ماڭا توڭ تەگمەڭلار ، مەن پەقەت يەتكۈزدىغاننى يەتكۈزۈپ قويدۇم خالاس . بۇ يەردە ھىچكىم ئەرەپنىڭ گىپىنى قىلمىدى . پەقەپ ھەق دىنىمىز بولغان ئىسلامنىڭ ھۆكىمىنى توغرا ئىجرا قىلايلى دەۋەتىمىز . بىر قوشۇق مەنىدىن يارالغان ئىنساننى ياراتقۇچىسىنىڭ ئىسمى بىلەن چاقىرۋالمايلى ، ئاللاھقا شىرىك كەلتۈرۈپ قويۇشتىن ئىھتىيات قىلىلى دەۋاتىمىز . توغرا ، ئارىمىزدا نۇرغۇن كىشىلەر ئىسىم قويۇشقا دىققەت قىلماي قادىر ، خالىق ، مالىك ....دىگەندەك ئاللاھىڭ ئىسمىنى بىۋاستە قويىۋىلىش كۆپ . ئىلىمسىزلىك تۈپەيلى چىقىۋاتقان ئىشلارغۇ ھەممىسى . ئەگەر نۇرغۇن كىشىللىرىمىز (ئاللاھنىڭ ئىسىم سۈپىتىنى بىۋاستە ئىشلىتۋالغانلار )ئۇ ئىشنىڭ ئېغىر گۇناھ ئىكەنلىكىنى بىلسە چوقۇم ئىسمىنىڭ ئالدىغا ئابدۇ ياكى ئابدۇل (بەندە دىگەن مەنىدە)قوشۇمچىنى قوشۇپ قويغان بولاتتى. ئاللاھنىڭ ئىسمىنى قوللىنۋالغان نۇرغۇن كىشىللىرىمىز ئۇ ئىشنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى بىلمەسلىكتىن قوللىنۋاتىدۇ .....
ئاۋۇ ئەپەندىم كۆزدىكى تازا ئۇۋلىۋىتىپ ، باش سۈرىتىمنىڭ ئۈستىگە ئىنچىكلىك بىلەن نەزىرىڭىزنى بىر ئاغدۇرۇڭ . ئۇنى ئوقىيالمىسىڭىز ئىمزاسىمدا ئانا تىلىمىزدا يېزىقلىق . ئىسمىمنى تارىخ بەگ دىگەن تورداشنى د دەيمەن .....
ئۇيغۇرۇم 007 بۇرادەر ، مەن ئۇ ئىسىمنى تەپسىلىي چۈشەندۈرۈپ بۇرۇنقى ئابدۇلبارى توغۇرلۇق يوللانغان تېمىلاردائىنكاس قىلىپ يوللىغان. شۇ ئىنكاسىمنى بۇ يەرگە يەنە چاپلاپ قوياي .
________________________________________________
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ،تورداشلار!
بۇگۇن داڭلىق پۇتبول چولپىنىمىزنىڭ بىرسى بولغان ئابدۇلبارىنىڭ ئىسمىنى ،شۇنداقلا باشقا چولپانلىرىمىزنىڭمۇ ئسمىنى تولۇق ئاتاشقا چاقىرىق قىلىمەن.
ئىسىمنى تولۇق دىيىش - ھەممىمىزنىڭ ئەمەل قىلىشقا تېگىشلىك مۇھىم مەجبۇرىيىتى ھىسابلىنىدۇ. ~
ئابدۇلبارىنىڭ ئىسمىدىكى «بارى» دىگەن سۆز ئاللاھنىڭ 99 ئىسىم-سۈپىتىنىڭ بىرسى بۇلۇپ، مەنىسى -«يوقلۇقتىن پەيدا قىلغۇچى ئاللاھ» دىگەنلىك بولىدۇ، ئاللاھنىڭ ئىسىم-سۈپىتى بىلەن بىۋاستە ئىنساننى چاقىرىشقا قەتئىي بولمايدۇ. ئالدىغا چوقۇم «ئابدۇ، ئابدۇل»نى قوشۇپ، ئاندىن چاقىرىشقا بولىدۇ، بۇ يەردىكى «ئابدۇ، ئابدۇل»نىڭ مەنىسى - «بەندىسى، قۇلى» دىگەنلىك بولىدۇ.
«ئابدۇلبارى»نىڭ مەنىسى - « يوقتىن پەيدا قىلغۇچى ئۇلۇغ ئاللاھنىڭ بەندىسى» دىگەنلىك بولىدۇ، مانا بۇ ئىنساننىڭ چاقىرىشقا تىگىشلىك ئىسمى بولالايلى،،، قاراڭلار نىمىدىگەن ياخشى،چىرايلىق ئىسىم ھە ..يوقتىن پەيدا قىلغۇچى ئۇلۇغ ئاللاھنىڭ بەندىسى ..
ساتتاركام ئابدۇلبارى بىلەن ئالاقىلشىپتىكەن ، ئۇ ئالدۇلبارى دەپ ئاتىساڭلار بولىدۇ دەپتۇ . ئۆزىمۇ رازى بوپتۇ . ئەمدى يەنە گۇناھقا ئىشلەۋەرمەي ئىسىمنى تولۇق ئاتايلى !!!
شۇڭا مەيلى «ئابدۇلبارى» بولسۇن، مەيلى باشقا توپچىلىرىمىز بولسۇن، مەيلى كىم بولىشىدىن قەتئىي نەزەر تولۇق ئىسمى بويىچە چاقىرىشقا ئادەتلىنەيلى !
__________________________________________
ئىسىم قويىدىغانلار دىققەت قىلىلى ، ئاللاھنىڭ 99 ئىسىم سۇپاتى بار . 99 ئىسىمنىڭ خالىغان بىرىنى تاللاپ ئالدىغا ئابدۇ ياكى ئابدۇل دىگەن ئىسىمنى قوشۇپ قويساق بولىدۇ .
مەسىلەن ئابدۇلبارى، ئابدۇللا ، ئابدۇخالىق ، ئابدۇلمالىك ، ئابدۇراھمان،ئابدۇرېھىم ....دىگەندەك .
ئاللاھنىڭ 99 ئىسىم سۇپاتىنى بىلمەيدىغان تورداشلارغا تۆۋەندىكى دىتالنى تەۋسىيە قىلاي .
ئەسسالامۇ ئەلەيكۈم تورداشلار ياخشىمۇسىلەر!!!
‹‹عن أبي ەريرە رضي اللە عنە أن رسول اللە ىلى اللە عليە وسلم
قال: ( إن للە تسعە وتسعين اسماً مائە إلا واحداً من أحىاەا دخل الجنە ) . أخرجە البخاري››
ئەبى ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان بىر
ھەدىستە رەسۇلۇللاھ (ىلى اللە عليە وسلم) مۇنداق دىگەن:
«ئاللاھنىڭ 99 ئىسىم-سۈپىتى بار. كىمكى(مەنىسىنى چۈشىنىپ) يادقا ئالسا، جەننەتكە كىرىدۇ.»: بۇخارىدىن ئېلىندى.
بۇ دېتال ئاللاھنىڭ 99 ئىسىم-سۈپىتىنىڭ مەنىسىنى ئۇيغۇرچە ئىزاھاتلىق چۈشەندۈرۈپ بېرىپ،سىزنىڭ ئاللاھنىڭ 99 ئىسىم-سۈپىتىنى يادقا ئېلىشىڭىزغا ۋە پەرزەنتىڭىزگە ئسىم قويغاندا ئاللاھ خالىسا ياردەمدە بولغۇسى.
دېتال كۆرۈنمى يۈزى؛
دىتالنى چۈشۈرۈش
ئاللاھقا ئامانەت ، ئامان بولۇڭلار!!!