- ھوقۇقى
- 1
- يازما
- 2
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 20
- تىزىملاتقان
- 2011-7-22
- ئاخىرقى قېتىم
- 2011-8-4
- UID
- 13429
- يازما
- 2
- تېما
- 0
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 20
- تىزىملاتقان
- 2011-7-22
- ئاخىرقى قېتىم
- 2011-8-4
- توردا
- 0 سائەت
|
ماۋۇ يەردە بىر تورداشنىڭ ئىنكاسى ئىچىمنى ئىلەشتۈرۈپ قويدى.موتورولا نامىدىكى بۇرادەر ئىسمىڭىزغا لايىق موتورولا ئېكەنسىز،چەتئەللىكلەر بۇ ماركىنى ئۆزىنىڭ داڭلىق ماركىسى بىلگەن بىلەن بىز بۇ گەپنى ئېغىز تىلىمىزدە ئەخلەت كېشىلەرگە بەك موتورولا ئېكەنسەپ دەپ قوللىنىمىز،ئىسمىڭىزنى ئۆزىڭىزنىڭ ئەخلاقىغا تەڭ ھالەتتە قوللىنىپ تېزىملىتىپ كىرىپسىز ئەمەسمۇ.
بۇ يەردە ھېكىم مۆمىنجاننى ئابدۇللا ئابدۇرېھىم ئورنىنى باسىدۇ دېگىنى يوق ھەم سىزنىڭمۇ بۇ يەردە ئۇنداق دىيىشىڭىزنى ئاساسىمۇ يوق ئەلۋەتتە.سىز بارغان ئۇ كېچىلىكە مەنمۇ بارغان،ئازادبىك ئاران كىتىۋالدىمۇ ياكى ناخشا كېچىلىكىنى ئۆتكۈزۈپ بوپ ئۇيغۇرلارنىڭ ھۆرمىتىگە نائىل بوپ كىتىۋالدىمۇ ئۆزى ياخشى بىلىدۇ ،ئاندىن كىيىن شۇ مىنۇتلارنى بىرگە ئۆتكۈزگەنلەر بىلىدۇ،مۆمىنجان ئابلىكىم بىلەن ئازادبىكنىڭ بىرگە ئېيتىشقان ناخشىلىرى قەلبلەرنى لەرزىگە سېلىپ چېلىنغان چاۋاكلارنى سىزنىڭچە بولغاندا زالدىكى ئاۋاز كانىيى يالغاندىن قويغان ئوخشىمامدۇ،بەك كۆرەلمەس بالىكەنسىز،پىتنىخورلۇق قىلمىسىڭىز قانداق،تۈشۈك تامدىن مۆشۈك قوپقاندەك توردا نەدىن پەيدا بولغىنىنى بىلگىلى بولمايدىغان مۇشۇنداق ناكەس تورداشلار بۇ يەرنى غەيۋەت ، جىدەل مەيدانىغا ئايلاندۇرۇپ قۇيىدۇ زادى...
مۆمىنجان ئابلىكىم ئۇنىڭ ئورنى باسالمايدۇ،بۇنىڭ ئورنىنى باسالايدۇ دەپ خەققە تون تىكمەيلى،ھېچكىمدە ئۇنداق ھوقۇق يوق ئەلۋەتتە.2009-يىلىدى مۆمىنجان ناخشا كېچىلىكىدە مۆمىنجان ئابلىكىم ئېنىق قىلىپ ئاكام مىنىڭ ئاكاملا بولماستىن ئۇ مىنىڭ ئۇستازىم كىچىكىمدىن باشلاپ نىمىنى قىلىش،نىمىنى قىلماسلىق ، قانداق قىلىش قانداق قىلماسلىق ھەققىدە ئەتراپلىق تەربىيە بىرىپ كەلگەن بىر ئولۇغ سۈپەت ئىنسان دەپ ئۆزىنىڭ ئابدۇللا ئابدۇرېھىمغا بولغان ھۆرمىتىنى ، قەلب ئىزھارىنى كە تاماششىبىنلار ئارىسىدا ئېنىق بىلدۈرگەن ھەمدە شۇ چاغدا ھەممەيلەننى خۇشال قىلغان ئىدى.ئەمدى قوپۇپ بىز بۇ يەردە مۆمىنجان ئابدۇللانىڭ ئورنىنى باسالمايدۇ،باسالايدۇ دېگەندەك پۈچەك گەپلەر بىلەن ئادەمنىڭ ئوغىسىنى قايناتماي،بىر ئوبدان ناخشا ئېيتسا ئاۋازى يىتىشمەي قويدى دەپ گەپ ساتماي،ئۆزىمىز ئىككى ئىلىك گەپ قىلىپ باقايلى،قەستەن ئۆسەك سۆز يازماي جىم ئولتۇرساق ئەلكۈيىدە گەپ قىلمىغانلارنى گاچا دەيدىغان قائىدىمۇ يوق،بىزمۇ جىم ئولتۇرۇپ كۆرىمىز،ئوقۇيمىز ھېچكىم بىزنى گاچا دەپ باقمىدى. |
|