- ھوقۇقى
- 1
- يازما
- 1
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 10
- تىزىملاتقان
- 2011-7-27
- ئاخىرقى قېتىم
- 2011-7-27
- UID
- 13545
- يازما
- 1
- تېما
- 0
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 10
- تىزىملاتقان
- 2011-7-27
- ئاخىرقى قېتىم
- 2011-7-27
- توردا
- 0 سائەت
|
مۆمىنجان ئابلىكىمنىڭ ئۆزبىكىستاندا تېلېۋىزىيە پىروگراممىسىدا نامايەن بولۇشى ئۇيغۇر سەنئىتىنىڭ بۈگۈنكى رېئاللىقى ئۈچۈن خۇشاللىنارلىق ئىش بولسىمۇ، لېكىن بىز بۇ ئىش سەۋەبلىك پەيدا بولغان ھاياجىنىمىزنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ، سەھنىدە بولۇۋاتقان ئەھۋاللارغا ۋە مۆمىنجاننىڭ سەھنىدىكى ئىپادىسىگە سوغۇققانلىق بىلەن قارىغىنىمىزدا بۇ ھەقتىكى ھاياجنىمىزغا يانداشتۇرغان ھالدا ئۇنىڭغا ئىككى ئېغىز تەنقىد بېرىشنىڭ زۆرۈرلىكىنى ھېس قىلىمىز. مۆمىنجان بۇ يەردە (ۋەتەندە) پەقەت ئۆزىگىلا __ مۆمىنجان ئابلىكىمگىلا ۋەكىللىك قىلىدۇ، ئەمما ئۇ چېگرا ھالقىپ باشقا بىر ئەل سەھنىسىدە مەيدانغا چىققانىكەن، ئۇنىڭ كىملىكىدە تۈپكى ئۆزگىرىش بولۇپ، ئۇ يەككە ئادەم سۈپىتىدىكى مۆمىنجان ئابلىكىمدىن ئۇيغۇرغا ۋەكىللىك قىلىدىغان مۆمىنجان ئابلىكىمگە ئايلىنىدۇ. دېمەك، سەھنىدە ئۇنىڭ سۆز، ھەرىكىتى، ئىپادىسى ئۇيغۇرلۇقنى چىقىش قىلىشى ۋە ئۇيغۇرلۇققا ۋەكىللىك قىلىدىغان سىمۋۇللۇق بەلگىلەرنى ئىپادىلىشى كېرەك. ھالبۇكى، مۆمىنجاننىڭ سەھنىگە چىقىش جەريانىنىڭ تۇنجى قەدىمىدىن قارىغاندا، ئۇنىڭ ئەدناسى سەھنىدە ئۇيغۇرچە "ئەسسالامۇئەلەيكۇم" دېگەن سالامنى بېرەلمىگەنلىكى ئادەمنى تولىمۇ ئەپسۇسلاندۇرىدۇ. ئۇنىڭ سەھنىدە قىلىۋاتقان سالىمى ئۈرۈمچى كوچىسىدا كېتىۋاتقان مەلۇم بىر تونۇشىغا بېشىنى لىڭشىتىپ بەرگەن سالىمىدىن پەرقلەنمەيدۇ. دېمەك، تۇنجى قەدەمدە ئۇ ئۇيغۇرلۇقنىڭ بەلگىسى بولغان ئۇيغۇرچە سالامنى ئادا قىلالمىغان. بۇ نۇقتىدا سالام- ساھەتكە بەك ئەھمىيەت بېرىدىغان ئۆزبىكلەر ئارىسىدا قارشى ئېلىندىمۇ ياكى مەسخىرىگە قالدىمۇ؟! بۇنىسى بىزگە نامەلۇم بولسىمۇ، تۆۋەندە ئولتۇرغانلارنىڭ ئىپادىسىز چىرايىدىن ئانچە- مۇنچە بىر نەرسىلەرنى پەرەز قىلالىشىمىز مۇمكىن. ئۇيغۇر تىلى بىلەن ئۆزبىك تىلىنىڭ ئارىسىدا ئانچە- مۇنچە تەلەپپۇز پەرقىنىڭ بولغانلىقىىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، چوڭ پەرق يوق، دېمەك، بىر ئۆزبىكنىڭ گېپىنى بىر ئۇيغۇر چۈشەنگىنىدەك، بىر ئۇيغۇرنىڭ گېپىنىمۇ ھەرقانداق بىر ئۆزبىك بىمالال چۈشىنەلەيدۇ. مۆمىنجاننىڭ سەھنىدە ئۇيغۇرچە سۆزلىمەي، ئۇيغۇرچە گەپكە ئۆزبىكچىنى ئارىلاشتۇرۇپ تەلەپپۇز قىلىپ سۆزلىشى ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ ئۆزبىكچە سۆزلىيەلەيدىغانلىقىنى ئىپادىلىشى ئۈچۈنمۇ ياكى ئۆزىنىڭ بىلىملىك كۆرسىتىشكە تىرىشىپ ماھىيەتتە ئۆزىنىڭ بىلىمسىز ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلاش ئۈچۈنمۇ؟ مۆمىنجان مانا مۇشۇ نۇقتىدىمۇ خاتالاشقان. ئەلۋەتتە، بۇ خاتالىق يالغۇز مۆمىنجانغىلا خاس ئەمەس، ئۆزبىكىستانغا چىقىپ كىرگەن كۆپلىگەن ناخشىچى ياكى سازەندە بالىلار قايتىپ كەلگەندىن بىر مەزگىل ئۆزبىكچىنى دورۇپ گەپ قىلىدىغان بولۇپ قالىدۇ. يەنە بىر مەسىلە، مۆمىنجان ئاشۇ سەھنىدە ئۇيغۇر ۋە ئۇنىڭ مەدەنىيىتى توغرىلىق ئىككى كەلىمە مىغىزلىق گەپ قىلسا تامامەن بولاتتى، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تارىخ فاكولتېتىدا تولۇق كۇرسنى ئوقۇغان بۇ ناخشىچى نېمە ئۈچۈن يات ئەلنىڭ سەھنىسىدىكى ھەرقانداق بىر ئۇيغۇرغا تەستە كېلىدىغان پۇرسەتتە ئۇيغۇرنىڭ تارىخ، مەدەنىيىتى توغرىسىدا ئىككى ئېغىز گەپ قىلماي، ھەممە ئۆزبىك بىلىدىغان، ھەتتا مىللىي كىملىكىنى ئۆزىگە مەنسۇپ قىلىۋالىدىغان نەسىردىن ئەپەندىنىڭ گېپىنى قىلىپ، ئۆزىنىڭ بىلىمسىزلىكىنى چاندۇرۇپ قويىدۇ؟ مۆمىنجاندىن ئۇيغۇرچە بىر ناخشا ئوقۇپ بېرىش تەلەپ قىلىنغاندا ئۇ نېمە ئۈچۈن ساپ ئۇيغۇرچە ناخشا ئوقۇماي، ئۆزبىكچە ناخشىنىڭ ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇلغان نۇسقىسىنى ئوقۇپ بېرىپ، خەقنىڭ ئالدىدا ئۆزىنىڭ ناخشا ئوغرىسى ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلاپ يۈرىدۇ؟..... دېمەك، مەن بۇ كۆرۈنۈشنى كۆرگەندىن كېيىن، ھاياجانلانماي، ئەكسىچە سەل ئويلىنىپ قالدىم ۋە ئەپسۇسلاندىم. مۆمىنجان ئۇيغۇر ناخشىچىلىرى ئىچىدىكى ساپاسى خېلى يۇقىرى، ئانچە- مۇنچە تارىخ، مەدەنىيەت بىلىمى بار بىرى. لېكىن، ئۇنىڭ سەھنىدە ھەتتا باشقىلار تەرىپىدىن چېلىنىشى (ئاۋۇ رىياسەتچىنىڭ مۆمىنجاننىڭ گېپىنى خالىغانچە بۆلۈۋەتكەنلىكىنىڭ ئۆزى ئۇنىڭ سەھنىىدە چېلىنۋاتقانلىقىدۇر، بىر ئادەم ئۈچۈن ئۆز گېپىنىڭ باشقىلار تەرىپىدىن بۆلۈۋېتىلىشىدىن ئارتۇق ھۆرمەتسىزلىك بولمىسا كېرەك) بىزنى نۇرغۇن ئەپسۇسلۇق سوئال قوينىغا باشلايدۇ. مۆمىنجانغا ئانچە مۇنچە بىلىم ئىگىلەپ قويۇش، ئۇنىۋېرسال ساپا يېتىلدۈرۈش، پىسخىك ساپا يېتىلدۈرۈش، سوغۇققان پوزىتسىيە يېتىلدۈرۈش ھەققىدە ئىككى ئېغىز تەكلىپ بەرگىم كېلىۋاتىدۇ. ئەلۋەتتە، مۆمىنجاننىڭ چېنىپ قېلىشى ھەرگىزمۇ ئۇنىڭ خاتالىقى ئەمەس، بەلكى بۇ ئۇيغۇر جەمئىتىيتىدىكى ناخشىچىنىڭ ناخشىسىنىلا ئاڭلاپ، ئۇنى ناخشىسى ئارقىلىق كۆككە كۆتۈرۈپ، ئۇنىۋېرسال ساپاسى ۋە باشقا مۇھىتتا ئىپادىلەيدىغان كىملىك تۇيغۇسىغا قارىتا ھېچقانداق تەلەپ قويماسلىقتىن ئىبارەت پاسسىپ ئىجتىمائىي خاھىشنىڭ گەۋدىلىك بىر ئىپادىسىدۇر. بۇ بىر ئىجتىمائىي مەسىلە، ئۇنىڭ جاۋابكارلىقىنى جەمئىيەتتىكى مۆمىنجاننىڭ ناخشىسىغا بولغان زوقمەنلىك كاللىسىنى پۈتۈنلەي ئىگىلىۋېلىپ، ئۇنىڭغا قارىتا نۇرمال بىر ئۇنىۋېرسال ساپا تەلىپىنى قويالمىغان، ئۇنى كۆككە كۆتۈرۈش ئارقىلىق بارغانسىرى تەنتەكلەشتۈرۈۋېتىپ بارغان ناخشا زوقمەنلىرى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك. بىز ناخشىچلارنىڭ ناخشىغا مەپتۇن بولۇپ، ئۇلارنى ھەدىسە كۆككە كۆتۈرىۋەرمەي، ئۇلارنىڭ ئاجىزلىقىنى دادىللىق بىلەن كۆرسىتىپ، ئۇلارغا ئۇنىۋېرسال ساپا تەلىپى، ئىجادچانلىق تەلىپى قويايلى قېرىنداشلار. بىر قولىمىزدا ماختاش، پەخرلىنىش بولسا، يەنە بىر قولىمىزدا تەنقىد، قاتتىق تەلەپ قويۇش بولسۇن. بولمىسا مۆمىنجاندەك ناخشىچىلىرىمىزنى بىر قارشى ئالساقمۇ، خەقلەر داۋاملىق مەسخىرە قىلىدۇ. ئىشلارغا دىئالىكتىكىلىق نۇقتىدىن مۇئامىلە قىلغۇلۇق ئەمەسمۇ؟! |
|