- ھوقۇقى
- 1
- يازما
- 5
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 245
- تىزىملاتقان
- 2011-8-22
- ئاخىرقى قېتىم
- 2011-10-2
- UID
- 14224
- يازما
- 5
- تېما
- 0
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 245
- تىزىملاتقان
- 2011-8-22
- ئاخىرقى قېتىم
- 2011-10-2
- توردا
- 0 سائەت
|
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ،ئابدۇللا ئاكا ،ياخشى تۇردىڭىزمۇ ؟مەن 2011-يىلى 8-ئاينىڭ 30-كۈنى سىز بىلەن تىلفۇندا كۆرۈشكەن ئىدىم ،سىز شۇ چاغدا قىزىڭىز شاھناز ئۈچۈن تەييارلىغان ناخشا تىكىستىنى ئەلكۇيى مۇنبىرىگە تىما شەكلىدە يوللىشىمنى دىگەن ئىدىڭىز ،مەن شۇ كۈنى ئويلىنىش ئارقىلىق سىزگىمۇ بىر ناخشا تىكىستى تەييارلىغان ئىدىم ،ھەممىگە مەلۇمكى سىز ئەل سۆيگەن سەنئەتكار ،سىز ئاتا -ئانىڭىزنىڭلا ئوغلى بولۇپ قالماستىن،يەنە ئۆز نۆۋىتىدەئەلنىڭ ئوغلى،بۇ شەرەپ ھەممىلا ئادەمگە نىسىپ بولىۋەرمەيدۇ،ئەل ئوغلانلىرىنى خەلىق سۆيىدۇ، سىزمۇ ئەلگە ئوغۇل ،شۇنداق بولغانىكەن سىزنىڭمۇ خەلىقىمىزگە كۆڭۈل سۆزىڭىز بارغۇ دەيمەن،مەن يازغان ناخشا تىكىستىمۇ مۇشۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك ،بۇ بەلكىم سىزنىڭ،شۇنداقلا سىزگە ئوخشاش ئەل ئۈچۈن ئۆزىنى بېغىشلىغان نۇرغۇن ئوتيۈرەك ئوغلانلىرىمىزنىڭ كۆڭۈل سۆزى بولىشى مۇمكىن.ئەگەر ياراپ قالسا ئشلەتسىڭىز بولىدۇ،بۇ ناخشا تىكىستلىرى ئۈچۈن ھەق ئالمايمەن. سەۋىيەمنىڭ چەكلىك بولىشى تۈپەيلىدىن تۆۋەندىكى ناخشا تىكىسىلىرىدە مۇۋاپىق بولمىغان يەرلەر بولىشى مۇمكىن ،ئىشلىتىپ قالسىڭىز ئۆزگەرتىش كىرگۇزسىڭىز بولىدۇ.
باشقۇرغۇچىلارنىڭ بۇ تىمىنى تەستىقلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن،بۇ تىمىنى يوللاشتىن ئابدۇللا ئاكامنىڭ خەۋىرى بار.
ئابدۇللا ئاكام ئۈچۈن تەييارلىغان ناخشا تىكىستى:
كۆڭۈل سۆزۈم
ھاياتىمغا نەزەر سالسام بېقىپ ھەر رەت،
سۆيگۈ ئارلاش ئۆتتى كۈنۈم ،ئۆتتى سائەت،
سۆيگۈلەردىن قايسى سۆيگۈ ئەۋزەل دىسەم،
كۆڭۈل دېدى:ئەل سۆيگۈسى ،قېلما گۇمان.
ئاتانامنېڭ ئوغلى ئىدىم تۇغۇلغاندا ،
خەلقېم دېدى ئەلنىڭ ئوغلى تونۇلغاندا،
قايسى ئەۋزەل دىسەم شۇندا يۈرىكىمگە،
يۈرەك دېدى:ھەر ئككىسى،قېلما گۇمان.
ئەل ئوغلىمەن،ئەلنى سۆيۈش بۇرچۇم مىنېڭ ،
بۇ پەرىزدۇر ، ھەمدە قەرىز ئەل ئوغلىنېڭ ،
قەرزىڭدىن تانارسەنمۇ كۆڭۈل دىسەم ،
مەن تانغىچە ئۆلەي دېدى،قېلما گۇمان .
سۆيگۈ ئىزدەپ يۈرگەنلەرگە سۆزۈم بار ،
بولما نامەرىت،سۆيگۈ ساڭا بولسۇن يار،
سۆيگۈلەردىن ئەڭ ئەۋزىلى قايسى دىسەڭ،
دەيمەن چوقۇم ئەل سۆيگۈسى،قېلما گۇمان .
2011-يىلى 8-ئاينىڭ31-كۈنى يېزىلدى،يازغۇچى ئابلاجان تەۋەككۇل ،(جوڭگو تىببى ئۇنۋېرستىتىنىڭ ئوقۇغۇچىسى)
شاھناز ئۈچۈن تەييارلىغان ناخشا تىكىستى:
بەختىم ئېچىلسۇن
بالىلىقنى ئۇزىتىپ، يىتىپ كەلدى ياشلىقىم ،
بولدى ماڭا پەزىلەت، زىننەتلەنگەن تاشلىقىم،
بىلىم بولدى ھەم يەنە، تۈگمەيدىغان ئاشلىقىم،
دۇئا بىرىڭ جان ئاتا ، بەختىم ئېچىلسۇن .
مەنمۇ ئەمدى چوڭ بولۇپ ئەلگە قېتىلدىم ،
ياشلىق بېغى ئىچىدە گۈلدەك ئېچىلدىم ،
مۈشكۈل ھايات قاينىمىغا مەنمۇ ئېتىلدىم،
دۇئا بىرىڭ جان ئانا ،بەختىم ئېچىلسۇن .
پەرۋاز قىلاي سامادا مەنمۇ ئاتامدەك ،
پۇراق چاچاي باغلاردا مەنمۇ ئانامدەك،
ئۈزەي ئاشۇ قايناملاردا ئۇلۇغ بوۋامدەك ،
دۇئا بىرىڭ جامائەت ،بەختىم ئېچىلسۇن.
دۇئا بىرىڭ جان ئاتا ،
دۇئا بىرىڭ جان ئانا ،
دۇئا بىرىڭ جامائەت ،بەختىم ئېچىلسۇن،
ئېچىلسۇن ،ئېچلىسۇن ،بەختىم ئېچىلسۇن،
دۇئا بىرىڭ بارچىلار ،بەختىم ئېچلىسۇن!
2011-يىلى8-ئاينىڭ 22-كۈنى يېزىلدى،تىمايوللىغۇچى ،بۇ تىكسىتنى يازغۇچى:ئابلاجان تەۋەككۇل (جوڭگو تىببى ئۇنۋېرىستىتىنىڭ ئوقۇغۇچىسى) بۇ شېئىرلاردا نۇقسان بولسا كۆرسىتىپ بىرشىڭلارنى سورايمەن. < دۇئا بىرىڭ> دىگەن سۆز بىرىكمىسىنىڭ ئورنىغا <بەخىت تىلەڭ >دەپ ئالساقمۇ بولىدۇ.
ئاخېردا ئابدۇللا ئاكامنىڭ ئائىلسىىنىڭ تېخمۇ بەخىتلىك بولشىنى ،ئابدۇللا ئاكامنىڭ قېزى شاھنازنىڭ دادسىغا ئوخشاش ئەل سۆيگەن سەنئەتكار بولۇپ چېقشىنى تىلەيمەن. |
|