىنكى مۇھىت تەسىرى توغرىسىدىكى كونا مۇنازىرە. تۇغما ۋە كېيىن شەكىللەنگەن، سىزنىڭ تەبىئىي خۇسۇسىيىتىڭىز نېمە؟ سىز قانداق تەربىيەلەنگەن؟ سىز قانداق مۇھىتتا ئۆسۈپ يېتىلگەن؟ بىزنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارىمىز قانچىلىك؟ بىزنىڭ ھەركەتلىرىمىزدىن قانچىلىكى تەبىئىي خۇسۇسىيىتىمىزنىڭ مەھسۇلاتى؟ قانچىلىكى كېيىنكى مۇھىتتا شەكىللەنگەن مەھسۇلات؟ ئەلۋەتتە دەل سىز بىلگەن غەربنىڭ ئېدىئولوگىيە سېستىمىسى پەقەت ياۋروپالا ئەمەس،  غەربنىڭ ئېدىئولوگىيە سېستىمىسى غەرب ئەللىرىدە كەڭ ئومۇملاشقان ئىدىيە سېستىمىسى. ياۋروپادىلا ئەمەس، باشقا خەلىق ئاممىسى ئارىسىدا تېخىمۇ كەڭ ئومۇملاشقان. چۈنكى شۈبىھسىزكى،ياۋروپا ئاۋامنىڭ تارقىتىش ۋاستىلىرىنى كونتىرول قىلىپ تۇرىدۇ، ياۋروپا دۇنيادا كەڭ ئومۇملىشىۋاتقان ئېدىئولوگىيىگە نىسبەتەن ئەڭ چوڭ تەسىر كۆرسىتىدۇ. بۇ خىل ئىدىيۋى ئاڭ بولسا ئەر بىلەن ئايال ئوخشاش. دەل ئۇلار بايان قىلغان سەۋەبلەردەك، ئوغۇل بالا تاپانچا ۋە ماشىنا ئويناشنى ياخشى كۆرىدۇ، ئۇلار ماشىنا تۈرىدىكى نەرسىلەرنى ئويناشنى ياخشى كۆرىدۇ، چۈنكى بىز مۇشۇ خىل ئۇسۇلدا ئۇلارنى بېقىپ چوڭ قىلغان. بىزنىڭ ئاتا ئانىمىز بىزگە سىڭدۈرۋەتكەن: ئوغۇل بالا كۆك رەڭلىك كىيىشى، تاپانچا ئوينىشى كېرەك، ئوغۇل بالا تاپانچا ئويناشنى ياخشى كۆرىدۇ؛ قىزلارچۇ، قىزلار قىزىل رەڭلىك كىيىنىشى، قونچاق ئوينىشى كېرەك، ئۇلار گىرىم قىلىش، ھالقا تاقاش تۈرىدىكى نەرسىلەرنى ياخشى كۆرىدۇ،چۈنكى ئۇلار شۇنداق بېقىلغان. بۇ ئۇلار دائىم دەۋاتقان، قىزلارنىڭ تاپانچا ۋە ماشىنا ئوينىماسلىقىنىڭ، كۆك رەڭلىك كىيىنمەسلىكىنىڭ سەۋەبى يوق، ئوغۇللارنىڭ ھالقا تاقىماسلىقىنىڭمۇ سەۋەبى يوق. بۇ دەۋىردە، ئوغۇللارنىڭ چوقۇم ھالقا تاقىشى، قىزىل رەڭلىك كىيىنىشى، قونچاق ئوينىشىنىڭ سەۋەبى يوق. قىزىقئارلىقمىكەن، مەيلى سىز ئىشىنىڭ ياكى ئىشەنمەڭ، ئىسرائىلىيەدە ياكى مۇستەملىكە قىلىنغان پاكىستادا، ئۇلار داۋاملاشتۇرغىلى نۇرغۇن يىل بوپتۇ، ئۆتكەنكى 40 يىلدا، ئۇ يەردە كىبۇت( ئىسرائىلىيەنىڭ ھەمكارلىق دېھقانچىلىق مەيدانى ياكى ئاھالىلەر ئولتۇراق رايونى) تەجرىبىسى ئىشلەندى. بىر قېتىملىق جىبۇس تەجرىبىسىدە، كىبۇتلارنىڭ قىلغىنى ئامال بار نۇرغۇن كىچىك بالىلارنى ئۇلارنىڭ ئاتا-ئانىسىدىن ئايرىۋەتكەن، ئۇلارنىڭ بۇنداق قىلىشىنىڭ سەۋەبى ئۇلار ئاتا-ئانىسىنىڭ بالىلىرىنىڭ ئادەتلىرىگە ۋە ھەركەتلىرىگە تەسىر كۆرسەتمەسلىكى ئۈچۇندۇر. مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، ئۇلار كېيىنكى ئامىلنىڭ تەسىرلىرىنى يوقىتىشقا ئۇرۇنغان. ئۇلار مۇھىتنىڭ تەسىرىنى چىقىرىپ تۇغما خۇسۇسىيىتىنى جارى قىلدۇرۇش، ئۇلارنىڭ شۇنداق دەپ قارىغىنى، ئىشەنگىنى، بۇخىل ئېدىئولوگىيە بولسا بالىلار ئۆزىنىڭ نېمە ئويناۋاتقانلىقىغا كۆڭۈل بۆلمەيدۇ، مانا بۇ ئۇلارنىڭ قىلغانلىرى. ئۇلار بۇ بالىلارنى ئامال بار كۆپرەك ياتاقتا تۇرغۇزغان، ياتاقتا ئويۇنچۇق تاپانچا، ئويۇنچۇق ماشىنا، ماشىنا قۇراشتۇرۇش، قونچاق، گىرىم بۇيۇملىرى قاتارلىق ئويۇنچۇقلار بار. ئۇلارنىڭ قارشىچە ،بۇ 40 يىل داۋاملاشقان تەجرىبە شۇنى ئىسپاتلايدۇكى، بالىلار ئوغۇللارنىڭ قىزلارغا ئوخشاش خوشال ھالدا قونچاق ئوينىشىغا، قىزلارنىڭمۇ ئوغۇللارغا ئوخشاش خوشال ھالدا ماشىنا ۋە تاپانچا ئوينىشىغا پىتسەنت قىلمايدۇ. بىراق بۇ 40 يىل داۋاملاشقان تەجرىبىدە، ئۇلارنىڭ ئۈزلۈكسىز ھەقىقىي بايقىغىنى بولسا،  ئوغۇللارنىڭ ئوينايدىغىنى تاپانچا، ماشىنا، ئۈسكۈنە قاتارلىق ئويۇنچۇقلار، قىزلارنىڭ ئوينايدىغىنى بولسا قونچاق، گىرىم بۇيۇملىرى، ئۈنچە مارجان قاتارلىق نەرسىلەر بولغان، مانا بۇ ئۇلارنىڭ 40 يىلدىن بۇيان بايقىغانلىرى. ئەمىليەتتە ئۇلار ئادەملەرگە تەجرىبە ئىشلىگەن، ئۇلار جەمئىيەتتىكى خەلىققە بۇ چوڭ دائىرىلىك تەجرىبىنى ئىشلىگەن. نۇرغۇن يىللاردىن بۇيان ئۇلارنىڭ بىزگە سىڭدۈرمەكچى بولغىنى «ئەر ئاياللار باراۋەرلىك مەسلىكى يىتەكلىشى» ئاستىدىكى ئوخشاش ئىدىيۋى ئاڭ، ئۇلار ئىلىم-پەن ئارقىلىق ئىسپاتلىدى. ئوغۇل بالا بىلەن قىز بالا كىچىك ۋاقتىدىن باشلاپلا ئوخشىمايدۇ، ئۇلار ئاللىبۇرۇن ئىلمىي تەجرىبە ئىشلىدى. ئۇلار تۈركۈم-تۈركۈملەپ تەجرىبە ئىشلەپ، ئوغۇللار ئۆزگىچە نەرسىلەرگە تىكىلىپ قارايدۇ، ئۆزگىچە ئويۇنچۇقلارغا، ئۇلار تۇغۇلغاندىن تارتىپ، نەرسىلەرنى كۆرەلەيدىغان ۋاقتىدىن باشلاپلا مۇشۇنداق نەرسىلەرگە دىققەت قىلىدۇ، ئۇلار پەقەت ماشىنا تۈرىدىكى نەرسىلەرگىلا دىققەت قىلىدۇ. قىزلارچۇ، ئۇلار ئاياللارچە نەرسىلەرگە دىققەت قىلىدۇ. شۇڭا بۇ بالىلار جەمئىيەتنىڭ ئىدىيە ئۆزگەرتىشىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىشى مۇمكىن ئەمەس، مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا بۇ بىر خىل بىئولوگىيەلىك كونتىرول قىلىش. بۇ بىزنىڭ بەدىنىمىزنىڭ ئىچىگە ئورۇنلاشتۇرۋېتىلگەن، بۇ بىزدىكى تەبىئىي ئالامەت. ئەر-ئاياللار ئوخشىمايدۇ، مانا بۇ ئەمىليەت. بۇ بىز تۇغۇلغاندىن باشلاپلا بار، بىز ئوقۇپ باقايلى، بىر فىرانىسىيەلىك نوبىل مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچىنىڭ ئىلگىرى ئېيتقانلىرى، ئۇنىڭ ئىسمى ئالىكىس.كىلەئېر دوكتۇر.ئۇ: ئەر ئاياللار ئوتتۇرىسىدىكى پەرق تۇغما بولىدۇ، بۇ پەرقلەر ئەڭ دەسلەپكى بىئولوگىيىلىك قۇرۇلمىلارنىڭ تۈزۈلۈشىدىن كەلگەن، ئالاھىدە خىمىۋىلىك ماددىغا ئىگە بولغان بىئولوگىيىلىك ئورگانىك تەننىڭ ھامىلدار بولۇش جەريانىدىن كەلگەن. بۇخىل خىمىۋىلىك ماددا تۇخۇمدانغا يوشۇرۇنغان بولۇپ، بۇ تۈپ ئەمەلىيەتنىڭ سەل قارىلىشى ئاياللار ھوقوقى مەسلىكىنىڭ ئىشىنىشىنى، ئەر-ئاياللارنىڭ مەسئۇليىتى ئوخشاشتۇر. ئەمەلىيەتتە ئەر-ئاياللاردا روشەن پەرقلەر بەر. ئاياللار تېنىدىكى ھەر بىر ھۈجەيرە ئۇلارنىڭ جىنسىنى بەلگىلەيدۇ، ئۇلارنىڭ ئەزالىرىلا ئەمەس، ئەڭ مۇھىمى ئۇلارنىڭ نېرۋا سېستىمىسى. ئاياللار ئەرلەرنى دوراشىتىن ساقلانغان ئاساستا، ئۆزىنىڭ تۇغما تالانتىنى تەرەققىي قىلدۇرالايدۇ، مانا بۇ فىرانىسىيەلىك ئالىمنىڭ دېگەنلىرى. ئەلۋەتتە بۇ ھەرگىزمۇ ھازىرغىچە بىزگە ئۆگىتىلگەنلىرى ئەمەس. بۇ ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ يالغانچىلىقلىرىنى ئاشكارىلىدى. بۇ ئىلىم-پەننى چىقىش نۇقتىسى قىلغان، بىز ئۇلار جاكارلىغان بۇخىل ئىلىم-پەن بىلەن ئىسپاتلاش مۇمكىن بولمىغان ئىدىيىسىنى بايقىمىغان. بەلكى «ئەر بىلەن ئايال ئوخشاش» دېگەن بۇ خاتا قاراشنى داۋاملىق تەشۋىق قىلغان. ئاندىن ئەر-ئاياللارنىڭ ھەممىسى چوقۇم قىلشى، ئەر-ئاياللارنىڭ ھەممىسى چوقۇم، ھەمدە ئوخشاش ئىش قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈلدى. ئۇلار ئۇلۇغۋار غايىلىرىنىڭ بايرىقىنى كۆتۈردى، ئەمىليەتتە مەقسىتى ئىنتايىن يىرگىنىچلىك ئىدى. بىز ئىقىتسادشۇناسلار نەزەرىيىسىدىن ئازراق يىپ ئۇچىنى بايقىدۇق. بۇ ئەنگىلىيىدە ئىنتايىن داڭلىق ژورنال. بۇ ئىقىتسادشۇناسلار تەرىپىدىن «ياۋروپا ئاياللىرىنىڭ ئازاد قىلىنىشى» دەپ ئاتالغان. 20-ئەسىردە غەربىي ياۋروپادا ئۇزۇنغا سوزۇلغان ئىنقىلاب قوزغالدى، مانا بۇ ئۇلارنىڭ سالغان داۋرىڭى. بىراق ئەمەلىيەتتە بىز ئۇلارنىڭ رېئاللىقىنى تەكشۈرگەندە، ئۇلار ئەر-ئاياللار باراۋەرلىك مەسلىكىدە چىڭ تۇرۇۋالغاچقا، بىز ئىلگىرى ئېيتقاندەك تېخىمۇ دىندىن خالىي. ئەمەلىيەتتە ئەر ئاياللار باراۋەرلىكى تېخىمۇ ئىقىتساد بىلەن مۇناسىۋەتلىك، ئۇلارنىڭ مۆلچەرلىشىچە، ئەگەر دۆلىتىڭىز نوپۇسىنىڭ يېرىمى ئائىلىدە قالسا، ياللانمىسا، ئۇنداقتا سىزنىڭ قىلغانلىرىڭىز جەمئىيەتتىكى يېرىم ئىقىتسادىي بايلىقتىن پايدىلانمىغانلىق بولىدۇ. مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، پەقەت ئەرلەرلا ئىشلەيدۇ، ئەرلەردىلا پۇل بولىدۇ، پەقەت ئەرلەرلا ئاساسلىق ئىستېمالچى بولىدۇ. ئەگەر بىز ئاياللارنى ئىشقا سالساق، بۇ بىزنىڭ تېخىمۇ كۆپ كىرىمگە ئىگە بولىدىغانلىقىمىزدىن دېرەك بېرىدۇ. تېخىمۇ كۆپ ئادەملەر سېتىۋالىدۇ، تېخىمۇ كۆپ ئادەملەر ئىستېمال قىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئىقىتساد ئاشىدۇ، مانا بۇ ئۇلارنىڭ مۆلچەرلىگىنى، ئۇلارنىڭ تەسەۋۇرى. بۇ ئاڭلىماققا ئىنتايىن داۋلىلىق شۇنداقمۇ؟ ئەگەر بىز بۇ قاراشنىڭ تۈپ مەنبەسىنى كۆرەلىسەك، ئۇ بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىلا باشلانغان. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا مىليونلىغان ئەرلەر فىرانىسىيە ئۇرۇش مەيدانىدا قىرىۋېتىلگەن، ئككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىمۇ شۇنداق بولغان. ئاياللار مەجبۇرىي زاۋۇتلارغا بېرىپ ھەربىي لازىمەتلىكلەرنى ياسىغان، شۇنىڭدىن كېيىن ئۇلار ئازاتلىقنىڭ تەمىنى تېتىغان. ئۇلار ئازاتلىقنىڭ تەمىنى تېتىغان ۋاقىتتا، ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ كىرىمى بولۇشقا باشلىغان. ئۇلار بۇرۇنقىدەك ئاشخانىغا بەند قىلىنىدىغان تۇرمۇشقا قايتىشنى خالىمايتتى. قارىماققا باشتا ئۈنۈم بەرگەندەك قىلغىنى بىلەن، يەنى بايلىق كۆپەيدى، ئىستېمالمۇ ئاشتى، ئىقىتسادمۇ ئەسلىدىكىدەك ئېشىشقا باشلىدى. بىراق ئادەمنى ھەيران قالدۇرغىنى ئىقىتساد ئۇلار ئەمدىلا تونۇپ يەتكەندەك رېئاللىققا دۇچ كەلدى، بۇ ئىنتايىن قىزىقئارلىق، ئۇلارنىڭ ھېس قىلغىنى، 65 ياشتىن ئاشقانلارنىڭ  نوپۇس سانى بەلگىلەنگەن پىرسەنتتىن ئېشىپ كەتسە، ئەمەلىيەتتە  %30 ئىدى، شۇڭا ئەگەردە %30 ئادەمنىڭ نوپۇسى 65 ياشتىن ئېشىپ كەتسە، ئۇلار بايقىدىكى، دۆلىتىڭلارنىڭ ئىقىتسادى يار بەرمەيدۇ. مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، ئىقىتساد ئىشلىمەيدۇ، نېمىشقا؟ چۈنكى سىلەر 65 ياشتىن يۇقۇرى نوپۇستىكىلەرگە قارايدىغان پۇل، ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ تاپقان پۇللىرىدىن ئېشىپ كېتىدۇ، بۇ ياشانغانلارغا قاراش بىلەن مۇناسىۋەتسىز. ھازىر ئۇلار يېڭى قانۇن چىقىرىپ كىشىلەرنى 75 ياشقىچە خىزمەت قىلدۇرۇشنى ئويلاۋاتىدۇ، بۇ ياشانغانلارغا غەمخورلۇق قىلىش بىلەن مۇناسىۋەتسىز. ئۇلار نوپۇسنىڭ قېرىلىشىشى ئېغىر بولىۋاتقانلىقىنى تونۇپ يېتىشكە باشلىدى. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئىقىتسادىنى قامدىيالمايدۇ، ئىلگىرى ئاياللارنى ئائىلىسىدىن ئايرىلىشقا چاقىرغان، يەنى سىلەرنى ئەرلىرىڭلاردىن ئازاد قىلغان، سىلەرنى ئاشخانىدىن ئازاد قىلغان، بالىنى نېمە قىلىسىلەر؟ قانداقلا بولمىسۇن، ئۇنىڭغا ۋاقىت ئىسراپ قىلغۇچە، چىقىپ پۇل تېپىڭلار، ھازىر ئۇلار يەنە ئاياللارنى ئائىلىسىگە ، ئاشخانىغا، بالا تۇغۇشقا قايتۇرۇشقا ئۇرۇنىۋاتىدۇ. چۇنكى جەمئىيەتتىكى ياشلارنىڭ سانى يىتەرلىك ئەمەس. ئەلۋەتتە بۇنى ئىسپاتلىغاننىڭ بەزىلەرگە قىلچىلىك ئەھمىيىتى يوق. بەزىلەرنىڭ تۇرمۇشى، ئەر-ئايال گوموگېنلىق بىمەنە سەپسەتىسىگە ئاساسەن                   ،ئىنسانلارنىڭ ئىدىيىسىنى تەسەۋۇر قىلىپ باقايلى، ئۇلار ئاللاھنىڭ مۇكەممەل يېتەكلىشىدىن ۋاز كەچكەندە، ئۇلار ئۆزلىرىنى ۋەيران قىلىش بىلەن ئاياغلاشتۇرىدۇ. ئەمەلىيەتتە ياۋروپا جەمئىيىتى بولسا ھەقىقىي ئاياللارنى ئېزىدىغان جەمئىيەت. چۈنكى ئاياللارنىڭ تەبىئىي خۇسۇسىيىتى بولسا ئانا بولۇشتۇر.  ئاياللارنىڭ تەبىئىي خۇسۇسىيىتى بالىلارغا قاراش،  ئاياللارنىڭ تەبىئىي خۇسۇسىيىتى، پۈتۈن بىئولوگىيەلىك تۈزۈلىشى، پۈتۈن خىمىيەلىك مېخانىزىمى، ئۇنىڭ نېرۋا سېستىمىسى، روھىي سېستىمىسى ھەممىسى ياخشى تۈزۈلۈپ بولغان. مەيلى سىز ئاللاھقا ئىشىنىڭ ياكى تەرەققىيات نەزەرىيىسىگە ئىشىنىڭ، بۇلارنى سىز ئىنكار قىلالمايسىز. مەيلى ئاللاھ ئاياللارنى شۇنداق ياراتقان بولسۇن، ياكى مىليونلىغان يىللارنىڭ تەرەققىياتى ئاياللارنى شۇنداق ياراتقان بولسۇن، بىر ئانا بولغانىكەن، بالىغا ھامىلدار بولىدۇ، ئۇلارنى تۇغۇدۇ، بېقىپ ئۆستۈرۈدۇ، ئۇلارغا كۆڭۇل بۆلىدۇ. ماڭا ئىشىنىڭ، بۇلارنى قىلالايدىغان ئەڭ ئىشەنچىلىكى ئاياللار. بىر ئەرنىڭ نىشانى بولىدۇ، بەزىدە ئۇنى قىلمىسا بولمايدۇ. بىراق بۇ ئەمەلىيەت، خۇددى بىزدەك بۇيەردىكى ھەربىر بالىسى بار ئادەمدەك. بىز ئىشنىڭ ھەقىقىتىنى بىلىمىز، ئەمەلىيەتتە بىز بالىغا كىمنىڭ ئەڭ ياخشى قارايدىغانلىقىنى بىلىمىز. بىز چۈشىنىمىز، ئەرلەردىن سوراپ بېقىڭلار، ياق، بىز ئەمەس، بىز بىر كۈن ياكى يېرىم كۈن شۇنداق قىلالايمىز، ئەگەر بىز بىر كۈن شۇنداق قىلساق، بىز شۇنداق دەيمىز، ئۇھ، ھازىر مەن ئايالىمنىڭ ھەركۈنى بەرداشلىق بېرىۋاتقانلىقىنى چۈشەندىم. ئۇنىڭ قانداق قىلغانلىقىنى بىلمەيمەن، سىز بىلىسىز، بۇ ئەمەلىيەت. چۈنكى ئاللاھ بىزنى شۇنداق ياراتقان، شۇڭا بىز نېمىنى بايقىدۇق؟ بىز ئادەتتىكىگە ئوخشاش ئىكەنلىكىنى بايقىدۇق، ئۇ ھەيران قالارلىق ئەمەس، بىز ھەيران قالماسلىقىمىز كېرەك، ھە، بۇ ئادەمنى چۆچىتىدۇ. ئەگەر سىز بىلسىڭىز ھەيران قالمايسىز. ئەگەر بىز ئاللاھنىڭ بەندىلىرى بولساق، ئىسلام دىنىغا ئىشىنىمىز. بىز ئىسلام دىنىنىڭ ئاللاھ تەرىپىدىن كەلگەنلىكىگە ئىشىنىمىز، بىز ئاللاھنىڭ بىزگە كۆرسەتكەنلىرى بىلەن ئىلىم-پەننىڭ ئىسپاتلىغىنىنىڭ ئوخشاش چىقىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. ئەلۋەتتە «قۇرئان» بۇنى ئىسپاتلىدى. بىز ئاللاھنىڭ شۇنداق دېگەنلىكىنى بىلىمىز، ئىمراننىڭ ئايالى ئۇنىڭ بالىسىنى مەريەمنىڭ كېيىن ئىبادەتخانىغا بېرىۋەتكەن بولىشىنى تىلىدى. بىراق ئۇ مەريەمنى تۇغقاندا، ئۇ مەن بىر قىز تۇغدۇم دېدى، ئاللاھ ئۇنىڭ تۇغقىنىنىڭ قىز ياكى ئوغۇل ئىكەنلىكىنى ئەڭ ياخشى بىلگۈچىدۇر. ئەرلەر ئاياللارغا ئوخشىمايدۇ، بۇ ئاللاھنىڭ بىزگە ئېيتقانلىرى. ئاكا-ئۇكا ھەدە- سىڭىللەر، قەدىرلىك كۆرۈرمەنلەر، ئەرلەر ئاياللارغا ئوخشىمايدۇ، ئىلىم-پەن بىزگە ئىدراكلىق بولۇشنى ئېيتىدۇ، بىزگە تەجرىبىلىرىنى  ئېيتىپ بېرىدۇ. بىزگە  ئېيتىپ بېرىدۇ، ئاللاھ بىزگە ئەرلەر بىلەن ئاياللارنىڭ ئوخشىمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتىدۇ. شۇڭا بۇ جەمئىيەت ئاياللارنى ئېزىدۇ،  بۇ جەمئىيەت ئاياللارنى خاسلىقىدىن ئايرىۋەتتى. جەمئىيەت ئاياللارغا بىر ئانا بولۇشنى، ئايال ئۆي خوجايىنى بولۇشنى، جەمئىيەتتىكى مۇھىم خىزمەتچى بولۇشنى ئېيتىدۇ. ئۇلارنىڭ ئورنىنى تۆۋەنلىتىپ، ئۇلار ئاياللارنىڭ ئائىلىگە سولىنىپ قالدى دەپ مۇھاكىمە قىلىدۇ، خۇددى ئاياللار قۇلدەك، ئاياللارنى ھېچقانداق ئالاھىدىلىكى يوق ئىش قىلىدۇ دەيدۇ. ھالبۇكى ھېلىقى ھۆرمەتكە ئېرىشكەن ئاياللار قانداق ئادەملەردۇ؟ ئارتىس، مودىل، سودا ساھەسىدىكى كۈچلۈك ئادەملەر، ئۇلارنىڭ سېلىۋەتكەن كىيمى قانچە كۆپ بولسا، تېخىمۇ چوڭ شەرەپكە ئېرىشىدۇ، مانا بۇ ئۇلار جەمئىيەتتە ھۆرمەتلەيدىغان ئاياللار. كەسپى ئاياللار، سىياسىئونلار، ئايال دوختۇر، ئۇنداق ئايال بۇنداق ئايال، ئۇنىڭغا قاراڭلار، ئۇ نېمىدېگەن«ئۇتۇق»قازانغان ھە، ئۇ نېمىدېگەن «ئەركىن» ھە. ھېلىقى ئۆيىدە ئولتۇرىدىغان، بالىلىرىغا قارايدىغان، ھە،بۇ بىچارە ئايالغا قاراپ بېقىڭلار، ئۇنىڭغا قاراپ بېقىڭلار، ھە، شۇنداق، سىز مېنىڭ نېمە دەۋاتقانلىقىمنى چۈشەندىڭىز. بۇ بىر ئاياللارنى ئېزىدىغان جەمئىيەت، سىز بىلەمسىز؟ سىز ھەممىلا يەردىن كۆرەلەيسىز، سىز كۆرگەن ھېلىقى بىچارە ئايال، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن تەخمىنەن 35 ياشلاردا، ئۇلار ھېچنىمىگە قارىماي بالىلىق بولۇشنى ئويلايدۇ، تۇيۇقسىز ئۇلارنىڭ تەبىئىتى ئۇلارنى ئويلاندۇرۇپ قويدى، تۇيۇقسىز ئۇلارنىڭ تەبىئىتى ئۇلارنى بويسۇندۇردى، ئەمدى بىز نېمىنى بايقىدۇق؟ بۇلارنى يېڭىش ئۈچۈن، ئىلىم-پەن ئوتتۇرىغا چىقتى. ئۇلار پىروبىركىلىق بوۋاقنى قوبۇل قىلدى، ھەتتا ئۇلار تۇخۇم ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىدىن قالغاندا، ئاياللار يەنە پەرزەنت كۆرەلەيدۇ. بىراق ئۇلار 40-50-ياشلارغا كىرگەندە ئاندىن بالىسى بولىدۇ، چۈنكى ئۇلار ئەڭ ياخشى ۋاقتىنى قولىدىن بېرىپ قويدى. چۈنكى بۇ جەمئىيەت ئۇلارغا بېسىم ئېلىپ كەلدى، مانا بۇنى ئاياللارنى ئېزىش دەيمىز. مانا بۇ ئاياللارنى تەبىئىي خۇسۇسىيىتىدىن ئايرىۋەتتى، بۇ ئۇنىڭغا، بىر ئانا بولۇپ قانائەتلەنمىگەنلىكىنى، بىر خوتۇن بولۇپ، بىر ئايال ئۆي خوجايىنى بولۇپ قانائەتلەنمىگەنلىكىنى ھېس قىلدۇردى. ئۇلارغا ئۆزىنى كەمسىتتى، مانا بۇ ئېزىش. ئۇ ئاياللارنى تاۋار ئورنىدا كۆرىدىغان جەمئىيەت. مانا بۇ ئاياللارنى ئېزىدىغان ۋە ئورنىنى تۆۋەن كۆرىدىغان جەمئىيەت. ئۇ بىر زىيانلىق، ئادالەتسىز ۋە مۇستەبىت جەمئىيەت. قايمۇقماڭلار، ئاكا-ئۇكا ھەدە-سىڭىللەر، قايمۇقماڭلار، ئۇلارنىڭ تەشۋىقاتلىرىغا ئالدانماڭلار. ئۇلارنىڭ يالغانچىلىقىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىماڭلار.
ماڭا ئىشىنىڭلار، ئۇلار ئۆز-ئۆزىنى ۋەيران قىلىدىغان ئۇرۇق چاچتى. كۆرسىڭىز، كىملەر بالىلارغا قاراۋاتىدۇ؟ كىملەر بالىلارغا ئۇلار موھتاج بولغان مۇھەببەتنى،غەمخورلۇقنى، قەدىر-قىممىتىنى بېرىۋاتىدۇ؟ كىم بالىلارغا ئەخلاق ئۆگىتىۋاتىدۇ، توغرا-خاتانى، ئەدەب ئۆگىتىۋاتىدۇ؟ كىم ئىلەنلىكىنى بىلىسىز. MTV كۆڭۈل ئېچىش تور بەتلىرى. چۈنكى ئاپىسى بىلەن دادىسى سىرتتا ئىشلەيدۇ، ھە؟ يەنە بالىغا قارايدۇ دەيدۇ؟ كىم ئۇلارغا قاراۋېتىپتۇ. ئانىسىغا ئوخشاش بالاغا قارىيالايدىغان كىم بار؟ يوق! شۇڭا سىز كۆرىۋاتقان بالىلار ئەخلاقسىز، ھەق ناھەق قارشى يوق. زوراۋانلىق، جىنسىي، زەھەرلىك چېكىملىك، قۇرۇق خىياللار ئادەتتىكى ئۆي تامىقى، مانا بۇلار ئۇلارنىڭ  ئادەتتىكى ئۆي تامىقى .  مۇھەببەتچۇ؟ ئۇلار ئۆيىدىن مۇھەببەتنى تاپالمايدۇ، ئۇنداقتا ئۇلار قانداق قىلىدۇ؟ ئۇلار تەشكىللەنگەن گۇروھلارغا قاتنىشىدۇ، مانا بۇ ئۇلارنىڭ قىلغانلىرى، ئۇلار تەشكىللەنگەن گۇروھلارغا قاتنىشىدۇ. ئۇلار ئائىلىدىن تاپالمىغان مۇھەببەتنى ئىزدەيدۇ، ئۇلار ئۆزلىرىگە تەۋە جاي ئىزدەشكە ئۇرۇنىدۇ. بۇ ئامېرىكا، ئەنگىلىيىدە يۈز بەرگەن، ئۇنىڭ ئاۋىسترالىيىدىمۇ يۈز بەرگىنىنى جەزىملەشتۈرەلەيمەن، كوچىدىكى بالىلار، نېمىشقا ھەرخىل ئىشلارنى قىلىدۇ؟ چۈنكى ئۇلارنى تەربىيەلەيدىغان بىرمۇ ئادەم يوق. ئۇلار ئۆز-ئۆزىنى ۋەيران قىلىدىغان ئۇرۇق چاچتى، ئۇلار ئاللىقاچان تېرىدى، ھازىر ئۇلارنىڭ سەپسەتىلىرىنىڭ يامان ئاقىۋىتى چىقتى، ئۇلار ئادالەتسىز، ئۇلار مۇستەبىت. بىراق ئۇلار بىزنىڭ ئىسلام دىنىمىزنى ئەيىبلەيدۇ، ئۇلار بىزنى ئۆكتەملىك بىلەن ئەيىبلەيدۇ، ئىسلام دىنىمىزنى ئۆكتەملىك بىلەن ئەيىبلەيدۇ، مانا ئۇلار گۇناھكارلاردۇر. ئۇلار ھەقىقىي ئەزگۈچى، ئۇلار ھەقىقىي رەھىمسىز ھۆكۈمرانلار. مانا ئۇلار ئاياللارنى كەمسىتىدۇ، ئۇلارنى ئاللاھ ياراتقان تەبىئىي خۇسۇسىيەتتىن ئايرىۋەتكەنلەر. بۇخىل تەبىئىي خۇسۇسىيەتتىن ئەسلى ئۇلار پەخىرلىنىشى كېرەكتى، ئىسلام دىنىنىڭ تەلىم بەرگەنلىرىگە قاراپ بېقىڭلار، ئاكا-ئۇكا ھەدە-سىڭىللەر، ئاللاھنىڭ سۆزىگە قاراپ بېقىڭلار، پەيغەمبىرىمىزنىڭ تەلىملىرىگە قاراپ بېقىڭلار، ئىسلام دىنىدا ئاياللار ھۆرمەتلىنىدۇ، ئىسلام دىنى ئاياللارغا بولغان ھۆرمىتىنى كۆرسەتتى. ئاللاھ بىزگە:« سىلەر مەندىن ھېيىقساڭلار، قان-قېرىندىشىڭلارنى ھۆرمەتلەڭلار.» دېگەن. « سىلەر مەندىن ھېيىقساڭلار، قان-قېرىندىشىڭلارنى ھۆرمەتلەڭلار.» ئاللاھنىڭ «رەھىم-شەپقەت ئىگىسى» دەيدىغان ھۆرمەتلىك ئىسمى بار، بۇ «قان-قېرىنداش»،« تۇغقانلىق مېھرى» دىگەن سۆزلەر بىلەن ئوخشاش مەنبەدە بولۇپ، ئەسلىدە ئاياللارنىڭ بالىياتقۇسىنى كۆرسىتىدۇ. كىمكى ئاتا-ئانا، ئاكا-ئۇكا، ئاچا-سىڭىللىرى بىلەن مۇناسىۋىتىنى ئۈزىدىكەن، ئاللاھ ئۇنىڭغا بولغان رەھىمنى ئۈرۈپ قويىدۇ. بۇ مۇھەممەت سەللەللاھە ئەلەيھى ۋەسسەلەمنىڭ ئېيتقىنىدەك، ئىسلام دىنىدىكى ئەڭ چوڭ گۇناھلارنىڭ بىرى ئاتا-ئانىسىغا ھۆرمەتسىزلىك قىلىش دېگەن. بولۇپمۇ سىزنىڭ ئانىڭىز، Al-a`raf  ، Al-a`raf  دىگەن نېمە؟ Al-a`raf ؟  ئابدۇللا ئىبىن ئابباس ئېيتقاندەك Al-a`raf ئىگىزلىكنى كۆرسىتىدۇ، ئۇبىر جاي بولۇپ، جەننەت بىلەن دوزاخ ئوتتۇرىسىدىكى تاغ تىزمىسى. ئۇنداقتا كىم Al-a`raf  تاغ تىزمىسىدىدۇ؟ ئابدۇللا ئىبىن ئابباس دەريا ۋە كۆللەر بار بولغان تاغلارنى تەسۋىرلىدى، بۇ تاغ تىزمىلىرىدىكىلەر بولسا ئاللاھ يولىدا كۈرەش قىلغان ھەمدە قۇربان بولغان جەڭچىلەردۇر. بىراق ئۇلار ئاتا-ئانىسىنىڭ ئارزۇسى بويىچە جىھادقا چىقىشتىن يۈز ئۆرۈگەنلەردۇر. جىھادتا كۆرسەتكەن خىزمىتى ئاتا-ئانىسىغا قىلغان ۋاپاسىزلىقى بىلەن  يوققا چىققان. ئاللاھ پاكتۇر. بىر ئادەم پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئالدىغا كېلىپ، بىر ئادەم پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئالدىغا كېلىپ  مۇنداق دېگەن :« ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى، كىمگە ئەڭ ياخشى مۇئامىلە قىلسام بولىدۇ؟» پەيغەمبىرىمىز:« سېنىڭ ئاناڭ» دېگەن. «ئاندىن كېيىنچۇ ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى ؟» « سېنىڭ ئاناڭ» «ئاندىن كېيىنچۇ ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى ؟» « سېنىڭ ئاناڭ» «ئاندىن كېيىنچۇ ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى ؟» « سېنىڭ ئاناڭ ، سېنىڭ ئاناڭ، سېنىڭ ئاناڭ. » جەننەت ئانىنىڭ تاپىنى ئاستىدا بولىدۇ، سېنىڭ يۈزۈڭنى چاڭ-توزان قاپلاپ كەتسىمۇ، ئار-نومۇسقا قالساڭمۇ، بىر ئادەمنىڭ ئاتا-ئانىسى ياشىنىپ قالغان بولسا، ئەگەر ئۇ ئاتا-ئانىسىغا ۋاپادار بولمىغان بولسا، ئۇ جەننەتكە كىرەلمەيدۇ. ئۇ جەننەتكە كىرەلمەيدۇ، ئەگەر ئۇلار ياشىنىپ قالغان ئاتا-ئانىسىغا ياخشى قارىمىغان بولسا، ئۇ چاغدا سىز نومۇسقا قالىسىز. ئاللاھ ئاللىقاچان ئاتا-ئانىغا بۇنداق ئالاھىدە شەرەپنى بەرگەن، بولۇپمۇ ئانىغا، بولۇپمۇ ئانىغا. ئۇلار سىلەرنى تۇغقان ئادەم، ئاغرىققا ۋە ئازابقا 9 ئاي بەرداشلىق بېرىپ، سىلەرنى تۇغۇپ سىلەرگە قارايدۇ. سىلەر مەڭگۈ ئامالسىز، بۇرۇن قايتۇرالمايتتىڭلار كېيىنمۇ ھەم جاۋاب قايتۇرالمايسىلەر. سىلەر قىلغان ھەرقانداق ئىش ئاناڭلارغا جاۋاب قايتۇرۇشقا يەتمەيدۇ. مانا بۇ ئىسلام دىنى بىزگە ئۆگەتكەن ئاياللارنى ھۆرمەت قىلىش. ئۇنىڭغا مەڭگۈ جاۋاب قايتۇرالمايسىلەر، ئەگەر سىزنىڭ ئاتىڭىز، ئەگەر سىزنىڭ ئاتىڭىز بىر قۇل بولسا، سىز ئۇنى ھەق تۆلەپ قايتۇرىۋالسىڭىز ئاندىن ئۇنىڭغا ئەركەنلىك بەرسىڭىز ئۇنىڭغا جاۋاب قايتۇرغان بولىسىز. بىراق ئانىڭىزغا، نېمە قىلسىڭىزمۇ قايتۇرالمايسىز. بىر ئادەم ئانىسىنى يۈدۈپ ئۆمەر ئىبىن خەتتافنىڭ ئالدىغا كېلىپ:« ئى خەلىقنىڭ باشچىسى، مەن ئانامنى يۈدۈپ پۈتۈن ھەجنى تاماملىدىم، پۈتۈن ھەجنى ، مەن ئۇنىڭغا جاۋاب قايتۇردۇممۇ؟ » دەپ سورىغاندا،ئۆمەر ئىبىن خەتتاف:« ئى ياش، سەن ھەتتا ئۇ سېنى تۇغقاندا تۆككەن بىر تامچە يېشىغىمۇ جاۋاب قايتۇرمىدىڭ.» دېگەن.
        ئىسلام دىنى ئاياللارنى ئېزەمدۇ؟ ياق، ئىسلام دىنى ئاللاھ ئاياللارغا ئاتا قىلغان تەبىئىي خۇسۇسىيىتىدىن ئۇلارنى ھۆرمەتلەيدۇ. ئۇلارنىڭ تەبىئىي خۇسۇسىيىتى ئۇلارنىڭ شەرىپى. مانا بۇ بىر ئادەمگە بېرىلگەن ئۇ ئېرىشىشكە تېگىشلىك ھوقوق. مانا بۇ ئاللاھنىڭ  ئەرلەرگە نېمە ئۈچۈن ئاياللارنى ئاسرىشى ۋە قوغدىشىغا بۇيرۇق قىلغىنىدۇر. ئۇلار خۇددى ئەينەك ئەسۋابلارغا ئوخشايدۇ، سىلەرنىڭ ئاراڭلاردىكى ياخشىسى ئايالىغا ياخشى مۇئامىلىدە بولغان كىشىدۇر. پەيغەمبىرىمىز ئايالىغا ئەڭ ياخشى مۇئامىلە قىلاتتى. ئاللاھ ئەرلەرگە ئاياللارنى قوغداشقا ۋەئاسراشقا بۇيرۇق قىلدى، ئۇلار ئەينەك ئەسۋابلاردۇر، ئۇلار نازۇك ۋە سەزگۈر كېلىدۇ. سىلەر ئۇلارغا كۆيۈمچانلىق، مۇھەببەتلىك ۋە سەۋىرچان بولغان ھالدا مۇئامىلە قىلىڭلار. ئاللاھ ئۇلارغا مەلۇم ئالاھىدە خۇسۇسىيەتلەرنى ئاتا قىلدى، مەلۇم ئالاھىدە خۇسۇسىيەتلەرنى، ئۇلار ئاشۇ خىل خۇسۇسىيەتلەرگە موھتاج، بالىلارغا قاراشقا ئوڭاي بولۇش ئۈچۈن، سىلەر مەڭگۈ قىلالمايسىلەر، ئاكا-ئۇكا ھەدە-سىڭىللەر، مەڭگۈ. بىراق تەبىئىي خۇسۇسىيەت ئۇلارنىڭ بەدىنىدە بەزى نەرسىلەرنىڭ بارلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. ئۇلاردا ئالاھىدە ھېسىيات بار، ئالاھىدە كەيپىيات رىئاكسىيەسى بار. ئۇلار ئاشۇ خىل رىئاكسىيەگە موھتاج، بۇنىڭ بىلەن ئۇلار بالا بېقىشتەك ئېغىر مەسئۇليەتنى ئۆز ئۈستىگە ئالالايدۇ، بۇ سىلەرگە ئۇلارنى بىرتەرەپ قىلىشتىن دېرەك بېرىدۇ. ئاكا-ئۇكىلار، ئالاھىدە ئۇسۇل بىلەن، ئۇلارغا قارىتا سەۋىرچان بولۇڭلار. ھەر ئايدىكى بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا، ئۇلارنىڭ بەدىنىدە ئالاھىدە نەرسىلەر يۈز بېرىدۇ، بۇ بەزىدە ئۇلارنىڭ ھەركىتى كەيپىياتچان بولۇپ قالىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. بىراق ئۇلار شۇنىڭغا موھتاج، ئۇ ئاللاھنىڭ ئۇلارنى يارىتىشتىكى ھەركەت ئۇسۇلى، بۇ خىمىيىلىك رىئاكسىيىلەر مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلى مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ.
ئۇنىڭ يۈز بېرىشىنىڭ سەۋەبى بار، بىز ئۇنى ھۆرمەتلىشىمىز كېرەك، بۇ ئاللاھنىڭ ئىجادىيىتى، مۇكەممەل ئىجادىيىتى، ئاللاھنىڭ مەقسىتى بويىچە مۇكەممەل ئىجرا قىلىنىدۇ. بىز چوقۇم ھۆرمەتلىشىمىز كېرەك، ئۇلار ئەينەك ئەسۋابلاردۇر، ئۇلارغا خەيرىخاھلىق ۋە مۇلايىملىق بىلەن مۇئامىلە قىلايلى، ئۇلار شۇ ماھىيىتى بىلەن مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ. شۇنداق، پەيغەمبىرىمىز ئاياللار ئېگىلگەن قوۋۇرغىدىن يارىتىلغان دېگەن. قوۋۇرغىنىڭ ئەڭ ئېگىلگەن قىسمى ئەڭ ئۈستىدىكىسىدۇر. ئىدىيىسى، مېڭىسى، ھۇزۇرلىنىش ئاياللار تۇغۇلىشىدىنلا بار بولغان خاسلىقتۇر. پەيغەمبىرىمىز بىزگە ئۇنىڭ خاس شەكىللىرىدىن ھۇزۇرلىنىڭلار، بۇخىل ئىگىلگەن ھالىتىدە، بۇخىل خاس ئۇسۇل بىلەن ھۇزۇرلىنىڭلار، ئەگەر ئۇنى تۈزلەشكە ئۇرۇنساڭلار، سىلەر مەڭگۈ تۈزلىيەلمەيسىلەر. ئەمىليەتتە بۇخىل تۈزلەش ئۇنى سۇندۇرۇپ قويىدۇ. سىز ئاللاھ ياراتقان تەبىئىي خۇسۇسىيەتنى ئۆزگەرتىشكە ئۇرۇنىۋاتىسىز، ئۇنداق قىلماڭ، ئۇنىڭ ئۆزىگە خاس ئۇسۇلىدىن ھۇزۇرلىنىڭ. بۇ ئۇلارنىڭ گۈزەل پەزىلەتلىرىدىن بىر قىسمى. بۇ پەزىلەتلەر ئۇلارنى بىز ياخشى كۆرىدىغان ئادەمگە ئايلاندۇرىدۇ، بولۇپمۇ ئىمانلىق ئاياللار.         ، پەيغەمبىرىمىز بىزگە: دۇنيا يېشىل ۋە بۈك-باراقساندۇر. بىراق بۇدۇنيادىكى ئەڭ قىممەتلىك نەرسە، ئاللاھ پاكتۇر، ئاللاھقا بۇنىڭ ھەقىقەت ئىكەنلىكىگە قەسەم قىلىمەن، پەيغەمبىرىمىز بىزگە دائىم ھەقىقەتنى بىلدۈردى،مۇھەممەت سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم، بۇ دۇنيادا ئەڭ قىممەتلىكى ئىمانلىق ئايالدۇر دېگەن، بۇنىڭدىنمۇ ياخشىسى يوق. بۇ دۇنيادا ئىمانلىق ئايالدىنمۇ قىممەتلىكى يوق. كىم توغرا دىندىكى ئايال بىلەن توي قىلسا، ئەگەر ئاللاھ خالىسا، مۇۋاپىقىيەت قازىنىدۇ. كىمكى پەقەت چىرايلىق بولغانلىقى ئۈچۈن بىر ئايال بىلەن توي قىلسا، ياكى بايلىقىنى دەپ، ياكى ئۇنىڭ نەسەبىنى دەپ، ئۇنداقتا نېمىگە ئېرىشىدۇ؟ ماڭا ئىشىنىڭ، ئازابقا. ئېتىقادلىق، دىيانەتلىكنى ئەمرىگە ئالسا، ئىمانلىقنى  ئەمرىگە ئالسا، مۇۋاپىقىيەت قازىنىدۇ. بۇ ئاللاھ ياراتقان توغرا يول. بۇ ئىناقلىققا ۋە مۇۋاپىقىيەتلىك جەمئىيەتتكە باشلايدىغان يول. بۇ ئاساس، ئىسلام دىنى بۇ نۇقتىنى مۇئەييەنلەشتۈرىدۇ. كۇڭزى تەرەپدارلىرىمۇ بۇنى ئېتراپ قىلىدۇ. ئەمەلىيەتتە ھەر بىر جەمئىيەت بىلىدۇ، ئائىلە جەمئىيەتنى تەشكىل قىلىدىغان ئەڭ كىچىك بىرلىك. ھەر بىر ئائىلىنىڭ يادروسى، بالىلارنى تەربىيەلەيدىغان، كۆيۈنىدىغان، باقالايدىغان ئايالدۇر. شۇڭا بىز ئۇلارنى ھۆرمەتلەيمىز. ئىسلام دىنى بىزگە ئۇلارنى ھۆرمەتلەشكە يېتەكلەيدۇ، ئۇلارنى ھۆرمەتلەشكە، ئانىمىزنى ھۆرمەتلىگەندەك ھۆرمەتلەشكە. ئۇلار ئىسلام دىنى ئاياللارغا ھوقوق بەرمىدى دەيدۇ، ئۇلار ئىسلام دىنى ئاياللارنى ئېزىدۇ دەيدۇ. بىر جۈملە ماقال-تەمسىل بىلەن ئۇلارغا جاۋاب بېرىمىز. بۇ بىر جۈملە ماقال-تەمسىل ئۇلارنىڭ مۇقەددەس كىتابى «ئىنجىل»دىن كەلگەن. ئەيسا پەيغەمبەر ئېيتقان بىر جۈملە ماقال-تەمسىل. ئۇ:« ئاۋال كۆزۈڭلاردىكى ياغاچ پارچىلىرىنى ئېلىۋېتىڭلار، ئاندىن ئېنىق كۆرەلەيسىلەر، بۇرادىرىڭنىڭ كۆزىدىكى تىكەننى ئېلىۋەت.» «  7:5  » كۆزۈڭلاردا يوغان بىر پارچە دەرەخ غولى تۇرۇپ، قېرىندىشىڭلارنىڭ كۆزىدىكى تىكەننى ئېلىۋېتىشقا ئۇرۇنۇۋاتىسىلەر. ھە؟ مانا بۇ سىلەرنىڭ قىلىۋاتقىنىڭلار. ئۇلار بىزنىڭ كۆزىمىزدە تىكەن بار دەيدۇ، بىراق ئۇلارنىڭ كۆزىدە دەرەخنىڭ غولى بار. ئۇلار بىزنى تەنقىدلەش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتى، بىراق بىز بۇ ئىككى تەرەپنى سېلىشتۇرساق، ئۇلارنىڭ بۇ تەرەپتە پۈتۈنلەي ئازغانلىقىنى جەزىملەشتۈرەلەيمىز. شۇڭا سۆيۈملۈك ئاكا-ئۇكا ھەدە-سىڭىللىرىم، قەدىرلىك تاماشىبىنلار، بىز ئىسلام دىنىنى ھەقىقى تەكشۈرگەندە، «قۇرئان»نى تەتقىق قىلغان ۋاقتىمىزدا، ئۇلۇغ پەيغەمبىرىمىزنىڭ ھەدىسلىرىنى ئۆگىنىۋاتقان ۋاقتىمىزدا، بىز ھەقىقىي بايقايمىزكى، ئىسلام دىنى ئاياللار ھوقوقىغا ماس كېلىدىغان دىن. ئەرلەر ئاياللارنى ئاسرايدۇ ۋە قوغدايدۇ،مانا بۇ ئەرلەرنىڭ خىزمىتى. بىزنىڭ خىزمىتىمىز ئاياللارنى ئائىلىدە قالدۇرۇشقا(شارائىتى بارلار) كاپالەتلىك قىلىش. ئۇ ئائىلىگە ۋە بالىلارغا قارايدۇ،ھەمدە بۇنىڭدىن راھەت ۋە خوشاللىق ھېس قىلىدۇ، مانا بۇ بىزنىڭ خىزمىتىمىز. ئائىلىنى قامداش، ئۇلارنى قوغداش، مانا بۇ بىزنىڭ مەسئۇليىتىمىز، بۇ بىر ئېغىر مەسئۇلىيەت. ئاللاھ ئاياللارغا ئەرلەرنى ھۆرمەتلەشنى تەلەپ قىلىدۇ. ئۇ بولسا ئاللاھنىڭ ئۇنىڭغا، چۈنكى ئاللاھ ئەرلەرنى ئاسرىغۇچى ۋە قوغدىغۇچى قىلدى. ئاللاھ ئۇلارغا مەسئۇلىيەت بەردى، ئاللاھ ئاياللارغا پۇل تېپىڭ دېگىنى يوق، جەمئىيەتتىكى تۈرلۈك جىنايەتلەرگە قارىتا، ئاللاھ ئاياللارغا ئۇ ئىشلارنى قىلىڭ دېگىنى يوق، ئەكسىچە ئاياللاردىن بالىلىرىغا كۆيۈنۈشىنى، تەربىيەلىشىنى، بېقىشىنى تەلەپ قىلىدۇ، ئۇلار موھتاج بولغان مۇھەببەت، ئەخلاق ۋە مۇلايىملىق بىلەن. ھالبۇكى ئەرلەرنىڭ مەسئۇلىيىتى بولسا ئېتىقاد ۋە دىن جەھەتتىن ئائىلىرىدىكىلەرنى يېتەكلەش. ئۇ كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك، گەرچە ئەھۋال دەل ئەكسىچە بولغان تەقدىردىمۇ، ئاللاھ مەدىھلەشكە لايىقتۇر، ئادەتتە توغرا دىندىكى ئايال پۈتكۈل ئائىلىنىڭ توغرا يولدا مېڭىشىغا كاپالەتلىك قىلالايدۇ. بىراق بۇ بىزنىڭ مەسئۇلىيىتىمىز، دەل شۇنداق بولغاچقا، ئاللاھ ئاياللارنى ئەرلىرىگە ئىتائەت قىلىشقا بۇيرۇيدۇ. بىراق ئېرى ئۇنىڭدىن بىر ئىش قىلىشنى ئۆتۈنسە، ئۇنىڭغا بۇيرىسا، ئەگەر ئۇ ئىشقا ئايالىنىڭ قابىليىتى يېتىدىغان بولسا، ئۇ چوقۇم كۈچىنىڭ يېتىشىچە قىلىشى كېرەك. ئەگەر بۇ ئىنتايىن مۇھىم بولسا، ئەگەر ئۇ ئىشقا ئايالىنىڭ قابىليىتى يېتىدىغان بولسا، ئۇ چوقۇم قىلىشى كېرەك. مانا بۇ ھۆرمەتتۇر، بىزنىڭ جەمئىيىتىمىزدە، بۇ ئىنتايىن مۇھىم. ئايال ئېرىنى ھۆرمەتلىسە، ئاللاھ خالىسا بالىسىمۇ ئانىسىنى ھۆرمەتلەيدۇ. ئەگەر بالا ئانىسىنى ھۆرمەتلىسە، ئايال ئېرىنى ھۆرمەتلىسە، ئېرى ئامىر(ھۆكۈمرانلىق قىلغۇچى)نى ھۆرمەتلىسە، مانا بۇ بىزنىڭ دىنىمىز. بۇ جەمئىيەتنى تىنىچلاشتۇرۇشنىڭ ئاساسى. سىز بايقايسىز، ئەگەر ئايال ئېرىنى ھۆرمەتلىمىسە، بالىسىمۇ ئۇنى ھۆرمەتلىمەيدۇ، ئەگەر بىر ئەر بىر ئايالنى ھۆرمەتلىمىسە، ئۇلارغا ئادىل مۇئامىلە قىلمىسا، ئىسلام دىنى بۇيرىغىنىدەك بولمىسا، ئۇلاغا مۇلايىم ۋە قىزغىن مۇئامىلە قىلمىسا، ئاللاھ ئۇنىڭغا مۇستەبىت ھۆكۈمران بېرىدۇ. ئۇنى ئېزىدۇ، ئۇنى ئېغىر ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويىدۇ، خۇددى ئايالىنى ئەزگەندەك، ھەمدە ئايالىنىڭ تۇرمۇشى قىينالغىنىدەك، مەن بۇ نۇقتىغا ئىشىنىمەن، مەن بۇنىڭغا ئىشىنىمەن، مەن راستىنلا ئىشىنىمەن. ئەگەر سىز ھازىرقى ئىسلام دۇنياسىغا نەزەر سالسىڭىز، شۇنى كۆرىسىزكى، ھۆكۈمرانلارنىڭ خەلىققە مۇئامىلە قىلىش ئۇسۇلىدىن، ئەرلەرنىڭ ئاياللارغا قىلغان مۇئامىسىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ. شۇنى بايقايسىزكى، ھۆكۈمرانلارنىڭ خەلىققە مۇئامىلە قىلىش ئۇسۇلىدىن، ئەرلەرنىڭ ئاياللارغا قىلغان مۇئامىسىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ. ئەگەر سىز ئۇنى ئەزسىڭىز، ئاللاھ ھۆكۈمراننى ئۇنى ئېزىشقا بۇيرۇيدۇ. بىزنىڭ ئېتىقادىمىز ئاللاھنىڭ بىرلىكىنى ئېتراپ قىلىش ئاساسىدا بولىدۇ، ئاللاھتىن ھېيىقىش ۋە تونۇش ئۈستىگە قۇرۇلىدۇ. مانا بۇ بىزنىڭ ئائىلە قۇرۇشىمىزنىڭ ئاساسى: ئۆزىمىزنى تۈزەش. ئاكا-ئۇكا، ھەدە-سىڭىللەر، ئاخىرىدا ھەر بىرىڭلارغا مۇراجىئەت قىلىمەن، ئۆزۈڭلارنى ئازدۇرۇشلاردىن يىراقلاشتۇرۇڭلار. بۇ ئازغۇنلۇق بۇ سەل قاراش، مانا بۇ ئېدىئولوگىيە. ئەگرى-بۈگرى، كېسەل ھالەتتىكى ئېدىئولوگىيە. ئۇ غەرب مەدەنىيىتىدە تارقىلىۋاتىدۇ، ئاللاھ بۈيۈكتۇر. ئاكا-ئۇكا، ھەدە-سىڭىللەر، مەن سىلەرنىڭ ئۇلاردىن يىراق تۇرۇشۇڭلارنى ئۆتۈنىمەن. مەن بەك ئېچىنىشلىق ھېس قىلدىم، مەن ئاكا-ئۇكا، ھەدە-سىڭىللەرنىڭ:« مېنىڭ ئىككى بالام بار، مېنىڭچە مۇشۇ يېتەرلىك.» دېگەنلىرىنى ئاڭلىغان ۋاقتىمدا. چۈنكى مەن سىلەرنىڭ بويسۇندۇرۇلغانلىقىڭلارنى بىلدىم، سىلەرنىڭ بىزنىڭ زېمىنىمىزغا تاجاۋۇزچىلىق قىلىشىڭلارنىڭ ھاجىتى يوق. بىز ئاللىقاچان ئىدىيە جەھەتتىن مەغلۇپ بولدۇق، بىزنىڭ ئىدىيىلىرىمىز ئۆزگەردى، بىز ئۇلارغا ئوخشاش ئويلاشقا باشلىدۇق. قىزلىرىمىزنى ئۇنۋان ئېلىشقا مەجبۇرلىدۇق، دوختۇر بولۇشقا، ئىنژىنېر بولۇشقا، يادرو-فىزىكا ئالىمى بولۇشقا مەجبۇرلىدۇق. قىزىمغا قاراپ بېقىڭلار، ئۇنىڭدىن بەكمۇ پەخىرلىنىمەن، ئۇنىڭ قانداق نەتىجىلىرى بار؟ نېمە؟ ئۇنىڭ 10 بالىسى بار؟ ئىسلام دىنى ئۇسۇلى بويىچە بېقىپ ئۆستۈرۈپتۇ؟ ئۇ چوقۇم پەخىرلىنىشكە تېگىشلىك ئىشلار. سىز قىزىڭىزنى ئۇنىڭدەك تەربىيەلىدىڭىز، ياق، ئۇ بىر دوختۇر بولدى، بىز بۈگۈن مانا شۇنىڭ ئۈچۈن پەخىرلىمىز. ئۇ بىر خىل كېسەللىك ھالىتى، ئاكا-ئۇكا، ھەدە-سىڭىللەر، ئۇ خاتا. ئۇ بىزنىڭ دىنىمىز بىزگە ئۆگەتكەنلىرى ئەمەس. مېنىڭ نىيىتىمنى خاتا چۈشەنمەڭلار، بۇ ئىنتايىن مۇھىم. شۇنداق، بىز مۇسلىمە دوختۇرلارغا موھتاج، بىز ئاياللارنىڭ بىلىم ئېلىشىغا موھتاج، بۇنىڭ بىلەن بالىلىرىمىزنى تەربىيىلەيدۇ. بىز ئاياللارنىڭ بىلىم ئېلىشىغا موھتاج، بۇنىڭ بىلەن مۇسۇلمانلار مەكتىپى قۇرىمىز. ئۇلارنىڭ بالىلىرىمىزنى ئىسلام دىنى ئۇسۇلى بويىچە تەربىيەلىشىگە قولايلىق بولسۇن ئۈچۈن. ئېتىقادتا، ھازىرقى دۇنيادا، بىراق بىز چوقۇم چۈشىنىشىمىز كېرەك، بىز گاڭگىراپ قالساق بولمايدۇ، بىز گاڭگىراپ قالساق بولمايدۇ، ئويلاپ بېقىڭلار بۇ بىزنى مۇۋاپىقىيەتكە ئېرىشتۈرىدۇ. روھىي جەھەتتىن مەغلۇپ بولماڭلار، ئۆزۈڭلارنى بۇخىل ئېدىئولوگىيە بىلەن تەپەككۇر قىلىشقا يول قويماڭلار. ياق، ئاكا-ئۇكىلار، ھەدە-سىڭىللەر، مۇسۇلمانلارغا ئوخشاشتەپەككۇر قىلىڭلار، ئىسلام دىنى «قۇرئان» بويىچە تەپەككۇر قىلىڭلار، پەيغەمبىرىمىزنىڭ قىلغانلىرى بويىچە تەپەككۇر قىلىڭلار. سىلەر شۇنى بايقايسىلەر، بىر ئەۋلاد ئادەم تەربىيەلىدىڭلار، بىر ئەۋلاد ئادەملەرنى، سىلەر كۆرىسىلەر، ئاللاھ مۇۋاپىقىيەتنى يەنە بىر قېتىم پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئۈممەتلىرىگە بېرىدۇ. يەنە بىر قېتىم كۆرۈسىلەر، ئاكا-ئۇكىلار، ھەدە-سىڭىللەر، بىزنىڭ ئاساسىمىز پۇختىلانغاندا، ئاللاھقا شۈكرى، ئاللاھ بىزگە بۇدۇنيالىق ۋە ئاخىرەتلىك ئىككى دۇنيالىق مۇۋاپىقىيەت ئاتا قىلىدۇ. ئى ئاللاھ، مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمگە ، ئائىلە تاۋاباتلىرىغا ۋە پۈتكۈل ئۈممەتلەرگە بەخىت ئاتا قىلغىن!
تەرجىمە قىلغۇچى: نۇرگۈزەل  
سىن ئادرىسى بۇ يەردە   http://www.tudou.com/programs/view/is8vOG9a134/

كۆيۈمچان ئەزا

مەن تۇرغانلارغا

UID
5387
يازما
331
تېما
6
نادىر
0
جۇغلانما
10028
تىزىملاتقان
2010-9-5
ئاخىرقى قېتىم
2012-5-9
توردا
7 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-7 20:39:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاياللارنىڭ قەلب ئېتىزى ئۇزۇن يىللاردىن بېرى زىرائەت تېرىلىۋېرىپ قۇياش نۇرىدىن تولۇق بەھرىمەن بولالمايۋاتقان، ھوسۇلسىز، قاغدالما يەر بولۇپ قالدى...
تىمىڭىزغا كۆپ رەھمەت. ...........

UID
31618
يازما
64
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
64
تىزىملاتقان
2012-3-5
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-10
توردا
28 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-8 00:04:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قىز-ئاياللىرىمىزنىڭ جاپاسى ھەقىقەتەن كۆپ. بىز ئەرلەر ئۇلارنى ئاسرىشىمىز ،كۆپرەك كۆڭۈل بۆلۈشىمىز،قەدىرلىشىمىز كىرەك.

UID
8519
يازما
1
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
1
تىزىملاتقان
2011-1-12
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-12
توردا
1 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-8 00:39:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەكمۇ  ئېسىل تېمىكەن  .كۆپ تەشەككۈر  سىزگە

تىرىشچان ئەزا

ئارىسلان مەمەت

UID
29822
يازما
613
تېما
4
نادىر
0
جۇغلانما
613
تىزىملاتقان
2012-2-17
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-9
توردا
228 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-8 00:55:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تېما ئىگىسى سۇمرۇغقا ۋە ئىنكاس يازغۇچى مۇراتشاھقا كۆپ رەھمەت. قەلەم قۇۋىتىم ئاجىز بولغاچ ئويلىغانلىرىمنى يېزىشقا ئامالسىز قالدىم . پەقەت سۇمرۇغ ۋە مۇراتشاھقا رەھمەت ئېيتىش بىلەنلا چەكلىنەي . مۇراتشاھ يازغان ئىنكاستىكى قىز بىلەن ئوغۇل ئوتتۇرىسىدىكى پەرق توغرىسىدىكى تەجىربىنى 40 يىل ئىشلىمىسىمۇ ، بالىسى بارلاردىن سورىسىلا بولىدىغان ئىش ،  مېنىڭ بالام ئوغۇل ، دوستلىرىمنىڭ بالىلىرىمۇ كۆپۈنچىسى ئوغۇل ، سېڭلىمنىڭ بالىلىرى قىز ، چوڭ سىڭلىمنىڭ 2-بالسى ئوغۇل ، ئىككى ياشقا كىرەي دەپ قالدى . ئوغۇل بالا بىلەن قىز بالىدىكى پەرىقلەر ھەقىقەتنمۇ تۇغما بولىدىكەن . ئوغۇل بالا شوخ ، كەپسىز بولىدىكەن . قىز بالا ياۋاش ، مۇلايىم كېلىدىكەن ، بالام ئوينايدىغان ئويۇنچۇقلارنى ھازىرغىچە ئۆزىنى ئېلىپ چىقىپ ياقتۇرغېنىنى ئېلىپ بېرىمىز . ئويۇنچۇق بار يەرلەردە ھەرگىز بالا قۇنچاقلارنى تاللىمايدۇ . ماشىنا ، تاپانچا ، توپ دىگەندەك ئويۇنچۇقلارغا ئامراق . سىڭلىمنىڭ قىزلىرى قونچاق ئويناشنى ياخشى كۆرىدۇ ، قونچىقىنىڭ چېچىنى تاراپ ، كىيىم كىيگۈزۈپ ئوينايدۇ . سىڭلىمدىن سەن ئوينا دەپ قونچاق ئېلىپ بەردىڭمۇ دەپ سوراپ باقمىدىم ، شۇڭا بۇنى مىسال قىلماي ، لىكىن دوستلىرىمنىڭ ئوغۇل بالىلىرى توغرىسىدا ياخشى بىلىمەن ، چۈنكى بىز نىڭ بالىلىرىمىز ئاساسەن نەچچە ئايلا پەرق قىلىدۇ ، بالا توغرىسىدىكى پاراڭلارمۇ كۆپ بولۇپ قالىدۇ ، ئۇلارنىڭ ، ئاياللىرىنىڭ پىكىرىدىمۇ ئوغۇل بالا ھەقىقەتەنمۇ قىز بالىغا ئوخشىمىغان خۇسۇسىيەتلەرگە ئىگە ، ھەم بۇ خۇسۇسىيەتلەرنىڭ تۇغما بولىدىغانلىقىنى ھىس قىلىپ يەتكەن . يۇقۇرىدا مىسال قىلغان بالام ۋە دوستلىرىمنىڭ بالىلىرى ھەممىسى 3 ياش ئەتىراپىدا . بايان قىلغانلىرىم 3يىل جەريانىدا ئۆزۈم ھىس قىلغانلىرىم .
مۇراتشاھقا يەنە بىر قېتىم رەھمەت ، شۇنداق ياخشى ماقالە ئىكەن ، بۇلسا بۇنداق ياخشى ماقالىلارنى ئىزچىل تەرجىمە قىلىپ تۇرۇڭ ، ئاللاھ سىزنىڭ ئىشلىرىڭىزنى ئاسان ، ئوڭۇشلۇق قىلغاي .

UID
28859
يازما
8
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
8
تىزىملاتقان
2012-2-6
ئاخىرقى قېتىم
2012-5-2
توردا
3 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-8 01:09:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناھايېـــــــې ياخشى چېقېپـتۇ بۇ تېمېڭېز بىزدەك يۈركى لەختە بولۇپ كەتكەنلەگە!                                       مەن دېلخۇش 2نېڭ ېنكاسېنې بەك قوللايمەن  سېزگېمۇ رەخمەت!

تولۇقلىما مەزمۇن (2012-3-8 01:14):
مەن مۇڭداشقۇدەك دوسقا مۇخـتاج                                            2430017772

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش