تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版

كۆرۈش: 25215|ئىنكاس: 105

ئابدۇقادىر جالالىدىن: ئۆيدە ئولتۇرىدىغان ئايال     [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
22594
يازما
107
تېما
12
نادىر
1
جۇغلانما
112
تىزىملاتقان
2012-1-4
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-3
توردا
102 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-16 18:20:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆيدە ئولتۇرىدىغان ئايال
ئابدۇقادىر جالالىدىن
ئۆيدە ئولتۇرىدىغان ئايال ھەرگىزمۇ ئۆگىنىش ۋە قابىلىيەت يېتىلدۈرۈشتىن مەھرۇم بولغان ئايال بولماستىن بەلكى، مىللەت ۋە ئۈممەت تەقەززاسىغا لايىق ھالدا ھەقىقىي ئانا بولۇش ئۈچۈن بوش ۋاقىتلىرىدا ئۆگىنىدىغان، باللىرىنىڭ تەرەققىيات ئىھتىياجى ئۈچۈن ئۆزىنى تەرەققىي قىلدۇرىدىغان ئايال.
ئۆيدە ئولتۇرىدىغان ئايال غۇرۇر ۋە ئىززەتنى ئۆزى ئېرىشمەكچى بولغان ھەممە نەرسىدىن ئەلا بىلىپ، باللىرىنى ئېتىقادلىق، ئەخلاقلىق، بىلىملىك قىلىپ تەربىيەلەش ۋە ئۇلارنىڭ ئىككى دۇنيالىق بەختى ئۈچۈن يۇقىرى مەنىۋى مەقام بىلەن ئۆزىنى قوراللاندۇرىدىغان ئايال.
ئۆيدە ئولتۇرىدىغان ئايال ئۆزىنى قەدىرلىمىگەن جەمئىيەتتىن ئاغرىنىپ يۈرۈشنىڭ ئورنىغا جەمئىيەتنىڭ ھۈجەيرىسى بولغان ئائىلىنى قولىغا ئېلىپ، كەلگۈسىدىكى گۈزەل جەمئىيەتنىڭ ئىنسانىي ئاساسىنى قۇرۇۋاتقان ئايال.
ئۆيدە ئولتۇرىدىغان ئايال ئائىلىدە تەييارنى يەپ ئولتۇرىدىغان ئايال بولماستىن، بەلكى بىلگۈچىلىكى بارلار ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئائىلىسىنىڭ بەركىتى، ئەرنىڭ ئارقا تېرىكى، ئەرنىڭ ئارقا تېرىكى، كەلگۈسىدىكى ئالىم ياكى ھاكىم ئەۋلادلىرىنىڭ تۇنجى ئوقۇتقۇچىسى.
ئۆيدە ئولتۇرىدىغان ئايال ھەرگىزمۇ تۆھپىسىز ئايال بولماستىن، مېھرى ئارقىلىق باللىرىغا مۇھەببەت ئۆگەتكەن، ئاياللىق كۈچى ئارقىلىق ئەرلىرىگە مەدەت بەرگەن، دىيانىتى ئارقىلىق ئاۋۋال ئائىلىگە، شۇ ئارقىلىق جەمئىيەتكە ئېتىقاد بېغىشلىغان ئايال.
ئۆيدە ئولتۇرىدىغان ئايال ماددى باياشاتلىقنىڭ كۈشەندىسى بولماستىن، ئائىلىنى بازار ۋە ئىستىمالنىڭ تەلتۆكۈس قۇلى بولۇپ قىلىشتىن ساقلايدىغان، ئائىلىنى ھارام ۋە مەكرۇلاردىن خالىي قىلىدىغان، ئائىلىنىڭ ھەر تۈرلۈك پائالىيىتىنى ئىبادەتكە ئايلاندۇرىدىغان ئايال.
ئۆيدە ئولتۇرىدىغان ئايال ھەرگىزمۇ رومانتىك تۇرمۇشنى ئۇنتۇپ كەتكەن ئايال بولماستىن، بەلكى ئائىلە ئەزالىرىنى داستىخان ئەتراپىغا يېغىپ، ئائىلىنى جەلىپكار قىلىدىغان سۆيگۈ سەنئەتكارى ۋە ۋاپا قەھرىمانى.
ئۆيدە ئولتۇرىدىغان ئايال قانداقتۇر ئاددى بىر ئۆينىڭ ساھىبخانى بولماستىن، بەلكى بۇ دۇنيادىكى ھالاۋەتنىڭ بەرپاچىسى. ئۇ ئائىلىنى بىر كىچىك جەننەتكە ئايلاندۇرۇش ئارقىلىق مەنىۋى كۈچ، ئەقىدە ھاسىل قىلىپ ھەقىقي جەننەتكە كۆۋرۈك ياسايدۇ.

شىنجاڭ ئاياللىرى ژورنىلىنىڭ 2012-يىللىق 1-سانىغا بېسىلغان شۇ ناملىق ماقالىسىدىن ئۈزۈندە


ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

UID
12209
يازما
54
تېما
5
نادىر
0
جۇغلانما
1134
تىزىملاتقان
2011-6-13
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-5
توردا
12 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-16 20:11:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   جەمئىيىتىمىزدىكى ئۆيدە ئولتۇرىدىغان ئاياللېرىمىز كۆپرەك ئۆگۈنۈش قىلىپ تۇرالىسىلا ئابدۇقادىر جالالىدىن دېگەندەك ئائىلە ئايالى بولۇشقا شەرت ھازىرلىيالايدۇ.

UID
25873
يازما
15
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
15
تىزىملاتقان
2012-1-12
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-14
توردا
49 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-16 20:30:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇستازىمىزنىڭ تەپەككۇرۇرىغا قايىلمەن.
  ... لىكىن نۆۋەتتىكى نۇرغۇن خانىم-قىزلا ‹‹ئۆزى پۇل تېپىپ، ئۆزىگە كېتىدىغان چىقىملارنى ئۆزى غەملىيەلىسە، ئېرىنىڭ قۇلىغا تەلمۈرۈپ قالمىسا شۇ نوچى، قابىليەتلىك، ئىقتىدارلىق، نەمۇنىلىك ئايال بولىدۇ›› داپ قارىشىدىكەن. ھەيرانمەن!
ئائىلىنى بىر دەرەخ دېسەك ئايال يىلتىز، ئەر غول ۋە شاخ، بالا ياپراق ۋە مىۋە!

UID
20844
يازما
8
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
8
تىزىملاتقان
2012-2-10
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-23
توردا
4 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-16 20:38:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھازىر نۇرغۇن ئاياللىرىمىز ئەر-ئايال باراۋەر بولىمىز دەپ ، ئۆيدە ئولتۇرۇپ پەرزەنت تەربىيلەش...قاتارلىق ئىشلارنى ئەركىنلىكىمىزگە توسالشغۇ بولدى دەپ قاراۋاتىدۇ .

UID
29468
يازما
31
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
31
تىزىملاتقان
2012-2-13
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-27
توردا
72 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-16 21:03:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئائىلە ئاياللىرىنىڭ مۇشۇنداق بولالىشى ئۈچۇن ئەرلىرى شارائىت يارىتىپ بېرىشى ۋەمەسئولىيەتچان بولىشى كېرەك.ئاياللارنىڭ سىرتقا مايىل بولىشىغا نېمە سەۋەپ بولدى؟.......ئايال ياكى  ئەر بولسۇن بۇ مەسىلىنى ئويلاپ بېقشى زۆرۈر.
ئەرلەر ئۆيلىنىشتە ئايالنىڭ دىيانىتىنى سىناڭ!

UID
17664
يازما
121
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
691
تىزىملاتقان
2011-11-23
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-6
توردا
2 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-16 21:44:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
      ئابدۇقادىر جالالىدىنغا ئوخشاش ئەلسۆيگەن ئەلنى سۆيگەن ، يازغۇچىلىرىمىزنىڭ  مۇشۇنداق ياخشى بولغان  ئەسەرلەرنى  كۆپلەپ يوللاپ ئۇقۇرمەنلەرگە سۇنىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن.

UID
9935
يازما
55
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
1675
تىزىملاتقان
2011-3-6
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-4
توردا
7 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-16 21:46:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   كىچىكىمىزدە ئاتا-ئانام ئىككىلىسى ئوقۇتقۇچى بولغاچقا كۆپ ۋاقىتلاردا بىز ھەممىمىز مەكتەپتىن ئاچ قورساق قايتىپ كېلىپ  قورسىقىمىز ئېچىپ ئۆتۈپ كەتكىچە قولمۇقول تۇتۇش قىلىپ  چاي ياكى تاماق تەييارلايتۇق ، بۇنداق چاغلاردا بەزى ئاپىسىنىڭ خىزمىتى يوق دوسلىرىمغا بەك ھەۋەس قىلاتتىم ،ئولار مەكتەپتىن ھېرىپ-ئىچىپ قايتىپ كەلسە ئىسسىق ئۆي، تەييار تاماق نىمىدىگەن راھەت.
   قولىدىن خېلى ئىش كىلىدىغان ئەر بولغاندىكىن ئۇنىڭ ئۈستىگە‹مەن گۈلدەك باقالايمەن› دەپ مەيدىسىگە ئۇرۇپ تۇرۇپ ئالغاندىكىن،بەرىبىر شۇ پۇل ئۈچۈن ئىشلەيمىزغۇ، بەش ۋاق ئىبادىتىمنى ۋاقتىدا قىلىپ، ئۆيدە ئولتۇرۇپ كەلگۈسى پەرزەنتلىرىمنى ياخشى تەربىيلەيچۇ  ......دېگەندەك مەقسەتلەردە گەرچە ئالى مەكتەپنى پۈتتۈرسەممۇ،خىزمەتكە ئورۇنلىشىشتىن ۋاز كېچىپ،پۇل تېپىشقا خېلى ئېپى بار ھەم ئۆزەم ياخشى كۆرگەن ئادىمىم بىلەن توي قىلدىم، گەرچە ئۇلار  بىر سودىگەر ئائىلىسى بولسىمۇ توي قىلىپ ئىككى ئاينىڭ ئىچىدە  قېيىنئانام ۋە قېيىن ھەدەم تەرىپىدىن مىنىڭ خىزمىتىمنىڭ يوقلۇقى ھەر خىل سەۋەپلەر بىلەن ئۈچ قېتىم پىشانەمگە تەگدى.تەگكەندىمۇ  يۈرۈكۈمنى ئاغىرتىپ تەگدى،بەك ئازاپلاندىم،ھەم خىزمەتكە ئورۇنلىشىشتىن ۋاز كەچكىنىمگە پۇشايمانمۇ قىلدىم، مۇشۇنداق بولىۋەرسە بۇ تۇرمۇشنىڭ ئاخىرىنىڭ نەگە بارىدىغىنىنى ئۆزەممۇ بىلمەيمەن.                                                         

UID
12035
يازما
44
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
1304
تىزىملاتقان
2011-6-5
ئاخىرقى قېتىم
2012-2-28
توردا
2 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-16 21:53:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇنداقتا جەمىيىتىمىزدىكى توي قىلىشتىن ئاۋاللا خىزمىتى بارمىكەن؟ مائاش كارتىسى بارمىكەن دەيدىغان ئائىلىلەرنى ، يىگىتلەرنى نىمە دەيمىز؟ نى نى ئىسىل قىزلىرىمىزنى خەقلەر مۇشۇنداق دەپ ياراتمايدىغۇ؟
ئەمىلىيەتتە ، ئۆيدە ئولتۇرىدىغان ئاياللارنىڭ ھەممىسى بىلىمسىز بولمىغىنىدەك، ئىشلەيدىغان ئاياللارنىڭ ھەممىسىمۇ ھەم مەسئۇلىيەتسىز ئەمەس.

تىرىشچان ئەزا

ئۇلۇغۋار ئىشلار

UID
3148
يازما
32
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
542
تىزىملاتقان
2010-7-9
ئاخىرقى قېتىم
2012-5-1
توردا
17 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-16 22:57:10 يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

مۇشۇنداق ئىشلارغا كۆپىنچە چوڭلار مەجبۇرلاپ  ....قويىدىكەن ئادەمنى...

UID
6284
يازما
261
تېما
10
نادىر
0
جۇغلانما
7663
تىزىملاتقان
2010-10-6
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-7
توردا
64 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-16 23:02:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇنداق  بىر تىمىنىڭ ئابدۇقادىر مۇئەللىمدەك  بېلىملىك بىر كىشى تەرىپىدىن يورۇتۇلۇپ بەرگنىدىن تولىمۇ خۇشال بولدۇم. مەن ئۇزۇندىن بىرى «ئائىلە ئاياللىرى ۋە ئۇلارنىڭ جەمئىيەتتىكى ئورنى» دېگەن بىر تىمىدا ئويلىنىپ كىلىۋاتاتتىم.
ئائىلە ئاياللىرىرىنىڭ كۆپ قىسمى بارلىقىنى ئائىلىسى يولدۇشى، پەرزەنتلىرى ئۈچۈن بېغىشلاپ ياشلىقىنى، ھاياتىنى شۇلار ئۈچۈ ياشايدۇ. تېجەشلىك، ئاددى ساددا، كەڭ قوساق، ئەپۇچان ئىش قىلىپ ئاياللاردىكى ئۆتەشلىك تېگىشلىك مەجبۇرىيەتلەر ئۇلارنىڭ ئىسىدىن ھەر ۋاقت چىقمايدۇ. بۇنداق دېيىشىمدىكى مەخسەت، مېنىڭ ئاناممۇ ئائىلە ئايالى، ئۇ ئانىلىق مەجبۇرىيەت، ئاياللىق مەسئۇلىيەت، سالاپات دېگەندەكلەرنى تولۇق ئادا قىلىپ كەلگەن بىر مىھرىبان ئانا. ئۇ بىز بەش پەرزەنتى، ئائىلىسى ئۈچۈن بارلىقكىنى بېغىشلىدى.
جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ تىزلىشىشى، ئىقتىساتنىڭ مۇھىم ئورۇنغا ئۆتىشى سەۋەپلىك ھازىر توي قىلىدىغانلار مۇقىم كىرىمى، خىزمىتى ۋە ياخشى شارائىتى بار قىزلارنى تاللايدىغان بولدى.  ئالى مەكتەپلەرنى پۈتتۈرۈپ كىلىپ خىزمەتكە ئورۇنلىشالمىغان نۇرغۇن ئېسىل قىزلار ئوغۇللار ۋە جەمئىيەت تەرىپىدىن چەتكە قېقىلىۋاتىدۇ. ئائىلىسى ۋە پەرزەنتلىرى ئۈچۈن ئۆيدە ئولتۇرۇپ ئۇلارنىڭ خىزمىتىنى قىلىۋاتقان نۇرغۇن ئاياللار ئەرلىرى تەرىپىدىن كەمسىتىلىۋاتىدۇ ۋە بۇ سەۋەپلىك ئاياللارنىڭ ئائىلە، بالا، ئەردىن ئىبارەت ئەڭ مۇھىم بولغان نەرسىلىرىدىن ياتلىشىش، چۈشكۈنلىشىش، تۇرمۇشقا بولغان كۆز قارىشىدا مەسئۇلىيەتسىزلىك كۆرىلىشتەك يامان ئاقىبەتلەر كىلىپ چىقىۋاتىدۇ.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش