ئەسسالامۇئەلەيكۇم ،ھەر تەتىل تەتىل تەسىراتلىرىمنى مۇنبەردە ئورتاقلىشاتتىم،بۇ قېتىملىق تەتىلمۇ توشتى،ئەمما ھېچنىمە يازمىدىم،بەزى دوستلىرىم :" تەتىل تېخى توشمىدىمۇ،تەسىرات پۈتمەيدىغۇ؟"دېيىشتى،ئويلاپ باقسام كۈنلىرىم بىر خىل رىتىمدا ئۆتۈپتۇ،يازغۇدەك ھېچنىمە يوقكەن،شۇڭا باشلانغۇچتىن تولۇقسىزغىچە بولغان ۋاقىتلاردىكى تەتىللىرىمنى ئويلاپ ،شۇلارنى يازغۇم كەلدى.
مەكتەپ يېشىغىچە مېنىڭ بارلىق چۇقان-سۈرەنلىرىمنى كۆتۈرگەن مېنىڭ شۇ گۈزەل بالىلىقىمغا شاھىت بولغان ساپ ھاۋالىق سەھرايىمنى ھەرگىز ئۇنتۇپ قالمايمەن.
سەھرادا ئېرىقتىن چىقماي يۈز كۆزلىرىمنى لايغا بۇلاپ،لاي قورچاقلارقلارغا ئانا بولۇپ،جاڭگاللىقتا قوي بېقىپ قويلار قەبرىستانلىق تەرەپكە كەتسە يېقىنلاپ بارالماي ۋارقىراپ يىغلاپ،توغراقلىقتىن مۈرەمگە ئوتۇن ئارتىپ،ئېتىكىمگە لىق كالا تېزىكىنى تولدۇرۇپ(موماملار ئوچاققا شۇنى قالايتى،شۇ چاغدا ئۆينىڭ ئىچىدە پەيدا بولغان ئاچچىق تۈتۈنگە قانداق چىدىغان بولغۇيتۇق) قېقاس-سۈرەس سېلىپ جىمجىت يېزىنى بېشىمغا كېيىپ چوڭ بولدۇم.
شەھەرگە كەتتىم،بىنا ئۆيۈم شەھ قەسىرىدەك ھەشەمەت،ئەمما تورۇسقا قارىسام ئاي ۋە يۇلتۇز ماڭا كۆز قىسمايدۇ،بېشىمغا چۈشۈپ كەتسە ئۆلتۈرۈپ قويۇشتىن يانمايدىغان يوغان جالدۇر جۇلدۇر چىراق كۆزلىرىمنىمۇ ئاچقۇزماي ساڭگىلاپ تۇرىدۇ.
يول ماڭسام پات پات يەرگە قارايمەن،مەن تۆشۈكىگە سۇ قۇيىۋەتكۈدەك چۈمىلە ئۇۋىسى يوق،شەھەر چۈمىلىلىرىمۇ بىزلەر بىنادا ئولتۇرغاندەك قاتتىق بىتون سىمىنۇتلارنىڭ ئاستىغا ساراي بەرپا قىلسا كېرەك.
باققال تەمى يوق قاتتىق ئامۇتنى شالاققىدە خالتىغا تۆكۈپ بەرگىنىدە سەھرادىكى شاخقا چىقىۋىلىپ تىرناقلىرىمنى پاتۇرۇپ خىللاپ تاللاپ يەيدىغان شىرىن قوتۇر ئامۇت دەرىخىنى سېغىنىپ كۆزلىرىمگە ياش ئالىمەن.
بىزنىڭ بىنانىڭ ئاستىدا ئەر –ئايال بىر نەچچە كىشى قىلىدىغانغا ئىش يوق ئەسنەپ ئولتۇرۇپ كىرگەن چىققانلارنى «يوقلىما» قىلىپ بىر ئىككى ئېغىزدىن غاجاپ گۆشىنى يەپ قورساق تويغۇزۇپ يەنە تېخى گەپنى چوڭ يەردىن قىلىپ ئوباما،ئىراق ،پىراق ئەردوغان دەپ چۈشىدىمۇ بېرىپ باقمىغان دۆلەتلەرنىڭ دىمكوراتىك تۈزۈلمىلىرى ھەققىدە قايناپ كۆپۈپ سۆزلەپ كېتىشلىرى بار تېخى،مۇشۇنداق ۋاقىتتا مەھەللىدىكى يوغان دەرەخنىڭ ئاستىدا سايىداپ ئولتۇرۇپ يېڭى تۇغۇلغان پاقلان موزايلىرىنىڭ گېپىنى قېلىپ قانداق قىلغاندا ھوسۇلنى كۆپەيتكىلى بولىدۇ دەپ مۇڭدىشىدىغان بىر بىرىگە تەسەللى بېرىشىدىغان شۇ سەھرا خەلقىنى ئويلايمەن.ئۇلارنىڭ پاراڭلىرى شۇنچە ساپ ۋە پاك ،ھەممىسىنىڭ ئاغزىدىن يۇمۇر تۆكۈلىدۇ،ئۇلار ئەتكەن چاينى دەملەپ ئولتۇرۇپ ھېسام چاقچاقلىرىنى ئاڭلاپ ئۆگەنمىگەن بەلكى ئۇلارنىڭ قېنىدىن ئۇرغۇپ چىقىدىغان يۇمۇرىستىك تۇيغۇ ئۇ.تەتىلدە سەھراغا بارغىنىمىزدا بىر بوۋاينىڭ قولۇمدىكى ئاكامنىڭ بالىسىنى كۆرۈپ :« ئوججۇن ھەجەپ بەك بورداپسىلەر بۇ ئاداشنى،بىر كاچىتىغا بىزنىڭ ئىككى ئىت تويغۇدەك » دېگەن گېپى تا ھازىرغىچە قۇلاق تۈۋىمدە جاراڭلايدۇ،نېمىدىگەن جانلىق،ئوبرازلىق ئوخشۇتۇش ئۇ ،بۇنداق گەپ سۆزلەر كىچىك بالىلارنىڭ ئاغزىدىنمۇ تۆكۈلۈپ تۇرىدۇ،ئۇلار ئالدىدا شەھەرنىڭ پارنىڭ بالىلىرى ھچنىمە ئەمەس،ئادەتتىكى دېھقانچىلىق سايمانلىرىنىڭ ئىسمىنىمۇ بىلمەي ئەدەبىيات مۇئەللىمىمىزنىڭ بېشىنى ئاغرىتىدىغان ساۋاقداشلىرىمنى شۇ سەھرا بالىلىرىنىڭ ئالدىغا ئېلىپ بارسام....
بۇرۇن ياللۇغۇم سەۋەپلىك قاتتىق قاتتىق چۈشكۈرگىنىمدە شۇسەھرادىكى ساپ ھاۋانى ئەسلەيمەن،يالاڭئاياغ يۈگۈرگۈم كېلىدۇ شۇ توپىلاردا...
سەھرا كىشىلىرىنىڭ كۆزى زامانىۋى شەيئىرىلىمىزنى دېگەندەك كۆرۈپ كېتەلمىسىمۇ ئۇلارنىڭ كۆزلىرىدىن رىئاللىق چاقنايدۇ،ئۇيغۇرۇمنىڭ ھەقىقى روھى چاقناپ تۇرىدۇ.
سەھرادا تەتىل
بىر قېتىم ھەدەملەر بىلەن سەھراغا ماڭدۇق،دەل شۇ كۈنى موماملار شەھەرگە مىڭىپتۇ ،شۇنىڭ بىلەن ئۇدۇل ھامماملارنىڭكىگە بېرىپ شۇ يەردە تۇردۇق،بىر كۈنى ھاممام ئۇنىمىسىمۇ ئەگىشىپ نەۋرە سىڭلىم بىلەن خامانغا ئەگىشىپ چىقتىم.
ھاممام خامان دۆۋىسىگە يېپقلىق يوغان قارا سۇلياۋنى قايرىدى،ۋە قوللىرى تىترەپ تۇرۇپ قالدى،يېقىن كېلىپ قارىسام ،سۇلياۋ يوپۇق ئاستىدىكى بۇغدايلارنىڭ ئۇچى ياپيىشىل مايسا چىقىرىپ كۆكلەپ كەتكەنىكەن.
ھاياجانلىنىپ ۋارقىراپتىمەن :
-ۋاھ نىمدا ياخشى،ھەر بىر تال بۇغداي يەنە كۆكلەپتۇ،ئۇ چوڭ بولۇپ يەنە بۇغداي چىقارسا ،تازا مول ھوسۇل بولغۇدەك ھە ھامما! ھاممام گەپ قىلمىدى،نەۋرە سىڭلىم مىنى چىمدىدى،نېمە ئىش بولغىنىنى بىلەلمەي ،خاتالىق ئۆتكۈزۈپ قويغان بالىدەك يەرگە قاراپ تۇردۇم.
ھاممام بىر ھازادىن كېيىن ئېغىز ئاچتى :" مەن ئەنسىرگەن ئىش ئاخىرى يۈز بېرىپتۇ،ئۈلۈشكۈن قاتتىق يامغۇر ياغقان چاغدىن باشلاپ زادىلا كۆڭلۈم ئارامىغا چۈشمىگەن ،شۇنچە ئىھتىيات بىلەن ھەممە يەرنى تولۇق چۈمكىسەكمۇ يەنىلا نەم تارتىپ كۆكلەپ كېتىپتۇ،بۇ مول ھوسۇل ئەمەس قىزىم ئەكسىچە زىياندۇر،بۇ بۇغداينى ئەمدى يىگىلى بولمايدۇ "دېدى،ۋە يىغلاپ كەتتى.
نېمە دېيىشىمنى نېمە قىلىشىمنى بىلمەي تۇرۇپ قالدىم.
نەۋرە سىڭلىم ئاپىسىغا تەسەللى بېرىپ :" ئۆيىمىزدە بىر ئوغۇل بالا بولغان بولسىمىغۇ بۇ چاغقىچە خاماننى يىغىپ بولاركەنمىز ھە ئانا، بۈگۈنلا توشۇپ ئەكىرىپ ئىلغاپ باقىلىمۇ،ئاستىدا ساق قالغانلىرى بادۇ بەلكىم" دېدى. مەندىن كىچىك بولسىمۇ نەۋرە سىڭلىمنى پىشقان تەجرىبىلىك دىھقانلاردەك قىلىپ قالدىم.
بۇرۇن شۇنداق ياخشى كۆرەتتىم يامغۇرنى،ئەمدىلىكتە يامغۇردا قالغان شۇ بۇغدايغا،ھاممامنىڭ كۆز يېشىغا شۇ سەبىي سىڭلىمنىڭ سۆزلىرىگە قاراپ يامغۇرنى ياخشى كۆرمەس بولۇپ قالدىم.بىز شەھەردە كۈنلۈكنى كۆتۈرۈپ يامغۇرغا چىلىنىپ رومانتىك مېڭىپ كىتىمىز ،سەھرادا بولسا شۇ دىھقانلار كۈنلىكى يوق، ئوغۇت خالتىسىنى بېشىغا كېيىپ ئىشتانلىرىنى تۈرۈپ لاي پاتقاق كېچىپ تىرىكچىلىكتىكى بىردىنبىر تايانچى بولغان ئېتىزىغا قاراپ يۈگىرەيدىكەن،يامغۇردا قالغان كالا-قويلىرىنى نەچچە سائەتتە مىڭبىر جاپادا ھەيدەپ كېلىدىكەن،قاتتىق ياغقان يامغۇر مانا مۇشۇنداق بەزى كۈتۈلمىگەن زىيانلارنى ئېلىپ كېلىپ ئۇلارنىڭ بىر يىللىق ئەمگىكىنى يوق قىلىدىكەن،شۇندىن كېيىن يامغۇرغا ئۆچ بولۇپ قالدىم،يامغۇرمۇ ئاللاھنىڭ ئىلتىپاتى ئۇنىڭدىن ئاغرىنغانلىق ئەمەس،شۇنداق مەنا چىقىپ قالسا ئاللاھ كەچۈرسۇن ئامىيىن.
«ھوسۇلغا ھۇجۇم قىلغان يالغان غېرىپ»
شۇنداق قىلىپ ھاممامنىڭ 3 قىزى مەن ۋە ھەدەم ۋە ھاممام بولۇپ ئالتە ئايال خاماننى مىڭبىر جاپادا ئالدۇق،دەرەخ كىچىككىنە مىدىرلىسىلا يۈگىرەپ چىقىپ خامان سورۇپ ساق بىر ھەپتىدە يۇغۇشتۇردۇق،يوغان تاغدەك دۆۋلەنگەننىڭ ھەممىسىنى بۇغدايمىكى دەپتىمەن،بىخلاپ كەتكەن بۇغداي ھەم سامان،ئەخلەتلەرنى چىقىرۋەتكەندە ئوغۇت خالتىسىدا ئاران ئالتە خالتا بۇغداي چىقتى. كۆڭلۈم شۇنداق يېرىم بولدى،بىر يىللىق ئەمگەكنىڭ ،مىۋىسى ئاران ئالتە خالتا بۇغداي،ئۇنىڭ ئۈستىگە بىر مۇنچە داڭگال ھەم ئۇششاق ئەخلەتلەر ئارىلاشقان بۇغداي.شۇنچە تاسقىساقمۇ ،غەلۋىرنىڭ تۆشۈكىدىن ئۆتۈپ كېتىدىكەن.
خاماننى ئېلىپ بولۇپ ھاممامنىڭ يولدىشىغا ئۆچ بولۇپ قالدىم،نېمە ئىشلارنى قىلىۋاتىسىلەر دەپ سوراپمۇ قويمىدى،ئۇ شىياۋدۈينىڭ سۇ كادىرى بوپتىكەن،ئەتىگەندە موتسىكىلىتىنى غارقىرىتىپ مىنىپ چىكەتكەنچە يېرىم كېچىدە غەرق مەست ھالەتتە قايتىپ كىلىدىكەن،تېخى ھە دىسىلا بىر پاتمان سالپا-ساياق ئاغىينىلىرىنى باشلاپ كىلىپ ھامامنى خىجالەت قىلىپ دۇتتار چىلىشىپ سورۇن تۈزۈپ ئولتۇرۇپ كېتىشلىرى باركەن تېخى،يوغانراق يەرگە باشلىق بولسا كۆرىدىغان كۈن باركەنمۇ دەيمەن دەپ قالدىم،خوتۇن بالىلىرىغا ئېتىز ئېرىق ھەم ئۆينىڭ بارلىق ئىشلىرىنى تاشلاپ بېرىپ جان كۆيدۈرۈپ ئىشلىگىنىگە قانچىلىك مائاش بىرەر دېسەم مائاش بەرمەيدىكەن،پەقەت يەرلىرىنىڭ يىللىق سۇ پۇلىنى كۆتۈرۋىتىدىكەن.
بولدىلا ئەسلى گەپكە كىلەي،خاماننى ئېلىپ بولۇپ ھاممام ھارغىنلىقتىن ئۇخلاپ قالدى،مەن ۋە سىڭىللىرىم ئېرىقنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى سۆگەتكە ئىلەڭگۈچ سېلىپ تازا ئۇچىۋاتاتتۇق،يېراقتىن جالدۇر-جۇلدۇر كولدۇرما ئاۋازى ئاڭلاندى،قارىساق سايىۋەن ئورنىتىلغان،ئاتنىڭ بارلىق جابدۇقلىرىغا رەڭلىك لىنتا ھەم قوڭغۇراق ئورنىتىلغان بىر ئات ھارۋىسى ھامماملارنىڭ ئۆيىنىڭ ئالدىدا توختىدى،مەن چاقچاق قىلىپ نەۋرە سىڭلىمغا:« ئۇكام سېنى كۆچۈرگىلى كەلگەن توي ھارۋىسىمۇ نېمە بۇ ؟» دەپتىمەن،سىڭلىم غۇدۇراپ :«ھازىر كۆرىسەن نېمە ھارۋىلىقىنى» دەپ ئالدىغا باردى.
شىلەپىنى چۆكۈرۈپ كىيگەن ،كۆزىگە ئەمادەك قاپقارا كۆزەينەك تاقىۋالغان ،ئۇزۇن يەكتەك كىيىۋالغان بىر كىشى ھارۋىدىن دىككىدە سەكرەپ چۈشتى.
نەۋرە سىڭلىم ئاچچىقلاپ :« خاماننى تېخى بايا ئېلىپ بولدۇق،بىردەمدە بۇراپ تېپىپ كېلىپ بولغان ئوخشىمامسىز،بۇ يىل ھىچنىمە چىقمىدى،سىزگە بېردىغان بۇغداي يوق » دەپ تەتۈر قارىۋالدى.
ھېلىقى كىشى كۆزەينىكىنى ئېلىۋىتىپ ،ھارۋىسىدىكى خالتا- خالتا قوناق –بۇغدايلار ئارىسدىن بىر يوغان ياپىلاق لىگەننى چىقىرىپ سىڭلىمغا تەڭلەپ :« جىق گەپ قىلما جىن،بولە تىز ئەپ چىق» دەپ دىۋەيلەپ تۇردى.
مەن ھەيرانلىق ھەم غەزەپتىن چەكچىيىپ :« سىزگە نېمىشقا بىردىكەنمىز،بىز مىڭبىر جاپادا يۇغۇشتۇردۇق،سىزنىڭ ھەققىڭىز بارمىتى بەرمەيمىز تازا» دېدىم.
ئۇ كىشى بېشمدىن ئايىغىمغا قارىۋىتىپ :«شەلىك خېنىم ئوخشىماملا ئۆزلىرى،بىزنىڭ ھەققىمىز بار،ھەممىنى ئۆزلىرى يېيىشسىلىرى قانداق بولىدۇ،بىزدەك ئاجىز-غېرىپلارنىڭ ھەققى بۇ ،جىق گەپ قىلماي بولىشە جىنلار» دېدى تىرىكىپ.
بىز سىڭلىم بىلەن غودۇراپ تۇرغاندا ھاممام ئۆيدىن چىقىپ گەپ قىلماي ئۇنىڭ قولىدىكى لىگەننى ئېلىپ كىرىپ كەتتى ھەم لىققىدە بۇغداي ئېلىپ چىقتى،مەن ھاممامنىڭ قولىغا شۇنچە ئېسىلىۋالساممۇ گەپ قىلماي ئۇ ئاتالمىش غېرىپ كىشىنىڭ ئالدىغا ئاپاردى،ئۇ ئادەم شۇنداق بىر قاراپ قويۇپ :«نېمانداق ئەخلىتى جىق بۇ بۇغداينىڭ ،تۈزۈكلىرىنى بېرىشمەملا» دېدى.
ھاممام ئوڭايسىزلانغان ھالدا :« خاپا بولمىسىلا بۇ يىل خامان يامغۇردا قالدى،ئۇنىڭ ئۈستىگە ۋاقتىدا ئېلىپ بولالماي مۇشۇنداق بولۇپ قالدى » دېدى.
ھاممامنىڭ ئۇنى تىللاش ئۇياقتا تۇرسۇن ئوڭايسىزلانغان ھالدا تىترەپ ئېيتقان شۇ سۆزلىرى يۈرىكىمدىن ياش ئالدى. ]ئۇ ئادم غودۇڭشىپ لىگەندىكى بۇغدايلارنى بۇلۇڭدىكى بىر خالتىغا تۆكۈۋالدى، ئېرىشكەن دارامەتلىرىنى تېخى دەرىجىسى بويىچە خالتىغا قاچىلايدىكەن.
ئۇ ئادەم ھارۋىسىنى جىلدىرلىتىپ كېيىنكى ئۆيگە قاراپ يۈرۈپ كەتتى،خېلى بىر ھازاغىچە ئاچچىقىم بېسىقماي جىلە بولۇپ كەتتىم.ھاممامغا قوپال تىگىپ :«نېمىشقا بېرىسىز،قانچىلىك جاپادا ئالدىڭىز شۇ خاماننى،ئىۋۇ ئىرىڭىزدىن ئالسا بولمامدۇ ئېلىشى بولسا،نېمىشقا بېرىسىز» دەپ سوراق قىلىپ كەتتىم.
ھاممام بوش ئاۋازدا:«قانداق قىلىمىز بالام،ئېسىمىزنى بىلسەك باركەن بۇنداق ئادەملەر،ئەجداتلارنىڭ ،ئاجىز مىسكىنلەرنىڭ ھەققىنى يىغىمىز دەپ ھەر يىلى بىر نەچچە قېتىم كېلىدۇ بۇلار،بەرمەي قۇتۇلالمايمىز بالام » دېدى.
شۇ كۈنى كېچىچە كۆزۈمگە ئۇيقۇ كىرمىدى.
ھامماملارنىڭ پاكار قېرىپ مۈكچىيىپ كەتكەن بىرلار بوزرەڭ ئېشىكى بار،ئۇڭ ئادەمنىڭ تۈكلىرى پارقىراپ تۇرغان جىگەر رەڭ تۈكلۈك، كېلىنچەكتەك ياسانغان نوچى ئېتى بارئىكەن،تېخى ھارۋىسىنىڭ سايىۋىنى بارئىكەن،كۆزەينەك تاقاپ ئولتۇرۇپ كېتىشلىرچۇ تېخى،ھامماملار بىر يىل جاپالىق ئىشلەپ ئاران ئالتە خالتە بۇغدايغا ئېرىشتى،ئۇ ئادەمنىڭ ھارۋىسى بولسا خالتا-خالتا دارامەت بىلەن لىق تولۇپتۇ.زادى كىم ئاجىز كىم غېرىپ؟
شەكلى ئۆزگەرگەن بۇ دىۋانىچىلىككە قانداق تەبىر بېرىشنى بىلەلمەي قالدىم،شەھەردە ئانچە مۇنچە غېرىپ مىسكىنلەر ئىشىك چىكىپ قالاتتى،قورساق تويغۇدەك نان-پان ۋە ياكى كونا كېيىم بولامدۇ نېمە بەرسەك شۇنى ئېلىپ چىقىپ كېتىشەتتى.ئەمما سەھرادىكى بىر يىل ھىچ ئىش قىلماي يەپ ياتىدىغان ئارقىسىدىن ھوسۇل پەسلى كەلگەندە ئالدىراش«ئىشقا» كىرشىدىغان بۇ تىلەمچىلەرنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەي خېلى داۋام قىلدى،ھەر كۈنى دېگۈدەك يېڭى يېڭى شەكىلدە،يېڭى –يېڭى «غېرىپلار» ھارۋىلىرىنى تاراڭشىتىپ كېلىپ تۇردى،ھاممامۇ بىر لىگەندىن بۇغداينى خالتىسىغا تۆكۈپ بېرىۋەردى. !بۇ ئىشلار ساق ئىككى ھەپتىدەك داۋام قىلدى.ئۆز قېرىنداشلىرىنى ئۆزى چاقىدىغان بۇ ئاتالمىش غېرىپ پارازىتلار كۆزۈمگە شۇنداق سەت كۆرۈندى. \
سەھرادىكى كۈنلىرىم داۋام ئەتمەكتە،ھەر كۈنى يېڭى ئىشلاردا دۇچ كېلىمەن،گاھ كۈلۈپ گاھ يىغلايمەن،گاھ نېمە ئۈچۈن دەپ ئۆزۈم سۇئال سوراپ جاۋابىنى تاپالماي جىلە بولىمەن.
ئېتىزلىقتىكى ھىكايىلەر
دادام پىنسىيىگە چىقىپلا بىز دەك ئىلىم تەھسىل قىلىۋاتقان بەش تازنى ئوقۇتىمەن دەپ موماملارنىڭ يەرلىرىنى تېرىش ئۈچۈن يېزىغا كېتىۋالدى.ئەمدى شۇ دادا كەتكەندىكىن ئانىنىمۇ قولتۇققا قىستۇرۇپ ماڭىدىغان گەپكەن،شۇنداق قىلىپ ھەر تەتىلدە ئانىمىز بىلەن دادىمىزنى سېغىنىپ سەھراغا چوقۇم ۋە چوقۇم بارىدىغان بولدۇق.
ھېلىمۇ ئېسىمدە بىر قېتىم ماشىنا تولا بۇزۇلۇپ بىزنى ناماز شام بىلەن يېزا بازىرىغا ئەكىلىپ تاشلىدى،ئۇيان بۇ يان شۇنچە قارىساقمۇ بېرەر ماشىنا،موتسكىلىت،ھىچبولمىسا دېھقانلارنىڭ ھارۋىسى چاغلىق نەرسە كۆرۈنمىدى.نېمە قىلىشىمىزنى بىلمەي ھەدەم ئىككىمىز پىيادە ئالدىمىزغا قاراپ ماڭدۇق،يېزا بازىرى بىلەن ئۆينىڭ ئارىلىقى 9 كېلومىتىر ئەتراپىدا كېلەتتى.
بىز ماڭغاچ پات-پات ئارقىمىزغا قارايتۇق،ھېچنەرسسە كەلمىدى،بىردەمدە قاراڭغۇ چۈشۈپ كەتتى.
يولنىڭ ئىككى تەرىپى يۇلغۇنلۇق،ئۇنىڭ ئۈستىگە چىكەتكىلەرنىڭ چىرىلداشلىرى بىلەن قوشۇلۇپ شۇنچە قورقونچ تۈسكە كىرىپ قالغانىدى،قورققىنىمىزدىن يۈگىرەشكە باشلىدۇق.
شۇ ئەسنادا ئارقىمىزدىن بىر چىراغ نۇرى كۆرۈنۈپ يېقىنلاپ كەلدى.موتسىكىلىتلىق بىر كىشى:« يۈگىرەپ كېتىپ بولالمايسىلەر يۈرۈڭلار مەن ئاپىرىپ قوياي ،مەن بايا ماشىنىدىن چۈشۈپ ماللىرىمنى دۇككانغا ئاپىرىۋەتكەچ قارىسام يولدا ئۇيان-بۇيان قاراپ تۇرۇپتىكەنسىلەر،ھەي شۇ بالىلار بىر نەرسە تاپالىغانمىدۇ دەپ كەينىڭلاردىن كېلىپ باققانىدىم » دېدى.خۇشاللىقتىن كۆزلىرىم ئويناپ كەتتى.
قىستىلىشىپ ئولتۇرۇپ ئۆيگىمۇ كېلىۋالدۇق.
ئەتىسى سەھەر ئورنىمىزدىن تۇرساق ئانام دادام يوق، داستىخانغا چاي تەييارلاپ قويۇپتۇ،چاينى ئىچىپ بىر دەسسەپ ئىككى دەسسەپ ئېتىزلىققا باردۇق،قارىسام شۇ پىژغىرىم ئىسسىقتا ئىككى باش كۆرۈنەر كۆرۈنمەس ھەركەت قىلىۋىتىپتۇ،يېقىنلىغان چېغىمىزدا ئانام :« ئىسسىق ئۆتۈپ كېتىدۇ كىرىپ كېتىڭلار» دەپ تۇرىۋالدى.
دادا بىلەن ئانا تەرلەپ پىشىپ ئاپتاپتا كۆيۈپ پاختا تىرىۋاتسا بىزلەر قانداقمۇ سالقىن ئۆيدە ئولتۇرالايمىز،شۇنداق قىلىپ بىردىن خالتىنى قولتۇقلاپ پاختا تىرىشنى باشلاپ كەتتۇق.
مەن بىر قولۇمنى مىدىرلاتسام بىر قولۇم توختاپ قالاتتى،ئانامغا قارىسام ئىككى قولىدا ئىككى تەرەپتىن شارت شارت قىلىپ سۇغۇرۇپ تەرگىلى تۇرۇپتۇ،مەن شۇنچە غەيرەت قىلساممۇ ئۇلار مېنى ئىككى قاتلاپ ئۆتۈپ كېتەتتى،مەن ئۇ پاختىلارنىڭ چاپاق-جىتتاقلىرىنى ئادالىمايلا سالاي دېسەم كۆڭلۈم ئۇنىمايدىكەن،ھېرىپ ھالىم قالمىدى.
قاچان ئۆيگە كىرىپ كېتەرمىز دەپ كۆزۈم تۆت بولۇپ كەتتى،بىر چاغلاردا دادام ،ئاناملار بىر جىگدىنىڭ سايىسىغا چاقىردى،قوغۇن پىچتى،نان بىلەن شۇنى يېدۇق،قورساق ئاچقاندا شۇنداق تېتىپ كەتتىكى ھېلىقى توڭ سويمىچاق.مانا كېتىمىز،ئەنە كېتىمىز دەپ ئولتۇرسام كەچ كىرىپ كەتتى.
كېۋەز دېگەننى ئاشۇنداق سەھەردە شەبنەم چۈشكەندە چىقىپ تىرىشكە باشلىغانچە كەچ كىرگىچە تىرىيدىغان گەپكەن.چىقڭى چۈشتە ئۆيگە كىرىپ كەتمەي،يا ئۇ ھاۋا يانماي ...
شۇ كۈنى كەچكىچە ئولتۇرسام قوپسام كۆز ئالدىمدا شۇ پاختا،ۋە ئۈستىدىكى ئوت-خەسەكلەر،سۇغۇرلىۋاتقان،خالتىغا قاچىلىنىۋاتقان كۆرۈنۈشلەر...
ئەتىسى ئۇلار مېنى ئويغاتماي چىقىپ كېتىپتۇ.بارسام قوشنىمىزنىڭ قىزىمۇ بىزنىڭ كىۋەزلىكتە ئىكەن،ئۇنىڭ يېنىغا بېرىۋىلىپ تاغدىن –باغدىن مۇڭداشقاچ تەردىم،گەپ ئارلىقىدا چاقچاق قىلىپ :« رۇشەنگۈل ئانام سېنى ئۇكامغا ئېپ بېرىمىز دەيدۇغۇ ،ھېھې ھې ھې بىزنىڭ كىلىن بىزگە ياخشىراق ياردەملەشكىن ھە» دېدىم.
دېمىسىمۇ ئانام كەچكىچە :« ئۇكاڭغا شۇ قىزبالىنى ئېلىپ بەرسەم بولاتتى» دەپ يۈرەتتى.
ئۇ خاننى قىزىرىپ تاتىرىپ يەرگە قارىۋالامدىكىن دېسەم،دەل ئۇنىڭ ئەكسىچە سەت ھىجاراپ:« ۋىيى خېنىم مېنىڭ مەبىتىم بار تۇرسا» دېمەسمۇ؟
مېڭەمدىن تۈتۈن چىكەتتى ،ئەي خالايىق ئۇ بالاغەتكە يەتكەن قىز ئەمەس تېىخى ئاغزىدىن سۈت پۇراپ تۇرغان 6-يىللىقنىڭ ئوقۇغۇچىسى ئىدى.
چاقچاق قىلدىم دەپ شۇ گەپنى دەپ سالغانغا مىڭبىر پۇشايمان قىلدىم.گىپىمنىڭ ئاخېرىنى قىلالماي ئىچىمگە يۈتىۋەتتىم،لىكىن ئۇ قىزنىڭ ئاغزى ئېچىلدى ،مۇھەببەت ھېكايىسىنى تۆكۈپلىۋەتتى.
ئۇنىڭ ئوغۇل دوستى مەھەللىدىكى قاسىم ناۋاينىڭ كىچىك ئوغلىمىش.قىزىققسىنىپ سورىدىم:«قانداق بولۇپ بۇنداق بولۇپ قالدىڭلار؟»
شۇ كىۋەز تېرىۋاتسام چالما ئېتىۋەرگەنتى،ئاچچىغىم كېلىپ تىللىسام :« قاش ئاتسام قايلىمىغاندېكىن ،تاش ئاتماي نېمە ئاتىدۇ خېنىم» دەيدۇ،شۇنىڭ بىلەن نەچچە قېتىم يولدا توسۇۋىلىپ ئالدىمغا خەت تاشلاپ قويۇپ كەتتى،خېتىدە مېنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى يېزىپتۇ،شۇنىڭ بىلەن شۇ يۈرۈپ قالدۇق » دېدې رۇشەنگۈل نازىلىنىپ.ئۇ بۇ گەپلەرنى ئېيتقاندا قىلچە خىجىل بولمىدى،ئەكسىچە مەن شۇنداق خېجىل بولۇپ كەتتىم،دادام ئانام ئاڭلاپ قالامدىكىن دەپ.
شۇنداق قىلىپ شۇ بىر كۈن يەنە شۇ ئېتىزلىقتا ئۆتۈپ كەتتى،ئۆيگە قايتقۇچە بولغان جەرياندا كاللامدا ساپ شۇ قىزنىڭ گەپلىرى،كىچىككىنە شۇملارنىڭ قىزلارنىڭ ئالدىنى توسۇشلىرى،كىملەردىندۇر دوراپ سالام خەت يېزىپ تەلەپ قويۇشلىرى،بۇ ھازىرقى ئۇچقاندەك تەرەققى قىلىۋاتقان دەۋىردىكى كىنو ۋە تورلارنىڭ شۇ بالىلارغا ئېىپ كەلگەن تەسىرىمىكىن دېسەم،ئۇ جايلاردا سىملىق تىلىۋىزىيە يوق،ئۇنى كۆرۈپ ئولتۇردىغانغا ئۇلاردا چولمۇ يوق،توكلىرى بىر كۈن بار بىر كۈن يوق تۇرسا كومپىيوتىر ھەم توردىن ئېغىز ئېچىش ئەسلا مۇمكىن ئەمەس.
ئۇنداقتا ئۇلار بۇنداق ئىشلارنى كىمدىن ئۆگەندى؟ھىچ ئەقلىم يەتمىدى.
خېلى خېلى ياشلارغا كىرىپ قالغانلارمۇ ئاللاھنىڭ ئەمرىگە بوي سۇنۇپ،ئاللاھتىن قورقۇپ ،قىز-بىلەن يىگىت بىر يەرگە كەلسە ئۇلارنىڭ ئوتتۇسىدا شەيتان پەيدا بولىدۇ دەپ بۇنداق ئىشلاردىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ يۈرسە،بۇ بالىلارغا كىچىككىنە تۇرۇپ مۇھەببەتلىشىشنى كىم قويۇپتۇ،ئىھ ئاللاھ ئۇلار كىچىك ئۇلارنىڭ دىللىرىغا ئىمان نۇرلىرىنى چاچقايلا ئامىيىن.
شۇ ئىشتىن ئۈچ- تۆت كۈن ئۆتۈپ بىزنىڭ ئېتىزلىققا بىر نەچچە مەن تونىمايدىغان ئاياللار چىقىۋاپتۇ،ئۇلار بىلەن خېجىل بولۇپ ئاران كۆرۈشتۈم ،ئۇلار ھەدەم ئىككىمىزنىڭ ئىسىملىرىنى ئاتىشىپ :«چوڭلا بوپ كىتىپتۇ بۇ قىزلار،خويمۇ پاكىز ،چىرايلىق چوڭ بولۇپتۇ،بۇ ئاپئاق قىزلىرىڭلارنىڭ ئېتىزلىققا ئېلىپ چىقىشقا قانداقمۇ كۆڭلۈڭلار ئۇنىغاندۇ ؟» دېيىشىۋىدى،ئانام دادام خېجىل بولغاندەك تەڭلا:«بۇ قىزۋاللار ئۆزى ئۇنىماي چىقىۋالدى » دېيىشتى.
مەن يەنە جىم تۇرماي چاندۇرۇپ :« شۇ بىر نەچچە كۈن قارىشىپ بېرەيلى دەپ قويساق بۇلار كۆنىۋىلىپ ئەمدى كۈندە سۆرەپ ئېلىپ چىقىۋاتىدىغۇ تاڭ» دېيىشىمنى بىلەرمەن،ھەدەم شۇ زامان يوغانلا بىرنى ئالىيىۋەتتى،كۆزلىرىنىڭ پاختىسى ماۋۇ قولۇمدىكى پاختىدىنمۇ چوڭمىكىن تاڭ دەپ قالدىم ئىچىمدە،شۇنداق قىلىپ كۆزلىرىمىز بىلەن بىردەم جەڭ قىلغاندىن كېيىن جىگدە سايىسىغا بېرىپ قويۇپ قويغان ئوتۇغۇچ بىلەن يەرنى چاناپ ئولتۇردۇم،پىشانەمدىن قۇيۇلغان تەر كۆزلىرىمگە كىرىپ ئېچىشتۇراتتى.
شۇ تاپتا سوزۇلۇپ يېتىۋالغۇم بار ئىدى،ئۇلارغا قارىسام زوق-شوخ بىلەن ۋاتىلدىشىپ پاختىسىنى تىرىشىۋاتقانىدى.ھەدەم نەچچە قېتىم ۋارقىراپ :« ئانا ئاۋۇ قىزىڭغا گەپ قىل سايىگە بېرىۋىلىپ ئوچاق كولاپ ئولتۇرىدۇ» دېدى،ئاڭلىمىغانغا سېلىپ نەچچە قېتىم چاقىرسىمۇ جىملا ئولتۇرۋالدىم.يالغانلادىن جىم بولىۋالدىم دەپ ئىھتىياتسىزلىقتىن رەسمى ئۇخلاپ قاپتىمەن،تېخى كەينىمدىكى پۇتاقلىرى جىق، دوڭغاق جىگدىگە يۆلىنىپ ئولتۇرۇپ ئۇخلاپتىمەن دەڭلا.بىرى چاغدا
،ئانامنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ چۆچۈپ كۆزۈمنى ئېچىپلا تىكلەپ قويغان تاغار يانغا ئۆرۈلۈپ چۈشكەندەك قىيسىيىپ تاس قالدىم يىقىلغىلى،ئانام بىردەم يۈز-كۆزۈمنى سىيلاپ ئەركىلەتكەن بولدى،شۇ ئەسنادا ئىزچىل مېنى قىزىقسىندۇرغان ئاۋۇ ئاياللارنىڭ كىملىكىنى سورىدۇم.
ئانام :« ئۆتكەن ئايدا نەچچىسىنىڭگە لاپقۇت ئۆتكۈزۈپ قويغانتىم،ماڭا كەلگەندە ھىچ چىقىشىپ بولالمىدى بۇ چوكانلار،مانا ئەمدى ھەممىسى دىيىشىپ بىرلا چىقىپتۇ » دېدى.
لاپقۇت ئۆتكۈزۈش دېگەن گەپنى بىر تالاي سۇئاللاردىن كېيىن ئاران چۈشەندىم.
دېھقانلارنىڭ بىر بىرىنىڭ ئېتىز-ئېرىق ئىشلىرىغا ياردەم قىلىشى خالىسانە بولماستىن ،لاپقۇت دېيىلىدىكەن،يەنى مەن سىزگە ياردەملىشىپ بىر كۈن ئىش قىلىشىپ بەرگەن بولسام سىزمۇ چوقۇم بۇنىڭ ئۆتنىسىنى قايتۇرۇپ ماڭا بىر كۈن ياردەملىشىشىڭىز كېرەك ئىكەن،ئەگەر بۇنى قايتۇرمىسىڭىز خۇددى پۇل قەرز ئېلىپ قايتۇرمىغانغا ئوخشاشلا ئېغىر نۇمۇس ئىش سانىلىدىكەن.
شۇ كۈنى ئىش خوش ياقماي شۇ ئاياللارنىڭ گەپلىرىگە قۇلاق سېلىپ ئولتۇردۇم،ئۇ ئاياللارنىڭ ئاغزى توختىماي ھەرىكەت قىلسىمۇ قولى توختاپ قالمايدىكەن،مەن ھەتتا شۇلارنىڭ ئاغزىدىن چىققان گەپنى ئاڭلىساممۇ قولۇم توختاپ قېلىپ ئىشىم پەقەت ئاينىمىدى.
تولۇقسىزدىكى چاغدا تارتمىغا ھېكايە كىتاپنى تىقىۋىلىپ ئوقۇپ ئولتۇرسام مۇئەللىم يۈگىرەپ كېلىپ ،كىتاپنى قولتۇقۇمغا قىستۇرۇپ :«ماڭ مەكتەپنىڭ گۈللىكىدە ئولتۇرۇپ ئوقۇپ كىر،ئۆزۈڭنى قىينىماي،دۇنيادا پەقەت ئېنىشتىيىننىڭ كاللىسىلا بىر ۋاقىتتا ئىككى ئىشنى قىلالايدۇ،ئىككى ئىش ئۈستىدە مۇلاھىزە ئېلىپ بارالايدۇ،سېنىڭ كاللاڭغا ھازىر يا مېنىڭ دەرسىم چۈشمەيدۇ،يا ئوقۇغان كىتابىڭدىكى مەزمۇن چۈشمەيدۇ» دېگەن ئېدى،ئۇنداقتا بۇ ئاياللارنىڭ كاللىسى...،ئاي ھاي،خىيالىمنىڭ ئاخىرسىنى داۋاملاشتۇرۇشقا ئاجىزمەن.
ئۇلار گەپ ئارلىقىدا« رۇشەنگۈل قېچىپ كېتىپتۇ» دەپ قېلىشتى،رۇشەنگۈل دېگەن ئىسىمنى ئاڭلاپ قۇلىقىمنى تېخىمۇ دىڭ تۇتتۇم،مەن شۇنچە دىڭ تۇتقانسىرى ئۇ ئايال پاختىلارنى شارت شۇرت سۇغۇرۇپ تىزلا مەندىن يېراقلاشتى ئامالسىز خالتامغا كۆتۈرۈپ يۈگىرەپ يۈردۈم ئۇنىڭ ئارقىسىدىن.
قېچىپ كەتتى دېسە،بىز كىچىك ۋاقتىمىزدا ئوينايدىغان ئوغرى ساقچى ئويۇنىدا ساقچى كەلسە جېنىمىزنىڭ بارىچە يۈگىرەپ قېچىپ كېتەتتۇق ،شۇلارنى ئويلاپ كېتىپتىمەن،دادىسى ئۇرغاندۇ ۋە ياكى ئوقۇش خوش ياقماي بېرەر يەرگە ئوينىغىلى قېچىپ كەتكەندۇ دەپتىمەن.
كېيىن ھېس قىلدىمكى بۇ قېچىپ كىتىش ئادەتتىكى يۈگىرەپ قېچىپ كېتىش ئەمەسكەن،گەپنىڭ ئاخېرىدا «قاسىم ناۋاينىڭ كىچىك ئوغلى ئاقچىپ كېتىپتۇ» دېيىشتى،ئاقچىپ كېتىش،ئاقچىپ كېتىش،دەماللىققا كاللام تورمۇزلىنىپ قالغاندەك بۇ گەپنى ھەزىم قىلالمىدىم،ئېلىپ قېچىپ كېتىش دېگەن گەپكەن ئەمەسمۇ.
ۋاي ما شۇملارنىڭ يامانلىقىنى قارا،ھەيرانلىقتىن تاس قالدىم ئارقامغا ئۇچۇپ كەتكىلى،ئۇلار :«ھەي ئاتا-ئانىسىغا ئۇۋال قىلدى ساراڭ شۇملار،يۈزىنى تۆكۈپ »دېيىشتى.
مەن گەپكە ئارلىشىپ :« روشەنگۈلنىڭ ئاتا-ئانىسى ساقچىغا مەلۇم قىلسا بولمامدىكەن،ھازىر نەدىدۇ ئۇلار» دەپتىمەن.
ئۇ چوكانلار دىيىشىۋالغاندەك پاراققىدە كۈلۈپ كېتىشتى،ئارىسىدىكى ئاق-سېرىق ئېگىز بويلۇق بىر ئايال ماڭا قاراپ :« ۋاي قىزىم،ئاقچىپ كېتىپتۇ دېسە بېشىغا تاغار كەيدۈرۈپ ئاغزى –بۇرنىنى ئېتىپ ئېلىپ قېچىپ كېتەمدىكىن دەپ قالدىڭىزمۇ،ئىككىسى ئۆز-ئارا دىيىشىۋىلىپ تەڭلا قاچىدۇ شۇ بېرەر موتونى دىيىشىپ قويۇپ ھىچئىش بولمىغاندەك بېرەر يەرگە كېتىپ بىر كۈن ئۆتكەندىن كېيىن ئوغۇل بالا قىزنى ئۆيگە ئەكىرىدۇ شۇ ،ئاتا-ئانىسىنىڭ ئامالى يوق،قىزنىڭ ئاتا –ئانىسى ساقچىغا مەلۇم قىلىمىز،قىزىمىزنى بەرمەيمىز دېسە، ئوغۇل تەرەپ ئۇنداقتا ئالە مانا قىزىڭنى دەيدۇ،قىزبالا مەڭگۈ قېرى قىز بولۇپ ئولتۇرىدۇ شۇ ھېچكىم ئالماي،شۇڭا ئامال يوق تويىنى قىلىپ قويىدۇ » دەيدۇ.
توۋا دەپ ياقامنى تۇتتۇم،قانۇندا بەلگىلەنگەن توي قېلىش يېشىغا يەتمىسىمۇ توي خېتى بېرىۋىردىكەن ،ئۆزىنىڭ پوقىنى ئېيتالماي يۈرگەن شۇمتەكلەر بىر ئۆينى بېشىغا كىيىشىۋىلىپ قانداقمۇ تۇرمۇش كەچۈرىدىغاندۇ ھىچ ئەقلىم يەتمىدى.
كېينكى باش تېما «ئېتىزلىقتىكى سودا» .
نەشىردىن چىقىش ۋاقتىغا بىرنىمە دىيەلمەيمەن.ئىنكاس شەكلىدە قىستۇرلىدۇ