بۇ 40قەۋەتتىكىgulen يوللىغان 2011-09-14 19:54 غا قارتىلغان Re:بۇ 24 قەۋەتتىكى (gulen) نىڭ يازمىسىغا قارتىلغان :
ئەسسالامڭ ئەلەيكۇم
ۋاقتىم قىس بولسىمۇ جاۋاپ بېرەي، ئوقۇتقۇچىلىرىمىزنىڭ ئەڭ تۆۋەن ئۇنۋانى ماگىستىرلىق، مېنىڭ ئۇنۋاننى تىلغا ئالماسلىقىم، سىزدەك "ئەلگە مەلۇم ،ھازىر ئىلىم ساھەسىدە بىر كىشىنىڭ بىلىم سەۋىيىسىنى ئېرىشكەن ئىنۋانىغا قاراپ باھالاش بىر ئەقەللى ساۋات ." دەيدىغان قاراشقا مەستانە كىشىلىرگە بولغان بىپەرۋالىقتىن. مۇشۇ سۆزىڭىزدىن چىقىپ تۇرغان ساپا مېنى سىزگە بىپەرۋا بولۇشقا مەجبۇرلىدى. مېنىڭ ئەڭ ئۆچ كۆرىدىغىنىم ئالغان ئۇنۋانىنى بىلىم سەۋىيىسىنى ئۆلچەيدىغان ۋاستە قىلىۋالىدىغان كىشىلەر. شۇڭا مەن ئۆزەمنىڭ ۋە ئوقۇتقۇچىلىرىمىزنىڭ ئۇنۋانىنى داۋراڭ قىلمىغان ھەم قىلمايمەن. ئۇنۋان بىلىمگە تەڭ ئەمەس، ھۆرمەتلىك ساداقەت ئەپەندىم. 
بۇنداق مۇتلەقلەشتۈرىۋەتكىلىمۇ بولماس، گۈلەن ئەپەندى.
ئۇنۋان بىر كىشىنىڭ ئالغان بىلىمىنى مەلۇم دەرىجىدە بولسىمۇ ئەكىس ئەتتۈرۈپ بېرەلەيدۇ.
ھېچ بولمىسا چەت ئەللەردە ئۇنۋان، شۇ ئۇنۋانغا لايىق بىلىمى يوقلارغا بېرىلمەيدۇ.
شۇڭا، بۇنچىۋالا چېچىلىپ، باشقىلارنىڭ بىر ئېغىز سوراپ قويغان سۇئالىغا بۇنداق قوپاللىق
بىلەن جاۋاپ بېرىش بىر بىلىم ئىگىسىنىڭ قىلىدىغان ئىشى ئەمەس!
قوسۇغۇڭنىڭ ئاغرىقى بولمىسا تاۋۇز يىيىشتىن قورقما، دەپتىكان كونىلار.
بۇنچىلا كىبىر بىلەن گەپ قىلغۇچە، چىرايلىقچە چۈشەنچە بېرىپلا ئۆتۈپ كەتسىڭىز بولاتتىغۇ؟!
گۈلەن ئەپەندى، مەن سىزنىڭ مەكتەپ قۇرۇشىڭىز ۋە باشقا ئىلمى ئىشلار بىلەن شۇغۇللىنىشىڭىزنى
قوللايمەن. بىراق، ئامېرىكىدىن ئەمدى كېلىپلا، ئۆز قېرىنداشلىرىڭىزنى كەمسىتكەندەك گەپ سۆزلەردە
بولسىڭىز، ھەر قانچە ئالەمنىڭ ئۇ چېتىدە ئوقۇپ كەلگەن بولسىڭىزمۇ، بىر ئەرزىمەس ئادەملا بولىسىز خالاس.
سىزمۇ يەنە بىرەر يىل ياشاپ بېقىڭ شۇلار ياشىغان مۇھىتتا، شۇ ۋاقىتتا كۆرىسىز، ئامېركىدىكى ئىللەتلىك
ئۇيغۇر ئەپسانىسىنىڭ، جۇڭگۇدىكى ئىللەتلىك ئۇيغۇر ئەپسانىسىغا ئايلانمىغىنىنى!
قىسقىسى، باشقىلارنىڭ پىكرىنى ھۆرمەتلەش سىزگە ئامېرىكىدىن يۇقماپتۇ، لېكىن، ئۇيغۇردىن يۇقسۇن!
بۇ سەمىمى تەۋسىيەم!