كۆرۈش: 612799|ئىنكاس: 170

ئابدۇللا ئابدۇرېھىم بىلەن ئەلكۈيىدە سۆھبە   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

بېكەت باشلىقى

سەركەردە

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

UID
1
يازما
164
تېما
118
نادىر
11
جۇغلانما
5388
تىزىملاتقان
2006-10-4
ئاخىرقى قېتىم
2015-3-18
توردا
1738 سائەت

باشقۇرغۇچى مۇنبەر باشلىقى

يوللىغان ۋاقتى 2011-8-17 12:26:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئەسسالامۇئەلەيكوم،ئەلكۈيى تورىنىڭ مۆھتىرەم ئىشتىراكچىلىرى ئالدى بىلەن تورىمىزدىكى بارلىق تورداشلارنىڭ تېنىڭلارغا سالامەتلىك،ئىشلىرىڭلارغا بەخت ۋە ئامەت تىلەش بىلەن بىرگە تورىمىز ۋە شىركىتىمىزدىكى بارلىق ئىشچى - خىزمەتچىلەر نامىدىن ئوتلۇق سالام يوللايمىز.باسقان ھەر بىر قەدىمىڭلار ئاسايىشلىق ئىچىدە ئۆتكەي،ئەلكۈيى تورىدىكى زىيارىتىڭلارنىڭ تېخىمۇ مول مەزمۇنلارغا ئېگە بولىشىنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز.
ئۇيغۇر سەنئىتى جۈملىدىن ئۇيغۇر ناخشا - مۇزىكىلىرى چارچىغان قەلبىمىزگە مەلھەم بولسا،دىل ئارامىمىزغا ئىلھام بولۇپ ھەممەيلەننىڭ سۆيۈپ ئاڭلىشىغا ئەۋلادتىن ئەۋلاتقا داۋام ئىىتىپ كىلىۋاتىدۇ،مەنىۋى تۇرمۇشىمىزغا ئۆزىنىڭ ئاۋازى بىلەن ئىزچىل بىزگە ھەمراھ بولۇپ كىلىۋاتقان،مەيلى چوڭلار بولسۇن مەيلى كىچىكلەر بولسۇن ھەممەيلەن ناخشىلىرىنى ياقتۇرۇپ ئاڭلاپ كىلىۋاتقان شۇنداق بىر پەخىرلىك ئۇيغۇر ئوغلانىمىز بار، ئۇ بولسىمۇ ئابدۇللا ئابدۇرېھىم.
بالىلىق ھاياتىنى قەدىمىي دولان موقاملىرى،دولان مەشرەپلىرى قوچىدا ئۆتكۈزۈپ،سەبى چاغلىرىدىن باشلاپلا مىللىي ناخشا - مۇزىكا سەنئىتىمىزگە ئوتتەك ئىشتىياق باغلىغان،ناخشا -مۇزىكا سەنئىتىنى تېگى ماھىيتىدىن چۈشىنىپ،ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئېيتىش يولىدا نۇرغۇنلىغان قان - تەرىنى سىڭدۈرۈپ،پىشىپ يىتىلىپ ،ئوزۇندىن بويان ھەممەيلەننىڭ قەلبىنى تىترىتىپ كىلىۋاتقان تالانتلىق ئەل سۆيگەن ناخشىچىمىز ئابدۇللا ئابدۇرېھىمغا قىززىقمايدىغان ، ئۇنىڭ ئىش -ئىزلىرىنى بىلىشكە ئىنتىزار بولمايدىغان،ئابدۇللا ئابدۇرېھىم بىلەن تور ئارقىلىق سىردىشىشنى خالىمايدىغان تورداش بولمىسا كېرەك.ئەلكۈيى تورىدىمۇ ئابدۇللا ئابدۇرېھىمنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇنلىغان ياخشى مۇنازىرەلەر بولۇپ تۇرىدۇ ئەلۋەتتە،ئەلكۈيى تورى كەڭ تورداشلارنىڭ بۇ ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش مەقسىتىدە بۈگۈنكى ئەلكۈيى ئېكرانىنىڭ يېڭى سانىغا <<ئابدۇللا ئابدۇرېھىم بىلەن ئەلكۈيى ئېكرانىدا سۆھبەت>> نامىدىكى بىر مەيدان ياخشى سۆھبەت ئويۇشتۇرۇپ ھۇزۇرىڭلارغا سۇندۇق،ياقتۇرۇپ كۆرۈشىڭلارغا تىلەكداشمىز.


كۆرۈش نوقتىسى (Medila player )ئارقىلىق كۆرۈش (قېتىۋالسا ياكى سۈزۈك چىقمىسا پەستىكىنى كۆرۈڭ)

كۆرۈش نوقتىسى(flash player)ئارقىلىق كۆرۈش


زىيارەت جەريانىدىكى رەسىملەردىن ئارىيەلەر

ئەل سۆيگەن ناخشىچى،پەخىرلىك ئۇيغۇر ئوغلانى ئابدۇللا ئابدۇرېھىم ۋە ئەلكۈيى تور تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ مەسئۇلى،ئەلكۈيى تورىنىڭ قۇرغۇچىسى مۇھەممەدجان ئۈمىدۋار بىرگە

پەخىرلىك ئۇيغۇر ئوغلانى ئابدۇللا ئابدۇرېھىم ۋە ئۇنىڭ ئوماق  قىزى شاھناز ئابدۇللا ،ئەلكۈيى تورىنىڭ قۇرغۇچىسى مۇھەممەدجان ئۈمىدۋار قاتارلىقلار بىلەن خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى

ئابدۇللا ئابدۇرېھمنىڭ قىزى شاھناز ئابدۇللا ئەلكۈيى تورىنىڭ زىيارىتىگە دادىسى ۋە ئۆزى ھەققىدە سۆزلەپ بەرمەكتە



زىيارەت نەق مەيدانىدىن ئارىيە


بۇ قېتىملىق زىيارەت شىنجاڭ مىللىي مۇزىكا ئۆمىكى ئابدۇللا ئانسامبىلىنىڭ ئىشخانىسىدا سۈرەتكە ئېلىندى،زىيارەت جەريانىدا ئەسلىدىكى سابا ئانسامبىلىنىڭ ئابدۇللا  ئانسامبىلى قىلىپ ئۆزگەرتىلگەنلىكى بىلدۇق ھەمدە بۇ ھەقتىكى بەزى بايانلارنىمۇ كەڭ تورداشلارنىڭ ھۇزۇرىغا سۇندۇق،يەنە بىر تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغان ئىش شۇكى ئەل سۆيگەن ناخشىچىمىز ئابدۇللا ئابدۇرېھىم ئۆزىنىڭ ئوماق پەرزەنتى شاھناز ھەققىدە ئۆزىنىڭ قەلب ئىزھارىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتتى شۇنداقلا بىزمۇ يېقىندىن بويان تورىمىزدا قىززىق نوقتا بولۇپ كىلىۋاتقان بۇ كىچىك چولپانىمىز بىلەنمۇ ھەمسۆھبەتتە بولدۇق.
كەڭ تورداشلارنىڭ بۇ قېتىملىق زىيارەتنى چىن ئىخلاسى بىلەن كۆرۈپ چىقىشىنى شۇنداقلا ئابدۇللا ئابدۇرېھىم بىلەن تورىمىز ئارقىلىق كەڭ - كۇشادە سىردىشىشنى سەمىمىي ئۈمىد قىلىمىز ھەمدە شىركىتىمىز ۋە تورىمىز شۇنداقلا تورىمىزدىكى بارلىق تورداشلار نامىدىن پەخىرلىك ئۇيغۇر ئوغلانى،ئەل سۆيگەن ناخشىچى ئابدۇللا ئابدۇرېھىمنىڭ ئىجادىي ھاياتىغا مول مەزمۇنلارنى تىلەش بىلەن بىرگە يېقىندا ئۆتكۈزۈلۈپ،خەلقىمىزگە سوۋغا قىلماقچى بولغان 2011-يىللىق ئابدۇللا ئابدۇرېھىم ناخشا كېچىلىكىنىڭ ت ئوڭۇشلۇق ئۆتكۈزىلىشگە،مول مەزمۇنلارغا تۇلىشىغا چىن دىلىمىزدىن تىلەكداشمىز! ھارماڭ ئابدۇللا ئابدۇرېھىم ، خەلقىمىز سىزنى مەڭگۈ قوللاپ قۇۋۋەتلەيدۇ!


كامالىي ئېھتىرام بىلەن :  
ئەلكۈيى تور بېكىتى
ئەلكۈيى تور تېخنىكا چەكلىك شىركىتى
2011-يىلى 8-ئاينىڭ 17-كۈنى

قوشۇمچە ھۆججەت: مۇنبىرىمىزگە تىزىملىتىپ كىرسىڭىزئاندىن قوشۇمچە ھۆججەتنى كۆرەلەيسىز ۋە چۈشۈرەلەيسىز،تېخى تىزىملاتمىغانما؟تىزىملىتىش

UID
10246
يازما
5
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
50
تىزىملاتقان
2011-3-19
ئاخىرقى قېتىم
2011-10-14
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-17 12:53:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇنداق ئەھمىيەتلىك سۆھبەتلەرنىڭ ئەلكۈيىدىن ئۈزۈلمەسلىكىنى ئۈمىد قىلىمەن ...
ھەممىمىزنىڭ  ھۆرمىتىگە نائىل  پەخرلىك ناخشىچىمىز ئابدۇللا ئابدۇرېھىمنىڭ بۇندىن كېيىنكى ئىشىلىرىگە ئۇتۇق، ئائىلىسىگە بەخىت تىلەيمەن .......

UID
11056
يازما
74
تېما
6
نادىر
0
جۇغلانما
1835
تىزىملاتقان
2011-5-6
ئاخىرقى قېتىم
2014-6-4
توردا
9 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-17 13:16:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بارىكاللا ئەلكۈيى تورى،خەلقنىڭ قەلبىگە تېخىمۇ چۆككىنىڭدىن خۇشال بۇلىمىز.
بۇ ئىنكاس ئورنىنى ئۆزەم ئېلىۋېلىش مەقسىتىدە ھازىرچە مۇشۇنچىلىك ئىنكاس يېزىپ توراي،ئابدۇللا ئابدۇرېھىمغا بولغان قەلب سۆزلىرىم سەل كۆپ بولغاچ باشتىكى ئورۇننى ماڭا بەرسەڭلار،فىلىمنى كۆرۈپ بوپ ئىنكاس يازىمەن.

كۆيۈمچان ئەزا

نېمە يېزىشنى ئوي

UID
13761
يازما
72
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
1812
تىزىملاتقان
2011-8-5
ئاخىرقى قېتىم
2014-11-14
توردا
27 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-17 15:42:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئابدۇللا ئابدۇرېھىم ئاكىمىزنىڭ ئىشلىرىنىڭ  ئۇتۇقلۇق، ئوڭۇشلۇق بولۇشىنى، تېنىنىڭ سالامەت تۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
ئەل كۈيى تورىنىڭمۇ بۇنىڭدىن كېيىنكى تەرەققىياتىغا تېخىمۇ كۆپ ئۇتۇقلار يار بولسۇن!

دەلىللەنگەن ئەزا

نېمە يېزىشنى ئوي

UID
2154
يازما
1448
تېما
36
نادىر
0
جۇغلانما
43182
تىزىملاتقان
2010-5-28
ئاخىرقى قېتىم
2015-3-11
توردا
76 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-17 16:15:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەلكۇيى  مۇنبېرىنىڭ بىزنى مۇشۇنداق  پۇرسەتكە ئىگە قىلغانلىغىدىن مەن بەكمۇ سۆيۇندۇم ،،
ئابدۇللا ئابدۇرېھىمنىڭ بۇندىن كىيىنكى ئىشلىرىغا  بەرەكەت ھەم ئوڭۇشلۇق تىلەيمەن ،
ھەم ئائىلىسىگە بەخىت شۇنداقلا خاتىرجەملىك تىلەيمەن

باھا سۆز

tagat  ھ  يوللىغان ۋاقتى 2012-8-15 15:44:50
يەر شارىدا قالمىسا ئىنسان گەۋدىسى ،قالار شۇ كىشىنىڭ قول يازمىسى

دەلىللەنگەن ئەزا

سۇلايمان ئابلىمىت

UID
1651
يازما
189
تېما
26
نادىر
0
جۇغلانما
73172
تىزىملاتقان
2009-4-6
ئاخىرقى قېتىم
2014-4-15
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-17 20:23:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام...
بۇ سۆھبەت ئۆتكۈزۈلۈپ ناھايىتى ياخشى بولۇپتۇ،سۆھبەت فىلىمىنىڭ باشلىنىشىدىكى شېئىر ھەقىقەتەن ئىسىل ئىكەن جۇمۇ!ئابدۇللا ئاكىمىز بىلەن تور يۈزىدە مۇشۇنداق سۆھبەت ئارقىلىق سىرداشمىغىلى ئۇزۇن ۋاقىتلار بولۇپتىكەن،ئەلكۈيىگە تەشەككۈر،قارىغاندا بۇ يىل ئابدۇللا ئاكىمىزنىڭ يىللاردىكىگە ئوخشىمايدىغان،مەيلى ئورۇنلاش،مەيلى سەۋىيە...جەھەتلەردىن بولسۇن يۇقىرى بولغان بىر مەيدان كېچىلىكتىن بەھىر ئالغۇدەكمىز. شاھنازمۇ بىر چىرايلىق قىز بولۇپ چوڭ بوپ كىتىپتۇ مانا،ئېيتقان ناخشىسىمۇ شۇنداق يېقىشلىق،سۆھبەتتىن شۇنى ھېس قىلدىمكى شاھناز ئۆزىنى تۇتىۋالغان،تەمكىن،ئەدەپ-ئەخلاقلىق بىر قىز بولۇپتۇ.كۆز تەگمىسۇن شاھنازغا.
ئابدۇللا ئاكىمىزمۇ ياخشى كۈيلەرنى خەلقىمىزگە تەقدىم ئىتىشنى توختىتىپ قويمىغاي.شاھنازمۇ ھەم شۇ،مۇشۇ پۇرسەتتە ئابدۇللا ئاكىغا سالام يوللايمەن،ئىشلىرىغا ئۇتۇق تىلەيمەن،ئائىلىسىگە بەخت تىلەيمەن،تۇرمۇشىنىڭ شاد-خوراملىق ئىچىدە ئۆتۈشىنى،قىلغان ئىشلىرىنىڭ بەرىكەت تېپىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

UID
13107
يازما
6
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
186
تىزىملاتقان
2011-7-10
ئاخىرقى قېتىم
2014-1-17
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-17 23:20:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئابدۇللا ئابدۇرېھىمنىڭ ناخشا - مۇزىكا،ئادىمىلىك،ئاتا-ئانا ۋە پەرزەنت ئوتتۇرسىدىكى مۇھاببەت ،دۇنيا قاراش،تەرەققىيات،مىللەت،پەرزەنىت تەربىيىسى،ناخشا-مۇزىكا ساھەسىدىكى يىڭى نوتىلار،ھەۋەسكارلار توغرىسىدىكى بارلىق كۆز قاراشلىرى ھەقىقەتەن ئادەمنى قايىل قىلىدىكەن،تەبىئى،چىن ھىسسىياتى ،چىن مۇھەببىتىنى، قىسقىسى كۆڭلىدىكىنى تۈكۈپلا بىرىپتۇ.ھەقىقەتەن ھەممەيلەنگە ئەمىلىي بىر دەرىس بېرىپتۇ.
مەن كۆرگەن زىيارەت خاتىرلىرى ئىچىدە (سەنئەتچىلەر ئىچىدىكى)چىن دىلىمدىن ھۆرمىتىمنى، قايىللىغىمنى قوزغىغىنى بولدى،ئەلكۈيى تور بېتىگە رەھمەت!

UID
13929
يازما
1
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
10
تىزىملاتقان
2011-8-12
ئاخىرقى قېتىم
2011-9-20
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-18 00:07:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئابدۇللا ئابدۇرىھىم خەلقىمىزنىىڭ پەخىرلىك ئوغلانى بۇلۇپلا قالماي ،خەلقىمىزنىڭ قەلبىدىن يۇكسەك ئۇرۇن ئالغان ئەل سۈيگەن پەخىرلىك كۈيچىسى..................!!!!!!مىللىتىمىزنىڭ بۇ پەخىرلىك ئوغلانىنىڭ بۇندىن كىيىنكى ھايات مۇساپىسىنىڭ ئۇتۇقلۇق بۇلشىنى چىن قەلبىمدىن ئۈمۈت قىلمەن!!!!

باھا سۆز

YAHXI20  مەنمۇ شۇنداق ياختۇرۇپ ئاڭلايمەن ‹ سڭزنىڭ ناخشىڭىزنى؟؟؟؟  يوللىغان ۋاقتى 2012-1-15 00:43:21

ئۈمىدلىك ئەزا

اللەىم &nbs

UID
5946
يازما
27
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
298
تىزىملاتقان
2010-9-24
ئاخىرقى قېتىم
2014-1-27
توردا
39 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-18 01:56:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   كۆپ  خۇرسەن بولدۇق  .ئابدۇللا ئاكىمىزنىڭ ئالتۇن تېنى سالامەت بولسۇن ..شۇنچە ھۆرمەتكە سازاۋەر ئاكىمىزنىڭ سۈپەتلىرى ئىچىگە جامائەت ئەبابى  دىگەن نامنى قېتىپ قويساقكەن  ..چۇنكى ئابدۇللا ئاكىمىز  پۇتۇن ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ قەلبىنىڭ باياناتچىسى ...
ئۇيغۇرنىڭ قەلبىدىكى پىنھان سۆزلەر ناخشىلىرىڭىزغا مۇجەسەملەنگەي ئاكا .
چۈن قولۇم بىرلە ئاياغىم ياغلىماق ھاجەت ئەمەس مەن ئۆلۈمگە رازىمەن بۇ تىرىكلىك تاقەت ئەمەس

UID
12351
يازما
12
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
432
تىزىملاتقان
2011-6-16
ئاخىرقى قېتىم
2011-11-11
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-18 09:51:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئابدۇللا ئاكىمىز ئەلكۈيىگە بەكلا ماس كەپتۇ جۇمۇ ،خۇددى ئالتۇن ئۈزۈككە ياقۇت كۆز دىگەندەك .ئابدۇللا ئاكىمىز ۋە ئەكلۈيىنىڭ ئىشلىرىنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇشىنى تىلەيمەن .
مەن ئەقلىمنى بىلسەم مىنىڭ بالىلىق دەۋرىم ئابدۇللا ئاكىمىزنىڭ "قارا تۇپراق "،"سىرلىق تۇمان "،"ئۇزاق يول"دىگەندەك ناخشىلىرىنى زوقلىنىشى بىلەن ،ياشلىق دەۋرىم "مەجنۇنتال"، "ئەركەم"،"تەنھا سۆيگۈ" دىگەن مۇڭلار بىلەن تەڭداش بولۇپ ،ھەرخىل ھىس تۇيغۇ ۋە ئەسلىمە ئىچىدە ئۆتتى .بەلكىم مەن قۇرامىدىكى ياشلارنىڭ ھەممىسى شۇنداق بولسا كىرەك . جۇملىدىن نۇرغۇن دەۋىرداشلىرىمىز ئابدۇللا ئاكىمىزنىڭ ناخشىلىرى بىلەن تەڭ ئۆسۈپ يىتىلدى .مەنچە مۇزىكا ھۆجەيرىسى نورمال بولغان ھەر قانداق بىر ئۇيغۇر ئابدۇللا ئاكىمىزنىڭ ناخشىدىن ،مۇڭلۇق ئاۋازىدىغا ھەۋەسلەنمەي قالمايدۇ .
ئەلۋەتتە زىيارەت جەريانىدا ئابدۇللا ئاكىمىز ئىيتىقاندەك ،خاتالىق ئۆتكۈزمەيدىغان ئادەم يوق ،خاتالىق گەرچە ئۆز ۋاختىدا توغرا تۇيۇلسىمۇ ،لىكىن سەزگەن ھامان تۈزىتىش كىرەك .بۇ سۆزلەر ياش ناخشىچىلىرىمىزغا بىرىلگەن بىر دەرىس ئىكەن .ئەستە چىڭ ساقلىۋالساق بولغىدەك .
ئۆزىمىزنىڭ ئۇسلۈبىلا توغرا دەپ تۇرۋالماي ،خەلىق ياقتۇردىغاننى ئىزدەنسەك ،مۇشۇنداق ئۆلمەس كۇيلەرنى ياراتقىلى بولغىدەك .
ئاخىردا ئابدۇللا ئاكىمىزمۇ ئۆز يولىدىن چەتنىمەي  ئەينى يىللاردىكى "قارا تۇپراق "،"سىرلىق تۇمان"،"ئۇزاق يول "غا ئوخشاش خەلىق قەلبىنى تىتىرتىدىغان ناخشىلارنى مەيدانغا كەلتۇرشىنى ئۇمىت قىلىمەن .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش