بۈگۈن سىنىپتا ئۆگىنىشكە تىگىشلىك كىتابنى نەچچە سائەت كۆرۈپ بولغاندىن كېيىن ئازراق بېشىمنى ئارام ئالدۇرۇش ئۈچۈن باشقا بىر كىتاب كۆرۈشنى نىيەت قىلىپ سومكامنى ئاختۇرسام، سومكامدا كۆتۈرۈپ يۈرگىلى ئۇزۇن بوپ كەتكەن، بىراق ئوقۇغىلى ۋاقىت يوق، ھەرۋاقىت يۈدۈپ يۈرۈۋاتقان «شىنجاڭ مەدەنىيىتى» ژۇرنىلىنىڭ 2011-يىللىق 5-سانى قولۇمغا چىقىپ قالدى. مۇندەرىجىسىگە بىر قۇر قارىۋەتكەندىن كېيىن «ئۆزەم ھەرجايدىمەن، كۆڭلۈم سەندىدۇر» دېگەن ئىستوندىكى تۇرسۇن قۇربان تۈركەش قەلىمى بىلەن پۈتۈلگەن «تاغ بار يەردە چوققا بار» دېگەن ئەدەبىي خاتىرە ئالاھىدە دىققىتىمنى تارتتى. شۇنىڭ بىلەن ژۇرنالنىڭ 4- بېتىدىن باشلىنىپ 29- بېتىدە ئاخىرلىشىدىغان ئۆزبىكىستان ۋە نەۋائىي توغرىسدىكى ئۇزۇن خاتىرسىنى ئوقۇشنى باشلىدىم.
يازمىنىڭ بېشىدىكى جۈملىلەردىكى ئاپتۇرنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك ھىسىياتىغا قاراپ، ھىجىرەتتىكى(مۇساپىرەتتىكى) قېرىنداشلارنىڭ ۋەتەننى بىزدىن ئوبدان قەدىرلەيدىغانلىقى، نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ۋەتەن مۇھەببىتى ۋەتەندىن ئايرىلغاندىن كېيىن پەيدا بولۇپ قەلبىدە چوڭقۇر يىلتىز تارتىدىغانلىقىنى چوڭقۇر ھىس قىلدىم. چۈنى ياندىكى ھىسىپنىڭ قەدرى يوق دېگەندەك، ياندىكى كىشلەر ۋە شەيئىلەرنىڭ قەدرىنى بەك قىلىپ كىتىپ بولالمايدىكەنمىز. بولۇپمۇ تۈركەشنىڭ ئەنبەر ئاپا ئىسىملىك ئاپپاي بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبىتى ئادەمنىڭ بەدىنىنى تىتىرتىدۇ، قەلبىنى بىرخىل كۈچ سىقىدۇ ۋە نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ نېمە ئۈچۈن ۋەتەن ئۈچۈن ياشاپ، ۋەتەن ئۈچۈن ئۆلىدىغانلىقىنىڭ سىرىنى تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشەندۈرىدۇ. مۇشۇنداق ھاياجانلار ئىچىدە ژۇرنالىنى ئوقۇپ 23- بېتىگە بارسام « قۇرئان كەرىم»دە« بىلىم يىراق چىندە بولسىمۇ بېرىپ ئۆگىنىڭلار»دەپ ئېيتىلغان،-دېگەن بىر جۈملە سۆزى تازا ئىشتىھا بىلەن يەۋاتقان لەغمەندىن چىۋىن چىققاندەك ياكى ئۇزۇن چاچ چىققاندەك كۆڭلۈمنى تۇلىمۇ غەش قىلدى.
ھازىرغىچە مەن «قۇرئان كەرىم»نىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىنى ئون قېتىمدەك ئوقۇپ، مۇنداق بىر ئايەتنىڭ بارلىقىنى كۆرۈپمۇ باقماپتىكەنمەن. شۇنىڭ بىلەن نېمىشقا مۇنداق بىر يەر ئىسىمدە قالمىغاندۇ دەپ ئويلاپ، مەن تۇنۇيدىغان «موللام» ئاغىنىلەرگە تېلفون قىلىپ سورۈشتە قىلدىم. موللام ئاغىنىلەرنىڭ ئېيتىشىچە مۇنداق ئايەت يوق، بۇنى بەزى كىشىلەر ھەدىس دەپ قارايدىغان بولۇپ، بىراق ئۇنى ھەدىس دەپ قارىساقمۇ بۇ دېگەن زەئىپ(1) ھەدىس،-دەپ كىسىپ گەپ قىلىۋەتتى. مەن بۇنى بىر مەنبەدىن ئەمەس ئىككى مەنبەدىن ئىگەللىدىم. شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ گىپىگە بەك ئىشىنىپ بولالماي ياتاققا قايتىپ كېرىپ گۇگۇل تورىنىڭ خەلقئارالىق ئىسمى بىلەن يوقارقى ئاتالمىش ئايەتنى ئىزدىدىم. دەرھەقىقەت خەلقئارادىمۇ ئۇنىڭ زەئىپ ھەدىس ئىكەنلىكىنى دەپتۇكى، ئۇ ھەرگىزمۇ تۈركەش دىيىۋالغاندەك ئايەت ئەمەسكەن. ( ئەگەر سىز قىززىقسىڭىز، مەن ئىنگلىز تىلى بويىچە ئىزدىگەن بولۇپ،Seek knowledge even as far as China دەپ ئىزدىسىڭىز بۇنىڭغا ئائىت ئۇچۇرلارغا ئىگە بولالايسىز.)
شۇنىڭ بىلەن مەن ئۇ موللام ئاغىنەمگە بۇنىڭ يازغۇچىسىنىڭ دىيارىمىزدىكى ئەڭ داڭلىق ئالىي ئوقۇل بولۇشى بىلەن ھەم نۇرغۇن بىزدىكى داڭلىقلارنىڭ مۇشۇ يەرگە يىغىلىپ قالغانلىقى بىلەن ئالدىدىن ئۆتۈپ قالساقمۇ ھۆرمەت بىلەن قارايدىغان شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى فىلولوگىيە ئىنىستوتىنىڭ دوتسېنتى، فىلولوگىيە پەنلىرى دوكتورى ئىكەنلىكىنى، ئەگەر بۇ ئۇچۇرغا پۇختا بولمىسام ئۇ كىشىگە ھۆرمەتسىزلىك قىلغان بولدىغانلىقىمىنى ئېيتقاندىن كېيىن موللام ئاغىنەمنىڭ تېخىمۇ ئۇغۇسى قاينىدى. ئاغىنەم: ئۆمۈر بويى مۇسۇلمانلار چەمبىرىكى ئىچىدە ياشاپ، ئىسلام ئىدىلوگىيەسى بىلەن قۇرانلىنىپ تۇرۇپ ھازىرغىچە «قۇرئان كەرىم» نى بىر ئوقۇپ باقمىغانلىقىغا نەلەتلەر بولسۇن،-دېگەنتى، مەن گىپىنى بۆلۈپ تۇرۇپ، بەلكىم دوكتور ئالدىراش بولغاندىكىن ۋاقتى يەتمىگەندۇ، ياكى ئوقۇشقا خۇش ياقمىغاندۇ،-دېدىم. ئاغىنەم يەنە: ئۇنداق دېمەڭلا، ئۇ ئۆلسە يەنە شۇ كىپەنلەيىمىز، نوغاي مەسجىدىگە ئاچىقىپ مىيىت نامىزىنى چۈشۈرۈپ، ساي قەبرىستانلىقىغا ئاچىقىپ دەپنە قىلىمىز. دېمەك بۇنىڭ ئۇنى بىر ئوقۇپ چۈشۈنۇپ باقمىغانلىقى ئادەمنىڭ كۆڭلۈنى غەش قىلىدۇ. بوپتۇ، ئوقۇمىسۇن دېگەنگە يول قويايلى دېسەكمۇ، مۇبارەك دېنىمىزنىڭ ئاساسىي بولغان ئىلاھىي دەستۇرنى قالايمىقان ئېغىزىدىن چىققانچە نېمە دېسە بولمايدۇ، دېگەنلىرىگە چوقۇم ئىگە بولىشى كېرەك. ئۆزى بىرە سورۇندا ئولتۇرۇپ ئاڭلىۋالغان بىرە ئايەتنى تەكشۈرمەي تۇرۇپ يازغىنى ئادەمنىڭ ئىچىنى ئىلەشتۈرىدۇ. بۇ دوكتۇرنىڭ دوكتۇرلۇقى ئادەمنىڭ سەل گۇمانىنى قوزغايدىكەن، ئىلىمگە ئەستايىدىل ئەمەسكەن،-دېدى.
ھازىر دۇنيادا «قۇرئان كەرىم» نى مۇسۇلمان بولمىغان نۇرغۇن كىشىلەر ئوقۇماقتا، ئۆگەنمەكتە، ئۇنىڭدىكى نەچچە مىلىيۇنلىغان كىشىنى ئۆزىگە قارىتىۋالغاندىكى سىرنى چۈشۈنۈشكە ئۇرۇنماقتا. مۇشۇنداق بىر ۋاقىتتا ھۆرمەتلىك دوكتۇر-تۈركەشنىڭ مەسئۇلىيەتسىزلەرچە يازغان بىر جۈملە سۆزى ئادەمنىڭ كۆڭلىنى ھەقىقەتن تۇلىمۇ يېرىم قىلىدۇ.
ئەلۋەتتە بۇنىڭ گۇناھىنى تۈركەشتىن سىرت، ژۇرنالنىڭ باش مۇھەررىدىنمۇ كۆرۈش كېرەك، ئەلۋەتتە. تۈركەش يازغاننى ئۆتكەلدىن ئۆتكۈزگەندىكى ئەستايدىلسىزلىق مۇشۇنداق بىر چوڭ خاتالىققا يول قويۇش بىلەن، «مىللەتنىڭ يول باشچىسى» دەپ قارىغان بىر تۈركۈم كشىلەرنىڭ، خەلقىمىزنىڭ بارلىقىنى شەكىللەندۈرگەن دىننى چۈشەنمەيدىغانلىقى، ئەڭ مۇھىمى ئۇنىڭ دەستۇرى بولغان «قۇرئان كەرىم» نىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسنى ئىشكاپقا تىزىپ قويۇشقا رازىكى بىرە قېتىم ئوقۇمايدىغانلىقىدەك پاجىئەلىك كۆرۈنۈشنى بىزگە كۆرسىتىپ قويغان. مۇھەرىر بولغان ئادەم ئېلىنغان سىتاتا مەنبەلىرى ئىنىق بولمىغان سىتاتالارنى ئالغانلىقىنىڭ ئۆزىدىنلا، خىزمەتكە بولغان ئەستايىدىللىق، خىزمەت ئەخلاقى قاتارلىقلارنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋېلىش تەس ئەمەس. مۇنداق مۇھەررىرلەرنىڭ قولىدىكى ژۇرنالنىڭ قانداق يۈنىلىشكە قاراپ ماڭىدىغانلىقى، تەقدىرىنىڭ قانداق بولدىغانلىقىنى، مۇنداق ئوقۇتقۇچىنىڭ قولىدىن چىققان ئوقۇغۇچنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى ئويلىسا، ئادەمنىڭ كۆڭلى تېخىمۇ يېرىم بولىدۇ.
شۇڭا ھۆرمەتلىك مۇھەرىر، تۈركەش،
بۇنى يېزىش ئارقىلىق مەن سىلەرنى تىللىۋېلىش، چۈكۈرۈۋېلىش، قاقشىۋېلىشچى ئەمەسمەن. سىلەرگە ۋە سىلەر ئارقىلىق بىر قسىم ئۆزىنىڭ ھازىرغىچە نېمىگە ئەڭ ئىتىياجلىق ئىكەنلىكىنى بىلەلمەي، ئاسماننىڭ ئەڭ ئىگىز يېرىدە كىتىپ بارغان كىشىلەرگە بىر چوڭ ئاگاھلاندۇرۇشنى كۆرۈسىتىپ قويماقچى.
شۇڭا بۇندىن كېيىن بىلمىگەن نەرسە توغۇرلۇق قۇرۇق گەپ ساتماڭلار، بىلمىگەن نەرسىنى(ئاڭلىۋالغان نەرسىنى) راستتەك كۆرسىتىپ يازماڭلاركى، ئۇ توغۇرلۇق ئىزدىنىپ، ھەقىقەت ئايدىڭ بولغاندىن كېيىن يېزىڭلار، بېسىڭلار. شۇ ۋاقىتتا ھېچكم سىلەر توغۇرلۇق ئۇنداق، مۇنداق گەپلەرنى قىلالمايدۇ، خىزمەتكە بولغان ئەستايىدىللىقىڭلارغا قول قويماي تۇرالمايدۇ.
ئاخىردا ئەگەر مەن خاتا گەپ قىلىپ سالغان بولسام «ئەستەغفۇرۇللا»،ئەگەر توغرا گەپ قىلغان بولسام «ئەلھەمدۇلىللاھ».
(1) زەئىپ- ئىشەنچىلىك دەرىجىسى تۆۋەن دېگەن گەپ.
ئەسلى مەنبەسى:
http://www.achil.net/
كۆچۈرۈپ چاپلانغان مەنبەسى:
http://www.izdinix.com/ShowPost.aspx?ThreadID=44473