ئىگىسى: asma

جۇڭگو مائارىپى بالىلارنى«دۆتلەشتۈرۋاتىدۇ»     [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
20635
يازما
2
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
2
تىزىملاتقان
2011-12-28
ئاخىرقى قېتىم
2011-12-28
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-28 23:05:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ئورۇنلۇق گەپ بوپتۇ 。

UID
13092
يازما
1
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
1
تىزىملاتقان
2011-7-9
ئاخىرقى قېتىم
2012-1-24
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-21 18:44:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇنداق ئوبزورلارنى مىليون قېتىملاپ يازغان بىلەنمۇ، دۆلەت ئاتىلىرىنىڭ دېققىتىنى قوزغىيالمىسا نېمە ئەھمىيىتى بولسۇن. ھازىرقى رەھبەرلەر ئىت كاپشىپ قېلىۋېرىدۇ، كارۋان يولىغا مېڭىۋېرىدۇ . بىر كۈن ئۆتسە بىر كۈن غەنىيمەت دەيدىغانلاردىن....

كۆيۈمچان ئەزا

مەڭگۈ ئۆزەڭنى يو

UID
1988
يازما
99
تېما
62
نادىر
0
جۇغلانما
3506
تىزىملاتقان
2010-5-26
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-10
توردا
13 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-26 11:51:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جۇڭگو مائارىپىنىڭ 7-چوڭ تۆھپىسى: ئوقۇغۇچىلارنى مۇستەقىل تاللاش ئىقتىدارىدىن غەلبىلىك ھالدا مەھرۇم قىلىش،
ھازىرقى زامان مائارىپى ئوقۇغۇچىلاردا مۇستەقىل تاللاش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈشى كېرەكمۇ ياكى  قارغۇلارچە ئەگىشىش خاھىشىنى يېتىلدۈرىشى كېرەكمۇ؟ شۈبھىسىزكى كىملا بولسۇن ئالدىنقىسىنى توغرا جاۋاب قىلىپ تاللايمىز، بىراق يۇقۇرىدا ئېيتىپ ئۆتكەن نۇرغۇن سەۋەپلەر تۈپەيلى  جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆپۈنچىسىدە قارغۇلاچە ئەگىشىش خاھىشى يېتىلگەن بولۇپ، مۇستەقىل تاللاشنى بىلمەيدۇ، ئوتتۇرا مەكتەپ، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانلىرىدىمۇ ئاتا ئانىلىرى ئارزۇ تولدۇرۇشۇپ بەرمىسە خاتىرجەم بولالمىغاندىن باشقا، خىزمەتنىمۇ ئاتا-ئانىسى تېپىپ بەرمىسە بولمايدۇ.دۆلەتنىڭ مىللەتنىڭ ئىستىقبالى ئۈچۈن، كەلگۈسى ئەۋلاتلارنىڭ بەختى ئۈچۈن سىز بەزىدە قىسمەنلەرنىڭ سىز ئۈچۈن كۆرىستىپ بەرگەن ‹توغرا › تاللاشلىرىغا ئىشەنمىسڭىز تېخى بولمايدۇ.پەقەت باش چۆكۈرۈپ جاپاغا چىداپ ئىشلىسڭىزلا شۇ كۈپايە، باشقىسىدىن غەم قىلىش بىھاجەت،بۇنداق ئەھۋالدا باشقىلارنىڭ سىز ئۈچۈن ‹توغرا يۆلىنىش كۆرسىتىپ بېرىشى›دىن گۇمان قىلىشنىڭ ئورنىمۇ قالمايدۇ.
جۇڭگو مائارىپىنىڭ 8-چوڭ تۆھپىسى شۇكى :- ئوقۇغۇچىلاردىكى ھەقىقى گۈزەللىك ئېڭىنى ئۈستىلىق بىلەن ئايرىۋېتىدۇ، ھەمدە ئۇلارغا  رەزىللىكنى بىمالال ھالدا سىڭدۈرۈپ ،ئاستا –ئاستا رەزىللىكتىن ھوزۇرلىنىشنى ھەتتە قانداق قىلىپ ئۇسىتلىق بىلەن رەزىللىكتىن پايدىلىنىش ئۆگۈتىدۇ.
جۇڭگودىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ تولۇق كۇرس مائارىپىنى باھالاشتىكى ساختىلىقلار ، مەكتەپ پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسبىتىدە ئەيمەنمەستىن يالغانچىلىق قىلىشلار ھەمدە نومۇس قىلماي ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىنى ساختىلىق قىلىشقا ھەمكارلاشتۇرۇش مەسىلىلىرىنى ھەممەيلەن ئېنىق بىلىدۇ، جۇڭگودىكى ئالىي مەكتەپلەردىكى دېپلۇم سودىسى؛  ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىلمىي ماقالىگە ئىشلەتكەن ساختىلىقلىرى، مەكتەپ تەرەپنىڭ ھوقۇقدار ۋە پۇلدارلارغا باش ئېگىپ، خوشامەتچىلك قىلىشلىرىدەك رەزىل ئەھۋاللار شىددەتلىك يانغىنغا ئايلانماقتا.بۇنداق ئالىي  مەكتەپ مۇھىتىنىڭ ئوقۇغۇچىلارنىڭ سەمىمىلىكى ۋە ئەخلاق پەزىلىتىگە قانداق تەسىرلەرنى كۆرسىتىدىغانلىقنى تەسسەۋۋۇر قىلىش ناھايىتى قىيىن،  بۇنداق قازاندا پىشىپ چىققان بالىلارنىڭ قايسى بىرلىرى ھەقىقى سەمىمىلىك ۋە ئاق كۆڭۈللۈككە ئىشنىدۇ دەيسىز، ئېيتىپ كەلسەك  ئالىي مەكتەپلا ئەمەس بەلكى باشلانغۇچتىن تارتىپلا بالىلىرىمىز ساختىلىق بىلەن تولۇپ كەتكەن يۈرۈشلۈك قائىدە تۈزۈملەرنى قوبۇل قىلىشقا باشلايدۇ،  مەسلەن: بالىلار بىرىنچى سىنىپتىن تارتىپلا 6 ، 7 ياشلىق بالا ئەھمىيىتىنى چۈشۈنۈپ يېتەلمەيدىغان  xx ئەترەتلەرگە قاتنىشىشقا باشلايدۇ؛ باشلىقلار تەكشۈرۈپ قالسا، مېھمانلار ئېكىسكۇرسىيەگە كەلسە چوڭ تازىلىق قىلىش؛ تەكشۈرۈشكە ئاكتىپ ماسلىىشىش ۋە  دىققەت قىلدىغان ئىشلار ھەققىدە پات پات تەربيە ئېلىپ تۇرۇدۇ،بۇنىڭدىن باشقا قانداق ئادەمنى كۆرسە قانداق گەپ قىلىش،  ھاللىق جەمئىيەتنى تەكشۈرۈش ئىشلىرىغا يېقىندىن ماسىلىشىش، ئاتا ئانىلارنىڭ پاكلىق ئىستىلىغا نازارەت قىلىش تەرەپلەردىمۇ تەربيە ئالىدۇ، تېخى قىز ئوقۇغۇچىلار رەھبەرلەرنى ئۇسۇلغا تارتىپ ئوينايدۇ... ۋاھاكازا دىگەندەك ۋەزىپىلەر خېلىلا بار.
بالىلىرىمىز ئاتا ئانىسىنىڭ نام ئابرۇي پەرقى ياكى شەھەر يېزا نوپۇس پەرقى دەرىجىسىنىڭ كىشىلەرگە بىۋاستە كۆرسىتىدىغان تەسىرىنى تولا كۆرۈپ كۆنۈپ كەتكەن،ئاتا ئانىلىرىنىڭ يانچۇقىدىن ئۆزلىرىنىڭ ‹‹ ئۆگۈنۈش سالاھىيىتى››نى سېتىۋلىش ئۈچۈن خەجلىگەن ‹‹ ئوقۇتۇش ياردەم پۇلى ئىئانىسى››نى، كىتاپتا بىر خىل ئەمىلىيەتتە يەنە بىرخىل بولىۋاتقان ئەھۋاللارنى، بەزى مەكتەپ بەزى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ھوقۇق  ۋە بايلىق ئالدىدا بەل ئېگىپ خوش خوشلاپ تۇرۇشلىرىنى، مائارىپ سېپىدىكى ئەمەلدارلارنىڭ بېيرۇكىراتلىقلىرىنى، مەكتەپ تەرەپنىڭ ئوچۇق ئاشكارە ساختىلىق قىلىشىنى تولا كۆرۈپ كۆزى پىشىپ كۆنۈپ كەتتى. بۇنداق مۇھىت ئوقۇغۇچىلاردا ھەقىقى ئاق كۆڭۈللۈك سەمىلىلىكنى يېتىلشۈرۈشتە؛ رەزىللىك ساختىلىقلارنى پەس كۆرۈشتەك توغرا پەزىلەتنى يېىتلدۈرىشىدە  پاسسسىپ رول ئوينىماي قالمايدۇ،
بەزى ئوقۇغۇچىلىرىمىز شۇنداق قىلىپ ئالدىدا بىر خىل كەينىدە بىر خىل سۆزلەيدىغان ،ئاغزىدا دىگەننى ئەملىيەتتە قىلمايدىغان، ماقالە يازغاندا بىر خىل ئەمىلى تۇرمۇشتا بىر خىل بولغان، ئىككى يۈزلىمە، ساۋاقداشلىرىنى ئۆزىگە شوتا قىلىپ دەسسەپ يۇقۇرىغا يامىشىدىغان، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ دەرسلىك مەزمۇنىنى  مەلۇم تارماقلارغا مەخپىي چاقىدىغان، ساختا ئىشقا ئورۇنلىشىش كېنىشكىسىگە ئۆزىنىڭ  مەكتەپ پۈتتۈرۈش گۇۋاھنسمىسنى تېگىشىدىغان، ئاۋام ئالدىدا شۇئار توۋلاپ ئارقىدىن ئاغزىنى پۈرۈشتۈرۈپ زاڭلىق قىلىپ كۈلىدىغان، تۆۋەن قاتلامدىكىلەرنى، ئاجىز- نامراتلارنى پەس كۆرىدىغان قىلىقلارنى ئۆگۈنۈپ چىقماقتا. بۇ ئىشلاردا جۇڭگو  مائارىپىنىڭ تۆھپىسىگە سەل قارىغىلى بولمايدۇ.
جۇڭگو مائارىپى ئوقۇغۇچىلارغا بەزى ئاساسىي مەدەنىيەت ۋە تەبىئىيەت بىلىملىرىنى ئۆگەتتتى، بىراق بۇنىڭدىنمۇ مۇھىمراق بولغان ئۆگۈنۈش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈش، مۇستەقىل خاراكتىر يېتىشتۈرۈش، ساغلام ئەخلاق پەزىلەت يېتىلدۈرۈش، ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىش قاتارلىق تەرەپلەردە بولسا جۇڭگو  مائارىپى ئادەمنى ئاساس قىلىش شۇئارىنى توۋلاپ قويۇپ، ئادەمنى باشقىلارنىڭ كونتۇرۇللىقىغا كۆنىدىغان قىلىپ تەربىيلەپ چىقىۋاتىدۇ، ئاغزىدا ساپا مائارىپ دەپ توۋلىغان بىلەن يەنىلا ئىمتىھان مائارىپىنى يولغا قويىۋاتىدۇ؛ خەلقئارا بىلەن بىر ئېقىمغا چۈشىمىز دەپ ۋاقىراپ، پەقەت تۈرلۈك ھەق ئېلىشتىلا خەلقئارالىق سەۋىيىدىنمۇ ئېشىپ كېتىپ بارىدۇ، ئەمىلىيەتتە خەلقئارالىق ئىلغار مەدنىيەت ئېقىمى بىلەن ئەكسىچە يول تۇتىۋاتىدۇ.
نىمىلا دىگەن بىلەن جۇڭگو مائارىپى تەربيىلەپ چىقققان ئوقۇغۇچىلار ئىچىدە ئۆز ماھايىتىنى، ئادىمىلىك خۇسۇسيىتىنى ساقلاپ قالغان نۇرغۇنلىغان ۋىجدانلىق ياخشى ئوقۇغۇچىلارمۇ بار، خەن خەن گە ئوخشاش مۇستەقىل يول ئاچقۇچىلار، 80 ۋە 90-يىللاردا تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان قۇياش نۇرىدەك ئاپتاپ چاچالايدىغان ئوقۇغۇچىلار مۇ بار ئەلبەتتە.بۇلار دەۋرىمىزدىكى ئېچىۋېتىش ئىسلاھ قىلىش، ئۇچۇر تېخنىكا تەرەققىياتىنىڭ پايدىسى، جاڭ سىبو بۇ ھەقتە مۇنداق دىگەن ئىدى: ئېنتېرنېت تورى پەرۋەردىگارىمىزنىڭ جۇڭگو خەلقىگە قىلغان ئەڭ ياخشى سوۋغىتىدۇر.  ياشىسۇن ئېنتىرنېت!
  ھازىرقىدەك دەۋردە جۇڭگودا ھىچكىممۇ ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 60، 70-يىللىرىغا ئوخشاش ھەممىلا ئادەمنىڭ كاللىسىنى مۇۋەپپىقىيەتلىك ھالدا بىرلا ئادەمنىڭ قوماندانلىقىغا بويسۇنۇدىغان، ھەممىلا يەردە شۇنى مەدھىلەيدىغان، تاغ دەريالار تىترۇگىدەك ھالدا‹‹ ياشىسۇن...››دەپ توۋلايدىغان، قالايمىقانچىلىق بولۇپ جاھان سېستىپ كېتىۋاتسىمۇ قۇلاقنى يۇپۇرۇپ ‹‹بەختلىك جەننەت›، دەپ ناخشا ئېيتىپ يۈرىدىغان  قىلىپ تەربيىلەشكە قادىر بولغىنى يوق.
جۇڭگو مائارىپى ئەشۇ  دەۋردە ئاشۇنداق‹‹ شانلىق نەتىجە›، لەرنى ياراتقان ئىدى، لېكىن بۇنى يالغۇز جۇڭگو مائارىپىنىڭلا تۆھپىسى دىيىشكىمۇ بولمايدۇ.ئۇ دەۋرلەرمۇ ئەمدى كەلمەسكە كەتتى.نىمىلا بولمىسۇن بىز يەنىلا مائارىپ سپېىدىكى ۋىجدانلىق، دانا ئوقۇتقۇچىلار ۋە مەكتەپ رەھبەرلىرىنىڭ بوشاشماي كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىغا قايىل بولماي تۇرالمايمىز،جۈملىدىن ‹‹مائارىپ  ئالدى بىلەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەنىۋى روھىيەت ئاساسىنى يېتىلدۈرۈشى كېرەك›› دىگەن ئىديىنى زور كۈچ بىلەن تەشببۇس قىلغۇچى بېيجىڭ ئۇنۋېرسىتىىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى چىيەن لىچۈن، ساختا ئىلاھچىلىققا قارشى تۇرۇپ ئەمەلىيەتنى، ئەركىنلىك ۋە خاسلىقنى تەكىتلەيدىغان    يېڭىچە تىل ئەدەبىيات مائارىپ ئىديىسىنى تەشەببۇس قىلغۇچى چىڭخۇا تارماق ئوتتۇرا مەكتىۋىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى خەن جۈن، شۇنداقلا تېز پۈكمەي تۇرۇپ مەردانىلارچە دەرس ئۆتىمەن دەپ ئاشكارا قەسەم قىلغان نەنجىڭ ئۇنۋېرسىتىتى قارماق ئوتتۇرا مەكتىۋىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى ۋاڭ دوڭشېڭ قاتارلىق كۆپچىلىككە مەشھۇر بولغان ئاتاقلىق ئوقۇتقۇچىلار  مائارىپ سېپىد ەئۈن تۈنسىز ھالدا ئەجىر سىدۈرمەكتە، ھەم بۇنداق پەزىلەتلىك ئوقۇتقۇچىلارمۇ ناھايىتى كۆپ. ئۇنىڭ ئۈستىگە جۇڭگۇ مائارىپىمۇ ئۈزلىكسىز ئىسلاھ قىلىنىۋاتىدۇ، نۇرغۇن مائارىپ سېپىدىكى قېرىنداشلار ئۈستىدىكى ساختا تونلارنى سىلكىپ تاشلىۋېتىش ئۈچۈن بوشاشماي تىرىشۋاتىدۇ، يېڭىچە يول تېپىش ئۈچۈن ئىزدىنىۋاتىدۇ. بىراق مەكتەپكە ئۆرلەش نسىبىتى  ۋە ئىديىۋى جەھەتتىكى ئەپسۇن چەمبىرىكىنىڭ تەسىرىدە  نۇرغۇن ۋاقىتلاردا بىز پەقەت تېخنىكلىق ياخشىلاش خىزمىتىنى ئىشلەپ تۈپ ماھايەت جەھەتتىن ئىديىۋى بوسۇش ھاسىل قىلالمىدۇق  ۋە ئالاھىدە مۇستەقىل ھەركەتكە ئۆتەلمىدۇق، كۆپ ھاللاردا بىز كويزا كىشەن سېلىنغان قوشتەك بەزى‹ نەپىس ھەركەتلەرنىلا قىلالىدۇق› بىراق ئىدىيىمىزنى پۇت قوللىرىمىزنى كۈشەنلەپ تۇرغان شارائىتتىن ھالقىپ چىققۇدەك جاسارەتكە كېلەلمەي، كۆپۈنچە ھاللاردا ئۇششاق ھىلە ئىشلىتىپ ھەقىقى پەم پاراسەتتە ئىش كۆرمىدۇق.
مىن لىياڭ چېن ئەپەندىم ‹ ھەققەتتە چىڭ تۇرۇپ كەلگىنىمىزنى نىمە بىلەن ئىسپاتلايمىز› ناملىق ماقالىسىدە مۇنداق دەپ يازىدۇ:》مائارىپ،پەقەت مائارىپ ئارقىلىق ھەقىقەتتە تۇرالىساق، تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرگە ھەقىقەتنىڭ نىمىلىگىنى بىلدۈرەلىسەك  ئەنە شۇ چاغدا  پۈتۈن جەمئىيەت ھەقىقەتنى ھەقلىق ئىش دەپ قارايدىغان بولىدۇ››. بۇ گەپ ھەقىقەن يوللۇق،بىراق ئەگەر جۇڭگو مائارىپىنى تۈپ ماھايەتتىن ئىسلاھ قىلمايدىغان بولساق بۇنداق مائارىپمۇ باشقىلارنى ئالدايدىغان   يەنە بىر خىل ۋاستىگە ئايلىنىپ قالىدۇ.
جۇڭگونىڭ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نومۇر ئارقىلىق ئەزىمەتلەرنى تاللاش تۈزۈلمىسى ئۆزگەرمەي تۇرۇپ جۇڭگۇ مائارىپ ئىسلاھاتىدا قانداق قىلىپ ھەقىقى ئەھمىيەتلىك يېڭى يول تېپىشنى تەسەۋۋۇر قىلىش ناھايىتى قىيىن، لېكىن ھەممە مەسىلە ئىمتىھان تۈزۈم ئىسلاھاتى ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدۇ دىيىشكىمۇ بولمايدۇ.ئاددى قىلىپ ئېيتقاندا جۇڭگونىڭ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھاندا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتا بىز نومۇر بىلەن ئادەمگە باھا بېرىدىغان قىلىقنى تاشلاپ، باشقا تەرەققى قىلغان ئەللەرنىڭ    ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەخلاق ساپاسى، تەن ساپاسى، قىزىقىشى، ئارتۇقچىلىقى، ئىجتىمئائىي ئەمىلىيىتى قاتارلىق مەزمۇنلار ئارقىلىق ئۇنۋېرسال باھا بېرىپ قوبۇل قىلىشتىكى ئىلمىي ھەم يوللۇق بولغان بەزى ئىشەنچلىك تەجرىبلىرىنى ئۆگەنسەك، ئۇلارنىڭ ھەرقايسى ئالىي مەكتەپلىرىنىڭ ئوقۇغۇچىلارنى مۇستەقىل قوبۇل قىلىش ئۇسۇلىدىن ئۆرنەك ئالساق بولامدۇ يوق؟!   ئەمەلدارلارنىڭ چىرىك قوللىرى ئارىلاشمىغان ئىش قالمىغان، مەكتەپلەر ھوقۇق ۋە بايلىققا قاراپ ئاغىدىغان، مەكتەپلەر ھوقۇقنىڭ بېقىندىسىغا ئايلىنىپ قالغان، ئالىي مەكتەپلەر تۈرلۈك رەزىللەرنى پىشۇرۇپ چىقىدىغان داشقازانغا ئايلىنىپ قالغان ھازىرقىدەك ۋەزىيەتتە پەقەت نومۇر جەھەتتىلا ئىسلاھات قىلىشنىڭ ھىچقانداق ئۈنۈمى بولماسلىقى مۈمكىن.بۇ ناھايىتى ئېنىق ئىش.
جۇڭگو مائارىپىنىڭ قالاق بولۇپ قېلىشىدىكى سەۋەپلەرنىڭ يەنە بىرى شۇكى؛-سېلىنما يېتەرلىك بولمايۋاتىدۇ ، كىشى بېشىغا ئوتتۇرىچە كېلىدىغان مائارىپ راسخوتى ئافرىقا قىتئەسىدىكى ئۇرۇش قالايمىقانچىلىقىدا تۇرىۋاتقان دۆلەت ئۇگاندىغىمۇ يەتمەيدۇ.چەكلىك راسخۇت نامۇۋاپىق ھالدا سۈنئىي يوسۇندا بىرقانچە‹‹نۇقىتلىق مەكتەپلەر››گىلە جۈغلىشىپ قېلىپ، سۈپەتلىك مائارىپ بايلىق مەنبيى قسلىقى ۋە چېكىدىن ئاشقان مائارىپ تەڭپۇڭسىزلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتىدۇ.ھازىر ئەمەلدارلار ئاساسەن ئاستىرتتىن قول سېلىپ ،ھوكۈمەت پۇلىغا يەپ ئىچىپ، ساياھەت قىلىپ ھەر يىلى تېرلىيۇنلاپ پۇلنى بۇزۇپ چېچىۋاتىدۇ، پۇقرالار ئاممىسىنىڭ ئۈنۈملۈك ھالدا بۇ ئىشلارنى نازارەت قىلىپ توسۇش ئىمكانىيى يوق ۋەزىيەتتە قانداقمۇ ئۈنۈملۈك چارە قوللىنىپ مائارىپقا زور مىقداردا مەبلەغ سالغىلى بولسۇن ؟بۇنداق ئەھۋالدا قانداقمۇ مائارىپتا باراۋەرلىكتىن ئېغىز ئاچقىلى بولسۇن؟
جۇڭگۇ مائارىپىنى بەزەنلەرنىڭ يېقىملىق شۇئارلىرى قاپلاپ كەتكىنى بىلەن ئەملىيەت بولسا ئۇ بەزەنلەرنىڭ  شەخسى ھوقۇق مەنپەتىنى مونۇپۇل قىلىش ئۈچۈن قاتتىق تېزگىنلىشى ئاستىدا بولىۋاتىدۇ.بۇنداق ئاسارەتتىن قۇتۇلماي تۇرۇپ قانداقمۇ ھەقىقى‹ ئادىمىيلىك تەربيىسى› قىلغىلى بولسۇن؟ تۈپ ماھايەتتىن ئېيتقاندا مانا بۇ دەل جۇڭگۇ مائارىپنىڭ نۆۋەتتىكى ئۆزگىچە تۈزۈلمىسى كەلتۈرۈپ چىقارغان ‹. ئۇلۇغۋار تۆھپىسى›نىڭ بىرىدۇ.
نۇرغۇن خىزمەتداشلىرىم، دوستلىرىم ھەم بەزى تورداشلىرىم ھەتتا ئۆيۈمدىكىلەرمۇ مەندىن ‹سەن بىر ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچى تۇرۇپ نىمىشقا سىياسى ئوبزۇر يېزىشقا شۇنچە ھېرىسمەنلىك قىلىسەن؟،  مۇشۇ نەرسىنى يېزىشقا سەرپ قىلغان زېھنى قۇۋۋەت ھەم ۋاقتىڭنى ئوقۇ ئوقۇتۇش مائارىپ تېمىسدىكى ئىلمىي ماقالىلەرنى يېزىشقا سەرپ قىلىپ، مەلۇم بىرەر مۇسابىقىگە قاتنىشىپ نەتىجە ئالساڭ، ھەم ئىناۋەت تاپالايتىڭ ھەم  بىر تۈركۈم مۇكاپات پۇلىغا  ئېرىشىتىڭ  ئەمەسمۇ؟!› دەپ نۇرغۇن قېتىم  سۇئال قويۇشتى. بىراق مەنچە بولغاندا  ئاشۇ زۆرۈر بولغان سىياسى تۈزۈلمە ئىسلاھات شارائىتى بولمىسا جۇڭگۇ مائارىپىدا ھەقىقى ئىسلاھات بولمايدۇ، ئادەمنى‹دۆتلەشتۈرۈپ تەربىيىلەيدىغان› ماھايەتتە تېخىمۇ ئۆزگۈرۈش بولمايدۇ، شۇنىڭ بىلەن بالىلىرىمىز، نەۋرە چەۋرىلىرىمىز قىسقىسى ئەۋلاتلىرىمىز ئىزچىل ھالدا  مۇشۇنداق تەربيىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ، ئۇچاغدا  ‹جۇڭگو مائارىپى ساراڭ قىلىپ قويغان› ئەنخۇيدىكى تولۇق 3-يىللىق سىنىپ ئوقۇغۇچىس جاڭ يۆ (جەنۇپ شەنبىلىك گېزىتىدە 2009-يىلى 2-ئاينىڭ 4-كۈنى شۇنداق تېمىدا خەۋەر بېرىلگەن) نىڭ سانى بىر  جاڭ يۆ بىلەن توختاپ قالماسلىقى مۈمكىن ، ئەملىيەتتە  مەنپەتنى مۇنۇپۇل قىلىۋالغۇچىلارنىڭ ئۆزلىرىمۇ بالىلىرىنىڭ بۇنداق ئىشقا ئۇچرىشىنى خالىمايدۇ، شۇڭا ھازىر ئازراقلا ھوقۇقى ۋە كۈچى بارلار ھەممسىلا باللىرنى چەتئەلگە چىقىپ‹ كاپىتالىزىم› تەربيىسىنى قوبۇل قىلىشقا ئەۋەتىۋاتىدۇ. ئۇنداق ئىكەن مەن ئوقۇ ئوقۇتۇش مائارىپ ھەققىدە قانچىلاپ ئىلمىي ماقالە يازغىنىم بىلەنمۇ ھىچبىر ئەھمىيىتى بولمايدۇ،--نۇرغۇن كەسپداشلىرىمنىڭ ئوقۇ -ئوقۇتۇش مائارىپ تېمىسىدىكى ناھايىتى ئىلغار پىكىرلىك ئىلمىي ماقالىلىرى مۇكاپاتلانغاندىن كېيىن يەنىلا تاختىبېشىغا تاشلاپ قويۇلدى.مەن باتۇرلۇق بىلەن لۇشۇن ئەپەندى ئەينى يىللاردا دوختۇرلۇقنى تاشلاپ يېزىقچىلىق بىلەن شۇغۇللانغىنىغا ئوخشاش  مائارىپنى تاشلاپ يېزىقچىلىق قىلىشقا قابىل بولالمىدىم،پەقەت ئىشتىن سرتقى ۋاقىتلىرىمدا  توردا داڭلىق بلوگداشلار، داڭدارلار كەينىدە تۇرۇپ بايراق كۆتۈرۈپ ئاندا مۇندا شۇئار توۋلاپ يۈردۈم، ئەگەردە مەلۇم بىرەر جاي مېنى ھەقىقى تۈردە مائارىپ بىلەن شۇغۇللۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلسا ئىدى ئۇنداق  مەن چوقۇم پىكىرداش مەسلەكداشلىرىم بىلەن بىرگە  ئازغىنە مائاشقا قانائەت قىلىپ ئۆز كۈچۈمنى چىقىرىشنى بەكمۇ خالىغان بولاتتىم.!

تامام
ماۋيەننىڭ شۇ ناملىق ئوبزۇرىغا ئاساسەن تەرجىمە قىلىندى، پۈتۈن مالاقە شۇنىڭ بىلەن تۈگىدى

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش