ئابلاجاننى بەك بىلىپ كەتمەيتتىم، بۇرۇن ناخشىلىرىنىمۇ تۈزۈك ئاڭلاپ باقماپتىكەنمەن. بىر ئىش مېنىڭ بۇ بالىنىڭ ناخشىلىرىغا قارىتا قارىشىمنى ئۆزگەرتىۋەتتى.
تەتىللەردە جىيەنىم بىلەن تولا «جەڭ» قىلىمىز. ئاساسلىقى ئۇ گېپىمنى ئاڭلىماي مېنى بوزەك قىلىۋالىدۇ. بىر قېتىم تېلىۋىزور كۆرۈپ ئولتۇرسام شۇنداق بەك جىلە قىلدى، كاللامغا تۇيۇقسىز بۇنىڭغا ناخشا قويۇپ بېرىپ قۇتۇلايچۇ، دەپ ئۇنى قويۇپ بېرىمەن ئۇنىمايدۇ، بۇنى قويۇپ بېرىمەن ئۇنىمايدۇ، مىڭبىر تەستە مۇشۇ ئابلاجاننىڭ «ئوينايدىغان تالا بارمۇ» دېگەن ناخشىسىنى تېپىپ قۇلىقىغا تىقىپ قويسام كۆرۈڭە قىززىقچىلىقنى. بىچارە بالا تىز رېتىمغا يېتىشەلمەي، تېكىستىنى تۈزۈك ئاڭقىرىپ بولالماي پەقەت كەينىدىكى ‹بارمۇ› دېگەن گەپنىلا ئەگىشىپ. ماڭا ئويۇن بوپ بەردى كۈلۈپ. توۋۋا دەيمەن، شۇ ناخشىنى ئاڭلاپلا جىم ئولتۇرماسمۇ، بىر چاغدا قارىسام نېرىقى ئۆيگە چىقىۋېلىپ ئۇسسۇلغا چۈشۈپتۇ... كېيىنچە دائىم ماڭا «مەمەتجاننىڭ نېمىسى بار» نى قويۇپ بېرىڭ دەيدىغان بولدى. ئەڭ ئالدى بىلەن مېنىڭ سۆيۈملۈك جىيەنىم شۇنداقلا سۆيۈملۈك جىيەنىمگە ئوخشاش بالىلار ياقتۇرىدىغان مۇشۇنداق بىر يېقىملىق ناخشا مۇزىكىسى ئىشلىگەن ئابلاجانغا رەھمەت ئېيتىمەن.
«كۆڭۈلدىكى سۆز» دە ئابلاجاننىمۇ زىيارەت قىپتۇ. بۇنىڭ ئەھمىيىتى بار دەيمەن. گەرچە بۇرۇندىن يازغۇچى-شائىرلىرىمىز تەرىپىدىن بالىلارغا ئائىت ھېكايە، شېئىرلار يېزىلىپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ بىراق «ئوينايدىغان تالا بارمۇ» دېگەن شېئىردەك ناخشا قىلىنىپ ئىشلىنىپ بالىلار تەرىپىدىن بۇنچىلىك ئالقىشقا ئېرىشىپ باققان ئەمەس. مەن كېچىكىمدىن ئابدۇۋەلى ساتتار ھەم قايسەرجاننىڭ ناخشىلىرىنى ئانچە-مۇنچە تېلىۋىزوردىن كۆرۈپ، ئاڭلاپ كەلگەن. يۈسۈپجان قەييۇمنىڭ «ئەسسالامۇئەلەيكۇم» ناملىق ناخشا پلاستىنكىسىنى ئەينى چاغدا ئاپام ماڭا يەتتە يۈەنگە ئېپ بەرگەن. شۇ پلاستىنكىدىكى ناخشىلار تا ھاززىرغىچە ئېسىمدە. بىراق شۇ چاغلاردىكى شارائىت بىلەن سېلىشتۇرغاندا قانچىلىك ئاتا-ئانا بالىلىرىغا بۇ پلاستىنكىنى ئېلىپ بېرەلەيدۇ... ئابلاجان ھاززىرقى بالىلارنىڭ تەلىپىنى ئاز بولسىمۇ قاندۇردى. بالىلارنىڭ ئورتاق ئارزۇسىغا ۋەكىللىك قىلىدىغان تاتلىق ناخشىلار داۋاملىق چىقىۋاتىدۇ. مەيلى قانداق مەزمۇندىكى ناخشىلار بولسۇن بەزىلىرىدە مۇزىكا شۇنداق ياخشى ئىشلەنگەندەك قىلسىمۇ بىراق يېزىلغان تېكىست كىشىنى بىئارام قىلىدۇ، شۇنچىلىك پۈچەك. ئابلاجاننىڭ تاللىغان تېكىستىگە مەن قايىل، ئەلۋەتتە مۇزىكىسىمۇ شۇنداق يېقىشلىق. «تاشلاپ ئوينايلى» دېگەن ناخشىنى جىيەنىمگە تېپىپ بەرگەنتىم، ئىككىمىز بەك ماسلىشىپ ئويناپ كېتىمىز ئۇسسۇل دېگەننى. (ئەلۋەتتە دىققەتنى تارتىدىغىنى يەنىلا جىيەنىم، ئۇنىڭ بويۇن ئېتىشلىرىنى كۆرسىڭىز... قاچان بوينى چىقىپ كېتەر بۇنىڭ دەپ قورقۇپ كېتىمەن)
مەن بىزنىڭ شىنجاڭدا(بوپمۇ ئۇيغۇرنىڭ ئىچىدە) «مۇزىكا مۇكاپاتى» دېگەن ئۇقۇمنى ئەمدى ئاڭلىدىم. بۇنداق ئىشنىڭ ئاستا-ئاستا تەرەققىي قىلىپ سېستىمىلىق ھالەتكە كېلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. بۇ بىر ياخشى باشلىنىش بولدى. قاراپ باقسام بىزنىڭ نامى بار كىشىلىرىمىزدىن خېلى كۆپ بېرىپتۇ.(كامىران ئۇكام مەكتەپ فورمىسىنى كىيىپلا بارغان چېغى) مۇكاپاتنى تارقاتقۇچى كۆپ، ئېرىشكۈچى يوقتەكلا تۇيغۇ بېرىپ قويدى ماڭا. مۇزىكا مۇكاپاتى دېگەندە مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچى ھەممىدىن نوچى بولىدۇ، تېخى مىنۇت ئارىلىقىدا سۆز قىلىش ھوقۇقىمۇ بار(ئەلۋەتتە كۆڭۈل سۆزى كۆپرەك بولسا ۋاقت ئۇزارتىلىپ بېرىلىدۇ). بۇ ئىشقا سەل قاراپ قاپسىلەر.
ئابلاجان ئاۋۇتنىڭ بۇندىن كېيىن تېكىستى سەرخىل، مۇزىكىسى ئويناق بولغان نادىر بالىلار ناخشىلىرىنى داۋاملىق سۇنىشىنى تىلەيمەن، ئىجادىيىتى تېخىمۇ بەرىكەتلىك بولسۇن.