روزا تۇتۇشقا بۇيرۇش توغىرسىدا
اللە تائالا بۇ ئايەتتە مۆمىنلەرنىڭ نىيەتلىرى ۋە دىللىرىنى يامان خىسلەت ۋە ناچار ئەخلاقلاردىن تازىلاش يۈزىسىدىن ئۇلارنى روزا تۇتۇشقا يەنى تاڭ يورۇشتىن ئىلگىركى ۋاقىتتىن باشلاپ كۈن ئولتۇرۇپ بولغۇچە بولغان ئارلىقتا بىر نەرسە يىېيىش ، ئىچىش ، ۋە جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈشتىن ساقلىنىشقا بۇيرىدى ۋە روزىنى مۆمىنلەرگە پەرز قىلغاندەك ئۇلاردىن ئىلگىرى ئۆتكەن كىشىلەرگە پەرىز قىلغانلىقىنى ، ئۇلارنىڭ مۆمىنلەرگە ئۈلگە ئىكەنلىكىنى ۋە مۆمىنلەرنىڭ بۇ پەرىزنى تولۇق ئادا قىلىشتا ئىلگىركىلەردىن بەكرەك تىرىشىشى كېرەكلىكىنى بايان قىلدىلەر ! اللە تائالا بۇ ئۈممەتنىڭ پەرىزلەرنى ئادا قىلغاندا ئىلگىركىلەردىن ياخشىراق ئادا قىلىشى ئۈچۈن مۇنداق دەيدۇ : { ( ئى ئۈممەتلەر ! ) سىلەرنىڭ ھەر بىرىڭلارغا بىر خىل شەرىئەت ۋە ئوچۇق يول تەيىن قىلدۇق . ئەگەر اللە خالىسا ، ئەلۋەتتە سىلەرنى بىر ئۈممەت قىلاتتى ( يەنى پۈتۈن ئىنسانلارنى بىر دىندا قىلاتتى ) لېكىن اللە سىلەرگە بەرگەن شەرىئەتلەر بارىسىدا سىلەرنى سىناش ئۈچۈن ( كۆپ ئۈممەت قىلىپ ئايرىدى ) ياخشى ئىشلارغا ئالدىراڭلار } سۈرە مائىدە 48 - ئايەتنىڭ بىر قىسمى
{ ئى مۆمىنلەر ! ( گۇناھلاردىن ) ساقلىنىشىڭلار ئۈچۈن ، سىلەردىن ئىلگىركىلەرگە ( يەنى ئىلگىركى ئۈممەتلەرگە ) روزا پەرىز قىلىنغاندەك ، سىلەرگىمۇ ( رامزان روزىسى ) پەرىز قىلىندى }
چۈنكى ، روزا نىيەت ۋە دىللارنى پاكلاپ شەيتاننىڭ ( ئادەمگە ) بولغان ۋەسۋەسىسىنى ئازايتىدۇ .
روزا شەيتاننىڭ ۋەسۋەسىسىنى ئازايتىدىغانلىقى ئۈچۈن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ : << ئى ياشلار جامائەسى سىلەرنىڭ ئىچىڭلاردىن توي قىلىشقا قادىر بولالايدىغانلار توي قىلسۇن ، توي قىلىشقا قادىر بولالمىغانلار روزا تۇتسۇن ، روزا ئۇنىڭ شەھۋىتىنى كەسكىچىدۇر >> . ئاندىن اللە تائالا روزىنىڭ مىقتارىنى ۋە كىشىلەرگە ئېغىر كىلىپ ئۇنى ئادا قىلالماي قالمىسۇن دەپ ئۇنى ساناقلىق كۈنلەرلا پەرز قىلغانلىقىنى بايان قىلدىلەر .
ئىمام بۇخارى ۋە مۇسلىم ، ئائىشە رەزىياللاھۇ ئەنھانىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ :
<< مۇھەررەم ئېيىنىڭ ئونىنجى كۈنى روزا تۇتىلدىغان كۈن ئىدى ، كېيىن رامزان ئېيىنىڭ روزىسى پەرز قىلندى . مۇھەررەم ئېيىنىڭ ئونىنجى كۈندە خالىغان كىشى روزا تۇتىدىغان ۋە خالىغان كىشى تۇتمايدىغان بولدى .
{ روزىنى (قېرىلىق ياكى ئاجىزلىق تۈپەيلىدىن مۇشەققەت بىلەن ) ئاران تۇتىدىغان كىشىلەر تۇتمىسا ، ( كۈنلۈكى ئۈچۈن ) بىر مىسكىن تويغۇدەك تاماق فىددىيە بېرىشى لازىم } بۇ ئايەتنىڭ مەنىسى ھەقىقىدە مۇئاز رەزىياللاھۇ ئەنھۇ : روزا تۇتۇشقا بۇيرۇلغان ۋاقىتنىڭ باشلىرىدا خالىغان كىشى روزا تۇتاتتى ، خالىغان كىشى روزا تۇتماي ھەر بىر روزا تۇتمىغان كۈنى ئۈچۈن بىر مىسكىنگە تائام بەرسە بولاتتى . شۇنىڭدەك ئىمام بۇخارى سەلىمە ئىبنى ئەكۋەنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ : اللە تائالانىڭ { روزىنى ( قېرىلىق ياكى ئاجىزلىق تۈپەيلىدىن مۇشەققەت بىلەن ) ئاران تۇتىدىغان كىشىلەر تۇتمىسا ، ( كۈنلۈكى ئۈچۈن ) بىر مىسكىن تويغۇدەك تاماق فىددىيە بىرىش لازىم } دېگەن ئايىتى نازىل بولغاندا ، ئۇنىڭدىن كىيىنكى ئايەت نازىل بولۇپ بۇنىڭ ھۆكۈمنى ئەمەلدىن قالدۇرغۇچە خالىغان كىشى روزا تۇتماي ( بىر كۈنلۈكى ئۈچۈن ) بىر مىسكىنگە تائام بەرسە بولاتتى .
ئۇبەيدۇللا ، نافىئىدىن ئىبنى ئۆمەرنىڭ مۇنداق دىگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ : بۇ ئايەتنىڭ ھۆكىمى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغاندۇر .
{ كىمكى فىدىينى ( بەلگىلەنگەن مىقتاردىن ) ئارتۇق بەرسە ، بۇ ئۆزى ئۈچۈن ياخشىدۇر ، ئەگەر بىلسەڭلار روزا تۇتۇش سىلەر ئۈچۈن ( ئېغىز ئوچۇق يۈرۈشتىن ۋە فىددىيە بىرىشتىن ) ياخشىدۇر } يەنى ئالىملار : بۇ ئايەتنىڭ ھۆكىمىنى ئۇنىڭدىن كېيىنكى { سىلەردىن كىمكى رامزان ئىيدا ھازىر بولسا رامزان روزىسىنى تۇتسۇن } دېگەن ئايەت چۈشۈپ ئۇنىڭ ھۆكۈمنى ئەمەلدىن قالدۇرۋەتكۈچە ، خالىغان كىشى روزا تۇتاتتى ۋە خالىغان كىشى روزا تۇتماي ھەر بىر كۈنلۈكى ئۈچۈن بىر مىسكىنگە يېمەك بىرەتتى ، دىدى .
رامزان ئېيىدا قۇرئان نازىل بولۇشقا باشلىدى ، قۇرئان ئىنسانلارغا يېتەكچىدۇر ، ھىدايەت قىلغۇچى ۋە ھەق بىلەن ناھەقنى ئايرىغۇچى روشەن ئايەتلەردۇر ، سىلەردىن كىمكى رامزان ئىيدا ھازىر بولسا رامزان روزىسىنى تۇتسۇن ! كىمكى كىسەل ياكى سەپەر ئۈستىدە ( يەنى مۇساپىر ) بولۇپ ( تۇتمىغان بولسا ، تۇتمىغان كۈنلەر ئۈچۈن ) باشقا كۈنلەردە تۇتسۇن . اللە سىلەرگە ئاسانلىقنى خالايدۇ ، تەسلىكنى خالىمايدۇ ، ( ئاغزىڭلار ئوچۇق يۈرگەن كۈنلەرنىڭ قازاسىنى قىلىش بىلەن رامزان روزىسىنىڭ ) سانىنى تولدۇرىشىڭلارنى ، سىلەرنى ھىدايەت قىلغانلىقىغا اللە نى ئۇلۇغلىشىڭلارنى ، ( ئۇنىڭ ئىنئاملىرىغا ) شۈكۈر قىلىشىڭلارنى خالايدۇ
قۇرئان كەرىم رامزان ئېيىنىڭ 24 - كۈنى نازىل قىلىندى ، ئىنجىل رامزاننىڭ 13 - كۈنى نازىل قىلندى ، تەۋرات رامزاننىڭ 6 - كۈنى نازىل قىلىندى ، ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ سەھىپىللىرى رامزاننىڭ 1 - كىچىسى نازىل قىلىندى .
مەنبە بىرلىككە كەلگەن ھەدىسلەردىن ئىلىندى
ئىمىنجان ھىدايەت