نۇرخاندا نېمە بار، نېمە يوق
نۇرغا تولسۇن نۇرخاندا دىللار!
نۇرخان تەكرارلاش مەكتىپى قۇرۇلغان ئىككى يىلدىن بۇيان ئالى مەكتەپكە تۈرلۈك سەۋەبتىن بارالماي قالغان ئوقۇغۇچىلارنى قايتا ئوقۇتۇپ ئاتا-ئانىلارنى غەمدىن خالاس قىلىپ كەلدى. 2011-يىلى ئالى مەكتەپكە ئۆتكۈزۈش نىسبىتىنى 100% گە يەتكۈزۈپ جەمئىيەتنىڭ ئىتىراپ قىلىشغا ئېرىشتى. بۇ قېتىم مەكتەپ، قايتا ئوقۇيدىغانلار ئۈچۈن پۈتۈن كۈنلۈك ئالى مەكتەپ تەكرار سىنىپى، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ھەرقايسى يىللىقلار ئۈچۈن كەچلىك كۈچەيتمە سىنىپى، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا كەچلىك يېتەكچىلىك سىنىپى، قاتارلىق سىنىپلارنى ئاچتى. دەرسلەرنى شەھرىمىزدىكى ھەرقايسى پەنلەرنىڭ مۇتەخەسىس ئوقۇتقۇچىلىرى ئۆتىدۇ. مەكتەپ يەنە ئامېرىكىدىن يېقىندا قايتىپ كەلگەن ئابدۇۋەلى ئايۇپ، مېھرىگۈل مۇئەللىم، ياپۇنىيەدە ئوقۇغان پاتىمە ۋە ئالىمجان مۇئەللىملەرنى تەكلىپ قىلىپ شەنبە يەكشەنبىلىك ۋە كەچلىك ئېنگىلىزچە، ياپۇنچە ۋە تۈركچە كۇرۇسلارنى ئورۇنلاشتۇردى. ئاسپىرانتلىق ئىمىتىھانى بەرمەكچى بولغانلار ئۈچۈن ئېنگىلىزچە، سىياسەت تەييارلىق سىنىپى، خەنزۇچىدا ئوقۇۋاتقانلارغا ئېنگىلىزچىدىن باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپ كۈچەيتىش سىنىپلىرىنى داۋاملىق ئاچماقچى. مەكتەپ ئوقۇتۇشتا دەرس ئارقىلىق يېتەكلەش، پائالىيەت ئارقىلىق رىغبەتلەندۈرۈش، تەنتەربىيە ئارقىلىق تاۋلاش قاتارلىق شەكىللەرنى بىرلەشتۈرۈپ تەربىيىلەيدۇ.
مەكتىپىمىزدىكى تۈركىيەدە تەتقىقات بىلەن شۇغۇللانغان، ئامېرىكا كانزاس ئۇنۋېرىستىتىتىنى يېقىندا پۈتۈكۈزگەن ئابدۇۋەلى ئايۇپ مۇئەللىم ئاتا-ئانىلارغا پەرزەنتلەردىكى دىققتىنى يىغالماسلىق، ئۆزلىگىدىن ئۆگەنمەسلىك، جىمغورلۇق، جۈرئەتسىزلىك قاتارلىق پېسخىك يېتىشسىزلىكلەر ھەققىدە ھەقسىز مەسلەھەت بېرىدۇ.
ئوقۇيلى، ئوقۇتايلى، كەلگۈسىزىمىز نۇرلۇق، مەنزىلىمىز نۇرخان بولسۇن.

ئورنى: قەشقەر شەھەر پەن-تېخنىكا سارىيى 4- قەۋەت. يەنى يۈسۈپ خاس ھاجىپ مەقبەرىسى ئۇدۇلىدىن كىرىسىز.
تېلىفون: ، 2877997، ، 15199300236، 15352587782