ئىگىسى: baristekin

ئوقۇتقۇچىلىقنىڭ پۇشايمىنى يوق [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
15431
يازما
3
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
40
تىزىملاتقان
2011-9-23
ئاخىرقى قېتىم
2011-9-23
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-23 19:54:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

تۆۋەندىكى تېما بولسا جەنۇبىي شىنجاڭدىكى بىر خەلق ئوقۇتقۇچىسىنىڭ رىئاللىقتىكى ئەمىلىي تۇرمۇش كارتىنىسى شۇنداقلا ئاھۇ-زارى ئىكەن. بۇنداق ناھەقچىلىقلەر بولۇپمۇ جەنۇبىي شىنجاڭ مائارىپ سېستىمىسىدا خۇددى ساقايماس راك ئۆسمە كېسىلىدەك سايماي ساقلىنىپ كېلىۋاتقان ئەمىلىي مەسىللەرنىڭ بىرى. بۇنداق ناھەقچىلىقلارنى ھەممە يەردە [يوق!] دەپ كېسىپ ئېيتالمايمىز. قەشقەردىكى بىر قىسىم ئەمەلدارنىڭ ئادىمىيلىكىدىن گۇمان بار،بۇ ئۇزۇن ۋاقىتلىق سىناقلاردىن ئۆتكەن يەكۈن.ئۇلاردا يا مېھرى-مۇھاببەت،يا ئەخلاق-پەزىلەت يا ۋىجدان-غورۇر يوق،پەقەت ئۇلاردا رەھىمسىزلىك،ئىپلاسلىق،رەزىللىكتىن باشقا ئادىمىي تەبىئەتتىن ئەسەر يوق.بۇ ئىشلار باشقا شەھەرلەردىمۇ ئازدۇر-كۆپتۇر بار،ئەمما بۇنچە ئېغىر ئەمەس.ئۇلار ئۆلگەندە بولسىمۇ ئاشۇ تۆت قېرىندىشىنىڭ ئۇنى كۆمىدىغانلىقىنى ئويلاپمۇ قويمايدۇ.بىر خوتۇن كىشىنىڭ يەنە كېلىپ بىر ئوقۇتقۇچى ئايالنىڭ بىر ئەر كىشىگە قول كۆتىرىشى ئادەتتىكى ئىش ئەمەس،مۇشۇ ئىشتىن ئۇ مۇناپىق ئەمەلدارنىڭ قانچىلىك ئىپلاسلىقلارنى قىلغانلىقىنى كۆرىۋالغىلى بولىدۇ.جانغا پاتقاندا قويمۇ ئادەم چىشلەيدۇ......
مۇشۇنداق كىشىلەر ئەزىزانە قەشقەرنىڭ نامىنى بۇلغاۋاتىدۇ،ئاشۇنداق بىر قىسىم ساپاسىز ئەمەلدارلار خەلق بەرگەن بۇ ئەمەلدارلىق قالپىقىدىن پايدىلنىپ نۇرغۇنلىغان بىگۇناھ كىشىلەرنى جىنايەتچىگە ئايلاندۇرۇپ قويىۋاتىدۇ.بولۇپمۇ بىر ئايال ئوقۇتقۇچىنى تۇرمىگە سولىتىۋېتىش ئادەتتىكى ئىشمۇ؟بۇ ئاشۇ ئوقۇتقۇچىنى ئەمەس بەلكى مائارىپنى،ئۇيغۇرنىڭ بارلىقىنى تۇرمىگە سولىغانلىق، مائارىپنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتىن ئىبارەت مائارىپ قانۇنىنى ئوچۇقتىن ئوچۇق كۆزگە ئىلماي، ئاياغ ئاستى قىلغانلىق.، قانۇننىڭ سىياسەتتىن ئۈستۈن تۇرىدىغانلىقىنى ئىنكار قىلغانلىق، قانۇننى كۆزگە ئىلمىغانلىق. ھەممىدە ئادەمنى ئاساس قىلىش تەكىتلىنىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە مائارىپ سېستىمىسىدىلا ئەمەس، باشقا ساھەلەردىنمۇ كىشىنىڭ غەزىپىنى ئۆرلىتىدىغان ، خەلقنىڭ نارازىلىقىنى قوزغايدىغان مۇشۇنداق مەسىللەر يوق ئەمەس، بار!!! شۇڭا يۇقۇرى دەرىجىلىك مائارىپ باشقۇرغۇچى يولداشلارنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭ رايونلىرىدىكى مۇشۇنداق ناھەقچىلىقلاردىن خەۋەرخەۋەر تاپسىكەن تۈزىتىشكە، تەرتىپكە سېلىشقا بۇيرىسىكەن دىگەن ئۈمۈتتە  بۇ تېمىنى باغداش تورىدىن بۇ يەرگە يۆتكەپ كەلدىم   .

_ئىنكاس يوللىغۇچىدىن



بىر ئوقۇتقۇچىنىڭ ئاھۇ زارى

(چوقۇم كۆرۈڭ)




مەن قەشقەر شەھەر بەشكىرەم يېزا سىدىر باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى  ،   مەن دەرىس مۇنبىردىن ئايرىلماي ئوقۇتقۇچىلىق خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغىلى 28 يىل بولدى. 23 يىللىق پارتىيە سىتاجىغا ، 28 يىللىق خىزمەت سىتاجىغا ئىگە  ئوقۇتقۇچى. ئوقۇش تارىخىم ئالى تىخنىكۇم. مەن 28 يىل خىزمەت ئىشلەش جەريانىدا كوپ قىتىم ئىلغار ئوقۇتقۇچى،ئىلغار سىنىپ مۇدىرى، ئىلغار خىزمەتچى بولۇپ باھالىنىپ يېزا ۋە مەكتەپ دەرجىلىك مۇكاپاتلانغان .مەكتەپ ئىلمى مۇدۇرلۇق  خىزمەت ۋەزىپىسىنىمۇ ئۈستۈمگە ئىلىپ ئىشلىگەن. خىزمەت ۋەزىپەمنىڭ ھۆددىسىدىن تولۇق چىقىپ كىلىۋاتىمەن. مەن 1983-يىلى خىزمەتكە قاتناشقان ،«باشلانغۇچ 1-دەرجە » ئۇنۋاىنىنى 1999-يىلى  ئالغان.2010-يىللىق باشلانغۇچ ئالى ئۇنۋان تەخسىماتىدا مىنىڭ ھەممە شەرتىم تولۇق چۈشىدىغان تۇرۇغلۇق  ماڭا سان كۆرسەتكۈچى بىرىلمىدى، بەلكىم مەن مەركىزى مەكتەپ مۇدىرىنى ” بولاق”  بىرىپ يوقلىيالمىغانلغىمدىن بولسا كىرەك،  بولاق بىرەيمۇ  دىگەن پارتىيەلىك غۇرۇرۇم بۇنىڭغا يول قويمىدى .مەن شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسىغا ئەھۋال ئىنكاس قىلىپ كىرگەن ئىدىم. ئۇلار ئادەم تەشكىللەپ تەكشۈرۈشكە چىققان بولسىمۇ مەركىزى مەكتەپنىڭ قىلغىنىنى توغرا قىلىپ كىرىپ كەتتى.
2011-يىللىق ئىنۋان تەخسىماتىدا يەنىلا شەرىتلىرىم تولۇق ھازىرلانغان بولسىمۇ يەنىلا ئۇنۋان كۆرسەتكۇچىگە ئىرشەلمىدىم. 2009-يىلى كىسەل بولۇپ قېلىپ داۋالانغان ئىدىم . شۇ يىلقى ئۇنۋان باھالاشتا ئۆلچەم بويىچە نومۇر تارتىلىپ ئۇنۋان  كۆرسەتكۈچ  سانى بىرىلمىدى.لىكىم 2010-2011-يىللىرىمۇ ئوخشاشلا نومۇر تارتىلىپ يەنىلا سان كۆرسەتكۈچى بىرىلمىدى .مەن ئويلايمەن ،قاتناش  قائىدىسىگە خىلاپلىق قىلىنغان قىلمىش كىشىلەرنىڭ ھاياتىغا،دۆلەت ۋە خەلقنىڭ مال مۈلكىگە ئىغىر زىيانلانى ئىلىپ كىلشى مۇمكىن، قاتناش      قائىدىسىگە خىلاپلىق قىلغان شوپۇرلادىن شۇ يىلى بىر قىتىملا نۇمۇر تۇتۇلۇپ  ياندۇرقى يىلى يەنىلا تولۇق نومۇر بىرلىدۇ.مىنىڭ دوختۇرخاندا داۋالانغانلىغىم شوپۇرلانىڭ قاتناش قائىدىسىگە خىلاپلىق قىلغان ئاشۇ قىلمىشىدىنمۇ ئىغىر بولامدۇ؟
دەسلاپكى ئىنۋان تەخسىماتىدا ئامانلىقتا مەسىلە سادىر قىلغان ئىككى مەكتەپتىن 2 كۆرسەتكۇچ قايتۇرۋېلىنىپ مەندىنمۇ نومۇرى تۆۋەن ، خىزمەت سىتاجى 10~11 يىل بولغانلارغا بىرىلدى، بۇ ناھەقچىلىككە مەن تاقەت قىلالمىدىم ،مەن بۇ ئەھۋالنى ئىدارىغا ئىنكاس قىلغان. شۇ كۇنىلا تەخسىماتنى ئۆزگەرتىپ مەسىلە سادىر قىلغان مەكتەپلەرگە يەنىلا  سان بىرلىپ مىنى يەنىلا قالدۇرۇپ قويدى ، بۇ قىلمىشلار ماڭىلا ئىنۋان بەرمەسلىكمۇ قانداق؟،بۇ قانداق خىزمەت ئىستىلى ؟،قانداق خىزمەت پوزىتسىيەسى ؟ بۇ مەسىللەرنى مەن ھەرقانچە ئويلاپمۇ كاللامدىن ئۆتكۈزەلمىدىم .
يېزىمىزغا چۇشۇرۇلگەن سان كۆرسەتكۈچى 9 بولۇپ دەسلەپكى سان تەخسىم قىلغاندا مىنىڭ ئىرىشكەن نومۇرۇم ئاخىردىكى بىرقانچە ئوقۇتقۇچىدىن يۇقىرى بولسىمۇ ماڭا بىرىلمىگەن.يېزىمىزدا 17 باشلانغۇچ مەكتەپ بار بولۇپ مەركىزى باشلانغۇچقىلا 5 كۆرساتكۈچ بىرىلگەن . بۇ ئەھۋالنى مەن شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسىگە ئىنكاس قىلغان . مائارىپ ئىدارىسى تۆۋەنگە تۇزتۇشنى بۇيرىغان ۋە ماڭا چۇشەنچە بىرىشنى ھاۋالە قىلغان . مەركىزى باشلانغۈچتىكى رەھبەرلەر سان تەخسىماتىنى قايتا قىلغان بولسمۇ مەن يەنىلا سان كۆرسەتكۈچىگە ئىرشەلمىدىم، ئۇلار ماڭا مۇنداق چۈشەنچە بەردى؛  تۈرلۈك باھالاشتا ئارقىدا قالغان ئىككى مەكتەپتىن ئىككى ساننى قايتۇرۋالغان، بۈ ئىككى ساننى نومۇرى سىزنىڭكىدىن تۆۋەن بولسىمۇ ياخشى ئىشلىدى دەپ قارىغان ئىككى ئوقۇتقۇچىغا بەرگەن ،ئەمدى ئىدارە تۈزەت دىگەچكە تۈزەتتۇق دەپ جاۋاپ بەردى.مەن مۇنداق ئويلۇدۇم :  مەن ئىشلەۋاتقان مەكتەپ يېزا بويىچە ئىلغار مەكتەپ بولۇپ باھالانغان ، مەكتىۋمىزنىڭ ئىلغار بولشىدا مەنمۇ ئاز بولمىغان خىزمەتلەرنى ئىشلىگەن. دەسلەپكى سان تەخسىماتىدا ئارقىدا قالغان مەكتەپتىن قايتۇرۋىلىنغان سان ئىلغار مەكتەپكە تەخسىم قىلنىشى كىرەكمۇ يوق؟،مەن بۇ ئەھۋالنى ئىدارىغا ئىنكاس قىلمىغان بولسام بۇ توغرا بولمىغان ئىنۋان تەخسىماتى مۇشۇ بويىچە كىتىۋىرەمتى يوق؟مەن بۇ ئەھۋالنى ئىدارىغا ئىنكاس قىلغاندىن كىيىن؛ « سەن ئىدارىغا ئەرىز قىلغاندىن كىيىن ساڭا بەرگۈچە ئەسلىدىكى ئورۇنلىرىغا قايتۇرۇپ بەرسەك قانداق قىلاتتىڭ » دىگەندەك سان تەخسىم قىلشى ئەقىلگە مۇۋاپىقمۇ؟  دەسلاپتە نىمە ئۈچۈن ئارقىدا قالغان مەكتەپتىن  قايتۇرۋىلىندى ؟ كىيىن يەنە نىمە ئۈچۈن ئارقىدا قالغان مەكتەپكە قايتۇرۇپ بىرىلدى؟  مەن ئۆتكەن يىلمۇ مۇشۇنداق ناھەقچىلىككە ئۇچۇراپ ئىدارىغا كىرگەن بۇ شۇنىڭدىن ئۆچ ئىلىشمۇ قانداق ؟
خىزمەت سىتاجىم ئەسلى  333 ئاي بولىشى كىرەككەن بۇ 320 ئاي ،ئىنۋان سىتاجىم ئەسلى 141 ئاي بولىشى كىرەككەن بۇ 120 ئاي دەپ ھىساپلانغان.
ئۈچ يىل جەريانىدىكى كىسەل ۋە سورغان ۋاختىم قوشۇلۇپ جەمى 58 كۈن ئەتراپىدا بولىدىكەن لىكىن بۇ 80 كۈن دەپ ھىساپلىنىپ نومۇر تارتىلغان .
ئۆتكەن يىلى، يەنى 2010 –يىلىمۇ ئۇنۋان تەخسىماتىدا مۇشۇنداق ناھەقچىلىككە ئۇچراپ، ئىدارىغا ئەھۋال ئىنكاس قىلىش ئۇچۈن مەن «ئازراق جىددى ئىشىم چىقىپ قالدى» دەپ تىلپۇندا 2 سائەتلىك  سوراپ  ئىدارىغا كىرگەن ئىدىم،مۇشۇ بىر ئىش ئۈچۈنلا 10.5 نومۇر تارتىلغان يەنى يالغان گەپ قىلىپ سورغان، ئوقۇتقۇچىلار كەسپى ئەخلاقىغا خىلاپلىق قىلغان دەپ 2 نومۇر ،بايراق چىقىرىشقا كىچىككەن دەپ 1 نومۇر،  1.5 سائەت دەرىس تاشلىغان دەپ 7.5 نومۇر تارتىلغان.باشقا تۈرلەرگىمۇ ئوخشاش بولمىغان باھانە سەۋەپلەنى كۆرسىتىپ ئازدۇر كۆپتۇر نومۇر تارتىلغان.
بىر ئوقۇتقۇچى ئۈچۈن ئېيىتقاندا دەرىس تاشلاشتىنمۇ ئېغىر جىنايەت بولمىسا كىرەك ، دەرىس تاشلىغان ئوقۇتقۇچىنى ئىنۋان بىرىش كاتۇگۇرىيەسىگە نىمە دەپ كىرگۈزىدۇ ؟15 مىنىنۇتتىن ئارتۇق دەرىسكە كىچىكسە بىر سائەت ھىساپلىنىدۇ 1.5 سائەت دەرىس تاشلىدى دىگەن بۇ قانداق گەپتۇ .دەرىس تاشلىغان ئوقۇتقۇچى ئومۇمى ئۇختۇرۇش ئارقىلىق تەنقىتلىنىدۇ ،جىرىمانە ئېلنىدۇ . ئومۇمى ئۇختۇرشىمۇ يوق جىرىمانىسىمۇ يوق نومۇر تارتىلدىغان بۇ قانداق دەرىس تاشلاشكى بۇنىمۇ مەن ھىچ بىلەلمىدىم .بۇ ئەھۋاللارنى شەھەرلىك مائارىپ ئادارىسىگە قايتا ئىنكاس قالدىم ،ئىدارىدىن تەكشۈرۈش گورپىسى چىقىپ تەكشۈردى. مەن قويغان بۇ سۇئاللارغا شۇ مەيداننىڭ ئۆزىدە ئىسپات كورسىتىپ ،قايىل قىلغىدەك جاۋاپ بىرىشكە ئامالسىز قالدى بولغاي ،بىز بۇ ئاھۋاللارنى ئىدارە رەھبەرلىرگە ئىنكاس قىلىپ شۇلارنىڭ يول يۇرقىغا قاراپ سىللىگە جاۋاپ بىرەيلى دەپ كىرىپ كەتتى.مىنىڭمۇ خەۋىرىم يوق 7 كۈندىن كىيىن چىقىپ قايتا تەكشۇرۇپتىمىش ،ئۇلارنىڭ قىلغىنى توغرا بوپتىمىش. بۇ تەكشۈرۈشنىڭ نەتىجىسىنى ماڭا ھازىرغىچە ھىچكىم دىمىدى .ئاڭلىسام مەن بۇرۇن ئىشلىگەن مەكتەپلەرگە كىرىپ كوچىلاپ سەۋەنلىك ئىزدەپتۇ .نۇمۇر بىردىغان يەردە بۇرۇن ئىشلىگەن مەكتەپتە ئىرىشكەن نەتىجىلەرنى ئىزدىمەيدۇ .نومۇر تارتىدىغان تۈرلەرنى ھەجەپ ئىزدەيدىكەن .دىمەك مائارىپ ئىدارىسى 7 كۈن ئىچىدە ئۆزەڭنىڭ قىلغىنىنى توغرا قىلغىدەك ئىسپات تولۇقلا دەپ ۋاقىت بىرىپ، شارائىت يارتىپ بىرىپ، ئاندىن تاكشۈرۈشكە بۇيرىدىمۇ بۇنىمۇ مەن بىلمىدىم. ئوقۇتقۇچىلانىڭ دىيشىچە، مەركىزى مەكتەپ مۇدىرى .xx  شۇجىلا بولدىكەن مىنى ھىچنىمە قىلالمايدۇ دىگىدەكمىش.
شەھەرلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومۇتىتى،ۋىلاياتلىك مائارىپ ئىدارىسى رەھبەرلىرى ۋە ئىنتىزام تەكشۈرۈش ئىشخانىسى قاتارلىقلارغىمۇ، بۇ ئەھۋاللارنى ئىنكاس قىلغان بولساممۇ ھازىرغىچە مىنىڭ ئىنكاسلىرىم جاۋاپسىش قالدى.
ۋىلايەتلىك ۋالى مەھكىمىسى ۋە ۋىلايەتلىك پارتىكوم ئەرزىيەت ئىشخانىللىرگە بېرىپ ئەھۋالىمنى دىسەم، بۇ ئىشلارنى بىز ھەل قىلمايمىز ،مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنى ئىزدەڭ دەپ يولغا سىلىپ قويدى.‹قاغا قاغىنىڭ كۆزنى چوقۇمايدۇ› دىگەن راسكەن.
2011-يىلى9-ئاينىڭ 15-كۈنى مەركزى مەكتەپ، يىزىمىزنىڭ ئەڭ يىراق مەكتىۋى بولغان ‹خان ئۆي› باشلانغۇچ مەكتىۋىگە يۆتكىگەنلىك ئۇختۇرشىنى كىرگۈزۈپتۇ .
مىنىڭ ئۆيۈم قەشقەر شەھرىدە، ‹خان ئۆي› باشلانغۇچ مەكتىۋى بىلەن بولغان ئارلىغى ㎞ 30 ئەتراپىدا كىلدۇ .مەن بىر ئايال كىشى تۇرسام ،يىشىممۇ 50  كە يىقىنلىشىپ قالغان، سالامەتلىك ئەھۋالىممۇ دىگەندەك ياخشى بولمىسا .بۇ ئورۇننىڭ  دايىملىق قاتنشمۇ بولمىسا ،مەن قانداقمۇ بۇ مەكتەپكە بىرىپ- كىلىپ ئىشلىيەلەمە؟
ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ بىر- ئىككى ئاي ئىچىدە ئاپام ۋە قىينى ئاپام ئىلگىرى كىيىن بولۇپ تۈگەپ كەتتى. 3 يىلنىڭ ئالدىدا سىڭلىم يولدىشى بىلەن بىراقلا قاتناش ھادىسىدە تۈگەپ كىتىپ يەسلى يىشىغىمۇ توشمىغان ئىككى قىزى يىتىم قالغان ئىدى، بۇ بالىلارنىڭ ھالىدىنمۇ مەن خەۋەر ئىلىۋاتاتتىم . ئەمدى بۇ بالىلارنىڭ ھالىدىن قانداقمۇ خەۋەر ئالامەن.
‹خان ئۆي› باشلانغۇچ مەكتىۋى ئەتراپىدا ئۆيى بار 33 يىل خىزمەت قىلغان بىر خانىمنى ئۆيدىن ㎞ 15 ئەتىراپىدا يىراق بولغان‹ يەقەللە› مەكتەپكە يۆتكەپتۇ ،ئۇ خانىمغىمۇ قولايلىق بولدىغان ماڭىمۇ قولايلىق بولىدىغان قىلىپ مىنىلا‹ يەقەللە› مەكتەپكە يۆتكىسە بولمامدۇ؟.ئاڭلىسام ئۇ خانىممۇ ئىنۋان ئىشى توغرۇلۇق مۇدىر بىلەن ئازراق تەگىشىپ قاپتىكەنمىش.بۇ قىلمىشتىن، مىنى ئەرىز قىلدى دەپ ،ئۇ خانىمنى تەگەشتى دەپ، ئىككىمىزدىن ئالغان ئۆچ ئىكەنلىگىنى بىر قاراپلا بىلۋالغىلى بولىدۇ ئەلۋەتتە.سورسام بۇ خىزمەت ئىھتىياجىمىش .مەندەك بىر قېرىغا چۈشكەن ‹خان ئۆي› باشلانغۇچ مەكتىۋىنىڭ قانداق خىزمىتى باركىن مەن ھىچ بىلمىدىم. ‹خان ئۆي› باشلانغۇچ مەكتىۋىدىكى ھىلىقى خانىم .ئۆز مەكتىۋىدە ئىشلەۋەسە ئۇ خانىمنىڭ ئورنىغا مەن بارسام بولمامدۇ دىسەم ،ئەر خوتۇنلا بىر مەكتەپتە ئىشلىسە بولمايدۇ دەيدۇ. بۇ قەستەن خىزمەتتە قولايسىزلىق پەيدا قىلىشتىن باشقا نەرسە بولمىسا كىرەك.پارتىيە ھۆكۈمەتنىڭ سىياسەتلىردە بۇنداق تۈرلەنىڭ بارلىغىنى مەن ھىچ ئاڭلىماپتىكەنمەن.
مەن مائارىپ ئىدارىسى رەھبەرلىرنى ئىزدەپ يەنە ئىدارىگە كىرىپ ئىدارە باشلىغىغا بۇ ئەھۋاللارنى ئىنكاس قىلدىم .ئىدارە باشلىغى مۇدىرنى چاقىرتىپ كىرىپ ئەھۋال ئىگەللىدى، مۇدىر يىزلىق ھۆكۈماتنىڭ قىلغان ئىشى دەپ جاۋاپ بىرىپ چىقىپ كەتتى ،ئىدارە باشلىغى ،يىزلىق ھۆكۈمەت بىلەن بىز تەڭ دەرجىلىك ئورۇن بۇيرۇق چۈشۈرەلمەيمىز، سىز بىر يىل ئىشلەپ تۇرۇڭ ئاندىن يۆتكەپ قويايلى دىدى.
مەن يىزلىق ھۆكۈمەتكە كىرىپ مائارىپقا مەسئۇل يىزا باشلىغىنى ئىزدەپ تېپىپ ئەھۋالىمنى دىدىم .يىزا باشلىغى بۇ ئىشنى مەن ئۇقمايدىكەنمەن يوتكەش تىزىملىگى كىرگەندە مەن قاراپ باقاي .سەن ھازىر ئىشلەپتۇر دىدى.
مەن مۇدىرنى ئىزدەپ مەركىزى يەسلىدىن تىپىپ، يىزلىق ھۆكۈمەتكە تېخى تىزىملىك كىرمەپتۇ مۇمكىن بولسا مەن ئۆز مەكتىۋىمدە ئىشلەپ قالسام .بولمىغاندا ‹خان ئۆي› باشلانغۇچ مەكتىۋىدىكى ھىلىقى خانىم بىلەن مىنى ئالماشتۇرۇپ قويغان بولسىلا دىدىم .مۇدىر ۋاقىراپ جاقىراپ تۇرۇپ كىمنى قەيەرگە يۆتكەش ئۆزەمنىڭ ئىشى مەندە شۇنداق ھوقۇق بار ،كىمنى قەيەرگە يۆتكۈشۈمنى سەن بەلگىلەپ بىرەلمەيسەن دەيدۇ.بۇ گەپنى ئىدارە باشلىغىنىڭ قىشىدا نىمىشقا دىمەيسىز ؟ ئۆتكەندە بىر يىغىندا مىنى چوشقا دەپ تىللاپسىز ؟ مەندىن قاچانغىچە ئۆچ ئالماقچى سىز دىدىم. مۇدىر :چوشقا بولغاندىكىن چوشقا دەيمەن دەيدۇ .مەن ئۆزەمنى قەتئې تۇتىۋالالمىدىم .چىدىمىدىم ،بولالماي. مەن چوشقا بولسام سەنمۇ چوشقا دىدىم ،مۇدىر قوللىرنى ماڭا شىلتاپ تۇرۇپ دىۋەيلاپ ئالدىمغا يۈگۈرەپ ئاناڭنى.......... دەپ تىللىدى. ئانام تۈگەپ كەتكىلى يىگىرمە نەچچە كۈن بولغاچقا ماڭا بۇ گەپ بەك ئىغىر كىلىپ مەنمۇ قول شىلتاپ سالدىم . قولۇم بىلەن مۇدىرنىڭ قولى تىگىشىپ كەتتى ، شۇ ئارلىقتا يولدۇشۇم ئاجىرتىۋەتتى .لىكىن مۇدىر يېزلىق ساقچىخانىغا تىلپۇن قىلىپ بىر خانىم مىنى ئۇرۇپ كەتتى، تىز كىرىڭلا دىدى.ساقچىلا كىرىپ مىنى يولدۇشۇمنى ئىلىپ ساقچىخانىغا ئەكەلدى.يولدۇشۇممۇ ئوتتۇرا مەكتەپتە  ئوقۇتقۇچى ئىدى، ئۇنىڭ دەرسى باركەن ئۇ كەتتى .شۇ ئارلىقتا مۇدىر 20 گە يىقىن ئوقۇتقۇچىنى باشلاپ كىرىپ ئۆزنى ئۇرغانلىغىم توغرىسىدا گۇۋاچىلىقتىن ئۆتكۈزدى .مەن مۇدىر بىلەن سۆزلىشىۋاتقاندا  مۇدىر ،مەن،يولدۇشۇم،مەركىزى مەكتەپ شۇجىسى بولۇپ 4 لا ئادەم بار ئىدۇق بۇ گۇۋاچىلارنىڭ نەدىن كەلگەنلىگىنىمۇ مەن بىلمىدىم.ساقچىخاندىكى يولداشلار ئەھۋالنى ئىگەلەپ كۆرگەندىن كىيىن  بۇ كىچىكلا بىر ئىشكەن مەكتەپنىڭ ئىش ئورنى مەسئۇلىيەت تۈزىمى بويىچە ئۆزەڭلا بىر تەرەپ قىلۋىلىڭلا دىسە، مۇدىر قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىپ بىرىڭلا دەپ تۇرۋالدى.
بىر چوپ -چوڭ ئەركىشى تۇرۇپ ئايال كىشى ئۇردى دەپ ئەرىز قىلىشتىن نومۇس قىلمىغانمىدۇ بۇ مۇدۇر .
ئائىلىدە ئاتا- ئانا پەرزەنىتلىرنى ،مەكتەپلەردە مۇدىرلار ئوقۇتقۇچىلارنى قوغىدايدىغان .لېكىن ئۆزىنىڭ ئوقۇتقۇچىسىنى جازالاپ سولتىۋەتسەم بولاتتى دەيدىغان بۇ قانداق مۇدىردۇ بۇنى مەن ھىچ بىلمىدىم.
مانا مەن ھازىر ساخچىخانىنىڭ  8 كۈنلۈك توختۇتۇش قەغىزىنى قولۇمغا ئالدىم ، توختۇتۇش ئورنىغا مىڭىش ئالدىدا بۇ دەرىتلىرىمنى تۆككۈم كەلدى .
مىنىڭ دەرىتلىرىمنى ئاڭلايدىغان ئادەممۇ چىقارمۇ ؟مىنىڭ ھالىمغا يىتىدىغان رەھبەرمۇ چىقارمۇ؟ ؟؟؟؟؟؟؟؟؟
مەن كەتتىم. بۇ كۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كېتەر  .  8 كۈنلۈك تۇرمىدىن قايتىپ چىققۇچە خوش
           2011-يىلى 9-ئاينىڭ 19-كۈنى.
    


UID
15431
يازما
3
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
40
تىزىملاتقان
2011-9-23
ئاخىرقى قېتىم
2011-9-23
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-23 20:01:45 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يوقارقى ئىنكاسنىڭ مەنبەسى:http://choghlan.com/munbar/ShowPost.asp?ThreadID=5938

UID
13939
يازما
43
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
1363
تىزىملاتقان
2011-8-12
ئاخىرقى قېتىم
2012-1-24
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-24 00:18:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دۆلتىمىزنىڭ سىياسەت ،قانۇن- تۇزۇملىرى شۇنداق مۇكەممەل ،بۇ ئەمىر-مەرۇپلا شەھەردە توختاپ قېلىپ يىزىغا نىمشقا بارمايدىغاندۇ،پۇقرادا گۇناھ يوق ،ئەمەلدارلار ھوقۇقنى قالايمىقان ئىشلىتىپ ئادەمنى بوزەك ئەتسە ئەلۋەتتە كوممۇنىستىك پارتىيەگە ئىشىنىشككە بولامدۇ يوق؟دىگەن سۇئال مىليۇنلىغان پۇقرانىڭ قەلبىدە جاۋاپسز قالمايدۇ.

تەپەككۇر ئىنساننى ئالغا يېتەكلەيدۇ

يېڭى يۇلتۇز

ئاقىل ئۆزىنى ئاي

UID
11156
يازما
21
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
210
تىزىملاتقان
2011-5-11
ئاخىرقى قېتىم
2011-11-10
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-24 17:32:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
‹‹بىر ظوقؤتقؤچىنىڭ ظاەؤ-زارى››نى ظوقؤغاندا مەنمؤ ظأزەمنى تؤتؤإالالماي قالدىم، غەزەپتىن مؤشتلىرىم تذگذلذپ كەتتى. بىرەر مؤشت ظؤرؤپ ەىچ بولمىسا چىشلىرىدىن بىرەرىنى تأكذإىتىپ بولسىمؤ 8 كذن كىرگەن بولسىڭىزمؤ؟! ظؤ سەككىز كذننىڭ ظورنىنى نىمە تولدذرار؟!
    پؤل؟!
    ظەپؤ سوراش؟!
   خىزمەت ظورنىنى ظەسلىگە كەلتذرذش؟!
   ظىچىنىإاتىمەن، بەكمؤ ظىچىنىإاتىمەن...
   ظىسىت، ظەشؤنداق ناظەەلى، قوسىقى كوەىقاپقا ظايلانغان ناكەسلەرگە!
   مىللىي ماظارىپىمىزنى چىرىتىإاتقان ، ظؤلىنى كولاإاتقان پارازىتلارغا!
   بؤنى يؤقىرى دەرىجىلىك ظورؤنلاردىكى ماظارىپقا مەسظؤل خادىملار قاچان كأرەر؟!

ئۆزىنى سۆيگەن باشقىلارنى سۆيەلەيدۇ.

كۆيۈمچان ئەزا

دوستلۇق دائىما ئ

UID
8110
يازما
135
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
3945
تىزىملاتقان
2010-12-22
ئاخىرقى قېتىم
2012-1-21
توردا
6 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-24 22:07:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  

نىجات يۇلتۇزى

UID
2462
يازما
3
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
153
تىزىملاتقان
2010-6-2
ئاخىرقى قېتىم
2011-12-19
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-25 01:50:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەزەنلەر سەت ھىجىيىپ كىتىپتۇغۇ .مەن بۇ تىما -ئىنكاسلاردىن يۇرەكنى قان زەرداپ قىلىدىغان ناھەقسىزلىكلەردىن باشقا ھىچ بىر كۈلگىدەك يەرنى ئۇچىراتمىدىمغۇ .
سىز بۇ مەزمۇنلارنى يۇمۇر دەپ ئويلاپ قالمىغانسىز  جىيۇ شىڭ ئەپەندى . ئىمىسىڭزمۇ ،قىلىقىڭىزمۇ ھىچ ياقمىدىغۇ ماڭا........

UID
9324
يازما
26
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
806
تىزىملاتقان
2011-2-11
ئاخىرقى قېتىم
2012-1-15
توردا
2 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-25 20:06:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن ياخشى يىزىپسىز ئوقۇتقۇچىسىز جاھاننى تەسۋىرلىگىلى بولمايدۇ.

مەن بىر ئۇيغۇر!!!!

UID
15543
يازما
1
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
10
تىزىملاتقان
2011-9-26
ئاخىرقى قېتىم
2011-9-27
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-26 20:13:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئوقۇتقۇچى ئەمەلىيەتتە ئەڭ ھورمەتكە سازاۋور ئادەم....مىنىڭمۇ ئوقۇتقۇچى بولۇش ئارزۇيۇم بار....بولۇپمۇ باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئوتۇتقۇچىسى بولسام دەيمەن ...چۇنكى ئۇلار بەك سەبىي ئەڭ تېز تەربىيە ،ئاڭ قۇبۇل قىلەىغان ياشتا.........بەك ئوماق ..........

UID
15552
يازما
1
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
10
تىزىملاتقان
2011-9-26
ئاخىرقى قېتىم
2011-9-26
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-27 00:02:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پۇشايمان يوق ئىنجق بار..........................................

UID
15562
يازما
2
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
20
تىزىملاتقان
2011-9-27
ئاخىرقى قېتىم
2011-9-27
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-27 08:53:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەر قانداق كىشىنىڭ ئوقۇتقۇچىغا ھۆرمەت قىلىشى تۇرغانلا گەپ،بىزمۇ ئوقۇتقۇچىنى ھۆرمەت قىلماي تۇرالمايمىز، لىكىن ھازىرقى مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرىدىكى چىرىكلىك، مەكتەپ مۇدىرلىرىنىڭ ئىنسان قېلپىدىن چىققان فاشىسىت تۈزۈملىرىنى مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرى قوللاپ قۇۋەتلەپ،ئۇلارنىڭ خورىكىنى ئاشۇرۇپ،ئوقۇتقۇچىلارنى ئەڭ پەس كىشىلەرگە ئوخشىتىپ قويماقتا. بەزى ئايال ئوقۇتقۇچىلارمۇ مەكتەپ مۇدىرلىرىنىڭ مىھمان كۈتۈشتىكى كۈتكۈچىلىرىگە ئايلىنىپ قالسا، بەزىلىرى ئوتتۇرا -چوڭ بەزمىخانلاردا مىھمان كۈتۈشمەكتە. ئۇلارمۇ ئانا بولىدۇ،ھەم بولۇش ئالىدىدا لىكىن ئاشۇ بىرقىسىم مەكتەپ مۇدىرلىرى ئۇلارغا قانداق ئوقۇتقۇچى بولۇش توغىرسىدا ئەمەس،بەلكى ئۆزىنى قانداق كۈتۈش توغىرسىدا تەلىم بىردىكەن. مەكتەپ مۇدىرلىرىنىڭ ئويلايدىغىنى پەقەت يۇقىردىن كەلگەن راسخۇتلارنى قانداق يۇغۇشتۇرۇش، مەكتەپنىڭ قوشۇمچە كىرىمىنى قانداق جۆندەش،يۇقىرنىڭ تەكشۈرشىگە قانداق مۇئامىلە قىلىش، ئۆزى بىلەن ھەپىلەشكەنلەرنى قانداق بىر تەرەپ قىلىش قاتارلىقلاردا بولۇپ ئوقۇ-ئوقۇتۇش پەقەت سىنىپ مەسئۇلىغا ۋە ئىلمىي مۇدىرغا مۇناسىۋەتلىك بولۇپ قالدى. بۇ ئەھۋال جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ناھىيلەردە بەك ئېغىر. ھەتتا بۇئىشلار توغىرسىغا مائارىپ تورىغا ئەينى ئەھۋال ئىلان قىلىنىپ ،ئەتىسى مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرى تەرپىدىن ئۆچۈۋىتىلدى. قەشقەردىكى ئالىي مىھمانخانىلاردا جۈمە كۈنى كەچتىن دۈشەنبە كۈنى تاڭ ئاتقىچە ھەر قايسى ناھىيلەردىن كىلىپ ئىشتىن سىرىت مىھمان كۈتۋاتقان ئايال كادىرلارنى ئۇچىرتىسىز. دوستۇم، قېرىنىشىم سىزنىڭ ئۇرۇق تۇققان، پەرزەنتىڭىز ،ۋەياكى تونۇشلىرىڭىزغا ئوقۇتقۇچى توغىرسىدا قانداق قاراشلىرىڭىز بارلىقىنى ئاڭلىغىم كىلۋاتىدۇ. مەن ئوقۇتقۇچىلارغا بولغان بېسىمنىڭ بەك ئېغىرلىقىنى ھىس قىلدىم. ئۇلارغا تەكشۈرۈش دەپ دەم ئېلىش بولمىسا، ياكى ئىسمىنا قوشۇپ ئىشلىگىنىگە ھەق بەرمىسە، رۇخسەت سورىسا، ئاغىرىپ قالسا جەرىئمانە تۆلىسە، بۇئەھۋال قاچان تۈگەر؟

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش