بۇ 13قەۋەتتىكىtaklimakan يوللىغان 2011-08-22 01:15 غا قارتىلغان :
ئۇيغۇرىيە دېگەن سىز تىلغا ئالغان ئىسلامچە ئىسىم ئەمەس ئەفىيفىي. ئۇ تىپىك ئۇيغۇرچە ئىسىم. يەنى مېنىڭ قىزىمنىڭ ئىسمى. 
ئۇيغۇرىيەنى نېمىشقا ئىسلامچە ئىسىم ئەمەس دەيسىز.... ئەرەبچە بولمىغانلىقى ئۈچۈنلىما؟ ياكى ئۇيغۇرلار ئىسلام ئىچىدە ئەمەسمۇ؟
سىلەر دائىم سادىر قىلىۋاتقان خاتالىق دەل مۇشۇ يەردە: ئىسلامنى ئەرەب مەدەنىيىتى دەپ ئويلاپ قېلىۋاتىسىلەر،ئۇنداق ئەمەس، ھەرگىزمۇ ئۇنداق ئەمەس... پەقەت قۇرئان ئەرەبچە نازىل بولغان... قۇرئاننىڭ پۈتۈن مەزمۇنى ئەرەب مىللىتىنىڭ يوشۇرۇن ئېڭىنىڭ مەلۇم بىر يازغۇچى تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلىشى ئەمەس، بەلكى، پۈتۈن ئىنسانىيەتكە ئورتاق بولغان بىر ھەقىقەتنىڭ ئاللا تەرىپىدىن بىر ئەرەبتىن چىققان پەيغەمبەر ئارقىلىق ئىنسانلارغا نازىل قىلىنىشى.