- ھوقۇقى
- 1
- يازما
- 34
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 390
- تىزىملاتقان
- 2010-5-26
- ئاخىرقى قېتىم
- 2011-2-14
- UID
- 1950
- يازما
- 34
- تېما
- 3
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 390
- تىزىملاتقان
- 2010-5-26
- ئاخىرقى قېتىم
- 2011-2-14
- توردا
- 0 سائەت
|
5-قەۋەتتىكى تورداش بۇلبۇلگويانىڭ تەلىۋىنى مەن ئورۇنداپ قوياي:
نازىركوم
<< نازىركوم >>-پەقەت تۇرپان ئۇيغۇرلىرىغا خاس،روشەن رايون خاراكتىرىگە،چوڭقۇر ئاممىۋى مەدەنىيەت تىندۇرمىسىغا ئىگە بولغان ناخشا-ئۇسۇللۇق خەلىق مۇزىكىسى بولۇپ،<< نازىركوم >> دېسە كىشىلەرنىڭ كۆز ئالدىغا شۇئانلا تۇرپانلىقلار،يۇمۇرلۇق خەلىق ئۇسۇلى كېلىدۇ.ئادەتتە تۇرپاندا قانداقلا مەشرەپ،مەرىكىدە بولسۇن،قانداقلا سورۇن،زامانىۋى رېستۇراندا بولسۇن كۆڭۇل ئېچىش،سەنئەت،پائالىيەتلىرى قىزغىن،شوخ،يۇمۇرلۇق نازىركوم ئۇسۇلى بىلەن ئاخىرلىشىدۇ.بىز بۇنۇڭدىن نازىركومنىڭ تۇرپان كىشىلىرىنىڭ مەدەنىيەت قاتلىمىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغانلىقىنى كۆرۋالالايمىز. نازىركوم ئۇسۇلىنىڭ دەسلەپكى بىخلىرىنى ناھايىتى ئۇزۇن زامانلاردىن ئىلگىركى ۋاقىتلارغىچە ئىزدەشكە توغرا كېلىدۇ. بۇندىن تەخمىنەت 1300 يىللار ئىلگىرىلا << نازىركوم >> ئۇسۇلىنىڭ دەسلەپكى ئىپادىلىرى شەكىللىنىشكە باشلىغان.تەتقىقاتچى ئابدۇقېيىم خوجا مۇنداق دەيدۇ<< بولۇپمۇ ئۇيغۇر خەلق ئۇسۇللىرى ئىچىدە ئەۋلادتىن ئەۋلاتقىچە ئوينىلىپ كېلىۋاتقان << دولان سەنىمى >> قاتارلىق ئۇسۇللار ۋە نازىركوم ئۇسۇلىدىكى ھايۋاناتلارنىڭ ھەركەتلىرىگە تەقلىد قىلىپ ئوينىلىدىغان ھەرخىل كۈلكىلىك ھەركەتلەر قەدىىمىلىكى جەھەتتىن تولىمۇ قىممەتلىك ئورۇندا تۇرۇدۇ...<< نازىركوم >> ئۇسۇلىدا ئۇسۇل تازا ئەۋجىگە چىققاندا ئۇسۇلچىلار ئاجايىپ كۈلكىلىك ۋە قىزىقارلىق ھەركەتلەر بىلەن ئۆز ماھارەتلىرىنى كۆرسىتىدۇ.بولۇپمۇ ھەر خىل ھايۋانلارنىڭ ھەركەتلىرىنى دوراپ ئوينىغاندا،ئىككى نەپەر ئۇسۇلچىنىڭ بىرى يېڭىپ چىققان ھايۋاننىڭ ئوبرازىنى دورىسا، يەنە بىرى يېڭىلگەن ھايۋاننىڭ ئوبرازىنى دوراپ ئوينايدۇ،مانا بۇلار ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ قەدىمكى چارۋىچىلىق،ئوۋچىلىق تۇرمۇش ئادەتلىرىنىڭ ئۇسۇل ئىچىدە ساقلىنىپ قالغان بىردىنبىر نەمۇنىلىرى ھىساپلىندۇ.>> تۇرپان خەلق ئۇسۇللىرىدىن بولغان << نازىركوم >> دەۋىردىن دەۋىرگە ،ئەۋلادتتىن- ئەۋلادقا،رايۇندىن رايۇنغا كۆچۈپ تارقالغان ( مەسىلەن :نازىركومنىڭ ئىلى رايۇنىدا << قارا يورغام >> دەپ ئاتىلىشى بۇنۇڭ بىر مىسالى). بۇ ئۇسۇلدا خەلقىمىز ئۆزىنىڭ ئىچكى ھىسياتىنى پۇت-قول ۋە بەدەن ھەركىتى بىلەن ئىپادىلەپ بېرىدۇ.دەۋىرلەر مابەينىدە ئۇسۇلنىڭ تۇرمۇشچانلىقى بارغانسىرى ئېشىپ،كۈچىيىپ تەرەققى قىلىپ،دەۋىردىن دەۋىرگە ئۆتۈش جەريانىدا پىششىقلىنىپ،تاۋلىنىپ،مۇكەممەللىشىپ،مۇئەييەن بىر كوللىكتىپ ئۇسۇلغا،ھەممە ئادەم ئۆزىنىڭ ھىسياتىنى ئىپادىلەيدىغان ئۇسۇلغا ئايلانغان. نازىركوم ئۇسۇلى مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا ،<< خىرىس >> ئۇسۇلى بولۇپ،نازىركوم ئوينىلىدىغان سورۇندا ھەرگىز يالغۇز كىشى ئورۇندىمايدۇ،بۇنۇڭدا چوقۇم ئىككى ياكى ئىككىدىن ئارتۇق ئادەم بىر بىرى بىلەن << خىرىس >> قىلىشىپ ئوينايدۇ.توي- تۆكۇن، مەشرەپلەردە چوقۇم << نازىركوم >> ئوينايدىغان ماھىر ئۇسۇلچى بولۇشى كېرەك.مۇبادا ماھىر بولمىسا،باشقا مەھەللە،كەنتلەردىن تەكلىپ قىلىندۇ ياكى مەھەللىلەر ئارا نازىركومچىلار ئۆز-ئارا بەستلىشىپ << خىرىس >> قىلىپ ئوينايدۇ.يېڭىلگىنى مەيداندىن چېكىندۇ، يەڭگىنى يەنە باشقىسىنى مەيدانغا چۇشۇشكە ئۈندەپ،<< قايسىڭ چىقىسەن >> دىگەن ئىشارەت ھەركەتلىرى بىلەن غەلبىسىنى تەنتەنە قىلىپ،رىقابەتچىنى مەيدانغا چۇشۇپ بەستلىشىشكە چاقىرىدۇ.شۇ ۋەجىدى تاماشىبىنلار توپىدىن يەنە بىر نازىركومچى مەيدانغا چىقىپ،ئويۇننى ئەۋجىگە كۆتۇرىدۇ.ئەگەر يېڭىدىن چۇشكەن نازىركومچى ھەركىتى چاققان،تېتىك،رەڭدار ۋە كۈچلۈك بولسا شۇ يېڭىپ،غەلبىنى تەنتەنە قىلىپ،نازىركوم ئوسۇلىنىڭ ئەڭ ئەۋجىگە كۆتۇرۈلگەن پەللىسى << چاققا-جۇمبۇرچاق>> قىچە ئويناپ،كىشىلەرنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشىدۇ.بۇ غەلبىنى قولغا كەلتۇرگۈچە ناھايىتى زور كۈچ سەرپ قىلىدۇ.نازىركوم ئۇسۇلىنى ئوينىغۇچى چوقۇم كۈچلۈك بەدەن ساپاسىغا ئىگە بولۇشى كېرەك. << نازىركوم >> ئاھاڭى ئالتە بۆلەكتىن تەركىپ تاپقان،<<نازىركوم>>نىڭ 1-بۆلۈكىنىڭڭ خۇسۇسىيتى لەرزان،مەردانە،سالماق بولۇپ،بۇ كۈي چىقىشى بىلەنلا ئادەمنىڭ زوقىنى ئۇرغۇتۇپ،ھەممە ئادەمنىڭ ئۇسۇل ئوينۇغۇسى كېلىدىغان بىر خىل قىزغىن كەيپىيات ھاسىل بولىدۇ.2-بۆلۈكىنىڭ خۇسۇسىيىتى 1-بۆلۈكىگە قارىغاندا قىزغىن كەيپىيات يەنە بىر بالداق كۆتۈرۈلىدۇ.3-بۆلۇكىنىڭ ئالاھىدىلىگى ئاھاڭ رەڭدارلىقى ئالدىنقى بۆلەكلەرگە قارىغاندا كىشىنىڭ زوقىىنى ئالاھىدە قوزغايدۇ.كەڭ تاماشىبىنلارغا يېڭىچە تۇيغۇ بېغىشلايدۇ.4-بۆلۈكىنىڭ ئالاھىدىلىگى-ئۇدار شەكلىدە ئالاھىدە پەرقلىق بولۇپ،ئالدىنقى بۆلەكلەرگە ئوخشىمىغان ئاساستا ھەركەتتە شوخ،تېتىك،بولغان كەيپىياتنى ھاسىل قىلىدۇ.بۇ ۋاقىتتا ئۇسۇلچىدا كېيىنكى بۆلەككە ئىختىيارسىز ئىنتىلىدىغان بىر خىل كەيپىياتنى ھاسىل قىلىدۇ.ئەڭ ئاخىرقى بۆلۈكى،يەنى5-بۆلىكى << نازىركوم >> نىڭ ئەۋجىگە چىققان بۆلۈكى بولۇپ،بۇ بۆلەك ئورۇندالغاندا ئەتراپتىكى تاماشىبىنلار ئىختىيارسىز ھالدا سۇرەن-چوقان كۆتۈرۈپ،سورۇنغا ئالاھىدە بىر خىل كۈچ ئاتا قىلىدۇ. ئۇسۇلچىلارمۇ ئالاھىدە زوقمەنلىك بىلەن خىلمۇ- خىل ھەركەت ئىپادىلىرى ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ ماھارەتلىرىنى ئالاھىدە نامايان قىلىدۇ. تۈگەللىمە قىسمى<<چاق-جۇمبۇرجاق>> ئاھاڭى بولۇپ،بۇ قىسمىدا ئۇدار <<ئالالمايسەن-ھە-ھە، ئالالمايسەن -ھە>> دىگەن ئۈندۈگۈچى،دەيدەيگە سالغۇچى سۆز بىلەن كۈچلەندۇرۇلىدۇ بۇ قىسىم مەيداندا نازىركوم ئويناپ ئەڭ ئاخىرى باشقىلارنى شاللاپ،تاللىنىپ چىققان ياكى باشقىلارنى ئۆزىنىڭ ھەزىل قىلىقى،كۈچلۈك دوراش ھەركىتى ئارقىلىق يېڭىپ كەلگەن نازىركومچىلاردىن ئىككى كۈچلۈك رىقابەتچى تەڭ كېلىپ قېلىپ قالغاندا ئورۇندۇلىدۇ.ئادەتتە كۆپۈنچە ھاللاردا ئەگەر كۈچلۈك رىقابەتچى بولمىسا << نازىركوم >> بۇ قىسىمغا بارمايلائاخىرلىشىپ كېتىدۇ. دىمەك << نازىركوم >> يۇقارقى ئالتە بۆلەكتىن تەركىپ تاپقان بولىدۇ. << نازىركوم >> ئاتالغۇسى ھەققىدە پىچان لۈكچۈنلۈك مەرھۇم يازغۇچى،تارىخچى ھېلىمنىياز قادىر مۇنداق دەپ قارايدۇ: بۇرۇنقى دەۋىرلەردە << تۇرپان مۇقامى >>نىڭ تۈگەللىمە قىسمى << دۈم-دۈم چۈشۈرگۈسى >> دەپ ئاتىلاتتى.<< دۈم-دۈم چۈشۈرگۈسى >> دە ھازىرقى بىز دەۋاتقان نازىركومغا خاس ئۇسۇللار ئوينىلاتتى،دىمەك << نازىركوم >> تۇرپان مۇقامىنىڭ ئورتاق چۈشۈرگۈسى بولۇپ، << تۇرپان مۇقامى >> نىڭ دەسلەپكى شەكىللىرى قۇچۇ ئۇيغۇر خانلىقى دەۋرىدىكى << قۇچۇ كۈيلىرى >> دە بار بولغاچقا، << نازىركوم >> نىمۇ قۇچۇ ئۇيغۇرلىرى دەۋرىدىلا شەكىللىنىشكە باشلىغان دىيىشكە بولىدۇ.ئەمدى قاچانلاردا كىم تەرىپىدىن << نازىركوم >> دەپ ئاتىلىپ قالغانلىق مەسىلىسىگە كەلسەك: مەشھۇر تۇرپان ۋاڭى-ئىمىن خوجا دەۋرىدە لۈكچۈندە نازىراخۇن ئىسىملىك بىر ئاتاقلىق ھەجۋى ئۇسۇلچى ئۆتكەن.ئۇ ئىمىن غوجىنىڭ تەكلىپى بىلەن ئوردىغا كىرىپ،ئىمىن غوجىنىڭ تۇغما مېييپ ئوغلى نۇرمۇھەممەت غوجىغا ھەر خىل قىزىقچىلىقلارنى قىلىپ،ھەجۋىي ئۇسۇللارنى ئويناپ،ئۇنىڭ كۆڭلىنى خوش قىلغان.ھېچقانداق چالغۇ،مۇزىكىسى بولمىغان ئەھۋالدىمۇ،ئاغزىدا داپنىڭ دۈمىگە كەلتۇرۇپ،<< گۈم >>،<< گۈم >> دەپ پاۋۇز چىقىرىپ،ھەرخىل ھايۋانلارنى،باي،پارىخور ئەمەلدارلارنى،زومىگەر ئوغرىلارنى،ھەتتا نازىنىن بۇزۇق ئاياللارنى دوراپ ئويناۋەرگەن.بۇنۇڭدىن ھەيران قالغان ئىمىن غوجا نازىرئاخۇننى << نازىرگۇم >> دەپ ئاتىغان. بۇ ئىسىم بارا - بارا << نازىركوم >> غا ئۆزگەرگەن.
مەنبەسى: ئۆمەرجان سىدىقنىڭ << بىلىمنامە >> دىگەن كىتاۋىدىن ئېلىندى. |
|