سەھرا بازىرىدىكى «ئالامەتلەر»
كېۋەزلەرنى بېرەر قۇر تىرىپمۇ بولدۇق،مەن كەچكىچە قاقشاپ:« بىر ئېتىزنى ئەمدى تىرىپ بولۇپ يەنە بىر ئېتىزغا چىقىپ بولغۇچە ،ئاۋۇ يەنە بىرسى يەنە پوتلىسىنى ئېقىتىپ تەييار بولىدىكەن » دەپ جىلە بولسام ،دادام ،ئانام كۈلۈپ :« ۋاي بالام،ئاشۇنداق كەينى –كەينىدىن ئېچىلىپ بېرىۋەرسە ئىدى بىزمۇ جاپا تارتساقمۇ ئالدىرماي تىرىۋالاتتۇق،پاختا تەرسەك تەرسەك يەنە چىقىۋەرسە ياخشى ئەمەسمۇ» دېدى.مەنمۇ بىردەم ئويلانغاندىن كېيىن ئۇلارنىڭ گېپىنىڭ توغرىلىقىنى ھېس قىلدىم.
ئانام، داداملار بىزنى جاپا تارتىپ كەتتى دەپ بىر كۈنى ئۇنىمىغىنىمىزغا قويماي بازارغا ئېلىپ باردى.
مەن كەچكىچە ھاڭۋاقتىدەك ئۇيان-بۇيانغا تولا قاراپ ،ئانام-دادام نەگە كەتكەندۇ دەپ جىددىيلىشىپ تۇرغاندا ھەدەم بىر ياندىن پەيدا بولۇپ قولۇمدىن چىمداپ :«ۋاي يىتىشىپ ،ئالدىڭغا قاراپ جىم ماڭغىنا » دەپ غودۇڭشىدى،ئېزىپ قالغان كىچىك بالىنى يىتىلىگەندەك ئاچام قولۇمدىن يىتىلەپ ماڭسىمۇ يەنە بىردەمدە ئۇلارنى يۈتتۈرۈپ قوياتتىم.
كۈز مەزگىلى بولغاچ تىرىپ بولغان پاختىلىرىنى ئاز-تولا سېتىپ يانچۇقىغا پۇل كىرگەن دېھقانلار بازارنى لىق ئالغانىدى.
ئاپىراتىمنى چىقىرىپ كىچىككىنە قول ياغلىقنى يېيىپ قويۇپ ئۈستىگە مونەك مونەك يىلىملەرنى تىزىپ قويۇپ خېرىدار كۈتىۋاتقان شۇ پاكىز موماينى، بىر بۇلۇڭغا ئورۇندۇق بىلەن كاپلىغۇچ ھەم ئۇستىرا،ساقال مازغاپلىرىنى تەييارلاپ :«كەلسىلە ئۇكام ساقاللىرىنى ئېلىپ قوياي،ماڭا قايلىسىلا ئاكا باشلىرىنى چۈشۈرۈپ قوياي» دەپ ۋارقىراۋاتقان ئوتتۇرا ياشلىق ياداڭغۇ شۇ ئەرنى،ئوسما كۆتۈرۈپ يۈرگەن شۇ كىچىك قىزنى رەسىمگە تارتقىنىمدا ھەدەم خاپا بولۇپ :« سالە ئاۋۇ بىرنىمەڭنى،خەق نېمىدەپ قالىدۇ ،رەسىمگە تارتماي جىم ماڭ» دېدى.شۇنداق قىلىپ دەشنام ئىشتىپ ئاپىراتىم ھەدەمنىڭ سومكىسىغا كىرىپ كەتتى(دېمىسىمىغۇ ئۇنىڭ ئاپىراتى ئىدى).
دادام ماڭدامدا بىر ئادەم بىلەن توختاپ سالاملىشىپ كۆرۈشۈپ ماڭاتتى،«دادام مىڭشىڭلاردىنمۇ ئۆتە رىشىيەن بولۇپ كەتتى» دېسەم،ئانام چۈشەنمەي :« بالام ئاز گەپ قىلە» دېدى،ئۆزۈمچە گېپىمدىن پەخىرلىنىپ ھەدەمگە قارىسام :«ئانام دانادۇر!» دەپ ھېجىيىپ قويدى.
ئۆزۈمگە ئۆزۈم غودۇراپ مېڭىپ بىر تاقىچىنىڭ ئالدىغا كىلىپ ھاڭۋىقىپ قاراپ تۇرۇپ قاپتىمەن،ئىككى ياغاچنىڭ ئوتتۇرسىغا بىر ئاتنى باغلاپ پۇت –قوللىرىنى قايرىپ تۇيۇقىنى پار-پۇر قىلىپ پارقىراپ تۇرغان ئورغاقتەك ئاجايىپلا بىر شەكىلدىكى پىچىقى بىلەن شارت-شۇرت قىلىپ كىسىۋاتقانىدى،ئاغزىمنى تۇتۇپلا قالدىم«توۋا بىچارە جانىۋارنىڭ جېنى شۇنچە چىڭمىدۇ ئۈن چىقارماي تۇرىدىغۇ،ئاغرىمامدىغاندۇ؟» دەپ تۈرلۈك خىياللارنى قىلىپ يۈرگىنىمدە يەنە ھەدەم يىڭەمدىن تارتتى ،بۇ قېتىم قاتتىق سىلكىۋەتتى ،ئۇنى مېنى تىللىۋالمىسۇن دەپ پۇرسەت بەرمەي دەپ سۆزلەپلا كەتتىم :« ئاچا،ئاشۇنداق كېسىۋەتسە پۇتى ئاغرىمامدۇ،ئۇ يەردە ھېچقانداق گۆش يوقمىكىن دەي دېسەم ،ھېلىقى تاقىچى تاقىنى بولقا بىلەن ئۇرۇپ مىخلاۋاتقاندا مىخنىڭ ئۇچىنى يان تەرەپتىن چىقىرىپ كېسىۋەتمىسەم ئات ئاقساپ قالىدۇ دەيدۇ،توۋا» دېدىم،چارەم ئۈنىمىنى كۆرسەتتى:« ئۇ خاپا بولۇشنى ئۇنتۇپ تىزلا،تىرنىقىڭنى كەسسە ئاغرىمىغاندەكلا ئىش بۇ ،ھەيران قالغۇچىلىكى يوق ،جىم ماڭ » دەپ يىتىلەپ ئېلىپ كەتتى.
دادام ،ئاناملار بىر ئاشخانىدا ئولتۇرغانىكەن ،ئەتراپىمىزدىكى ئورۇنلارنىڭ ھەممىسىدە لىق ئادەم بار ئىدى،ھەممىسىنىڭ ئالدىدا مانتا،بىز كېلىپ ئولتۇرغاندىن كېيىن تاڭجاڭ بالا ( كۈتكۈچى بالا دەي دېسەم ئۇ ئاشخانا خۇددى يۇلتۇز دەرجىلىك ئېسىل تىز تاماقخانىدەك تەسىر بېرىپ قويغىدەك شۇڭا شۇيەردە قانداق ئاتىغان بولساق شۇنداق ئاتىدىم) ئالدىمىزغا كېلىپ :« مانتىمۇ ،گۆشمۇ ؟» دەپ سورىدى.
ئاستا پىچىرلاپ ئانامدىن سورىدۇم :« ئانا نېمىشقا ھەممە ئادەم پېتىر مانتا بىلەن گۆشنىلا يەيدۇ،بۇ يەردىكى ھەممە ئاشخانىدا شۇ ئىككىسىنىلا ساتامدۇ » دېدىم،ئانام :« بالام شۇ ھەممە ئادەم شۇ ئىككىسدىن بىرنى يېۋالسا ئاندىن بىر تۈزۈك بىرنىمە يىگەن ھېسابلىنىدۇ،دېھقان خەقلەرنىڭ ھەممىسى شۇ شۇنى يەيدۇ،سومىيەن،مىفەن دېگەنلەر باشقا ئاشخانىدا بارئۇنى شۇ بازاردا ئۆيى بار خىزمەتچىلەر،ياش بالىلار يەيدۇ » دېدى.
ئولتۇرۇپ ئەتراپتىكى ھەممە ئادەمنى كۆزىتىشكە باشلىدىم،ھەممىسىنىڭ چىھرىدە تەبەسسۇم،قىزغىنلىق ،مەيۈس ئولتۇرۇپ،خىيالغا چۆكۈپ چاي ئىچىۋاتقان ھېچكىم يوق ئىدى.
ئېنىم مەكتىپىدىن چىقىدىغان بولغانىدى،ئۇنىڭ ئالدىغا چىقىپ تۇرۇش ئۈچۈن ئاشخانىدىن چىقىپ كەتتىم،ئۇنىڭ مەكتىپى ئالدىدا ساقلاپ تۇرۇپ تۇيۇقسىز شۇنداق مۇڭلۇق نەي ئاۋازىنى ئاڭلاپ قالدىم،مۇزىكا چىققان تەرەپكە قاراپ ماڭدىم، يوللۇق ئۇزۇن يەكتەك كىيگەن چاچ ساقاللىرى ئۇچتەك ئاقارغان دوغىلاق بىر بوۋاي ئولتۇرۇپ نەي چېلىۋاتاتتى،ئالدىدىكى داستىخانغا :« ياغاچ قوشۇق،ياغاچ چىنە،كىچىك تەڭنە(ياغاچنىڭ ئوتتۇرىسىنى ئويۇپ ياسىغان خېمىر يۇغۇرۇشقا ئىشلىتىدىغان داس ئورنىدىكى نەرسە،ئەدەبىيات دەرسىمىزدە سۇپرا،گەزنە،رىپىدە،تەڭنە دېگەندەك نەرسىلەرنى نېمىدىگەن گەپ دەپ مۇئەللىمدىن سوراپ ،ئۇنى چېچىلدۇرىدىغان ساۋاقداشلىرىم خېلى كۆپ ئىدى) ۋە ھەرخىل سىرلانغان نەي تۇراتتى.
ئۇ بوۋاي نەينى شۇنداق مۇڭلۇق چالىدىكەنكى ئەتراپتىكى ۋاراڭ-چۇرۇڭ ئاۋازلارنىڭ ھەممىسىنى مۇڭلۇق نەي ئۈنى بېسىپ كەتكەنىدى،بىر چاغدا ئۇكام كېلىپ بوۋايغا سالام قىلدى،بوۋاي نەي چېلىشنى توختاتماستىن بېشىنى لىڭشىتتى،ئېنىم قولۇمدىن تارتتى،بىرى نەچچە قەدەم ماڭغاندىن كېيىن ئۇ ماڭا :« نۇمۇس قىلماي خەقنىڭ ئالدىدا ھاڭۋاقتىدەك تۇرۇپ كەتتىڭما،ئادەمنىڭ يۈزىنى چۈشۈرمىسەڭ نېمە بولار » دېدى،ئۇنىڭ گىپى قۇلىقىمغا كىرمىگەندەك ،ھېچئىش بولمىغاندەك:« كىم ئۇ بوۋاي،ئەجەپ ياخشى چالىدىكەن،نەيلەرنى نەدىن ئەكىلىپ ساتىدۇ » دېدىم.
ئىنىمنىڭ دىيىشىچە ئۇ كىشىنى كىشلەر ياش ۋاقتىدا ناۋايلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن ھەسەن ناۋاي دەپ ئاتىشىدىكەن ،نەيلەرنى،ھەم ياغاچ تەڭنە،قوشۇقلارنى ئۆزى ياسايدىكەن،ئېيتىشلارغا قارىغاندا ئۇ نەي چېلىشنى بالا ۋاقتىدا جاڭگالدا قوي باقىدىغان بىر پادىچىدىن ئۆگەنگەنمىش،ھازىر ئۇ پادىچى تۈگەپ كەتكىلى 70-80 يىلدىن ئېشىپتۇ،ھەسەن ناۋايدىن ھەم نەي چېلىشنى ئۆگىنىمىز دەپ كېلىشكەن ياش بالىلار كۇرمىڭمىش ئەمما ھېچقايسىسى يەنىلا ئۇنىڭدەك چالالمايدىكەن،ئۇ ھەر قانداق ئاھاڭغا سېلىپ چالالايدىكەن،ھەم ئۆزى بىلگەنچە چېلىپ يېڭى-يېڭى ھېچكىم ئاڭلاپ باقمىغان مۇزىكىلارنى چىقىرايلايدىكەن...ئىنىم بۇلارنى سۆزلەپ بېرىۋاتقاندا،كاللامدا ئادەمسىز جاڭگاللىق ،قويلىرىنى يايلاشقا قويىۋىتىپ بىر بۇلۇڭدا ئولتۇرۇپ نەي چېلىۋاتقان پادىچى بالا،ئۇنىڭ مۇزىكا ساداسىنى ئۆيىدە ئولتۇرۇپ ئاڭلاۋاتقان قىز ...دېگەندەك چۆچەكلەردىكى مەنزىرىلەرلا بار ئىدى.
[align=justify]
ئىنىمغا :«نەي ئالايلى » دەپ تۇرىۋالدىم،ئۇ خاپا بولۇپ غۇدوڭشىپ تىزلا كەينىگە يېنىپ بىرنى ئەكەلدى،نەينىڭ ئۈستىدە قاتارى تۆشۈكلىرىدىن باشقا ھېچنىمە يوق ئىدى،ئالدى كەينىنىڭ قايسى ئىكەنلىكىنى بىلەلمەي ئۇيان بۇيان تۇتۇپ پۈۋلەپ باقتىم ھېچقانداق ئاۋاز چىقمىدى.«بۇزۇقنى ئەكىلىپسەن ،ئالماشتۇرۇپ كەل» دېسەم،ئۇكام« بەش يۈەنلىك بىرنىمىنى دەپ قايتا بارامتىم» دەپ بارغىلى ئۇنىمىدى.
داۋامى:شۇنداق قىلىپ ئۇكام ئىككىمىز جىدەللىشىپ كېتىۋاتقاندا قۇلىقىمغا ۋاراڭ-چۇرۇڭ ئاڭلاندى،قارىسام ،شەپكە،شىلەپىلەرنى ئوڭ-تەتۈر كېيىپ كۆزەينەكلەرنى تاقىشىپ،چاپانلىرىنى بەللىرگە چىگىشىۋالغان بىر توپ قىز-يىگىت ئالدىمىزدا تۇراتتى،ئۇلارنى بېرەر يەردىن كەلگەن ساياھەتچىلەر ئۆمىكى ئوخشايدۇ دەپ قاپتىمەن،ئۇڭغىچە ئۇكام كۈلۈپ تېلىققان ھالدا:« ھا ھا ھا كىمكىن دەپتىمەن ماۋۇ خەقنى ،ۋاي قانداق قىلاي ماۋۇ ياسىنىشلىرىنى » دېدى،كىم؟ دېگەندەك قىلىپ ئۇنىڭغا قارىدىم.
ئۇلار ئەسلى بىر يىل بۇرۇن ئىچكىرگە ئىشلەشكە ئەۋەتىلگەن بالىلار ئىكەن،بىر يىل ۋاقىت توشۇپ قايتىپ كېلىشكەنىدى،گەپ –سۆزلەر ئالامەت يوغان،ئىچكىرگە كىرىپ مۇئاشىنى تۈزۈك ۋاقتىدا ئالالماي ،جاپا تارتىپ يۈرگەن بۇ بالىلار ئەمدى قايتىپ كېلىپ خۇددى چەتئەلدە ئىلىم تەھسىل قىلىپ كەلگەندەك سۆزلەيتى،سىلەر مۇنداق،بىز مۇنداق دەپ تەبىقىگە ئايرىپ كېتىشلىرىدىن ئۆرگىلەي.
بازار ھەممىلا ئادەم يېراق-يېقىندىن كېلىدىغان ،ئۇچراشمىغانلار ئەڭ ئاسان ئۇچرىشىپ قالىدىغان بىر جاي ئىدى.ئىنىمنى باشلاپ دادام-ئاناملار بار ئاشخانىغا كىرگەن چېغىمىزدا تاغام ۋە ئۇنىڭ قىزىمۇ بار ئىكەن.
بۇ قىزمۇ دەل شۇ ئىچكىردە ئىشلەپ ئەمدى قايتىپ كەلگەنىدى،سالام-سائەتتىن كېيىن،تاماق يىگۈچە بولغان ئارلىقتا پاراڭ باشلىنىپ كەتتى،تاغامنىڭ قىزى ئاغزى ئاغزىغا تەگمەي سۆزلەيتى،ئۇنىڭ ئاغزىدىكى ئۇ ئىشلىگەن شەھەر جەننەتننىڭ ئۆزى ئېدى،(ئەسلىدىغۇ ئىشلەمچى بالىلارنىڭ كۆپىنچىسى شەھەر سىرتىدىكى كىچىك كارخانىلاردا ئىشلەيدىكەن،نەچچە ئايدا بىر قېتىم شەھەرگە ئەكىرىپ ماڭدۇرۇپ ،ئۇ يەر –بۇيەرنى كۆرسىتىپ قويۇپ ئەكىرىپ كېتىدىكەن،ئاساسەن دەم ئېلىش كۈنلىرىمۇ يوق ئىكەن)،لېكىن ئۇنىڭ گەپ –سۆزلىرىگە قارىسام تولىمۇ خۇشالدەك كۆرىنەتتى،پايتەختتە ئوقۇۋاتقىلى بەش ئالتە يىل بولغان ھەدەم قوپۇپ:«سەن دېگەن ئۇ يەر پالانى ئۆلكىدىكى پالانى شەھەرنىڭ پالانى يېزىسىغۇ ،مۇنداق مۇنداققۇ،مەن بېيجىڭدىكى ئىشلەمچى بالىلارنىڭ زاۋۇتىغا بارغان ،بەك جاپالىق ئىكەنتۇق،سەن قانداقمۇ چىدىغانسەن؟» دىۋىدى،ئۇ قىز :« ۋاي،ئېتىزلىقتا سۆرۈلۈپ تەرلەپ-پىشىپ يۈرگەندىن ياخشى ئەمەسمۇ ئاچا،جاپا تارتساقمۇ شەھەر كۆرىۋالغىنىمىز قالىدىكەن ،كېلەر يېلى يەنە تىزىملىتايمىكى دەۋاتىمەن» دېدى.
ھەدەم ئۇنىڭ گېپى تۈگىمەستىنلا :« پوق بارمۇ خەنزۇ شەھرىدە ئىشلەپ قىينىلىپ يۈرگىچە ،ئاتا-ئاناڭغا ياردەملىشىپ ئېتىز-ئېرىق ئىشلىرىنى قىلىشىپ بەرسەڭمۇ ھېساپقۇ،قانچىلىك پۇللارنى يىغىپ كەتكەنسەن شۇ يەردە ئىشلەپ،كاللاڭنى ئىشلىتىپ ئويلاپ باق سىڭلىم » دەپ بىر مۇنچە گەپ قىلدى،ئۇ سىڭلىمىزنىڭ چىرايلىرى ئۆزگىرىپ ،قاش-كۆزىنى ئاستىن-ئۈستۈن قىلغىلى تۇردى،ئانام چىمداپ يۈرۈپ ھەدەمنى گەپتىن توختاتتى،لېكىن ئۇ بىر ۋاخ تاماق تولىمۇ كۆڭۈلسىز ئاياغلاشتى.
ئەتىسى ئۆگۈن بىر نەچچە كۈنگىچە مەھەللىدە ئىچكىردە ئىشلەپ قايتىپ كەلگەن بالىلاردىكى،يۇرۈش-تۇرۇش ئىدىيە جەھەتتىكى ئۆزگىرىش ۋە ئائىلىسىدە بولغان ئىشلار ھەققىدە گەپ-سۆزلەر جىق بولۇندى.
بىر يېزىدىكى ،بىر دادۈيدىكى ئادەملەر شۇنچە كۆپ بولسىمۇ ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ بىر-بىىرنى ئوبدان تونۇشلىرىغا شۇنداق ھەيران قالىمەن ،ئۇكام دېگەن شۇمتەك جېنىدا ئىسىم فامىلىسىدىن قوشۇپ ھەممە ئادەمنى تونۇيدۇ،مەھەللە ئىچىدە بېرەر ئىش بولسا ھەممە ئادەم بىلىپ كېتىدىكەن.ئاڭلاشلارغا قارىغاندا ئىشلەپ كەلگەن بالىلاردىن بىرى ئۆيىدە :« بىز ئىچكىردە كۈندە ھەرخىل سەيلىك مىفەن يەيتۇق،ئۆيدە كەچكىچە بىر خىللا سەيدە تاماق ئېتىدىكەنسىلەر،يىمەيمەن ،بازارغا بېرىپ ئاشخانىدىن يەپ كېلىمەن » دەپتۇمىش،يەنە بىرسى ئېتىزلىققا چىققىلى ئۇنىماپتۇمىش، يەنە بىرسى ئىچكىردىن ئالغان يەڭسىز مايكىلارنى ،كالتە ئىشتانلارنى كېيىپ كوچىغا چىققانلىقى ئۈچۈن دادىسدىن تاياق يەپ،قاياقلارغىدۇر قېچىپ كېتىپتۇمىش،ئاتا-ئانىلار قاقشاپ :« بالىلىرىمىزنى بىزلەرگە ياردەملىشەرمىكىن دەپ مەكتەپتىن چىقىرۋالساق ئوشۇقچە ئەمگەك كۈچى دەپ ئىچكىرگە مەجبۇرى ئەۋەتىۋىتىشتى،مانا بىزلەر ياردەملىشىپ بېرىدىغان ئەمگەك كۈچى تاپالماي دۈم يېتىم دۈم قوپىۋاتىمىز ئېتىزلىقتا،ئەپەندىملەرمۇ(ئوقۇتقۇچىلارنى دېمەكچى) مۇشۇ كەمدە بەك ئەسكىرىشىۋالدى،ئۇ ياقتىن چىقىرۋالساق بۇ ياقتىن يوللاپ بېرىۋىتىدۇ،ئۇنىڭدىن ئوقۇسىمۇ ئوقۇسۇن دەيدىغان يەرگە يەتتۇق، خەنزۇ شەھرىدە ھەر قىلىقنى ئۆگىنىپ كېلىدىكەن بۇ بالىلار ئادەمنىڭ يۈزىنى تۆكۈپ» دېيىشىپتۇمىش.
بىر نەچچە كۈنگىچە گاڭگىراپلا يۈردۈم،بۇ دېھقانلارنى باي قىلىشمۇ ۋە ياكى ئەۋلاتلارنىڭ ئىدىيىسىنى ھەددىدىن زىيادە «زامانىۋىلاشتۇرىۋىتىش» كە قوشقان تۆھپىمۇ ھىچ بىلەلمىدىم.