كۆرۈش: 16513|ئىنكاس: 32

جۇڭگو مائارىپى بالىلارنى«دۆتلەشتۈرۋاتىدۇ»     [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

كۆيۈمچان ئەزا

مەڭگۈ ئۆزەڭنى يو

UID
1988
يازما
99
تېما
62
نادىر
0
جۇغلانما
3506
تىزىملاتقان
2010-5-26
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-10
توردا
13 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-9 13:01:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىر توپ كۆز بويامچى ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنىڭ ئەپتى بەشىرىسىنى يوشۇرۇپ يۈرگىنىگىمۇ 20نەچچە يىلدىن ئاشتى، ئىچىمىزنى ئەڭ ئېچىشتۇردىغان ئىش زادى نىمە؟ بۇ دەل ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەۋلاتمۇ- ئەۋلات جۇڭگۇ مائارىپى تەرىپىدىن‹‹دۆتلەشتۈرۈلۈپ›› تەربيىلىنىۋاتانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپمۇ  ھىچنىمە قىلالمايۋاتقانلىمىزدۇر.
جۇڭگو مائارىپىنىڭ چوڭ تۆھپىسىدىن بىرى شۇكى بارلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ كاللىسىنى ئىمكانقەدەر ئوخشاش قىلىۋېلىتىش،‹‹بىر كاللا›› قىلىۋېتىشتۇر.
ھازىرقى زامان مائارىپى  ئوقۇغۇچىلارنىڭ خاسلىقىنى ئىجادچانلىقىنى يېتىلدۈرىدىغان بولىشى كېرەكمۇ ياكى خاسلىقنى يوقىتىپ ئىجادچانلىقىنى تۇنجۇقتىرىدىغان بولىشى كېرەكمۇ؟ توغرا جاۋاپ ئەلبەتتە ئالدىنقىسى بولىشى كېرەك ئىدى.لېكىن جۇڭگونىڭ مائارىپى ئۇزۇندىن بېرى ئەكسىچە ئىش تۇتۇپ كېلىۋاتىدۇ. بۇنداق تەربىيلەش نەتىجىسى كۆپۈنچە ھالدا  جۇڭگۇچە  ئىمتىھان شەكلى بىلەن ئەمەلگە ئېشىۋاتىدۇ.جۇڭگوچە ئىمتىھان نومۇرى بولسا ئوقۇغۇچىلارنىڭ  ئۆگۈنۈش نەتىجىسىگە باھا بېرىدىغان ئاساسلىق ئۇسۇل.كۈندىن كۈنگە ‹‹تەلەپچان›› ،‹‹ئىلمىي››ئاتالمىش‹‹ ئۆلچەملەشكەن سۇئاللار››نى قويۇپ تۇرايلى، ھەممىدىن بەكرەك ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىجاتچانلىقىنى جارى قىلدۇردىغان ‹‹جاۋاپ بېرىش سۇئاللىرى››‹‹بايان قىلىش سۇئاللىرى››غىمۇ  ‹‹ نومۇر قويۇش ئۆلچىمى›› دىكى ‹‹ جاۋاپ مۇھىم نۇقتىلىرى›› ئارقىلىق نومۇر قويۇلۇۋاتىدۇ.نۇرغۇن ئوقۇغۇچىلار بۇ ئەھۋالدا سۇئالغا جاۋاپ بەرگەندە ئالدى بىلەن سۇئال چىقارغۇچىنىڭ مۇددىئاسى  ھەققىدە پىكىر يۈرگۈزىدۇ. ئوقۇغۇچىلارنىڭ خاسلىقىنى بەكرەك گەۋدىلەندۈرۈپ بېرەلەيدىغان ئۆزگىچە يېزىقچىلىقتىمۇ ‹. باش تېما›› ‹. مەركىزى ئىدىيە›، ‹‹ ئەھمىيىتى›› ھەققىدە چوقۇم ‹‹ ئاكتىپ بولۇش›› ، ھەرگىز ‹. قالاق ›، بولماسلىق  چوقۇم ‹‹  مەدھىلەش›› ‹‹تەنقىت قىلماسلىق››‹‹ يورۇق تەرەپتىن يېزىش››‹‹ قاراڭغۇلۇق تەرەپلەرنى يازماسلىق›› قاتارلىق نۇرغۇن چەمبىرەك ئەپسۇنلىرى بېكىتلگەن. جۇڭگودا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگۈنىشىگە باھا بېرىشتە يەنە  ئەخلاق ،يۈرۈش- تۇرۇش، تەن ساپاسى، قىزىقىش ئالاھىدىلىكى، ئىجتىمائىي ئەمىلىيىتى قاتارلىق مەزمۇنلار بار ئەلبەتتە، بىراق  نومۇر بىلەن ئەزىمەتلەرنى ئۆلچەيدىغان جۇڭگوچە ئالىي مەكتەپ ۋە  ئوتتۇرا مەكتەپ ئىمتىھانلىرى ئالدىدا بۇ نەرسىلەر ھەممىسى يەنىلا ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ.
بۇنداق ئىمتىھان ۋە باھالاش ئۇسۇلىنىڭ ھالاكىتى كۈندىلىك ئوقۇتۇشقىمۇ سىڭىپ كىرگەن بولۇپ  بارلىق سۇئاللارنىڭ جاۋاپلىرى ئوقۇتۇش  پايدىلىنىش ماتىرىيالىدا كۆرسىتىلگەن ياكى مەشق كەينىدە بېرىلگەن پايدىلىنىش جاۋاپلىرىنى ئۆلچەم قىلىدۇ. مەسلەن   思想统一,共同努力 دىگەن سۆزنى تۇراقلىق ئىبارە بىلەن ئىپادىلەڭ دىگەن بولسا  پەقەت 同心协力 دەپلا يېزىشقا بولىدۇ،齐心协力 دەپ يېزىشقا بولمايدۇ. 《刻画描摹得非常逼真》 نى پەقەت 惟妙惟肖  دەپلا يېزىشقا بولىدۇ لېكىن 栩栩如生    دەپ يېزىشقا بولمايدۇ. مەلۇم بىر باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىنىڭ ماقالە تاپشۇرۇقىغا ئۇ ئۆيدىكى بىر تەشتەك گۈلنى يازغان بولۇپ ، ئوقۇتقۇچى تۆۋەن نومۇر قويغان، ماقالىگە گۈلنىڭ روھىنى يېزىپ چىقمىغان دەپ باھا  بېرىلگەن. مەسلەن ئاكتىپ ئالغا باسدىغان، تىرىشىپ پورەكلەپ ئېچىلغان... دىگەندەك مەزمۇنلار يېزىلمىغان. يەنە بىر ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى  مەۋسۇملۇق ئىمتىھاندىكى ماقالىدە شۇ يېزىدىكى تاماكا تارماقلىرىنىڭ  تاماكا سېتىۋلېىشتىكى ناچار كەيپىياتلارنى، زورلۇق- زومبۇلۇقلىرىنى ئاشكارىلاپ ماقالە يازغان بولۇپ، ماقالىگە تۆۋەن نومۇر قويۇلۇپ،  ئوقۇتقۇچى ‹‹بۇنداق تېمىدىكى ماقالىنى يازغاندا ئېھتىيات قلىش كېرەك››- دەپ باھا يازغان. بۇنداق ناچار قىلمىشلارنى نەچچە دۆۋە كىتاپ قىلىپ يېزىپ چىقساقمۇ تۈگىمەيدۇ ، ھەرقايسى زاتلارمۇ بۇنىڭدىن خەۋەردار، شۇڭا بۇ ھەقتە مۇشۇنچىلىك توختىلىپ تۇراي.
جۇڭگو مائارىپىنىڭ ئىككىنچى زور تۆھپىسى شۇكى   ئوقۇغۇچىلارنى ھەقىقى ‹‹ ئۆگۈنۈش››تىن ئۈنۈملۈك ھالدا ئايرىپ قويۇش.
ھەقىقى ئۆگۈنۈش ئەسلىدە ئوقۇغۇچىلارنىڭ پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن كىرىشپ تۇرۇپ جىسمانى ۋە روھى جەھەتتىن ھىس قىلىش  ئارقىلىق ئېرىشكەن يېڭى بىلىم بولۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ گۇمانسىراش، ئىزدىنىش روھىنى يېتىلدۈرەلەيدىغان ، ئاڭلىق رەۋىشتە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئاكتىپ قاتنىشىدىغان جەريان  ،تۈپ ماھايەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا لەززەتلىك قىزىقارلىق جەريان بولىشى كېرەك ئىدى.بىراق جۇڭگو مائارىپى ئوخشاشلا ئۇزۇندىن بۇيان ئەكسىچە يول تۇتۇپ كەلدى. بۇنىڭغا جانلىق مىسالدىن بىردىن كەلتۈرۈپ بېرەي: خىزمەتدىشىمىنىڭ ئېيىتپ بېرىشىچە  ئۇنىڭ ئوغلى ئوقۇۋاتقان مەكتەپتە يېڭى ماكتەپ پۈتتۈرۈپ چىققان تەبىئەت دەرس ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ دەرس ئۆتكەندە ھەمىشە ئوقۇغۇچىلارنى سىرتقا ئەپچىقىپ بالىلارنىڭ ئۆزلىرىگە قۇرۇت قوڭغۇزلارنى ،تۇتقۇزۇپ، دەرەخ يوپۇرماقلىرىنى ئۈزدۈرۈپ، گۈل- گىياھلارنى كۆرسىتىپ، لاي- پاتقاقلارنى ئوينىتىپ، بالىلارنى ھەمىشە تەجرىبە ئىشلەشكە  ‹‹قۇترىتىپ›› تۇرىدىكەن ،شۇنىڭ بىلەن سىنىپ ئىچى‹‹قالايمىقانلىشىپ›› كېتىدىكەن،ئوقۇغۇچىلارمۇ‹‹ چەكتىن ئېشىپ›› كېتىدىكەن. بىراق ئىمتىھان نەتىجىسى يەنىلا ئەزەلدىن بالىلارنى تەجرىگە ئۇيۇشتۇرماي، سىنىپ ئىچىدە يۇۋاش- يۇمشاقلىق بىلەن  كىتاپتىكى جاۋاپلارنى يادلىتىدىغان‹‹ پىشقەدەم ئوقۇتقۇچى››لارنىڭ سىنىپ نەتىجىسىدىن كۆپ تۆۋەن چىقىدىكەن. نەتىجىدە بۇ يېڭى ئوقۇتقۇچى مەكتەپ مۇدىرىدىن تەنقىد ئىشتىپتۇ، سىنىپ مەسئۇلىمۇ سىنىپنى‹‹ قالايمىقان›، قىلۋېتتىڭ دەپ بۇ ئوقۇتقۇچى ئەيىپلەپتۇ. بۇ ئوقۇتقۇچى ئەلەم ۋە چارىسىزلىقتا  ئاخىرى‹ئىلغار تەجرىبە››دىن ئورنەك ئېلىشقا مەجبۇر بوپتۇ.بۇنداق مىساللارنى ساناپ تۈگەتكۈسىز. جۇڭگوچە مائارىپنىڭ ئاخىرقى نىشانى ئوقۇغۇچىلارغا ياخشى نومۇر ئالغۇزۇش، پەقەت ئىمتىھاندا ياخشى نومۇر ئالىدىغان ئىش بولسىلا ئىشلىتىشكە بولىدىغان ھەرقانداق چارە -ئامالنىڭ ھەممىسىنى ئىشلىتىپ باقىمىز.ھالبۇكى ھەممىدىن بەكرەك ئەھمىيەت بېرىشكە تېگىشلىك بولغان ئۆگۈنۈش جەريانى ، روھى ۋە جىسمانى جەھەتتىن ھىس قىلىش جەريانى، ئۆگۈنۈش جەريانىدىن لەززەت ئېلىش قاتارلىقلارنى بولسا ئىمكاننىڭ بېرىچە بىر چەتكە قايرىپ قويىمىز.بۇ خىل ئۇسۇلنى تېخى   ئۆزىمىزچە   ‹‹ئوقۇتۇش ئۈنۈمى›› دەپ سەپسەتە ساتىمىز.ئەمىلىيەتتە بۇ   سۇئال ئامبىرى بىلەن ئېلىشىش جېڭى،مىخاينىك ھالدا سىڭدۈرۈشتىن باشقا نەرسە ئەمەس، بۇنى سۇبېي قاتارلىق بەزى جايلاردا ناھايىتى ئوبرازلىق ھالدا ئۈلۈك ھالدا مايسىنى مەجبۇرى تارتىپ ئۆستۈرۈش دەپ تەسۋىرلەشتى. جۇڭگو مائارىپىدا تەربيىلەپ چىقىلغان نۇرغۇن ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆپۈنچىسى نىمىنىڭ كۈتۈپخانا، ماتىرىيال ئامبىرى ئىكەنلىكىنى بىلمەيدۇ، ئۇلار ئەزەلدىن ئەڭ دەسلەپكى ماتىرىيالنى ئىزدەپمۇ باقمايدۇ ھەم نەزەرگە ئىلمايدۇ.-بىراق مۇنداقچە ئېيتقان نۇرغۇن جايلاردا ھەقىقى مەنىدىكى كۈتۈپخانا ماتىرىيالخانىلارمۇ يوق،شۇڭا كۆپۈنچە ھالدا ئوقۇغۇچىلار ھەقىقى بولغان ئەڭ دەسلەپكى ماتىريالللارنىمۇ كۆرۈشكە قادىر ئەمەس ئەلبەتتە.—ئاخىرىدا يىغىپ ئېيتساق ھەممە جاۋاپ دەرسلىك كىتاپلار بىلەن مىسال توپلانمىلرىدا شەك-شۈبھىسىز ھالدا ئېيتىپ بېرىكلىك.
ئىنسانىيەت جەمئىيىتىدە شۈبھىسىز مۇتلەق ھەقىقەت بارمۇ؟
بار.—
نەدە؟
دەل  جۇڭگۇدىكى ئالىي مەكتەپ ، ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ سىياسى دەرسلىكلىرىدە بار.
مائارىپ دىگەن ئەسلىدە ئوقۇغۇچىلاردا پەرەز  قىلىش،تەكشۈرۈش ئىزدىنىش روھىنى؛ پىكىر قىلىش، سېلىشتۇرۇش، پەرقلەندۈرۈش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرشى كېرەك ئىدى، بىراق  جۇڭگونىڭ مائارىپ دەل ئەكسىچە  بولۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ شۈبھىلىنىش روھى، تەكشۈرۈش جۈرئىتىنى يوقىتىپ، ئۇلارنى ئوقۇتۇش ۋە پايدىلىنىش ماتىرىياللىرىدىكى مۇتلەق توغرا جاۋاپقا بولۇپمۇ سىياسى تەربىيە ئوقۇشلىقلىرىنىڭ مۇتلەق توغرىلىقغا ئىشىنىشكە يېتەكلەۋاتىدۇ،  چۈنكى شۇنىڭدىكى جاۋاپ بويىچە سۇئاللارغا جاۋاپ بەرگەندە يۇقۇرى نومۇر ئالغىلى بولىدۇ ، بولمىسا تەس كۈنگە قالىدىغان گەپ.تېخى ئۇنداق قىلمايدىغان بولسىڭىز كەلگۈسىڭىز تۈگىشىدۇ،  ئاشۇ تەلىم تەربىيە ساۋاقلارنى ئەمىلىيەت بىلەن سېلىشتۇرغاندىمۇ بۇ نەرسىلەرنىڭ ساختا،بىمەنە ئىكەنلىكى ناھايىتى ئېنىق بولسىمۇ ،بىراق سىز ئۇنىڭدىن شۈبھىلەنسىڭىز بولمايدۇ ھەم شۈبھىلىنىشكىمۇ جۈرئەت قىلالمايسىز.ئۇنداق قىلىشقىمۇ يول قويۇلمايدۇ، بولۇپمۇ ئىمتىھاندا تېخىمۇ شۇنداق. بۇ تېمىنى يەنە سۆزلەۋەرسەك يەنە خاتالىق چىقىدۇ، شۇڭا بۇ گەپ مۇشۇ يەرگىچە بولسۇن.
بۇنداق‹‹ ئۆگۈنۈش›› ئەلبەتتە ئازاپلىق بولىدۇ، ھەقىقى لەززىتىمۇ بولمايدۇ.شۇنىڭ بىلەن جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگۈنۈشتىن بىزار بولۇش نىسبىتى دۇنيا بويىچە مۇتلەق بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. شۇڭا جۇڭگولۇق‹‹ ناچار ئوقۇغۇچى››مۇ مەيلى مۇتلەق ياكى نىسبىي سان بولۇشتن قەتئىي نەزەر يەنىلا دۇنيا بويىچە بىرىنچىدۇر.ئېسىمدە قېلىشىچە جۇڭگو ياشلار گېزىتىدىكى بېرىلگەن مەلۇم خەۋەردە ئېيتىلىشىچە ھەربىر سىنىپتىن 10نى بىرلىك قىلغان نىسبەت بويىچە ھېساپلىغاندا جۇڭگودىكى ئاتالمىش‹‹ ناچار ئوقۇغۇچى››نىڭ سانى 40، 50 مىليۇندىن ئاشىدىكەن، بۇ خەۋەر بەزىلەرنىڭ تېتاڭ تومىرىغا تەگكەنلىكتىن تەنقىدكە  باستۇرۇپ قويۇلدى.
جۇڭگو مائارىپىنىڭ يۇقۇرقى ‹‹ ئىككى چوڭ تۆھپىسى››نى نۇرغۇنلىغان بىلىملىك زاتلار ھەم نۇرغۇن مائارىپ ساھاسىدىكى ھۆرمەتكە سازاۋەر كىشىلەر بۇرۇنلا پاش قىلىپ تەنقىدلىگەن ئىدى،تېخىمۇ مۇھىم مەسىلە شۇكى ئەمىلىيەتتە ئەڭ مۇھىم بولغان ساغلام تۇرمۇش ئېتىقادى، ساغلام تۇرمۇش ئۇسۇلىنى يېتىلدۈرۈش،كىشىلىك دۇنيا قارىشى، ئەخلاق قارىشى ، قىممەت قارىشىنى توغرا تۇرغۇزۇش، ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىشقا توغرا يېتەكلەش قاتارىلق تەرەپلەردە جۇڭگو مائارىپىنىڭ ‹دۆتلەشتۈرۈپ تەربىيىلەش›› ئۈنۈمى تېخىمۇ‹‹ روشەن›› بولىۋاتىدۇ. بىراق بۇلارغا نۇرغۇن كىشىلەر يەنىلا سەل قاراۋاتىدۇ.




جۇڭگۇچە مائارىپنىڭ 3-چوڭ تۆھپىسى شۇكى ئوقۇغۇچىلارنى ساغلام تۇرمۇش ئىدىيىسى، ساغلام تۇرمۇش ئۇسۇلى بىلەن ناھايىتى ئۈنۈملۈك ھالدا ئايرىۋېتىدۇ، ھازىرقى زامان مائارىپى ئەسلىدە كىشىلەرنى ساغلام تۇرمۇش ئىدىيىسىگە ۋە تۇرمۇش ئۇسۇلىغا يېتەكلىشى كېرەك ئىدى، بۇ ئەسلىدە مۇتلەق شۇنداق بولىشقا تېگىشلىك ئىش.لېكىن جوڭگۇلۇق ئوقۇغۇچىلارنىڭ سومكىسى ھەددىدىن زىيادە ئېغىر، تاپشۇرۇقلىرى بەكلا كۆپ، سەھەر تۇرۇپ كېچە ياتمىسا بولمايدۇ، قېنىپ ئۇخلايدىغانغىمۇ يېتەرلىك ۋاقتى يوق بولۇپ، چېنقىش پۇرسىتى بەك ئاز. ھەتتا يوق دىيەرلىك.
ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگۈنۈش ئۇسۇلى ئۇلارنىڭ تۇرمۇش ئۇسۇلىغا بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئەپسۇس جۇڭگۇدا قەدىمدىن ھازىرغىچە ساغلام تۇرمۇش ئۇسۇلىغا يېتەكلەش ئەزەلدىن سەل قارىلىپ كەلدى، جۈملىدىن شۇئارچىلىق بەكمۇ ئېغىر.
جۇڭگۇ مائارىپى تەربيىلەپ چىققان بالىلارنىڭ پەي بوغۇملىرى قېتىپ كەتكەن، مۇسكۇللىرى يۇمشاق،يۈرۈش تۇرىشى كېلەڭسىز،ئىرادىسى بوشاڭ بولۇپ، بىر بولسا يىڭناغۇچتەك ئىنچىكە، بىر بولسا بەك سەمىرىپ كەتكەن... كىچىك تۇرۇپلا كۆزئەينەك تاقىۋالغانلارنىڭ سانى ساناقسىز. بىرقانچە يىلدىن بېرى مەن تۈرلۈك دەرسخانا پائالىيەتلىرىگە، ئىمتىھان مەيدانلىرىغا كىرگىنىمدە بىر سىنىپتا كۆز ئەينەك تاقىغانلارنىڭ قانچىلىك ساننى ئىگىلەيدىغانلىقىغا دىققەت قىلدىم. نەتىجىدە بىر سىنىپتا ئاساسەن يوق دىگەندە 3دىن بىر قىسىم بالىلار كۆزئەينەك تاقايدىكەن. بەزى سىنىپلاردا بۇ نىسبەت يېرىمدىن ئاشىدىكەن،كۆز ئىچىگە  كۆزئەينىكى سالغانلارنىڭ سانى قانچىلىك ئۇنى بىلمىدىم.بۇ ئەھۋالدىن بەكمۇ ئەپسۇسلاندىم.جۇڭگۇلۇقلارنىڭ  ئوزۇقلىنىش سەۋىيسى بارغانسېرى ئۆسىۋاتىدۇ ،لېكىن ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەن ساپاسى بولسا ئەكسىچە چۈشۈپ كېتىۋاتىدۇ.بۇ جەھەتتە جۇڭگۇچە مائارىپنىڭ ‹‹تۆھپىسىگە›› سەل قاراشقا بولمايدۇ.
جۇڭگۇ مائارىپىنىڭ 4-چوڭ تۆھپىسى شۇكى: ئوقۇغۇچىلارنى رىئال جەميىئەت بىلەن ئايرىۋېتىدۇ. ھازىرقى زامان مائارىپى ئوقۇغۇچىلارنى رىئاللىققا يۈزلەندۈرىشى كېرەكمۇ ياكى رىئاللىقتىن قاچۇرىشى كېرەكمۇ؟ شۈبھىسىزكى ئالدىنقىسى بۇنىڭ توغرا جاۋابىدۇر  . لېكىن ئەمىلىيەت قانداق بولىۋاتىدۇ؟ جۇڭگۇ مائارىپى رىئال ئەمىلىيەتنى مەكتەپ ۋە كىتاپتىن پۈتۈنلەي ئايرىۋېتىدۇ. مەكتەپلەردە ‹‹ بېكىنمە باشقۇرۇش›› چارىسى قوللىنىدۇ دىگەن بۇ سۆز ھازىر نۇرغۇن مەكتەپلەرنىڭ بازارلىق ئېلان تەشۋىقات سۆزىگە ئايلاندى.ئەسلىدە جەمئىيەتكە ئېچىۋېېتىلىشكە ھەممىدىن بەك تېگىشلىك بولغان ئالىي مەكتەپلەرنىڭ بىرى:- ئەڭ ئالىي بىلىم يۇرتى بولغان بېيجىڭ ئۇنۋېرسىتىتىمۇ بارا- بارا ‹‹ بېكىنمە باشقۇرۇش››قا يۈزلىنىشكە باشلىدى.بۇنداق قىلىش گەرچە بىخەتەرلىك ،ئىجتىمائىي تەرتىپنى ساقلاشقا پايدىلىق بولسىمۇ، بىراق بېيجىڭ ئۇنۋېرسىتىغا ئوخشاش ئالىي بىلىم يۇرتىدىمۇ پەقەت بىخەتەرلىك ۋە ئىجتىمائىي تەرتىپ ئۈچۈنلا ‹‹ بېكىنمە باشقۇرۇش›› نى يولغا قويساق،بېكىنمە باسقۇچتىن ئۆتۈپ بولغاندىن كېيىن بىز تەربيىلىگەن ئوقۇغۇچىلار رىئال جەمئىيەتكە قانداق يۈزلىنىدۇ؟بۇلارنى ھىچكىم ئويلاشقىنى يوق، بۇ ئاز كەلگەندەك، ھازىر نۇرغۇن ياتاقلىق مەكتەپلەردە دۈشەنبىدىن جۈمەگىچە ئوقۇغۇچىلار مەكتەپ دەرۋەزىسى سىرتىغىمۇ چىقمايدۇ،تېلۋىزور كۆرمەيدۇ، تورغا چىقمايدۇ،تېلىۋىزور كۆرگىلى، تورغا چىققىلى قويىدىغان مەكتەپلەردىمۇ ئوقۇغۇچىلار پەقەت ئىجازەت دائىرىسىدىكى  مۇناسىۋەتلىك   مەزمۇنلارنى يەنى:‹‹ ئۇچقاندەك تەرەققىيات ››،‹‹كۈندىلىك يېڭى ئۆزگۈرۈشلەر  ›› قاتارلىق قىسمەن نەرسىلەرنىلا كۆرەلەيدۇ. مۇھىتنىڭ بارغانسىرى بۇلغىنىۋاتقانلىقىنى؛ بايلىق مەنبىيىنىڭ ئىسراپ بولۇپ قۇرۇپ كېتىۋاتقانلىقىنى؛نامراتلار بىلەن بايلاردىكى زور پەرقنىڭ خەلقئارا ئېتىراپ قىلغان چەكتىن ئاللىقاچان ئېشىپ كەتكەنلىكىنى؛جەمئىيەتتىكى زىددىيەتنىڭ كۈندىن-كۈنگە كەسكىنىلىشىپ بېرىۋاتقانلىقىنى... ھەرگىز كۆرمەيدۇ؛ئۇلارنىڭ كۆرىدىغىنى ‹‹خەلق چاكارلىرى››نىڭ ھوقۇقنى قانداق قىلىپ خەلق ئۈچۈن يۈرگۈزۈپ .خەلقنى قانچىلىك سۆيۈۋاتقانلىقى بولۇپ،   ھۆكۈمەت ھوقۇقۇدىن پايدىلىنىپ كىرمىگەن مەنپەت تۆشىكى قالمىغان پارىخۇرلارنى بولسا  كۆرمەيدۇ،ئۇلارنىڭ كۆرىدىغىنى ئاپەت رايونلىردىكى ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنىڭ ‹‹ بەختلىك تۇرمۇشنى قانداق يېڭىدىن باشلىغانلىقى›› ؛قانداق ‹‹ مىننەتدار  بولغانلىقى ››؛‹‹ قانداق تىرىشچانلىقى››بولۇپ،ئىئانە بۇيۇملىرىنىڭ نومۇسسىزلارچە قانداق يەرلەرگە ئىشلىتىلگەنلىكىنى بىلمەيدۇ،ھەتتا قىسمەن مەكتەپلەردىكى ناچار شارائىت سەۋەپلىك ھادىسىگە ئۇچراپ قازا قىلغان بالىلارنىڭ ئىسمىنىڭ كىملىكىنى سۈرۈشتە قىلىشقىمۇ رۇخسەت يوق... شۇنداق قىلىپ جۇڭگودىكى ھەردەرىجىلىك، ھەرتۈرلۈك مەكتەپلەرنى پۈتتۈرۈپ جەمىئىيەتكە چىققاندىن كېيىن،   مەكتەپ ئىچى بىلەن سىرتتىكى، ئوقۇشلۇق بىلەن رىئاللىقتىكى پەرقنىڭ چوڭلىقىدىن ھەيران بولمىغانلار، ھەسرەتلەنمىگەنلەر  ، گاڭگىراپ نىمە قىلىشنى بىلمەي قالغانلار يوق دەپ ئېيتالامسىز؟...



جۇڭگو مائارىپىنىڭ 5-چوڭ تۆھپىسى : ئوقۇغۇچىلارنى ھەقىقى تارىختىن ئايرىۋېتىدۇ،ھازىرقى زامان مائارىپى بويىچە بولغاندا بالىلارنى ئەسلىدە  ئىمكانقەدەر ئۆز دۆلىتى، ئۆز مىللىتى ھەتتاكى پۈتۈن دۇنيانىڭ تارىخنى ھەقىقى ئەتراپلىق توغرا بىلىشكە يېتەكلەش كېرەك ئىدى،لېكىن جۇڭگۇ مائارىپىدا بولۇپمۇ تارىخ، پەلسەپە  ۋە مەدەنىيەت   دەرسلىكلىرىنىڭ رولى ئاساسلىقى ئوقۇغۇچىلارنى پارچىلىۋېتىلگەن قىسمەن تارىخقا ئىشەندۈرۈش بولماقتا،بۇنداق تارىخ تەربيىسدە ئوقۇغۇچىلار پەقەت مەلۇم نەزىرىينىڭ توغرىلىقى، مەلۇم تارىخى شەخسىلەرنىڭ ئۇلۇغلىقى، مەلۇم تارىخنىڭ شەرەپلىك ئىكەنلىكىنىلا تونۇپ يېتىدۇ،لېكىن ھەقىقى تارىخنىڭ بۇرمىلىۋېتىلگەنلىكىنى، ئاشۇ تارىختىكى رەزىللىك ۋە قاراڭغۇلۇقلارنى بىلمەي ئۆتۈپ كېتىدۇ. ئوقۇغۇچىلار 90 يىل بۇرۇنقى ، 50 يىل بۇرۇنقى ھەقىقى تارىخنى بىلمەيدۇ،ھەتتا 20 ۋە 10 يىل بۇرۇنقى ھەقىقى تارىخنىڭ ھەقىقى ماھايىتىنىمۇ بىلمەيدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە نۇرغۇن ئوقۇغۇچىلار‹‹بىرلا كاللا›› قېلىپىدا تەربيىلەنگەنلىكتىن بۇنداق تارىختىن گۇمان قىلىپمۇ قويمايدۇ، ئايرىپمۇ يۈرمەيدۇ.بەزىلەرگە ئېھتىياجلىق بولغان‹‹ ئۆزىدىن پەخىرلىنىش›› تۇيغۇسى  يېتىلگەندىن باشقا تارىخى  تەجرىبە ساۋاقلارنى يەكۈنلەش ئۈچۈن ئىزدەنمەيدۇ.  ئوخشاش مەسىلىدە ئامېرىكلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ  ‹‹ 2-دۇنيا ئۇرۇش مەزگىلىدە  ئامېرىكىنىڭ  ياپۇنىيىنى بومباردىمان قىلغىنى توغرىمۇ –خاتا›› دىگەندەك تارىخى زور  مەسىلىلەرنى مۇنازىرە قىلىش ئەركىنلىكى بار بولسا ؛جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىلارنىڭ  پەقەت دەرسلىك كىتاپتىكى تارىخنى، تارىخىي ۋەقەلەرنىڭ ۋاقتى، ئورنى، ئۇنىڭدىكى شەخسىلەرنى ھەم تارىخىي ۋەقەلەرنىڭ ‹‹ئەھمىيىتى››نىلا يادلىشىغا رۇخسەت قىلىنغان بولۇپ، مەن بىلەن تەڭقۇرداشتىكىلەر ئۈچۈن ئېيتقاندا ئەينى يىللاردىكى ‹‹تارىخ يادلاش››، ‹‹سىياسەت يادلاش››تىن ئىبارەت ‹‹ ئۆگۈنۈش›› جەريانى ئېسىمىزدىن كۆتۈرۈلمىگەن ئەڭ بىمەنە بىر جەرياندۇر.
جۇڭگو مائارىپىنىڭ 6-چوڭ تۆھپىسى شۇكى ئوقۇغۇچىلارنى ھەقىقى  تاشقى دۇنيادىن مۇۋەپپىقىيەتلىك ھالدا ئايتىۋېتىشتۇر.
رەڭدار تاشقى دۇنيا ۋەزىيىتى،ئىنسانىيەتنىڭ ئىلغار مەدەنىيىتى،تاشقىنلاپ تۇرغان دەۋر ئېقىمىغا قارىتا ھازىرقى زامان مائارىپى ئوقۇغۇچىلاردا دۇنياۋى كۆز قاراشنى، ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىنى،كەڭ قوساقلىقنى يېتىلدۈرۈشى كېرەكمۇ ياكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ نەزەر دائىرىسىنى پېچەتلەپ ئۇلارنى ئىچى تار قىلىپ ئۆستىرىشى  كېرەكمۇ؟كۆپچىلىككە ئايان ئالدىنقىسى بىردىن بىر توغرا جاۋاپ.
يولداش دېڭ شاۋپىڭنىڭ  ‹‹ مائارىپ زامانىۋىلىشىشقا، دۇنياۋېلىشىشقا ، كەلگۈسىگە يۈزلىنىشى كېرەك›› دىگەن سۆزنى ئوتتۇرىغا قويغىنىغىمۇ 20نەچچە يىل بولۇپ كەتتى. لېكىن جۇڭگۇ مائارىپى قانداق قىلىۋاتىدۇ، ئوقۇغۇچىلار بىلىدىغان تاشقى دۇنيا پەقەت بەزەنبىرلەر ئىجازەت قىلغان قىسمەن تاشقى دۇنيا بولۇپ، ئوقۇغۇچىلار غەرپتىكى تەرەققى قىلغان دۆلەتلەر ھەققىدە ئۇلارنىڭ سىياسىتىنىڭ ‹‹ رەزىلىككى››نى؛ سىياسەتلىرىنىڭ ‹‹ ساختىلىقىنى››،سىياسى پارتىيىلىرىنىڭ‹‹رەزىل كۈرەشلىرى››نى، ئادىمىگەرچىلىكىنىڭ‹‹ناھايىتى سوغۇقلىقى››... ۋاھاكازالارنىلا بىلىدۇ.
بىراق ئاشۇ سىياسى تۈزۈلمە ئاستىدىكى سىياسى ھوقۇق   ئۈنۈملۈك ھالدا نازارەت قىلىنغانلىقتىن ھوقۇقدارلارنىڭ پاك- دىيانەتلىك، ئىجتىھادلىق بولىدىغانلىقىنى، ھەممە ئىشلار ئاشكارە، يۇقۇرى ئۈنۈملۈك ئەمىلىلىشىدىغانلىقىنى،ئاددى پۇقرالارنىڭ چەكسىز مېھرى مۇھەببەتكە ئېرىشىپ، جەمئىيەت كاپالىتى ئارقىلىق سۈپەتلىك تۇرمۇشتىن بەھرىمان بولىدىغانلىقلىرىنى بىلمەيلا ئۆتۈپ كېتىدۇ.
ئوقۇغۇچىلىرىمىز غەرپ ئەللىرىنىڭ جۇڭگۇغا ھەمىشە ‹‹يامان غەرەز››دە بولىۋاتقانلىقىنى، ھەرۋاقىت ‹‹ئاستىن ئۈستىن قېلىۋېتىش›› مەقسىدىدە ئىكەنلىكىنىلا كۆرەلەيدۇ، بىراق   نۇرغۇن دۆلەتلەردىكى سىياسى پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتلەرنىڭ بىزگە ناھايىتى دوستانە ئىكەنلىكىنى، بىزنى قوللاش بىلەن بىرگە تەنقىدىي يېتەكلەپ ياردەم بولىۋاتقانلىقىنى بىلمەيدۇ، چۈنكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ قۇلاقلىرى ‹‹ قەتئىي قارشى تۇرۇش››،‹‹سېپىل ياساپ ئالدىنى ئېلىش›› تەربىيىسىدە پىشىپ قېتىپ كەتكەن. شۇڭا دۇنياغا قانداق قاراشنى ،باتۇرلۇق بىلەن رىئاللىققا يۈزلىنىپ،ياخشى ياماننى پەرقلەندۈرۈپ قانداق ئىشلىتىشنى بىلمەيدۇ:..ئوقۇغۇچىلىرىمىز ماركىس ئېنگىلىزلارنىڭ قانچىلىك ئۇلۇغۋار ئىكەنلىكىنى بىلىشىدۇ،لېكىن شۇلار بىلەن ئۇلۇغلۇقتا قېلىشمايدىغان ھايېك ،ھاۋىل،سۇلژىنكىن ... قاتارلىقلارنى بولسا بىلمەيدۇ.
چۈنكى جۇڭگۇ مائارىپىدا ئوقۇغۇچىلار ئىگىلەيدىغان تاشقى دۇنيا يازغۇچىلارنىڭ قولىدا پۈتۈپ چىققان توپ توپ يازمىلاردىن ئىبارەت  بولۇپ،ئۇنى مۇنداق يەكۈنلەشكە بولىدۇ:‹‹چەتئەل قالايمىقان››،‹‹بىزنىڭ مۇشۇ يەرلا ئەڭ ياخشى››، ئامىرىكىغا چېتىشلىق بولسىلا ( يەنە ياپۇنىيىمۇ بار) چوقۇم دۈشمەنلىك قىلىش مەقسىدى بار، غەرپ ئەللىرى بولسىلا چوقۇم قاتتىق ھۇشيار بولۇش كېرەك ...ۋاھاكازالار.
يەر تەۋرىگەن ئاپەت رايونلىرىدىكى بالىلار سۈپەتسىز قۇرۇلۇش سەۋەپلىك ئۆلۈپ كېتىپ،بۇ ئىشنى سورايدىغانغا  يەر چىقمىسىمۇ‹‹ غەرپ ئەللىرىكى جۇڭگۇغا قارشى دۈشمەن كۈچلىرىنىڭ بۇنىڭدىن پايدىلىنىپ كېتىشىدىن قاتتىق ساقلىنىش لازىم››كى، ئۆز ئىچىمىزدىن سېستىپ يىرىڭ بوپ كەتسەكمۇ زۇۋان سۈرمەسلىكىمىز كېرەك؛
‹‹دۈشمەن قارشى تۇرغانلىكى ئىش بولسا، بىز ھىمايە قىلىپ قوغدايمىز››ئەگەر غەرپنى ماختاپلا قويدۇقمۇ ئۇنداقتا ‹‹ۋەتەن ساتقىن›› گۇماندارى ،‹‹ئەكسىل ئىنقىلاپچى››،‹‹ جۇڭگۇغا قارشى دۈشمەن كۈچ ››كە ئايلىنىپ تەنقىدكە ئۇچراش تۇرغانلا گەپ.
يۈ چىيۇ يۇ ۋە ۋاڭ جاۋشەنلەرنى ھەقىقەتەنمۇ  جۇڭگۇدا يېتىشىپ چىققان ‹‹ يىلتىزدىن   ئەتراپلىق ھەم توغرا يېتىلگەن››‹‹كاللا››لىلارنىڭ مەشھۇر تىپىك ۋەكىلى دىيىشكە بولىدۇ.
(بۇ ئىككىسىگە دائىر ساۋاتلارنى بىلمەك بولسىڭىز 含泪 余秋雨، ۋە 鬼词 王兆山 دىگەن سۆزلۈكنى كىرگۈزۈپ بەيدۇلاڭ:- تەرجىماندىن)
جۇڭگۇدىكى بەزى زاتلارنىڭ چەتئەلگە تۇتقان پوزىتسىيىسى بەك سەزگۈر  زەئىپ بولۇپ، ھەدىسىلا  يا قارشى تۇرىدۇ، يا چەتكە قاقىدۇ ياكى ئەيىپلەپ شىكايەت قىلىدۇ.(بۇنىڭغا ۋۇخەن ئۇنۋېرسىتىتىدا گىلاس چېچەك گۈلى ئالدىدا ياپۇنچە ياسىنىپ رەسىمگە چۈشكەن ئانا-بالا ئىككەيلەن دۇچ كەلگەن كەچمىشلەرنى مىسال قىلىپ قاراپ باقساقلا بولىدۇ)ياكى ھەدىسىلا جۇڭگۇغا ۋاكالىتەن غەرپ ئەللىرىگە ‹‹جۇڭگۇنىڭ نارازىلىقى››نى بىلدۈرمەكچى بولىشىدۇ.
تېخى ئارىمىزدا بەزىلەر بېن لادىن ئۈچۈن  خوشال بولۇشۇپ كېتىشتى،تېخى بەزىلەر بولسا سادامغا مەدەت تىلەشتى،يەنە بەزىلەر جىن جېڭرىنى قەدىرلەپ چوڭ بىلىپ كېتىشتى.
ئەمىلىيەتتە بىز جۇڭگۇلۇقلار  چەتئەلگە چىققاندىن كېيىن تاشقى دۇنيانىڭ بىزنىڭ بۇرۇنقى بىلگەنلىرىمىزدىن زور دەرىجىدە پەرقلىق ئىكەنلىكىنى سېزىپ ھاڭ تاڭ قالىمىز.نۇرغۇنلىرىمىزدا  ئۆزىگە ئىشىنىش، باراۋەر بولۇش، كەڭ قوساقلىق، ئۆزىنى كۈچەيتىشتىن ئىبارەت ساغلام پىسخىكا كەمچىل بولۇپ بۇنى جۇڭگۇچە مائارىپنىڭ  ‹‹زور تۆھپىلىرى››دىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ ئەلبەتتە.


يېقىندا ئوقۇغۇچۇم سەۋەپلىك ئىچىم شۇنچىلىك ئاچچىق بولدى،ئىشنىڭ جەريانى مۇنداق: ئامىرىكا پۇقرالار ھوقۇق ھەركىتنىڭ داھىسى مارتىن لۇزارد كېنننىڭ داڭلىق نۇتقى‹‹ مېنىڭ بىر غايەم بار›› ھەققىدە دەرس ئۆتكەن ئىدىم،دەرسلىكتە ئوقۇغۇچىلارنىڭ نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتىش مەقسىدىدە ئۆزۈمنىڭ ئوۋبامانىڭ زوڭتۇڭلىققا سايلىنىش ئالدىدىكى ۋە سايلانغاندىن كېيىنكى يازغان ‹‹ئوۋبامانىڭ زوڭتۇڭلۇققا سايلىنىشى ۋە دېھقانلارنىڭ ۋاقىتلىق تۇرۇش ئىجازەتنامىسى››،‹‹ئامېرىكلىقلار ئوۋباما ئۈچۈن تەنتەنىگە  قىلۋاتقاندا جۇڭگۇلۇقلارنىڭ شەرەپ ۋە ئارنومۇس كۆز قارىشى زادى قانداق بولىۋاتىدۇ›› قاتارلىق ئىككى پارچە ماقالەم نى ئوقۇغۇچىلىرىمنىڭ ئوقۇشى ئۈچۈن بېسىپ تارقىتىپ بەردىم بۇ  ئىككى پارچە ماقالە ئەينى چاغدا نۇرغۇن داڭلىق تور بەتلىرىدە تەھرىر تەرپىدىن تەۋسىيە قىلىنغان، ھەتتە باش بەتتىكى مۇھىم جايدىن ئورۇن ئالغان، شۇنداقلا  نۇرغۇن تورداشلارنىڭ قىزغىن بەس-مۇنازىرىسىنى قوزغىغان ئىدى، ئوقۇغۇچىلىم كۆرگەندىن كېيىن نۇرغۇنلىرىنىڭ چىرايلىرى جىددى تۈسكە كىردى. بىر ئوقۇغۇچۇم مۇنداق دىدى: ‹‹مۇئەللللىم بىز ئىزچىل خىيالى پەخىرلىنىش تۇيغۇسى ئىچىدە ياشاپ كەپتىمىز، دۆلىتىمىزدە شۇنچە كۆپ مەسىلىلەرنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى پەقەتلا ئاڭقىرالماپتۇق.››
لېكىن قىسمەن ئوقۇغۇچىلىرىم نارازى بولغان ھالدا :‹.مۇئەللىم نىمشىقا ئىككىلى پارچە ماقالىڭىزدە ئامېرىكىنى ماختاپ ئۇچۇرۇپ ئۆز دۆلىتىڭىزنى ياخشى دىمەيسىز، ۋەتەننى ئانچە سۆيمەمسىز نىمە؟›› دىگەنمۇ بولدى.
ئامېرىكىنى ماختىغاندا چوقۇم ئۆز دۆلىتىنىمۇ قوشۇپ ماختاش، ياكى ئۆزىمىزنىلا ماختاپ ، ئامېرىكىنى ماختىماسلىق،ئەڭ ياخشىسى ئامېرىكىنى‹‹ ئەسكى›،دىيىش ، شۇ ئارقىلىق ۋەتەنپەرۋەرلىكىنى ئىپادىلەش --- مانا بۇلار دەل  xx تارماقلىرىنىڭ ئوقۇتۇش ئارقىلىق ئېرىشكەن تەپەككۈر ئۇسلۇبى ئەمەسمۇ؟!
ئوقۇغۇچىلىرىم بىلەن بىزدىكى نوپۇس تۈزۈمىدىكى نۇقسانلار ھەققىدە پاراڭلاشقاندا ئۇلاردىن بىرقانچىسى مۇنداق دىيىشتى:‹. بۇ قانچىلىك ئىشتى،دۆلىتىمىزنىڭ ئەمىلىي ئەھۋالى ئوخشىمايدىغان تۇرسا ››. شۇنىسى ناھايىتى ئېنىقكى ئوقۇغۇچىلىرىمنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىنىڭ نوپۇسى يېزا نوپۇستا ياكى ئۇلارنىڭ ئاتا ئانىسىنىڭ نوپۇسى يېزا نوپۇستا ئىدى، ئۇلاردىن نۇرغۇنلىرى باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپ مەجبۇرى مائارىپ باسقۇچىدا تۇرۇپمۇ ئوبدانراق ماكتەپ تاللاش خىراجىتى ئۈچۈن نەچچ ئون مىڭلاپ پۇل خەجلىگەن  بولۇپ،ئۇلار ۋە ئۇلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرى ئەسلىدە ئاللىقاچان بەھرىمان بولۇشقا تېگىشلىك ئىشقا ئورۇنلىشىىش، ياشانغاندا كۈتۈنۈش، داۋالىنىش قاتارلىق ئىجتىمائى سۇغۇرتىلىرىدىن بەھرىمان بولۇپ باققان ئەمەس ئىدى.
بۇ   نەقەدەر ‹ تەسىرلىك› ئەمما كىشىنىڭ ئىچىنى ئېىچشتۇرغۇدەك دەرىجىدىكى ‹.ۋەتەنپەرۋەرلىك›› ۋە ‹.ئومۇملۇقنى چىقىش قىلىش ›،ئىدىيسىى ھە؟!!
يەنە بىر ئوقۇغۇچىمنىڭ سورىدىغان سۇئالىدىن ئايلىنىپ كەتكىلى تاسلا قالدىم:بۇ ئەزىز ئوقۇغۇچىم ئامېرىدىكى ئاق تەنلىكلەر ئۈچۈن غەم ئەندىشىگە چۈشكەن بولۇپ مۇنداق دەپ سورىدى:‹. مۇئەللىم، ھزىر قارا تەنلىك ئوۋباما زوڭتوڭ بولدى، ئەمدى ئامېىردىكى ئاق تەنلىكلەردىن ئۆچ ئالارمۇ؟››- ئەپسۇس مەن بۇ كۈلكىلىك سۇئالدىن پەقەت كۈلەلمىدىم،ئوقۇغۇچىلىمىز كىچىكىدىن تارتىپلا ئەتراپتىكى ئىجتىمائىي رىئاللىقتا  ۋە خان ئوردا ئىچىدىكى فىلىملەردىكى ئەڭ ئالىي ھۆكۈمران چەكسىز ھوقۇققا ئىگە، ئۇلارنىڭ  دىگىنى دىگەن قىلغىنى قىلغان، شۇڭا ۋاقتى كەلگەندە بۇرۇنقى ئاداۋەت ئۈچۈن  ئۆچ ئېلىش ناھايىتى نورمال ئىش دەيدىغان ئەملىيەتنى كۆرۈپ چوڭ بولغان. ھېلىغۇ ئەڭ ئالىي ھۆكۈمران ئىكەن ھەتتا بىر ناھىيە ياكى يېزىدىكى شۇنچە كىچىك كەنت ئەمەلدارلىرمۇ بىزدە بۇنداق ئالاھىدە ئىمتىيازغا ئىگە.ئۇنىڭ ئۈستىگە ئوقۇغۇچىلىمىزغا كۆتۈرۈپ قوپقىسىز مىقداردىكى  ‹‹ ئار نومۇس›› ‹‹ ئۆچ ئاداۋەت›› تارىخى كۆز قاراشلىرى،    قانغا -قان ،جانغا- جان ئالىمىز دەيدىغان زورلۇق زومبۇلۇق خاراكتىرىدىكى ‹‹ ئىنقىلابىي تارىخى قاراش›لار ھەم ئۇنىڭدىن باشقا ‹. جۇڭگو نارازى بولدى›› ‹‹xxx  لەرگە قارشى تۇرۇپ›› ‹‹ xxx  لەردىن ئۆچ ئالىمىز›› دەيدىغان‹ۋەتەنپەرۋەرلىك قىزغىلىقى ›سىڭدۈرۈلۈپ تەربيىلەنگەن بولۇپ. ئۇلار  تاشقى دۇنيادىكى سىياسى مەدەنىيەت تەرەققىياتى دەرىجىسىنى، بولۇپمۇ ئامېركا قاتارلىق كۈچلۈك دۆلەتلەردە زوڭتۇڭلۇق ھوقۇقىنىڭ قانداق كېلىدىغانلىقى، قانداق چەكلىمىگە ئۇچرايدىغانلىقى، قانداق نازارەت قىلىنىدىغانلىقىنى  قەيەردىن بىلسۇن ھەم قانداق بىلسۇن؟بۇ بالىلار مۇھەنداس گەندى(ھىندىستان مىللى ئازاتلىق ھەركىتىنىڭ داھىسى)،مارتىن لۇزار كېن(ئامېرىكا قارا تەنلىكلەر كىشىلىك ھوقۇقى ھەركىتىنىڭ داھىسى)،مېن دولا (جەبۇبي ئافرىقىنىڭ سابىق زوڭتۇڭى) قاتارلىق دۇنياۋى داڭلىق كشىلەرنىڭ  تېنچ قارشى تۇرۇش ھەركەتلىرى ۋە تېنچلىقتىكى كەڭ قوساقلىقىنىڭ چوڭقۇر تەسىرىنى بىلمەيدۇ، بۇنىلا ئەمەس شۇ قېتىملىق ئامېرىكا زوڭتۇڭ سايلىمىدا نۇرغۇن ئاق تەنلىكلەرنىڭ ئوۋبامىنى قوللاپ ئاۋاز قوشۇپ بېلەت تاشلىغانلىقىنىمۇ بىلمەسلىكى مۈمكىن،  يەنە بەلكىم ئۇلار نىمىشقا ئۇنچە كۆپ ئاق تەنلىكلەرنىڭ بىر قارا تەنلىككە ئاۋاز قوشۇپ بېلەت تاشلىغانلىقىنى چۈشىنىپ يېتەلمەس...


ماۋيەننىڭ شۇ ناملىق ئوبزورىغا ئاساسەن تەرجىمە قىلىندى، تېمىلىرىمنى رۇخسىتىمسىز قالايمىقان يۆتكىمەڭ!
داۋامى تەرجىمە قىلىنىۋاتىدۇ،

نۇر چېچىشنى بىلمىسەڭ مەڭگۈ باشقىلارنىڭ كۆلەڭگۈسى بولۇپ ياشايسەن!
ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

كۆيۈمچان ئەزا

دوستلۇق دائىما ئ

UID
8110
يازما
138
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
3948
تىزىملاتقان
2010-12-22
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-12
توردا
17 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-12 10:44:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ئورۇنلۇق گەپ بوپتۇ
توغرا "...مائارىپ دىگەن ئەسلىدە ئوقۇغۇچىلاردا پەرەز  قىلىش،تەكشۈرۈش ئىزدىنىش روھىنى؛ پىكىر قىلىش، سېلىشتۇرۇش، پەرقلەندۈرۈش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرشى كېرەك ئىدى، بىراق  جۇڭگونىڭ مائارىپ دەل ئەكسىچە  بولۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ شۈبھىلىنىش روھى، تەكشۈرۈش جۈرئىتىنى يوقىتىپ، ئۇلارنى ئوقۇتۇش ۋە پايدىلىنىش ماتىرىياللىرىدىكى مۇتلەق توغرا جاۋاپقا بولۇپمۇ سىياسى تەربىيە ئوقۇشلىقلىرىنىڭ مۇتلەق توغرىلىقغا ئىشىنىشكە يېتەكلەۋاتىدۇ،  .....
....ھەي ھازىر مائارىپ توغرىسىدا ئويلىنىدىغان يەرگە يەتتى... بۇلۇپمۇ يېزىلاردا... يوقلامغا سانغا ئۆتۈش ئۈچۈن ئوقۇپ تۇلۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرۈپ چالا ساۋات چىقىۋاتقانلار بەكمۇ كۆپ دىسە....

UID
7112
يازما
165
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
4067
تىزىملاتقان
2010-11-8
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-29
توردا
2 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-12 12:29:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن ئۈستۈنكى قەۋەتتىكى يولداشنىڭ پىكىرىگە قوشۇلىمەن

UID
16689
يازما
4
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
94
تىزىملاتقان
2011-10-31
ئاخىرقى قېتىم
2011-12-19
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-12 14:09:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جوڭگو ئەگەر ھەقىقى ئۈنۈملۈك ئوقۇتۇشنى يولغا قويىمەن دەيدىغان نىيىتى بولسا ،مانا مۇشۇنداق مائارىپنى ھەقىقى چۈشىنىدىغان ئادەملەرنى ئىزدەپ تېپىپ مائارىپ مىنىستىرلىكىنىڭ ھەقىقى ئۆتۈملۈك ھوقۇقىنى تۇتقۇزۇشى  كېرەك ئىدى. ئەمما دۆلىتىمىزدە رەھبەر بولۇش ئۈچۈن ...... ھەيييي   

دوستۇڭنىڭ ئەيبىنى كەچۈرەلمىسەڭ دوست بولالمايسەن

UID
12811
يازما
180
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
3480
تىزىملاتقان
2011-6-29
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-10
توردا
47 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-12 23:42:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شىنجاڭ  تىلىۋىزىيە  ئىستانسىسىنىڭ تونوگۇنكى« كوڭۇلدىكى سوز  »پىروگىراممىسىدا ،شىنجاڭ  ئۇنۋىرتسىتىتىنىڭ  بىر ئىقتىساد  پەنلىرى فىروفىسسورى ،دۋلىىتىمىزدە  بازار ئىگىىلىگى  يولعا قويۇلعىلى  30يىل بولدى دەۋاتىدۇ . ئەمەلىيەتتە بازار ئىگىلىگى  يولعا قويۇلعۇلى 19يىل ،ئىسلاھات ئىچىۋىتىش يولعا قۇيۇلعىلى  32يىل بولدى  ، ئالى مەكتەب فىروفىسسورىنىڭ ھالى شۇ تۇرسا مائارىپىمىزدىن  ئۇمۇت كۇتكىلى  بۇلامدۇ ؟

UID
16850
يازما
195
تېما
28
نادىر
0
جۇغلانما
645
تىزىملاتقان
2011-11-4
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-8
توردا
128 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-13 00:23:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مائارىپتا كەسىپلىشىش جان بېقىشنىڭ كەينىدە قالدى.  مائارىپتا -ئوقۇتقۇچىلاردا كەسىپلىشىش روھى شەكىللەنگەندە ئاندىن بالىلارنى نەگە يىتەكلەشنى بىلەلەيدۇ.  مەكتەپتىن قايىتقان بالىلار  قېلىپلاشقان ھالەتتىكى بىر تۇتاش سېتىپ بىرىلگەن تاپشۇرۇقتىن باشقا ئۆگۈنۈشنى بىلمەيدۇ ھەم خالىمايدۇ.

UID
18011
يازما
5
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
125
تىزىملاتقان
2011-12-4
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-4
توردا
6 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-13 13:56:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جۇڭگۇدا ئوقۇغۇچىلارنى ئۇگىنىش ماشىنىسى قىلىشىقا كۈچەيدۇ  شۇ شەخس خالىمىغان

بۇھايات

Rank: 8Rank: 8

UID
2533
يازما
957
تېما
5
نادىر
0
جۇغلانما
42680
تىزىملاتقان
2010-6-4
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-4
توردا
155 سائەت

ئىلغار باشقۇرغۇچى

يوللىغان ۋاقتى 2011-12-13 14:32:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
«ئامېرىكىلىقلار ئولمپىك ماتىماتىكا مۇسابىقىسىدە جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىلارغا يەتمىسىمۇ، لېكىن ئۇلار تۇنجى بولۇپ كومپىيوتۇرنى ئىجاد قىلغان»

ئۆتەر-كېچەر، يىلتىزى يوق بىر نېمىلەر ساڭا ئەسقاتمايدۇ.

UID
2462
يازما
4
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
154
تىزىملاتقان
2010-6-2
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-1
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-14 10:12:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دەششەت كۆڭۈلدىكىدەك گەپلەر بولۇپتۇغۇ ما تىمىدا !!!!! گەرچە بۇلارنى ئۆز قۇلۇم بىلەن بۇلارنى يېزىپ (مەندىغۇ بۇنچىلىك ئوبزور يازغۇدەك قابىليەتنىڭ پۇچىقىمۇ يوق)،كەڭ جامائەتچىلىك بىلەن ئورتاقلىشىشقا قۇربام يەتمىسىمۇ .لىكىن ئۆز كۆزم بىلەن ئوقۇپ ئىچىم خلى بوشىغاندەك بولدى.  ...... ئەمدى گەپ بۇ ئوبزور پەقەت  ۋاراق يۇزىدىلا قالماي  ئازىراق ئەمەلى ئۈنۈم ھاسىل قىلالىغان بولسا ياخشى بولاتتى.

UID
12776
يازما
17
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
407
تىزىملاتقان
2011-6-28
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-3
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-14 12:49:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇنداق ئوبزورلارنى مىليون قېتىملاپ يازغان بىلەنمۇ، دۆلەت ئاتىلىرىنىڭ دېققىتىنى قوزغىيالمىسا نېمە ئەھمىيىتى بولسۇن. يەنە كېلىپ دۆلىتىمىز مائارىپى دۆلەت ئەھۋالىنى چىقىش قىلىپ يولغا قويۇلغان مائارىپ.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش