كۆرۈش: 20107|ئىنكاس: 97

ئوغلۇمغا ئىسىمنى قانداق قويدۇم [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

كۆيۈمچان ئەزا

قىيىنچىلىق، مېن

UID
7347
يازما
292
تېما
23
نادىر
0
جۇغلانما
8303
تىزىملاتقان
2010-11-19
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-19
توردا
46 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-21 19:43:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئوغلۇمغا ئىسىمنى قانداق قويدۇم؟

ئويلاپ باقسام، خېلى جىق بوۋاق بالىلارغا ئىسىم قويۇپ بېرىپتىمەن. نۇرغۇن كىشىلەر بالىلىرىغا قانداق ئىسىم قويۇش توغرىسىدا، ئىسىم تاللاپ بېرىشىم توغرىسىدا مەندىن مەسلىھەت ئاپتۇ. نۇرغۇن بوۋاق بالىلارغا مەن تاللىغان ئىسىم قويۇلۇپتۇ. مەن ئىسىمنىڭ مەنىسىنىڭ دىنىمىزغا، مىللىي ئۆرپ-ئادىتىمىزگە ئۇيغۇن بولۇشى بىلەن بىللە، كىشىلەر ئارىسىدا  ئاتىلىشىغا قۇلايلىق بولۇشىنى كۆپىنچە نەزەرگە ئاپتىمەن. مەندىن مەسلىھەت سورىغان ئاتا-ئانىلارغا «مۇشۇ ئىسىم ياخشى ، موشۇنى قويۇڭ»  دېمىدىم، ئەمما، ئوتتۇز –قىرىقلارچە ئىسىمنى تاللاپ، «مۇشۇلاردىن تاللاپ بېقىڭ» دېدىم. «ئەمما، مەنچە بۇ ئىسىم تېخىمۇ گۈزەل» دېگەننى قوشۇپ قويدۇم. ئىسىم تاللىشىپ بەرگەن ئاتا-ئانىلار ئاساسەن ئۇ ئىسىملارغا رازى بولۇپ كەپتۇ. بەزىدە تۇرۇپ ئويلىنىپ قالىمەن: بۇ بالىغا بىز مۇشۇ ئىسىمنى قويغان بىلەن، ئۇ بالا كەلگۈسىدە چوڭ بولۇپ قالسا، بىز قويغان بۇ ئىسىمنى ياقتۇرارمۇ؟! قانداقلا بولمىسۇن، بىزنىڭ مىللىي ئەنئەنىمىزدە، دىنىي ئادىتىمىزدە بالىلارغا ئۇز، چىرايلىق، گۈزەل، نەپىس ئىسىملار قويۇلۇپ كەلگەن. بەزى بالىلارنىڭ ئىسىملىرى شاھىنشاھلارنىڭ ئىسىملىرىغا ئوخشاپ كەتسە، بەزىلىرىنىڭ بولسا نەچچە يۈز يىل ئاللاھقا ئىبادەت قىلغان تەقۋادار كىشىلەرنىڭكىدەك تەسىر بېرىدۇ. بەزىلەرنىڭ ئىسىملىرى بولسا، زامانىۋىلىق بىلەن ئەنئەنىۋىلىكنىڭ ئارىسىدا تەڭ تۇرۇپ، ئاتىلىشچانلىقى بىلەن ناھايىتى نەپىسلىكىنى ھېس قىلدۇرالايدۇ. قاراپ باقسام، ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى ئارىسىدا ئىنتايىن ياراملىق ئىسىملار ناھايىتى كۆپ ئىكەن.
      كىچىكىمدىن ئۆز ئىسمىمغا تولىمۇ رازى بولغانلىقىم ئۈچۈن، كەلگۈسى توغرىسىدا شېرىن خىياللارغا غەرق بولغىنىمدا، بالامغا مۇنداق ئىسىم قويىمەن، ئۇنداق ئىسىم قويىمەن دەپ خىيال سۈرەتتىم؛ كۆپىنچە بۇ ئىسىملار مەشھۇرلارنىڭ ئىسىملىرى بولۇپ چىقاتتى. بۇنداق ئىسىملارنى ھەتتا دەپتەرلىرىمنىڭ بۇرجىكىگە خاتىرىلەپ قوياتتىم. تۇيۇقسىز چوڭ بولۇپ كەتتۇق. ئويلىمايلا، بۇندىن مەلۇم بىر دەۋر ياكى ئېرا ئۆتكەندىن كېيىنلا توي قىلىشىمىز كېرەكتەكلا توي قىلىپ، ئاتا-ئانا بولۇش زامانىغا كېلىپ قاپتۇق. دوختۇرنىڭ بالا توغرىسىدىكى ئىسپات سۆزلىرى جەزملەشكەندىن كېيىن، بالامغا نېمە ئىسىم قويسام بولار دېگەن ئوي-خىيال كاللامغا كىرىۋالدى.  توغرا، مەن ئىلگىرى نۇرغۇن بالىلارغا ئىسىم قويغان، نۇرغۇن ئىسىملارنى دەپتەرلەرگە، ئۇ يەر-بۇ يەرلەرگە جىجىلاپ قويغان. لېكىن مەن بالامغا قايسى ئىسىمنى قويسام بولار؟ قايسى ئىسىم ئەڭ مۇۋاپىق بولار؟ بىر نەچچە كۈنلەرگىچە خېلىلا ئىزتىراپ چەكتىم. ئىلگىرى ئويلاپ قويغان ئىسىملارنىڭ، باشقىلارغا قويۇپ بەرگەن ئىسىملارنىڭ ھېچبىرى ئەمدى ماڭا خوپ كەلمەيۋاتاتتى. ئەستەغپۇرۇللا، ما ئىشنى كۆرۈڭ! ئاددىيلا ھەل بولىدۇ دېگەن ئىشلار، كۆڭلۈمدە مۇرەككەپلىشىپ كېتىۋاتاتتى. شۇنچە ئويلىغان بولساممۇ: ھەممە ئىسىمنى باشقىلار قويۇپ بوپتۇ دېگەن ئويدىن باشقا خىيال كاللامغا كەلمىدى. مېنىڭ بالامغا، ھاياتىمغا يېڭى مېھمان بولۇپ كېلىۋاتقان پەرۋەردىگارنىڭ بۇ نېئمىتىگە ھېچكىم قويۇپ باقمىغان بىر ئىسىمنى قويغۇم بار ئىدى. ئىسىمدا بولسىمۇ يېگانە، تەنھا بولۇش كاتتا شەرەپ ۋە بەخت ئىدى. بۇلارنى ئويلاپ، ئىلگىرى مۇنداقلا ئوقۇپ ئۆتۈپ كەتكەن، تۈزۈك ئويلاپ باقمىغان بىر ئايەت ئېسىمگە كېلىپ قالدى:«ئى زەكەرىيا!.... ساڭا يەھيا ئىسىملىك بىر ئوغۇل بىلەن خۇشخەۋەر بېرىمىز. ئىلگىرى ھېچبىر ئادەمنى ئۇنىڭغا ئىسىمداش قىلمىغان ئىدۇق!» كېيىنكى جۈملىنى ھەقىقەتەن ئويلىنىپ باقمىغان ئىدىم: «ئىلگىرى ھېچبىر ئادەمنى ئۇنىڭغا ئىسىمداش قىلمىغان ئىدۇق!». توۋا، نەقەدەر تېرەن، نەقەدەر ئىنسان قەلبىنى، پىسخىكىسىنى ئويلىغان، بۇنى ئىلگىرى بۇ مەنىدە چۈشىنەلمەيتتىم، بۇنى چۈشىنەلىشىم ئۈچۈن پەقەت بۈگۈنۈملا بولۇشى كېرەك ئىدى. توغرا، بىز بەزى نەرسىلەرنى قىسمەنلىك نۇقتىسىدىن ئىنكار قىلىمىز، پەقەت شۇ پەيتى كەلگەندىلا ئۇنىڭ ھەقىقىي مەنىسىنى تونۇپ يېتىمىز، خۇددى بالىمىز بولغاندىلا ئاندىن ئاتا-ئانىمىزنىڭ قەدرىنى بىلگەندەك. ئەستا، قانداق قىلسام بولار، مېنىڭ يېڭىچە بىر ئىسىمنى قويغۇم، بالامغا باشقىلار قويۇپمۇ باقمىغان، ھەم يېقىشلىق، ھەم گۈزەل، ھەم مەنىلىك، ھەم دىنىمىزغا ئۇيغۇن بىر ئىسىمنى قويغۇم بار ئىدى. يەنە ئويلىنىشقا باشلىدىم، كاللام تورمۇزلىنىپ قالغانىدى، ئىسىم دېگەن نەرسە كاللامغا كەلمەيۋاتاتتى. يەنە بىر تۇرۇپ: مەن بۇ ئىسىمنى بالامغا قويغان بىلەن، بالام كەلگۈسىدە شۇ ئىسىمنى ياقتۇرارمۇ؟ مەن ئۇ ياقتۇرىدىغان ئىسىمنى قويالارمەنمۇ؟ دېگەن پىكىرلەر كاللامدا ھۆكۈم سۈرەتتى.
     «ئىسىم ئويلاشتىڭىزمۇ؟ كېيىن ئالدىراپ قالىمىز، بالدۇرراق ئويلاشقان بولسىڭىز.  بالىغا ئىسىمنى دادىسى قويىدۇ!» دەپ بولدى ئايالىم نەچچە قېتىم. مەن ئۈنسىز ئۆز روھىي ئىزتىراپىمدا ئىدىم. يەنە بىر مەنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، بالىغا يېڭىچە ئىسىمنىمۇ قويالمايتتىم. بۇ شۇنىڭ ئۈچۈن مۇمكىن ئەمەسكى، يېڭىچە ئىسىم ئاسانلا قارشىلىققا ئۇچرايتتى، جىق ئادەم ئالدىڭىزدا چىرايلىق بوپتۇ دەپ قويغان بىلەن، كۆڭلى بىر قىسما بولۇپ قالاتتى ياكى كەينىڭلاردا ئەجەب بىر مەتۇ ئىسىم قويۇپتۇ دەپ غەيۋەت قىلىشىمۇ مۇمكىن ئىدى. ئۇنىڭدىن سىرىتمۇ، بالىغا پۈتۈنلەي بىر يېڭىچە ئىسىم قويۇشقا كۆڭلۈمنىڭ بىر يەرلىرى باشقىچە پىكىردە ئىدى. دىلىغۇللۇقتا ئىدىم. ماڭا ھەم يېڭىچە بولۇش بىلەن بىللە، خەققە سىڭىشەلەيدىغان، كونىچە –يەنى مەنىۋىي ئاساسى بولۇشى كېرەك ئىدى. نۇرغۇن ئىسىملارنى ئويلاپ كەتتىم، لېكىن كاللامغا يەنە تۈزۈك ئىسىم كەلمەيۋاتقاندەك. ئۇدۇل كىتابخانىغا يۈگۈردۈم، كۆڭلۈمگە: مەن ئانا تىلىمنى بىلىمەن دەپتىمەن، لېكىن تۈزۈك كىشى ئىسىملىرىنىمۇ بىلمەيدىكەنمەن دېگەن نەرسە كەلدى. ئۇدۇل كىتاب جازىسىدىن مۇتەللىپ سىدىق قاھىرىي ئەپەندىنىڭ «ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى» ناملىق كىتابىنى ئىزدىدىم. ئەستا، ئادەتتە كۆزۈمگە پۇتلىشىپلا يۈرىدىغان بۇ كىتاب، نەچچە كىتابخانىغا بارساممۇ يوق بولۇپ چىقتى. قانداق قىلسام بولار، يازدا يول يۈرۈپ تەرلەپ كەتتىم. ئاخىرى بىر كونا كىتاب ساتىدىغان دۇكانغا كىردىم. بۇ دۇكاننىڭ خوجايىنى بىلەن كىتابنى ئارىيەت ئاچىقىپ تۇرغۇدەك تونۇش ئەمەس ئىدىم. چوقۇم سېتىۋېلىشىم كېرەك ئىدى. شۇڭا دەرھاللا باھاسىغا قارىدىم: «300 يۈەن».  نېمىشقا قىممەت دەپ سورىسام، بۇ كىتاب تۈگەپ كەتكەنمىش، بۇ كىتابخانىدا پەقەت مۇشۇ بىرسىلا قالغانمىش، شۇڭا باھاسىنى ئۆستۈرۈۋالغانمىش...
      يەنە سالپىيىپ چىقتىم، كىتابلىرىمغا تەپسىلى قاراپ، ئىسىم كۆپرەك ئۇچراش ئېھتىماللىقى بولغان كىتابلارنى ئالدىراش ۋاراقلاپ چىقتىم. پەيغەمبەر ئىسىملىرىغا قايتا قاراپ چىقتىم... كاللامغا كەلتۈرۈش ئېھتىماللىقى بولغان ئىسىملارنى كەلتۈردۇم. شۇنداق خىيال سۈرۈۋېتىپ: تارىختا نۇرغۇن ئىسىملار خاتىرىلەنمەي ئۇنتۇلۇپ كەتكەنمىدۇ؟ دېگەننى خىيال سۈردۈم. ماڭا ھەم يېڭى، ھەم باشقىلار قويمىغان، ھەم خەلقىمىزگە سىڭىپ كېتەلەيدىغان بىر ئىسىم لازىم ئىدى. نەچچە كۈن شۇنداق كىتاب ۋاراقلاپ ئۆتكۈزۈۋەتكىنىمدىن كېيىن، نېمە چىقسا چىقار، قۇرئاندىنلا ئىزدەي دېگەن خىيالغا كەلدىم. نۇرغۇن ئىسىملارنى ئاتلاپ ئۆتۈپ كەتتىم. ھەممىسى شۇنداق ئۇلۇغ، مۇقەددەس ئىسىملار: مۇسا، ئىسا.. يەھيا.... ... ئەستا، يېڭىچە، يېڭىچە.. كاللامدا  يەنە غەليان بار ئىدى. يېڭىچە ئىسىم كېرەك ئىدى ماڭا.. ئاخىرى قۇرئان سەھىپىلىرى ئارىسىدىكى بارمىقىم «جېبىرىئىل» دېگەن ئىسىمنىڭ ئۈستىدە توختاپ قالدى. «توغرا، ھەقىقەتەن گۈزەل ئىسىم!» ئۈنلۈك توۋلىۋەتتىم مەن. ھەم يېڭى، ھېچكىم قويۇپ باقمىغان. خەلقىمىزدە ھەممە ئادەم ئۇنى بىلىدۇ، ۋەھىي پەرىشتىسىنىڭ ئىسمى ئىكەنلىكىنى ئاڭلىغانلا ئادەم بىلەلەيدۇ، شۇڭا سىڭىشى ئاسان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇلۇغ «قۇرئان كەرىم»دە خاتىرىلەنگەن. گوياكى ئالتۇن تېپىۋالغاندەك بولۇپ كەتتىم. خۇشاللىقىمنى بىرسىگە تىنغۇممۇ كەلمىگۈدەك خۇشھال ئىدىم. خۇددى بۇ ئىسىمنى ئاغزىمدىن چىقىرىپ سالسام باشقىلار بالىلىرىغا قويۇۋالىدىغاندەك ئىچى تارلىقمۇ غەليان كۆتۈرگەنىدى. نەقەدەر گۈزەل ئىسىم. ئۇلۇغ پەرىشتىنىڭ ئىسمى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھېچكىم قويۇپ باقمىغان. ئاخىرى بالام ئوغۇل بولسا مۇشۇ ئىسىمنى قويىمەن دېگەننى دىلىمدا قارار قىلدىم –دە، باشقا ھېچقانداق ئىسىمنى ئويلىمىدىم. ئايالىمنىڭ كۆڭلى بولسا دىلىغۇللۇقتا ئىدى، بىر تۇرۇپ ياخشى دېگەندەك قىلاتتى. بىر تۇرۇپ قانداق بولا دېگەندەكمۇ نەزەردە قاراپ قوياتتى؛ لېكىن يەنىلا ماڭا ئارتۇق گەپ قىلمىغان ئىدى. شۇنداق قىلىپ تاكى بالا تۇغۇلغۇچە، مۇھىم بىر ئىشنى پۈتتۈرۈۋالغاندەك خاتىرجەم بولۇپ قالدىم.
     ئاللاھنىڭ پەزلى ئىنايىتى بىلەن ئوغلۇم بۇ ئالەمگە كۆز يۇرىدى. ھاياتتىكى باشقا مۆجىزىلەرگە ئەقلىم لال بولۇپ، يېتىشەلمەي تۇرغىنىمدا، ئاللا ئالدىمغا نەپىس، گۈزەل بىر جاننى، ماڭا قۇيۇپ قويغاندەك ئوخشايدىغان بىر جاننى قويدى. خۇددى مەن ئۆتمۈشكە بېرىپ قالغاندەك ياكى ئۆتمۈش بۈگۈنگە ئېزىپ-تېزىپ كېلىپ قالغاندەك بولۇپ، تېڭىرقاپ، ھاڭۋېقىپ قاراپ قالغىنىمچە تۇرۇپ قالدىم. بۇ يېڭى جانغا، ياق، بالامغا قارىغانسېرى ھەيرانلىقىم، مەستخۇشلۇقۇم ئېشىپ باراتتى. ھاياتتىكى شۇنچىۋالا چوڭ نەرسىلەرگە نېمىشقا ھەيران قالمىغانلىقلىرىمىزغا ھەيران قالاتتىم. بۇنداق تۇيغۇلاردا مەست بولۇپ بىر نەچچە كۈن ناھايىتى تەبىئىيلا تېز ئۆتۈپ كەتتى. «ئىسىم قويۇلۇشقا ئاز قالدى، شۇ ئىسىمنى كۆڭلىڭىزدە مۇقۇملاشتۇردىڭىزمۇ؟» دېدى ئايالىم. شۇندىلا بالىغا ئىسىم قويۇشۇم كېرەكلىكىنى ئەسكە ئالدىم. ئوغلۇم بىلەن بىللە كەلگەن بۇ يېڭى ھېس-تۇيغۇلارنىڭ ئالدىدا، كۆڭلۈمدە تۇنجى قېتىم «جېبىرىئىل» دېگەن ئىسىم مۇۋاپىقمىكىن ! دېگەن گۇمان پەيدا بولدى. نېمىشقا ئۇ پەرىشتە شۇنچە تونۇشلۇق بولسىمۇ، ھېچكىم بۇ ئىسىمنى قويمىدىكىنە!؟ ئىسمائىل دېگەن ئىسىم بار، ئىسرافىل دېگەنمۇ بار. لېكىن جېبىرىئىل، مىكائىل دېگەن ئىسىملار يوق! باشقا مىللەتلەردە بۇنداق ئىسىملار بار: مىكائىل- مىخائىل؛ جېبىرىئىل-گابرېئىل.. ۋە ھاكازا... زادى قانداق قىلسام بولار، بۇ ئىسىممۇ مۇۋاپىق ئەمەسمۇ ئەمدى!؟ يا تەۋەككۈل دەپ قويۇۋېرەيمۇ يا؟ خەق نېمە دېسە مېنىڭ نېمە ئىشىم، يا بۇ بىر دىنىمىزغا خىلاپ بىر ئىسىم بولمىسا؟ شۇنداق دەپ ئويلاپ تۇرساممۇ، لېكىن خەلقىمىز نېمىشقا بۇ ئىسىمنى قويمىغاندۇ؟ دېگەن پىكىر بەكرەك غەليان قىلاتتى.
شۇنداق قىلىپ، ئىسىم قويۇش ئىشى، شۇنچە ئاددى ئىش يەنە مۇرەككەپلىشىپ كەتتى. بۇ ئىسىمنى، يەنى جېبىرىئىلنى كىمگە دېسەملا لايىق كۆرمەيتتى، بۇ ئۆزۈمنىڭ كۆڭلىدىكى دىلىغۇللۇق بىلەن قوشۇلۇپ، تېخىمۇ تەۋرەپ قالاتتى. ئاخىرى باشقا ئىسىمنى ئويلاشقا مەجبۇر بولدۇم. ھازىر ئەرەبچە ئىسىمدىن بىزار بولغانلار قەدىمكى تۈركچە ئىسىمغا يۈزلىنىشتى. بۇمۇ ياخشى ئىشى ئىدى. لېكىن   تۈركچە ئىسىمنى قويىمەن دەپ شۇ زاماندىكى بىر ئىلاھنىڭ ياكى بۇتنىڭ ئىسمىنى قويۇپ سالماي دېگەن قورقۇنۇشمۇ بار ئىدى. قېرىشقاندەك، مۇتەللىپ سىدىق قاھىرى ئاكىمىزنىڭ كىتابىمۇ شۇ ئالدىراش كۈنلەردە دىدارىنى كۆرسەتمىدى. ياكى تەقۋا كىشىلىرىمىز قويغىنىدەك، ئەنەس، زۇبەير، ياسىر... دېگەندەك ئىسىملار مۇۋاپىقمىكىن... ياق، ياق، بۇمۇ بولمىغۇدەك، بۇنداق ئىسىملارنى نۇرغۇن كىشىلەر خاتا ئاتاپ قويىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ ئىسىملارنى قويغانلار –گەرچە بۇ ئىسىملار شۇنداق ياخشى ئىسىملار بولسىمۇ-ئەرەبلىشىپ كەتكەن، ئەرەبگە ئەگەشكەن بولۇپ قېلىۋاتىدۇ. ھالبۇكى شۇنداق دەپ قارايدىغانلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ ئۆزىنىڭ ۋە ئاتا بوۋىلىرىنىڭ ئىسمى ئەرەبچە بولۇپ كەلگەن. بۇ مىللى ئۆرپ-ئادەتنىڭ سىڭىپ كىرىشى ئەمەس، بەلكى دىننىڭ خاسىيىتى ئىدى. ئەگەر ئەرەبلەرنىڭ ئۆرپ-ئادىتى سىڭىپ كىرگەن بولسا، بۇرۇنقى ئەبدۇشەمس، لۇئەي.. دېگەندەك ئىسىملار سىڭىپ كىرگەن بولاتتى. «مۇھەممەد» دېگەن ئىسىم شۇنداق گۈزەل ئىدى، بەنى ئادەمنىڭ بۇنىڭدىن گۈزەل ئىسمى يوق ئىدى. لېكىن بۇ ئىسىم بەك كۆپ بولۇپ كەتتى، يېقىندىلا تېخى ئاكام ئوغلىغا مۇھەممەد دەپ ئىسىم قويدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە دىيارىمىزدا مەمەت دەپ بۇزۇپ تەلەپپۇز قىلىدۇ. خوتەندىغۇ تېخىمۇ قىسقارتىپ، مەت دەپلا ئاتايدىكەن. بۇنىڭغا ياندىشىپ، مۇھەممەد ئەلى، مۇھەممەد ئەمىن، نۇر مۇھەممەد دېگەندەك ئىسىملارمۇ دىققىتىمدىن ئۆتتى. ئارقىدىن «ئەلى» دېگەن ئىسىممۇ شۇنداق يېقىشلىق ئاڭلاندى. ھە بۇ بولغۇدەك دەپ ئويلىدىم. ئەلى، ئەلى.. نېمە دېگەن يەڭگىل، نېمە دېگەن شېئىرىي... ئايالىمغا ئەلىي بولغۇدەك دەپ تۇرۇشۇمغا، بۇ يەرلەردە ئېلى دەۋالامىكىن دېگەن ئىدى، شۇنىڭ بىلەن لەسسىدە بولۇپ قالدىم.
ئۆزۈمنىڭ كاللىسىغا تۈزۈك بىر ئىسىم كەلمەي، يېقىن يورۇقلارغا تېلېفۇن قىلىشقا مەجبۇر بولدۇم. بىرى «رەييان» دېگەن ئىسىم شۇنداق گۈزەل، روزا تۇتقۇچىلار كىرىدىغان جەننەت دەرۋازىسىنىڭ ئىسمى دېدى. بۇمۇ بولغۇدەك دېدىم. شۇنداق يېڭىچە ئاڭلاندى، خەقلەر كۆنەلەرمىكىن دەپ ئويلىساممۇ، دىلىم سەل مايىل بولۇپ قالدى. رەييان، رەييان... ھەم يېنىككەن، ھەم مەنىسى چوڭقۇركەن، باشقىلار بىلەن نېمە كارىم، ئەرەبچە ئىسىم قويۇۋاپتۇ دېسىمۇ ئىشىنى قىلسۇن!... لېكىن ئارقىدىن بىر ئىشنى ئويلاپ يەنىلا يالتىيىپ قالدىم. ئايالىم خوتەندىن بولغاندىن كېيىن، بۇ يەرلىكلەرنىڭ يەرلىك شىۋىسى ئېغىر ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە « ر » تاۋۇشىنى تۈزۈك تەلەپپۇز قىلالمايتتى. «رەڭ» دېمەكچى بولسا، «يەڭ» دەيتتى. «ئالما رەڭ» دېمەكچى بولسا، «ئالما يەڭ» دەيتتى. ناۋادا بالامغا «رەييان» دەپ ئىسىم قويۇپ قويسام، خوتەنلىكلەر ئېنىقكى «يەييان» دەيتتى. ياق، ياق! بۇمۇ بولمىغۇدەك... يەنە بىر دوستۇم مەنىلىك بولسۇن دەپ يەنە بىر ئىسىمنى تەۋسىيە قىلدى: نوھ ئەلەيھىسسالامنىڭ تۆت ئوغلى بولغان، ھام، سام ، يافەس، كەنئان. كەنئان توپان بالاسىدا دادىسىنىڭ گېپىگە كىرمەي سۇغا غەرق بولغان، ھام ياۋروپالىقلارنىڭ، سام ئەرەب پارىسلارنىڭ، يافەس تۈركلەرنىڭ ئاتىسى. موللا مۇسا سايرامىمۇ تارىخ كىتابىدا: نوھنىڭ ئوغلى يافەس، يافەسنىڭ ئوغلى تۈرك دەپ يازغان دېدى. بۇ ئىسىممۇ بولغۇدەك دېدىم. ھەم يېڭىچە، ھەم قەدىمىي. بۇمۇ بىر نەچچە سائەت ئەر-ئايال ئىككىمىزنى خۇشال قىلدى. لېكىن تۇيۇقسىز مۇنداق ئويلاپ قالدىم: ئەرەبلىشىپ كەتكەن، ئەرەبلەرگە ئەگىشىپ كەتكەن دەپ قارايدىغانلارنىڭ ئارىسىدا شۇنداقمۇ بىر قاراش باركى، ئەرەب تىلىدىكى «ف» ھەرىپىنى ئۇيغۇرچىدە « پ» دەپ تەلەپپۇز قىلىمىز. بىز ئەسلىچە تەلەپپۇز قىلايلى دەپ «ف» دېسەك، ئۇلار بۇنى ئۇيغۇرلۇقتىن تانغان، قايتقان دەپ چۈشۈنۈشىۋېلىشىدۇ: مەسىلەن، پەرھادنى  فەرھاد دېسەك، پۇرقاننى  فۇرقان دېسەك،  يۈسۈپنى يۈسۈف دېسەك... ۋەھاكازالار... شۇڭا ئۇلارنىڭ ئالدىدا شۇنداق بولغان بوپ قالماي دەپ «ف»نى «پ» دەپ تەلەپپۇز قىلىشقا مەجبۇر بولۇپ قالىمىز، شۇنداقلا سورۇنلاردا غەيرىي بىلىنمەيدۇ. ئەگەر ئىشلار مۇشۇنداق بولىدىغان بولسا، بالامغا تۈركلەرنىڭ ئەجدادى يافەسنىڭ ئىسمىنى قويسام، خەقلەر بۇنى «يا پەس » دەپ تەلەپپۇز قىلسا، دادىسىنىڭ ئىسمىنى قوشۇپ ئاتىغاندا « يا پەس يۈسۈپ» دېسە، ئاھ، پەرۋەردىگارىم، نېمانداق يامان، بۇ دادىسى بىلەن بالىسىنى تەڭ قوشۇپ تىللىغاندەك بولۇپ قالىدىكەن.... بۇ ئىسىممۇ بولمىغۇدەك... ئەستا... كاللام قوداڭشىپ كەتتىغۇ، ئىسىم قويۇشقا ئازلا قالغاندا...
جېبىرىئىل دېگەننى ئويلاشقاندا يېڭىچە ۋە سىڭىشلىك بولسىلا بولدى دەپ ئويلىغان ئىدىم. لېكىن ھازىر مەسىلە يەنە ئېغىرلاۋاتاتتى. بۇلاردىن باشقا يەنە خەقلەر بۇزۇپ تەلەپپۇز قىلالمايدىغان، ئۆزگەرتەلمەيدىغان ئىسىم بولۇشتىن تاشقىرى، يەڭگىل،  يېقىملىق بولۇشى كېرەك ئىدى. قىز بالىنىڭ ئىسمىغۇ شۇنداق ئاسان تېپىلىدىكەن،  لېكىن ئوغۇل بالىغا ئىسىم ئاسان تېپىلمايدىكەن. ياكى ئىلگىرىكى شاھلارنىڭ ئىسىملىرىدەك: جامالىددىن، دوست مۇھەممەت خان... كامالىددىن، شىھابىددىن دېگەندەك ئىسىملارچۇ... بۇلارمۇ بولمىغاندەك قىلاتتى... مۇھەممەد ئەلى دېگەن ئىسىممۇ ياخشى ئىدى، لېكىن يېقىندىلا ئاكام مۇھەممەد دەپ قويدىدە... بولمىسا تازا ئوبدان ئىسىم ئىدى. تەۋفىقچۇ...؟ بۇمۇ بولىدۇ، بىراق شۇ تەۋپىق دەۋالىدۇ! كۈن يېقىنلاپ قالغانسېرى، ھەممە شەرتلەر تۈگەپ پەقەت تەلەپپۇزىنى بۇزالمايدىغان ئىسىم بولسا بولاتتى دېگەننىلا ئويلايدىغان بولدۇم. ئىسىمنى بۇنچە چوڭقۇر ئويلاپ كېتىشنىڭ ھاجىتى يوق، يەنىلا ئادەمنىڭ ھاياتى ئۆز ئىسمىغا مەنە بېرىدۇ دەپ ئۆزۈمنى بەزلىدىم. جېبىرىئىل دېگەن ئىسىمنى ھېچكىم بۇزالمايتتى، خاتا تەلەپپۇز قىلاي دەپمۇ قىلالمايتتى. لېكىن مۇتلەق كۆپىنچە ئادەم بۇ ئىسىمنى ياقتۇرمىدى. خاتامۇ دېيەلمىدى، بىراق، بولمايدۇ دېيىشتى. ئاخىرى ئۇيان ئويلاپ، بۇيان ئويلاپ: نېمىشقا ئاللاھنىڭ ئىسمى بار ئىسىملارنى ئويلاشمايمەن دېدىم. ئاللاھنىڭ ئىسمى كېلىدىغان ئىسىملارنى ئويلاشقا باشلىدىم. ئابدۇ كېلىدىغان ئىسىملار كۆپ ئىدى. بۇنداق ئىسىملارنى قويۇشقا رايىم يوق ئىدى. بۇنىڭغا قارىغاندا ئاللاھنىڭ ئىسمى تەڭ قوشۇلۇپ ئاتىلىدىغان ئىسىملار گۈزەلرەك ئاڭلىناتتى ماڭا. بىر- بىرلەپ ئاتاپ چىقتىم. خەقلەر قويغان بولسىمۇ، بەك كۆپ قويۇپ كەتمىگەن، شۇنداقلا تەلەپپۇزىنى بۇزالمايدىغان بىرى ئۇچرارمۇ دەپ ئويلاۋەردىم. ئاخىرى تۇيۇقسىز:«لۇتفۇللا» دېگەن ئىسىمنى ئويلاپ قالدىم. بۇ ئىسىم ناھايىتى گۈزەل بىلىندى. كاللامدا «ئەلى» دېگەن ئىسىم بىلەن  تەڭ تۇرۇۋالدى. ئىككىسىدىن بىرىنى تاللاشتا خېلى ئىككىلەندىم. ئەلىمۇ ناھايىتى نەپىس، يېنىك ئىدى، چاتاق يېرى ئېلى دەۋالاتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئېلىراخون، ئېلىجان... دەپ قوشۇۋالىدىغان ئىشلارمۇ بار. يالغۇز ئەلىي دەپلا ئاتىمايدۇ. ئۆزۈمچە ئەقلىي يەكۈن چىقىرىپ، لۇتفۇللا بولسۇن، ھەم ئاللاھنىڭ ئىسمى بار، ھەم خەقلەر ئاز قويىدۇ، ھەم مەنىسى ياخشى، ئەركىلەتمە ئىسىم قىلىشقىمۇ قۇلايلىق، مەسىلەن: لۇتفىي دېگەندەك،  دەپ ئويلىدىم. شۇنداق قىلىپ ئىسىم قويۇلۇش ۋاقتى  يېقىنلاپلا كەلگەندە ئاران بۇنى قارارلاشتۇرالىدىم. مەن شۇنچە ئىزتىراپلار ئىچىدە ئاران تاپقان بۇ ئىسىمنى ئىمام ئاخۇنۇم بىر مىنۇتتىلا قويۇپ، ئىشىنى تۈگىتىپ، مېھمانلار بىردەمدىلا  ئۇزاپ كېتىشتى.
شۇنداق قىلىپ ئوغلۇمنىڭ ئىسمى لۇتفۇللا بولدى! ئەركىلەتمە ئىسمى: لۇتفىي

بىز نومۇس قىلىشىمىز كېرەك...
ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

UID
11404
يازما
18
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
318
تىزىملاتقان
2011-5-20
ئاخىرقى قېتىم
2012-4-13
توردا
30 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-21 22:17:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇبارەك بولسۇن، ئۇغۇللۇق بوپسىز!!!

كۆيۈمچان ئەزا

http://www.sulket.com

UID
611
يازما
181
تېما
11
نادىر
0
جۇغلانما
15226
تىزىملاتقان
2008-11-23
ئاخىرقى قېتىم
2011-9-22
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-21 22:41:29 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇبارەك بولسۇن~~~ بىزمۇ بەك تەستە قويغان ئىسىمنى

كۆيۈمچان ئەزا

قىيىنچىلىق، مېن

UID
7347
يازما
292
تېما
23
نادىر
0
جۇغلانما
8303
تىزىملاتقان
2010-11-19
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-19
توردا
46 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-21 22:42:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت سىلەرگە! سىلەرگىمۇ مۇبارەك بولسۇن!...

بىز نومۇس قىلىشىمىز كېرەك...

UID
2150
يازما
54
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
1736
تىزىملاتقان
2010-5-27
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-21
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-21 22:45:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياپىر، سىز نېمانچە مۇرەككەپلەشتۈرىۋەتتىڭىز بۇ ئىسىم قويۇش جەريانىنى، ئوقۇپ بولغىچە ھېرىپ چاچراپ كەتتىم يازمىنى.
لېكىن ھېس قىلدىمكى سىزنىڭ قىممەت قارىشىىڭىزدا خېلىلا ئېغىر مەسىلە باركەن. سىز تېخىچە ئۇيغۇرنىڭ قىممەت قارىشىنى قوبۇل قىلالماپسىز. بىر بالا قايسى مىللەت ياكى قايسى قوۋمدىن بولسا ئۇ بالىغا چوقۇم شۇ مىللەت ، شۇ قوۋمنىڭ قىممەت قارىشىدىكى ئىسىمنى قويۇشتىنمۇ گۈزەل ھەركەت ئۆلچىمى بولماس. بىزنىڭ دىننىي كىملىكىمىز ئىسلامدا، بىز كىملىكنى ھۆرمەت قىلىمىز. لىكىن مىللىي كىملىكىمىز قىيامەتتىمۇ ئۇيغۇر قوۋمىدىن بولىدۇ. شۇنەا بۇ نۇقتىغا يەنىمۇ ھۆرمەت قىلىشىمىز كېرەك. كىيىنكىلەرگە تەكلىۋىم، پەرزەنتلىرىمىزگە شەرتسىز ئۇيغۇرنىڭ مىللىي كىملىكىدىكى ساپ ئۇيغۇرچە ئىسىملارنى قويايلى. ئاڭلىغۇچىلار ئىسىمنى ئاڭلىغان ھامان ئۇ بالىنىڭ مىللىي كىملىكىگە ھۆكۈم قىلالايدىغان بولسۇن.
يېڭى بىر پەرزەنتىمىزنىڭ بىزنىڭ سېپىمىزگە قوشۇلغانلىقىغا مۇبارەك بولسۇن. ئېھ، پەرزەنت، بىز سېنى  ئۇيغۇرنى سۆيگەندەك سۆيىمىز.

ئىش ئادەمگە باغلىق ، نەتىجە تەڭرىگە!

كۆيۈمچان ئەزا

قىيىنچىلىق، مېن

UID
7347
يازما
292
تېما
23
نادىر
0
جۇغلانما
8303
تىزىملاتقان
2010-11-19
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-19
توردا
46 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-21 22:59:29 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇ قويۇڭ دېگەن بىلەن ئىش تۈگىمەيدىكەن، قايسىنى قويۇش كېرەك...
تۈركچە ئىسىملاردىن بىرەر يۈزنى دېمەمسىز... مەن كېيىنكى بالامغا قويارمەن ياكى باشقىلار قويار!

بىز نومۇس قىلىشىمىز كېرەك...

UID
10479
يازما
93
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
2136
تىزىملاتقان
2011-3-30
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-6
توردا
21 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-21 23:31:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ_ئەلەيكۇم . مۇبارەك بولسۇن يۈسۈپجان ئاكا ، ئاللاھ  ئوغۇل پەرزەنىت ئاتا قىپتۇ .  
      كۈلۈپ كەتتىم بەزى يەرلەرنى  ئوقۇپ        

لۇتفۇللا قارى سالامەت چوڭ بولغاي ....

تاھىربەگدىن ھەممىڭلارغا ئەسسالامۇ_ئەلەيكۇم

كۆيۈمچان ئەزا

ئۇلۇغ ئاللاھ ئىش

UID
13880
يازما
107
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
2207
تىزىملاتقان
2011-8-10
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-10
توردا
23 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-21 23:57:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
راس دىمىسىمۇ ئىسىم قويغاندا ياخشى ئىسىم تاللاپ قويۇش كىرەك.   بۇنىڭدا  ئاتا-ئانىلارنىڭ ئىغىر مەسئۇلىيتى بار،ھازىر جەمىيتىمىزدە غەيرى ئىسىملارمۇ كۆپ،چەت ئەللىكلەرنى دوراپ،لىكىن سىز يۇقىرىدا دەپ ئۆتكەندەك ھەم مەنىسى چۇڭقۇر ھەم ئىسلامدا بار بولغان بولۇشى كىرەك.مەن قارىسام سىز ئوغلىڭىز تۇغۇلۇغتىن بۇرۇن ئوغۇل ياكى قىزلىقىنى بىلمەي تۇرۇپ پەقەت ئوغۇل بالىنىڭ ئىسمىنىلا ئويلىشىپسىز،ناۋادا قىز بولۇپ قالغان بولسا قانداق قىلاتتىڭىز؟بۇ تازا ئادىللىق بولماپتۇ مىنىڭچە.

يەيدىغان زەھەر بار،دىمەيدىغان گەپ بار. دىگەن گەپنى قايتۇرىۋالغىلى بولمايدۇ،دىمىگەن گەپنى دىۋالغىلى بولىدۇ،ئۈمىدۋار ياشاش كىرەك.

كۆيۈمچان ئەزا

قىيىنچىلىق، مېن

UID
7347
يازما
292
تېما
23
نادىر
0
جۇغلانما
8303
تىزىملاتقان
2010-11-19
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-19
توردا
46 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-22 00:16:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قىزلارغا نۇرغۇن گۈزەل ئىسىملار تەييار ئىدى: ئۇيغۇرىيە، مۇنىسە... دېگەندەك...

بىز نومۇس قىلىشىمىز كېرەك...

تىرىشچان ئەزا

ھۆكۈمران

UID
2173
يازما
39
تېما
3
نادىر
0
جۇغلانما
1149
تىزىملاتقان
2010-5-28
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-11
توردا
10 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-22 00:48:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاۋال پەرزەنتلىك بولغىنىڭىزنى تەبرىكلەيمەن . مۇبارەك بولسۇن!
مۇشۇ ئىسىم قۇيۇش توغرۇلۇق نۇرغۇن تېمىلار يوللاندى . شۇ تېمىلارنىڭ كۆپىنچىسىدە دىنىي نوقتىدىنلا تەھلىل قىلىنىپ، ئۆزىمىزنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكى ، ئىسىملارنىڭ مەنىسىنى ئۇيغۇر تىلىدىن ئىزدىنىش تولىمۇ سەل قارالدى . ئاۋال ھەقىقىي بىر ئىشنى ئېيتىپ ئۆتەي :

  ئىككى يىل ئىلگىرىغۇ دەيمەن . شەھرىمىزنىڭ مەلۇم باشلانغۇچ مەكتىۋىدە ئوقۇيدىغان ئۈچ بالا مەكتەپكە بارغىلى ئۇنىماي، ئاتا - ئانىسى ۋە ئوقۇتقۇچىسىنى تولىمۇ پاراكەندىچىلىككە سېلىۋەتتى . ئەسلىدە شۇ مەزگىل توردا بىر قىسىم <<دانىشمەن>> موللىلار ئەلفىرە << ئىشقىلىپ ئارقىسىغا فىرە ، مىرە قويۇلغان ئىسىملار) دىگەنگە ئوخشاش ئىسىملارنىڭ مەنىسىنى << چاشقاننىڭ بالىسى>> يەنە شۇنىڭغا ئوخشاش قايسىبىر ھايۋاننىڭ ئىسمى دەپ چۈشەندۈرۈپ ئاشۇ ئىسملارنى قويماسلىقنى قايتا - قايتا تەشۋىق قىلىپ ماقالە چىقارغان ئىكەن . بۇ ماقالىنى چوڭلار كۆرۈپ دىيىشىۋاتقان چاغدا كىچىك بالىلار ئاڭلاپ قالغان چېغى ، شۇنى باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان بالىلار ئۆز - ئارا تەشۋىق قىلىپ ، ساۋاقداشلىرى ئارىسىدىكى ئارقىسىغا فىرە، مىرە دەپ قويۇلغان ئىسمى بار ساۋاقداشلىرىنى ئاشۇنداق << چاشقاننىڭ بالىسى .... نىڭ بالىسى >> دىگەندەك لەقەم بىلەن چاقىرىپ، ئۇلارنىڭ سەبىي دىلىغا ئازار بېرىپتۇ . ئاشۇ ئوسمۈر ، تېخى ئاغزىدىن ئانا سۈتىنىڭ پۇرىقى كەتمىگەن سەبىيلەرنىڭ يۈرۈكىدە بىر داغنى پەيدا قىلىپ ئۇلارنىڭ پىسخىكىسىدا ئادەملەردىن قېچىش ، يىرگىنىش، يالغۇزلۇقنى خالاشتىن ئىبارەت نورمال بولمىغان پىسخىكىلىق ھالەتنى شەكىللەندۈرۈپتۇ. مەكتەپتە ئوقۇشنى خالىمىغان ئۈچ ئۆسمۈرمۇ ئاشۇ ئىسىملارنىڭ قۇربانى ئىكەن . كېيىن نۇرغۇن تەربىيە، تەسەللىيلەر ئارقىلىق ئىككى بالا باشقا مەكتەپكە يۆتكىلىپ ئوقۇۋاتقان بولسىمۇ ، بىر بالا ئوقۇشتىن ۋاز كېچىپ ، كىچىككىنە تۇرۇپلا بىلىمسىزلىكنىڭ يولىغا قەدەم باستى . بەلكىم مۇشۇ سەۋەپتىن كەمسىتىشكە ئۇچرىغانلار باشقا شەھەرلەردىمۇ بولسا كېرەك .

كېيىن ماتىريال ئارقىلىق ئىزدىنىپ كۆرسەم، ئاشۇنداق ھايۋاننىڭ ئىسمى بىلەن شەرھىلەنگەن مەنىلەر ئەرەپچىدىن ئېلىنغان ئىكەن . مۇشۇ ئىسىملارنىڭ ئۇيغۇرچە مەنىسىنى ئىزدەپ تاپايچۇ، دىگەن بولساممۇ ۋاقىت زىچلىقى تۇپەيلىدىن كىتاب كۆرۈشكە ۋاقىت چىقىرالمىدىم . ئىشىنىمەنكى مول بولغان تىل بايلىقىمىزدىن بۇنچىلىك ئىسىملارنىڭ مەنسى چوقۇم تېپىلىدۇ.

       بۇ يىلمۇ مۇشۇ ئىسىملار توغرۇلۇق بىر نەچچە مۇنبەردە تېما يوللاندى، ئىنكاسلاردا ئاساسەن ئاشۇ قاراشنى قوللىغانلار ھەمدە ئاشۇنداق ئىسمى بارلارنى ئۆزگەرتىشنى دەۋەت قىلغانلار تولىمۇ كۆپ بولدى . ئاخىرى بولماي ئىسىملىرىمىزنىڭ مەنىسىنى ئۇيغۇر تىلىمىزدىن ئىزدەشنى تەۋىسىيە قىلىپ ئىنكاس يازدىم . كىم بىلسۇن ئاشۇ ئىنكاسىم سەۋەپلىك دەھشەتلىك ھاقارەتكە ئۇچرىدىم، بەزىلەر مېنى كاپىر . دىنسىزغا چىقىرىشتى . مەنمۇ ئۇلارغا چىرايلىق قىلىپ << تور موللىسى>> ( پەقەت توردىلا بىلجىرلاشنى بىلىدىغان ، قۇرئاندىكى ھەدىسلەرنى ئۆزلىرى خاتا دەپ قارىغان ئىشلارغا ئۆز ھېسسىياتى قالايمىقان تەدبىقلىغان، ھىچقانچە بىلىمى بولمىسىمۇ باشقىلارنى ئۆزىگە مايىل قىلىش ئۈچۈن موللا كۆرسىتىپ ساختىلىق بىلەن جان بېقىۋاتقانلار ، ئۆزىنى ھەممىلا يەردە موللا دەپ جار سېلىۋاتقانلاغا قارىتىلغان) دىگەن نامنى قۇيۇپ قويدۇم .

تور بەتلىرىمىزدە نۇرغۇن ئىسىل دىنىي يازمىلار بار ، قارىساق ھەممىسى بىزنى ئادىمىيلىككە، ئەدەپ ئەخلاققا ئۈندەيدىغان ، ھەدىسلەرنىڭ تەدبىقلىنىشى ، ھەدىسلەرگە بەرگەن تەبىرى ئوقۇرمەننى قايىل قىلماي قالمايدۇ . چۇنكى ئۇلار يازمىلىرىنى ئەرەپلەرنىڭ كۆز قارىشىغا ئەمەس بەلكى بىز مۇسۇلمانلارنىڭ ئۇلۇق كىتابى قۇرئان كەرىمگە تايىنىپ يازغان كىشىلەرنىڭ مەنىۋى دۇنياسىدا خېلى زور ئىلگىرلەشنى پەيدا قىلىشقا كۈچ چىقارغان . مانا ئۇلارنى ھەقىقى موللا ، بىلىملىك دىنىي زاتلىرىمىز دەپ ئاتاشقا بولىدۇ .

خوش، نەق گەپكە كېلەيلى، ئۈزىمىزنىڭ شۇنداق مول بولغان تىل بايلىقىمىز تۇرۇپ ، ئىسمىمىزنىڭ مەنىسىنى نىمىشقا ئۆز تىلىمىزدىن ئىزدىمەي، ئەرەپلەرنىڭ تىلىدىنلا ئىزدەيمىز ؟ مۇشۇ ئىسىملار توغرۇلۇق توختىماي ئەرەپلەرنىڭ كۆز قارىشىنى تەكىتلەۋاتقان تور موللىلىرىنى نىمە دەپ چۈشۈنۈش مۇمكىن .  لېكىن ئېسىمىزدىن چىقارمايلى ، نەگىلا بارايلى ، نىمە ئىش قىلايلى قېنىمىزدا ئېقىۋاتقىنى ئۇيغۇرنىڭ قېنى . بۇنى مەڭگۇ ئۆزگەرتەلمەيمىز . شۇڭا ھەرقانداق بىر مەسىلىگە مۇئامىلە قىلغاندا ئۆز كىملىكىمىز ، ئۆز تىلىمىز نوقتىسىدىن قاراپ مۇئامىلە قىلايلى .

ئىسىم قويۇشتا قىينىلىۋاتقان ۋە باشقىلاردىن ئۇيغۇرچە ، تۈركچە ئىسىملارنى ئېيتىپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان تورداشلارنىڭ بىر ۋاق تاماق پۇلىنىڭ مەرىدىن ۋاز كېچىپ ، كىتاپخانىلىرىمىزغا بېرىپ << ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى ۋە ئۇنىڭ مەنىسى>> ، << تۈرك كىشى ئىسىملىرى ۋە ئۇنىڭ مەنىسى >> دىگەن كىتاپلارنى سېتىۋېلىپ ئائىلىسىدە ساقلاپ قويۇشنى تەۋىسىيە قىلىمەن . بۇ سىزنىڭ بالىڭىزغا ئىسىم قويۇشىڭىزغا ۋە باشقىلارنىڭ ئىسىم قويۇشىغا ياردەم بېرىشىڭىزغا كۆپ ياردەم بېرەلەيدۇ .


سەمىمىي ئەسكەرتىش : ئىنكاسىمغا ئىلمى ئاساستا نەقىل جاۋاپ قايتۇرسىڭىز ، تەنقىدى پىكىر بەرسىڭىز بولىدۇ . پىكرىڭىزنى قوللايمەن. ئەمما ئاشۇ تور موللىسى دىگەن گەپنى تۇتقا قىلىپ شەخسىيىتىمگە زەربە بېرىمەن دىسىڭىز سىزنى تېخىمۇ ئېغىر ھاقارەتلەرنىڭ كۈتىدىغانلىقىنى ئېسىڭىزدىن چىقارماڭ!
  

ئەركىنلىك ئىنسان ئۈچۈن ئەڭ قىممەتلىك  .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش