پۇشكىن ۋە «قۇرئان كەرىم»
ئىلاۋە:
ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 90-يىللىرى شاڭخەي چەت ئەل تىلى ئۇنۋېرسىتېتى ئوتتۇرا شەرىق مەدەنىيىتى تەتقىقات ئورنىنىڭ نەشىر ئەفكارى -«ئەرەب دۇنياسى»دېگەن ژۇرنالدىن «رۇسىيىدە قۇرئان كەرىم»ناملىق بىر ماقالىنى قىزىقىپ ئوقۇغانلىقىم ھازىرقىدەكلا ئېسىمدە.شۇ ماقالىدا بۈيۈك رۇس شائىرى پۇشكىننىڭ مۇسۇلمانلارنىڭ مۇقەددەس كالامى-«قۇرئان كەرىم»نى ئىنتايىن ئىخلاس بېلەن ئوقۇپ چىققانلىقى ۋە ئاجايىپ يۇقۇرى باھا بەرگەنلىكى ھەققىدە مەخسۇس بىر قىسقىچە ئۇچۇر خاراكتىرلىك مەزمۇنلار بېرىلگەن.ئۇنى تورداشلارنىڭ ھوزۇرىغا سۇنۇشنى مەسئۇلىيەت بىلدىم.
مىلادى 15-ئەسىردىن 17-ئەسىرگىچە بولغان ئارىلىقتا لېتۋالىق تاتارلار «قۇرئان كەرىم»نى بېلىروسچىگە تەرجىمە قىلغان.بۇ تەرجىمىنىڭ كۆچۈرۈلمە نۇسخىسى ھازىرغا قەدەر لېنىنگىراد ئۇنۋېرسىتېتىنىڭ شەرقشۇناسلىق ئىنىستىتۇتى كۈتۈپخانىسىدا ساقلىنىپ كېلىۋېتىپتۇ.1789-يىلىدىن 1798-يىلىغىچە بۇ كالام بەش قېتىم قايتا بېسىلغان.1800-يىلى چار رۇسىيە ھۆكۈمىتى ئىسلام دىنىغا ئائىت ئەسەرلەرنى نەشىر قىلىشنى چەكلەيدىغان بارلىق چەكلىمىلەرنى بىكار قىلغاندىن كېيىن قازاندا رۇسىيە بويىچە تۇنجى ئىسلام باسما زاۋۇدى قۇرۇلۇپ ، رۇسىيىدە بۇ بۈيۈك دەستۇر ۋە ئىسلامىي كىتابلارنىڭ نۇسخىلىرى بېسىپ تارقىتىلغان.
1790-يىلىغا كەلگەندە رۇسىيىدە «قۇرئان كەرىم»نىڭ 3-رۇسچە تەرجىمە نۇسخىسى نەشىر قىلىنغان.بۇ تەرجىمە نۇسخا فىرانسىيىلىك شەرقشۇناس ئانتېرى فىرانسۇزچىغا تەرجىمە قىلغان «قۇرئان كەرىم»گە ئاساسەن تەرجىمە قىلىنغان بولۇپ،بۇنى رۇسىيىدىكى يۇقۇرى ئابرويغا ئىگە ئەدەبىياتشۇناس مېخائېل فېرىئوفكىن رۇسچىگە تەرجىمە قىلغان. فېرىئوفكىننىڭ تەرجىمە نۇسخىسى رۇسىيە ئەدەبىيات تارىخىدا ناھايتى موھىم رول ئوينىغان.ئۇ رۇسىيىدىكى تالانىتلىق يازغۇچى ، درامماتروگ بولغاچقا تەرجىمىدە جانلىق،نەپىس ئەدەبىي تىللارنى تاللاپ ئىشلەتكەن.ئۇسلۇبى ئۆزگىچە بولغاچقا نۇرغۇن رۇس يازغۇچىلىرىنىڭ ماقتىشىغا ئېرىشكەن،ھەتتا رۇسىيىلىك بۈيۈك شائىر پۇشكىنمۇ ئۇنىڭغا يۇقۇرى باھا بەرگەن.
«قۇرئان كەرىم»دىكى گۈزەل ئىبارىلىك پارىلەر،چوڭقۇر مەنىلىك ئايەتلەر، پۇشكىندەك يېتۈك شائىرنىڭ قەلبىنى لەرزىگە سالغان.پۇشكىن «قۇرئان كەرىم»نىڭ ئۆز قەلبىنى ھاياجانغا سالالىغان بىردىن بىر ئەسەر ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغان.ھەتتا پۇشكىن «قۇرئان كەرىم» دىن ئالغان ئىلھامى ئاساسىدا «قۇرئان ئىلھامى» ناملىق مەشھۇر شېئىرىنىمۇ يازغان.بۇ شېئىر «يۇلتۇزلار تۈركۈمى پارىسى»دىكى 23-ئايەتنىڭ ئەسلى مەنىسى ئاساسىدا يېزىلغان بولۇپ،يارقىن شېئىرىي تىل ئارقىلىق «قۇرئان كەرىم»دىكى پەلەسىپىۋى مەزمۇنلار مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا بايان قىلغان.رۇسىيە ئەدەبىياتى تارىخىدا بۇ شېئىر دىنىي ئەسەرلەرنى توغرا چۈشىنىشكە يول ھازىرلاش بېلەن بىر ۋاقىتتا ،رۇس كىتابخانلىرىنىڭ «قۇرئان كەرىم»گە بولغان قىزىقىشىنى زور دەرىجىدە قوزغىغان.
ئەسكەرتىش :
مەزكۇر تېما «مىسرانىم تورى»غا يوللانغاندا oghuzkhanئىسىملىك بىر تورداش پۇشكىننىڭ بىر شېئىرىنى ئىنگلىزچىدىن تەرجىمە قىلىپ ئىنكاس شەكلىدە تلۆۋەندىكىدەك يوللاپتۇ:
پۇشكىن مۇنۇ سۆزنى دەپتىكەن :
Russian Poet Pushkin says:
" The chest was cut , removed from it the beating heart,, the angels washed it , replaced it again ! Arise you Prophet move around the world , enlighten the hearts of the people":::::::::::::::::::
تەرجىمىسى :
كۆكسى كېسىلدى،
سوقۇۋاتقان يۈرەك سۇغۇرۇلدى،
پەرىشتىلەر ئۇنى يۇدى ،
يەنە ئەسلىگە سېلىندى .
سېنى ئۆرلىتىپ
جەھاننى كۆرسەتتى
ئې پەيغەمبەر،
كىشىلەرنىڭ قەلبىنى يۇرۇتتى.
يۇقۇرقىسى بەلكىم پۇشكىننىڭ «قۇرئان ئىلھامى» ناملىق مەشھۇر شېئىرنىڭ تەرجىمىسى بولسا كېرەك.
http://bbs.misranim.com/read.php?tid=54712&page=4
ئۇندىن باشقا «قۇرئان كەرىم»گە شۇنچە ئىخلاس قىلغان پۇشكىننىڭ نەسەبى ھەققىدىمۇ ھەر خىل قاراشلار بار.مەن ئىلگىرى پۇشكىننىڭ بىر ئۇچى تاتار مۇسۇلمانلىرىغا تۇتىشىدىكەن دېگەن گەپلەرنىمۇ ئاڭلىغانىدىم.
ئەمما ،oghuzkhan تەمىنلىگەن ئىنتىرنېتتىكى مەنبەلەردىن قارىغانداپۇشكىننىڭ ئەسلى نەسەبى ئەرەب بولۇپ،ئۇنىڭ بوۋىسى ئىبراھىم ھەنىبال (Ibrahim Hannibal ) ئەرەپ ياكى ھەبەشىتانلىق ( ئېرىتارىيە ياكى ئىفوپىيە ) لىك ئىكەن ، كېيىنچە تۈركىيىگە ئاندىن رۇسىيىگە كېلىپ ماكانلاشقانكەن. ئىنگلىزچىدىن تولۇق خەۋىرى بار تورداشلارنىڭ تۆۋەندىكى مەنبەلەردىن پايدىلىنىپ ، پۇشكىننىڭ نەسەبىي ھەققىدە تېخىمۇ تەپسىلى ئۇچۇر بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن:
http://www.meadna.com/business%2 ... %20Hannibalpage.htm