ئەلكۈيى مىكرو بلوگى

ئەلكۈيى مىكرو بلوگى

ئەلكۈيى مىكرو بلوگى

ئەلكۈيى مىكرو بلوگى

ئىگىسى: kilyang

روزا تۇتۇشنىڭ خسلىتى ۋە پەرىزى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

كۆيۈمچان ئەزا

دوستۇڭ دوستۇمدۇ

UID
2418
يازما
289
تېما
7
نادىر
0
جۇغلانما
9650
تىزىملاتقان
2010-6-1
ئاخىرقى قېتىم
2012-4-23
توردا
1 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-2 04:19:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۇمۇزئسسىقتا كەلگەن رامىزانغا تەييارلانغان ، نىيەتنى چىڭ باغلىغان مۇسۇلمان دوستلارغا سالاملار بولسۇن !

UID
6284
يازما
261
تېما
10
نادىر
0
جۇغلانما
7663
تىزىملاتقان
2010-10-6
ئاخىرقى قېتىم
2012-5-27
توردا
57 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-2 09:37:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كىلياڭ دېگەن خوتەننىڭ گۇما ناھىيىسىدىكى بىر يۇرتنىڭ نامىغۇ دەيمەن، تىما يوللۇغۇچى يۇرتىنىڭ نامىنى  قوللىنىپتۇ.

سەمىمىيلىك ئەڭ ئېسىل ئەخلاق

كۆيۈمچان ئەزا

ھەبىرجان ئۆلۈمن

UID
11333
يازما
270
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
8490
تىزىملاتقان
2011-5-18
ئاخىرقى قېتىم
2012-5-20
توردا
2 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-2 12:55:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
مىنىڭچىمۇ كىلياڭ تورداش مۇمكىن بولسا ئىسمىنى ئۆزگەرتىۋەتكەن بولسا

UID
9324
يازما
28
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
808
تىزىملاتقان
2011-2-11
ئاخىرقى قېتىم
2012-5-27
توردا
3 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-2 21:08:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاللاھ تائاللا روزى رامىزاننى تولۇق تۇتۇشقا نىسىپ قىلار .

مەن بىر ئۇيغۇر!!!!

UID
7294
يازما
66
تېما
34
نادىر
0
جۇغلانما
2177
تىزىملاتقان
2010-11-16
ئاخىرقى قېتىم
2012-5-24
توردا
49 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-2 22:03:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خەخ نېمە دەپ ئىسىم قويسا سىلەرنىڭ نېمە ئىشىڭلار دەيمەن.   يوللىغان تېمىسىنى ئۇقۇماي ئەزالىق ئىسمى بىلەن قاپسىلەر. تېخى بەزىلىرىڭلار ئىسمىڭىزنى ئۆزگەرتىڭ دەپ بۇيرۇق قىلىپ كىتىپسىلەر. سىلەرگە خىتايچىدەك ئاڭلانغان بولسىلا خىتايچە بولۇپ قالمايدۇ. ساپ ئۇيغۇرچە سۆز ئۇ. تېما يوللىغۇچى كىلياڭ يېزىسىدىن ئوخشايدۇ.  

كىلياڭ ھەققىدە تەپسىلى مەلۇماتقا ئىرىشمەكچى بولسىڭىز تۆۋەندىكى ماقالىنى ئۇقۇڭ. (مەنبە  كىلياڭ تور خاتىرسى).





‹‹كىلياڭ ›› يەر نامى ھەققىدە ئىزدىنىش


كىلياڭ – گۇما ناھىيىسىنىڭ قارا قۇرۇم تاغ ئېتىكىدىكى جىلغىلىق بەلباغقا جايلاشقان ، قەدىمىي بوستانلىقلارنىڭ بىرى  بولۇپ ، بۇ يۇرتنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 1400~2500مېتىر ئەتراپىدا ، ھاۋا كېلىماتى نىسبەتەن سوغۇق ، ھۆل – يىغىن كۆپ ، بىر قەدەر ياخشى بولغان تەبىئىې ئوتلاق بولۇپ ، ھاۋاسى ساپ .  بۇغداي ، قوناق ، پۇرچاق ، مايلىقداننى ئاساس قىلغان   دىھقانچىلىق ؛ كېچە – كۈندۈز تىمپىراتۇرا پەرقىنىڭ چوڭ بولۇشى سەۋەبلىك ئۆرۈك ، ئالما ، ياڭاقنى ئاساس قىلغان باغۋەنچىلىك ؛ چارۋىچىلىققا باپ كېلىدىغان①، تارىختىن بۇيان  ئەدەبىيات – سەنئەت ، مەدەنىيەت ، سودا سېتىق ئوچىقى بولۇپ كەلگەن . خوتەن خەلق مەشرەپلىرىنىڭ تۆت چوڭ تۈرىنىڭ بىرى بولغان ‹‹كىلياڭ مەشرىپى››نى ئۆز تۇپرىقىدا ئوغۇزلاندۇرۇشتىن  باشقا ، بۇ يۇرتتا ياشاپ ئۆتكەن شائىر قاسىمىي ، ئالىم ھۈسەيىنخان تەجەللي ، ھاپىز ئاخۇنۇم ، قۇربان ئاخۇن چوڭ  ، تۇردى مۇھەممەد كىرىم كىلياڭى...قاتارلىق ئالىم ، يازغۇچى ، شائىر ۋە سەنئەت پېشىۋالىرىنى يېتىشتۈرگەن ۋە ئۆز قۇچىقىدىن ئورۇن بەرگەن قەدىمىي مەدەنىيەتلىك يۇرت .

كىلياڭنىڭ قاچاندىن باشلاپ يۇرت بولۇپ شەكىللەنگەنلىكى توغرىسىدا قولىمىزدا قايىل قىلارلىق پاكىت بولمىسىمۇ لېكىن ئەل ئىچىدە تارقىلىپ يۈرگەن بىر قىسىم رىۋايەتلەر ۋە يازما مەنبەلەردە غىل-پال ئۇچراپ قالىدىغان << كىلياڭ >> ھەققىدىكى مەلۇماتلار بىزنى بۇ ھەقتە يۈزەكى بولسىمۇ چۈشەنچىگە ئېگە قىلىدۇ .

بىر قىسىم يازما مەنبەلەردە ‹‹كىلياڭ خارابە ئىزى ››دەپ ئاتالغان بىر خارابىلىكتىن تېپىلغان ھاياتلىق ئىزناسى ۋە مەدەنىيەت يادىكارلىقىغا ئائىت ئۇچۇرلاردىن يىڭى تاش قوراللار دەۋرىگە تەئەللۇق جانلىقلارنىڭ قالدۇقلىرى ، كۈل ، ئوتۇن – كۆمۈر پارچىلىرى ، كۆيۈپ كەتكەن سۆڭەك پارچىسى ، يىرىك ساپال پارچىلىرى ، سۆڭەك پارچىلىرى ، تاش پارچىلىرىدا جىجاپ ئويۇلغان ئىزلار بار بولۇپ ، پىششىقلاپ ئىشلەنگەن ئىزلىرى يوق②لۇقى قەيت قىلىنغان بولۇپ ، بۇنىڭغا ئاساسەن كىلياڭنىڭ يۇرت بولۇپ شەكىللىنىش تارىخىنى ئەڭ ئاز بولغاندىمۇ بۇنىڭدىن 4000-6000يىللار ئىلگىرىگە سۈرۈشكە بولىدۇ .

يازما مەنبەلەردە ئۇچرايدىغان ئىككىنچى پاكىت- بۇ يۇرتنىڭ ئىككى خەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى چىگرىسى ھەققىدىكى مەلۇمات بولۇپ ، يۇرتنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى جەنۇبىي چىگرىسى  ھازىرقى كەشمىرنىڭ لاداخ دېگەن يېرىگە ، غەربىي قىسمى قارا قۇرۇم تېغىنىڭ جەنۇبىي ئېتىكىگىچە تۇتىشاتتى③،يىپەك يولى بۇ جاي ئارقىلىق ھىندىستانغا تۇتاشتۇرۇلغان بولغاچقا ،تارىختا غەربى يۇرت بىلەن ھىندىستاننىڭ ئىقتىساد، مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشىدىكى مۇھىم ئۆتەڭ بولغان④.

مويسىپىتلار كىلياڭ ھەققىدە يەنە مۇنداق رىۋايەت قىلىشىدۇ : يېراق تارىختا - يەنىي شىنجاڭدا موڭغۇللار ھاكىمىيىتى باشلانغاندىن كىيىن مىلادىيە  1210 - يىللىرى ئەتراپىدا كىلياڭغىمۇ بىر قىسىم قالماق(قەدىمقى موڭغۇللارنىڭ بىر تارمىقى )لار كېلىپ ئورۇنلاشقان ھەم ئاق كىگىز ئۆيلەرنى تىكىپ ، كىگىز ئۆيلەردە ئولتۇراقلاشقان . ئەرلەر چارۋىچىلىق بىلەن ، ئاياللار چاق ، چىلەك ( يىپ ئېگىرىش ئەسۋابى ) ئېگىرىش ، ئارىلاپ دىھقانچىلىق ( يەرلىك ئۇيغۇرلارنىڭ تەسىرىدە ) بىلەن شۇغۇللانغان . 1260-يىللىرى چىڭگىزخاننىڭ ۋارىسلىرىدىن ئوكتايخان ، مۇنكىخانلار چېچىلىپ كەتكەن موڭغۇل پۇقرالىرىنى ئۆز ئىمپىرىيىسىنىڭ تۇغى ئاستىغا توپلىنىشنى چاقىرىق قىلغاندا كىلياڭدا ياشاۋاتقان موڭغۇللاردىن بىر قىسمى  كىلياڭدىن ئايرىلغان .  كۆچۈشتىن باش تارتقان يەنە بىر قىسىم موڭغۇللار  داۋاملىق كىلياڭدا قىپ قىلىپ ، ئاشۇ يەرلىك ئۇيغۇرلارغا سىڭىشىپ كەتكەن (قىپ قالغان موڭغۇللارنىڭ يادنامىسى سۈپىتىدە كىلياڭدا ھىلىھەم  ‹‹قالماق ››لەقەملىك بىر قىسىم ئاھالە بار ) .

ئەجدادلىرىمىز يەر نامى قىلىپ قوللانغان قەشقەر ، خوتەن ، بويناق(كىلياڭدىكى جاي  نامى بولۇپ ، ‹‹دېۋانۇ لۇغەتىت تۈرك››،‹3-توم 241-بەتتە› تاغنىڭ بېلى ‹جاي ئىسمى›دەپ ئىزاھات بېرىلگەن) ،... قاتارلىق نۇرغۇن يۇرت ناملىرى ‹‹دېۋانۇ لۇغەتىت تۈرك››تە تىلغا ئېلىنىش بىلەن بىرگە تىل تەركىۋى ۋە مەنىسى ھەققىدە ئېنىق ئىزاھات بېرىلگەن ، يەنە بىر قىسىم يۇرت ناملىرى ھەققىدە مەيلى ‹‹دېۋانۇ لۇغەتىت تۈرك››تىن بولمىسۇن ۋە مەيلى باشقا مەنبەلەردىن بولمىسۇن   ئېنىق بىر ئىسپاتقا ئېرىشكىلى بولمايدۇ بۇ خىلدىكى يەر ناملىرىنى ئېنىقلاشتا يەنىلا ئۇ مەيلى قەدىمقى ئۇيغۇر تىلىدىكى يەر نامى بولسۇن ۋە مەيلى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكى يەر نامى بولسۇن يەر ناملىرىنىڭ – شۇ جاينىڭ تەبىئىي ۋە ئىجتىمائىي ئەھۋالىنى ئەكىس ئەتتۈرگەن بولۇشتىن ئېبارەت  ئورتاق بىر ئالاھىدىلىكىدىن پايدىلىنىشقا توغرا كېلىدۇ .  

ئەمدى بىز توختالماقچى بولغان ‹‹كىلياڭ››دېگەن يۇرت نامىغا كەلسەك ،  ‹‹ كىلياڭ ›› دېگەن بۇ نامنىڭ تىل تەركىبى ۋە كونكىرت مەنىسى ھەققىدە ئەل ئىچىدىكى رىۋايەتلەردىن باشقا يەنە بىر قىسىم تەتقىقاتچىلار كونكىرتنى تەتقىقات ئېلىپ باردى . تۆۋەندە مەن مۇشۇ رىۋايەت ۋە تەتقىقاتلار ئاساسىدا ‹‹ كىلياڭ ›› دېگەن يەر نامى ھەققىدىكى ئۆز قارىشىمنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتىمەن .



1.   كىلياڭ – ‹‹گىلرەڭ›› دېگەن ئاتالغۇدىن ئۆزگىرىپ كەلگەن دېگەن قاراش.



كىلياڭدا قىزىلتاغ دەپ ئاتىلىدىغان بىر تاغ بولۇپ ، قىزىلتاغ كىلياڭ زىمىنىنىڭ شەرقى شىمالىغا توغرا كېلىدۇ . قىزىلتاغدىن گەج ، سۈرمە ... قاتارلىق تەبىئىي بايلىقلاردىن سىرىت گىلرەڭلىك سېغىز ئەڭ كۆپ چىقىدۇ . قىزىلتاغنىڭ پۈتۈن گەۋدىسى گىلرەڭدە بولۇپ ، قىزىلتاغ دېگەن بۇ ئىسىم ئەنە شۇ تاغ گەۋدىسىنىڭ گىلرەڭلىكىگە قارىتا قويۇلغان .

  كىلياڭ دېگەن يەر نامى ھەققىدە كىلياڭلىقلار كىلياڭنى مانا مۇشۇ قىزىلتاغ بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان گىلرەڭگە باغلاپ چۈشەندۈرۈشىدۇ . كىلياڭدا ئېغىز تىلى جەھەتتە خوتەن دېئالىكىتى ، بولۇپمۇ گۇما شېۋىسىدىكى ئومۇمى كەيپىيات يەنىي ‹‹ ر ›› تاۋۇشىنىڭ چۈشۈپ قىلىشى ياكى ‹‹ ي ›› تاۋۇشىغا ئاجىزلىشىشى تېخىمۇ گەۋدىلىك بولۇپ ‹‹ گىلرەڭ ››نى ئادەتتە ‹‹گىليەڭ ›› تەلەپپۇز قىلىدۇ . كىلياڭلىق مويسىپىتلارنىڭ چۈشەندۈرۈشىچە ئەنە شۇ ‹‹ گىليەڭ ›› تەلەپپۇز قىلىشقا قولايلىق بولۇش ...قاتارلىق تۈرلۈك تەبىئىي ، ئىجتىمائىي سەۋەبلەر تۈپەيلى ، كۆپ يىللىق بوران – چاپقۇننى بېشىدىن كەچۈرۈش نەتىيجىسىدە ‹‹ گ ›› تاۋۇشى ‹‹ ك ›› تاۋۇشىغا ، ‹‹ ر ›› تاۋۇشى ‹‹ ي ›› تاۋۇشىغا ، ‹‹ ئە ›› تاۋۇشى ‹‹ ئا ›› تاۋۇشىغا ئۆزگەرگەن بولۇشى مۇمكىن ئىكەن .

بۇ يۇرتنىڭ شەرقى شىمالى قىسمىغا جايلاشقان گىلرەڭلىك تاغ-قىزىلتاغنىڭ گىلرەڭدە بولۇشى بىلەن << كىلياڭ >> دېگەن يەر نامى بارلىققا كەلگەن دېگەن قاراش تازا ئەقىلگە سىغمايدۇ ، چۈنكى كىلياڭ زىمىنىنىڭ تۇپرىقى قۇمساڭغۇ بولۇپ ، قىزىلتاغدىن باشقا يۇرت دائىرسى ئىچىدە قىزىل توپىدىن ئىزنا يوق . بۇ ، بىزنىڭ ‹‹ ‹ گىلرەڭ › نىڭ ئۆزگىرىشى بىلەن ‹ كىلياڭ › دېگەن يەر نامى شەكىللەنگەن ››دېگەن قاراشنى نەزەردىن ساقىت قىلىشىمىزغا يېتەرلىك دەلىل بولالايدۇ.



2.‹‹كىلياڭ›› دېگەن يەر نامى ‹‹ كەل-يان ›› دىن ئۆزگەرگەن دېگەن  قاراش .



يەنە بىرقىسىم مويسىپىتلار كىلياڭ دېگەن يەر نامى ھەققىدە گەپنى يەنىلا كىلياڭنىڭ قەدىمدە سودا – سېتىق مەركىزى بولغانلىقىغا باغلاپ ئىزاھلىشىدۇ . كىلياڭ ئەسلىدە ‹‹كەل-يان››دەپ تەلەپپۇز قىلىنىدىكەن ، چۈنكى ھازىرغىچە ئورۇن نامى بولۇپ كېلىۋاتقان دۆتاپ⑤تا – كىلياڭدىكى  ئەڭ بۇرۇنقى بازار بولۇپ ، كارۋان ۋە سودا سېتىقچىلار ئۇ تەرىپى ھىندىستان ، پاكىستان ، كەشمىر ، ... تەرەپلەردىن ؛ بۇ تەرىپى قەشقەر ، يەكەن ، قاغىلىق ، خوتەن ، تەرەپلىرىدىن ئۇزۇن يول يۈرۈپ كىلياڭغا چۈشكۈن قىلغاندىن كىيىن ، دۆتاپتىكى بازاردا سودا-سېتىقنى تۈگىتىپ ، شۇ شۇ جاينىڭ ئۆزىدىنلا قايتىپ كېتىشىدىكەن . دېمەك ئۇزۇن يول يۈرۈپ ، ھېرىپ-ئېچىپ كەلگەن كارۋان ، سودىگەرلەر سودا –سېتىقىنى پۈتتۈرۈپ ، كىلياڭ زىمىنىدىن چىقمايلا ئۆز يۇرتلىرىغا قايتىدىغانلىقتىن ، بۇ يۇرتنىڭ نامى << كەل-يان >>دەپ ئاتالغان ۋە ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن فۇنىتېكىلىق ئۆزگىرىش ياساپ ، ھازىرقى << كىلياڭ >> ھالىتىگە كەلگەن .

‹‹ كەل-يان ›› نىڭ ‹‹ كىلياڭ ›› غا ئۆزگىرىش قانۇنىيىتىدىن قارىغاندا ، ‹‹ ئا ›› ، ‹‹ ئە ›› تاۋۇشلىرىنىڭ ‹‹ ئى ›› ، ‹‹ ئې ››تاۋۇشىغا ئۆزگىرىشى ياكى ئاجىزلىشىشى مۇقەررەر بولسىمۇ ، لېكىن ‹‹ ن ›› تاۋۇشىنىڭ ‹‹ ڭ ›› تاۋۇشىغا ئۆزگىرىش ئاساسەن يېزىق تىلىدا ناھايىتى ئاز كۆرۈلىدىغان ئەھۋال بولۇپ،[<<ئۇدۇن رايۇنىغا ئائىت تۈبۈتچە ۋەسقىلەر >>نىڭ <<ئۇدۇن رايۇنى ۋە شەھەر – بازارلار >> قىسمى ، ( ب ) دىنىي رايۇن كوچا رايۇنى >>بۆلىكىدىكى مازار تاغ 0096-نومۇرلۇق قەغەز پۈتۈكنىڭ 1-سىدە<<...ھانگۇيا< <Hang-gu-yaدىكى ئۇدۇنلۇق ۋۇندى<vun-de>...>> دېگەن؛0010- نومۇرلۇق تارشا پۈتۈكنىڭ باسما شەكىللىك بىر قۇرىدا << ھانگىنيارويو < Han-ge-no-yo >...>>دېگەن خەتلەر بار ، بۇ ئىككى ۋەسقىدىكى << ھانگويا >> ، << ھانگىنيارويو >>سۆزلىمى بۇددىزىم دەۋرىدىكى ئىبادەتخانىنىڭ نامى بولۇپ ، << ھاڭگىيا >> (ھازىرقى لوپ ناھىيىسى ھاڭگىيا يېزىسى )دىكى << ن >> نىڭ << ڭ >> غا نۆۋەتلىشىشىدىن باشقا گىرامماتىكىلىق ئۆزگىرىش ياسىماي بىزگىچە يېتىپ كەلگەن قەدىمكى تىلدىكى ناملارنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋىلىشقا بولىدۇ]⑥. بۇنداق ئۆزگىرىشنى ئېغىز تىلىدا تىخىمۇ كۆپرەك ئۇچرىتىش مۇمكىن . مۇشۇ يەرگە كەلگەندە بىز  << كەليان >> نىڭ << كىلياڭ >> غا ئۆزگىرىش جەھەتتىكى مۇمكىنلىك دەرىيجىسىنى كۆپرەك ئېغىز تىلىدىن ئىزدەيمىز . يەنىي  ئېغىز تىلىدا  ‹‹ كەل-يان ›› -دەسلەپ ‹‹ كىليان ›› غا ئاندىن ئۇزاق مۇددەتلىك ( ئېغىزدىن ئېغىزغا كۆچۈش جەريانىدا ) ئۆزگىرىش ئارقىلىق ‹‹ كىلياڭ ›› غا ئۆزگەرگەن بولۇشى مۇمكىن . چۈنكى ئېغىز تىلىدا تەلەپپۇز قولايلىقى تۈپەيلى ‹‹ ن ››ھەرپى ‹‹ ڭ ››تەلەپپۇز قىلىنىدىغان ئەھۋاللار دائىم ئۇچراپ تۇرىدۇ . مەسىلەن : ‹‹چاڭ – توزان ››نى ‹‹ چاڭ – توزاڭ ›› ،  ... تەلەپپۇز قىلغانغا ئوخشاش .  مېنىڭچە ئەگەر يۇقارقى ئۆزگىرىشنى توغرا دەپ قارىغاندا ‹‹ كەل-يان ›› نىڭ ‹‹ كىلياڭ ›› غا ئۆزگىرىش جەريان سىخىمىسى مۇنداق بولۇشى كىرەك :

كەليان ← كىليان ← كىلياڭ .



3.كىلياڭ - ‹‹كىليان››دىن ئۆزگىرىپ كەلگەن دېگەن قاراش .



پىروفىسسور ئابدۇللا سۇلايمان ئەپەندى تۈزگەن ‹‹ دۇنيادا بىرلا خوتەن بار ›› ناملىق يۈرۈشلۈك كىتابنىڭ 10-قىسمى يەنىي يەر ناملىرى قىسمىنىڭ 198-بېتىدە : ‹ ‹‹ كىلياڭ › ئۇيغۇرچە سۆز بولۇپ ، گۇما شېۋىسىدە ‹ تىل ›نى ‹كىل ›دەپ تەلەپپۇز قىلىدۇ (م: ‹ مېنى تىللىدى ›دېگەننى ‹ مېنى كىللىدى › دېگەندەك ) . ‹ ياڭ ›مۇ ‹ يان ›نىڭ بۇزۇلغان تەلەپپۇزى . بۇ يېزا ‹ تىلدەك سوزۇلغان جاي › ، ‹ ئۇزۇنىسىغا كەتكەن يەر › بولۇپ ، بۇ نام كىلياڭنىڭ جۇغراپىيىلىك تۈزۈلۈشىگە ماس كېلىدۇ  ›› دەپ يازغان.

دەر ھەقىيقەت ، تىل ئادىتىدىكى ‹‹ تىل ››نى ‹‹ كىل ››تەلەپپۇز قىلىش گۇما شېۋىسىدىكى بىر ئالاھىدىلىك لېكىن شۇ نەرسە ئېنىق بولۇشى كىرەككى مانا مۇشۇ ‹‹ تىل – ھاقارەت ›› مەنىسىدىكى  <<  تىل  >>سۆزىدىن باشقا ھىچقانداق بىر  ‹‹ تىل  ›› ، ‹‹ كىل ››تەلەپپۇز  قىلىنمايدۇ . مەسىلەن : ‹‹ غەيۋەتخورنى ئاخىرەتتە تىلىدىن ئاسىدۇ ›› دېگەن جۈملىدىكى  << تىل >>ھىچقاچانمۇ << كىل >>تەلەپپۇز قىلىنمايدۇ .

دېمەك ، ‹‹ كىلياڭ ›› - ‹‹ كىليان ››دىن ئۆزگەرگەن دېگەن يەكۈن بىزنى قايىل قىلالمايدۇ . چۈنكى مەيلى گۇما شېۋىسىدە بولمىسۇن ۋە مەيلى كىلياڭنىڭ يەرلىك خەلق ئېغىز تىلىدا بولمىسۇن پەقەت ‹‹ تىل-ھاقارەت ››مەنىسىدىكى ‹‹ تىل ›› دىن باشقا ھىچقانداق بىر ‹‹ تىل ››نىڭ ‹‹ كىل ››تەلەپپۇز قىلىنىدىغانلىقى توغرىسىدا پاكىتقا ئېگە ئەمەسمىز . ئۇندىن باشقا جۇغراپىيىلىك تۈزۈلۈشكە كەلسەك ‹‹ كىلياڭ تىلغا ئوخشاش ئۇزۇنىسىغا  سوزۇلغان يۇرت ›› بولماستىن بەلكى بىر پۇتى ئۇزۇن ، بىر پۇتى قىسقا ئىشتانغا ئوخشايدۇ . يەنىي دۆڭكۆل كەنتى ۋە كىلياڭ كەنتىنىڭ بىرقىسىم زىمىنى ئىشتاننىڭ ئېغىنىڭ ئۈستى قىسمىنى ؛ يۇلغۇنجاي ، ئىسپاھان ، ياركېچىك ، قارىمان كەنتلىرى ئىشتاننىڭ ئۇزۇن پۇتىنى تەشكىل قىلسا ، تاختا كۆۋرۈك كەنتى زىمىنىنىڭ ئاز بىر  قىسمى  ۋە ئاقچىغ كەنتلىرى قىسقا پۇتىنى تەشكىل قىلىدۇ . تۆۋەنچاقار كەنتى دەل ئىشتاننىڭ ئېغى قىسمىغا توغرا كېلىدۇ . پاكىت شۇنداقكەن كىلياڭ زىمىنىنى ‹‹ تىلغا ئوخشاش ئۇزۇنىسىغا سوزۇلغان يۇرت ››  دىيىشكە تىلىمىز كۆيىدۇ .

يەكۈن شۇكى مەيلى تىل ئىشلىتىش ئادىتى جەھەتتىن بولمىسۇن ۋە مەيلى جۇغراپىيىلىك يەر شەكلى جەھەتتىن بولمىسۇن ‹‹ كىلياڭ ›› يەر  نامى ‹‹كىليان ››دىن ئۆزگىرىپ كەلگەن دېگەن ھۆكۈم -  ئىلمىي ھۆكۈم ئەمەس .

ئومۇملاشتۇرغاندا ‹‹ كىلياڭ ›› دېگەن يەر نامى ئابدۇللا سۇلايمان ئەپەندى ئىيتقاندەك ساپ ئۇيغۇرچە ئاتالغۇ بولۇپ ، ئۇ قانداقتۇر ‹‹گىلرەڭ›› ، ياكى ‹‹كىليان›› دىن ئۆزگىرىپ كەلگەن بولماستىن ، بەلكى ‹‹كەل-يان››نىڭ ئۇزاق تارىخىي باسقۇچلۇق ئۆزگىرىشنىڭ نەتىيجىسى.



ئىزاھلار:



①ئابدۇللا سۇلايمان تۈزگەن ‹‹دۇنيادا بىرلا خوتەن بار ››ناملىق يۈرۈشلۈك  كىتاپ 10-توم .5-، 198- بەت.

②ئادىل مۇھەممەد :‹‹قەدىمى خوتەن›› شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى ، 2009-يىل نەشرى .

③ ④، ‹‹گۇما تارىخ ماتىرىياللىرى›› (2-توپلام)قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى باسمىسى(ئىچكى ماتىريال) ، تۇرسۇنمۇھەممەت ھۈسىيىننىڭ ‹‹قەدىمقى يىپەك يولىدىكى كىلياڭ بازىرى ››ناملىق ماقالىسى.

⑤كىلياڭ يېزىسىنىڭ دۆڭكۆل كەنتىدىكى ئورۇن نامى .

⑥ئابدۇللا سۇلايمان تۈزگەن ، << دۇنيادا بىرلا خوتەن بار >> ناملىق يۈرۈشلۈك كىتابنىڭ 10-تومى ، 6-بەتكە قاراڭ .



پايدىلانغان ماتىرياللار:



1.مەھمۇت قەشقەرى:‹‹دېۋانۇ لۇغەتىت تۈرك ›› 1-، 2-، 3- توم .

2.سۇلتان مامۇت : ‹‹يۇرتىمىزدىكى يەر ناملىرىغا دائىر ئىزدىنىشلەر›› قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى ، 1999-يىلى 6-ئاي 1-بېسىلىشى.

3.ئابدۇللا سۇلايمان تۈزگەن ‹‹دۇنيادا بىرلا خوتەن بار ››ناملىق يۈرۈشلۈك  كىتاپ 10-توم .

4.‹‹گۇما ناھىيىسىنىڭ يەر ناملىرى تەزكىرىسى ››ئىچكى ماتىرىيال  .

5.يەر ناملىرىغا مۇناسىۋەتلىك باشقا ماتىرىياللار .

كۆيۈمچان ئەزا

بەزىدە "خات

UID
8033
يازما
477
تېما
32
نادىر
0
جۇغلانما
15689
تىزىملاتقان
2010-12-19
ئاخىرقى قېتىم
2012-5-17
توردا
14 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-2 22:16:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مانا ئاللاھ ئىرادە قىلغان رامادان ئايلىرى يىتىپ كىلىش ئالدىدا تۇرىدۇ .ئاللاھتىن  ئۇلۇغ رامىزان ۋاقىتلىرىنى تىنىچ ئامان تۇگىتىۋىلىشىمىز ئۇچۇن ھەممىمىزگە كۇچ قۇۋۋەت تىلەيمەن .

  
   ئۇستىدىكى بالا سۇپەت توردىشىمىز تىما ئىگىسىنىڭ ئسىمىنى تۇتقا قىلىپ، ئۇنىدڭىن قۇسۇر ئىزدەشكە ئۇرىنىپتۇ .كىم نىمە دەپ ئىسىم قويسا، يەھۇدىي ناسارالارنىڭ كاپىرلارنىڭ ئىسمىدىن باشقا نىمە دەپ قويسا مەيلى ئەمەسمۇ ؟!
   ئىسمى غەيرى بولسىمۇ ،دىلى غەيرى بولمىسلا بولدىغۇ ؟!

دىنىمنىڭ ئۇستۇنلىكى -مىنىڭ شان-شەرپىم

UID
10963
يازما
39
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
400
تىزىملاتقان
2011-4-30
ئاخىرقى قېتىم
2011-9-15
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-3 00:03:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇلۇغ ئاالا تەنلىرىڭىزنى ئامان قىلسۇن رەخمەت سىزگە!
ئۇتكەن يىلى قىزىمنى ئېمىتىمەن دەپ تۇتالمىغان بۇ يىل خۇدايىم بۇيرىسا جىېنىم تىنىمدىلا بۇلسا قۇيماي تۇتىمەن ،ئاللا  ماڭا ھەم  ھەممىمىزگە ئاسانلىق بەرسۇن !

ئەڭ سىرلىق ئادەم ئەڭ جەلېپكاردۇر.

UID
12901
يازما
6
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
60
تىزىملاتقان
2011-7-2
ئاخىرقى قېتىم
2011-7-5
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-3 00:19:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىسمىڭىزنىڭ قانداق قويىلىشىدىن قەتئى نەزەر ،رامىزاننىڭ يىتىپ كىلىشى ئالدىدا بۇ تىمىنى يوللىغىنىڭىزغا كۆپ رەخمەت .ئاللا سىزنى ئامان قىلسۇن !!!

كۆيۈمچان ئەزا

akidiga  insan uz kalbi ni b

UID
7425
يازما
89
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
2853
تىزىملاتقان
2010-11-22
ئاخىرقى قېتىم
2012-3-2
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-3 20:54:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تېمىدىن چەتنەپ  كەتتىڭلار غۇ...........     

ئى اللا  سەن بىلىپ تۇرىسەن بىز سېنى قىياس بىلەن تۇنىمىدۇق  ،پەقەت سەن بىزنىڭ ۋۇجۇدىمىزغا بىكىتكەن ئىششىنىشىمىز بىلەن ۋە ساڭا مۇھتاجلىقىمىز

UID
12806
يازما
56
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
1736
تىزىملاتقان
2011-6-29
ئاخىرقى قېتىم
2012-5-8
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-4 20:17:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ھۆرمەتلىك تورداشلار:  
  تەھەججۇت نامىزىنى يا ئۇقۇماسلىق كىرەك، ياكى ئۇقۇغاندىن كىيىن تاشلىماي ئۇقۇش كىرەك، بولمىسا، ئېغىر گۇناھ بولىدۇ، دەيدۇ. مۇشۇ گەپ راسىتمىدۇ؟ بىلىدىغانلار بولسا چۇشەنچە بەرسە بوپتىكەن. رەھمەت.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش