كۆك دېڭىز ئەپەندىم خاتا دەپ قويدىڭىز،راستنى دېسەم ئىنكاس يازماي بىر مۇنچە ئولتۇرۇپ كەتتىم،پۇتبول مەيدانى رەھىمسىز ، بۇ گەپ يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلاندى،ئەمما ئەزىمىتىمىز بارى بۈگۈنكى مۇسابىقىدە ئۆزىنىڭ بارچە تېرىشچانلىقىنى كۆرسەتتى،رىپىرنىڭ جۇڭگوغا ئۆچلۈكى بارمۇ قانداق ئۇقمىدىم،ئۇنىڭ بەزى خاتا قارارلارنى چىقىرىش جۇڭگو كوماندىسىنىڭ ئىرادىسىنى سەل سۇسلاشتۇرۇپ قويدى،مەيدانغا ئادەم سانى تەڭ بولماسلىق،رىپىرنىڭ خاتا قارارلىرى شۇنداقلا ئومان كوماندىسىنىڭ بۇ ئەۋزەللىكلەردىن تولۇق پايدىلىنىشى بىلەن مۇسابىقە 3تە 1 نەتىجە بىلەن ئومان كوماندىسىنىڭ غەلبىسىدە ئاخىرلاشتى،مۇسابىقە تۈگىگەن ھامان تېلېۋىزورنى پەقەت كۆرگۈم كەلمىدى،بۈگۈن بارىنىڭ توپ كىرگۈزىشىنى،مىرەخمەتنىڭمۇ ھەم شۇنداق ئارزۇ قىلىش بىلەن بىرگە بۇ مۇسابىقىدە ئۇتۇپ چىقىشىنى تولىمۇ ئارزۇ قىلاتتىم،ئەپسۇس ...ئەمما بارى ئۆزىنىڭ مەيداندىكى رولىنى تولۇق جارى قىلدۇردى،ئوتتۇرا مەيداننى يالغۇز ئويناش،ئەپچىل پاس بىرىش،توپ چىقىرىپ بىرىش،شارائىت ھازىرلاپ بىرىش...ئىزچىل ھۇجۇم قىلىش...دېگەنگە ئوخشاش ئۆز قابىلىيتىنى كۈچەپ جارى قىلدۇرغان بولسىمۇ....شۇ تاپتا بارى ۋە جۇڭگو كوماندىسىنىڭ ھىسياتىنى شۇنداق كۆرگۈم ئۇلارنىڭ نىمىلەرنى دىيىشىۋاتقانلىقىنى بىلگۈم كەپ كەتتى.
