ئەل سۆيگەن تالانتلىق ناخشىچى مۆمىنجان ئابلىكىم ئۆزبىكىستان سەھنىسىدە
ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئەلكۈيى تورىنىڭ مۆھتىرەم كۆرۈرمەنلىرى ھەممىڭلارنىڭ ئارام كۈنلىرىدىكى پائالىيتىڭلارغا تورىمىز نامىدىن ئۆزگىچە مەنالارنى تىلەش بىلەن بىرگە بۈگۈن تورداشلارغا شۇنداق بىر خۇشاللىق سوۋغىسىنى سۇنۇش ئالدىدا تۇرۇپتىمىز.
ئەلكۈيى تورىنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلاردىن ئىز قوغلاپ ئىگىلىشىچە، يېقىندا خەلقىمىزنىڭ سۆيۈملۈك كۈيچىسى،تالانتلىق ياش ناخشىچى مۆمىنجان ئابلىكىم ئۆزبىكىستان دۆلەتلىك تېلىۋىزىيە ئىستانسىسى تەرىپىدىن ئويۇشتۇرىلىدىغان،ئۆزبىكىستاننىڭ ئاتاقلىق ناخشىچىسى ئازادبىك نەزەربېكوف نامىدىكى <<ئازادشوۋ>> پروگراممىسىغا ئالاھىدە تەكلىپ بىلەن قاتنىشىپ،ئۆزىنىڭ <<سىنى ئۇنۇتالماسمەن>>ناملىق ئەڭ يېڭى ناخشىسىنى تەقدىم ئەتتى.
ئۆزبىكىستان دۆلەتلىك تېلىۋىزىيە ئىستانسىسى تەرەپتىن قەرەللىك ئۆتكۈزۈلۈپ تۇرىدىغان بۇ پروگرامما بولسا،ئۆزبىكىستاندىكى تەسىرى بىر قەدەر زور، ئىناۋىتى يۇقىرى بولغان پروگرامما بولۇپ،چوڭ - كىچىك ھەممە بىردەك ئىتىراپ قىلغان مەشھۇر چولپانلار تەكلىپ بىلەن قاتنىشىپ نۇمۇر كۆرسىتىدىغان سەھنە پروگراممىسى.
بىز بۇ گۈزەل مىنۇتلاردىن ئەلكۈيى تورىدىكى كەڭ تورداشلار بىلەن ئورتاق بەھىرلىنىش مەقسىتىدە تالانتلىق ناخشىچىمىز مۆمىنجان ئابلىكىمنىڭ رايۇنىمىزدىن تۇنجى بولۇپ ئۆزبىكىستاندىكى تەسىرى زور بولغان <<ئازادشوۋ>> سەنئەت پروگراممىسىغا قاتناشقان نەق مەيدان ئەھۋالىنى ھەممىڭلارنىڭ ھۇزۇرىغا سۇندۇق.
ئاخىرىدا ئەلكۈيى تورى ۋە بارلىق تورداشلار نامىدىن پەخىرلىك ئوغلانىمىز مۆمىنجان ئابلىكىمنىڭ تېنىنىڭ سالامەت ئىشلىرىنىڭ ئوڭۇشلۇق بولىشىنى، بۇنىڭدىن كىيىنكى ئىجادىي ھاياتىنىڭ يەنىمۇ پارلاق مەنزىللەرگە ئۇلىشىپ،ئۇيغۇر سەنئىتى ئۈچۈن سوققان يۈرىكىنىڭ بىزگە ئەڭ يېڭى ئىجادىيەتلەرنى سوۋغا قىلىشىنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز!
كامالى ئېھتىرام بىلەن :
ئەلكۈيى تور تېخنىكا چەكلىك شىركىتى
ئەلكۈيى تورى
2011-يىلى 7-ئاينىڭ 16-كۈنى |