ئىگىسى: كۇبرى

سىقىلمىغىن يۈرىكىم   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
21373
يازما
68
تېما
3
نادىر
0
جۇغلانما
68
تىزىملاتقان
2011-12-31
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-17
توردا
26 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-7 12:42:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
bibaha.cn يوللىغان ۋاقتى  2012-1-6 23:56
مەن ئاددى كاللام بىلەن چۈشۈنەلمىدىممۇ ياكى سۆز مەنا ت ...

     ھە   ئادەم ئالدىراپلا يېزىلغان تېما ئىدى......
ئىككىنجى ئابزاستىكى ئاساسلىق ئىپادە  قىلغان مەقسىتىم: ئادەم كۆپ جايدا راستىنلا يۈرىكىم سىقىلىدۇ، كېيىنچە يۇقىرى ئاۋازدىنمۇ، سۇدىنمۇ يۈرىكىمنىڭ سىقىلىدىغانلىقىنى ھېس قىلدىم. يۈرىكىمدە مەسىلە بارمىكىن دېسەم تېخى.... ئادەملەر كۆپ جايدا بېشىم قېيىپ، پۇت-قولۇمدا جان قالمايدۇ. شۇڭا ئالدىراپ بازار چۆرگىلىمەيمەن. مەنمۇ قاينام-تاشقىنلىقنى ياخشى كۆرمەيدىغانلاردىنمۇ ئەمەسمەن........ شۇ ئۆزۈمنى بىلگەندىن تارتىپ ئېھتىيات قىلىدىغان بولدۇم.
       ئۈچىنجى ئابزاستا ھازىرقى ئادەملەر ھەممىسى ئۆزىنىڭ ئىشى بىلەن ئالدىراش، بولۇپمۇ تەرەققى قىلغان شەھەرلەردە تېخىمۇ شۇنداق. ئالدىراشچىلىقتىن بىرى-بىرىنى سوقىۋەتسىمۇ كەچۈرۈم سوراشقا ھەم ئاچچىقلىشقا ئۈلگۈرۈشمەي يەنە ئۆزىنىڭ يولىغا مېڭىشىدۇ.  ئادەم ياشايدىكەن ، ئادەملەر توپىدىن ئايرىلالمايدۇ، ھەرخىل مەقسەتلەر بىلەن بىر رايوندا ئۆز مەۋجۇتلۇقىنى ساقلايمەن دەيدىكەن، ئادەملەر ئارسىغا شۇڭغىماي ئامالى يوق. رىقابەت، ئارزۇ-ئۈمىدلەر نۇرغۇنلىرىمىزنى ئۆز خاھىشلىرىمىزنى يىراقلارغا تاشلاپ يەنە شۇ ئادەملەر ئارسىدا ئۆزىنىڭ مەۋجۈتلىقىنى ساقلاشقا مەجبۇر قىلىدۇ.
        شۇنداق، بەزەن سەن ياقتۇرمىغان ئىشلىرىنىڭنى قىلىشقا مەجبۇر بولىسەن. ئامالىڭ قانچە ياشاش، تىرىكچىلىك سېنى ھەر جاپالارغا سالىدۇ، ھەر كويلارغا سالىدۇ. ھەم سېنى يەنە شۇ سېنىڭ يۈرىكىڭنى سىقىدىغان تونۇش ھەم ناتونۇش ئادەملار ئارىسىغا بىلىپ-بىلمەي شۇڭغۇتىدۇ، رىقابەتلىشىشىكە ئۈندەيدۇ، ئۆزۈڭنىڭ بىر كىشىلىك ئورنىڭنى تېپىش ئۈچۈن تىرىشىش كېرەكلىكىڭنى ساڭا بىلدۈرىدۇ.
       بۇ گەپلەردە ئىستىلىستىكىلىق ۋاستىلەر كۆپرەك ، ياخشى ئوقۇسىڭىز بەلكىم دېمەكچى بولغىنىمنى چۈشىنەرسىز، رەھمەت ياخشى پىكىر بەرگىنىڭىزگە.  داۋاملىق پىكىرلىشىشىمىزنى ئۈمۈد قىلىمەن.

UID
21373
يازما
68
تېما
3
نادىر
0
جۇغلانما
68
تىزىملاتقان
2011-12-31
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-17
توردا
26 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-7 13:19:29 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
kaymas يوللىغان ۋاقتى  2012-1-7 12:20
شىئىرىڭىزنى ياقتۇردۇم ۋە ئىپادىلگەن مەنانىمۇ چۈشەندى ...

     مەن يەنىلا ياقتۇردۇم ، بولۇپمۇ ‹‹ يۈرەكتىن يۈرەككە يول بولسا پىنھان ، بىراۋلاردىن كۈتمىگىن ئۈمۈد،  قەسەم ئىچىپ توقاسا يالغان››  دېگەن بۇ مىسرالارنى بەك ياقتۇردۇم. دېمىسىمۇ ھازىر يالغانچىلارغا ئىشىنىدىغانلار بەك كۆپ. كۆپ نەرسىلەر ساختىلىشىپ كەتتى دېسەكمۇ ئارتۇق كەتمەس.
      مېنىڭ يۈرىكىمگە ئۆز يۈرىكى ئارقىلىق پىنھان يول سالالايدىغان بىرسىنىڭ بارلىقىغىمۇ ئىشىنىمەن.
       رەھمەت سىزگىمۇ

ئۈمىدلىك ئەزا

ۋىجدانلىق ئادەم

UID
2695
يازما
15
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
285
تىزىملاتقان
2010-6-8
ئاخىرقى قېتىم
2012-5-21
توردا
3 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-7 13:59:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چوقۇم بولىدۇ.
سز غۇلجدىنمۇ؟ مىنىڭ ئۇ يەردە كۆرۈشمىگىلى 20 يىلدىن ئاشقان بىر ئاكام بارئىدى. يىللار نىمىدىگەن تىز ئۆتكەن ھە!

UID
21373
يازما
68
تېما
3
نادىر
0
جۇغلانما
68
تىزىملاتقان
2011-12-31
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-17
توردا
26 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-7 17:37:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
kaymas يوللىغان ۋاقتى  2012-1-7 13:59
چوقۇم بولىدۇ.
سز غۇلجدىنمۇ؟ مىنىڭ ئۇ يەردە كۆرۈشمىگىل ...

   شۇنداق مەن غۇلجىنىڭ تاغلىرىغا، باغلىرىغا، سۇلىرىغا، چەكسىز كەتكەن يايلاقلىرىغا قېنىپ چوڭ بولغان غۇلجا قىزى. يىللار شۇنداق ئىكەن، بىزگە تۇيدۇرماستىن بىزنىڭ ھاياتىمىزنى ئاستا-ئاستا ئوغۇرلاپ كېتىدىكەن....كەينىمىزگە قارىساق بىزنىڭ سىمايىمىز ئاللىقاچان يىراقلاردا قالغان. يىللار كىملەرنى قېرىتمىغان دەيسىز. مانا مەنمۇ بىغۇبار چاغلىرىم بىلەن خوشلىىشپ ياشلىق ھاياتىمنىڭ ئەگرى-توقاي يوللىرىدا ھاياتلىق ئۈچۈن كۈرەش قىلىپ كېتىپ بارىمەن............
             سىز نېمە سەۋەبلەر بىلەن ئۇ ئاكىڭىز بىلەن كۆرۈشەلمىدىڭىز؟ قانداق ئاكىڭىز بولىدۇ؟  ئەگەر شارائىت يار بەرسىلا چوقۇم دىدارلىشىڭ چۈنكى ياراتقۇچى ھەرقانداق ۋاقىتتا بەندىسىنى ياش، قېرى دېمەي  ئۆز دەرگاھىغا  ئېلىپ كېتىشى مۇمكىن.

UID
2305
يازما
14
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
526
تىزىملاتقان
2010-5-30
ئاخىرقى قېتىم
2012-2-18
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-7 17:45:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يېزىپسىز،شۇ تاپتا مېنىڭمۇ يۈرۈگۈم سىقىلىپ كېتىۋاتىدۇ...

UID
9109
يازما
24
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
775
تىزىملاتقان
2011-2-5
ئاخىرقى قېتىم
2012-5-27
توردا
4 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-30 15:05:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
kaymas يوللىغان ۋاقتى  2012-1-7 12:20
شىئىرىڭىزنى ياقتۇردۇم ۋە ئىپادىلگەن مەنانىمۇ چۈشەندى ...

مۇھەممەتجان قايماس ئۇستازنى بۇ يەردە ئۇچرىتىپ خۇش بولدۇم

UID
26834
يازما
29
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
29
تىزىملاتقان
2012-1-19
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-12
توردا
50 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-30 16:45:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   پىسخىك توسالغۇ پەيدا بولغاندا، كۆزىڭىزنى يۇمۇۋېلىپ گۈزەل نەرسىلەرنى ئويلاڭ. بولمىسا ھەممە نەرسە سەت بولۇپ كۆرۈنىدۇ، روھىي بېسىم تېخىمۇ ئېغىرلايدۇ.

UID
26834
يازما
29
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
29
تىزىملاتقان
2012-1-19
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-12
توردا
50 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-30 16:59:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يۈرىكىم سىقىلدى،
ئادەملەر ماڭا تىكىلىپ مەسخىرىلىك كۈلۈۋىدى،
كوچىلار مېڭىپ كەتتى.
مەن ئۈچەيدەك ئۇزۇن كوچىلارنىڭ كەينىدىن قاراپ تۇرغانىدىم،
ياخشىلىق تۇيۇقسىز يامانلىقنىڭ ئىچىگە سىڭىپ كەتتى.

بىر تۈركۈم ئورگانىزملار
مېتابولىزم بىلەن ئالدىراش مەشغۇل بولماقتا،
خۇددى بۇ ئۇنىڭ ھاياتلىقتىكى ئەڭ جىددىي ۋەزىپىسىدەك.
مەن توختاپ قالغان ئاشقازىنىمنى ئويغىتىۋەتمەسلىك ئۈچۈن،
ئاستا تېلېفۇنىمنى ئالدىم
ئاپامغا تېلېفۇن ئۇردۇم،
پۇل
پۇل--ئاپامنىڭ يانچۇقىدا سۇلايماننىڭ خەزىنىسىدەك.

ئازغىنە
ئەمما ماڭىلا تەۋە بولغان ھەقسىز ھەق بايلىق،
شەھەر بۇرجەكلىرىدە
كىملەرنىڭدۇر يانچۇقلىرىغا ئېقىپ كەتمەكتە.
ئاشپەزلەرنىڭ قوللىرى،
تورخانىنىڭ يوللىرى،
خوجايىننىڭ خوتۇنلىرى
خوتۇنلارنىڭ خوجايىنلىرى
مېنىڭ پۇللىرىمنى شورىماقتا،
قان يېتىشمىگەن يۈرىكىم سىقىلماقتا،
ئازغىنە پۇلنى كۆتۈرگەن «مەن»
قاراڭغۇلۇق ئىچىگە تىقىلماقتا.
قارا،
قانچىلىغان ياخشى نىيەتلەر
قان يېتىشمەي
دوختۇر ئالدىدا يىقىلماقتا.

باھا سۆز

كۇبرى  شېئىرىڭىزنى ياقتۇردۇم، ئادىل تۇنىيازنىڭ شېئرىنى ئوقۇغاندەك بولدۇم.  يوللىغان ۋاقتى 2012-1-30 19:11:37

UID
28342
يازما
3
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
3
تىزىملاتقان
2012-2-1
ئاخىرقى قېتىم
2012-2-1
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-1 22:18:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ تۇيغۇ مەندىلا ئەمسكەن ................سىزدىكى بۇ تۇيغۇ بىر ئككى ئغىز گەپ بىلەن تۈگمەيدۇ.مەېنىڭ غۇلجىغا بەكمۇ بارغۇم بار 8 ئايلاردا بېرشنى ئويلشۋاتمەن .ئۆمرۈم بولسا.بەكلا گۈزەل دەيدىغۇ.بىزنىڭ بۇ يەردىمۇ ئگىز تاغلار بار لىكىن يېشىل ئەمەس دە .سالامەت بولۇڭ خاتىرجملك سىزگە يار بولسۇن.

UID
28251
يازما
22
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
22
تىزىملاتقان
2012-1-31
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-13
توردا
17 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-1 22:44:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىنسان نېمىلا بولمىسۇن ھايات ئۈچۈن كۈرەش قىلىشى كېرەك .كىيىنكى مەنزىلگە دادىل قەدەم باسقاندىلا ئاندىن ھاياتنىڭ لەززىتىنى ھېس قىلالايدۇ.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش