ئىگىسى: delawur

بۇنىڭغا قانداق قارايسىلەر [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
12213
يازما
57
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
1858
تىزىملاتقان
2011-6-14
ئاخىرقى قېتىم
2012-3-5
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-4 22:50:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كەچۇرۇڭلار كۆپچىلىلك مەن تۇلۇقسىزنى پۇتتۇرگەن ،قانۇندا ئۇنچقۋالا ساۋادىم بولمىسىمۇ ،لىكىن مەن ھىس قىلمەنكى دولتىمىز قانۇندا يەنىلا بوشلۇق مەۋجۇد،يەنى مۇشۇنداق كىچىكىنە غاز كەپتەر ئوغۇرسىنىڭ  ئۇچۇن قاتىلىق قۇرالى ئىلىپ كىلىپ ئۇغۇرلۇق قىلىدۇ ؟ جاۋابى شۇكى بايقىلىپ قالسا تۇتۇلۇپ قالماسلىقى ئۇچۇن ،تۇتۇشقا ئادەم كەلگەندە ئىنىقلا تۇتماقچى بولغان كىشىنى يارلاندۇرىدۇ ،(بۇنداق جىددىيلەشكەن ئەھۋالدا مەن ئۇغىرى بۇلۇپ قالغان بولساممۇ شۇنداق قىلىشىم مۇمكىن ،چۇنكى ئادەمنىڭ مىڭىسى ئەڭ جىددىي ھالەتتىلا خاتا يەكۇن چىقىرىدۇ،بۇ تەبىىي )  ئۇنىڭ بۇ يىرىم كىچىدە قاتتىلىق قۇرالى ئىپ ئوغۇرلىق قىلىشىدا چۇقۇم ئادەم ئۆلتۇرۇش ياكى زەخمىلەندۇرۇش مۇدداسى بار (بارلىق تەييارلىقلارنى پۇختىلاپ ئاندىن پىلانلىق ھالدا ئۇغۇرلۇق قىلغان)، بۇجرياندا ئىش ئۇنىڭ ئويلىغندەك بولماي تاسسادىبىي ئھتىماللقلاردىن ساقلىنىش ئۇچۇن ئىلىۋالغان پىچىقى بىلەن ئادەم زەخمىلەندۇرگەن ۋە ئۇزنىڭ پىچىقىدا ئۇلۇپ كەتكەن ، مۇدداسى ئۇغۇرلۇق لىكىن ئۇ يەنە بەزى تاسسادىبىيلىقلاردىن ساقلىنىش ئۇچۇن  ئىلىۋاغان پىچىقى بىلەن بۇ تاسسادىبىيلىقلاردىن ساقىنىش ئۇياقتا تۇرسۇن ئەكسىچە ئۇزى ئۇلۇپ كەتكەن ،
مىسال :بىزنىڭ يۇرتىمۇ بۇنىغا ئوخشاش بىر دىلو يۇز بەرگەن  ئۇغۇرلىققا كىرگەن ئۇغىرى بايقلىپ قىلىپ قىچىپ كەتكەن ،مال ئىگىسى قوغلاپ كەينىدىن بارغاندا ئۇغىرى مال ئىگىىسنى ئولتۇرۋەتكەن ، دىمەك  بۇ دىلودا بۇ پىچاق بولغان ئىكەن چۇقۇم بىر تەەپتىن ئىىغىر يارلىشى ياكى ئادەم ئۇلۇشى كىپ چىقىدۇ ، بۇنىڭدا بىز يەنىلا سەۋىرچانلىق بىلەن دىلو نەتىجىسنى كۇتەيلى .،
دولىتىمىز قانۇنى تىخىمۇ مۇكەممەلەشكەندىلا بۇنداق دىلو مىسالغا قىلچىلىق ئىككىلەنمەيلا ھۇكۇم چىقىرالايتۇق ،قىنى ساقلايلى نەتىنجىنى \\
كەچۇرۇڭلار جىق سوزلەپ قويدۇم.

تارىخ ھەممىگە گۇۋاھچىدۇر

UID
16421
يازما
1
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
10
تىزىملاتقان
2011-10-25
ئاخىرقى قېتىم
2011-12-16
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-4 23:54:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

تىما ئىگىسى(delawur)نىڭ يازمىسىغا قارىشىم

قانۇننىڭ « باش جىنايەتچىنى جازالاش، ئەگەشكۇچىلەرنى سۇرۇشتۇرمەسلىك » تىن ئىبارەت مەزمۇنىغا تەدبىقلانسا ئادىللىق بولىدۇ : بولمىسا ئادالەتسىزلىككە يول قويغان بولىمىز .
گەپنىڭ پوسكالىسىنى دىسەك ،  قانۇن راستىنلا ئادىل بولسا مۇنداق ھۆكۈم چىقىرىدۇ :
كىرگەن ئوغرىنى قاتتىق جازالاش كېرەك !  باشقىلار گۇناھسىز !

نامەت  خىزمەت تىلفۇن :   15894089431

UID
10950
يازما
1
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
10
تىزىملاتقان
2011-4-29
ئاخىرقى قېتىم
2011-11-5
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-5 00:40:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋاي بۇ سوتقا چىققان ئادەم ھەقنى ھەق قىلىمەن دىسە  ۋەيران بولىدىكەن دەيمە.
راس سىز ئادۇگات بولسىڭىز سىزدىن بىر مەسلەھەت سوراي.
مەن مەلۇم بىر دۇككاننى 3يىل ئىجارە ئالغان  2.يىلى دۇككان ئىگىسى ماڭا ئۇختۇرماي باشقا بىرسىگە سىتىۋىتىپتۇ.
دۇككاننىڭ ئىجارە مۇددىتى توشقاندا دۇككاننى بىكارلا مەن دۇككاننى سىتىۋەتتىم.دىدى.
مەن ئەرز قىلاي دىگىچە ئۇ مەندىن بالدۇر ئەرز قىلىپ  بۇلۇپتۇ.
1ئاي بولغاندا ئەرزنى قايتۇرۋاپتۇ.
سوتچى ئايال ماڭا تىلىفۇندا دەۋاگەر ئەرزنى قايتۇرۋالدى .
دۇككاننى ساتمايدىكەن قايتۇرۋاپتۇ.
سىز ئەمدى ئەرز قىلماڭ. دۇككاننى سىزگە ئىجارە بىرىدىغان بولدى دەپ مىنى ئالدىۋىتىپتۇ.
كىيىن ئجرانىڭ ئادەملىرى كىلىپ دۇككاننى بىكارلا دەپ 3.كىشىگە بىكار قىلىپ بەردى.
ئاڭلىسام دۇككان ئگىسى بىلەن 3.كىشى مۇرەسسە قىلىپ ئىلىم سىتىمنى كۈچكە ئىگە قىلىۋىتىپتۇ.
ئۇلارنىڭ مىنى چاقىرماي مۇرەسسە قىلغىنى توغرىمۇ؟؟؟

UID
16886
يازما
1
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
10
تىزىملاتقان
2011-11-5
ئاخىرقى قېتىم
2011-11-5
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-5 00:45:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

بۇ 2 قەۋەتتىكى   (begiz) نىڭ يازمىسىغا قارتىلغان

ياخشىمۇ سىز،،،سىز ئەلكۈيىنىڭ بىكەت باشلىغىمۇ بولسا چ چ نومرىڭىزنى قالدۇرسىڭىز ،سىزدىن سورايدىغان موھىم بىر ئىش بار ئىدى،،،مەن ھازىر توردا بار،،،

يېڭى يۇلتۇز

ئاياقنى تەتۇر كى

UID
16757
يازما
14
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
100
تىزىملاتقان
2011-11-1
ئاخىرقى قېتىم
2011-11-17
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-5 11:52:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشىمۇ سىلەر
مۇنداق مەسىلىگە سەل قارىماڭلا. "ئا"  "ب" نى يارلاندۇرغاندىلا جىنايى قىلمىشتىن توختىغان. يوللۇق قوغدىنىشنىڭ مەخسىدى جىنايەتچىنى جىنايى قىلمىشتىن توسۇش. ئىغىر ئاھۋال كىلىپ چىقىشىنىڭ ئالدىنى ئىلىش. بىر ئىشنى دەپ، بىردەملىك قىزىققانلىقنى دەپ جىنايەتچىنى يارلاندۇرسا بۇ يوللۇق قوغدىنىش دائىرىسىدىن چىكىپ كىتىدۇ.

UID
16910
يازما
1
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
10
تىزىملاتقان
2011-11-5
ئاخىرقى قېتىم
2011-11-8
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-5 22:21:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يوللۇق قوغدىنىش مەسىلىسىگە قارىتا ، جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 20 - ماددا 3- تارمىقىدا "ۋەھشىلىك ، قاتىللىق ، باسقۇنچىلىق ، تۇتۇپ كېتىش ۋە  جىسمانى بىخەتەرلىككە ئېغىر خەۋىپ يەتكۈزىدىغان باشقا زورلۇق جىنايىتى ئۆتكۈزىۋاتقاندا قوغدىنىش تەدبىرى قوللىنىپ ، قانۇنسىز زىيانكەشلىك قىلغۇچىنى زەخمىلەندۈرۈپ ۋە ئۆلتۈرۈپ قويغانلار ، قوغدىنىشنى چېكىدىن ئاشۇرىۋەتكەنلەر قاتارىغا كىرمەيدۇ ، جىنايى جاۋاپكارلىققا تارتىلمايدۇ. " دەپ ئېنىق ئېيتىلغان .
     ئەگەر ئەھۋال ھەقىقەتەن سىز ئېيتقاندىكىدەك بولسا، ئوغىرىنىڭ بايقىلىپ قالغاندىن كېيىن زورلۇق كۈچ ئىشلىتىپ ئىنىسى ب نى  پىچاق بىلەن ئېغىر زەخمىلەندۈرگەن ۋاقىتنىڭ ئۆزىدىلا ئوغۇرلۇق تىن ئىبارەت بۇ جىنايەتنىڭ خارەكتىرى بۇلاڭچىللىققا ئۆزگىرىپ بولغان بولىدۇ . ئەمدى بۇ ۋاقىتتا س نىڭ قىلمىشى جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 20- ماددا 3- تارمىقىغا ماس كېلەمدۇ - يوق ؟  بۇنى يوللۇق قوغدىنىش دەپ ئېيتىشقا بولامدۇ- يوق ؟   
       قالغىنى سىلەرنىڭ ئادۋۇكاتلىق ئورنىنىڭ ، ئا نىڭ قىلمىشىنى ، قانۇن ماددىسىدا ئېيتىلغاندىكىدەك "جىسمانى بىخەتەرلىككە خەۋىپ يەتكۈزگەن زوراۋانلىق خارەكتىردىكى قىلمىش " ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ چىقىش ياكى چىقالماسلىقىغا باغلىق .

UID
13836
يازما
19
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
259
تىزىملاتقان
2011-8-9
ئاخىرقى قېتىم
2012-3-10
توردا
12 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-6 23:50:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئەھۋال سىز دىگەندەك بولسا ئاكا ئىنە ئىككىسى گۇناسىز. چۈنكى قانۇنغا پاكىت لازىم ئەگەر ئوغرىنى تۇتمىسا ئوغرى قېچىپ كىتىدۇ،

ئاددى بىر مىسال: بىر ئوغرى ئۆيىڭىزگە يېرىم كېچىدە كىرىپ قىممەت باھالىق نەرسىڭىزنى ئوغۇرلاپ ماڭسا ئۇنى سىز كۆرۈپ ئارقىسىدىن قوغلامسىز ياكى ئوغۇرلىساڭ  مەيلى تاڭ ئاتقاندا ساقچىغا مەلۇم قىلمەن دەپ ئۇيقىڭىزنى ئۇخلامسىز؟


UID
1259
يازما
106
تېما
4
نادىر
0
جۇغلانما
3589
تىزىملاتقان
2009-1-22
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-12
توردا
3 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-7 15:13:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
10 نەچچە يىل مۇقەددەم كەمىنىمۇ موشۇنىڭغا ئوخشاپراق كېتىدىغان بىر ۋەقەگە يولۇققان. بىر ئىش تۈپەيلى مەھەللىەمىزدىكى بىرەيلەن بىلەن زىددىيەتلىشىپ قالدىم. سەۋەنلىك گەرچە قارشى تەرەپتە بولسىمۇ <<تۆمۈر تاۋاق>>ئىمنىڭ نازۇكلىقىدىن كەچۈرۈم سورىدىم، بولمىدى. مىنىڭ كەچۈرۈم سورىغانلىقىمنى <<قورقتى>> دەپ بىلگەن چىغى، جىدەل چىقاردى. جىدەل ئىلگىرى كېيىن 3 كۈن ئەتىگەندە مېنىڭ ھەر كۈنى ئىشقا ماڭار ۋاقتىمدا يولۇمنى توسۇپ يۈز بەردى. ئالدىنقى 2 قېتىمدا بولىشىغا تاياق يېدىم، ھەتتا 2- كۈنى ئەتىگەندىكى جىدەلدە بىر ئائىلە كېشىلىرى يولۇمنى توسۇپ، بىرلىشىپ ئۇرۇشۇپ، كېيىملىرىمنى يىرتىپ، ئانامنىڭ ئالدىدا ئانىدىن تۇغما ھالەتكە كەلتۈرۈپ قويدى. يېرتىق كېيىملىرىم بىلەن ھايالىق يەرلىرىمنى توسۇپ ئاران دېگەندە ئۆيگە قىچىپ كېرىۋالدىم.
      3- كۈنى ئەتىگەندە بىر ئائىلە كېشىلىرى يولدا يەنە يولۇمنى توسۇپ جىدەل چىقارغاندا، ئۆزۈممۇ بىلمىدىم، نەدىن كەلگەن كۈچ بولغىيتىكىن تاڭ، تاياق دېگەن مۇنداق بولىدۇ دەپ بولىشىغا ساپتىمەن. مەھەللىدىكى نەچچەيلەننىڭمۇ مىنى تۇتۇۋىلىشقا مادارى يەتمىدى. نەتىجىدە ئۈچ ئادەم دوختۇرخانىغا كىرىپ قالدى، بىر نەچچىسى يېنىك يارىلاندى. ئاقىۋەتتە بولسا مەن بىر زىيالىي تۇرۇقلۇق 1- قىتىملىق جىدەلدىلا ج خ ئورۇنلىرىغا ئەھۋال مەلۇم قىلمىغىنىم، سوراقنى ئۆزەم سورىغانلىق قاتارلىق سەۋەنلىكلەر بىلەن 10 نەچچە كۈن بىلىم ئاشۇرۇشقا مەجبۇر بولدۇم. دادام ئەھۋالدىن خەۋەر تىپىپ ياقا يۇرتتىن قايتىپ كىلىپ يوغان پاقلان سويۇپ قارشى تەرەپكە مەھەللە ئالدىدا مەن ئۈچۈن ناماقۇل بولۇپ، دوختۇرخانىدىكىلەرنىڭ چىقىمىنى ئۆزىنىڭ تۆلەيدىغىغنىنى ئىيتىپ، ج خ ئورىگىنىدىن ئەرزىنى قايتۇرۇۋىلىشنى ئۆتۈنسىمۇ ئۇنىماپتۇ. شۇنىڭ بىلەن مىنىڭ <<تۆمۈر تاۋاق>>ئىمغا تەسىر يىتىشىدىن ئەنسىرەپ 3 قىتىملىق جىدەلنىڭ ئۈستىدە بار گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىقىنى ئاساس قىلىپ، يەنە يۇقىرى-تۆۋەن قاتراپ يۈرۈپ خىلى بەدەل تۆلەش بەدىلىگە مېنى ئۇ راھەتلىك مېھمانخانىدىن ياندۇرۇپ چىققان ئىدى.
      تېمىغا كەلسەك؛ ئاكا-ئىنى ب س لار ئوغرى ئا غا ئابدۇكېرەم ئابلىزنىڭ قايسىبىر ئىتوتىتىدىكىدەك مۇئامىلە قىلغان بولسا بەلكىم بۇنداق تېراگىدىيە يۈز بەرمەس ئىدى. ئەمدى گەپ س نىڭ پىشانىسىگە باغلىق بوپ قالغاندەك تۇرىدۇ.
     قانۇن نوقتىسىدىن قارىغاندا س نىڭ بۇ ھەرىكىتى يوللىق قوغدىنىش ئەمەس بەلكى قاتىللىق قىلىش دېلوسى بولۇپ قارىلىشى مۇمكىن. قالدى ئىش مەزكۇر دېلونى ئىشلىگەن سودىيەلەرنىڭ بۇ دېلونى قانۇنغا قانداق تەدبىقلىشىغا باغلىق.

UID
10961
يازما
18
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
528
تىزىملاتقان
2011-4-30
ئاخىرقى قېتىم
2012-2-24
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-7 16:15:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جۇڭگۇدا جۈملىدىن بىزنىڭ دىيارىمىزدا ئۇيغۇر تىرۇرچىلاردىن باشقا جىنايەتچىلەرگە ئادىل ھۈكۈم چىقمايدۇ
كىمنىڭ پۇلى مەنسىپى بۇلسا قانۇن شۇنۇڭغا مايىل ھۈكۈم چىقىردۇ

UID
10961
يازما
18
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
528
تىزىملاتقان
2011-4-30
ئاخىرقى قېتىم
2012-2-24
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-7 16:26:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ئىنكاسىم تەھرىر لەندى

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش