مەن خىزمەتمۇ قىلىپ باققان، مانا ھازىر ئائىلە ئايالىمەن. ئىشلەۋاتقان چېغىمدا، خىزمىتىمدىن، ئىشىمنىڭ جىقلىقىدىن، تاماق يېگۈدەكمۇ ۋاقتىمنىڭ يوقلىقىدىن ۋايسايتتىم. مەن ئىشلىگەن شىركەت بىر چەتئەل شىركىتى بولۇپ، مەن شىركەتكە كىرگەن چېغىمدا شىركەت نيۇ يورك پاي چېكى بازىرىغا پېيىنى سېلىشقا تەييارلىق كۆرۈۋاتقان ۋاقتى ئىكەن، دەل ئاشۇ ئىشقا مەسئۇل بولۇپ قالدىم. دەم ئالغۇدەك شەنبە-يەكشەنبەممۇ قالمىدى، ھەتتا بەزىدە بامداتتىن كېيىنلا ياتىقىمدىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولاتتىم. چۈشتە ھەممەيلەن شىركەت ئاشخانىسىدىن تاماق يېيىشكەندە مەن نان غاجاپ ئولتۇراتتىم.
ئاخىرى توي قىلدىم، دېيىشكەن يىگىتىم، يەنى ھازىرقى ئېرىم تېخى ئوقۇش پۈتتۈرمىگەچكە، ئەسلى ئوقۇشىنى پۈتتۈرۈپ بولغاندا ئاندىن توي قىلىشنى دېيىشكەن ئىدۇق، مەن توي قىلساڭ قىل، بولمىسا مەن ئۆزەم قىلغاچ تۇراي دېگەندەك تەھدىتلەر بىلەن

ئاخىرى تېگىۋالدىم. شۇندىن بېرى ئۆيدە ئولتۇرۇپتىمەن. ئەلھەمدۇلىللاھ، پەقەتلا يولدىشىمنىڭ ئوقۇش مۇكاپاتىغا تايىنىپ ياشاپ كېلىۋاتقان بولساقمۇ، ھېچبىر قىيىنچىلىق تارتىپ قالغان يېرىمىز يوق. قىزىمىز تۇغۇلۇشى بىلەنلا ئائىلىمىزگە تېخىمۇ بەرىكەت ياغدى، يولدىشىم ئۆزى ئىشلەۋاتقان تۈردە ياخشى نەتىجىلەرنى يارىتىپ جىق مۇكاپاتلارغا ئېرىشتى.
ھەممەيلەن بىلىدۇ، چەتئەلگە ئوقۇشقا چىققانلارنىڭ كۆپىنچىسى دەرستىن سىرت ئانچە-مۇنچە ئىشلىمىسە ئوقۇش مۇكاپاتى بىلەن جان بېقىپ كەتمىكى تەس. جان بېقىپ كەتتى دېگەندىمۇ ئىنتايىن تېجەشلىك بولمىسا بولمايدۇ. لېكىن ئاللاھنىڭ نىئمىتى بىلەن بىز ھازىرغىچە كىشىنىڭ ئالدىدا چىراي سارغايتىپ باقمىدۇق. يولدىشىم ئۆيگە كەلسە خاتىرجەمچىلىك، ئوماق قىزىمىزنىڭ كۈندە يېڭىلىنىپ تۇرىدىغان تاتلىق قىلىقلىرى، ئىسسىق تاماق بىلەن راھەتلىنىپ تەتقىقاتىمۇ ئىنتايىن ئوڭۇشلۇق داۋاملىشىۋاتىدۇ. مەن ئۆزۈممۇ ئىنگلىزتىلىنى ياخشى بىلىدىغان بولغاچ، مەندىن خاتىرجەم يەتتە قىتئەنىڭ ھەممىلا يېرىدە ئايلىنىپ دېگۈدەك يۈرۈۋېرىدۇ. ئاللاھ خالىسا بۇ يىل قوش دوكتورلۇق ئۇنۋانىنى ئالىدۇ. مانا ھازىر ئىككىنچى بالامغا ھامىلىدارمەن، ئاللاھنىڭ ياردىمى بىلەن يولدىشىم كەشىپ قىلغان قۇياش باتارىيىسىگە ئىشلىتىدىغان يېڭى تېخنىكا يېقىندا ئامېرىكا ۋە ياۋروپا پاتېنتىغا ئېرىشتى. ھازىر بۇ پاتېنتىنى سېتىشقا تەييارلىق قىلىۋاتىدۇ، يېڭى بوۋىقىمىزنىڭ بەرىكىتى بولسا كېرەك، ئىنشائاللاھ!
ئائىلە ئايالى بولماق خىزمەتچى ئايال بولماقتىن قىيىن بولسا قىيىنكى، ھەرگىز ئاسان ئەمەس. بالام تۇغۇلغاندىن بېرى بىر كېچە خاتىرجەم ئۇخلاپ باققىنىمنى بىلمەيمەن، بۇغۇ ھەممە ئانىغا خاس ئىش، لېكىن خىزمەتچى ئانا ھېچبولمىسا كۈندۈزى دىققىتىنى باشقا ئىشلارغا بۇرىيالايدۇ، بىز 24 سائەت بالىنىڭ يىغلىغان، كۈلگەنلا ئاۋازىنى ئاڭلاشقا، بارلىق پىلانلىرىمىز، ئۆگىنىشىمىز، ھەممىلا ئىشىمىزنى بالىمىزغا توغرىلاشقا مەجبۇرمىز. ئەرنىڭ خىزمىتىنى قىلىشنىغۇ دېمەيلا قويايلى. ئۆيدىكى تۈگىمەس ئىشلار، يەنە كېلىپ ئوخشاش ئىشنىڭ كۈندىلا تەكرارلىنىپ تۇرمۇشتا ھېچبىر يېڭىلىقنىڭ بولماسلىقى ئادەم جىسمانىي جەھەتتىنمۇ بەكرەك روھىي جەھەتتىن خورىتىۋېتىدۇ.
جاھاندا جاپا تارتماي ھالاۋەتكە ئېرىشىدىغان ئىش يوق، ئىشقىلىپ تارتقان جاپايىم بىلەن خوشاللىقىمنى سېلىشتۇرسام، ھېچ سېلىشتۇرغۇسىز دەرىجىدە بەختلىكمەن. توي قىلغان تۆت يىلدىن بۇيان ئېرىم ئىككىمىزنىڭ مۇھەببىتىمىزمۇ قىلچىلىك سۇسلاپ قالغىنى يوق، نەگىلا بارسا شاكىلات چاغلىق بولسىمۇ سوۋغا ئەكىلىشنى ئۇنۇتمايدۇ. «ئۆيدە سېنىڭ بارلىقىڭنى ئويلىسام يۈرىكىم بەك توق تۇرىدۇ، نەگىلا بارسام ئۆيگە كەتكۈملا كېلىدۇ» دەپ خوشال قىلىدۇ.
دېمەكچى بولغىنىم، ئەگەر ئاللاھ رىزالىقى ئۈچۈن، بىر ئەرنى رازى قىلىپ ئاللاھنىڭ جەننىتى كۆزلىگەنلىك مەقسىتى بىلەن ئۆيدە ئولتۇرغان بولسىڭىز ئانچىكى گەپلەر ئۈچۈن خىزمەتكە قايتماڭ. بىر قايتىپ قايتا تاشلىمىقىڭىز بەك قىيىن. ھەممە نەرسىنى تېپىۋالغىلى بولىدۇ، ئىماننى تېرىۋالغىلى بولمايدۇ. رىزىقنى بەرگۈچى پەقەت بىر ئاللاھتۇر، قانداقلا قىلسىڭىز ئاللاھ ئىرادە قىلغان رىزىقتىن ئارتۇق بىر نەرسىگە ئېرىشمەيسىز.
خىزمەت قىلىپ چارچىغاندا، ئائىلە ئايالى بولۇپ قالسامچۇ، دەيدىغانلارغا نەسىھەت، ئائىلە ئايالى بولۇش راھەتكە چىقىش ئەمەس، بەلكى راھەتتىن جاپاغا كېلىش جەريانىدۇر. بۇنى پەقەت يۈكسەك ئېتىقاد ۋە پاك مۇھەببەتلا كۆتۈرۈپ كېتىدۇ. بولمىسا، مەجبۇرلۇق سەۋەبىدىن ئۆيدە ئولتۇرغان بولسا، ئايال كىشى ئۆزىنى دوزاختا تۇرۇۋاتقاندەكلا ھېس قىلىدۇ خالاس...