- ھوقۇقى
- 1
- يازما
- 69
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 2759
- تىزىملاتقان
- 2010-8-16
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-11-11
- UID
- 4676
- يازما
- 69
- تېما
- 1
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 2759
- تىزىملاتقان
- 2010-8-16
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-11-11
- توردا
- 0 سائەت
|
ئەمىسە مەنمۇ يانداشتىم:
تۇيۇقىسز ساياھەتچىلەر ئاپتۇبوسىدا مۇرات ناسىروف ئېيتقان ئاتۇش دېگەن ناخشىسى قويىلىشقا باشلىدى.......(ئەپسۇس،سەۋىيەم چەكلىك بولغانلىقى ئۈچۈن ئىكرانغا بىۋاستە چىقىرالمىدىم)
http://www.mungkuy.com/Html/1/Play_538.html
ئاتۇش دېگەن ئوبدان يۇرت ،
دۈشەنبە بازارى بار .
غېرىپلارنى قوللايدۇ ،
ھەز سۇلتان مازارى بار...
.......
.......
.......
ساياھەتچىلەر دىققەت!!!ئالدىمىزدىكىسى گۈزەل ئاتۇش دىيارى،ئەمدى كەمىنە ئۆتكۈر سىلەرگە بۇ يۇرت توغرىسىدا ئازراق چۈشەنچە بەرمەكچى:
ئاتۇش شەھىرى تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبىي ئېتىكىگە، تارىم ئويمانلىقىنىڭ غەربىي شىمال قىسمىغا جايلاشقان. شەرق تەرىپى مارالبېشى ناھىيىسى بىلەن، جەنۇب تەرىپى قەشقەر كونا شەھەر ناھىيىسى، پەيزىۋات ناھىيىسى بىلەن، غەرب تەرىپى ئۇلۇغچات ناھىيىسى بىلەن، شەرقىي شىمال قىسمى ئاقچى ناھىيسى بىلەن تۇتىشىدۇ. غەربىي شىمال قىسمى قىرغىزىستان بىلەن چېگرىلىنىدۇ (چېگرا لىنىيىسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 124 كىلومېتىر). شەرقتىن غەربكىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى 241 كىلومېتىر. جەنۇبتىن شىمالغىچە بولغان كەڭلىكى 136 كىلومېتىر. ئومۇمىي يەر مەيدانى 14 مىڭ 100 كۋادرات كىلومېتىر. ئۇنىڭغا يەتتە يېزا، ئىككى مەھەللە ئىش باشقارمىسى، 12 ئاھالە كومىتېت، 76 كەنت ئاھالە كومىتېتى قارايدۇ. ئاتۇش شەھىرىنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 1428 كىلومېتىر. 1995 - يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى ئومۇمىي نوپۇسى 181 مىڭ 700، بۇنىڭ ئىچىدە قىرغىزلار 13.04% نى، ئۇيغۇرلار 80.19% نى، خەنزۇلار 6.66% نى، باشقا مىللەتلەر 0.11% نى تەشكىل قىلىدۇ. ئاتۇش خەن سۇلالىسى دەۋرىدە سۇلى دۆلىتىنىڭ يېرى بولۇپ، غەربىي يۇرت قورۇقچىبەگ مەھكىمىسىگە قارىغان. سۇلى خانى باشقۇرغان. سۈي سۇلالىسى دەۋرىدە غەربىي تۈرك خان ئوردىسىغا قارىغان. تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ئەنشى قورۇقچىبەگ مەھكىمىسىنىڭ باشقۇرۇشىدا بولغان. سۇلى تۇتۇق مەھكىمىسىنىڭ يېرى بولغان. مىلادى Ⅹ ئەسىردىن Ⅲ Ⅹ ئەسىرگىچە شەرقىي قاراخانىيلار خانلىقىنىڭ ئوردىسى تۇرۇشلۇق جاي بولغان. يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدە بېشبالىق ۋاقىتلىق دىۋان ۋازارىتىگە قارىغان. چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە قەشقەر كونىشەھەر ناھىيىسىگە قارىغان. مىنگونىڭ 27 - يىلى (1938 - يىلى) ئاتۇش باشقۇرۇش ئىدارىسى تەسىس قىلىنغان. مىنگونىڭ 32 - يىلى (1943 - يىلى) ناھىيە قىلىپ تەسىس قىلىنىپ، قەشقەر مەمۇرىي رايونىغا قارىغان. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىلدە قەشقەر ۋالىي مەھكىمىسىگە قارىغان. 1954 - يىلى قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى قۇرۇلغاندىن كېيىن، ئاتۇش ناھىيىسى بۇ ئوبلاستنىڭ باشقۇرۇشىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن. 1986 - يىلى ناھىيە ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، شەھەر قىلىپ قۇرۇلغان. ھازىر ئۇ ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ مەركىزى.تەۋەسىدە ئېگىز تاغلار كۆپ، جۇغراپىيىلىك يەر تۈزۈلۈشى شىمالىي قىسىمى ئېگىز، جەنۇبىي قىسمى تۆۋەن. تاغ يېرى 65.7% نى، تۈزلەڭلىك 15.6% نى، چۆل - جەزىرە، شورلۇق 18.7% نى ئىگىلەيدۇ. چاقماق دەرياىس ۋە بوغاز دەرياسى قاتارلىق دەرياسى بار. يەر ئۈستى سۇ بايلىقى 410 مىليون كۇب مېتىر. تۈزلەڭلىك رايونلىرىنى تەمىنلەيدىغان يەر ئاستى سۈيى مىقدارى 280 مىليون كۇب مېتىر. ياۋايى ھايۋانات بايلىقىدىن يىلپىز، قوڭۇر ئېيىق، ئاق بوغۇز بۆكەن، ئۇلار، ياۋا توڭگۇز قاتارلىقلار بار. ياۋا دورا ئۆسۈملۈك بايلىقىدىن چۈچۈكبۇيا، قانتېپەر، مەرزەنچۇش قاتارلىقلار بار. بايقالغان قېزىلما بايلىقلىرىدىن ۋانادىي، تىتان، تۆمۈر، قوغۇشۇن، سىنك، تۇز، مىس، ئالتۇن قاتارلىقلار بار. ئاتۇش شەھىرى ئىللىق مۆتىدىل بەلۋاغ قۇرغاق ئىقلىم رايونىغا كىرىدۇ. يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى 12.9℃، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىسى 41.2℃، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرىسى - 24.4℃، يىلدا ئوتتۇرىچە ھېساب بىلەن 90.4، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرىسى 30℃ تىن يۇقىرى بولىدۇ. كۈننىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە چۈشۈش ۋاقتى 7256.6 سائەت، 10℃ جۇغلانما تېمپېراتۇرىسى 4697.7℃. قىروسىز مەزگىلى 243 كۈن. يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل - يېغىن مىقدارى 760 مىللىمېتىر. سۇنىڭ پارغا ئايلىنىش مىقدارى 3229.3 مىللىمېتىر. بۇ شەھەر دېھقانچىلىقنى ئاساس قىلىدۇ. ھازىر بار بولغان تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 13 مىڭ 100 گېكتار (196 مىڭ 500 مو). تۈزلەڭلىكتىكى سۈنئىي ئورمانلىق كۆلىمى 14 مىڭ 100 گېكتار (212 مىڭ مو)، تاغلىق رايوندىكى كېيىن شەكىللەنگەن تەبىئىي ئورمان كۆلىمى 10 مىڭ گېكتار (150 مىڭ مو)، ئوتلاق كۆلىمى 401 مىڭ 400 گېكتار (6 مىليون 21 مىڭ مو). سۇ كۆلىمى بىر مىڭ 200 گېكتار ( 18 مىڭ مو). دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىدىن بۇغداي، كۆممىقوناق، كېۋەز، ياغلىق دان، قوغۇن - تاۋۇز، مېۋە - چېۋە قاتارلىقلار بار. باغۋەنچىلىك بۇ شەھەرنىڭ تۈۋرۈك كەسپى بولۇپ، ئەنجۈر، مۇناقى ئۈزۈم، خۇۋەينە ئۆرۈك، قارا كۆسەي قوغۇن ۋە شاپتۇل، نەشپۈت، ئانار قاتارلىقلار كۆپ چىقىدۇ. مۇناقى ئۈزۈم 95 - يىللىق جۇڭگو يېزا ئىگىلىك كۆرگەزمىسىدە ئالتۇن مۇكاپاتقا ئېرىشكەن. ئەنجۈر قېقى، قوغۇن قېقى شياڭگاڭ، پاكىستانلارغا سېتىلىدۇ. چارۋچىلىقىدا كالا، قوي ئاساس قىلىنىدۇ. بازار سودىسى ناھايىتى تەرەققىي قىلغان. شەھەر رايونىدىكى سودا - سانائەت توپ سېتىش بازىرى يايما ئورنىنىڭ كۆپلىكى، تۇۋارلىرنىڭ تولۇقلىقى بىلەن <شياڭگاڭ بازىرى> دەپ ئاتالغان. مىللىي بۇيۇملىرىدىن كىگىز، دوپپا، ئات جابدۇقى، ئاپتۇۋا، چىلاپچا ۋە قىرغىزلارنىڭ تام سەرەمجانلىرى قاتارلىقلار بار. ئاتۇش شەھىرىنىڭ ئۇل مۇئەسسەسەلىرى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاندى. شەھەر رايونىنىڭ قەشقەر ئايرودورمى بىلەن بولغان ئارىلىقى ئاران 30 كىلومېتىر كېلىدۇ. دۆلەت تاشيولىنىڭ 314 - لىنىيىسى، ئۆلكە تاشيولىنىڭ 309 - لىنىيىسى شەھەر ئىچىدىن ئۆتىدۇ. ھازىر 10 مىڭ پروگراممىلىق تېلېفون پۈتۈن مەملىكەت بىلەن تورلاشتۇرۇلدى. بۇ شەھەرنىڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىدىن ئىسلام دىنىي پىشۋاسى سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان مازىرى، سۇلى دۆلىتى ۋە قاراخانىيلار خاندانلىقى ئوردىسى خارابىسى، مور بۇددا مۇنارى، خەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى ئۈچ مېرۋان غارى قاتارلىقلار بار.
تارىخىي مەنبەلەردە كۆرسىتىلىشىچە، ئاتۇش ئۇيغۇرلىرى ئىتنىك جەھەتتىن قەدىمكى ئۇيغۇر قەبىلىلەر ئىتتىپاقى ئىچىدىكى ئاساسلىق قەبىلىلەرنىڭ بىرى بولغان ياغمىلارنىڭ ئۇرۇغ - ئەۋلادلىرى دەپ قارايدۇ.
بۈگۈنكى ئاتۇش ئۇيغۇرلىرىنىڭ قىياپەت تەسۋىرى قەشقەر ئۇيغۇرلىرىنىڭ قىياپەت تەسۋىرى بىلەن ئاساسەن ئوخشاپ كېتىدۇ. يەنى باش سۆڭىكى يۇمىلاقراق، چاچ ۋە ساقاللىرى قويۇق ۋە قارا، بۇرنىئىنچىكە، لېكىن ئېگىزرەك (قاڭشالىق)، بۇغداي ئۆڭلۈك، قوي كۆزلۈك، ئوتتۇرا بوي، بەدەن مۇسكۇللىرى چىڭ، يۈزى سوقىچاقراق (ئات يۈز)، كۆز قارچۇقى ئۆتكۈز، ئەگمە قاش،قاپىقىنىڭ قېتى كەڭرەك كېلىدۇ.
ئاتۇش ئۇيغۇرلىرى ئىشچان ۋە پەم - پاراسەتلىك بولۇپ، ئىلىم - مەرىپەتنى قەدىرلەيدۇ ۋە ھۆرمەتلەيدۇ، يېڭىلىققا ئىنتىلىدۇ، جاپا - مۇشەققەتتىن زارلانمايدۇ، بەلكى ئۆز ئەقىل پاراسىتى ۋە كۈچىگە تايىنىپ بەخىتلىك تۇرمۇش يارىتىش روھى ئۈستۈن.
ئاتۇش ئۇيغۇرلىرى ئۆز ئارا ئۆز ئارا ئىناق ۋە ئىتتىپاق ياشايدۇ، قەيەردە ئولتۇراقلىشىشىدىن قەتئىينەزەر، ئۆزئارا ئىزدىشىپ بىر - بىرىگە ياردەم بېرىدۇ ۋە ئەقىل كۆرسىتىدۇ. يوقسۇللىرىغا خەير - خاھلىق قىلىدۇ.
تىجارەت ۋە سودا سېتىققا كامىللىقى، سۆزدە مۇلايىم ۋە چىۋەرلىكى، ئۆز ئىشىغا پۇختىلىقى، كەمتەرلىكى ۋە سىڭىشچانلىقى، ئالدىن كۆرەرلىكى قاتارلىق ئالامەتلەر ئاتۇش ئۇيغۇرلىرىنى خاراكتېرلەيدىغان تۈپ ئالامەتلەردۇر.
بۇ يۇرت ئۇيغۇرلارنىڭ دىن،ئىقتىساد،مۇئارىپ ۋە مەدەنىيەت ،تەبتەربىيە بۆشىكى،بۇ بىر ھاياتىي كۈچكە تولغان يۇرت.........
.........................................................................................................................
.........................................................................................................................
ئاپتۇبۇسنىڭ سىن قويغۇچىدا گۈزەل ئاتۇش مەدھىيەلەنگەن فىلىم قويۇلۇشقا باشلىدى.....(سەۋىيە چەكلىك،ئىكرانغا چىقىرالمىدىم)
http://bbs.kangsay.com/read.php?tid=2124
چۈشلۈك تاماقنى مۇنۇ <چەۋەنداز ئارامگاھى>غا ئورۇنلاشتۇردۇق،غىزادىن كېيىن داۋاملىق تونۇشتۇرۇپ ماڭىمىز.ئاۋال تائام،ئاندىن كالام.....سەل تۇرۇپ كۆرىشەيلى. |
-
ھەممە باھا نومۇرى : + 80
باھا خاتىرىسى
|