ئىگىسى: afiyfiy

ئوغلۇمغا ئىسىمنى قانداق قويدۇم [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
12729
يازما
4
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
40
تىزىملاتقان
2011-6-27
ئاخىرقى قېتىم
2011-8-22
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-22 07:44:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىسىم توغۇرلۇق توختىماي ئەرەپنىڭ كۆز قارشىى تەكىتلەۋاتقانلارنى قانداق چۈشنىمىز دىگەن بۇ نادىر جۈملىڭزىنى قانداق شەرىھلىسەك بولا ئەمدى؟؟؟ مەنچە تا بۈگۈنگە قەدەر مۇسۇلمان ئۇيغۇرلار ئەرەپچە ئسىم ئىزدەۋاتقان بولسا يا پەيغەمبىرمىزنىڭ ياكى ساھابىلەرنىڭ ياكى بولمىسا پەيغەمبىرمىز تەرىپلەپ قۇيۇشقا رغبەتلەندۈرگەن ئسىملارنى قۇيۇپ كلۋاتىدۇ~~~مەن بىرەسىنىڭ بىرە ئەرەپ يازغۇچى ياكى ئەرەپ سىياسىيوننىڭ كۆزقارشى بويىچە ئىسم قويغۇنىنى كۆرمىدىم، سىز پەيغەمبىرمىز ۋە ساھابىلەرنى ئاددى ئەرەپ نۇقتىسىدىن تۇرۇپ تەپەككۇر قىلغان بولسىڭز ،سىزنىىڭ كۆزىڭزنى مىللەتچىلك چاپاقلىرى ئىغىر قارىغۇ قىلپ قۇيۇپتۇ~~~بىزنىڭ ئەرەپچە قۇيشىمىز ئەرەپ مىللىتى بىلەن قىلچە مۇناسىۋىتى يوق بىرگەپ،بولسا بىز شۇ ئىسىملارنى ئاللا باللىرمىزنى شۇ ئۇلۇغ پەيغەمبەر،ساھابىلەردەك تەقۋادار كشلەردىن قىلسىكەن دگەن ئۈمۈدلىرمىز بىلەن قۇيمىز~~~يەنە كىلىپ نۇرغۇن پەيغەمبەرلەرنىەڭ ئسىملىرى پەقەت قۇرئاندا بولغانلىقى ئۈچۈنلا ئەرەپچىگە تەۋە بوپ كەتمەيدۇ ،مەسلەن ئەيسا،مۇسا،ياقۇپ،ھارۇن،يەھيا،زەكەرىيە......  ئەمدى بۇلارنى قۇيغانلارنى قىنى شەريىلەپ قالپاق كىيدۈرۈپ بىقىڭچۇ بۇلار قايسى نۇقتىغا تەۋە؟؟؟مىللەتچىلكنڭ ئىشقى ئوتىدا بۇلانىڭ مىللىتنى ئىنىقلاپ چىقىپ ئۇيغۇر يا تۈرۈكنڭ ئىسمى ئەمەسكەن دەپ تۇرۋالمىسڭزلام بولغىنىغۇ~~~~
    ۋەللاھى~~~ئەگەر سىز ئاغزىڭزدىن شۆلگەي ئاققۇچە مەسخىرە قىلۋاتقان شۇ ئاتالمىش تور موللىرى ئاللاغا ياراپ قالغان بولسا شۇ مەسخىرە شۇ ھاقارەتلىرىڭز ئۈچۈن سىزگە ئاللادىن ئامانلىق تىلەيمەن~~~
   بىز ئەرەپنىڭ مۇسۇلمانلىرنى ئەرەپ بولغانلقى ئۈچۈن ئەمەس مۇسۇلمان بولغانلىقى ئۈچۈن ياخشى كۆرمىز،قالغان ئىش مىللەت ئايرىش بىلەن كۈنى ئۆتىدىغانلارغا قالدى~~~
     

تىرىشچان ئەزا

www.yldiyar.com

UID
13397
يازما
44
تېما
3
نادىر
0
جۇغلانما
1124
تىزىملاتقان
2011-7-21
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-29
توردا
6 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-22 07:53:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بالىڭىزغا روماندەك ئىسم قويدىڭىزمۇ نېمە جىق گەپ بۇ؟ [s:2]

UID
2150
يازما
54
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
1736
تىزىملاتقان
2010-5-27
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-21
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-22 07:55:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ 15قەۋەتتىكىafiyfiy يوللىغان 2011-08-22 01:19 غا قارتىلغان :

سىلەر دائىم سادىر قىلىۋاتقان خاتالىق دەل مۇشۇ يەردە: ئىسلامنى ئەرەب مەدەنىيىتى دەپ ئويلاپ قېلىۋاتىسىلەر،ئۇنداق ئەمەس، ھەرگىزمۇ ئۇنداق ئەمەس...


بىزلەر دائىم سادىر قىلىۋاتقان خاتالىق مۇشۇ بولسا، سىلى قايسى تاختىبىشىدا قالغان ئەفىيفىي. ئۇيغۇرلارنىڭ بۈيۈك دانىشىمىنىما؟ گەپ دېگەننى ئويلاپ قىلغۇلىق. سىلىنىمۇ مۇشۇ تۇپراق بىلەن، سقلەنىڭ نەزىرىڭلاردا دائىم ىاتالىق ساەدىر قىلىۋاتقان مىللەت قوينىدا چوڭ قىلغان. شۇڭا تەۋىسىيە قىلىم،ىزكى، گەپنى باشتا چايناپ باقيلى، گەپنىڭ ئارىسىدا تاش بارمۇ - يوق. ئاندىن قىلىلى. ھەدىستە رەسۇلىلا، بالىلىرىڭلارغا چىرايلىق ئىسىملارنى قويۇڭلار! دېگەن. ئەرەپچە ئىسىملارنى قويۇڭلار دېمىگەن. قاراڭ، ئەنە ئەرەپلەر. بىر مەنپەتنى دەپ يەنە بىرىنى گۆرگە ئىتىرىپ يۈرىشىدۇ. ككپ گەپ قىلماي ئەرەپلەر بىدىكلىرىنىڭ ئادەم سودىسى ھەققىدە. ئامان بولۇڭ.

ئىش ئادەمگە باغلىق ، نەتىجە تەڭرىگە!

كۆيۈمچان ئەزا

http://www.sulket.com

UID
611
يازما
181
تېما
11
نادىر
0
جۇغلانما
15226
تىزىملاتقان
2008-11-23
ئاخىرقى قېتىم
2011-9-22
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-22 10:09:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
"گۈزەل ئىسىملار پەقەت ئەرەپچىدىلا ئەمەس، ئۇيغۇرچە ۋە تۈركچىدىمۇ بار، ئىسلامىي ئىسىم پەقەت ئەرەپچىنىلا كۆرسەتمەيدۇ، بىزنىڭمۇ مىڭ يىلدىن ئاشقان ئىسلامىي تارىخىمىز بار، ئىسلام مەدەنىيىتى پەقەت ئەرەپ مەدەنىيىتىنىلا كۆرسەتمەيدۇ، بىزنىڭمۇ ھەسسىمىز بار" دەپ بىر ئوبدان سۆز قىلىپتىغۇ  ئەفىيفىي.  ئەمدى تېمىنىڭ مەركىزىي ئىدىيىسىنىمۇ خۇلاسىلەيدىغان ھالغا چۈشۈپ قالدۇقمۇ بىز~~~~

UID
14222
يازما
2
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
20
تىزىملاتقان
2011-8-22
ئاخىرقى قېتىم
2011-8-22
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-22 11:58:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاكا مىنىڭ يىقىندا تۇغۇلدىغان بالامغىمۇ ئىسىم قۇيۇپ بېرىڭا ؟

تېشلېى

كۆيۈمچان ئەزا

ھەبىرجان ئۆلۈمن

UID
11333
يازما
271
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
8491
تىزىملاتقان
2011-5-18
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-30
توردا
3 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-22 12:05:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
بەزەن تورداشلار تىمىدىن چەتنەپ كىتىپسىلەر
سىلەرگە قىزىلارنىڭ ئىسمىنى سوۋغا قىلاي ، ئەمدى بۇنىڭغىمۇ ماڭا قالپاق تەييار لىماسلىقىڭلارنى ئۈمۈد قىلمەن .

قىز ئىسىملىرى
ئەبرار   :       ساداقەتمەن، كۆيۈمچان،
ئەمان  :       ئامانلىق، تىنچلىق، بىخەتەرلىك، خاتىرجەملىك، ئاراملىق، قوغدىماق، ئەھدە، كاپالەت، قەرز.
ئامىنە  :       خاتىرجەم، كۆڭلى توق، ساغلام.
ئەمىينە :       ئىشەنچلىك، سادىق، ۋاپادار، بىخەتەر.
ئەنۋار   :       نۇرلار، يورۇقلۇقلار.
ئەنىيسە :       كۆيۈمچان، خۇشخۇي، ئۈلپەت.
ئىمان   :       ئېتىقاد، تەسدىق، ئىشەنچ.
بۇشرا   :       خۇش خەۋەر، گۈزەللىك، چىرايلىقلىق، ھۆسن- جامال.
بىلقىيس: سەبەئ دېيىلىدىغان بىر قەدىمى مەملىكەتنىڭ ئايال پادىشاھى بولۇپ سۇلەيمان ئەلەيھىسسالامنىڭ زامانىدا ياشىغان، سۇلەيمان ئەلەيھىسسالامغا تەسلىم بولغان ۋە ئىمان ئېيتقان.
گۈلنار  :       ئانار گۈلى.
جەمىيلە   :       چىرايلىق، ئۇز، گۈزەل، كېلىشكەن.
ھەبىيبە :       سۆيۈملۈك.
ھەفىيزە :       مۇھاپىزەت قىلىنغۇچى، ساقلانغۇچى.
ھەلىيمە :       ئېغىر- بېسىق ۋە ئەقىللىك ئايال.
ھەمىيدە  :       شۈكۈر ئېيتقۇچى ئايال، ماختاشقا ئەرزىيدىغان ئايال.
ھەنىيفە :       ياخشىلىق تەرەپكە بۇرالغۇچى ئايال، مۇسۇلمان ئايال، توغرىنى چىڭ تۇتقۇچى ئايال.
ھەۋۋا   :       ھەۋۋا ئانا، ئىنسانلارنىڭ ئانىسى، يېشىلغا مايىل قارا ياكى قارىغا مايىل قىزىل.
ھۇرىيە  :       پەرى، ھۆر، رەڭگى ئاقپىشماق پەۋقۇلئاددە كېلىشكەن ئايال.
خالىدە :       مەڭگۈ، دائىم.
خالىسە :       ساپ، پاكىز، خالىس، بەك ئاق.
خەدىيجە  :       ۋاقتىدىن بۇرۇن تۇغۇلغان قىز بالا.
زاكىرە  :       ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى، خاتىرە، ئاڭ.
زاكىيە  :       پۇرىقى ئەتراپقا يېيىلىپ تۇرغۇچى.
زەكىيە  :       ھۇشيار ئايال، چېچەن ئايال، زېرەك ئايال.
رەشىيدە :       ھىدايەت تاپقۇچى ئايال، ئاڭلىق ئايال، ئەقىللىق ئايال.
رەنا    :       بەك گۈزەل بولغانلىقتىن كۆرگەن كىشى مېھرىنى ئۈزەلمەي ئۇزۇنغىچە قاراپ قالىدىغان نەرسە.
زاكىيە  :       ياخشى ئۆسكۈچى.
زاھىدە  :       ئاخرەتنى ياخشى كۆرگەنلىكتىن دۇنياغا بېرىلمىگەن ئايال.
زاھىرە  :       گۈزەل ئايال، چىرايلىق ئايال، يۈزى يورۇق ئايال.
زۆھرە   :       چولپان يۇلتۇزى، ۋېنېرا، ئاپئاق، سۈزۈك رەڭ.
زەكىيە  :       پاك، گۇناھسىز، پەزىلەتلىك، ساپ، ئۆسكۈچى.
زەھرا   :       رەڭگى سۈزۈك ۋە نۇرلۇق، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قىزى فاتىمەنىڭ لەقىمى.
زەينەب :       كۆرۈنۈشى چىرايلىق خۇش پۇراق بىر دەرەخ، رىۋايەتلەردە كاككۇكنىڭ مەشۇقى سۈپىتىدە تەسۋىرلىنىدىغان ئەپسانىۋى قۇشنىڭ نامى.
زىينەت :       گۈزەللىك ۋە ھۆسن بېرىش ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان بۇيۇم، بېزەك، ھۆسن.
ساجىدە :       سەجدە قىلغۇچى ئايال، باش ئەگگۈچى ئايال.
سارا    :       ئەڭ ياخشى ، تاللانغان، سەرخىل.
سالىمە  :       قۇتۇلغۇچى ئايال، بېجىرىم ئايال، ساغلام ئايال، ساق- سالامەت ئايال.
سەداد  :       توغرىلىق، راستچىللىق.
سەئدە  :       بەختلىق، بەرىكەتلىك.
سەئىدە :       بەختىيار ئايال، تەلەيلىك ئايال، سائادەتمەن ئايال.
سالامەت        :       بېجىرىم، ئەيىبسىز، ساق.
سالام   :       سالام بەرمەك، سالام، تىنچ- ئامانلىق سورىماق،
سەلما   :       ھېچ ئەيىبى يوق ئايال.
سەلىيمە :       قۇتۇلغۇچى ئايال، ئەيىبسىز ئايال.
سەمرا   :       بۇغداي ئۆڭلۈك ئايال.
سەمىيھە :       مەرد ئايال، سېخى ئايال، قولى كەڭ ئايال.
سەمىيرە :       كېچىدە مۇڭداشقۇچى ئايال، كېچىدە سۆھبەتلەسكۈچى ئايال.
سۇمەييە  :       ئىسلامنىڭ تۇنجى شەھىدى بولغان ساھابە ئايال(اللە تەئالا ئۇ ئايالدىن رازى بولسۇن).
سەييىدە :       خانىم، خېنىم، خانزادە.
سىيما   :       ئالامەت، بەلگە، نىشان، ئەن، تامغا، تەقى- تۇرقى، سىرتقى كۆرۈنۈشى.
شادىيە  :       ناخشىچى ئايال.
شەرىيفە :       شەرەپلىك ئايال، ئېسىل ئايال، ئالىيجاناب ئايال.
شەفىيقە :       شەپقەتلىك ئايال.
شەمس  :       قۇياش، كۈن، بەك گۈزەل دېگەن مەنىدە مەجازەن ئىشلىتىلىدۇ.
شەھىدە :       اللە يولىدا شەھىد بولغان ئايال.
شېرىن  :       تاتلىق، لەززەتلىك، بەك چىرايلىك بەك گۈزەل دېگەن مەنىلەردە مەجازەن ئىشلىتىلىدۇ.
سادىقە  :       راستچىل ئايال، ئىخلاسمەن ئايال.
سالىھە  :       ياخشى ئايال، توغرا يول ئۈستىدىكى ئايال.
سەبىيھە :       گۈزەل ئايال، كېلىشكەن ئايال.
سەدىيقە :       راستچىل ئايال سەمىمىي ئايال.
سەفىيە  :       ساپ،، پاك، سۈزۈك، روشەن، تاللانغان، سىرداش دوست، ھەقىقىي دوست.
تالىبە   :       ئېزدەنگۈچى ئايال، ئوقۇچى ئايال، تەلەپ قىلغۇچى ئايال.
تاھىرە  :       پاك ئايال، پاكىز ئايال.
تەييىبە :       ھالال، پاكىز، ئۇبدان، بەلەن.
زەرىيفە  :       ھۇشيار ئايال، زېرەك ئايال، چېچەن ئايال.
ئائىشە  :       پەيغەمبەر ئەلەيھىسسلامنىڭ ئايالى ۋە مۆمىنلەرنىڭ ئانىسىنىڭ ئىسمى، كەيپىياتى ياخشى ئايال.
ئاتىكە  :       قىپقىزىل ۋە ئېسىل.
ئارىفە   :       ئىلىم- مەرىپەتلىك ئايال.
ئالىيە   :       ئىگىز، يۈكسەك، يۇقىرى، ئالىيجاناب.
ئىبادەت :       تائەت، ناماز، قۇلچىلىق قىلماق، ئىبادەت قىلماق، دىنى ئەھكاملارنى ئورۇنلىماق.
ئەزىيزە :       سۆيۈملۈك، ھۆرمەتلىك، قەدىرلىك، ئېسىل. كۈچلۈك.
ئەتىيە  :       سوۋغا- سالام، ھەدىيە.
ئەفىيفە :       ئىپپەتلىك، پاك.
ئەلىيە  :       شەرەپلىك، ئىگىز، يۇقىرى، يۈكسەك.
ئىنايەت :       كۆڭۈل بۆلمەك، غەمخورلۇق قىلماق، ساقلىماق، باشقۇرماق.
فائىزە   :       غەلىبە قىلغۇچى ئايال، مۇرادىغا يەتكۈچى ئايال.
فائىقە   :       ھۆسن- جامالى بەك كېلىشكەن.
فاتىمە  :       بالىسىنى (سۈتىدىن) ئايرىغان ئايال.
فىردەۋس        :       باغ، بوستان، گۈلباغ، جەننەت.
فەرىيدە :       يالغۇز، مىسلىسىز، قىممەتلىك گۆھەر.
قەمەر   :       ئاي.
كۇلسۇم :       ئىككى مەڭزى ۋە يۈزى گۆشلۈك ئايال.
كەۋسەر :       تاتلىق سۇ، جەننەتتە بىر ئۆستەڭ.
لامىئە  :       نۇ چاچقۇچى، داڭلىق.
لەتىيفە  :       مۇلايىم، مەرھەمەتلىك، مەدەنىيەتلىك.
لەيلا    :       بەك قاراڭغۇ ۋە ئۇزۇن كېچە، مەستلىك، مەستلىكنىڭ باشلىنىشى، ھاراقنىڭ كەيپى.
مارىيە  :       ئاقپىشماق ئايال.
مەريەم  :       ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئانىسىنىڭ ئىسمى.
مەلىيكە :       مۈلۈكدار ئايال.
مۇنىيرە :       نۇرلۇق، يۈزى يۇرۇق، گۈزەل، نۇر چېچىپ تۇرغۇچى.
نائىلە   :       ئېرىشكۈچى، سوۋغا- سالام.
ناجىيە  :       قۇتۇلغۇچى ئايال، تېز ماڭىدىغان تۆگە.
نادىرە  :       ھىكلەتلىك سۆز، لەتىپە، ئۆز زامانىدا تەڭدىشى يوق ئايال.
نادىيە  :       جەمئىيەت، يىغىن، كۇلۇب.
نارىمان :       پارىسچە ئانارغا ئوخشاش دېگەن بولىدۇ.
نەجات :       قۇتۇلماق، خالاس تاپماق.
نەجىيبە :       تېگى- تەكتى ئېسىل، پەزىلەتلىك، زېرەك، نەپىس، ئەقىللىق.
نەجىيە :       سىر، سىرداش دوست.
نەرگىس :       تەڭگىچە ئاق ياكى سېرىق گۈلى بولغان بىر خىل ئۆسۈملىك بولۇپ گۈلىگە كۆزلەر ئوخشىتىلىدۇ.
نەزىيھە :       ئىپپەتلىك، رەزىللىكلەردىن يىراق.
نەسرىن :       ئەتىردەك پۇرايدىغان بىر خىل ئاق گۈل.
نەسىيمە :       مەيىن شامال، ئىللىق ھاۋا.
نۇسرەت :       غەلىبە، زەپەر، قۇتۇلۇش.
نەزىيرە  :       ئوخشىغۇچى.
نەئىيمە :       تۇرمۇشى ياخشى ۋە كۆڭلى خاتىرجەم.
ھاجەر  :       ئىبراھىم ئەلەھىسسالامنىڭ ئايالىنىڭ ئىسمى.
ھادىيە  :       يېتەكچى ئايال، توغرا يولغا باشلايدىغان ئايال.
ياسەمىن:       خۇش پۇراقلىق بىر خىل ئۆسۈملۈك.

كۆيۈمچان ئەزا

ھەبىرجان ئۆلۈمن

UID
11333
يازما
271
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
8491
تىزىملاتقان
2011-5-18
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-30
توردا
3 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-22 12:21:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ 23قەۋەتتىكىsuzuk يوللىغان 2011-08-22 10:09 غا قارتىلغان  :
"گۈزەل ئىسىملار پەقەت ئەرەپچىدىلا ئەمەس، ئۇيغۇرچە ۋە تۈركچىدىمۇ بار، ئىسلامىي ئىسىم پەقەت ئەرەپچىنىلا كۆرسەتمەيدۇ، بىزنىڭمۇ مىڭ يىلدىن ئاشقان ئىسلامىي تارىخىمىز بار، ئىسلام مەدەنىيىتى پەقەت ئەرەپ مەدەنىيىتىنىلا كۆرسەتمەيدۇ، بىزنىڭمۇ ھەسسىمىز بار" دەپ بىر ئوبدان سۆز قىلىپتىغۇ  ئەفىيفىي.  ئەمدى تېمىنىڭ مەركىزىي ئىدىيىسىنىمۇ خۇلاسىلەيدىغان ھالغا چۈشۈپ قالدۇقمۇ بىز~~~~
سىز باشقىلارنىڭ دىمەكچى بولغىننى ئىنىق چۈشنەلمىدىڭىزمۇ قانداق . تىمىنىڭ مەركىزى ئىددىيسى ئەرەپچە ئىسىم قويۇش ئەمەس ئىسلامچە مەنىسى بار ئىسىم قويۇش دىمەكچى ئىكەن . نىمە سىلەر ئەرەپچە بولسىلام گۈزەلمىكەن ، ئۇيغۇرچىدە يوقمىكەن دەپ ئۇنداق تەپىرقىچىلىق قىلىشساڭلار مۇنازىرنى ئىلمى داۋاملاشتۇرغىلى بولمايدۇ . سۇزۇك سىز باشقۇرغۇچىغۇ دەيمەن . ئەگەر شۇنداق بولسا بىر تەپكە ئالدىراپ يان باسىغان ئىنكاس يازماڭ . ئادىل تۇرمىسىڭىز بولمايدۇ . لىكىن مەن تور موللسى دىگەن لەقەمنى قويغانلارنىڭ نىمە ئۈچۈن موللىلارنى <مەيلى تورموللىسى بولسۇن> ياقتۇرمايدىغانلىقىنى چۈشەنمىدىم . مىنىڭچە مۇنبەرگە كىرگەن موللىلار 20-30ياشقىچە بولشى مۇمكىن بەلكىم سەل چوڭراق بولشىمۇ مۇمكىن ، لىكىن ھازىرقى 50ياشتىن يۇقىرى موللىلىرمىزدىن سەۋيىسى جىق يۇقرى ، بىر ئىغىز ئۆزىمىزنىڭ پىكىرگە ماس كەلمىگەنلىكى ئۈچۈنلام ئۇنداق دۈشمەلىك پەيدا قىلدىغان سۆزلەرنى ئالدىراپ قىلمىساق . بەك قىلمەن دىگۈچىلەرنىمۇ چەكلەش ھوقوقىمىز يوق . لىكىن بىز ئىنسانلارنىڭ بۇ دۇنياغا ئىلاھى ئىمتاھان ئۈچۈن يارتىلغانلىقىمىزنى ئۇنتۇپ قالمىساق بولاتتى ،بولمىسا ئاخىرقى  ھىساپ كۈنى ھاياتىمىزدىن ھىساپ بەرمىكىمىز ئاسان ئەمەس .
ئەسكەرتىش : سەمىمى ئىلمى پىكىر قىلدىغانلار بولسا قارشى ئالمەن لىكىن ئادەمنىڭ شەخسىيتىگە ھۇجۇم قىلدىغان پىكر قىلماڭ

كۆيۈمچان ئەزا

http://www.sulket.com

UID
611
يازما
181
تېما
11
نادىر
0
جۇغلانما
15226
تىزىملاتقان
2008-11-23
ئاخىرقى قېتىم
2011-9-22
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-22 12:34:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن باشقۇرغۇچى ئەمەس، ئەفىيفىينىڭ يازغانلىرىدىن ھېچبىر تەپرىقىچىلىك، بىر تەرەپكە يان بېسىش، بىر تەرەپنى چۆكۈرۈش دېگەنلەرنى ھېس قىلالمىغان ئوقۇرمەن خالاس.

كۆيۈمچان ئەزا

قەتئىلىك ئەرلىك

UID
3268
يازما
130
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
3100
تىزىملاتقان
2010-7-12
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-9
توردا
44 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-22 12:54:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ 4قەۋەتتىكىtaklimakan يوللىغان 2011-08-21 22:45 غا قارتىلغان  :
ياپىر، سىز نېمانچە مۇرەككەپلەشتۈرىۋەتتىڭىز بۇ ئىسىم قويۇش جەريانىنى، ئوقۇپ بولغىچە ھېرىپ چاچراپ كەتتىم يازمىنى.
لېكىن ھېس قىلدىمكى سىزنىڭ قىممەت قارىشىىڭىزدا خېلىلا ئېغىر مەسىلە باركەن. سىز تېخىچە ئۇيغۇرنىڭ قىممەت قارىشىنى قوبۇل قىلالماپسىز. بىر بالا قايسى مىللەت ياكى قايسى قوۋمدىن بولسا ئۇ بالىغا چوقۇم شۇ مىللەت ، شۇ قوۋمنىڭ قىممەت قارىشىدىكى ئىسىمنى قويۇشتىنمۇ گۈزەل ھەركەت ئۆلچىمى بولماس. بىزنىڭ دىننىي كىملىكىمىز ئىسلامدا، بىز كىملىكنى ھۆرمەت قىلىمىز. لىكىن مىللىي كىملىكىمىز قىيامەتتىمۇ ئۇيغۇر قوۋمىدىن بولىدۇ. شۇنەا بۇ نۇقتىغا يەنىمۇ ھۆرمەت قىلىشىمىز كېرەك. كىيىنكىلەرگە تەكلىۋىم، پەرزەنتلىرىمىزگە شەرتسىز ئۇيغۇرنىڭ مىللىي كىملىكىدىكى ساپ ئۇيغۇرچە ئىسىملارنى قويايلى. ئاڭلىغۇچىلار ئىسىمنى ئاڭلىغان ھامان ئۇ بالىنىڭ مىللىي كىملىكىگە ھۆكۈم قىلالايدىغان بولسۇن.
يېڭى بىر پەرزەنتىمىزنىڭ بىزنىڭ سېپىمىزگە قوشۇلغانلىقىغا مۇبارەك بولسۇن. ئېھ، پەرزەنت، بىز سېنى  ئۇيغۇرنى سۆيگەندەك سۆيىمىز.
   ئاجايىپ دەۋر روھىغا ، كىملىك كىرىزىسىغا باي پىكىرلەر  !
   ئىسلامچە مەنىسى بار ئىسىم قانداق بۇلىدۇ ؟  ئىسىم دىمەك سۆز دىمەك ، سۆز دىمەك تىل دىمەك .  مىنىڭ چۈشەنچەمدىمۇ  ئىسلامىي ئىسىم پەقەت ئەرەپچىنىلا كۆرسەتمەيدۇ ،  بۇ زىددىيەت ھەم ياخشى مەنە ئاڭلىتىدىغان ، ھەم ساپ ئۇيغۇرچە ئىسىم تېپىش بىلەن تۈگەللىنىدۇ . ئەجەبا ئۇنداق ئەمەسمۇ ؟

تىرىشچان ئەزا

مەن بىر ساۋاتسىز

UID
10594
يازما
36
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
666
تىزىملاتقان
2011-4-7
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-4
توردا
2 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-22 13:05:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىزلەر دائىم سادىر قىلىۋاتقان خاتالىق مۇشۇ بولسا، سىلى قايسى تاختىبىشىدا قالغان ئەفىيفىي. ئۇيغۇرلارنىڭ بۈيۈك دانىشىمىنىما؟ گەپ دېگەننى ئويلاپ قىلغۇلىق. سىلىنىمۇ مۇشۇ تۇپراق بىلەن، سقلەنىڭ نەزىرىڭلاردا دائىم ىاتالىق ساەدىر قىلىۋاتقان مىللەت قوينىدا چوڭ قىلغان. شۇڭا تەۋىسىيە قىلىم،ىزكى، گەپنى باشتا چايناپ باقيلى، گەپنىڭ ئارىسىدا تاش بارمۇ - يوق. ئاندىن قىلىلى. ھەدىستە رەسۇلىلا، بالىلىرىڭلارغا چىرايلىق ئىسىملارنى قويۇڭلار! دېگەن. ئەرەپچە ئىسىملارنى قويۇڭلار دېمىگەن. قاراڭ، ئەنە ئەرەپلەر. بىر مەنپەتنى دەپ يەنە بىرىنى گۆرگە ئىتىرىپ يۈرىشىدۇ. ككپ گەپ قىلماي ئەرەپلەر بىدىكلىرىنىڭ ئادەم سودىسى ھەققىدە. ئامان بولۇڭ.

__________________________________________________________

مۇشۇنداق قېتىغۇر ، تېجىمەل ئادەمنىڭ ئىسىمى تەكلىماكان بولىدىكەن ، ھە ؟! خۇدايا توۋا ... تەنە - خۇسۇمەت ، چوڭچىلىق ۋە زەھەرخەندىلىك بىلەن تولغان  ئىنكاسىڭىزدىكى مەيدانىڭىزغا قارىسام ئۇيغۇرنى قاتتىق << سۆيىدىكەنسىز >> ھەتتا ، قاتتىق سۆيگەنلىكىڭىزدىن بىچارە ئۇيغۇرغا شالۋاقلىرىڭىزدىن تارتىپ سۇۋىۋەتكەندەك قىلىسىز ... ئۇيغۇرنى راستىنلا بەك سۆيگۈڭىز كىلىپ كەتسە ھىچبولمىغاندا مەندە ئۇيغۇرنى سۆيگۈدەك ساپا بارمۇ ؟ مىنىڭ نۆۋەتتىكى قىممەت قارىشىم نىمىگە بەكرەك مايىل ؟! مەن ئىنكاسلىرىمدا ( پىكرىمدە ) نىمە دېمەكچى ؟! قارشى مەيداندىكى شەخس مىنىڭ دۈشمىنىممۇ - ئەمەسمۇ ؟! ... دىگەن نۇقتىلارنى ئايدىڭلاشتۇرىۋېلىپ بېقىپراق ئاندىن ئىنكاس يازسىڭىزمۇ كىچىكمەيسىز ... ئەفىفىينىڭ بىلىمى ، ساپاسى ، پەزىلىتى سىزدىن ئارتۇق چىقسا چىقىدۇ-كى ، ھەرگىز كەم چىقمايدۇ . قىلىۋاتقان پىكىرلىرىدىن ھىچبولمىغاندا قارشى تەرەپنىڭ ساپاسىنى دەڭسەپ ئاندىن ساقالغا ياماشساقمۇ كىچىمەيمىز . سىزگە يەنە بىر ئەسكەرتىپ قوياي : مىللەتنى سۈيۈشكىمۇ ساپا كىتىدۇ .

ئوت ئال ، ئوتۇن بەر
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش