مەنمۇ ئاۋاز قوشمىسام قەتئىيلا بولمىغۇدەك ، كىچىككەن , چەتكەن دىمەي كىلىشىپ تۇراسىلە ما يەرگىما ماخما ،، ئەمىسە چۈشەندۈرۈشنى باشلاي !
كېرىيە ناھىيىسى تارىم ئويمانلىقىنىڭ جەنۇبىي ئېتىكىگە، كوئىنلۇن تېغىنىڭ شىمالىي ئېتكىگە جايلاشقان. شەرق تەرىپى نىيە ناھىيىسىگە، غەرب تەرىپى چىرا ناھىيىسىگە تۇتىشىدۇ. جەنۇب تەرىپى شىزاڭ ئاپتونوم رايونىغا تۇتىشىدۇ. شىمال تەرىپى شايار ناھىيىسىگە تۇتىشىدۇ. جەنۇبتىن شىمالغىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى 471.7 كىلومېتىر. شەرقتىن غەربكىچە بولغان كەڭلىكى 122 كىلومېتىر. ئومۇمىي يەر مەيدانى 39 مىڭ 500 كۋادرات كىلومېتىر. ناھىيىگە ئىككى بازار، 13 يېزا، 168 ئاھالە كومىتېتى قارايدۇ. ناھىيە بازىرىنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 1329 كىلومېتىر. 1995 - يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى ئومۇمىي نوپۇسى 191 مىڭ بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلار 98.49% نى، خەنزۇلار 1.41% نى، باشقا مىلللەتلەر 0.1% نى تەشكىل قىلىدۇ. كېرىيە خەن سۇلالىسى دەۋرىدە ئۇزۇتقات، كېرىيە دۆلەتلىرىنىڭ يېرى ئىدى. تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ۋەيا تۇتۇق مەھكىمىسىگە قارىغان. يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدە موڭغۇل خانلىرىنىڭ سۇيۇرغاللىق يېرى بولغان. چىڭ سۇلالىسىنىڭ چيەنلۇڭ 24 - يىلى (1759 - يىلى) تۆتىنچى دەرىجىلىك ھاكىمبەگ تەسىس قىلىنغان. چىڭ سۇلالىسىنىڭ گۇاڭشۈ 8 - يىلى (1882 - يىلى) قاراقاش شەھىرىنى مەركەز قىلىپ كېرىيە ناھىيىسى قۇرۇلغان. گۇاڭشۈ 11 - يىلى (1885 - يىلى) مەركىزىي كېرىيە شەھىرىگە كۆچۈرۈلۈپ، قەشقەر دوتەي مەھكىمىسىگە قارىغان. 1959 - يىلى خەنزۇچە <于> (كېرىيە) دېگەن خەتنى <于田> دەپ ئۆزگەرتىلگەن. خوتەن ۋىلايىتىگە قارىغان. يەر تۈزۈلۈشى: جەنۇبىي ئېگىز، شىمالىي پەس. جەنۇبىي كوئىنلون تاغلىق رايونى، ئوتتۇرا، شىمالىي قىسمى تىنما تۈزلەڭلىك ۋە قۇملۇق. بۇنىڭ ئىچىدە تاغلىق رايون 31.3% نى، بوستانلىق 6% نى، چۆل - باياۋان 62.7% نى ئىگىلەيدۇ. كېرىيە دەرياسى قاتارلىق 11 دەرياسى بار. يەر ئۈستى سۇ بايلىقى بىر مىليارد 114 مىليون كۇب مېتىر. تۈزلەڭلىكتىكى يەر ئاستى سۇ بايلىقى مىقدارى 595 مىليون كۇب مېتىر. ياۋايى ھايۋانات بايلىقىدىن شىمال ئۆچكىسى، تېبەت بۆكىنى، يىلپىز، ياۋا قوتاز، ياۋا تۆگە، قۇلان، سۇغۇر قاتارلىقلار بار. ياۋا ئۆسۈملۈك بايلىقىدىن توغراق، يۇلغۇن، قومۇش، توشقان زەدىكى، چاكاندا، چۈچۈكبۇيا، لوپنۇر، كەندىرى قاتارلىقلار بار. بايقالغان قېزىلما بايلىقىدىن ئالتۇن، تۆمۈر، مىس، خرۇستال، تاش پاختا، قاشتېشى، چىرىمتال، كۆمۈر، گۈڭگۈرت قاتارلىقلار بار. كېرىيە ناھىيىس مۆتىدىل بەلۋاغ قۇرغاق ئىقلىم رايونىغا كىرىدۇ. يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى 11.6℃، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىسى 41.2℃، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرىسى - 24.3℃. كۈننىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە چۈشۈش ۋاقتى 2759.6 سائەت. 10℃ يىغىندا تېمپېراتۇرىسى 4199.6℃، قىروسىز مەزگىلى 214 كۈن. يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل - يېغىن مىقدارى 44.1 مىللىمېتىر. سۇنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە پارغا ئايلىنىش مىقدارى 2489.6 مىللىمېتىر. يىللىق ئوتتۇرىچە قاتتىق قۇم ئۇچۇش - بوران چىقىش ۋاقتى 17.8 كۈن. ناھىيىنىڭ دېھقانچىلىقى بىرقەدەر تەرەققىي قىلغان. ھازىر 23 مىڭ 800 گېكتار (357 مىڭ مو) تېرىلغۇ يەر. 9100 گېكتار (136 مىڭ 500 مو) ئورمانلىق، يەنە 213 مىڭ 300 گېكتار (3 مىليون 200 مىڭ مو) دېھقانچىلىق قىلىشقا باب كېلىدىغان قاقاس يەر 42 مىڭ 700 گېكتار (640 مىڭ مو) ئورمان يېتىشتۈرۈشكە باب كېلىدىغان قاقاس يەر بار. دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىدىن بۇغداي، كۆممىقوناق، شال، كېۋەز، مېۋە - چېۋە، كۆكتات قاتارلىقلار بار. چارۋىچىلىقى ئوتلاق چارۋىچىلىقى ۋە دېھقانچىلىق رايونى چارۋىچىلىقى دەپ ئايرىلىدۇ. چارۋىسىدىن كالا، قوي، ئېشەك قاتارلىقلار بار. پىلىچىلىكىمۇ مەلۇم كۆلەمگە ئىگە. سانائىتىدىن ئېلېكتر ئېنېرگىيىسى، دېھقانچىلىق ماشىنلىرىنى رېمونت قىلىش، پاختا چىقىرىش، قاشتېشى ئويمىچىلىقى، ئاشلىق - ماي ۋە يېمەكلىكلەرنى پىششىقلاپ ئىشلەش قاتارلىقلار بار. كېرىيە ناھىيىسىنىڭ ئاساسىي مۇئەسسەسەلىرى تەدرىجىي ياخشىلانماقتا. دۆلەت تاشيولىنىڭ 315 - لىنىيىسى ناھىيىنى كېسىپ ئۆتىدۇ. ناھىيە، يېزا يوللىرى گىرەلىشىپ كەتكەن 0002 پروگراممىلىق تېلېفون پۈتۈن مەملىكەت تورىغا كىرگۈزۈلدى. مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىدىن قارا دۆڭ خارابىلىقى، قازناق مەسچىت خارابىسى، ئىمامزار خارابىسى قاتارلىق تەبىئىي مەنزىرىلىك جايلىرى تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ ئوتتۇرىسىغا جايلاشقان. دەريا بويى يېزىسى ئۆزىنىڭ ئاجايىپ مەنزىرىسى بىلەن نۇرغۇن جۇڭگولۇق ۋە چەت ئەللىك ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلماقتا


.
كېرىيە ئاياللىرىنىڭ ئەنئەنىۋى باش كىيىمى-كىچىك تەلپەك
كىچىك تەلپەك -كېرىيە ئاياللىرىنىڭ ئەنئەنىۋە باش كىيىمى بولۇپ ، ئۇ «دۇنيا بويىچە ئەڭ كىچىك باش كىيىمى » دېگەن نام بىلەن دۇنيا جىنىس رىكورتى قامۇسىغا كىرگۈزۈلگەن ، بۇخىل باش كىيىمىنى كىيىش خوتەن ۋىلايىتىنىڭ كېرىيە ، نىيە ناھىيىلىرى ، چىرا ياھىيىسىنىڭ بىر قىسمى ، بايىنغۇلىن مۇڭغۇل ئاپتونۇم ئوبلاستىنىڭ چەرچەن چارقىلىق ناھىيىلىرىدە كەڭ ئۇمۇملاشقان ، ئۇنداقتا بۇ خىل باش كىيىمى زادى قانداق پەيدا بولغان ؟ بۇ فولىكلورتەتقىقاتچىلىرى ئۇزۇندىن بىرى تەتقىق قىلىپ كەلگەن بىر مەسىلە ، مەن بۇيەردە ئۆزەمنىڭ كىچىك تەلپەك ئۇستىدە ئېلىپ بارغان تەتقىقاتلىرىم ،ئىگەللىگەن ئەھۋالىم ئاساسىدا بارلىققا كەلگەن يۈزەكى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتمەكچىمەن .
«تەلپەك »سۆزى قەدىمكى دەۋىر تۈرۈك تىلىدا ياسالغان ئىسىم بولۇپ ،«تېرە بۆك»دېگەن سۆزدىن فونتىكىلىق ئۆزگىرىپ ياساپ ھاسىل بولغان ، خوتەنلىكلەرنىڭئەنئەنىۋە باش كىيىمى تەلپەك قۇياش ئىتقاتچىلىقى دەۋرىنىڭ مەھسولى بولۇپ ، كىچىك تەلپەكتىمۇ ئوخشاش قۇياش ئېتقاتچىلىقىنىڭ ئەنئەنىسى ساقلانغان ، شۇنداقلا بۇددا دىنى ئەقىدىسىدىن ھازىرقى كىچىك ھالەتكە ئۆزگەرگەن .
كىچىك تەلپەكنىڭ ئۇمۇمىي گەۋدىسى كېسىك كونۇس شەكلىدە بولۇپ ، ئۇستىنىڭ دىئامىتىرى 4-5 سانتىمىتېر ، ئاستىنىڭ دىئامېتىرى 8-9سانتىمىتېر، ئېگىزلىكى 7-8سانتىمىتېر ئەتراپىدا بولىدۇ ، ئىچىلىك ، تاشلىق ، تۆپىلىكتىن ئىبارەت ئۇچ قىسىمدىن تەركىپ تاپىدۇ ، ئاشلانغان ئۆچكە تىرىسىنىڭ چۇپۇرى قىقىۋېتىلىپ ئۈچ بولۇڭ شەكلىدە تۆت پارچە تېرىدىن تەلپەكنىڭ ئۇمۇمىي گەۋدىسى تىكىلىدۇ بۇ <<ئىچىلىك>>دھپ ئاتىلىدۇ.سىرتى قارارەختكەقارايۇڭ يىپ بىلەن بۈدرە شەكىل چىقىرىپ توقۇلغان «توقۇما » بىلەن قاپلىنىدۇ ، بۇ «تاشلىق » دەپ ئاتىلىدۇ . ئۈستى سېرىق ، يېشىل ، كۆك، ئاق رەڭلىك رەخىتلەردىن پىچىلغان ئۈچ بۇلۇڭ شەكىللىك تۆت پارچە رەخىت ئۆز-ئارا تېچىپ تىكىلىپ قاپلىنىدۇ . بۇ «تۆپىلىك'»دەپ ئاتىلىدۇ . ئاستى ئېغىزىنىڭ گىرۋىكىگە قارا قوي تېرىسىدىن پەۋاز تۇتۇلۇپ ، موي چىقىرىلىدۇ






كېرىيە مەشرەپلىرىدىن " تاغ مەشرىپى"
تاغ مەشرىپى --- تاغلىق رايونلاردا كەڭ تارالغان مەشرەپ بولۇپ، ھازىر ئاتچان يېزىسىنىڭ پۇلۇ ۋە لۈش كەنتىدە نىسبەتەن مۇكەممەل ساقلىنىپ قالغان. تاغ مەشرىپىنىڭ تەرتىپى ۋە شەكلى باشقا مەشرەپ تۈرلىرىدىن ئالاھىدە پەرىقلىنىدۇ. تاغ مەشرىپىنىڭ جەريانى مۇنداق بولىدى:
يۇرت چوڭلىرىدىن بىرى مەشرەپكە رىياسەتچىلىك قىلىدۇ. مەشرەپتە ئەر- ئاياللا بىر سورۇندا ئولتۇرىدۇ. تاماقتىن كېيىن سازنىڭ چېلىنىشى مەشرەپ باشلانغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. مەھەللىدىكى پۈتۈن سازەندىلەر بىر يەردە ئولتۇرۇپ، نەغمە قىلشنى باشلىسا، نەغمە 2 ،3 سائەتتە ئاندىن توختايدۇ. نەغمە باشلىنىپ، قىز- يىگىت، ئەر- ئاياللار تەشەببۇسكار ھالدا بىر- بىرسىنى ئۇسسۇلغا تارتىپ ئۇسسۇل ئوينايدۇ. مەشرەپ ئەھلى ئۇسسۇلدىن ھارغاندا، قىزىقچى مەيدانغا چىقىدۇ. تاغ مەشرىپىدىكى قىزىقچى --- مەشرەپنىڭ پاششاپلىق رولىنى ئۆتەيدۇ. قىزىقچى ئويۇننى "تاز بولدى" ئويۇنىدىن باشلايدۇ. ئۇ بېشىغا سالۋا تەلپەك كىيىپ، جۇۋىسىنى تەتۈر كىيىپ، بېلىنى يىپ بىلەن باغلاپ، ئىشتىنىنى تۈرۈپ قويۇپ، پۇتىغا چورۇق كىيىپ، قولىغا ھاسا تاياق ئېلىپ، تولىمۇ ھەجۋىي قىياپەتتە گىرىم قىلىپ ۋە تاسىنىپ، تازنى دوراپ، بېشىنى قاشلاپ مەيدانغا كىرىدۇ. بىرەيلەن دەرھال ئۇنىڭ ئالدىغا بېرىپ، ھال- ئەھۋال سورايدۇ ۋە بىر قەپەس پاراڭلىشىدۇ. پاراڭ پۈتۈنلەي يۇمۇرىستىك تۈستە بولۇپ، بىر نەچچە سۆز ئويۇنلىرى ئورۇندىلىدۇ. ئاندىن ئۇلار ھەجۋىي ئۇسسۇلغا چۈشۈپ، ئۇسسۇل ئوينىغاچ پۇتىنى ساڭگىلىتىپ ئولتۇرغانلار، سۇنۇپ ئولتۇرغانلارنىڭ، ئۆز ئارا پاراڭلاشقانلارنىڭ پۇتىغا ھاسسىسى بىلەن ئۇرۇپ ياكى نوقۇپ، مەشرەپ ئىنتىزامىنى تەرتىپكە سالىدۇ. ئاندىن ھەممە كىشىنىڭ ئالدىغا بېرىپ، "پۇل تىلەيدۇ". پۇلى بارلار پۇل بېرىدۇ، پۇلى يوقلار قەغەز بېرىدۇ. ئۇ "پۇل تىلەپ" بولغاندىن كېيىن، يەنە بىر قېتىم مەشرەپ ئەھلىنىڭ ئالدىغا كېلىپ، بەرگەن پۇللىرىنى شۇ كىشىگە قايتۇرىدۇ. پۇل ئىگىسى پۇلنى ئېلىپ، كۆزىگە سۈركۈۋېتىپ بەرگەندىن كېيىن قوينىغا سالىدۇ. بۇ جەريان پۈتۈنلەي ھەجۋىي ئۇسسۇل بىلەن بىرلەشتۈرۈپ ئېلىپ بېرىلىدۇ. قىزىقچى مەشرەپ مەيدانىدىن چىقىپ كەتكەندىن كېيىن، مەشرەپ ئەھلى يەنە ئۆز ئارا ئۇسسۇلغا چۈشىدۇ. ئۇسسۇل بىر ھازا قىزىغاندىن كېيىن، قىزىقچى "غاز بولدى" ئويۇنىنى باشلايدۇ. ئۇ تەتۈر ئۆرۈلگەن جۇۋىسىنىڭ بىر يېڭىنىڭ ئۇچىنى غازنىڭ شەكلىدە ياساپ، غازنىڭ تۇمشۇقىغا ئوخشىتىپ بىر تال ياغاچ قاداپ، "غاز" نى ئوڭ قولىغا كىيىپ كىرىدۇ. سازەندىلەر دەرھال پەدىنى "شەرۋازىم" غا يۆتكەيدۇ. قىزىقچى قول ھەرىكىتىدە غازنى دوراپ بىر پەدە ئۇسسۇل ئوينىغاندىن كېيىن، ھەر بىر ئادەمنىڭ ئالدىغا بېرىپ، "غازنىڭ تۇمشۇقى" بىلەن چوقۇلاپ، ھەر بىر كىشىنى بىر كۇپلېت بېيىت ياكى قوشاق ئوقۇشقا سالىدۇ. بېيىت ياكى قوشاقنى دەرھال باشلىيالمىسا داۋاملىق چوقۇلايدۇ. ئوقۇيالمىسا جازاغا تارتىلىدۇ. "غاز بولدى" ئويۇنى تاماملانغاندىن كېيىن، قىزىقچى مەيدانغا كىرىپ، "يولۋاس كۆندۈرۈش"، "مۇرەببىم"، "بۇدۇشقاق"، "ھايۋانلار مەجلىسى"، "تۆگىگە مىنىش" قاتارلىق ئويۇنلارنى كۆرسىتىدۇ. ئويۇن جەريانىدا نەغمىچىلەر ناخشا- مۇزىكىنى زادى توختاتمايدۇ. قىزىقچى ھەر قېتىملىق ئويۇندا مەشرەپ تەرتىپىنى ئۇدا بۇزغانلارنى جازاغا تارتىپ تۇرىدۇ. جازانى رىياسەتچى بەلگىلەيدۇ. رىياسەتچىگە ئايرىم ئىسىم قويۇلماي، شۇ كىشىنىڭ ئىسمى ئاتىلىدۇ. جازالاش ئويۇنلىرىدا "جۇۋاز قوشۇش"، "توخۇغا مىنىش"، "ئېشەككە مىنىش"، "توپاق كۆندۈرۈش"، "تەخسە چىشلەش"، "چىش تارتىش"، "چاچ چۈشۈرۈش" قاتارلىق ئويۇنلار ئوينىلىدۇ.
تاغ مەشرىپىدە، بىر قىسىم ناخشىلارنىڭ ئايرىم ئۇسسۇلى بولىدۇ. شۇ ناخشا چىققاندا شۇ ئۇسسۇلنى ئوينىيالايدىغانلار ئۇسسۇلغا چۈشىدۇ. بىر ناخشىنىڭ ئۇسسۇلى باشقا ناخشىدا ئوينالمايدۇ.
چارۋىچىلار ياز پەسىلىدە چارۋا ماللىرىنى چېقىل ئارىسىدا باقىدۇ. قىش پەسلىدە كەنتكە يېقىن جايلاردىكى يايلاقلاردا باقىدۇ. بۇ چاغلاردا ئاساسەن ئائىلىسىدە تۇرىدۇ. شۇڭا "تاغ مەشرىپى" قىش پەسلىدە كۆپ ئوينىلىدۇ. تاغلىق رايونلاردا توي- تۆكۈن مەشرەپسىز ۋە ئوغلاق تارتىشسىز ئېلىپ بېرىلمايدۇ

كېرىيە خەلق قوشاقلىرى
ئاتچان تاغلىرى ئىگىز،
باغرىدا كەڭ يايلىقى.
ۋەدە بەرگەن يايرىمنىڭ،
چىن تەخسىدە قايمىقى.
لۇش تېغىدىن چىقىدۇ،
ئاپئاق سۈزۈك قاشتېشى.
بىزنى كۆيدۈرگەن يارنىڭ ،
ئۇلىما قارا قېشى.
پۇلۇ تاغنىڭ ئاتلىرى ،
چەبدەس ئىكەن، شاش ئىكەن.
ۋاپا قىلمىغان يارنىڭ ،
باغرى قاتتىق تاش ئىكەن.
ئويتوغراق كۆك شاپتۇلىنىڭ،
تەمى تاتلىق ئۆزگىچە.
يار بىلەن ۋەدە قىلدۇق،
توي قىلىشقا كۈزگىچە.
ئارال دىگەن گۈزەل جاي،
قىزىل گۈلنىڭ بازىسى.
نىم بولغاندۇ يايرىمغا ،
كۆرۈنمەيدۇ قارىسى.
تۈگمەن كۇچا كەنتىنىڭ،
يىگىتلىرى مەرد سېخىي.
قۇيىۋاپتۇ ئوسمىنى،
قىزلىرىمۇ بەك تېخى.
قارلۇق ئۆستەڭ بويىدا،
نان ياقار ناۋاي ئۇستام.
ئەجەپمۇ ئوبدان چىقتى،
ھېيتكاھتىن بىر يار تۇتسام.
تاختا كۆۋرۈك بويىدا،
قايماق ساتقان چوكان قىز.
باشقا يەردىن يار تۇتماڭ،
كۆيۈپ يۈرگەن سىزگە بىز.
تانايبېشى دىگەن يەرنىڭ،
كوچىلىرى كۆپ ئىكەن.
نادانلىق قىلىپ قويۇپ،
مەن ياردىن تاياق يىگەن.
يېڭىباغنىڭ قىزلىرى ،
ئات ئوينىتار بەيگىدە.
ئەمدى تۇتقان يايرىمنىڭ،
ئەسلى يۇرتى ئەگلىدە.
بوستان شاللىق دىگەن يەر،
گۈرۈچ ،بېلىق ماكانى.
يارنى بىر كۆرۈش ئۈچۈن،
تارتسام مەيلى جاپانى.
لەڭگەر ئۈزۈمى تاتلىق ،
تەمى تىلدىن كەتمەيدۇ.
بالدۇر تۇتقان يايرىمغا،
ھازىرقىسى يەتمەيدۇ.
شەنبازارنىڭ مىۋىسى،
تەمى تاتلىق سەرخىلكەن.
سىنالمىغان شۇ يارنىڭ،
ھۈنىرى كۆپ ھەرخىلكەن.
ئاق ناۋاتتەك ئاق سۈزۈك،
سەيۋاغنىڭ ئاق ئۈرىكى.
بىزنى تاشلىغان يارنىڭ ،
قانداق چىدار يۈرىكى.
شىۋول دىگەن ئوبدان جاي،
بېلىق تۇتسا كۆلى بار.
گۈل بىغىمدا يايرىمنىڭ ،
قىسىدىغان گۈلى بار.
لايسۇدىن ئالما ئالدىم،
قارقىدىن قۇرۇق ئوتۇن.
بېشىمغا بالا بولدى،
بىسىناق ئالغان خوتۇن.
دەريا بويىنىڭ توغرىقى،
قۇملۇققا خوجايىنكەن.
كۆڭلى نازۇك شۇ يارنىڭ ،
گەپ سۈزى مۇلايىمكەن.
كېرىيەلىك بالا ئېيتقان ناخشا

تېخىمۇ كۆپ رەسىملەر بۇ يەردە
http://photo.renren.com/photo/ap/Qg1jpQEAIN |