كۆرۈش: 24341|ئىنكاس: 46

«ئابلاجان مۇزىكا مۇكاپاتى» داغدۇغىلىق تار   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

UID
122
يازما
31
تېما
30
نادىر
0
جۇغلانما
941
تىزىملاتقان
2008-10-21
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-23
توردا
11 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-10 14:12:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

تۇنجى نۆۋەتلىك  ئابلاجان ئاۇۋت ئايۇپ مۇزىكا مۇكاپاتى 2011تارقىتىش مۇراسىمى داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى



ئەلكۈيى تورى 10-دېكابىر خەۋىرى:ھەممەيلەنگە مەلۇم بولغاندەك بۇنىڭدىن بىر ئاي مۇقەددەم ياش ناخشىچىمىز ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپنىڭ پىلانلىشى ۋە ئەلكۈيى تورىنىڭ يېقىندىن قوللاپ قۇۋۋەتلىشى بىلەن تۇنجى نۆۋەتلىك ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپ مۇزىكا مۇكاپاتى 2011 قۇتلۇق پائالىيتى باشلانغانلىقى ئېلان قىلىنغان ھەمدە ئەلكۈيى تورىدا ئابلاجان ناخشىلىرى،ئابلاجان ھەمكارلاشقۇچىلىرى،ئابلاجانغا ياردەمدە بولغان ھەرقايسى ساھەلەردىكى ياخشى ئارتىسلار ...دېگەنگە ئوخشاش 11 تۈردىن شەكىللەنگەن  كەڭ تورداشلارنىڭ ئاكتىپلىق بىلەن ئۆزى خالىغان تۈرلەرگە بېلەت تاشلىغىلى بۇلىدىغان مەخسۇس سەھىپە ئېچىلغان ئىدى.ھەمدە ئۇيغۇر تورداشلارنىڭ كۈچلۈك قوللىشىغا،ئاكتىپلىق بىلەن پائالىيەتكە قاتنىشىشىغا نائىل بولغان.


(مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمى زالىدىن بىر كۆرۈنۈش)


2011-يىلى 12-ئاينىڭ 7-كۈنى چارشەنبە ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ يەنئەن يولىغا جايلاشقان ئۈزۈمزار رېستۇرانىدا بۇ قېتىملىق مۇزىكا مۇكاپاتىنى تارقىتىش مۇراسىمى داغدۇغىلىق ھالدا ئۆتكۈزۈلدى ،پائالىيەتكە بۇ پائالىيەتنى ئويۇشتۇرغۇچى ئورۇنلار، مىللىتىمىزدىن چىققان داڭلىق ئاكتىيورلار ، رىياسەتچىلەر ، مۇزىكانتلار ، سەنئەتچىلەر ۋە باشقا ھەر ساھە ھەر كەسىپتىن بولغان مېھمانلار ، ئوقۇغۇچىلار ، ئوماق ، سەبىي بالىلار شۇنداقلا شىنجاڭ تېلىۋىزىيە ئىستانسىسى،شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى ،ئەلكۈيى تور تېخنىكا چەكلىك شىركىتى (ئەلكۈيى تورى)،شىنجاڭ گېزىتى،قانۇنچىلىق گېزىتى.. قاتارلىق ھەرقايسى نوپۇزلۇق تاراتقۇلاردىن بولۇپ600دىن ئارتۇق ئادەم يىغىلغان بولۇپ ، ھەممەيلەن بىرلىكتە ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپنىڭ مۇزىكا مۇكاپاتى2011 مۇراسىمىنىڭ باشلىنىشىغا تەقەززا بولۇپ ئولتۇراتتى .


رىياسەتچى ئابلاجان مۇزىكا مۇكاپاتى 2011تارقىتىش مۇراسىمىنىڭ باشلانغانلىقىنى جاكارلىماقتا



ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 6 يېرىملار ئەتراپىدا ، ئابلاجان مۇزىكا مۇكاپاتى كېچىلىكى رەسمىي باشلاندى ، ئالدى بىلەن ئەلكۈيى تورىنىڭ قۇرغۇچىسى،ئەلكۈيى تور تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ مەسئۇلى مەمەتجان ئۈمىدۋار تۇنجى نۆۋەتلىك ئابلاجان مۇزىكا مۇكاپاتى 2011نىڭ توردىكى بېلەت تاشلاش ئەھۋالى شۇنداقلا ھەرقايسى تورداشلارنىڭ بۇ پائالىيەتكە بولغان قىزغىنلىقى سۆزلىدى ۋە ئۇمۇمىي تاشلانغان بېلەت سانى،ھەرقايسى تۈرلەردىكى بېلەت سانى  ھەم پائالىيەتكە قاتناشقان جەمئىي تورداشلارنىڭ سانىنى ئېنىق سىتاستىكىسى بىلەن سۆزلەپ بەردى.

  
ئەلكۈيى تورىنىڭ قۇرغۇچىسى،ئەلكۈيى تور تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ مەسئۇلى مەمەتجان ئۈمىدۋار مۇكاپاتلاش پائالىيتى ھەققىدە سۆز قىلماقتا


مەمەتجان ئۈمىدۋارنىڭ سۆزىدىن ئېگەللىنىشچە، بۇ قېتىمقى پائالىيەتكە ئەلكۈيى تورى ئارقىلىق بېلەت تاشلىغان جەمئىي IP سانى 80مىڭغا يېقىنلاشقان بولۇپ، ئومۇمىي بېلەت تاشلىغان تورداشلار، ئابلاجان مۇزىكا مۇكاپاتى ئەلكۈيى تورى بېلەت تاشلاش سەھىپىسىنى زىيارەت قىلغانلارنىڭ سانى بىلەن قوشۇلۇپ 500مىڭ ئادەمدىن ئاشىدىكەن.بىر ئايغا يېقىن ۋاقىت ئىچىدە بۇ پائالىيەتكە مۇشۇنداق كۆپلىگەن قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئاكتىپلىق بىلەن قاتنىشىش ئادەمنى تولىمۇ سۆيۈندۈرىدۇ ئەلۋەتتە.بۇنىڭدىن كەڭ قېرىنداشلارنىڭ ئابلاجانغا بولغان قىززىقىشىنىڭ تولىمۇ يۇقىرى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ تۇرىدۇ.


ئارقىدىن بىزنىڭ سۆيۈملۈك دېكتورلىرىمىز ، ئاكتيورلىرىمىز ، سەنئەتكارلىرىمىز ، ئەدەبىيات - سەنئەت خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار بىر - بىرلەپ سەھنىگە چىقىپ ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپ ئورۇندىغان ناخشىلاردىكى ئەڭ ياخشى ئۇسسۇلچى ، ئەڭ ياخشى ئارتىس ، ئەڭ ياخشى مۇزىكا ئىشلىگۈچى ، ئەڭ ياخشى مونتاژ ، ئەڭ ياخشى رېژىسسور ، ئەڭ ياخشى ئوپېراتور ، ئەڭ ياخشى ھەمكارلاشقۇچى،ئەڭ ياخشى تور تەشۋىقاتچىسى ... قاتارلىق تۈرلەر بويىچە تاللانغان نامزاتلارنى ئېلان قىلىپ ، ئۇلارغا مۇكاپات بۇيۇمى تارقىتىپ بەردى ، ئىككى سائەتكە يېقىن داۋاملاشقان ئابلاجان مۇزىكا مۇكاپاتى كېچىلىكى ناھايىتى جۇشقۇن كەيپىيات ئىچىدە ئېلىپ بېرىلدى .

ھەرقايسى تۈرلەر بويىچە مۇكاپاتلاش پائالىيتىدىن كۆرۈنۈشلەر

مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلەر تېزىملىگى

مۇكاپات ئىسمى

مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچى (ياكى ئەسەر)

ئەڭ ياخشى نەق مەيدان ئەسىرى

ئوغۇل بالىلار

ئەڭ ياخشى ھەمكارلاشقۇچى ناخشىچى

Mc Kelly

ئەڭ ياخشى ھەمكارلاشقۇچى ئۆسمۈر ناخشىچى

ئەقىدە يالقۇن،دىلارە ئادىل،كامران كامىل،لۇتپۇللا ئابدۇشۈكۈر

ئەڭ سادىق قوللىغۇچى

روھلان

ئەڭ ياخشى ئۇسسۇلچى

ئىرشات ئەبەي

ئەڭ جەزبىدار ئوبراز

ئەسكى

ئەڭ ياخشى دوستانە قوللىغۇچى

ئا سىتۇدىيىسى،مەدىنىيەت-سەنئەت مەكتىپى،كىچىك چولپان ئۇسسۇل تەربىيلەش مەركىزى

ئەڭ نادىر ناخشا

ئوماق جانانىم

ئەڭ ياخشى يېڭى  ھەمكارلاشقۇچى

شىرىنئاي مىرادىل

ئەڭ ياخشى مۇنتاژ

ھەزرىتى ئىلى سابىر

ئەڭ ياخشى ئارتىس

زۇبەيدە تۇرسۇن ۋە مالىك بەكتۇر

ئەڭ ياخشى لايھېلىگۈچى

ھەزرىتى ئۆمەر سابىر

ئەڭ ياخشى سۈرەتلىك ناخشا

ئەسكى

ئەڭ نادىر بالىلار ناخشىسى

مەشرەپ ناۋاسى

ئەڭ چوڭ ئۈمىد

خېلىل بۇغرا، يەھيا يالقۇن

ئەڭ ياخشى تور تەشۋىقاتچىسى

دىلشات ئەركىن

ئەڭ ياخشى چالغۇلاشتۇرغۇچى

تۇرسۇنجان ئۆمەر

ئەڭ ياخشى ئىشلەنگەن ئۇسسۇل

ئوماق جانانىم (زۇلپىيە تۇرۇپ،پىردوس تۇرغۇن،ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپ)

ئەڭ ياخشى ئىجادىيەتچى

ئابلىكىم ھەسەن

ئەڭ ياخشى ئاۋاز تەڭشىگۈچى

مەۋلان مەمتىمىن، ئەسقەر سېيىت

ئەڭ ياخشى رىژىسۇر

مەمەتجان ئابدۇقادىر (ئەسكى)

ئەڭ چوڭ تۆھپىكار

مەمتىمىن ئابدۇجىلىل

ئەڭ ياخشى گۇرۇپپا

Dsp گۇرۇپپىسى



شىنجاڭ تېلىۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ رىياسەتچىسى ئۈمىد غېنى مۇكاپاتلانغۇچىنى ئېلان قىلماقتا ۋە مۇكاپات تارقاتماقتا

شىنجاڭ تېلىۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ رىياسەتچىسى  مۇنىرە غۇپۇر مۇكاپاتلانغۇچىنى ئېلان قىلماقتا ۋە مۇكاپات تارقاتماقتا


تالانتلىق ئاكتىيور ئابدۇرېھىم راخمان مۇكاپاتلانغۇچىنى ئېلان قىلماقتا

تالانتلىق ئاكتىيور،رىژىسسور جۈرئەت ۋايىت مۇكاپاتلانغۇچىنى ئېلان قىلماقتا

يىتىشىۋاتقان ياش سەنئەتكار،ئىتوتچى مەمەتجان ئابدۇقادىر مۇكاپاتلانماقتا

لايھىلىگۈچى ھەزرىتىئۆمەر سابىر مۇكاپاتلانماقتا

شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى 107.4سەنئەت رادىيوسىنىڭ باش نازارەتچىسى ھەجەرگۈل قاسىم مۇكاپاتلانغۇچىنى ئېلان قىلماقتا

ھۆرىيەت كىنو-تىلىۋىزىيە شىركىتىنىڭ مەسئۇلى،<<مىليون گۈل>>فىلىمىنىڭ رىژىسسورى ئابلىز ئابدۇرېشىت مۇكاپاتلانغۇچىنى ئېلان قىلماقتا

شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىنىڭ رىياسەتچىسى مەۋلۇت ئىبراھىم مۇكاپاتلانغۇچىنى ئېلان قىلماقتا

تالانتلىق ياش ناخشىچى ئابدۇغېنى ئابلىكىم مۇكاپاتلانغۇچىنى ئېلان قىلماقتا

شىنجاڭ تېلىۋىزىيە ئىستانسىسنىڭ رىياسەتچىسى ماھىرە ئابدۇغېنى مۇكاپاتلانغۇچىنى ئېلان قىلماقتا

شىنجاڭ تېلىۋىزىيە ئىستانسىسنىڭ رىياسەتچىسى شەمسىيە ئەبەيدۇللا مۇكاپاتلانغۇچىنى ئېلان قىلماقتا

شىنجاڭ تېلىۋىزىيە ئىستانسىسنىڭ رىياسەتچىسى نازىگۈل تۇرسۇنجان مۇكاپاتلانغۇچىنى ئېلان قىلماقتا

ئەلكۈيى تور تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ مەسئۇلى،ئەلكۈيى تورىنىڭ قۇرغۇچىسى مەمەتجان ئۈمىدۋار مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچىنى ئېلان قىلماقتا

مۇنىرە غۇپۇر مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچىلەرگە مۇكاپات بويۇمى تارقاتماقتا

قارلۇق مېىدىيا شىركىتىنىڭ مەسئۇلى پەخرىدىن قارلۇق مۇكاپاتلانغۇچىنى ئېلان قىلماقتا

تەپمە ئۇسۇل شاھى يۈسۈپجان قەييۇم مۇكاپاتلانغۇچىنى ئېلان قىلماقتا


ياش ناخشىچى،مۇزىكانت مەۋلان مەمتىمىن مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچىنى ئېلان قىلماقتا

ئابلىز ئابدۇرېشىت مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچىگە مۇكاپات تارقاتماقتا

ئۇستاز ئوپىراتور ھامۇتجان رەھمىتۇللا مۇكاپاتقا ئىرىشكۈچىنى ئېلان قىلماقتا

ھامۇتجان رەھمىتۇللا مەمتىمىن ئابدۇجىلىلغا  مۇكاپاتقا بۇيۇمى تارقاتماقتا

ياش ناخشىچى،مۇقام ئىزباسارى شىرئەلى ئەلتىكىن مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچىنى ئېلان قىلماقتا

ساخاۋەتچى ئاتىلار كوللىكتىپىنىڭ قۇرغۇچىسى ھەسەنجان ئابدۇراخمان كۆڭۈل ئىزھارىنى بايان قىلماقتا


مۇكاپاتلار تارقىتىلىپ بولغاندىن كېيىن ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپ ئۆزىنىڭ جۇشقۇن ئۇسۇللىرى ۋە نىقاپلانغان كىيىملىرى بىلەن سەھنىگە پەيدا بولدى ۋە ئارقا-ئارقىدىن بىر قانچە ناخشىنى نەق مەيدان ئورۇنلاپ بولغاندىن كىيىن  بۈگۈنكى مۇزىكا كېچىلىكىگە قاتنىشىپ بەرگەن بارلىق مېھمانلارغا چىن كۆڭلىدىن رەھمىتىنى بىلدۈردى ،

ئۇ مۇنداق دېدى : بۈگۈن مەن ناھايىتى خۇشال ، مېنى قوللاپ ، ماڭا مەدەت بېرىپ ، ماڭا يېقىندىن ياردەم قىلغان كىشىلەرگە ئەڭ ئوتلۇق سالىمىمنى يوللايمەن ، بۇ مېنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك مۇزىكا مۇكاپاتى تارقىتىش كېچىلىكىنى ئۆتكۈزۈشۈم بولغاچقا ، بەزىبىر سەۋەنلىكلەردىن خالىي بولالمىدۇق ، لېكىن بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ ياخشى بولۇپ كېتىدىغانلىقىغا ئىشەنچىم كامىل ، ئاخىرىدا مېنىڭ ناخشىلىرىمنى ياقتۇرۇپ ئاڭلىغان ، ماڭا ياردەم قىلغان بارلىق كىشىلەرگە يەنە بىر قېتىم رەھمەت ئېيتىمەن .

ئەلكۈيى تورى مۇخبىرى مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمى  داۋامىدا بۇ قېتىمقى پائالىيەتكە قاتناشقان تاماششىبىنلار ۋە بىر قىسىم ئالاھىدە تەكلىپلىك مېھمانلار بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردى.


كامالىي ئېھىتىرام بىلەن :
ئەلكۈيى تور تېخنىكا چەكلىك شىركىتى
ئەلكۈيى تور بېكىتى
2011-يىلى 12-ئاينىڭ 09-كۈنى


ئىزاھات: مەزكۇر تېمىنى ھەرقانداق سەۋەب بىلەن قالايمىقان يۆتكەشكە ،باشقا مۇنبەر ۋە تور بېكەت،بلوگلارغا چاپلاشقا بولمايدۇ.


ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

UID
11404
يازما
18
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
318
تىزىملاتقان
2011-5-20
ئاخىرقى قېتىم
2012-4-13
توردا
30 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-10 18:22:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇنداق قىلىپ كىملەر مۇكاپاتقا ئېرىشىپتۇ ؟

UID
7028
يازما
105
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
3239
تىزىملاتقان
2010-11-4
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-24
توردا
7 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-10 18:37:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن داغدۇغىلىق بوپتۇ ،بۇلارنىڭ ھەممىسى تېرىشىشنىڭ مەھسۇلى ،پۇرسەت بولغان بولسا ئابلاجاننىڭ نورۇز بايرىمىدا بىزنىڭ ئونۋېرىستىتقا كېلىپ، ناخشىلىرىنى بىزدەك يۇرتىدىن ئايرىلىپ ئىچكىردە ئوقۇقىۋاتقان بالىلارغا سۇنۇپ ،بىزگە بىر روھى ئۇزۇق ھەمدە ئالاھىدە مەدەت بەرگەن بولسا ھەقىقەتەن ياخشى بۇلاتتى دەپ ئويلايمەن ، ئۇنىڭ ۋە بۇ پائالىيەتكە قاتناشقان مەردانە چولپانلىرىمىزنىڭ مۇبارەك قەدىمىگە ئوتتەك تەشنالىقمنى بىلدۈرىمەن،ئىشىنىمەنكى ئابلاجان ئۆزىمۇ ناھايىتى ئاقكۆڭۈل ياش ئىجادكار ھەمدە تۆھپىكار ،ئۆزىنىڭ كەمتەرلىكى ۋە تالانتى بىلەن بىزنىڭ خەلقىمىزنىڭ جۈملىدىن بۇپائالىيەتكە قاتناشقان ئۇيغۇر سەنئىتىنى يېڭى بىر تەرەققىيات -گۈللىنىش دەۋرىگە ئېلىپ كىرگەن ھەمدە ئۇچۇر -ئاخپارات سەھىپىلىرىدە خەلقىمىز ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشقان  سۆيۈملۈك چولپانلىرىمىز ،ئۆزكەسپىنى پۇل تېپىىشنىڭلا ۋاستىسى قىلىۋالماستىن ،خەلقنىڭ ھالىغا -ھال،دەردىگە دەرمان بولغان قىسقىسى خەلىقنىڭ ئوتىدا كۆيۈپ ،سۈيىدە ئېقىۋاتقان تۆھپىكارلىرىمىزنىڭ ئىشلىرىنىڭ تېخىمۇ ئوڭۇشلۇق بولىشىنى چىن دىلىمدىن ئۈمىد قىلىمەن ،سىلەر مۇشۇ باھاغا مۇناسىپ كىشىلەردۇر

كۆيۈمچان ئەزا

ئادەمدەك ياشالم

UID
2048
يازما
66
تېما
3
نادىر
0
جۇغلانما
1776
تىزىملاتقان
2010-5-26
ئاخىرقى قېتىم
2012-2-16
توردا
3 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-10 20:46:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئەسسالامۇ - ئەلەيكۇم!
شۇنداق ئەھمىيەتلىك پائالىيەت بوپتۇ.........
ئابلاجاننىڭ شۇ جۇشقۇن ھەم كۆتۇرەڭگۈ ناخشىللىرى توختاپ قالمىغاي.


ئەھمىيەتلىك بىر كۈن!

UID
18188
يازما
5
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
50
تىزىملاتقان
2011-12-10
ئاخىرقى قېتىم
2011-12-10
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-10 21:09:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىللىتىمىزنىڭ كىنو-سەنئەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن يىڭى بىر بۆسۈش خاراكتىرلىك پائالىيەت بوپتۇ.

ئويۇنچى

UID
5189
يازما
571
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
18035
تىزىملاتقان
2010-8-30
ئاخىرقى قېتىم
2012-2-16
توردا
2 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-10 21:41:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەكمۇ كاتتا ئىش بوپتۇ ، ئابلاجاننىڭ ئىجادىيەتلىرىگە ئۇتۇق تىلەيمەن ، شوخ ناخشىلىرىنىڭ مەڭگۈ توختاپ قالماسلىقىنى ئۈمۈت قىلىمەن .  مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچىلەرنىڭ تىزىملىكىنى ئېلان قىلماپتۇ دە ؟

ئاينىڭ ئون بەشى يۇرۇق ،ئون بەشى قاراڭغۇ!!!

UID
9747
يازما
18
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
180
تىزىملاتقان
2011-2-26
ئاخىرقى قېتىم
2011-10-1
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-10 21:53:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كىم نىمە مۇكاپاتقا ئىرىشتى دىگەندەك نەسلەردىن ئەسەر يوققۇ؟

UID
10525
يازما
310
تېما
3
نادىر
0
جۇغلانما
3520
تىزىملاتقان
2011-4-1
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-26
توردا
122 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-10 22:47:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ يۇقىرىدىكىلەردەكلا ئويلاپ قالدىم . ئەسلى بۇ خەۋەرنىڭ جەۋھىرى قانداقتۇ كىملەرنىڭ مۇكاپات تارقاتقانلىقىنى  ئېيتىش ئارقىلىق مۇكاپات كېچلىكىگە  چولپانلىرىمىزنىڭ قايناشقانلىقىنى كوز - قوز قىلىش ئەمەس بەلكى مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچىلەرنى ئاساسى ئورۇنغا قويۇش ئارقىلىق ئۇلارغا ئىجابى ئىلھام بېرىش بولىشى كېرەك ئىدى . بۇ ئەلكۈيىنىڭ خەۋەر بېرىش پىرىنسىپىغىمۇ توغرا كەلمەپتۇ مېنىڭچە ........

كۆيۈمچان ئەزا

شۇنداق بىر كۈنلە

UID
2736
يازما
100
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
3034
تىزىملاتقان
2010-6-10
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-26
توردا
38 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-10 23:03:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىزنىڭ كىنو-تېلۋىزىيە،ناخشا-مۇزىكا مۇكاپاتى جەھەتتىكى بىر بوشلۇقنى تولدۇرۇپتۇ.ھەممە دۆلەت ۋە بىر قىسىم رايۇنلارنىڭ ئۆز ئالدىغا كىنو-تېلۋىزىيە ،سەنئەت،ناخشا-مۇزىكىغا ئائىت تەسسس قىلىنغان ھەرخىل مۇكاپاتلىرى بار.
خەلىقئارالىق مۇكاپاتلارمۇ نۇرغۇن،مەسلەن ئوسكار مۇكاپاتى،گانا مۇكاپاتى قاتارلىق .ئۇلارنىڭ ھەم كىنو بايراملىرى (كىنو فېۋىستىۋالى)بار.
گەرچە ۋەتىنىمىز جوڭگودىمۇ بۇنداق مۇكاپاتلارنىڭ كۆپ ۋە تۈرى جىق بولسىمۇ ئەمما شىنجاڭ كىنوچىلقىمىز ۋە ناخشا-مۇزىكا ساھەسىسدە بۇ خىل تۈردىكى مۇكاپاتلاش بۇلۇپ باقمىغان.قىسمەن كىنولىرىمىز مۇكاپاتقا ئېرشكەن  بولسىمۇ ئۇلار ئاساسەن چەتئەل دۆلەتلىرى ياكى خەلقىئارالىق كىنو  فېۋىستىۋالىدا  مۇكاپاتقا نائىل بولغان.شۇڭا ئابلاجان تەسىسس قىلغان بۇ مۇكاپات گەرچە ئۇلارنىڭكىگە سېلىشتۇرۇشقا بالدۇرلۇق قىلسىمۇ ، تۇنجى قەدەمنى باسقان ئىكەن كېيىنكى قەدەملرىمۇ بۇنىڭىدىن ئۇتۇقلۇق چىقىشقا ئىشەنچىم كامىل.
شەكىل جەھەتتىن ھەر بىر مۇكاپاتنى بىر داڭدار شەخىسنىڭ تارقىتىشىنىڭ ئۆزىلا بۇ قەدەمنىڭ ئاشۇ ئۆزگەرمەس شەكىل بۇلۇپ كېلىۋاتقان كىنو-تېلىۋىزىيە جەھەتتىكى مۇكاپاتلارنىڭ تارقىتىلىشىدىن ئۆرنەك ئالغانلىقنى كۆرىۋېلىشقا بولىدۇ.
كېيىنكى قەدەملىرىنىڭ تېخىمۇ ئۇتۇقلۇق بولۇشىنى ئۈمىد قىلمەن.
ئەسلىي مۇكاپاتقا ئېرشكۈچىلەرنىڭ تىزىملىكى بولغان بولسا تېخىمۇ ياخشى بولار ئىكەن.

شۇنداق بىر كۈنلەر كېلىدۇ،تىرشقاندىلا!!

UID
13981
يازما
20
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
530
تىزىملاتقان
2011-8-14
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-13
توردا
3 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-11 00:18:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇمۇ بىر ياخشى باشلىنىش بوپتۇ...ئابلاجاننىڭ بۇندىن كېيىنكى بارلىق ئىشلىرىغائاسانلىق ۋە مۇۋەپپىقىيەت تىلەيمەن...
     ئابلىز ئابدۇرېشىتنىڭ ھۆرىيەت كىنو ئىشلەش شىركىتى بارلىقىنى بۈگۈن بلدىم..ئۇ شىركەتكە ئانىسىنىڭ ئىسمىنى قۇيۇۋالدىمۇ نىمە؟ بىر يىلى قىزىم قاتتىق ئاغرىپ قالغاندا ئۇنىڭ ئانىسى ھۆرىيەتخان ھاجىم قىزىمنىڭ كېسىلىنى داۋالاپ قويغان ئىدى......

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش