كۆرۈش: 4752|ئىنكاس: 34

ئوقۇتقۇچىلىقنىڭ پۇشايمىنى يوق [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
3390
يازما
25
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
805
تىزىملاتقان
2010-7-16
ئاخىرقى قېتىم
2012-1-18
توردا
1 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-18 00:58:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئوقۇتقۇچىلىقنىڭ پۇشايمىنى يوق!
مەلۇم بىر شائىرنىڭ‹ئىجادىيەت مۇھاكىمە يىغىنى›غا قاتناشقا ن ۋاقتىمدا شائىرنىڭ ئەسەرلىرى ئۈستىدە مۇھاكىمىلەر بولدى.ئەسەرلىرىنىڭ ئىچىدىن ‹شائىرلىقنىڭ پۇشايمىنى يوق›دىگەن ئەدەبىي خاتىرىسىنىڭ ماۋزۇسىنى ئاڭلاپلا بەكمۇ ياقتۇرۇپ قالدىم،دەرھاللا خاتىرەمگە ‹توغرا دەيدۇ،ئوخشاشلا ئوقۇتقۇچىلىقنىڭمۇ پۇشايمىنى يوق!›دەپ يېزىپ قويدۇم.ئوقۇتقۇچى بولغاندىن بېرى 16قىش ۋە 16 يازنى ئۆتكۈزۈپتىمەن،راس گەپنى دىسەم سىنىپ مۇدىرى بولۇش جەريانىمداتالاي قېتىم ھارغان،چارچىغان، زارلانغان،قاقشىغان چاغلىرىممۇ بولدى،بىراق يۈرەك تىۋىشلىرىمنى تىڭشاپ باقسام بۇ ھەقىقى قەلب سادايىم ئەمەسكەن!
مەكتەپلەرنى قوشۇش،ئوقۇتقۇچىلارنى باشقا  ئىش ئورۇنلىرىغا تەڭشەش شامىلى چىقىپ  ھەر بىر ئوقۇتقۇچى ئۆزىنڭ بۇ  كەسپكە قانچىلىك مېھرى،قانچىلىك ئەقىدىسى،قانچىلىك مۇھەببىتى بارلىقىنى بىر دەڭسىۋېلىش پۇرسىتىگە ئېرىشتى(ئەلبەتتە بۇ يەردە ئېھتىياج تۈپەيلى مۇنبەردىن مەجبۇرى ئايرىلغانلارمۇ كۆپ).شۇ قاتاردا مەنمۇ بور تۇتۇپ كۆنۈككەن مۇشۇ ئىشچان بىر جۈپ قولۇمنى يۈرۈكۈمگە سېلىپ باقسام،يەنىلا شۇ ئاپپاق بورغا قاراپ شىددەت بىلەن سوقماقتا ئىدى!
نەزىرىمنى يەنە ئاشۇ تەنتەكلەرگە،بەڭۋاشلارغا ئاغدۇرۇپ باقتىم،ئۇلار ماڭا  بەكمۇ سۆيۈملۈك ،بىلىندى!كۆزۈمگە ئاجايىپلا ئىسسىق كۆرۈندى!
ھەر بىر قارار سىنىپىم ئوقۇش پۈتتۈرسە ،‹ئەمدى سىنىپ مۇدىرى بولمايمەن› دەپ ئويلايمەن،نىھايەت،يېڭى ئوقۇش مەۋسۈمىدە ‹مەن سىنىپ مۇدىرى بولمايتتىم›دىگەن سۆزنى ھەرگىزمۇ دىگۈم كەلمەيدۇ،ئەسلى خاھىشىم مېنى ئۇنداق دىگۈلى قويمايتتى.چۈنكى ئاشۇ سۈيۈملۈكلەر ماڭا نۇرغۇن نەسىلەرنى ھېس قىلدۇراتتى ،ئۆزى بىلەن بىللە تەربىيەلەيتتى،كۆڭلۈمنى ئاۋۇندۇراتتى،ئەقلىي كامىللىققا باشلايتتى،ماڭا ئەينەك بولاتتى،مۈشكۈللەرگە بەردشلىق بېرىشنى،سۈكۈتنى ،سەۋرىنى ئۈگىتەتتى.
بەزىدە ،مەن ئۇلارنى ئەمەس بەلكى ئۇلار مېنى تەربىيەلەۋاتقاندەك تەسىراتلارغا كېلىپ قالىمەن.
شۇڭلاشقىمۇ مېنىڭ ھەربىر ھۈجەيرەم قاتار-قاتار تىزىلپ ئولتۇرغان ئاشۇ  قارا كۆزلەرىڭ مېھرىگە چىڭ ھەم چوڭقۇر باغلانغان.
بۇ چىن ئەقىدە،بۇ پاك مۇھەببەت،بۇ چوڭقۇر سۆيگۈ پۇشايمانغا ھەرگىز ئورۇن بەرمەيتتى.ئەكسىچە مېنى بۇ كەسپكە،نۇرغۇن  كىشىلەرنىڭ نەزىرىگىمۇ ئېلىنمايدىغان مۇشۇ كەسپكە، تارىختىن بېرىمۇ تۈرلۈك ناملار بىلەن چەتكە قېقىلىپ كېلىۋاتقان بۇ غېرىبانە كەسپكە تېخىمۇ مەھكەم باغلىماقتا ئىدى.
كىچىىكىمدىنلا ئوقۇتقۇچى بولۇشنى ئويلايتتىم،مەھەللىمىزدىكى ئۇششاق بالىلارنى يىغىۋېلىپ دەرس ئۈتۈپ كېتەتتىم،شۇ مەسۈم چاغلىرىمدىنلا  ئوقۇتقۇچى بولۇشنىڭ خاسىيەتلىك ئۇرۇقلىرى قەلب ئېتىزىمغا چېچىلىشقا باشلاپتىكەن،شەكىلسىز پەرۋىش بۇ ئۇرۇقلارنى بىخ تارتقۇزۇپ مېنى ئاخىرى بۇ گۈلزارلىقتىن ئورۇن ئالغۇزدى.مەن نىمىگە پۇشايمان قىلاي؟ئويلاپ باقسام مەندىكى پۇشايمان ئەمەس بەلكى بارغانسېرى بوينىنى قىسقان يىتىم بالىغا ئوخشاپ قېلىۋاتقان مىللىي مائارىپىمىزنى ئويلاۋاتقان چاغلىرىمدا .....................يۈرۈكۈمنى بىرى سۇغۇرىۋېلىۋاتقاندەك ئاچچىق تولغىنىمەن...ئېچىنىمەن.  مانا مۇشۇ ئېچىنىش خۇددى پۇشايماندەك ئىز قالدۇرۇۋاتاتتى.
ئەمما مەن ئوقۇتقۇچى بولغىنىمدىن پۇشايمان قىلمايمەن!مېنى تاكى بىرى زورلۇق بىلەن مۇنبەردىن قوغلىغانغا قەدەر ......تاكى كۈچ-قۇۋۋىتىم يار بەرمىگەنگە قەدەر......مۇنبەردىن ئىبارەت بۇ مۇقەددەس جايدىن ،بۇ خانلىق تەختىمدىن ،بۇ غورور –ئىپتىخارىمدىن ئايرىمىغايسەن دەپ ئۇلۇغ تەڭرىگە تېۋىنىمەن!
  سەبىلەرگە پايدىلىق نەرسىلەرنى سۆزلەشنى،ئۇلارغا ئادىمىيلىك،كىشىلىك پەزىلەت ئۈلگىسى بولۇشنى ئارمان قىلىمەن...
ھەر قېتىم ھېيت-بايرامدا ئوقۇغۇچىلىرىمنىڭ يوللىغان سالاملىرىنى تاپشۇرۇپ ئالغىنىمدا.....ھەر قارارلىق  ئئوقۇغۇچۇلىرىم ئالىي بىلىم يۇرتلىرىغا ئۇچۇرما بولۇپ ئۇچقانلىرىدا....ھەر ساھە،ھەر كەسپتە خىزمەت  قىلىۋاتقان ئوقۇغۇچىلىرىم يۈگۈرۈپ ئالدىمغا چىققانلىرىدا....«مۇئەللىم سىز ھىچكىمگە ئوخشىمايسىز،!»«مەن ئەڭ ھۆرمەت قىلىدىغان ئادىمىم!»«مۇئەللىم،ئۆزىڭىزنى ئاسراڭ!»«مۇئەللىم ،مەن سىزنى ئۇنتۇپ قالمايمەن!»دىگەن يۈرەك سۆزلىرىنى ئاڭلىغىنىمدا......ئاتا-ئانىلارنىڭ «مۇئەللىم ،سىز مېنىڭ  بالامنىى ياخشى ئادەم قىلىپ ئۆزگە ئۆزگەرتتىڭىز،بالامنى تەربىيەلەپ ئۆگەرتىۋەتتىڭىز، سىزگە رەھمەت!ئاللا ئەجرىڭىزنى بەرسۇن!»دەپ كۆزىگە ياش ئالغان ھالدا مىننەتدارلىقىنى بىلدۈرگەنلىرىدە..... كەپسىز،ئەخلاقسىز،ئىنتىزامسىز ئاتالغان بالىلارنىڭ دەرسخانەمدە جىمجىت ئولتۇرۇپ سۆزلىرىمنى تىڭشاپ،يىراقلاردىن قولىنى كۆكسىگە قويۇپ ئېگىلىپ سالام  بىجا كەلتۈرگەنلىرىدە.....مەيلى قەيەرگە كەتمىسۇن قىيىن تاللاشلارغا دۇچ كەلگەندە تېلېفۇن قىلىپ مەندىن مەسلىھەتلەر سورىغانلىرىدا  ....ئوقۇغۇچىلىرىمنىڭ مېنى قوبۇل قىلغانلىقىدىن،ئۇلارنىڭ قەلبىدىن ئورۇن ئالالىغانلىقىمدىن سۆيۈنىمەن،توغرىىسى ئوقۇتقۇچى بولغانلىقىمدىن سۆيۈنۈپ قالىمەن......

ياق! مەن ئوقۇتقۇچى بولغىنىمغا پۇشايمان قىلمايمەن!بەلكى يانا بىر قېتىم ياشاش پۇرسىتىگە ئېرىشىپ تاللاشقا توغرا كەلسە ،ئىككىلەنمەي ئوقۇتقۇچى بولىمەن!مۇنبەردىكى بۇ ئەڭ ئالىي ھوقوقۇمنى كۈچۈمنىڭ بارىچە قوغدايمەن!
دۆلىتىم،سۆلىتىم،پەخرىمسەن مۇنبەر!
خانىشلىق،ئايىملىق،سۆلكىتىم مۇنبەر!
بولساڭمۇ گەر ئۆزەڭ ئەڭ كىچىك دۇنيا،
بىھىساپ ئىلىمنىڭ كانىسەن مۇنبەر.

2011-يىلى9-ئاينىڭ 10-كۈنى
بۇ ماقالىنى بىر دوستۇم كۆرۈپ باق دەپ ئەۋەتىپتىكەن ، ماڭا ياراپ قالدى شۇنىڭ بىلەن دوستۇمنىڭ رۇخسىتى بىلەن تورغا يوللىدىم ، دوستلارنىڭ كۆرۈپ ياخشى پىكىر تەلەپلىرىنى بېرىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن ،

ئەجدادىمىز كىم ؟ ئۇلار قانداق ياشىغان ؟ نۆۋەتتىكى بىز چۇ؟
ئابدۇللا ئابدۇرېھىم

UID
3254
يازما
87
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
2518
تىزىملاتقان
2010-7-11
ئاخىرقى قېتىم
2012-1-25
توردا
4 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-19 11:05:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يېزىلغان ئەسەركەن . ھەقىقەتەن ياخشى ئوقۇتقۇچىلار ئارىمىزدا كۆپ .
  قەدىرلىك دوستلار ، مۇشۇ تىمىغا ئۇلاپلا مەن كاللامدىكى بىر زىددىيەتنى سىلەرگە دەپ باقاي .
   مەن قىزىمنى باشتا خەنزوچە يەسلىگە بەرگەن . مەقسىتىمىز ھازىر قوش تىل بولغاچقا خەنزوچە سەۋىيەسىىنى ئۆستۈرۈشكە پايدىلىق بۇلارمىكىن  دىگەن .چوڭ سىنىپقا چىققاندا ئۇيغۇرچىغا يۆتكەپ 1 يىل ئوقۇتتۇق ، شۇنىڭ بىلەن مۇشۇ ئايدا ئۇيغۇرچە 1 - سىنىپقا بەردۇق . قىزىمنى ئۇيغۇرچە يەسلى سىنىپىغا يۆتكىگەن چاغدا قىزىم باشتا سەل قىينالدى ، ئېلىپبەنى سولدىن ئوڭغا يېزىپ قويدى . بىز مەشىق قىلدۇرۇش ئارقىلىق جايىغا چۈشتى ھەم يەسلىنى تۈگەتكەندە ساۋادىمۇ خېلى ياخشى چىقىپ قالدى . لېكىن قىزىم ئولتۇرسا قوپسا ، ھەتتا ھازىرقى 1 - سىنىپقا كىرگەندىمۇ ، خەنزوچە سىنىپتىكى 张老师,朱老师لىرىنىڭ گىپىنىلا قىلىدۇ . ھەرقانداق بىر ئۇيغۇر مۇئەللىملىرىم خەنزو مۇئەللىملىرىمدەك ياخشى ئەمەسكەن . ھازىرقى سىنىپ مەسئولۇممۇ ياخشى ئەمەس دەپ قاھشايدۇ . ئەمەلىيەتتە يەسلىدىكى ۋاقىتتا قىزىم بىر كۈنى يەسلىگە كىرمىگەن ئىدى ، خەنزو مۇئەللىمى سۈرۈشتۇرۇپ تېلېفۇن قىپتۇ . يەنە بىر كۈنى قىزىم يەسلىگە بارمىغان ۋاقىتتا بالىلار بايرىمىلىق تەييارلىق قىلماقچىكەن ، يەنە خەنزو ئوقۇتقۇچى بىزگە تېلېفۇن قىلىپ ، بالىنى ئەكىلىڭلار ، مەشىق قىلدۇرىمىز دىدى . بۇنداق مىساللار بەك كۆپ . دىسەم ئۆزىمىزنى تىللىغاندەك بوپ قالىدىكەنمەن . ئەتىسى قىزىمنىڭ چېچىنى چىرايلىق بۇغۇپ يەسلىگە يولغا سالىمەن . خەنزو ئوقۇتقۇچىلىرى يەسلىدىن قايتىدىغان چاغدا باشقىدىن بۇغۇپ چىرايلىق قىلىپ قۇيىدۇ . ئۇيغۇر سىنىپىغا چىققاندا بولسا چېچى يىشىلىپ  چۇۋۇق ھالەتتە چىقىدۇ . يەنە دىسەم مىسال كۆپ .
   ھازىر ئۇيغۇرچە سىنىپتا سىنىپنىڭ ئالدى بۇلۇپ ئوقۇۋاتىدۇ . لېكىن يەنىلا خەنزوچە سىنىپتا ئوقۇغۇسى بار ، قانداق قىلسام بۇلار؟ ئاڭلىشىمچە بۇ سىنىپ مەسئولىنى ياخشى دەپ بۇ سىنىپقا قۇبۇل قىلىنمىغان بالىلارنىڭ ئاتا ئانىلىرى مۇناسىۋەتلىشىپ ئەكىرىپ قويغان بالىلارمۇ كۆپ ئىكەن . ئادەم جىق دەرس ئاڭلىيالماي قالمىغىيدى دەپ قىزىمدىن بەك ئەنسىرەيمەن . قانداق قىلسام بۇلار ؟ قىزىمنى خەنزوچىغا يۆتكەيمەنمۇ ياكى قىزىمدىكى بۇ پىسخىكىنى قانداق ئوڭشاشنى بىلەلمىدىم . قېنى دوستلار ، ياخشى مەسلىھەتىڭلارنى مەندىن ئايىمىغايسىلەر !!!

UID
12002
يازما
4
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
40
تىزىملاتقان
2011-6-4
ئاخىرقى قېتىم
2011-12-8
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-19 15:51:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
早起的是当老师和收破烂的,晚睡的是当老师和按摩院的,不按时吃饭的是当老师和要饭的,担惊受怕的是当老师和犯案的,加班不补休的是当老师和摆地摊的,不能上访的是当老师和没户口的,说话不能错的是当老师和主持节目的,加入了就不能退出的是当老师和干黑社会的。

UID
15287
يازما
8
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
120
تىزىملاتقان
2011-9-19
ئاخىرقى قېتىم
2011-10-3
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-19 16:02:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇگۇندئن باشلاپ ھەرقايسى ئەزالار !
2222-ييلى-2ئاينىىڭ 14-كۇنى -  ھەرقايسى ئەزالارغا چوڭ يېغىن بار .
بۇي يېغىنغا يالغۇز كەلگەنلەر بىردەك ئېتىپ تاشلىنىدۇ.
بۇ يېغىنندا توھپىسى بارلانى ب د ت غا ئاپىرىپ 15 كۇن ئاتىمىز ،
شۇڭا مىنى تۇتۇپ بەرگەنلەرگە چوڭ مۇكاپات بار ، مۇكاپات سوممىسى ،
ئىزدەپ تاققا چىقىڭ ،تاپالمىسىڭىز باققا كىرىڭ،

تىرىشچان ئەزا

ۋاقىت ھەمىنى ئۇز

UID
14629
يازما
41
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
941
تىزىملاتقان
2011-9-3
ئاخىرقى قېتىم
2012-1-7
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-19 18:00:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قارا بۇغرا  ئىسسىل يىزىپسىز ...
مەن باغ بىلەن تاغنى ئۇيلاشمىدىم چۇنكى ئىسمىڭز ئۇزىلا غۇلجىدىكى داڭلىق تۇرمىنىڭ ئىسمى
777

مىللەت ئۇرۇشتا ئۇلمەيدۇ،سۇكۇتتە ئۇلىدۇ.                             777

كۆيۈمچان ئەزا

نېمە يېزىشنى ئوي

UID
13028
يازما
221
تېما
3
نادىر
0
جۇغلانما
6791
تىزىملاتقان
2011-7-6
ئاخىرقى قېتىم
2012-1-26
توردا
17 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-19 19:31:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆز مىللىتى ،مىللەتنىڭ ئەتىسى بولغان سەبىى پەرزەنتىلىرىمىز ئۈچۈن كىچە- كۈندۈز يۈرەك قېنىنى سەرىپ قىلىۋاتقان ساپالىق، ياراملىق ئوقۇتقۇچىلىرىمىز يەنىلا كۆپ سالماقنى ئىگەللەيدۇ.

UID
15155
يازما
7
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
40
تىزىملاتقان
2011-9-15
ئاخىرقى قېتىم
2011-11-17
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-19 19:58:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋەششششششششششششششششششششىىىىىىىىىىىىىىىى  دەششششششششششششششەت   ئىنكاسلار چىقىپتىغۇ....

  تىمىمۇ يامان ئەمەس  يىزىلىپتۇ .

UID
7112
يازما
162
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
4064
تىزىملاتقان
2010-11-8
ئاخىرقى قېتىم
2012-1-24
توردا
2 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-19 20:19:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ 3قەۋەتتىكىkarabora يوللىغان 2011-09-19 16:02 غا قارتىلغان  :
بۇگۇندئن باشلاپ ھەرقايسى ئەزالار !
2222-ييلى-2ئاينىىڭ 14-كۇنى -  ھەرقايسى ئەزالارغا چوڭ يېغىن بار .
بۇي يېغىنغا يالغۇز كەلگەنلەر بىردەك ئېتىپ تاشلىنىدۇ.
بۇ يېغىنندا توھپىسى بارلانى ب د ت غا ئاپىرىپ 15 كۇن ئاتىمىز ،
شۇڭا مىنى تۇتۇپ بەرگەنلەرگە چوڭ مۇكاپات بار ، مۇكاپات سوممىسى ،
.......

UID
15310
يازما
1
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
10
تىزىملاتقان
2011-9-19
ئاخىرقى قېتىم
2011-11-1
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-19 22:05:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن مۇ بىر ئوقۇتقۇچى ھازىر ئۇرۇمچىدە تەربىلەشتە مەن مۇشۇ تەرىققى قىلغان شەھەردە تۇرساممۇ يۇرۇگۇم ئاشۇ مەكتىپىمدىكى بالىلاردا تىزراق بىرىپ ئۆز قىمىمتىمنى ياراتسام دەيمەن بىزنى قوللىغان مەدەت بەرگەن دوسلارغا رەھمەت

كۆيۈمچان ئەزا

دۇنياغا دوستلۇق

UID
10634
يازما
93
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
3004
تىزىملاتقان
2011-4-10
ئاخىرقى قېتىم
2012-1-24
توردا
1 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-19 22:33:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كوپلىگەن ئوقۇتقۇچىلار شۇنداق ئويلايدۇ،بىراق  ھازىر سىنىپ مۇدىرى بولسا بالىلارنى تەربىيەشكە باشقا ئىشلارنىڭ توللىقىدىن ۋاقىت يېىتشمەيدۇ.شۇڭا بىزدىن رەھبەرلىكمۇ،ئاتا-ئانىلارمۇ،باللارمۇ،ئۈزىمىزنىڭ ۋىجدانىمىزمۇ رازى بولمايدۇ.

ۋاقتىڭلارنى قەدىرلەڭلار،ئەتىنى بىلمەيمىز،تۇنۈگننى ئەكىللەلمەيمىز ،بىزنىڭ قولىمىزدا پەقەت بۈگۈنلا بار،دىققەت قىلىڭلار،سىلەرگە ئىشىنىمەن
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش