kaymas يوللىغان ۋاقتى 2012-1-6 20:31 
بۇ ھايات چەكىسىز مەنەلارغا تولغان. ئۈمىدۋار ياشاڭ، ئاد ...
سىزگىمۇ ئۇشبۇ شېئىرىمنى سۆز ئورنىدا سوۋغا ئەيلەي.........
يۈرەكتىن يۈرەككە يول بولسا پىنھان،
شۇ يۈرەكنى ئىزدەشكە ئىنتىلەر ئىنسان.
قەلىبلەرگە تولىسمۇ شۇنچە دەرت-ئەلەم،
بەخىتلىكمەن دەپ ئالدىشار بىر-بىرىن.
مەن سۆزلىمەككە مەھكۇممەن،
ھەقىقەتنىڭ يولىنى تامان.
قەلبىم يىغلاپ تۇرسىمۇ شۇنداق،
ياش تۆكمەككە قىلىمەن ئىمكان.
كوچىلاردا سۆزلەشسە يالغان،
بارنى يوق، يوقنى بار قىلغان.
ئاشۇلارنىڭ قىسمىتى شۇدۇر،
ئاڭلىساممۇ بولمايمەن ھەيران.
يالغۇسسىراپ قالغاندەك مىسكىن،
ھەقىقەت دىللاردا ياتار جىم ھامان،
ھەقىقەت يۇشۇرۇنغان ھەر بىر دەقىقە،
قەلىبلەردە ساقلىنار جىمجىت ھەر زامان.
كۆز ياشلىماق بولسىمۇ ئاسان،
قىلالمايمەن بولساممۇ پىنھان.
ياش نېمە قىلىپ بېرەر بىزلەرگە،
گەر بولمىسا ئېنىق بىر نىشان.
ئويغىنىش ئويلىنىشتىن يىراقتا يۈرگەن،
ياشلىرىمىز پۇتلىشىپ يۈرىدۇ ھەريان.
كۆز تاشلىساڭ قىلىقلىرى دىتقا ياقمايدۇ،
بىلىپ-بىلمەي يۈز-كۆزلىرىڭ ياشلانغان.
مەن سۆزلىمەي، سۆزلىسۇن جاھان،
بارچىنى بىزلەرگەئەيلەپ بايان.
قۇياش مۆكسىمۇ پارلاپ چىقار ئەتىسى،
ھەقىقەتمۇ جۇلالىنىپ تۇرار ھەرقاچان.
..............نېمىلەرنى دەپ كەتتىم . ياقتۇرغايسىز